يېقىندا، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، ئىقتىدارلىق كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابلاجان مۇھەممەت ئۈمىديارنىڭ «ئېكولوگىيە تەنقىدچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ، ئاپتورنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە دائىر يېڭى نەزەرىيەلەرنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەدەبىياتشۇناسلىق ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان ئىلمىي ئەسىرى بولۇپ، «ئەدەبىيات ۋە يېڭى تەپەككۇر»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى خەزىنىسى»، «قىرغىز ئەدەبىياتىدىن ئىزدىنىش» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) قاتارلىق مەخسۇس كىتابلىرىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر ئىلمىي ئەمگەك سەمەرىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ گۇمانىتارلىق روھقا ئىگە مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىي مىراسلار بىلەن تونۇشۇشى، ئۇنىڭ قىممىتىنى تونۇپ ساغلام ۋە توغرا ھايات ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي رىقابەت مۇھىتىدا شەكىللەنگەن نوقۇل ماددىي تەرەققىيات قوغلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا سەل قاراشتەك بىر تەرەپلىمىلىكتىن قول ئۈزۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مەنىۋى ئېكولوگىيەنىڭ قىممىتىنى ئاڭلىق تونۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-23 15:23
|