«ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىگە ئەسەر ئەۋەتىڭ!!!
: k5 W/ o: z; B" l# n" G
9 s8 c1 B; s ^: W$ U
2 R2 X; ~: H' i1 ^6 g- J «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان گېزىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ بويىچە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن بىردىنبىر سىياسىي كېڭەش بىرلىك سەپ ئاخبارات تەشۋىقات ۋاسىتىسى. گېزىتنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، مۇشتەرىلەر قاتلىمى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىنىڭ باشقارما (بۆلۈم) – ئىشخانىلىرى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈملىرى، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن تارماقلىرى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرى، ئاياللار بىرلەشمىلىرى، پەن – تېخنىكا جەمئىيەتلىرى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىلىرى قاتارلىق سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ھەرقايسى كۇتۇپخانىلىرى. B4 m9 V; ~) }7 G! t# ~2 N Y
بۇنىڭدىن كېيىن، كەڭ مۇشتەرىلەرنىڭ تەلەپ – ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، «ئەدەبىيات»، «مەدەنىيەت – تارىخ» بېتىنى يەنىمۇ رەڭدار ۋە مول مەزمۇنلۇق قىلىپ چىقارماقچىمىز. شۇڭا، ئۇزۇندىن بېرى گېزىتىمىزگە ئەسەر ئەۋەتىۋاتقان كونا – يېڭى ئاپتورلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن قوللاپ ئەسەر ئەۋەتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
1 x9 [4 z0 D6 nئەسەر قوبۇل قىلىش تەلىپى
2 F" x8 j1 Z! C0 C" e& U ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھېكايە (تەرجىمە ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەرجىمە ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلار ئەسلىي ئەسەرنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىشى لازىم)، شېئىر، نەسر، ئوبزور، سۆز ئويۇنى(ھەجمى بەك چوڭ بولماسلىقى، مەزمۇنى ساغلام بولۇشى كېرەك)؛ مەدەنىيەت – تارىخقا ئائىت ئەسەرلەر (ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادىتى، ئېتنىك مەدەنىيىتى، فولكلورى، كىيىم – كېچىكى، يېمەك – ئىچمىكى، كىلاسسىك ئەدەبىياتى) قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاپتورلار ئەسەر ئەۋەتكەندە خەتنى ئامال بار ئەلكاتىپ 5.0 يېزىق سىستېمىسىدا ئۇرۇشى، ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئىسىم – فامىلىسى ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە (كىملىكتىكىگە ئوخشاش ئۆلچەملىك يېزىلمىسا، قەلەم ھەققى ئېلىشتا ئاۋارىچىلىك بولىدۇ)، ئادرېسىنى، تېلېفون نومۇرىنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك. ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلار ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقىنى تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز، زۆرۈر تېپىلسا تەھرىر بۆلۈم ئاپتورلار بىلەن ئۆزى ئالاقىلىشىدۇ. مەزكۇر ئېلاننى ئىلگىرى بەرگەندە، بەزى ئاپتورلار ئادرېىسى يېزىلمىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئەۋەتىپتۇ. ئادرېسى نامەلۇم ئەسەرلەر ئەزەلدىن ئىشلىتىلمەيدۇ. كۆپچىلىكنىڭ گېزىتىمىزگە داۋاملىق ئەسەر ئەۋەتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز...
! i( f* H+ r7 N; y% J' b
8 a) A, h* z# V9 _0 {: X ئەسەر قوبۇل قىلىش ئېلخەت ئادرېسى:
Muharrir@126.com
, d6 K: k$ d8 K- O5 C توردا ئالاقىلىشىش قولاي نومۇرى: QQ:1748151274
- F( k) |+ N' x/ I
3 Z1 H% G( G% t1 p' S
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سانغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-21 11:47 7 l- ]7 z0 q5 u1 B1 E
' m2 ^0 Q% ^. ~6 u