كۆرۈش: 587|ئىنكاس: 8

بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن رومانلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2005
تۆھپە : 49
توردا: 690
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:12:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن رومانلار


پولات ئاماننۇرى



ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى، راۋاجلىنىشى ۋە ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىشى ئۇزاق تارىخىي باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. 80 يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر رومانچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل ئاستىلاپ قېلىش ۋە توختاپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، ئۇيغۇر رومانچىلىقى گۈللەپ ياشناش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە يىلىغا بىر، ئىككى پارچە رومان نەشر قىلىنغان بولسا ھازىر يىلىغا ئاز دېگەندىمۇ 20 پارچىغا يېقىن رومان نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ساننى 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى سان بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر رومانچىلىقى سان جەھەتتىن رېكورت ياراتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر رومانچىلىق تارىخى توغرىسىدا ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ 80 يىلغا يېقىن رومانچىلىق تارىخىمىز ھەر خىل كۆز قاراشلار ۋە دەلىل- پاكىتلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېنىقلانماي كەلدى. بىز پەقەت رايونىمىزدا تۇنجى نەشر قىلىنغان روماننى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان دەپ قاراپ، ئۇيغۇر رومانچىلىق تارىخىنى 30 يىلدىن ئاشتى، دەپ قاراپ كەلدۇق. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، چۈنكى بىر قىسىم رومانلىرىمىز تولىمۇ كېچىكىپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. قىسمەن يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئەينى چاغلاردىكى جاپالىق شارائىتتا يازغان رومانلىرى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى.

ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ (1922- 1945) ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىگە ئاساس سالغان تالانتلىق شائىرلارنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، بەلكى دراممىچىلىق، ئارتىسلىق، رەسساملىق ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلغان. ئۇ 1941- يىلى يازدا سوۋېت ئىتىتپاقى ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىگە تەرجىمان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئايلىنىپ چىققان. بۇ جەرياندا ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان، ياشقا تولغان ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى بىلەن چوڭقۇر تونۇشقان ۋە شۇ ۋاقىتتا ئىگىلىگەن مول ماتېرىياللار ئاساسىدا «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق رومانىنى يازغان. بۇ رومان 1945- يىلى ئاقسۇدا گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 1952- يىلى بېيجىڭ مەركىزىي ئىتتىپاق مەكتىپىنىڭ مەكتەپ رەھبەرلىرى شىنجاڭدىن تۇنجى تۈ*ركۈمدە ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش باسقۇچىدا دەرسلىك تۈزۈپ ئۆتكەندە، لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭ «داۋانلار ئاشقاندا» ناملىق رومان يازغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئەپسۇس، بۇ رومان بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئىبراھىم تۇردى (1914- 1971) 1940- يىللاردا ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى يازغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى پاش قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئازادلىققا ئىنتىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. ئازادلىقتىن كېيىن دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدىكى كۈرەش پائالىيەتلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغدا، تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يىرىك ئەسىرى «تەنتەنە» داستانىنى يازغان. كېيىن يېزىلغان «خۇماخان» داستانىمۇ جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ناچار ئىجتىمائىي ئىللەتلەر، ناتوغرا ئىستىللارنى ئەيىبلەيدىغان بىر قاتار ھەجۋىي شېئىرلارنى يازغان. ئىبراھىم تۇردى 1960- يىللارنىڭ بېشىدا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىر رومان يازغان. لېكىن بالايىئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» داۋامىدا بۇ روماننىڭ ۋاراقلىرى «خەلق» كىنوخانىسى يېنىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر قورۇسىدا شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان، شۇ سەۋەبلىك بۇ رومانمۇ بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئوغلى، 1889- 1982) داڭلىق شائىر ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن شېئىر يازغان، لېكىن يازغان شېئىرلىرىنىڭ كۆپى ئېلان قىلىنمىغان. ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ ئەينى يىللاردا رومان يازغانلىقىمۇ مەلۇم. لېكىن يازغانلىرى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىدى. روماننى «سولچىل» لۇشيەن ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قارا بورانلىرى يالماپ يۇتۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، دېيىشكە بولىدۇ.

1980- يىللاردىن كېيىن «قاينام ئۆركىشى»، «ئۆچمەس ئىزلار»، «ئىز»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «ئاقسۇدا 1945- يىل»، «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئويغانغان زېمىن»، «مەھمۇد قەشقىرى»، «داغ»، «لېيىغان بۇلاق»، «ئانا يۇرت»، «تەقدىر»، «ئاپئاق غوجا» قاتارلىق كۆپلىگەن رومانلار ئارقا- ئارقىدىن نەشر قىلىندى. «شىنجاڭ مائارىپى» گېزىتىنىڭ 2001- يىل 1- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى سانىدا، يالقۇن روزىنىڭ «ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قانچە رومان يازدى؟» تېمىسىدا تەييارلىغان رومانلار تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. بۇ تىزىملىككە 50 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن يېزىلىپ نەشر قىلىنغان 85 پارچە روماننىڭ تىزىملىكى كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭدىن كېيىن نەشر قىلىنغان رومانلارنىڭ سانى يىلدىن- يىلغا كۆپىيىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى يازغان رومان 250 تىن ئېشىپ كەتتى.

          بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن رومانلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئەينى چاغدىكى ناچار تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ قولىدىن قەلەمنى تاشلىمىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى بىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سائادەت ساتتار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 00:51  


ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1095
تۆھپە : 3
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 14:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇرۇنقى دەۋىرلەردىغۇ نۇرغۇن رومانلار نەشىر قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىرشەلمىگەن . ئەمما بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە نورغۇن ئاپتۇرلارنىڭ نورغۇن رومانلىرى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ، قايسىدۇر بىر تەكشۈرگۈچىنىڭ تارتمىسىدا ، قايسىدۇر بىر نەشىرياتنىڭ ئامبىرىدا ، قايسىدۇر بىر سودىگەرنىڭ قولىدا توپا بېسىپ ياتماقتا . شۇنچە ناچار رومانلىرىمىز نەشىر قىلىنىپ كەتتى . بىراق ، يەنە ناھايتى ياخشى رومانلار نەشىر قىلىنالمايۋاتىدۇ . بۇ ئەھۋال ئادەمنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مىرئەھمەد مامۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-11 14:18  


ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 14:35:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن ھازىر ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم ياخشى رومانلارنىمۇ تاپقىلى بولماس بولۇپ كەتتى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1414
تۆھپە : 4
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:44:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈتۈپ كەتكەن رۇمانلار ئۈچۈن ئىچىم ئېچىشتى. مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىدەك بالايى-ئاپەتنى ئاللاھ كۆرسەتمىسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  544
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 216
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 20:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشيولچى يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 15:44
يۈتۈپ كەتكەن رۇمانلار ئۈچۈن ئىچىم ئېچىشتى. مەدىنىيەت ز ...

ئون ملىيون نوپۇسقا ئگە بىر مەدەنى مللەتكە نىسبەتەن  ئۈچيۇز پارچە روماننى كۆپ دېگلى بولماس مەمتىمىن توختايوپ نىڭ‹‹ قانلىق يەر››رومانىدن باشلىساق ئاتمىش يىلدا ئاران ئۈچيۇز پارچە ،يەنەكېلىپ بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنڭ بەدىئى يۈكسەكلىكى، تارىخى چىنلقى تويۇنغان پەلسەپىۋى قاراشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېدلوگىيسگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىرى قانچىلىك ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە سوغوققانلىق بىلەن ئويلىنىشىمز كېرەك

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1427
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 14:17:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما مەزمۇنى ۋە ئىنكاسلاردىكى پىكىرلەردىن مېنىڭ ئىچىم تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ قالدى.........

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  614
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 194
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 17:56:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« داۋانلار ئاشقاندا»  نىڭ  ئون  بابى يېزىلغان  درگەن  قاراش بار.
يەنە  بىرى ، رابغۇزىنىڭ «ئەلىيالار قىسسىسى»نى  ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى  رومان دېگەن قاراشمۇ  بار.

تارىخنىڭ  چۆلىدە چىچەكلىسە قۇم،
ئاخىرقى ئاقكەپتەر چىشلەيدۇ چۇقۇم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 00:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15- ئەسىردە يېزىلغان «جانبىك ئوغلى ئۆگدۇلمىشنىڭ بېشىدىن كەچۇرگەنلىرى»نى رومان قاتارىغا كىرگۇزۇشكە بولدىغۇ؟بىز  شئىرىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخ تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بەردۇقيۇ،ئەمما پىروزىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئەھمىيەت بىرەلمىدۇق.18-19-ئەسىرلەردە ئۇيغۇر پىروزىسى گۇللەپ ياشنىغان بىر مەزگىل بولدى.مۇھەممەت سادىق كاشغەرىينىڭ تارىخي ۋە ئىپىك ئەسەرلىرى،ئەلشىر ناۋايىنىڭ داستانلىرى بۇ مەزگىلگە كەلگەندە نەسىرىيلەشتۇرۇلۇپ يىزىپ چىقلىدى.شۇ مەزگىللەردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭغا ئاتاپ يېزىلغان تارىخى ۋە بەدئىي ئەسەرلەرنى نىمشقا پىروزا ساھەسىگە كىرگۇزمەيمىز؟مېنىڭچە روماننىڭ تەرەققىيات تارىخنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىسەكمۇ بىزدە يېتىپ ئاشقۇدەك تەتىقىقات دائىرىسى بار.تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-6 00:48  


بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش