كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 5

تۇرپان تەسىراتلىرى (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2126
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 00:23:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كۆككە بوي تارتقان خىياللار-سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى ئالدىدا

«سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جاي قەدىمىي بولىشىغا قارىماي نۇرغۇن زامانىۋى كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرۇپتۇ. يەنە ئاچچىق بىر ھەسرەت مۇنۇ ۋاڭ ۋە بۇ مۇنار توغرىسدا بىلمىگەنلىرىمنى يۈرىكىمگە سېلىپ ئۆتتى. بۇ مۇنار قاچان، نە سەۋەبتىن سېلىنغان، نىمە سەۋەپ بۇ مۇنارنىڭ سۇلايمان ۋاڭنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشغا تۈرتكە بولغان دېگەن ئاددى ساۋاتلارنىڭ ھىچقايسىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. ھەقىقەت، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدن سالجىپ باقمىغانلارنىڭ بىلمەيدىغىنى ھەقىقەتەن تولىمۇ كۆپ. قىزىقى شۇكى شۇنداق كىشلەر بىلمى توغرىسىدا كۆپرەك دەۋا قىلىشىدۇ. مەنمۇ ئەينى دەۋىردىكى ھاكىميەتنىڭ سىمۋۇلى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇنۇ مۇنارنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلمىگەنلىگىم سەۋەبلىك، ئەجدادى مىراسلارنىڭ بىر مىراسخورى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى بىر ساياھەتچىسى سۈپىتىدە بۇ يەردە تەمتىرەپ يۈرۈيمەن. يەنە شۇ سەۋەبلىك بىر ۋاڭلىقنى قۇرىغان سەلتەنەت ئىگىسىنىڭ 21-ئەسىردىكى بىر ۋارىسى تۇرۇپ مۇنۇ مۇنارنىڭ بىرتال خىشىغىمۇ ئىگە ئەمەسمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كىمدىن ئاغرىناي. بىلەت ساتقۇچى چىرايلىق قىزنىڭ مۇغەمبەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان سۆزلىرى كۆڭلۈمگە كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىگىمىزنى، شۇڭا باھادا سەل ئىتىبار قىلىشنى ئۈتۈندۇق. بىراق ھېلىقى قىزنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاشقا رايى يوق. ئىچىم ئاچچىق بولدى، ئۈزۈممۇ تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بىر تۇيغۇ يۈرگۈمنى شىلىپ ئۆتتى، بىچارىلىك، يوقسۇزلۇق بىرلىشىپ مېنى بىر ئەلەمنىڭ قوينىغا ئىتىتىرىۋاتاتتى. يەنە چىشمىنى چىشلىدىم، بىز قايتتۇق، بىزدىن باشقا ھەممە ئادەم بىلەت ئېلىپ كىرىۋاتاتتى، خەنزۇچە يېزىقتا «سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى »دەپ يېزىلغان لەۋھەگە ئۇزاق قارىدىم، خەت ماڭا مەسخىرلىك قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىز ئارقىمىزغا ياندۇق. بىز كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن مۇنارنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتۇق. كىشى ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى تەن ئېلىشنى خالىمىغاندا ئەنە ئاشۇنداق بىمەنە ئىشلار بىلەنمۇ ئۆزىنى بەزلەيدىكەن.  كۆڭۈل خۇشلۇقى ئىزدەپ قىلغان ساياھەتمۇ بىر ھەسرەتنىڭ سايىسىنى يۈرەككە سېلىپ ئۈتتى. چۈنكى قەلبتە، ھەقىيقى  خۇشلۇق بولمىسا بوستانمۇ بۇلبۇلغا ياۋا ئوت باسقان خارابە خالاس. مەن ئۇ يەردىن يېنىپمۇ ھېلىقى ھەسرەتنىڭ كۆلەڭگسىدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم. بىز زادى نىمىشقا بۇ مۇنارغا كىرەلمەيمىز؟ شۇ خىيال كاللامغا كېلىشىگە مەندە قارشىلىشىشتىن ئىبارەت بىر تۇيغۇ ئەۋج ئالدى. كىشىنىڭ ھەققانىي تەلەپلىرى باشقىلارنىڭ بىپەرۋا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا كىشىدە تەبئىيلا قارشىلىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدىكەن. گەرچە 15 يۇەن بىزگە ئانچە بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ يەردىكى بىلەت ساتقۇچىنىڭ قوپال مۇئاملىسى ئونبەش يۇەننى بىرقانچە قاتلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن كاللامدا زادى كىرىمەنغۇ دىگەن خىيال قارار تاپتى. بىز پاكار تەكلەر ئارىسىدىن ئۆملەپ يۈرۈپ مۇنارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتۇق. ئىگىز قاشا تامنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ مەن كىرەلمىگەن ۋاڭ مۇنارىنىڭ ئىچىگە قارىدىم. ئادەملەر كۆپ ئىكەن. ھەممىسلا خۇشال. پەقەت بىزلا ئۇنداق ئەمەس. سەل يىراقتا بىر دۆڭلۈك كۈرۈندى، بىز شۇ يەرگە چىقىپ ئەتراپقا قارىدۇق. ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز باراڭلىق. ئەمدىلا كۆكلەشكە باشلىغان ئۈزۈم تاللىرىنىڭ ئاستىدىكى يېزا جىمجىت. بۇ جىمجىتلىقتا مەن مەھەلىنى، مەھەللىدىكى ئاۋاتلىقىنى، مەھەللىدىكى يېشىللىقىنى ئويلىدىم. ئادەملەرمۇ ئۆزىنىڭ تەبئىيلىگىنى يوقاتقان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىن بىزار بولغان بولسام كېرەك. بىز سەل ئېچىلدۇق. بوستانلىق ۋە كەڭرى كەتكەن زىمىن مېنىڭ بايامقى پەرىشانلىقىمنى يۇقاتتى. تەبئىي نەرسىلەرلا كىشى قەلبىنى سۈيۈندۈرەلەيدۇ. ساختا مۇھىتىنىڭ ئىچىدە ياشاۋېرىپ ئۈلەي دېگەن نېرىۋىلىرىم مىنى تىنىچ قويمىدى، مەن ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم. يۈرۈگۈممۇ باشقا كۈنلەردىكىدىن جۇشقۇنراق سوققاندەك بىلىندى. بىز تەبىئەتنىڭ ئۆزگەرمىگەن بۇ ئىنئامىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندۇق، ھېلىلا ھەسرەتتىن پۇچلانغان يۈرەك مانا ئەمدى شاتلىقتىن يايرىماقتا، بايا تۈرلگەن چىرايلرىمىز باھار ئايلىرىدىكى گۈللەردەك ئېچىلغان، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان شوخ سۇلار تىنمايدۇ، ئۈجمە دەرىخى ئۈستىدە ناۋا قىلىۋاتقان قۇشلار، سەل يىراقتا بىزگە قاراپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىۋاتقان دېھقان ئەر-ئايال، يۈزلىرىمىزنى سۈيۈپ ئۆتكەن شاماللار،، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ تەبئىي كۈرۈنۈشى ئالدىمدىكى مۇنۇ بوشلۇقتا ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى. مەن يەنە ھاياجانلانماي تۇرالايتىممۇ. ناۋادا شائىر بولغان بولسا بۇنداق پەيتلەرنى ھەرگىز بوش قۇيىۋەتمەيتتى.
  بىز تۇرغان دۆڭ ئەسلى سېپىلنىڭ بىر تېمى ئىكەن. بىز بۇنى ئازراق ماڭغانداىن كىيىن ئاندىن بىلدۇق. سېپىل بىزنىڭ ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى سەلتەنىتىمىزنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى سېپىل ھاكىمىيەتنىڭ، مەسئۇلىيەتنىڭ سىمۋۇلى. ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ھەربىر تەئەللۇقات مۇشۇنداق يىمىرىلمەس سېپىلللارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىگىنى تاپاتتى. ئۇرۇش كىنولىرىدا سېپىلنىڭ قولدىن كېتىىشى بىلەن بىر ئەل خەلقىنىڭ كۈلپەتلىك كۈنلىرى باشلىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا سېپىلنىڭ ئۈزى ھاكىميەتنىڭ ئۆزى ئىدى.سېپىلنى ساقلاش ئىتىقاد ۋە مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت ئىدى...بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى سېپىللار ھازىر كۆرگەزمەخانىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنداق تارىخى ئورۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىدىن كۆرە ئىقتىسادى قىممىتىنى بەكرەك جارى قىلدۇرىۋاتاتتى. يەكەنگە بارغان ۋاقتىمدا سەئىدىيە ئوردىسنىڭ سېپىللىرىنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر ئاجىز بوۋاينى كۆرگەن ئىدىم. بۇ يەرگىمۇ ساياھەتچىلەر كۆپرەك كىلەتتىكەن. ئۇ يەردە پەقەت سېپىلغا بولغان ھەيرانلىق ۋە قىزىقىشتىن باشقا ئىپادىلەرنى تاپقىلى بولمايتتى. قەشقەردە ۋاقتىمدا تىكەن بېشى دىگەن بىر يەردە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بىر سېپىلنى كۆرگەن ئىدىم.ئۇ يەرگە بېرىپ بۇ يەرنىڭ غۇجايىنىنىڭ پۇل تېپىشتىكى تالانتىغا ھەيران قالغان ئىدىم. چۈنكى ئۇ غوجايىن كىشىلەرنىڭ شۇ يالغاندىن ياسالغان سېپىلغا نىمىشقا شۇنچە ئىنتىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك قىلاتتى. بىراق بۇ سېپىلغا قارايدىغان ئادەممۇ قويماپتۇ، قارىغاندا بۇ سېپىل بۇ يەردىكى غوجايىنلار ئۈچۈن ئاللىقاچان ئىتىبارىنى يوقاتقان بىر نەرسىگە ئايلانغان بولسا كېرەك. بۇ سېپىلمۇ بىر ئىدىيەنىڭ ئاخىرقى بىر كۆلەڭگىسى ئىدى. بۇ كۆلەڭگىنى ئەنە ئاۋۇ يىراقتىكى تەكنىڭ ئاستىدا بىرىلىپ ئىشلەۋەتقان دېھقانمۇ بىلمەيتتى. ۋە يەنە بۇ مىسكىن سېپىلنىڭ ئاپتاپتىن سارغايغان توپىسى تۇزۇپ كەتكۈچە يېنىدىكى (كىلنى بولسا كېرەك) ھېلىقى قاراقۇمچاق چوكاننىڭ قۇچىقىدىكى بالىسى  چوڭ دادىسىغا ئوخشاش  بۇ ئوخشىغان تەكنىڭ ئاستىدا ئىشلەش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالامدىكىن. بۇنى بىلىشمۇ قىيىن. چۈنكى بوۋايمۇ سېپىلنىڭ سىرىتىدا ئىشلەۋاتاتتى، بالىمۇ سېپىلنىڭ سىرىتىدا چوڭ بولىۋاتاتتى. قاشاسى يوق  قوتانغا ھامان بۆرە تىگىدۇ، چىتلانمىغان باغقا ھامان ئوغرى تىگىدۇ. تەڭرىدىن بۆلەك ھىچبىر تايانچىسى يوق بۇ دېھقانلارنىڭ ئەمنلىكى مۇنۇ تاشلانغان سېپىلدىن يىراق ئىدى... بۇ يەردىمۇ سۈرەت چۈشتۇق. بۇ يەردە سۈرۈت چۈشۈش ماڭا نىسىپ بوپتۇ. بەلكى يىللار ئۆتكەندىن كىيىن مۇنۇ پەلەككە بوي تارتىپ تۇرغان مۇنارنىڭ ئاستىدىكى بۇ قىيسىق سېپىل ئىزسىز يوقالغاندا، بىزدىن كىيىن بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچى بوغۇنلىرىمىز بۇ تاشلاندۇق يەردە ئىلگىرى قانداق بىر نەرسىنىڭ ئۇزاق يىللار ھەسرەتلىك تىنىپ تۇرغانلىقىنى قىياس قىلالمايدىغاندۇر. ۋە يەنە بەلكى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۆرتەيدىغان بىر پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يۈرگىنىڭ قات-قېتىدا يانمايلا ئۈچىدىغاندۇر. پەخىرلىنىش بولىمغان يۈرەكتە نۇمۇس تۇيغۇسىمۇ بولمايدۇ.
بىز باغقا سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچتىن سۇلايمان ۋاڭنىڭ بېغىغا كىردۇق. بۇ ئىلاجىسىزلىقتىنمۇ ياكى قارشىلىقتىنمۇ، ۋە ياكى مۇنۇ يېىشل تەبىئەت بىزگە بالىلىقىمىزدىكى ياۋايىلىقىمىزنى قايتا بەردىمۇ بۇنى بىلەلمىدىم. شۇنداق، بۇ يەردە مەن بىلمەيدىغان ئىشلار تالاي.خۇددى مۇنۇ دۈمچىيىپ كەتكەن مىسكىن قەبرىلەرنىڭ ئاستىدا ياتقان كىشلەرنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەندەك.  بىز مۇنار ئىچىنى ئايلاندۇق. ساياھەتچىلەر ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. مەن بىر ئۇيغۇر  يىگىتنىڭ مۇنار ئىچىدىكى مەسچىت ئالدىدا  ئايالى ۋە قىزى بىلەن ئايفۇندا كۈلكە چاقچاق بىلەن سۈرەت چۈشىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالدىم. بۇلارمۇ ساياھەتنىڭ مېغىزىنى چېقىۋاتقان باياشات بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىدى. قايتىشقا ماڭغىنىمىزدا بىر ئايال بىزنى سۈرەت تارتىپ قويدى. شۇ ئارىدا ئىككى بالا بىرى بەش ياشلىق، يەنە بىرى ئالتە ياشلار چامىسىدىكى ئىككى بالا مۇنارنىڭ يېنىدىكى قەبرىستانلىققا يۈگەردى، بالىلرنىڭ ئانسى ھودۇقۇپ، ئۇ يەرگە بارما، ئۇ يەر سەن بارىدىغان يەر ئەمەس دەپ باللىرنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. بالىلاردا ئەقل بولمىغىنى بىلەن ئانسىدىن كۆپ ئەقىللىقتەك بىلىندى، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ جەننىتىگە يۈگۈرگەن ئىدى.گويا  ئۇلار ئۆزىنىڭ بارىدىغان يېرىنى بىلگەندەك قىلاتتى. بىز يەنە سۈڭگۈچتىن چىقىپ كەتتۇق.مېنىڭ خىياللىرىم باشلاندى، بىراق داۋاملاشتۇرالمىدىم،بەلكى خىياللىرىممۇ كۆككە بوي تارتقان سۇلايمان ۋاڭ مۇنارىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا كۆككە ئۆرلىگەندۇر.
گۈلگە پۈركەنگەن قەبرە-شائىر قەبرىسىدە
          قەبرىدە ياتقان ئوت- شائىر قەبرىسىدە
بىز ياش شوپۇرنىڭ ماشنىسدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قەبىرىسىگە يېتىپ كەلدۇق. قەبرىگە يېقىن قالغانسىرى مەندە ئازاپلىق بىر تۇيغۇ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. شوپۇر بىز بەرگەن پۇلنى ئالدى-دە يۈرۈپ پۇل تېپىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.ئالدىمىزدا دۈمچەك-دۈمچەك قەبىرىلەر بىلەن تولغان بىر قەدىمىي قەبرىستانلىق سوزۇلۇپ ياتاتتى. بۇ قەبىرستانلىقمۇ قەشقەرنىڭ قەبىرستانلىقىغا ئوخشاپ كېتەتتى. يوغان-يوغان گۈمبەزلىك قەبرىلەرنىڭ تۇرقىدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. تۇرپان شەھەر مەركىزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان بۇ قەبىرستانلىق جىمجىتلىقتىن خالىي ئەمەس ئىدى. بىز شائىرىنىڭ قەبىرىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمىز، بىراق شائىر روھىغا ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلەپ قويۇش ئىشتىياقى بىزنى ئاتلاندۇردى. ئانچە كۈچىمەيلا شائىرىنىڭ قەبرىسىنى تاپتۇق. شائىرىنىڭ قەبرىىسى باشقا قەبرىلەردىن پەرقلىق ھالەتتە ياسالغان ئىكەن. شائىرنىڭ قەبرىسى باشقا قەبرىلەردەك يوغان گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالماپتۇ، ئەكسىچە خىشتىن زامانىۋى قىلىپ ياسىلىپتۇ. شائىرنىڭ قەبرىسىنىڭ بىر تەرىپىگە يوغان قىلىپ ؛ ۋەتەنپەرۋەر ئىلغار شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەڭگۈ ھايات دېگەن خەت يېزىلغان. يەنە بىر تەرىپىگە بولسا شائىرنىڭ بىر كۇبلىت شېئىرى يېزىلغان ئىكەن. شائىرنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىدە كىملەردۇر بىرى بىر دەستە گۈل قويۇپ قويۇپتۇ. گۈللەر ئۆز ۋاقتىدا شۇنچە چىرايلىق بولغان چېغى ھازىر قۇرۇپ قاپتۇ. قەبرىنىڭ ئاستى تۆۋەن تەرىپىگە چىرايلىق بىر گۈلللۈك جەيناماز قۇيۇپ قويۇلۇپتۇ. مەن شائىرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈندۈم. يۈكۈنۈش ئاجىزلىقتىن،ھۆرمەتتىن ۋە خۇشامەتتىن بولىدۇ. شائىرغا بولغان ھۆرمەت مېنى يۈكۈندۈردى. بۇ يۈكۈنۈشتە ئاللاھنىڭ ھەقلىقىگە بولغان ئىتىقاد ھەم بار ئىدى. تىرىكلىكدە بەك كېرىلىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭمۇ قەبرىستانلىقتا يۈكۈنمەسلىگى مۇمكىن ئەمەس، بەك كۆرەڭلەپ كەتكەن ئىنسانمۇ ئاخىرەتكە كىتىپ بارغان كىشىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈنىدۇ، چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى مانا مۇشۇنداق مىنۇتلاردا ھېس قىلىدۇ. يۈكۈنمەي ئىلاج بارمۇ؟ مەنسەپنى ئالتۇن تاج، پۇلنى مەبۇدە قىلىپ كۆرەڭلىگەن كىشىلەرنىڭ يۈكۈندىغان كۈنى يىراق ئەمەس. مەن ئۆز ۋىجدان مۇختارىيىتىگە ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلى يات تائىپىلەرنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈشتىن ئۈلۈمنى ئەلا بىلگەن بۇ ئۈلۈم ساھىبىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈندۈم، مەن بىر قەبىرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بىر روھنىڭ ئالدىدا يۈكۈندۈم. شائىر يۈكۈنمىدى، شۇڭا ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈن گۈللەرگە پۈركەنگەن، ھېلىقى جەينامازدا ئولتۇرۇپ قىلغان دۇئالارنىڭ بەرىكىتىن ئىچىلغان گۈللەرمۇ شائىرنىڭ بەندە ئالدىدا يۈكۈنمەسلىگىنىڭ ئىنئامىدۇر بەلكىم. ھەقىقەت، يۈكۈنمىگەن كىشىلەر يۈكۈندۈرەلەيدۇ، شائىرنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى گۈللەر گۈلدەك يۈرەكلەرنىڭ شائىرىنىڭ ئۈلۈم ئالدىدىكى مەردانىلىكىگە بولغان سۈيۈنۈشى ئىدى. ئەكسىچە شائىرىنى سېتىش بەدىلىگە ياشىغان روزى موللىنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىدىغان كىشىدىن بۇ شەھەردە قانچىسى باركىن. دەرھەقىقەت، ئىنساننىڭ يۈكۈنىدىغىنى بىرلا... بۇندىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى ئا. مۇھەممەتئىمىن بۇ قەبرىنى زىيارەت قىلغاندا مۇنداق بىر شېئىرىنى يادىكار قىلغان ئىكەن؛
    يىلسىرى بىلمەكتىمەن قەدرىڭىنى خالىق ئۇيغۇرى
   يادىكار ئەشئارلىرىڭىدىن يۇرىدى قەلبىم نۇرى
   چاپسىمۇ جاللات سېنى جاللاتقا يەم قىلغان سېنى
   سەن بىزار بولغان ئاشۇ خۇسۇمەتلەرنىڭ شورى - دەپ يازغان ئىكەن. مەن شائىر ئەمەسمەن. شېئىر يازالمىدىم. بىراق مەن بىردىنبىر قىممەتلىك بارلىقىم بولغان ئاددىي تىلەكلىرىم بىلەن شائىرنىڭ روھىغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدىم. دۇنيادىن ھچىنىمىنى تەمە قىلماي ئۈلۈمگە كۈلۈپ بارغان بۇ زاتنىڭ دۇئادىن باشقا يەنە قانداق مۇھتاجلىقى بولسۇن. دۇنيادىن كېچەلىگەنلەرنى دۇنيا ئۇنۇتمايدۇ. ئالدىمدا تۇرغان بۇ قەبرە بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مېنى سۈكۈتكە چۆمدۈرىدۇ.جاھالەت شائىرنى قارا تۇپراق ئاستىغا كۆمگەن بولسىمۇ، ھەقىقەت تىرىكلەرنىڭ يۈرىكىگە كۆمگەن ئىكەن.
شائىرنىڭ قەبرىسىدىن قايتتىم. تۇپراق بېشىدا نىمىلەرنى خىيال قىلدىم بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىر ھەسرەت. قەبرىستانلىقتا قەبرىلەر تالاي، نىمىشقىكىن شائىرنىڭ قەبرىسى ماڭا مەردانە كۈرۈندى. كارۋاتتا جان بەرگەن بىلەن جەڭگاھتا جان بەرگەننىڭ دۇنيادىمۇ، قىيامەتتىمۇ مۇكاپاتى بار ئىدى. ئاقدىل كىشىلەر بىلىشىدىكەن، شائىرنىڭ تۇپراق بېشىدا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماپتۇ.تۇپراق بېشىدىكى گۈللەر سۇلاشسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ شائىرغا بولغا سېغىنىش ۋە ھۆرمەت گۈلللىرى بەرق ئۇرۇپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇنى شائىرنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى گۈللەردىن، شائىرىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ئېچىلىپ كىتىىدىغان يۈزلەردىن، شائىرنى تىلغا ئالغاندا جانلىنىپ كېتىدىغان تىللاردىن بىلدىم. بىز قايتتۇق.مەن ئاخىرقى قېتىم شائىرنىڭ قەبىرىسىگە قارىدىم. شائىرنىڭ قەبرىسىدىكى ھېلىقى گۈللەر چچەك ئاچقاندەك كۈرۈندى، ئۇ گۈلمۇ ياكى گۇگۇمدا تاۋلانغان قانمۇ. شەپەقتە جۇلالانغان قەبرە قەلبىمگە كۆچتى-دە، قەلبىمنىڭ پىنھان جايلىرىغا كۆمۈلدى. خەير ،يوللارغا پۇتلاشقىلىۋاتقان بىچارە قەبرىستانلىق. تىرىكلەر سېنى ياد ئېتىدۇ. چۈنكى سېنىڭ قوينىڭ تىرىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانى.

  تىمتاس كېچە-سىڭگىم يېزىسىدا
بىزنىڭ تۇرپان شەھرىدە كۆرىدىغانلىرىمىز تېخى تۈگىمىدى. بىراق بىز قايتىىشىمىز كېرەك، شۇنداق ھەممە ئادەم قايتىدۇ. بىزنىڭ مەنزىلىمىز تۇرپان شەھرىدىن 45 كىلومىتىر كېلىدىغان بىر يېزا. سىڭگىم دېگەن بۇ ئىسىم ماڭا خېلى تۇنۇش.قايسى كىتابلاردىن ئوقۇغان بولغىيدىمكىن. بىراق سىڭگىمنىڭ ئورۇن جەھەتتە ناھايىتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئېسىمدە قېلىشىچە ئەينى يىللىرى تۇرپاننىڭ ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرى قېلىچلىرىنى يالتىرىتىپ ئاتلىق بۇ يېزىدىن ئۆتكەن، مانا بىز بۈگۈن ماشنىلىق بۇ يەردىن ئۆتىۋاتىمىز،  ئاپاق خوجا ئەسھابۇل كەھىف دەپ ئاتىۋالغان تۇيۇق غارىمۇ(تۇيۇقتا) مۇشۇ سىڭىگىم ئەتىراپىدا، غەرىپكە ساياھەت فىلىمدە چىقىدىغان يالقۇنتاغمۇ مۇشۇ سىڭگىم ئەتىراپىدا، ۋە يەنە بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ تارىختىكى ئىزلىرىنى ساقلاپ ياتقان ۋە بۈگۈنكى كۈندە بېزەكلىك دەپ ئاتىلىدىغان مىڭ ئۆيلەرمۇ مۇشۇ سىڭگىم يېزىسىدا، سڭگىم-مول تارىخى مەدەنىيەتنى قۇچۇپ ياتقان تىمتاس زېمىن. بۈگۈن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ توپىلىق يوللىرىدا بىزنىڭ ئىزىمىز بىلەن ھەسرىتىمىز قالىدۇ. سىڭگىم يېزىسى خۇددى ھېلىقى قوي كۆزلۈك قىزنىڭ رەڭگى بىلەن بىرلىشىپ منېىڭ قەلبىمدە قالغاندەك. بىز سىڭگىم يېزىدىكى ئىشلىرىمىزنى تۈگىتىپ قونالغۇ بولىدىغان ئۆيگە قاراپ يولغا چىققىنىمىزدا سائەت 11 دىن ئاشقان ئىكەن. سىڭگىم يېزىسى جىمجىت، تامام يۇرت ئۇيقۇغا كەتكەن،  تاغدىن ئۇرۇلغان مەيىن شاماللار كۆڭۈللەرنى شاتلاندۇرىدۇ، گويا كېچە يىگىت باغرىدا پىچىرلاپ بەخىتىتىن بىھۇشلانغان قىزدەك باغلارغا، يىراقتىكى ئۈزۈم تەكلىرىگە ئاستا شىۋىرلايدۇ. يولنىڭ قاسنىقىدىكى مەغرۇر تۇرۇشقان قارا تېرەكلەرنىڭ ئاستىدىن ۋىلىقلاپ ئېقىۋاتقان شوخ تاغ سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى قەلبمىدىكى ھېلىقى دىلبەرنىڭ يېقىملىق شىۋىرلاشلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەن جىممىدە ماڭدىم. شۇ تاپتا مېنىڭ مەھەللەمدىمۇ مۇشۇنداق قارڭغۇ، تىمتاس كېچىلەر ھۆكۈم سۈرگەن. مەھەللە ئېتىلىزلىرى جىمجىت. بۇنداق كېچىلەردە, مەشۇقىنى سېغىنىپ تولغىنىپ ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزىۋېتىدىغان يىگىتنىڭ ھەسرىتى بار. بۇنداق ھەسرەتلەنى مۇنۇ جىمجىت كېچە، سۈكۈتكە تولغان ئېتىزلارلا بىرىلىپ ئاڭلايدۇ. مەن ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىپ قويدۇم. سەھرانىڭ ئادەمسىز كېچىلىرمۇ كىشىگە ھېسىيات، ھاياجان ۋە يەنە ئازاپ ھەدىيە قىلىدۇ. تەبىئەتنىڭ مۇشۇنداق غۇبارسىز مەنزىرلىرىدە كىشى نەسەۋەبتىن كۆڭلىگە پىراقتىن باشقا ھىچنىمە سالمىغان شۇ دىلبەرنى ئويلايدىكىن ؟ ئۈرۈمچىدە بۇنداق كېچىلەر رىۋايەتلەرگە، چۈشلەرگە ئايلىنىپ شەھەردىن قېچىپ كەتكەن، ئۈرۈمچىنىڭ بۇنداق مەنزىرلىرنى كۆرگەن چوڭلارمۇ ئاستا كېتىۋېلىشقان بولسا كېرەك. ھازىر ئۈرۈمچى كىشىلىرنىڭ قەلبىمۇ بۇنداق ھېسلارنى سەزمەس بولۇپ كەتكەندەك. بۇ يېزىنىڭ توپلۇق يوللىرىمۇ ماڭا پاكىزە بىلىندى.
  سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتىم. قۇياش سەھەرلىك سالىمىنى بىرىپ بولغان، سەل نېرىراقتا ساھىبخان- كىچىككنىە ساقال قويىۋالغان ئۆي ئىگىسى كاتتا ئولتۇرپ قۇرئان ئوقۇۋېتىپتۇ، ئايالى بولسا ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈش بىلەن ئالدىراش. سالام ساھەتتىن كىيىن مەن يولغا چىقتىم. بىز چۈشكەن بو ئۆي بۈك ئورمانلىق ئىچىدە ئىكەن. يوغان دەرۋازىنىڭ قېشىدىكى قېرى ئۈجمە دەرىخىدە قۇشقاچلارنىڭ ناۋاسى ئاللىبۇرۇن باشلانغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-18 00:56  


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 21:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتىراپلىق يېزىپسىز، ئاقسۇدىن ئۇ يەرگە بېرىپلا سىزگە ئالاھىدە تەسىر قىلىپتۇ،-دە

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1079
تۆھپە : 0
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 21:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەدىمىي ئاتەش دىيارىمىز بەخش ئەتكەن يالقۇنلۇق ھېسلارنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامەن.

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2126
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى تۆت كىچىك ماۋزۇدا يازغان ئىدىم. لېكىن سەھىپىسىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەي دەپ قىسقارتىپ ئىككى ماۋزۇدا يوللۇدۇم. بىزدە باشقا ياقا يۇرتلار توغرىسىدا يېزىلغان ساياھەتنامىلار خېلى بار ئىكەن. شۇڭا مەن يۇرتىمىزدىكىنى سىناپ باقتىم.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 01:32:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  تېخى  0997   غا قاراپ سىزنى ئاقسۇ دىيارىدىنمىكىن دەپتىمەن

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1107
تۆھپە : 25
توردا: 372
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 13:02:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتور ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپتىكەن، تېمىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تېمىنى تەستىقلىماي بۇ تېمىغا ئۇلاپ قويدۇم.


يالقۇنتاغدىكى رىشتە-راۋاپقا باغلانغان جان،بىزەكلىك مىڭ ئۆيدە


«تۇيۇق غۇجام»دىن يېنىپ ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئۆيدە مەزىلىك پىشقان گۆشنى خجىللىق ئىچىدە يەپ تۈگەتتۇق. ئۈلۈكلەر ئارىسدىن كەلگەن تىرىكلەر يەنە قورساقنىڭ غېمىنى تۇنجى بولۇپ قىلدۇق-دە، بىزەكلىك مىڭ ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق. بۇ يەر توغرىسىدىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيمەن. كىچىك ۋاقتىمدا تەبىئەت كىتابتىنمۇ ياكى باشقا بىر كىتاپتىنمۇ، ئىشقىلىپ بىر كىتاپتىن بۇ يەرنىڭ چىرايلىق مەنزىرسىنى كۆرگەنمەن. مېنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر ئشى شۇ بولدىكى، تىجەشچان شوپۇرنىڭ ئېزىپ قېلىشى بىلەن بىزنىڭ يبېزەكلىككە بارىدىغان يوللىرىمىز ئۇزرىدى، شوپۇرمىز ئەسلىدىكى يولنى يىراق كۈرۈپ بىزنى يېقىن يول بىلەن ئېلىپ ماڭماقچى بولغان ئىكەن، ئەمما بىز ئېزىپ قېلىپ ئەسلىدىكى يولنى ئىككى، ئۈچ قاتلىۋەتتۇق. نىيەت دۇرۇس بولمىسا تەڭرىنىڭ جازاسى بەك يىراق ئەمەسكەن. ئېزىپ قېلشمۇ بەزىدە ياخشى ئىشلارغا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئېزىپ قالغان يىتىملەر كۆپىنچىسى بىرەر غەزىنىگە ياكى بىرەر ئامەتكە يۇلۇقۇپ قالىدۇ. بىزمۇ بۈگۈنكى ئېزپ قېلىشتىن پايدا ئالدۇق. بىز پۈتكۈل سىڭگىم يېزىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقتۇق، ماشنا تاغ باغرىدا سىلكىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ، مەن پەستىكى بوستانلىق مەھەلىلەرگە تويماي قاراپ ئولتۇرىۋاتىمەن، بىز ماڭغان يول بىلەن مەھەللە ئوتتۇرسىدا بىز ئېقىننىڭ ئىزى خېلى روشەن كۈرۈنۈپ تۇراتتى. مەھەللە شۇ كونا ئېقىننىڭ يېنىدا سۇزۇلۇپ ياتىدۇ. يولنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تاغ باغرىدا ئاندا-ساندا گۈمبەزلىك قەبرىلەر ئۇچراپ قالىدۇ. قەبرە ئۈستىدە، مەھەلە پەستە، ئارىلىق ئانچە يىراق ئەمەس، مەھەللە كىشىلىرى بۇ قەبرىلەرنى ھويلىسدا تۇرۇپمۇ كۈرەلىگىدەك ئىگىز. بىراق شەھەرلەردىكى قەبرىلەر تىرىكلەردىن ئايرىلغان، تىرىكلەرمۇ ئۈلۈكلەر ياتقان يەردىن ئايرىلغانسىرى، ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان يېرىنىڭ ھەقىيقى ئورنىنى بارغانسىرى ئۇنتۇشقا باشلىغان. ھاياتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى مۇناسىۋىتىنى شەھەرلىك بولمىسىمۇ، يېزا كىشىلىرى ئۇنتۇپ قېلىشمىغان بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۈلۈكلەرمۇ تىرىكلەردىن ئايرىلسا غېرىپ بولۇپ قالىدۇ، خۇددى تىرىكلەر ئۈلۈكلەردىن ئايرىلىپ غېرىپ بولغىلىۋاتقانغا ئوخشاش. مەن شۇلارنى خىيال قىلغاچ مەھەللىگە قاراپ ماڭدىم، شوپۇرنىڭ ماشنىنىڭ گېزىنىڭ جىق تۈگەپ كەتكىنىگە ۋايساشلىرىمۇ، ماشنا دەرىسىدىن كىرىۋاتقان ئىىسق شامالمۇ مېنىڭ خىياللىرىمنى بۇزالمىدى. مەھەللە يېشىللىق، بىزنىڭ پاراسەتلىك خەلقىمىز بۇ قەدىمى ئېقىننىڭ بويىدا ئۆزىنىڭ سەلتەنىتى بىلەن تۇرمۇشىنى تەڭ قۇرىغان. دەريا بۇلارغا ياتلاردىن قالقان بولغان، تىرىكلەرگە ئابى ھايات بەرگەن. بۇگۈن بۇ يەردە دەريامۇ، سەلتەنەتمۇ يوق. سۇ بولمىغان يەردە ھاياتلىقمۇ مەۋجۇد ئەمەس. تۇرپاننىڭ ئوتتەك ئىسىقدا كۆكىرىپ تۇرغان بوستانلىقىدىمۇ ئاللاھنىڭ ھېكىمىتى بار. «باقى بوياقچىنىڭ بەندىسىمەن» دەپ يۈرگەن مەشرەپمۇ تالاي يۇرتلارنى كۈرۈپ ئەنە شۇنداق خىياللارغا كەلگەن بولسا كېرەك. بىز بېزەكلىككە كەلدۇق. بۇ يەردىمۇ ساياھەتچىلەر قايناپ كېتىپتۇ. بىراق بۇ يەردە تاۋاپچىلار يوق. كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدىكى يوغان مەيدانغا «غەرىبكە ساياھەت» فىلىمىدىكى تۆت راھىبنىڭ ھەيكىلى ياسىلىپتۇ ۋە ئاستىغا خەنزۇچە ؛ سۈرەت چۈشۈش ھەققى بەش يۇەن دېگەن خەت يېزىپ قۇيۇلۇپتۇ. سەل يىراقتا يوغان تۈگىلىرىنى يىتلىشىپ يۈرگەن تۇرپان يىگىتلىرنى كۈرۈپ قالدىم. بىچارە تۆگە تولىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئېزىلىپ ماڭدۇ، بەستىدىن قاۋۇللىقى چىقىپ تۇرىدىغان زەبەردەس تۇرپان يىگىتلىرى ساياھەتچى خەنزۇ ئاياللار مىنگەن تۈگىلەرنى يىتلىشىپ چۈشمەكتە ئىدى. بىز بۇ يەردىمۇ بىلەت سېتىۋالدۇق، مەن ئۈتۈنۈشنى خالىمىساممۇ بىراق كۆڭلۈمدىكى كىچىككىنە ئۈمۈد مېنى بىلەتچىگە گەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، بىز يېرىم باھا ئېلىشنى دېدۇق، بىراق سەل قارامۇتۇق بۇ قىز بىزگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماي؛ بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، بېرىپ باشلىقتىن سوراڭ، بىز دېگەن باشلىق نېمە قىل دېسە شۇنى قىلىمىز- دېدى. نىمە قىل دېسە شۇنى قىلامسىلەر-دەپ سورىدىم پۇل ساناۋاتقان قىزغا قاراپ.
-ھەئە، نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىمىز-دېدى قايتىلاپ. مەن بىلەتنى ئالدىمدە تىزلا بۇ يەردىن ئايرىلدىم. چۈنكى بىلەتچى قىزنىڭ چىرايلىق ئېغىزىدىن بۇنىڭدىمۇ قورقۇنچلۇق گەپلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى پەملىدىم. نىمە دېسە شۇنى قىلىش ھېلىقى قىزنى پۇل ساناشتىن باشقا ئىشقا يارىماس قىلىپ قويغان. شۇ پۇل ساناشتىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن قىز باشلىقى نىمە دېسە شۇنى قىلىدۇ، بۇمۇ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. قىزدىن رەنجىيمۇ. قىز ئۈزىنىڭ پۇل سانايدىغان خىزمەتكە ئېرىشكەنلىگىدىن تولىمۇ خۇشالدۇر بەلكىم. چۈنكى ئارىمىزدا شۇنچىلىك ئىشمۇ تەگمەيۋاتقان تالاي قىزلىرىمىز بار...
بىز تۇنجى ئىشىمىزنى سۈرەتكە چۈشۈشتىن باشلىدۇق. كۈيۈمچان ئاپامنىڭ ۋاپاتىنىمۇ ئىسىمدىن كۈتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان ۋاقىت، تۇرپان توغرىسىدىكى ئەسلىملىرىمنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۋېتىشى تامامەن مۇمكىن. خۇددى قىز كۆڭلدىكى يىگىتنى ئۇنتۇلدۇرۋاتقاندەك. بۇ يەرنى نىمىشقا «مىڭ ئۆي» دەپ ئاتىشىدىكىن. ھەممە يەردە ساياھەتچىلەر، ھەممە يەردە شۇلار. پەقەت تۇيۇقنىڭ ھېلىقى غارىدىلا بۇلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئۇلار كىرىپ غاردىكى ئاجايىپ ئەھۋاللارنى كۆرسە قانداق ئويلىشار بولغىيدى.
بېزەكلىكمۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر جاي ئىكەن. تاغنىڭ قاپتىلى يېشىل ئورمانلىق، مۇرتۇق تەرەپتىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار تاغ بويلاپ تېز-تېز ئاقىدۇ،« مىڭ ئۆي» دەپ ئاتالغان بۇ ئۆيلەر نەق تاغنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇيۇپ ياسالغان ئىكەن. مەن شۇ ئۆيلەردىن باشقا ھىچقانداق ئالاھىدە بىر نەرسىلەرنىڭ ئۇچراتمدىم. پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۆينىڭ تۇرۇسلىرىغا بۇددا رەسىملىرى سىزلىغان ئىكەن. تاغدىن چۈشۈۋاتقىنىمدا يىراقتىن بىر راۋاپنىڭ مۇڭلۇق كۈيىنى ئاڭلىغان ئىدىم. كۈي تاغ باغرىنى لەرزىگە سېلىپ تاغلارنىڭ قامىتىگە، يىراق ئېقىنلارغا، مەندەك ناتىۋان ئۇيغۇرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكىگە سىڭمەكتە ئىدى. ئەسلى راۋاپنى بىر بىۋاي چالغان ئىكەن. بوۋاي راۋبنى تولىمۇ مۇلۇق چالىدىكەن. تولۇقسىزدا راۋاپ چېلىشقا ھەپسىلەم بار ئىدى، كىيىنكى مەكتەپ ھاياتىم نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر قاتاردا ئۇنىمۇ ئۇنتۇلدۇرىۋەتتى، ساز چېلىشنىڭ ئورنىغا تىل ئۈگۈنۈش ئالماشتى، مەن باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۈگەندىميۇ راۋاپنىڭ تىلىنى ۋە ئۇ تىلغا سىڭگەن مۇڭلۇق بىر داستاننى ئۇنتۇپ كەتتىم.كۆڭلۈم يەنىلا راۋاپنىڭ تارىلىرىغا سىڭگەن، پەقەت كىشى قەلبى ھېس قىلالايدىغان بىر تىلنى چۈشىنىپ بېقىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. تاغ باغرىدا ئاڭلىغان مۇڭ كۈي قەلبىمدىكى سېغىنىشنى ئەۋجىگە چىقاردى-دە، مەن راۋاپنى ئېلىپ ئۈزۈمگە تۇنۇش بولغان كۈيگە تىرىڭشىتتىم. ئۈزۈم چالغان بۇ مۇزىكا مېنىڭ يۈرىكىمگە سىڭمەكتە ئىدى، چۈنكى شۇ تاپتا ئۈزۈم چالغان راۋاپنىڭ تىلىنى ئۈزۈمدىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمەيتتى. چۈنكى مېنىڭ ھەسرىتىمنى ئۈزۈمدىن باشقا ھىچكىم ھېس قىلالمىغىنىدەك. شۇ ۋاقىتتا ئىككى خەنزۇ مېنىڭ ئارقامدا تۇرۇپ راۋاپ تۇتقان ھالتىم بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپتۇ، ئەسلى مېنىڭ باشقا بىر نەرسە تۇتۇپ سۈرەتكە چۈشكۈم بار ئىدى، ئۇلار مەندىن سوراپمۇ قويماي سۈرەتكە چۈشۈۋاپتۇ. مەنمۇ سەنئەتخۇمار مىللەتنىڭ پەرزەنتىلىك سالاھىتىم بىلەن بۇلارنىڭ سۈرىتى ئارىسدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرىمەن-دە. بوۋاي ئۆزى بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن ساياھەتچىلەردىن ئىش ھەققى ئۈچۈن ئىككى كوي ئالىدىكەن. دىمەك، بوۋاينىڭ قولىدىكى راۋاپ بولمىسا ھىچكىممۇ بوۋاي بىلەن سۈرەتكە چۈشمەيدۇ. بوۋايغا ھېسداشلىق قىلدىم. بوۋايغا ھېسدشلىق قىلشتىن باشقا يەنە نېمىمۇ قىلىپ بېرەلەيمەن. مۇھتاجىلىق، غېرىبلىق، بىچارىلىك مۇنۇ قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ تاغ باغرىدىكى ئۈلگىسى بولغان بىزەكلىكتىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. مۇنۇ ساياھەتچىلەرنى شۇنچە مەھلىيا قىلىپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلتۈرگىدەك مەدەنىيەتنى ياراتقان ئەجدادلارنىڭ 21-ئەسىردىكى ۋارىسى، مانا بۈگۈن ئۆتكەن-كەچكەن ساياھەتچىلەرنىڭ كۈزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ، ئىككى كوي ئۈچۈن سارغىيىۋاتقان ئىدى. بىز بۇ يەردىن قايتتۇق. تەسىراتلار تالاي، بىراق مېنىڭ خاتىرەمدە بەكرەك ساقلىنىپ قالغنى ھېلىقى راۋپچى بوۋاينىڭ چىرايلىق راۋابى ۋە بوۋاينىڭ ئاپتاپتا قارايغان مىسكىن تۇرقى...بىزدە بۇنداق بوۋايلار تالاي. خۇددى مۇشۇ مىسكىنلىك ئىچىدە تۇرپاننىڭ ئىشقىدا كۆيگەندەك كۈيىۋاتقان بىر يۈرەك بار ئىدى.


سۈكۈتتىكى شەھەر-يارغول قەدىمى شەھرىدە


بىز تۇرپان شەھرى ئەتراپىدىكى يارغۇل قەدىمى شەھرىگە قاراپ ماڭدۇق. يارغولنىمۇ مەن كىتابلاردىن كۆرگەنمەن. بۇغدا ئابدۇللانىڭ «قەدىمى يارغۇلدا كەچكۈز» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسمى ماڭا گۈللەنگەن بىر سەلتەنەتلىك شەھەرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئىسىمگە سالغان ۋە ئېچىنىشلىق بىر شېئىردەك تۇيۇلغان ئىدى. بۈگۈن مەن شۇ يارغولنى كۆردۈم. بۇ يەدىمۇ ساياھەتچى، ساياھەتچى، ساياھەتچى. بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يەرلىرى بولمىسا كېرەك. بىز 40يۇەنگە بىلەت ئېلىپ بۇ يەرگە كىردۇق. ئەجدادلىرىمىز بۇ يەرنى ۋارسلىرىمىز ھەق تۆلەپ كىرسۇن دەپ ياساتمىغان بولغىديى ھە قاچان. بۈگۈن بىزنىڭ پۇلىمىز بولمىغان بولسا بىز تارىختىكى سەلتەنەتلىك بىر شەھەرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى كۈرەلمىگەن بولاتتىۇق. ئىقتىسادى ئاساسى مۇستەھكەم بولمىغانلىق سەۋەبلىك ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقى بىلمەي يۈرۈشكە مەجبۇر بىز. بىز قەدىمى شەھەرنىڭ يېڭى دەرۋازىسى ئالدىدغا كەلدۇق. بىراق ئىشىك يوق. ئىشىكى يوق شەھەردە بىزگە ئوخشمايدىغان ساياھەتچىلەر بىمالال يۈرۈشمەكتە. ئىشىكى يوق ئۆيگە ھەممە ئادەم بېشىنى تىقىپ قاراپ باقىدۇ، كېرەكلىك نەرسىلىرىنى ئېلىپ، بولمىسا تاشلىىشپ كىتىشىدۇ، ئۇنداق ئۆي مانا مۇشۇ يارغول قەدىمىي شەھرىدەك مىسكىنلىشىپ قالىدۇ. بىز سەل ھاياجانلىنىپ دەرۋازىدىن كىردۇق. بۇنداق ئىگىز سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەر تەبئىيلا ئۆتمۈشتىكى سەلتەنىتىمىزنى ئىسىمىزگە سالىدۇ، ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردا كىشى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۈمىدۇ، ئىپتىىارلانغۇدەك نەرسىلىرى يوق خەلق قېلىنلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئىپتىخارىغا شىرىك بولۇشقا ئورۇنۇپ كۆرىدۇ. بۇ شەھەرمۇ ئېقىننىڭ بويىغا بىنا قىلىنغان ئىكەن. مەن شەھەر ئۈستىدە تۇرۇپ كۈزۈم يەتكەن يەرلەرگە قارىدىم، كۈزۈم يەتمىگەن يەرلەرگە خىياللىرىم باردى. شەھەرنىڭ بىر تەرىپى غىچ تاغ، يەنە بىر تەرىپى بوستانلىق مەھەللە، مەھەللىنىڭ سەل نېرىسىدا تۇرپان شەھرى. بىز ئاستا كېتىۋاتىمىز. نە سەۋەبتىنكىن بۇ شەھەرگە كلېىپ سەل مىسكىنلىشىپ قالدىم. قورساقنىڭ ئاچلىقىمۇ ياكى روھنىڭ ئاچلىقىمۇ. ئىسىمگە كىتابلادىكى مۇشۇنداق شەھەرلەر ۋە شەھەرلەردىكى ئاۋات مەنزىرلەر كەلدى. بۇگۈن بۇ شەھەر سۈكۈتكە چۆمگەن. بۇ شەھەردە ياشىغان كىشلەرمۇ مۇنۇ شەھەرنىڭ توپىسى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن، قېنى بۇيەردىكى سەلتەنەت، قېنى بۇ يەردىكى ھۈكۈمرانلار. تارىخ ھاكىميەت بېشىدىكىلەرنىمۇ، ھاكىميەتكە مەھكۇم خەلقلەرنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالدى. ئۇلاردىن قالغىنى مۇنۇ مىسكىن شەھەر ۋە بۇ شەھەر توغرىسىدىكى ئاجايىپ ھېكايەتلەر، سەلتەنەت سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ مەغرۇرلىنىۋاتقان ھۈكۈدارلارغا مانا بۇ شەھەر قالتىس ئۈلگە. ۋاقىت-ئۇنداق شانۇ-شەۋكەتلىك سەلتەنەتنىمۇ بىتچىت قىلىۋېتەلەيدۇ. شەھەر خېلى مەزمۇت ساقلىنىپتۇ. يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا دۈمچەك قەبرىلەردەك بولۇپ قالغان بولۇپ قالغان ئۆيلەر ئولتۇرۇشقان.يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى شەھەرنىڭ سەلتەنىتىنى كۆكە سورىۋەتكەن، بۈگۈن بۇ شەھەرنىڭ شانلىق تارىخنى ئەسلىتىپ مۇنۇ قەدىمىي شەھەر كۆز ئالدىمدا سارغىيىپ كۈرۈنمەكتە. بۇ شەھەر ماڭا خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئىگىسىز موماينىڭ ئۆيلىرىنى ئەسلەتتى... بىز شەھەر خارابىسدا مېڭىپ كېتىۋېتىپ ئۈچ ئاچا يولغا دۇچ كەلدۇق. يولنىڭ باشلىنىشى بىر خىل.بىراق بىز يىتىپ بارىدىغان مەنزىلدە پەرق بار ئىدى. مەن بۇرادىرىم ئابدۇغېنى بىلەن بۇ يولدا چاقچاق قىلىشتىم. بىز بۇ يولنىڭ بىرسىگە بارسا كەلمەس، يەنە بىرسىگە بارسا يا كىلەر يا كەلمەس، يەنە بىرىگە بارسا كەلمەس يوللار بىزگە قاراپ تۇراتتى. بۇ شەھەردە ئۆتكەن ھەممە خەلق بارسا كەلمەس يولنىڭ يولۇچىلىرى. ئەمەلىيەتتمۇ نۇرغۇن مەۋھۇم يوللار مەۋجۇد. بىراق بىز بۇ يوللاردا كېتىۋاتقىنىمزدا قايسى يولنىڭ بىزنى مەنزىلگە ساق-سالامەت يەتكۈدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلمەي ياشايمىز. پەقەت مەنزىلگە ئاز قالغان قانداق يولدا ماڭغانلىغىمىز ئاشكارا بولىدۇ –دە ئىسىت دەپ قالىمىز، مەن قايىسى يولدا مېڭىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتىمەن. ياراتقان ئاللاھ توغرا يولنى نىسىپ قىلسۇن. بىز ئىككىلىمىز بىر يولغا ماڭدۇق. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يوللاردا بۇرادەرلەرنىڭ بىرگە ماڭغىنى ياخشىراق ئىدى. شۇنداق ماڭغىنىمزدا ئالدىمىزدا ئالاھىدە ياسالغان ۋە خېلى مۇكەممەل ساقلانغان بىر ئۆي كۈرۈندى. مەن بۇنى ئەينى دەۋىردىكى بىرەر ئوردىنىڭ ئىزىمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق يېقىن بېرىپ قارىغاندا ئۇ ئەسلى بىر ئىبادەتخانا ئىكەن. بۇ ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىمۇ ياكى كىيىن مۇشۇ دىننىڭ ئاشنالىرى تەرىپىدىن قايتا رىمۇنىت قىلىنغانمۇ بۇنى بىلمەك قىيىن. چۈنكى كىشىلەر ئۈزىنىڭ خۇي پەيلىگە قاراپ ھەرقانداق نەرسىلەرنى ياسايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنداق ئىشلار كۆپەيگنسىرى كىشىلەردە بىر نەرسىگە ئىشنىشمۇ قىينغا توختايدىكەن. ھاكىميەتنىڭ سىمۋۇلى بولغان ئوردىلاردىن ئەسەر قالماپتۇ، بىراق ئىتىقادنىڭ سىمۋۇلى سۈپىدە بۇ ئىبادەتخانا تېخچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. تەخمىنەن ئۈچ كىلومتىر كېلىدىغان بۇ قەدىمى شەھەر خارابىسىدا مەن زامانىۋى كىيىنگەن ئۈچ قىزنى كۈرۈپ ھەيران قالمىدىم. كۈنىمىزدە ھەرقانداق يەردە، ھەرخىل تەبىئەتلىك ئادەملەرنى ئۇچرىتىش كىشىنى ھەيران قالدۇرمايدىغان بولۇپكەتتى. ئۇلار چىرايلىق مىللى كىيىملەرنى كىيىشىپتۇ، قوللىرىدا تۇتىۋالغان چىمەن دوپپىلرى شۇنچە چىرايلىق ئىكەن، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلار ساياھەتچىلەر بىلەن بىرگە سۈرەت چۈشىدىكەن، مېنىڭ ئېسىمگە ئافاق غۇجا مازىرىدىكى مىللىي كىيملىرىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن تۇرغان قىزلار، بىزەكلىكتىكى ھېلىقى راپچى بوۋي، چىرايلىق بادام دوپپا بىلەن چىرايلىق كەشتىلەنگەن كانۋوي كۈينەك كىيىپ تۈگە يىتلەپ كىتىۋاتقان تۇرپانلىق ئۇيغۇر ياشلار كەلدى. ئۇلار بەلكىم مۇنۇ ئۇچىسىدىكى كىيىملەرنى بىرەر سورۇنغا ياكى كوچىلاردا كىيىشكە ھەرگىز رازى ئەمەس. پەقەت مۇھتاجلىق ئۇلارنى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، يالغاندىن كۈلۈپ سۈرەت چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئۇلار باشقىلارنىڭ مىللى كىيىملەرگە بولغان قىزقىشدىن ئۈنۈملىك پايدىلانغان. قارىغاندا مىللى كىيىملىرىمىزنىڭمۇ قىيامىتى يېقىنلىىشپ قالغان ئوخشايدۇ، چۈنكى ئىستىمالغىلا يارايدىغان بۇنداق كىيىم كېچەكنىڭ ھاياتى ئىستىماچىلارنىڭ تۇيۇنىشى بىلەن ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ. مۇئەللىم دەرس سۆزلىگەندە ماشنا بىلەن بىرگە مەيدانغا چىققان قىزلارنى ئىستىمالىزمنىڭ قۇربانلىرى دېگەن ئىدى. چېچىنى ياۋروپالىقلنىڭكىدەك بۇياپ ئولتۇرۇپ مىللى كىيىملەرنى كىيىۋالغان بۇ قىزلارمۇ ئىستىمالىزىمنىڭ قۇربانىمۇ. ئەرلەرنىڭ بوشاڭلىقىدىن قىزلار ئىستىمال بۇيۇمىغا ئايلانغان جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھالى مۇنۇ شەھەردەك بولىدۇ. ئىسلامى ھېكمەتلەردىن قىزلارنىڭ بويىغا يەتكەندىن كىيىن يات كۆزلەردىن پىنھان يۈرۈشكە بۇيرۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئاياللارنىڭ دۇنيادا تۇتقان ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمەك قىيىن ئەمەس. بۇگۈن ئۇ تەڭشەك كىشىلەرگە رىۋايەتلەردەك بىلىنىدۇ. ئۇنى ھەقىقىيى رەۋىشتە چۈشىندىغانلار بولسا يىتىم ھالەتتە ھەسرەت چېكىدۇ. بەلكىم بۇ ئەقىدىدىكى مەسلىدۇر، ئۆز رىزقىنى بەندىدىن كۈتىدىغان، ئۆز تۇرمۇشىغا قانائەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى بۇنىڭ دەلىلىمىكىن دەيمەن. بولمىسا بۇ قىزلار ئون يۇەن ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە سۈرەت چۈشۈپ قويۇڭلار دېمەس بولغىيدى. بۇ يەردە ئىستىمالىزىمنى روشەن بولغان ئىككى خىل سېلىشتۇرمىسى. بىرى، زامانىۋى قاتناش قۇرالىنى ۋاستە قىلغان ئىستىمالىزىم، يەنە بىرى قەدىمىي مەدەنىيەتنى بىزەك قىلغان ئىستىمالىزىم. تېخمۇ كۈلكىلىك يېرى بۇ خۇش كەلدى جانانلار چاچلىرىنى زامانىۋى تۈستە قزىل، سېرىق بۇيىۋېلىشقان. بۇلارنىڭ ئۆزىنى بۇيىغاندىكى رەڭلىرى قەلبىدىكى سۈئىيلىكنى روشەنلەشتۈرۈپ قويغان. بۇ قىزلار بىزنى سۈرەتكە چۈشۈكە تەكلىپ قىلدى. بىز رەھمەت دېدۇق-دە كىتىپ قالدۇق. بۇ قىزلار بىر پىغاننى چىللاپ قويۇشتى. يەنە پىغان. چۈشەنگەنلەرگە ئېيتسىڭىز پىغان. چۈشىنىدىغانلارنىڭ چىقىشدىن نائۈمۈد ئەمەسمەن. بىز بۇ شەھەرنى ئۈچ سائەت ئايلاندۇق. ئۈچ سائەت بىلەن بىر شەھەرنىڭ خاربىسىنى ئايلىنىپ تۈگەتتۇق. بىراق شەھەر مەركىزىگە كۆرگەزمە قىىلىپ قۇيۇپ قۇيۇلغان بىر مەنچاناقنىڭ تارىخىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ يىللار كېتەر. شەھەردىن يېنىۋاتقىنىمدا تاغ باغرىدا نۇرغۇنلىغان قەبرىلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھېس قىلدىمكى بىز بارغان قەدىمىي جايلارنىڭ ھەممىسىدە قەبرىستانلىق تاغ باغرىغا، ئۈستىگىرەك جايلاشقان. شەھەر-تىرىكلەر سەل پەستە ياشايدىكەن. بەلكىم دەريا بويىدا ياشايدىغان خەلقلەر كەلكۈن ياكى باشقا ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەبرىلەرنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغاندۇر. ياكى بولمىسا بۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئۈلۈم ھەققىدىكى، ئلۈمك ۋە تىرىكلىك ھەققدىكى بۈيۈك ئىدىئولوگىيەللەر سىڭىپ كەتكەندۇر. كۈنىمىزدە ئۈلۈكلەرنىڭ قىممىتى ۋە ئۈلۈمدىكى ھېكىمەت سۇس تەبەسسۇم ۋە رېستۇرانلاردا قىىمىتنى تاپىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۈلۈكلەرلا يۈرىگ سوقۇپ تۇرغان ھاياتلارنىڭمۇ تاغ باغرىدىكى ئۈلۈكچىلىك قەدرى بولمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە روشەن ئەھمىيەتكە ئىگە.


خىياللىرىم تۇرپاندا قالدى-تۇرپاندىن يېنىش


تۇرپاندىكى ئۈچ كۈنلۈك ساياھەت ئاخىرلاشتى. بىراق ساياھەت جەريانىدا ئاڭلىغان، كۆرگەن ئىشلار، ھاياجانلىق، ئىپتىخارلىق، ھەسرەتلىك خىياللار ئاخىرلاشمىدى. بۇنداق خىياللارنىڭ ئاخىرلاشقان كۈنى دەل مېنىڭ نەپسىمنىڭ توختىغان كۈنىدۇر. تۇرپاندا ئىزلىرىم، خىياللىرىم، ئارمانلىرىم قالدى. يەنە شۇنىڭدەك مەن بارمىغان ئىدقۇت شەھەر خارابىسى، كارىز،يەنە باشقا مەن كۆرمىگەن نۇرغۇن يەرلەر قالدى. مەن ئۇلارنى ئۈزۈم خالاپمۇ، يانچۇقنىڭ بوشلۇقى بىلەنمۇ، ۋاقىتنىڭ قىستىىشى ئىشقىلىپ بىر سەۋەبلەر بىلەن قالدۇرۇپ قويدۇم. چۈنكى ئىدىقۇد-تۇرپان شەھرىگە بولغان شىەيدالىق،ھۆرمەت ، ۋە يەنە تۇرپان شەھرىگە ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئىنتىلىپ تۇرىدىغان ئويلۇق بىر ھېس مەندە يېنىپ تۇرسۇن دېدىم. ھەممە نەرسە ئاشكارا بولسا ئىشقمۇ، مۇھەببەتمۇ پەسلەيدۇ. ئېچىلماستا بۇلبۇلنى شۇنچە شەيدا قىلغان گۈل ئېچىلىشى بىلەنلا قەدرىسىز نەرسىگە ئايلىنىدۇ. جاھاننىڭ سىرىنى بىلىپ كەتكەندە بۇ دۇنيا بىزگە ئۇنچىلىك گۈزەل تۇيۇلماس ئىدى. شۇڭا مەن تۇرپانغا بولغان ئىنتىلىشلىرىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم. چۈنكى مەن كۆرمىگەن يەرنىڭ تۇرپاندا بولىشى سەۋەبلىك تۇرپاننىڭ قەلبىمدىكى دىلبەردەك مەڭگۈ شۇنداق يېڭى تۇرىشىنى، مېنى ئۈزىگە تەقەززا قىلىشنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. سىر ئاشكارا بولسا قىممەتسىز بولىدۇ. تۇرپاندىكى مەن كۆرمىگەن يەرلەر تېخى ئېچىلمىغان گۈل. مەن شۇ گۇلنىڭ شەيداسىمەن...بىز قايتتۇق. ماشنا ئۈرۈمچى تۇرپان يولىدا چاپماقتا. مەن تۇرپاننىڭ قارىسى يىتكۈچە قارىدىم. ئۇ يەردە نەمەت خەلپەت مېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. مەخسۇد مۇھىتىنىڭ گەۋدىسىز بېشى ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ پۈتمىگەن ئارزۇلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلىنىپ كەتتى. ئاشۇلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش نىيتىم بار ئىدى. بۇنىڭغا پۇرسەت بولمىدى. بىزنىڭ تالاي ياخشى نىيەتلىرىمىز ئىچىمىزدە قالىدۇ. خەيرىيەت، ئۇ ئىستەكلەرمۇ قەلبىمدىن ماكان تۇتتى. خۇجنىياز ھاجىنىڭ مۇشاۋۇرى بولغان نەمەت خەلپەتكە ھۆرمىتىم بار ئىدى. بۇ ھۆرمەت قەلبىمگە كۈمۈلدى، قەلبىمدە كۆكلىدى، باھار مەۋسۇمى قەلبىمنى گۈلزار قىلغان پەيتلەردە بۇ ئارمانلىرممۇ چېچەك ئاچقاي ئىلاھىم.

2013-يىل ماي ئۈرۈمچى، تۇرپان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-19 13:05  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش