كۆرۈش: 524|ئىنكاس: 2

خۇاڭپۇجاڭ ساھىلىدىكى ئەدىبلەر يىغىلىشى (5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2759
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 47
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 15:40:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىبلەرنى سېغىنىش، يازغۇچىنىڭ  دەرسى

بىز يازغۇچىلارنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپ بار ئىكەن دېگەننى ئاڭلاپ باقمىغان ھەم كاللىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز. يازغۇچىلىق ئۇ شۇنداق كەسپكى، سۇنى پولاتقا، قۇمنى كېپەك ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايدىغان؛ ھەسەل ھەرىسىدەك گۈزەل دالىدا پىلدىرلاپ ئۇچۇپ، بىر تەرەپتىن ھاياتتىن زوق ئالىدىغان، بىر تەرەپتىن بال يىغىپ ئەزىز خەلقكە سۇنىدىغان؛ قۇياش پارلاپ تۇرغان ئالەمدە ئادىمىيلىك ھوزۇر- مەئىشەتلىرىدىن كېچىپ، جىمجىتلىق ئىچىدىكى تۆت تام ئىچىدە سەمەندەرگە ئايلىنىپ ۋۇجۇدىنىڭ لەرزىگە كېلىشىدىن ھاسىل بولغان يالقۇندا  سەمەندەر بولۇپ يارىلىپ يۈرىكىنىڭ كۆيۈشىدىن، قەلىمىنىڭ يۈرەك قېنىنى سۈمۈرۈپ قەغەز بېتىدە يېڭى بىر دۇنيا ئاپىرىدە قىلىدىغان!
ماڭا ئەڭ تونۇشلۇق، ئەڭ كۆپ كۆرۈپ تۇرىدىغان يازغۇچى ياسىنجان سادىق، ئابدۇكېرىم قادىر، رىزۋانگۈل يۈسۈپنى ئېلىپ ئېيتسام، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ھەققىدە سىستېمىلىق تەربىيە ئالمىغان. ھەتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىبارەت ئوتتەك ئارزۇسىمۇ ئەينى يىللاردىكى چوڭلارنىڭ، ئائلىنىڭ تاللىشىغا بويسۇنۇپ، قەشقەر، يەكەندىلا ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان. ئەمما، ئۇلار يازغان ئەسەرلەرنىڭ سانى، ۋەزنى ۋە سۈپىتىگە كۆرە ئېيتساق، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالىغان، شاھانە قوبولخانىلاردىن ئېسىل،  قانداق كىتاب ئىزدىسە شۇ زامىتى تاپقىلى بولىدىغان كۇتۇپجانىلارغا ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك كىرىپ- چىقالايدىغان «كىتاب خەزنىسى»نىڭ ئاچقۇچىغا ئېرىشكەن، مۇھىمى، ئابۇقادىر جالالىدىن،     قاتارلىق پەيلاسوپ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سۆھبىتىگە، يېتەكلىشىدەك زۆرۈر شارائىتلارنى ھازىرلىغان زىيالىيلىرىمىز ئىچىدە  يازغۇچى بولىمەن، دەپ غايە تىكلىگەنلەر نۇرغۇن بولغىيىتتى. مەن ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانكەنسەن چوقۇم ئەسەر يېزىشىڭ، يازغۇچى بولۇشۇڭ كېرەك دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقماقچى ئەمەس.  دېمەكچى بولغىنىم، يازغۇچىىلىق شەرتىنى مەكتەپتە ئوقۇپلا ھازىرلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما يازغۇچىمۇ ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن سىرتقى دۇنيانىڭ تىنىمسىز غىدىقلىشىغا، ئۆزى ئىنتىلىدىغان مۇھىت ۋە بوشلۇققا ئېرىشىشكە مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇلارغا قوشۇلۇپ تەربىيەلىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلىسە بۇ باشقىچە بولىدىكەن.
تەربىيەلىنىش بازىسىدىكى بىر قانچە كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولمىدى. دەرس، ئىجادىيەت، كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتتۇق. دەرس دېگەندە، بىر كۈنلۈك دەرسىمىز ئىككى يېرىم سائەتتىن ئاشمايىتتى. ئەمما ۋاقىت بىردەمدە توشۇپ كېتەتتى. دەرسلەر بىر مۇئەللىمگە ئۈچ كۈندىن تەقسىملەنگەن ئىدى. خاتىرە قالدۇرۇش- قالدۇرماسلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارى ئىكەنلىكى ئېنىق ئۇقتۇرۇلدى.
ئۇ ئىككى سائەتلىك دەرسنى مۇنداق ئۆتتى. ئالدى بىلەن ئون ئىككىمىزنى مەيدانغا ئاچىقىپ تىزدى. سېپىمىز ئانچە رەتلىك بولمىسىمۇ ئۇ سەپنى رەتلەش ھەقتە ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. سەپنى رەتلەش ھەقتە تەكىتلىمىدى.  ئۆزى سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ قوللىرىنى كەينىگە ئۆتكۈزدى. ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ بېغىشىدىن قاماللاپ، قەددىنى تىك تۇتۇپ يىراقلارغا تىكىلدى. كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۆپكىسىنى ساپ ھاۋا بىلەن تولغۇچە چوڭقۇر نەپەسلەندى. ئېغىرلىقىنىڭ يەر شارىغا چۈشۈۋاتقانلىقىنى بارا- بارا ھېس قىلدى. تۇنجى قەدەم باشلاندى. ئوڭ پۇتىنىڭ تاپىنى يەردىن كۆتۈرۈلۈۋاتقاندا تىزى كىرىچى تارتىلىۋاتقان يادەك ئاستا- ئاستا ئېگىلەتتى، ئېغىرلىقى سول پۇتىغا مەركەزلىشەتتى. شۇ تەرىقىدە ئىككىنچى قەدەم ئېلىندى، ئۇنىڭ ئىزى قالدى...
دەرس شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى. بىز قورونى بىر ئايلىنىپ چىقتۇق.
دەرسخانىغا كىرگەندە، مۇئەللىم ماڭا ئەڭ ئاخىرىدا بىر ھەمراھىمىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ جايىغا كېلىپ ئولتۇرغۇچە بولغۇچە ئون نەچچە سېكۇنتلۇق ھەرىكىتىنى بەش جۈملە بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشنى ئېيتتى.
- قازاق قىزى دىلنار جاھانباي ئەينەك ئىشىكنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن ئىتتىرىپ كىرگەندە، دېرىزىدىن كىرگەن قۇياش نۇرى ئۇنىڭ سارغۇچ چاچلىرىدا يالتىراپ تۇراتتى. ئۇ قىزىل رەڭلىك چاي ئىستىكىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئىستاكان بىلەن ئۇنىڭ لەۋلىرى رەڭ تالىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قاشلىرى كۆتۈرۈلۈپ باشتا مۇئەللىمگە، ئارقىدىن بىزگە ئەيمىنىش ۋە خىجىللىق بىلەن قارىدى...
مەن يۇقارقىلارنى خەنزۇچە تەستىراق ئىپادىلىدىم. ھەممەيلەن چاۋاك چالدى.
- مانا بۇ ئەدەبىيات، يېزىقچىلىقتىكى كۈزىتىش ماھارىتى!- دېدى گې مۇئەللىم ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ،- يازغۇچى ناھايىتى قىسقا چاياجانلىق مىنۇتلارنى نەچچە بەت قىلىپ يازالايدۇ، نەچچە ئەسىرلىك تارىخنى بىر- ئىككى جۈملە بىلەن پىرىسلىۋېتەلەيدۇ.
دەرس ئۆزئارا سۆھبەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
بۇ مۇئەللىمىمىز- گې خۇڭبىڭ، ئەدەبىيات ماگىستىرى، 1968- يىلى تۇغۇلغان. جۇڭگو، سىنگاپور، ئەنگىلىيە قاتارلىق  دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پىراففېسسورى، ھازىرغا قەدەر «مېنىڭ N خىلدىكى تۇرمۇشۇم»،« كارىۋات»،«بېيىش يولى» قاتارلىق 50نەچچە پارچە  رومان يازغان. بىز ئۇنىڭ قەلب دۇنياسىغا ئانچە ئىچكىرىلەپ كىرەلمىگەن بولساقمۇ، ئۇنىڭ كىتابلىرىنى كۆرۈپ ھەر بىر ئەسىرىدە يۇرت، زېمىن، تەبىئەتكە مەدھىيە ئوقۇلغانلىقىنى بىلەلىدۇق.
ئۇنىڭ  يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ياشنىڭ شاڭخەيدىن ئىبارەت خەلقئارالىق شەھەرگە كىرىش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن  «شاڭخەيدىكى زىمىندار» (上海地王)دېگەن رومانىنىڭ خاتىمىسىدە بىر ئابزاس مۇنداق يېزىلغان:
«بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇپراقتىن كەلگەنىدى. مەن خېلى ئۇزۇن ئويلىدىم. تۇپراققا ئىگە بولمىغان مىللەت، تەبىئەتنى سۆيمەيدۇ، تەبىئەتنى قوغدىمايدۇ، زېمىن قالايمىقان ئورمان كېسىش، مال بېقىش، بىنەم ئېچىش، قېزىش جەريانىدا نابۇت بولىدۇ؛ تۇپراققا ئىگە بولمىغان مىللەت ھاياتنى ھەقىقىي رەۋىشتە سۆيمەيدۇ،  ئۇلار ھېچنېمىنى ئاسرىمايدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا قارىساڭ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى يوقلۇق بىلەن نەپرەت بولىدۇ... »
دېمەك، چىن بولمىغان، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن، مىللىي كىملىكتىن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىدىن خالىي ئەسەر ئالقىشقا ئېرىشەلمەيدۇ. شاڭخەيدىكى ئەدىبلەر بۇ نۇقتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەن.  


idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 16:54:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گې خۇڭبىڭنىڭ يازغان رومانلىرى بەك كۆپ ئىكەن، پائالىيىتىڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشغا تىلەكداشمەن

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2685
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 11:48:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيەلىنىشىڭلارنىڭ مول-ھوسۇللۇق بولۇشىغا ئىشىنىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش