جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 970 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 186|ئىنكاس: 7

بېرىش-كېلىش ئارىلىقىدىكى ئۇچتېكىن (12) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 1098
تۆھپە : 139
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 10:06:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

56384329201102021833594309856779541_000_640.gif


untitled.bmp

[ئاپتورنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقانلىرى] مىلادى1983-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سان - ساناقسىز سۇئاللارنى يۆگەك قىلىپ تۇغۇلغانلىقىمنى كىيىن ئۇقتۇم. ئانا يۇرتۇم ــ قەدىمى ئۇچ قىپقىزىل قوقاسقا قاقلانغان قىپيالىڭاچ تاغلىرى،  خۇشپۇراققا تولغان جىگدىلىك باغلىرى بىلەن مېنى ئاتا – ئانامنىڭ ئىللىق قوچىقى كەبى مېھىرلىك باغرىدا سېھىرلىك ئەللەيلىتىپ ئۆستۈردى.
ئەلۋەتتە، مەن تۇنجى بولۇپ سېھىرلەنگەن ۋە مېھىرىمنى بەرگەن تۇنجى ناخشا ئەللەي ناخشسى ئەمەس ئىدى. ئىماملىرىم يېزىسنىڭ  قاپ ئوتتۇرسدا بىردىنبىر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك جامەنىڭ خۇددى ئۇلۇغ بىر خەلقنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان غېرىبلىقىدەك ئېگىز پەشتىقىدىن ئاڭلىغان ئادەم ئىرىپ كەتكۈدەك ئەزان ئاۋازى كېلەتتى. بەزىدە ئەنە شۇ ئاۋازدەك سۈزۈك بىر نۇر ئېقىپ- ئېقىپ ئىچىمگە كېرەتتى. ئىچىم يۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشەتتى. كۆڭۈلگە ئايلانغان كۆزلىرىم ئاي، يۇلتۇزلارغا تىكىلەتتى.
ھەئە، مەن ئىزدىگەن نەرسىلەر مەن ئىزدىگەن كىشلەردە ۋە مەن ئىزدىگەن يەرلەردە يوق ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمگە ئۈنسىز سۆزلەيتتم:
ـ ئۆتكەنكى كۈنلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا مېنى يۇقۇتۇپ قويغانلىقىنى، ھېچ بولمىسا، ئۆز – ئۆزۈمنى ئۈن - تىنسىز ئىزدەۋاتقانلىقمنى تەن ئالىمەن. جىق مەخىپىيەتلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈمنى يۇشۇرۇشقا، ھېچ بولمىسا، كۆزۈمنى سىغدۇرغىدەك پاك بوشلۇقلارنى تېپىشقا ئىنىتلىمەن. شۇنىڭ بىلەن گۇمانلىق ئۈمىدكە، داغدۇغلىق سۈكۈتكە ۋە چېكى يوق كۈتۈشكە، ئەڭ … ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يەككە – يىگانە ئىبادەت بىلەن ئۆتۈشكە ئىلتىجا قىلمەن...
بىر تالاي كىشلەر يىراق - يىراق يەرلەردىن مېنى ئىزدەپ كىلىدۇ. مەن زومچەك- زومچەك قەبىرىلەرنىڭ ئۈسىتىگە ئاندا - ساندا گىياھلارنىڭ ئۈنۈشى، كىملەرنىڭدۇر تېلىقىپ – تېلىقىپ ئۆكسۈشى، تۆگىدەك ۋاقىتنىڭ تۈگمىدەك تۆشۈكتىن تۇيدۇرماي ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى باشلاپ بارغان مەنزىلدىن ئاللىقاچان ئۇزاپ كېتىمەن. ئوۋچى بىلەن ئوۋ ئوتتۇرسىدىكى ئۆتۈشمە كۆرەش كەسكىنلىشدۇ. ساخىتا مۇھەببەت بىلەن ھەققى نەپرەت يەكمۇ - يەك ئېلىشدۇ. مەن بۇ دۇنيادىكى  بەخىت سازلىقنىڭ  بىردەملىك لەززەت  بۇلىقىدىن قىيالماسلىق ئېلىكىدە ۋاز كىچىپ،  ئىچىمدىكى ئازابىنىڭ ئەبەدىلىك دېڭىزىغا ئەيىمىنىپ  قارايمەن...
شۇنداق، مەن تا مۇشۇ كەمگىچە ھەممە نەرسىگە ھەيران قالدىم. بارچە بوشلۇق ماڭا بىراقلا دۈشمەن بۇلۇپ كەتكەندەك، پاك قەلبىمدىكى بارلىق سەممىيەتنى سىقىپ چىقىرۋەتمەكچى بولغاندەك ئىچىم ھەمىشە سىقىلىپلا تۇردى. كۆز ئالدىمدىكى يىرگىنىشلىك گۈزەل دۇنيا مېنىڭ تۇغۇلۇشىتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنىكى ئىبادەتلىرىمنى بەرباتلىق  چۆلىگە سۈرگۈن قىلالماي ئاۋارە، مېنىڭ ئۇغۇز سۈتى بىلەن كىرگەن جاھىللىقىم ئۆز-ئۆزۈمنى تاپالماي بەك ئاۋارە بولدى.. مەن  شۇندىلا ئەمدىكى ھەقىقى مۇھتاجلىقنىڭ  نېمىلىكنى، ئۈچىنجى بىر قولنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلىكنى، سەمىمىي سۆيگۈگە ئىرىشىپ ياشاشنىڭ ئىنتايىن قىينلىقىنى بارماقىلىرىم ئارسىدىكى نۇردەك سۈزۈك ياشلار ئىچىدىن تولىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدىم .چاناقلىرىم لىقمۇ – لىق ياشقا تولدى...
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ مەن  كۆزۈمدىكى ياشنىڭ قەلبىمدىكى تاشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋە ھەممنى ھەيرانلىق ئىلكدە ھەم ئەسەبىيىلىك ھەم سەبىيىلىك بىلەن  ئەبەدى سۆيگەن. ئۆلۈم –بەلىكىم مەن سۆيگەنلەر ئېچىدە ئەڭ مۇقەددەس ۋە سۆيۈش ئەڭ تەس مەشۇق! ھامان بىر كۈنى قايىتىش سەپىرىگە ئاتىلىندىغانلىقىمنى ھەم ئېنىق بىلگەن. چۈنكى، دەل شۇ دەقىقىلەردە قاتىللىق خۇمارى قاتتىق ئەسەبىيلەشكەن گۇڭگا رېئاللىق مېنى چۇل-چۇل بۇلۇپ چېقىلغان ئەينەكتەك  جۇل – جۇل جىمجىتلىق ئېچىدە ھەممە نېمىگە مۇھتاج قىلدۇ. ئەقىل، تېخىنكا ۋە پۇل تەبىئى ھۈجەيرىلىرىمنى ئۆلتۈرۈپ، ساپ تۇيغۇلىرىمنى تۇنجۇقتۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. مەن ھەممىگە ئەقىلدىن باشقا كۆزدە نەزەر سالغىنىم ئۈچۈن گۇناھىسىز تۇتقۇنغا، جىنايەتىسىز قاتىلغا ئايلىنىپ قالىمەن. شۇ چاغدا مەن قەلىمىمنى قەلبىمگە تاپشۇرىمەن. كۆزۈمنى يۇمۇپ، ئۆزۈمنى ئۆز ئىلىكىمگە ئالىمەن. ئاندىن تەڭداشسىز تەنھالىق بىلەن ئەبەدىيلىك ھەيرانلىق ئۇنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
شېئىر ـ كۆزگە كۆرۈنمەس بىر خىل كېسەل، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى داۋالايمەن. شېئىر يەنە كۆزگە كۆرۈنمەس مەشئەل، مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى تاپالايمەن.
شېئىر _ مېنىڭ نىقابىم، ئةمما مةن شېئىر بىلةن غېرىپلىقىمنى ياپالمايمةن. شېئىر _ قۇلۇمدىكى قارا قىلىچ، ئةمما مةن ھازىر ئۇنى ھېچكىمگة چاپالمايمةن.
ھةر ۋاقىت ئادةملةرگة مۇھتاج بولىمةن. ئۇلارغا بولغان ساپ سۆيگۈگة تولىمةن. مةن ئاشۇ ئادةملةر ئارىسىدا كوللىكتىپ تةنھالىقنى باشتىن كةچۈرۈپ، يةككة – يىگانة ياشايمةن ھةم قان يۇقى شېئىرلىم ئارسىغا ئۆز ئازابخانامنى ياسايمةن.
شېئىر _ مېنىڭ قاپقاراڭغۇ كېچىلةردىكى يوپيۇرۇق سايةم، ئۇ ماڭا ئةگىشىدۇ، مةن ئۇنىڭغا ئةگىشىمةن. ئةتىراپىمدا ھېچكىم يوق. مةن شېئىر بىلةن سۆزلىشىمةن. سۆزلىشىۋېىتىپ ئۆزۈممۇ شېئىرغا ئايلىنىپ كېتىمةن ۋة كىشىلةرگة شېئىر ئارقىلىق ئۆزلىشىمةن.
شېئىرلىرىم بةزىدة ئەنە شۇنداق ئۆز - ئۆزىگە سۆزلەپ يۈرىدىغان ساراڭدەك ئۆزىنى - ئۆزى سۆزلەيتتى...
ھەئە، مېنىڭ نەزىرىمدە، مانا شۇلارنى بولسىمۇ بىلمىگەن ئۇقۇرمەن شېئىرلىرىمغا ئىچكىرلەپ كېرەلمەيتى. ھىچ بولمىسا، ئۆز قەلبىگە تىگىشلىك تەبىر بېرەلمەيتى...




روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ شېئىرلىرى قۇيۇق بالىلىق ھېس-تۇيغۇلىرىغا ئىگە بولۇپ، كىتابخان ئۇنىڭ ھەر بىر مىسراسىدىن ئىجادىيلىقنى، يېڭىلىقنى ۋە چاپچىپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەكنى كۆرەلەيدۇ. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە نۇسرەت تىلەپ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

___ مەسئۇل مۇھەررىردىن



شېئىر مېنىڭ مەۋجۇدلۇقىمدۇر



ئىمامىلىرىم



چىققىنىمدا سېنىڭدىن يىغلاپ،
ئاقارمىغان بېلىق قورسىقى.
كەتكىنىمدە يىراققا ئۇزاپ،
تاشلانمىغان تېخى قاسىرىقى.

خەت تارتقان بىراق بۇرۇتۇم،
قارا ھىجاپلىق قىزلارغا قاراپ.
چۇرۇقۇمنى ئۇنتۇغان پۇتۇم،
بىتىنكەمنى كىيگەندە مايلاپ.

جىگدە شېخىدا ئاشۇ توڭ قاغا،
قاقىلدىغان شۇنچە ئاۋايلاپ.
كاتاڭ يولدا مەن چىققان ھارۋا
ناخشا ئېيتقان مۇڭلۇق غىچىرلاپ.

قالغان سەندە ئوغلۇڭ دۇنياسى
ماڭغان شۇڭا يېنىشلاپ قاراپ.
ئۇزاتقاندا ئانام دۇئاسى
ئىرىپ كەتكەن تاشمۇ تاراملاپ...

ئىماملىرىم
مەسچىتىڭ بار بابىلدىن ئىگىز،
ھەسىرتىڭ بار بىپايان دېڭىز.
ئۇرۇپ بولدى ئورمنى دادام
قالدى پەقەت مۇڭلانغان ئېڭىز.

   بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا

مىنگدەك ئېتىم يوق يا ۋېلىسپىتىم
خىزمەتكە پىيادە بېرىپ كېلىمەن.
بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا مېنىڭ خىزمىتىم
كەچتە شۇ قەدەر ھېرىپ كېلىمەن.

بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا
ئۇچراپ قالىدۇ دائىما
چېچى چۇۋۇلغان سەممي ساراڭ.
سەل نېرىغا بارسام
قۇلىقىمغا كىرىدۇ ئۇ توغرۇلۇق پاراڭ:

-ئايخان ئەسلى بۇنداق ئەمەستى.
-گۈلى ئىدى مەھەللمىزنىڭ .
-ھەر ئەر بىر قۇچاقلاپ باقىسام دەيتتى...
شۇئان بىرسى تىلمىزنى كەستى
ھەممىمىزنىڭ!



بېرىش- كىلىش ئارلىقىدا


ھەممىزنىڭ تىلى كىسلىگەن
تاشتەك:
سۈكۈتتە ئولتۇرىمىز خىزمەت ۋاقىتىدا
قاچىدىكى سۇغۇق ئاشتەك.

ئۆيگە قايىتپ كەلگەندىن كىيىن
ئىچىمىز پۇۋلەپ گۇگۇمنى ئاستا.
ئەستا:
ئەتگەندىن كەچكىچە بولغاندىم
سۇ قالماپتۇ ئەمەسمۇ داستا.

قۇشۇلۇپ كېتەي تۇيدۇرماي سۇغا
ئەپۇ قىلغىن ئەي كېچە ئاسمىندىكى
مۆڭگۈزلىرى شاخلغان بۇقا
شېئىر مېنىڭ ئىبادىتىم ھەم مۇھەببىتىم
مەڭگۈلۈككە، ئايخانغا، ئۇغا...!



بىر توپ ئادەمگە بىر سۆز



مەن يالغۇز ئەمەس،ئەمما يالغۇزمەن
بىر توپ ئادەمنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ.
توۋلغاندەك سۇ دەپ دەريادىكى تاش،
سۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئاغزى قۇرۇپ.



ھەر كۈنى قەلبىمگە پاتدۇ قۇياش،
قاراڭغۇلۇق نۇردەك كەتكۇچە يۇرۇپ.
خورازنىڭ كۆزىدە ئۇيۇغان سەھەر،
شەھەرنىڭ يولىغا سالغۇچە قۇلۇپ.



ماشنلار پىيادە، ماڭغان ئالدىراش
ئەتىراپمدا توپ-توپ ئەرلەر-ئاياللار.
ئەگەشكەن ئۇلارغا كۆزلىرىدە ياش،
قاناتىسىز قۇش كەبى يىتىم بالىلار.



ئۆكۈندۇم تۇنجى رەت شائىرلىقىمدىن،
مومايغا ئايلىنىپ كەتكەندەك قىزلار،
پىچىرلىدىم ھەمدە ئۆزۈمگە-ئۆزۈم:
بېلنى رۇسلاپ، ئىگىلسۇن تىزلار.



شۇ تاپتا ئۇلارغا نۇرغۇن سۆزۈم بار،
نېمىشقىكىن يەنە قالدىم ئېيىتالماي.
كېلىپ قالغان كەبى تىرىلىرىم تار،
قىينالغان كەبى ھەم جېنىم يىرتالماي..



ئەي ئادەملەر ئۆزۈڭلارغا قايىتڭلار...
ئېيتتىم ئاران-ئاران مۇشۇ بىر سۆزنى.
بۇ دۇنيادا ئۇلۇغسىلەر ھەممىڭلار،
ئۇنتۇماڭلار سان-ساناقسىز بىر كۆزنى.



      شەھەردىكى شائىر



كېلدۇ ھەممىگە قىيالماستىن قاراپ، قۇلاق يېقىپ
يىغلار بىنالار تېلىقىپ-تېلىقپ شەھەردە
ھەر دەقىقە شۇنچە ئىگىزلەپمۇ ئاسمانىڭ تۈۋرۈكى بولالماي
ئۇنتۇلار سىمالار بىر-بىرگە بېقىپ سەھەردە
غېرىپلىق شۇنچە بېگىزلەپمۇ ئەس-ھۇشىغا تولالماي
ئۆز-ئۆزىگە بۇزۇلار قوياش قىپقىزىل نۇرلىرنى چېچىپ
كۆينەكلىرنى يىرتىپ-يىرتىپ، مەيىدىسىنى سىلاپ ئولتۇرۇپ
كۆپكۈندۈزدە ئۇخلار، چۈش كۆرەر، ئۇيقۇلۇق توۋلار
ستولبىلار ئەخلەت دۇۋىسدىن ئۆملەپ چىقىپ.

بۇ شەھەردە دەققە ئىچىدە
كۆپكۈندۈزدە، چۈشتە، كەچتە، كېچىدە
نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ
باسقۇنچىلىق، قاتىللىق، ئوغرلىق ياكى باشقا بىر ئىش
ئادەملەر پۇلغا ئۆزنى شۇنچىلىك ئۇرىدۇ
پەرۋانلەر چىراغقا،ئاشىقلار پىراققا، قۇربانلىق قوي پىچاققا
ئۆزنى ھەر ۋاقىت ئۇرۇپ تۇرغاندەك
مەسىچىتكە ماڭغانلارنىڭ قاراڭغۇ قەلبى
مەسىچىتتن يانغاندا يۇرۇپ تۇرغاندەك.

مەن بۇ شەھەردە سەرسان-سەرگەردان
نوپۇس ساقىچىسنىڭ دەپىتىرىدە ئىسمىممۇ يوق
كۆرۈپ  قالغىنىڭلار بىلەن بىرە-بىرە گېزىت –ژورنال يۈزىدە
روزى سوپى ئۇچتېكىن دېگەن ئىسىم –فامىلەمنى تولۇق
بۇ شەھەردە ماڭا تەۋە ھېچىنىمە يوق
شېئر يازىمەن ئەنە شۇ يوقلۇق توغرۇلۇق
ياشايىمەن يۇشۇرۇن، پىچىرلايمەن يۇشۇرۇن، قىلغان كەبى ئوغرۇلۇق...

ئۆيۈم يوق سەرسان بېشىم پاتقۇدەك
گۆرۈم بولىسىمۇ ئاخىر بىر كۈن قايىتقۇدەك
خوتونۇم يوق تۇرمۇشنىڭ يۈكىنى تەڭ تارتقۇدەك
ئوتۇنۈم يوق قارا ئىشەككە ئارتقۇدەك
ھېچىنمەم يوق مېنىڭ بۇ شەھەردە
تاڭ ئاتىماس كېچىلەردە پاراڭلىشىپ ياتقۇدەك
بەزىدە قاراپ قالىمەن قىزلارغا قىيالماي
توۋا! نېمە بولغان ئادەممەن بېشىم بۇنچە قاتقۇدەك؟

تۇنۇمايدۇ ئادەملەر مېنى، تۇنىغان بىلەن شېئرلىرىمنى
تۇنۇمغاندەك مەن باشتىن-ئاخىر ئىگەمدىن بۆلەك يەنە بىرىنى.
ئويلاپ قالىمەن، توساتتىنلا ئۆلۈپ قالىسام بىر كۈنى
جەستىم چۇقۇم تالادا توڭلاپ قالدۇ،
كىشلەر چالا يېزىلغان ئۇشبۇ شېئرغا قاراپ
ھەي، بىچارە بايىقۇش،ئاچ-يالىڭاچ، سەرسان، نائىلاج
شېئىر يېزىۋىتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ قالدۇ.
2008-يىلى 16-دىكابىر



      بۇ كىتاپنى ئاچتىم ئاخىرى



يۇرۇپ كەتتى ئىچىمنىڭ ئىچى...

ياتىقىمدا قۇش پىيى
ئاسماندىن چۈشكەن
دەرىزە سىرتىدا سەرگەردان قۇشلار
تامدىكى بۇلاقتىن سۇ ئىچكةن.
توۋا!
قورقۇپ كەتتىم تۆت تامغا قاراپ
قانات دېگەن ئاجايىپ كۈچكەن
ھايات دېگەن ئاجايىپ ئىشكەن...

پەيشەنبنىڭ خالى  كېچىسى
ئۆتتى يەنە ئۇيقۇدىن بىدار
ئۇيقۇ-ئۆلۇمنىڭ ئەلچىسى
ياساپ چىقتى تۇيدۇرمايلا دار.
تۇيغۇ
بۇ شېئرنىڭ قانىتى
يېتىپ بارار ئۇ نەگىلا بار
ئۇيقۇ
ئوتتۇر ئۇنىڭ سۇرئىتى
سىيپاپ ئۆتەر يۈزىمىزنى
ئاپتبۇستۇر يوقتۇر سائىتى
ئويغىتىپ قويىدىغان بىزنى.

قارا چۈشكە لىق تولدى ياتاق
ئۇخلىماقتا ئادەملەر ئويغاق
كۆرەلمەستىن قاپقارا ئىزنى
تىندىكى.
كۆرەلمەستىن ئوت كۆيۈۋاتقان
ئاپتۇبۇسنى، سۇنى، دېڭىزنى.
تۈۋدىن ئۇچىغا قەدەر
دانغا تولغان بۇغدايلقى بار
تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئېڭىزنى
تەكىلماكاندىكى.
ئاپتۇبۇس قۇش پىيى
ئوتتۇز ئىككى ھەرپ ئۇ يەنە
ئۇيغۇر تىلدىكى.
ئېلىپ يۈرەر ئۇ
تاپىندىن چېچنىڭ ئۇچغا قەدەر
قانغا بولغان تەشنالىقمدا
ياشقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر قىزنى...

قان
تارتىپ تۇرار مەيلىمىزنى
چۈشلەر خۇددى قۇش پىيى
قۇنۇپ تۇرغان مامۇق كارۋاتقا
پادىچنىڭ قۇمۇش نىيى
تۇيدۇرماستىن قۇنۇۋالغان
چېپىپ كېتىۋاتقان ئاق، قارا ئاتقا.



ھاياتقا



بىرەلمەيمىز ھېچقانداق تەبىر
زامان بىزنى قىلغۇچە قامال
زامانىۋىلاشقان ئۇچنىجى دۇنيادا
قىلالمغاندەك ھېچقانداق ئىنسان
ئاغىرىپ قالماسلىققا ۋە ئۆلۈمگە ئامال.
ئايال
مۇھتاج قىلار بىزنى ياشاشقا.
قۇشلار
ئۇندەپ تۇرار بىزنى ھاياتقا
ئۈمىد بىلەن قاراشقا...
ئۈمىد باغلاپ ياشاشقا...

سەھەرگە يېقىن
روھىمىزدا چاققاندەك چېقىن
ئېقىپ كىردى قەلبىمگە قايتا
نۇرلۇق بىر ئېقىن.

چىقىپ قالدىم ئاخىرقى باشقا
تېشىپ كەتتىم ئىككى قاشقا
تېمىپ كەتتىم ھەم
يۈرىكىم سۆزلەپ كەلگەن بىر تاشقا.

ئەي قېرىنداشلار
يىتىۋەرگىچە بۇنداق جىممىدە
ئويغىنايلى بىر گەپ بولۇپ قالار.
چۈنكى، ئەزەلدىن ھەر دەقىقىدە
ئۇخلىغانلار ئەبەدى خار
ئويغانغانلاردا ئۈمىد بار.
بىز بىلىمىز ئويغانساقلا
دونيا بىزگە بولىدۇ يار
دۇئا بىزگە قىلىدۇ بار...

پەيشەنبنىڭ يانغان كېچىسى
بۇ كىتابنى ئاچتىم ئاخىرى
ياشاپ چىقتىم بولۇپ بىقارار.
يۇيۇپ چىقتىم ئۆزۈمنى-ئۆزۈم
يۇيۇلماقتا روھمىدىكى ئار.
كۈتۈپ-كۈتۈپ  تۆت بولدى كۆزۈم
ياساپ چىقتىم مانا قانىتىڭلار
ئەي،قارا- قارا قۇشلار
كۆزى كور، قەلبى بىھۇشلار
ئوۋاڭلارغا قايىتىڭلار!...

تەكىلماكاندا قۇشلار شائىرى
بىر كىتاپنى ئاچتى ئاخىرى
بۇ دۇنيادا بىرلا شائىر بار
ئۇنى ئىزدىگۈچلەر قالغانلىرى

قوللىرىنى ئاچتى ئۇچتېكىن
نۇرغا تولدى ئالقانلىرى...

2008-يىلى 16-دىكابىر





Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 371
تۆھپە : 17
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 14:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇزى سۇپى ئۇچتېكىننىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش دوستۇم ئۇچتېكىن، بىز بىر نىيەتتە قول تۇتۇشقان،بىر ئوتتا كۆيۈۋاتقان دىلكەشلەرمىز.بىز ياشاۋاتقان مۇھىت،نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋا،توپىلاڭ يوللار،ئەتىراپىمىزدىكى جاپاكەش ساددا دېھقانلار ......قىسقىسى:ھەممە شەيئى ۋە مەۋجۇداتلار تولىمۇ گۈزەل، تەسۋىرلەپ تۈگەتكۈسىز شېئىرى تۇيغۇلارغا تويۇنغان.سىزنىڭ پېروزا،شېئىرىيەت،ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئا.سەئىدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 20:31  


ھەممىسى ئۈتۈپ كېتىدۇ،بەرداشلىق بېرىش كېرەك.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 108
تۆھپە : 2
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجات كۆكىڭىزدە يۇلتۇزلار چاراخلىسۇن....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  246
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 108
تۆھپە : 2
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:40:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجات كۆكىڭىزدە يۇلتۇزلار چاراخلىسۇن....

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 39
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:16:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىزنىڭ بىر نەچچە خىل ژانېرىدا ياخشى ھوسۇل بېرىۋاتقان ئەزىز قېرىندىشىم روزى سوپى ئۇچتېكىننىڭ ئەسەرلىرىگە بەك ئامراقمەن. ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا، ئادەملەرگە مېھىر-مۇھەببەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى مېنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئۇنىڭ سۆھبەتداش بولۇپ يۈرگەن بىر نەچچە كۈن تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. دۇنيا ۋە شاماللار قايتا ئويغانغان مۇشۇ سېھىرلىك باھار پەسلىدە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، ئۇنى يەنە كۆرگۈم كەلدى. ئاللاھ ئۇنى ھەر جايدا سالامەت، ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قىلسۇن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  320
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 289
تۆھپە : 1
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 17:51:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتېكىننىڭ يېڭىدىن يېڭى ئىجادىيەت مېۋىلىرى قىيامىغا يېتىۋاتىدۇ. دوستۇمنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بەرىكەت، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  447
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 181
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-25 15:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتېكىننىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش