قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا «باھادىرنامە» رومانى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يېقىندا، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كېرىمجان ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «باھادىرنامە» رومانى ھەققىدە بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئەسقەر ئابدۇقادىر، ساھىپبەگ ئالى ئوغلى، ئابدۇغېنى ھوشۇر، مۇنىردىن شەمشىدىن، گۆھەرنىسا ئابلىكىم قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى يۆلىنىشىدىكى بىرقىسىم ماگىستېر ئاسپىرانتلار ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەىيات كەسپىنىڭ بىرقىسىم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى بۇ يىل ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇ- چىلارنىڭ ئۇيغۇر يېڭى ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى كاتتا ئەسەر بولغان «باھادىرنامە» رومانى ھەققىدە يېزىلغان ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان «باھادىرنامە» رومانىنى ئوقۇش، تەھلىل-تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مۇشۇ رومانغا مۇناسىۋەتلىك بىرتۈركۈم ماقالىلارنى يازغان بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى 10 پارچە ماقالە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى قىلىپ تاللانغان ئىدى. بۈگۈنكى يىغىندا ئالدى بىلەن كېرىمجان ئابدۇرېھىم مۇئەللىم قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا دائىر ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ۋە پائالىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى «باھادىرنامە» رومانى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەزمۇنى، مەقسىدى، ئەھمىيىتىنى شەھرىيلەپ ئۆتتى، شۇنداقلا «باھادىرنامە» رومانىنىڭ تەتقىقات قىممىتى، ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى قاتارلىقلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىدە ئوقۇغۇچىلار يازغان «‹باھادىرنامە› رومانىنىڭ بايان مەۋقەسى ھەققىدە» (ئابلىكىم شەمشى)، «‹باھادىرنامە› رومانىنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى ھەققىدە» (ئابدۇقەييۇم توختى)، «‹باھادىرنامە›رومانىدا يارىتىلغان ناۋايى ئوبرازى ھەققىدە» (ياسىنجان مەتشېرىپ)، «‹باھادىرنامە› رومانىدىكى ئاياللار ئوبرازى ھەققىدە» (ئانارگۈل مەمەت)، «‹باھادىرنامە رومانىدىكى خانىم-قىزلار ئوبرازى ھەققىدە» (ئارزىگۈل ئالىم)، «‹باھادىرنامە› رومانىدىكى شېئىرىي تەركىبلەر ھەققىدە» (بۇمەريەم دولقۇن)، « ‹باھادىرنامە» رومانىدا يارىتىلغان بابۇر ئوبرازى ھەققىدە» (ئوسمانجان ھاشىم)، «‹باھادىرنامە› رومانىدىكى ئورۇش تەسۋىرلىرى ھەققىدە» (بۇئايشەم ھاجى)، «‹باھادىرنامە›رومانىدىكى بەزى پېرسۇناژ لار ئوبرازى ھەققىدە» (گۆھەرنىسا تۇرسۇن)، «‹باھادىرنامە› رومانىدا يارىتىلغان باھادىرلار ئوبرازى ھەققىدە» (ئاينۇر ھۆسىيىن) قاتارلىق ئون پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
بۇ ماقالىلاردا «باھادىرنامە» رومانى ھەققىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلادىن چىقىپ مۇھاكىمە ۋە باھا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، روماننىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى، مۇۋەپپەقىيىتى، شۇنداقلا بەزىبىر يېتەرسىزلىكلىرى كۆرسىتىلگەن. بۇ ماقالىلار گەرچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ماقالىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا ئوخشىمىغان تەتقىقات تېمىسى تاللىۋېلىنىپ، يېڭىچە تەتقىقات-تەنقىد ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئۆزىگە خاس بولغان ئىلمىي قاراشلار ۋە باھالار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار تەرىپىدىن بۇ ماقالىلار مەلۇم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، دەپ قارالدى.
بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلغان بولۇپ، تىل-ئەدەبىيات كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھىم ئەدەبىيات ھادىسلىرىگە ئىجادىي ياندىشىش، ئەدەبىيات رېئاللىقىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئوقۇش-تەتقىق قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دەپ قارالدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ «باھادىرنامە» رومانى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغا ئىلھام بېرىش ۋە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىدىدە، بۇ يىل ئاپرېلنىڭ بېشىدا «باھادىرنامە» رومانىنىڭ ئاپتورى ياسىنجان سادىق چوغلان ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپ، ئىلمىي سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ياسىنجان سادىق شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى، ئەدەبىيات قارىشى، «باھادىرنامە»نىڭ ئىجاد قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بەرگەن ھەم قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىغا ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى «باھادىرنامە»نى ئوقۇش-تەتقىق قىلىش قىزغىنچىلىقىغا بولغان خۇرسەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. (ئابلىكىم شەمشى خەۋىرى)