خۇاڭپۇجاڭ ساھىلىدىكى ئەدىبلەر يىغىلىشى
ئابلىمىت ئابلەت
خاسىيەتلىك سەپەر
2013- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ئايروپورتى يەنە ئالدىراش كۈننى كۈتۈۋالدى. سەپەر سومكىسىنى يۈدۈشۈۋالغان، غالتەكلىك چامادانلىرىنى سۆرىشىۋالغان خىلمۇ- خىل ئىرق – مىللەتتىن بولغان يولۇچىلار مەنزىللىرىگە ئېلىپ برىدىغان ئايروپىلانلىرىغا تېزراق چىقىپ جايلىشىۋېلىش ئۈچۈن تىزىملىتىش، يۈك- تاقىلىرىنى توشوشقا ئۆتكۈزۈۋېتىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرتۈش قاتارلىق كۆزنەكلەردە ئۆچرەت بولۇپ تۇرۇشاتتى. زال بوشلۇقدا تۇرۇپ- تۇرۇپ ئاۋىئاتسىيە دىكتور قىزلارنىڭ ئۇچۇش لىنەيەسىنى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنىگلىزچە سۈزۈك ئاۋازى تارىلىپ يولۇچى ۋە ساياھەتچىلەرنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. تام ئورنىغا قويۇلغان ئەينەك سىرتىدىكى چىملىق قىلىپ ياسالغان مەيدانغا كۈمۈشرەڭ لاچىنلار سۈزۈك ئاسماندىن غارقىغىنىچە پەسلەپ قونۇشاتتى، ئۇچۇش يولىنى بويلاپ لىككىدە كۆتۈرۈلۈپ كۆك قەھرىگە ئۇچۇشاتتى. مەن ئايرودرپورتقا مۇددەتىن خېلى بۇرۇن چىقىۋالغان ئىدىم. بوينىغا يېشىل، بوينىغا ئاق بالداقلىق شارپىغىمۇ گالىستۇكقىمۇ ئوخشاش كىچىك ياغلىق تاشلىۋالغان، پاكىز چىراي خىزمەتچى قىزنىڭ ياردىمىدە بېلەت تىزىملىتىپ بولۇپ، چامادانىمنى توشۇشقا بېرىۋېتەي دەپ تۇرسام، تېلېفۇن كەلدى. - ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم... - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. - ئابلىمىتجان ئەپەندىم، مەن ۋاھابجان قۇربان، مەن ئايرودروم زالىغا كىرگەنتىم، سىلە قايەردە؟ مەن ئۆزۈمنىڭ تۇرغان جايىنى ئېيتتىم ۋە كىرىش ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدا كۆرۈشۈشنى ئېيتىپ شۇ تەرەپكە سۈرۈلدۈم. بىردەمدىن كېيىن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن قاناتگۈل يەنە توققۇز نەپەر كىشىنى باشلاپ بىز تەرەپكە كەلدى. بۇ ھەممىمىزنىڭ تۇنجى كۆرۈشۈشىمىز ئىدى. بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2011-يىلىدىكى ھەمكارلىق خىزمەت يىغىنىدا بېكىتىلگەن«شاڭخەي يازغۇچىلار جەمىئىيىتى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ياش، ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلىرىدىن 12 نەپەرنى يىلدا بىر ئاي شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق يازغۇچى قىلىپ، شاڭخەيدە تەربىيەلىنىشكە تەكلىپ قىلىش» پىلانى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزبېك، تاجىك، قازاق، قىرغىز، قاتارلىق 12 نەپەر نۇقتىلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ شاڭخەيدىكى بىر ئايلىق تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتۇق. گەرچە تىل جەھەتتىكى ئازراق پەرق ئۆزىمىزنىڭ يۇرتى، كەسپىمىز ۋە مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزنى ئۇقتۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلالمىدى. ئەدەبىيات كوچىسىدا ھېس قىلغان، كۆرگەن- بىلگەنلىرىمىزنى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى جەھەتتىكى نەمۇنە- مۇۋەپپەقىيەتلەرنى سۆزلىشىپ ئايروپىلانغا چىقىش ۋاقتىنىڭ بىردەمدە توشۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدۇق. ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:55 ئۆتكەندە جۇڭگو جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى CZ6973 نۆۋەتچى ئايروپىلانى بىزنى ئېلىپ شۇ يەر ۋاقتى 6:30 دە شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرودرومىغا قوندى. شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ئايروپورتقا چىقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. بىز ئىككى ماشىنىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە قاراپ ماڭدۇق. ماي ئېيىدىكى شاڭخەي تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىن كەلگەن قېرىنداش مىللەت ئەدىبلىرىنىڭ ئالدىغا يۇيۇنۇپ- تارىنىپ چىقماقچى بولغاندەك، يامغۇرلۇق كوچىلار، يىراقلارغا سوزۇلغان چەكسىز يېشىللىق ئادەمگە ھوزۇر بەخىش ئېتەتتى. بۇ مېنىڭ شاڭخەيگە 3- قېتىم كېلىشىم بولۇپ، مېنى ئويلاندۇرىدىغان بىر ئىش- كوچلاردا ماشىنىلار جىق بولسىمۇ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش قىستاڭچىلىق ۋە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان يول توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى بۇ يەردە كۆرۈلمەيىتتى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ يەردە ئاممىۋى قاتناش ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مېترو بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك نامايەندىلەرنىڭ بىرى. يەنە بىرسى يوللارنىڭ لايىھەلىنشىنىڭ ياخشىلىقىمۇ بۇ ئاۋات شەھەرنى ئازادىلىككە ئىگە قىلغان. كۆز ئالدىمغا شىنجاڭدا ئەمەس، مەملىكەت بويىچىمۇ خېلى داڭقى بار، بۇرۇندىن تارتىپ دۇنياغا تونۇشلۇق قەدىمىي شەھەر يەكەن ناھىيەمىزنىڭ شەھەر ئىچىدىكى ماشىنا قىستاڭچىلىقى كۆز ئالدىمغا كەلدى. 900مىڭغا يېقىن ئاھالە ياشايدىغان ناھىيەمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەقىىي قىلىش، كەڭ كۆلەملىك قۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ مىسلىسىز تەرەققىياتلار قولغا كەلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوللار كېيىيىۋاتىدۇ، ئەمما ماشىنىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر قاتنىشىنى باشقۇرۇش- تەرتىپكە سېلىشتىكى بېسىمى كۈنسايىن ئارتىۋاتىدۇ. مەن دەرىزە سىرتىدىكى بۇ دۇنياغا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم: «ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدە، كېيىن قەشقەر، يەكەنلەردىمۇ مېترو پەيدا بولسا، ھازىرقى كوچا ئاپتوبۇسلىرى ئالدىرىغاندا ھە بولمايدىغان، تاكسىغا ئولتۇرسا پۇل توشۇمايدىغان، شەخسىي ماشىنا ھەيدىسە شەھەر ئىچىدە توختىتىدىغان ئورۇن تاپقىلى بولمايدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلىپ، ئاۋام- خەلق ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىچە ئىللىقلىقىغا ئېرىشكەن بولاتتى.» بىز ئالاھەزەل بىر سائەت ماڭغاندىن كېيىن بىز شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسىغا قاراشلىق «مەرۋايىت مېھمانخانىسى»غا يېتىپ كەلدۇق. بىز ياتاق ئورۇنلىشىپ بولۇپ 4- قەۋەتتىكى مۇسۇلمانچە رېستۇراندا تاماقلاندۇق. تاماقتىن چىقىپ مېھمانخانا ئەتراپىنى بىر پەس ئايلانغاندىن كېيىن ياتاققا چىقىپ خاتىرە كومپيۇتېرىنى ئېچىپ يېزىقچىلىققا كىرىشتۇق.
يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش
17- ماي... بىز ئەتىگەن شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىىيىتىدىن ..... خانىمنىڭ ھەمراھلىقىدا يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، خۇاڭپۇجياڭ دەريا ساھىلىغا قاراپ يولغا چىقتۇق. جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىغا تىنىقداش بولۇپ ئېقىېۋاتقان دەرياغا تۆكۈلۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرى خۇددى سۈپزۈزۈك مارجان، كەھرىۋا، ياقۇتلاردەك ۋىلدىرلايىتتى ۋە بىر دەمدە كېيىن كۆپۈكلىنىپ غايىب بولاتتى. ساھىلغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئەمما يامغۇر ساياھەتچىلەرنىڭ يولىنى توسالمىغان ئىدى. تۇمان ئاستىدىكى دەريا بېتى، كىشىلەر كۆتۈرۈشۈۋالغان خىلمۇ- خىل رەڭلىك كۈنلۈك، ساپ نەم ھاۋا ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايىتتى. بىز بەس- بەستە سۈرەتكە چۈشۈشتۇق. ھەمراھلىرىم ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ گېپىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، تۈركىيە يازغۇچىسى ئۇرخان پامۇكنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» رومانى ۋە ئاپتورنىڭ «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلىكى قىزىق تېما بولۇپ، ئارقىدىن بۇ مۇكاپاتنىڭ چىڭغىز ئايتماتوفقىمۇ بېرىلىشى كېرەك ئىكەنلىكى دېيىلدى. ئەدەبىيات ئىشتىياقىدا بىر يەرگە جەم بولغان بۇ توپنىڭ ھەر بىر ئەزاسى گاھىدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات نامايەندىلىرىنى قەيت قىلىپ كېلىپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ ئەدەبىياتىنىڭ چوڭ ئومۇمىيلىقىدا مەيلى پېروزا جەھەتتىن بولمىسۇن، مەيلى شېئىرىيەتتە بولمىسۇن خۇشاللىنارلىق بىر ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى بىر ئېغىزدىن مۇئەييەنلەشتۈردى. چۈشتىن كېيىن بىز ج ك پ 1- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق.
قازاق ، قىرغىز ،ئۆزبىك ،تاجىك قەلەمكەشلەر خۇاڭپۇجىياڭ ساھىلىدا
|