كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 10

زوردۇن سابىر «غۇلجا قەدىمىي ماكان-پەرىشتە بالىلار باغچىسى»دا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 242
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 08:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر «غۇلجا قەدىمىي ماكان-پەرىشتە بالىلار باغچىسى»دا
ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن) z-0004.JPG


  يېقىندا ئائىلە قىرائەتخانامدا ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتقان يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى ،يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان مەرسىيە ۋە ئەسلىمە ماقالىلەر، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە يېزىلغان ئوبزۇر ماقالىلەر، يازغۇچى زوردۇن سابىردىن مەڭگۈلۈك يادنامە بولۇپ قالغان سۈرەتلەرنى رەتلەۋېتىپ تۇيۇقسىز قولۇمغا 10 پارچە سۈرەت چىقىپ قالدى.
ئۇنتۇلماس سېيما، نۇرلۇق ئابىدە بولغان بۇ 10 پارچە سۈرەتكە يازغۇچى زوردۇن سابىر 1998 – يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى « غۇلجا  قەدىمىي  ماكان- پەرىشتە بالىلار باغچىسى» دا چۈشكەنىكەن. ‹‹ غۇلجا قەدىمىي ماكان – پەرشتە باللار باغچىسى ›› نى يەككە تىجارەتچى مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجى 1997 –يىلى غۇلجىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازار -رەستىلىرىنىڭ بىرى بولغان تەشلەپكە بازىرىغا قۇرغان. مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجى  ‹‹ 1- ئىيون خەلقئارا بالىلار بايرىمى ›› نى تەبرىكلەش مۇناسۋىتى بىلەن 1998 – يىلى 6 –ئاينىڭ 2 –كۈنى باغچا قورۇسىدا ئوقۇتقۇچى، تەربىيىچىلەر، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى قاتناشقان تەبرىكلەش پائالىيىتىنى تەشكىلىگەن .بۇ پائالىيەتكە بىر قىسم مېھمانلار قاتارىدا يازغۇچى زوردۇن سابىر ئالاھىدە تەكلىپ قىلنغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر شۇ كۈنلەردە غۇلجا شەھەردىكى ئەڭ ئاۋات بازار – رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۈچدەرۋاز مەھەللە دۇقمۇشىدىكى ‹‹ شاۋكەت ئابدۇش ھاجىم بىناسى›› دىكى مېھمانخاننىڭ4-قەۋەت 5- ئۆيىدە‹‹ ئانا يۇرت ››  ترىلوگىيىسىنى يېزىۋاتقانكەن.
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ‹‹ غۇلجا قەدىمىي ماكان – پەرشتە باللار باغچىسى ›› غا بېرىپ، يەككە تىجارەتچى مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشتىم. مەمتىمىن تەۋەككۈل ھاجىم  مۇنداق دىدى :<<مەن يازغۇچى زوردۇن سابىر  بىلەن ئۈرۈمچىدە تونۇشقان ،سىرداشقان،دوستلاشقان.1997-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچى <كىرورەن رېستۇرانى>دا يازغۇچى زوردۇن سابىر نىڭ60 ياشقا تولغانلىقىنى تەبرىكلەپ <يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئىلمىي موھاكىمە يىغىنى> ئۆتكۈزۈلدى.بىز يەككە تىجارەتچىلەرمۇ يازغۇچى زوردۇن سابىر نىڭ60 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاپ ئۆز كۆڭلىمىزنى بىلدۈردۇق. 1998 – يىلى 6 –ئاينىڭ 1 –كۈنى  باغچىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان< 1- ئىيون خەلقئارا بالىلار بايرىمى ›نى تەبرىكلەش پائالىيەتىنىڭ تەكلىپنامىسىنى يازغۇچى زوردۇن سابىر غا ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن<شاۋكەت ئابدۇش ھاجىم بىناسى>دىكى مېھمانخانىسىغا باردىم. يازغۇچى زوردۇن سابىر  تەكلىپنامىنى كۆرۈپ خۇش بولدى ۋە چوقۇم بارىدىغانلىقىنى ئىيتتى. مەن يازغۇچى زوردۇن سابىر دىن يىزىقچىلىق ئەھۋالىنى سورىدىم. يازغۇچى زوردۇن سابىر  دوست -ئاغىنىلىرىنىڭ ياتاققا تولا ئىزدەپ كېلىپ،رومانىنىڭ سىجىل يىزىلىشىغا تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىيتتى .  مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرغا  <غۇلجا قەدىمىي ماكان – پەرشتە باللار باغچىسى > غا بېرىپ يىزىقچىلىق قىلىش تەكلىپىنى بەردىم. يازغۇچى زوردۇن سابىرنى شۇ كۈنى كەچتىلا باغچىمىزغا ئاپىرىپ كۆرسەتتىم. باغچىمىزىنىڭ تىنىچ موھىتى، ئەۋزەل ياتاق، تاماق شارائىتى يازغۇچى زوردۇن سابىرنى خاتىرجەم قىلدى.  يازغۇچى زوردۇن سابىرغا خاتىرجەم يىزىقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن باغچىمىزنىڭ3-قەۋىتىدىكى ئازادە،يورۇق،دۆلەت ئىچى ۋەسىرتىغا بىمالال تېلېفون ئۇرغىلى بولىدىغان ئىشخانامنى ئاجىرىتىپ  بەردىم.   يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنى كەچتىلا باغچىمىزغا  كۆچۈپ كىلىپ،خۇشال-خۇرام ھالدا يىزىقچىلىقىنى باشلىۋەتتى. ئەتىسى باغچىمىزدىكى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە مەن    يازغۇچى زوردۇن سابىرنى سورۇن ئەھلىگە ئالاھىدە ھۆرمەت، ئىززەت – ئىكراملار بىلەن تونۇشتۇردۇم  ۋە  زوردۇن سابىرنى پائالىيەتنىڭ باشلاش سۆزىنى قىلىپ بېرىشكە تەكىلىپ قىلدىم. يازغۇچى زوردۇن سابىر قىزغىن چاۋاك، ئالقىشلار ئىچىدە سۆزگە چىقىپ:<  بالا دېمەكلىك ھايات دېمەكلىك، بالا دېمەكلىك بارلىقىمىز دېمەكلىك. بۇ بالىلار يەسلىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.بىر قېتىملىق داڭلىق رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ باھالاش پائالىيىتىدە< بۇمەريەم ئانا> ناملىق رەسىم بىرىنچى بولغان. چۈنكى رەسىمدە بۇمەريەم ئانا قولىدا بىر بالىنى كۆتۈرۋالغان بولۇپ،بۇ بالا  دۇنيادا ئەڭ گۈزەل ھېساپلانغان.شۇڭا بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز،بايلىقىمىز ھەم كېلەچىكىمىز. مەن بۇ پاكىزە،ئازادە،كۆلەملەشكەن،سېستىملاشقان بالىلار يەسلىسىنى قۇرغان مەمتىمىن ھاجىمغا چىن كۆڭلىمدىن تەشەككۈر ئىيتىمەن>دەپ سۆزىنى تۈگەتتى.                    ھاياجانلانغان سورۇن ئەھلى زوردۇن سابىرنىڭ مەنىلەرگە باي قىسقا نۇتۇقىغا بىر ھازاغىچە توختىماي ئالقىش ياڭراتتى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن


خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
clip_image002.jpg

مەن ئەتىسى   يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن خوشلىشىپ  سودا-تىجارەت  بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىپ، ئارىدىن ئۇزاق  ئۆتمەي قايتىپ كەلدىم. يازغۇچى زوردۇن سابىرمۇ رومانىنى يىزىپ خېلى بىر يەرگە ئەكەپتۇ. قارىسام ئۇنىڭ قەلەم تۇتقان قولىغا قەلەم پېتىپ قىزىرىپ كېتىپتۇ.كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتسە ھېچنىمىنى كۆرەلمەيدىغان ھالغا كەپتۇ.مەن  ئۇنىڭ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىقچىلىق قىلىپ ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەن ھالىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەندىم.كۆڭلىمدە :< يېزىقچىلىق ئىنتايىن  مۈشكۈل ھەم جاپالىق ئىش ئىكەن . يازغۇچىلار تارىخنى خەلققە يېزىپ قالدۇرىمەن، دەپ ئىسسىق جېنىنى دوغا تېكىدىكەن. مەن قەيەردە بولاي يازغۇچىلارنى كۆرسەملا ئۇلارنى ھۆرمەتلەيمەن، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولىمەن> دېگەنلەرنى ئويلىدىم. مەن سودا-تىجارەت بىلەن يەنە چەت ئەلگە چىقىپ كىتىپ بىر-ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كەلسەم،يازغۇچى زوردۇن سابىر رومانىنى يېزىپ پۇتتۇرۇپتۇ.يازغۇچى زوردۇن سابىر ئىنتايىن خۇشال ھالدا:<ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىم ئۆزۈمگە بەش قولدەك ئايان.بۇ رومانىمنى دېگەن ۋاقىت-قەرەلىدە يىزىپ بولالماي قىلىشىمدىن بەك ئەنسىرگەنىدىم.تېنىچ،خاتىرجەم يېزىقچىلىق قىلىدىغان مانا مۇشۇ جاي بولغاچقا،رومانىمنى سىجىل يېزىپ،ئالدىن مۆلچەرلىگەنۋاقىت-قەرەلىدە تاماملىدىم.ئەندى ئۈرۈمچىگە قايتىپ رومانىمنى نەشىرىياتقا تاپشۇرۋەتسەملا خاتىرجەم بولاتتىم.>دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنى بىر قانچە ئاغىنە، دۇست-بۇرادەرلىرى بىلەن بىللە تاغقا ئاپىرىپ تۆت-بەش كۈن ئارام  ئالغۇزدۇم.سەپىرىگە ئاق يول تىلەپ ئۈرۈمچىگە ئۇزۇتۇپ قويدۇم.ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە چەت ئەلدە تۇرۇپ يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىدىم. يازغۇچى زوردۇن سابىر ئادەم بىلەن ناھايىتى تۈز،ساددا،تەبىئي،يىقىملىق پاراڭلىشىدۇ.يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن ئادەمنىڭ پاراڭلاشقانسېرى پاراڭلاشقۇسى كېلىدۇ.يازغۇچى زوردۇن  سابىرنىڭ بۇ تەرىپى مېنى ناھايىتى قايىل قىلىدۇ.مېنىڭ بۇ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىم بەك چوڭ.>>














       z-0019.JPG

يازغۇچى زوردۇن سابىر يېزىقچىلىقتىن چارچىغان – ھارغان چاغلىرىدا باغچىدىكى بالىلار بىلەن بىردەم – يىرىمدەم ھال –مۇڭ بولۇپ كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگەتكەن. ۋاڭ-چۇڭىغا تولغان باغچىدىكى بالىلارنىڭ قىن-قىنىغا پاتمىغان  خۇشاللىقىنى كۆرۈپ بالا دەردىنى كۆپ تارتقان مىسكىن قەلىبگە خۇشاللىق ئىزدىگەن.
   قۇلۇمدىكى 10 پارچە سۈرەتنىڭ بىرى دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. بۇ سۈرەتكە يازغۇچى زوردۇن سابىر ‹‹ غۇلجا قەدىمي ماكان پەرشىتە بالىلار باغچىسى ›› دىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، تەربىيچىلەر ۋە بىر قىسىم بالىلار بىلەن بىللە چۈشكەنىدى. سۈرەتتىكى يازغۇچى زوردۇن سابىرنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئوقۇتقۇچى، يېتەكچىلەرگە، بالىلارغا تولىمۇ مەسلىگىم كەلدى. ئۇلار نېمىدىگەن تەلەيلىك، بەخىتلىك - ھە ! چۈنكى ماڭا يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈش ئەمەس، ھەتتا يازغۇچى زوردۇن سابىرنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر قېتىم كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىمۇ نېسىپ بولمىغان!
ـــــــــ clip_image003.jpg





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئوسمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-1 11:00  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 848
تۆھپە : 1
توردا: 137
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 09:55:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ يازغۇچىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىجادىيەت دەقىقىلىرى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بۇ بالىلار باغچىسى --كەلگۈسىدە زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت روھىنى ئىزلەيدىغان تەۋەررۈك ماكان بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن .
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر . رەسىم ....

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  222
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 260
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-22 10:28:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   ئۇستاز بىلەن « غۇلجا قەدىمىي ماكان - پەرىشتە بالىلار باغچىسىدا كۆرۈشكەنلىكىم تېخى تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ. مېنى ئۇ يەرگە شائىر، تەتقىقاتچى ئاكىمىز قاسىم سىدىق باشلاپ بارغانىدى. ئابدۇرېشىتنىڭ بىرنەچچە پارچە سۈرەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇ قىممەتلىك ئەسلىمىنى بەرگىنىگە رەخمەت. زوردۇن سابىر خۇسۇسىدىكى ھەرقانداق بىر ئەسلىمە بىزنىڭ ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنىشىمىزگە ياردىمى بولىدۇ. بولسا ئەشۇ سۈرەتلەرنى قوشۇپ يوللاپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2703
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 92
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 10:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىدا ھەقىقەتەن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز تالانتلىق كىشى ئىدى ، كۆڭۈللەردىكى سىماسى ھەرقاچان ئۆچمەيدۇ .

ئىچىمدىكى ئىچىمدىدۇر ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2069
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1036
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-24 18:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  شۇ   زوردۇن سابىر  ئاكىمىز  بىلەن  بىر  ھەم -  سۆھبەت  بۇلالمىغانغا   بەك  ئۆكۈنىمەن .
  ئىشقىلىپ  يازغۇچمىزنىڭ  ياتقان  يېرى  جەننەتتە   بولغاي .

ئېتىم بەختىيار مىنىڭ  ،  يۇرىكىم ئاتەش  لاۋا   ،
قاغجىردى  بۇ  تىنىق  ،  ئابىھاياتقا  مەن  تەشنا   .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 242
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 10:27:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 242
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 08:40:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 1120
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1756
تۆھپە : 4
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 10:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆسمۈرلۈك ھەم ياشلىق ۋاختىمدىن تارتىپ قەدىرلىك يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقاتتىم. ئارىلىق يىراق بولۇش سەۋەبى بىزلەرگە يازغۇچى زوردىن سابىرنى يۈز تۇرانە كۆرۈش نىسىپ بولماپتىكەن. مەرھۇمنىڭ نامى دىللاردىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن! ئابدۇرېشىت ئوسماننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 199
تۆھپە : 0
توردا: 32
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 18:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەرھۇم زوردۇنكامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن...ئامىن....!!!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 242
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2502
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 797
تۆھپە : 0
توردا: 438
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 10:06:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىغان


بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى رىئالىستىك ئۇسلۇبنىڭ يىرىك ۋەكىلى ، ئالىي جاناب ئۇستاز زوردۇن سابىر خاتىرىسىگەھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.
                          - قاسىم سىدىق
شېئىرى ۋە مۇزىكىسى: قاسىم سىدىقنىڭ
ئورۇنلىغۇچى ۋە مۇزىكا مۇھەررىرى: كامىلجان ھۇشۇر


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1079



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش