مۇتىللا ئەبەت قىرانى
قەدىرلىكىم، مەن تېخى قىز
( پوۋېست )
قىزىل گۈل بەرگىدەك كىرلىك ئۇستىدە سۇس سىرىق داغ قالغانىدى.
ئۇ قان دېغىغا ئوخشىمايدىغان، ئاچچىق سەپرا رەڭگىدىكى بۇ داغقا قاراپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيۋاتاتتى. ئۇ بۇ داغنىڭ كىرلىك بىلەن رەڭ تالاشقۇدەك قىزىل بولىشىنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلاتتى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ كۆرگىنى قىزىل داغ بولماستىن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان خەلپۇكسىمان سىرىق داغ بولۇۋاتاتتى.
ئۇنىڭ يۈرىكى ئۈنسىز نىدا قىلاتتى.
« بۇ قانداقمۇ مۇمكىن! تېخى يېڭىلا قىزلىقىمنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن تۇرسام، پۇلنى تولۇق ئالغان تۇرۇپ، ساختا قىزلىق سېلىپ قويمىغاندۇ يەنە؟ قىزىل قان كەلمەي، سېرىق زەرداپ كەلگىىنى نېمىسى؟ ئۇ كۆرگەنمىدۇ، مېنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى بىلىپ قالدىغان بولسا، بارلىق تىرىشچانلىقىم بىكار كەتمەسمۇ؟ ياق، ئۇ يۇيۇنۇپ بولغىچە بىر ئامال قىلسام بولاتتى.»
ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىن باشقىچە تەييارلىقى يوقلىقىنى بىلەتتى. ئويلىمىغان يەردىن يۈز بەرگەن بۇ ئىش ئۇنىڭ كاللىسىنى قۇرۇق قاپاقتەك قىلىۋەتكەنىدى. ئۇ سومكىسىنى بىر قانچە قېتىم ئاختۇرۇپ قىزىۋەتكەن بولسىمۇ، توق قىزىل لەۋ سۇرقىنى تاپالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئىسىگە بۇ لەۋ سۇرقنى بىر دوستىنىڭ ئارىيەتكە ئېلىپ كەتكىنى كەلمەيۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، ئەڭ ياخشى چارە تېپىپ چىقىشنى خىيال قىلاتتى-يۇ، بىرەر ئەقىل تاپالمايۋاتاتتى. مۇنچىدىن ئاڭلىنىۋاتقان يېقىمسىز ئاۋاز ئۇنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئويلىنىشىغا ھېچ پۇرسەت بەرمەيۋاتاتتى.
- ماڭا قەھۋە دەملەپ قويۇڭ، پەرىشتەم! مەن سىز دەملىگەن قەھۋەنى ئىچىشكە ئامراق.
- قايسى چاچ سوپۇنى مايلىق چاچقا ماس كېلىدىغىنىنى ئېيتىپ بەرمەمسىز؟
- قىزىل لۆڭگىنى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟
نادىرە بىزار بولسىمۇ قۇلىقىنى ئېتىۋالسا بولمايتتى. ئۇ ئۆزىنى سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ، دەپ چىقىپ قالسا ھەممە ئىش تۈگەيتتى. ئۇ گەرچە بىر ئىشلارغا ئەتايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە ئىنچىكىلەپ كېتىدىغانلاردىن بولمىسىمۇ، يەنىلا ئېھتىيات قىلىش زۆرۇر بولىۋاتاتتى. نادىرە ئۆزىنىڭ كام ئەقىللىق قىلغىنىدىن، قولغا كېلەي دەپ قالغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىۋاتقانلىقىدىن ئۆكۈنەتتى. ئۇ شۇ دەقىقىدە قايسى بىر دوستىنىڭ ئۆزىگە قىزىل سىياھ ئېلىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى رەت قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىۋاتاتتى. ئۆزىنى ئەقىللىك چاغلىغىنى، شەخسىي دوختۇرىنىڭ كېچىك ئوپراتسىيىسىگە يۈزە-يۈز ئىشەنچ قىلىپ قالغىنى ئۇنى بۇ قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتاتتى.
ئۇ قەھۋە قايناتقۇچنى توكقا چىتىۋېتىپ، توڭلاتقۇدىكى قىزىل مۇچ قىيامىنى ئىسىگە ئالغانىدى. ئۇنىڭ سۇنئىي كىرپىك ئاستىدىكى كۆزلىرى تەرەببال كېلىۋاتقان بىر ئۈمۈدنىڭ نۇرىدا چاقناپ كەتتى. ئۇزۇندىن بۇيان يوقىتىپ قويغان، تاشنالىق ئىچىدە كۈتۈۋاتقان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك خۇشاللىققا چۈمۇلدى. ئۇ مۇنچىدىكى ئەرنىڭ يۇيۇنۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن گاز مۇنچىنىڭ توكىنى قەستەن ئۈزۈۋەتكەنىدى.
- سۈ سوۋۇپ كەتتى، چېچىمدىكى سوپۇن ماغزىپى تېخى تۈگىمىگەن.
نادىرە ئۆزى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان، ئەمما ئۆزى مەجبۇر بولۇۋاتقان خېرقىراق ئاۋازنى ئاڭلىماسقا سېلىۋالدى. ئۇ ئەمدى بۇ ئەرنىڭ ئالدىراپ مۇنچىدىن چىقالمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ چىققان تەقدىردىمۇ، سوپۇننىڭ ئاچچىقىدا كۆزلىرىنى ئاچالمايتتى.
- نېمە بولدى، پەرىشتەم! گاز مۇنچىغا قاراپ بىقىڭ؟
نادىرە ئۆز مەقسىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتاتتى. ئۇ ئىشلىرنى تولۇق تاماملىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ دېگىنىنى بىجا كەلتۇرەلمەيتتى.
- بىردەم چىداپ تۇرۇڭ، بۇ مۇنچىنىڭ ئاشۇنداق كېسىلى بار! –دېدى، نادىرە قىزىل مۇچ قىيامىنىڭ سۈيىنى كىرلىك ئۇستىگە ئاۋايلاپ تۆككەچ.
- قانداق بولغىنى، بۇ؟
مۇنچىدىكى ئەرنىڭ غۇدىرايدىغىنى ئېنىق ئىدى. نادىرە ئۇنىڭ ئالدىرايدىغانلىقىنى، ئۆزىنى سەھەردە ئويغىتىۋېتىشنى ئالايىتەن جىكىلىگەنلىكىنى بىلەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى بۇ ئەرنىڭ ئىشىدىن مۇھىم ھەم جىددىي ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق كەلگۈسى بىلەن يۈز-ئابويىنى ئوچۇق قىلىشنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى.
قىزىل مۇچ قىيامىنىڭ سۈيى سىرىق داغنى يوق قىلغىنى بىلەن بىر ئاز ئاقۇش رەڭ قالغانىدى. نادىرە قىزىل مۇچ قىيامى سۈيىدىن يەنە ئازراق تۆكۈپ باقتى. ئاقۇش رەڭ قىزىللىققا، كىرلىك بىلەن ئوخشاش قىزىل گۈل بەرگىدەك تۇسكە كىرىشكە باشلىغانىدى. نەدىرەنىڭ چېھرىدە قايتىدىن تەبەسسۇم، كۆزلىرىدە ئۈمۈد نۇرى پەيدا بولغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چېچەن ھەم ئەقىللىقلىقىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۆزىچە ئىچىدە بىر ئاھاڭغا غىڭشىپ قويۇشنى ئۇنتۇمىغانىدى.
نادىرە كۆڭلى ئاخىرى ئەمىن تاپقانىدى. ئۇ مۇنچىنىڭ توكىنى قايتا چىتىۋەتكەندىن كېيىن ناشتىلىق تەييارلاشقا، مۇنچىدىكى ئەرگە ئايال بار ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تۇتۇش قىلغانىدى. ئۇ كېچىكىدىنلا ئۆي ئىشلىرى بىلەن خوشى كەلمىگەن بولغاچقىمىكىن، ئىككى تال تۇخۇمنىمۇ ئوڭشاپ قورۇيالمايۋاتقىنىدىن ئىچى سىقىلغاندەك بولاتتى. ئۇ مۇنچىدىكى ئەرگە ئۆزىنىڭ ئەمدىلەتىن تاماق قىلىشنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، قولىدىن ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ئانچە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگۈسى يوق ئىدى. بىراق، ئۇنىڭغا ناشتىلىق تەييارلاپ بەرمىسە، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناشتا قىلغان پۇرسەتتە بەزى ئىشلارنى ئوچۇق قىلىۋەتمىسە، كۆڭلىدە سان تۇرغۇزمىسا بولمايتتى.
خۇددى قۇيما توپتەك، پاكارلىقى نورمال بوي ئادەمنىڭ ئولتۇرغان ھالىتىدىن پەرقلەنمەيدىغان، بويىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن قوساق ئايلانمىسى تەڭ دېگۈدەك ئەر مۇنچىدىن چىققاندا، نادىرە شىرە ئۇستىگە سەھرادىن كەلگەن نەۋرە سىڭلىسى ئۆزىگە ساقلاپ يېيىش ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن سوغۇق سەي بىلەن قىزىتىلغان تائاملارنى تىزىۋاتاتتى. ئۇ كەينىدىن ئۆزىنى قۇچاقلاشنى ئويلاۋاتقان ئەرنى كۆرمەسكە سىلىپلا قالماي، ئۇنى يالغاندىن چاقىرىۋاتاتتى.
- قەدىرلىكىم! يۇيۇنۇپ بولغان بولسىڭىز، ناشتا قىلىۋېلىڭ!
ئەر ئۇنى كەينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ئاستا شىۋىرلىدى.
- مانا مەن كەلدىم، پەرىشتەم! قولىڭىزنىڭ گۈللىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
- سىز خۇشال بولسىڭىزلا مەن خىزمىتىڭىزگە تەييار!-دېدى، نادىرە ئاستا ئەۋرىشىم بەللىرىنى كەينىگە ئېگىپ، ئەرنىڭ سۆيۈشكە تەمشەلگەن ئېغىزىغا لەۋرىنى تۇتۇپ.
- خالايمەن جېنىم. كېچىدىن بىرى ئاتا قىلغان شېرىن ھۇزۇرنىڭ تېخى كەتكىنى يوق؟
- رازى بولغان بولسىڭىزلا بولدى؟
نادىرە ئەرگە ناز بىلەن شۇنداق دېدى-دە، ئۇنىڭ قۇچىقىدىن پەم بىلەن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئاشخانا ئۆيدىكى قەھۋە چەينىكىنى كۆتۈرۈپ چىققاچ، ياتاق ئۆيدە كىيىنىۋاتقان ئەرنى كۈزۈتۈشنى نەزىرىدىن ساقىت قىلمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى ئاۋۋال ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن ئەرنىڭ بىر نەرسە دېيىشىنى ئۈمۈد قىلىۋاتاتتى. ئەمما، ئەر ئۇ قەستەن يېغىتۇرۇلمىغان كارۋات ئۇستىگە، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان قان دېغى بار كىرلىككە دىققەت قىلماستىن، ئۆزىنىڭ گالاستۇقىنى چىگىش بىلەن بەنت ئىدى. نادىرە ئۇنىڭغا كىرلىكتىكى قان دېغىنى ئەتەي قەيت قىلىپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، تېخى ۋاقتى ئەمەس دەپ قاراۋاتاتتى. چۈنكى، ئەرنىڭ يانفونى قان دىغىغا يېقىن تارتىپ قويۇلغان ياستۇقنىڭ ئاستىدا ئىدى.
- قەھۋەگە قەنت سالىمەنمۇ؟
نادىرە ئۇنىڭ قىرتاق تەملىك قەھۋەنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. ئۇنىڭ مەقسىتى ئەرنىڭ دىققىتىنى بۇراشتا بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قان دېغىغا نەزەر كۆزىنى تاشلاپ قىلىشىنى ئويلايتتى.
- ئۆز تەم بولسۇن.-دېدى، ئەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنمىگەندەك كەينىگە قاراپمۇ قويماي.
نادىرەنىڭ بۇ ناشتىغا ئىشتىھايى يوق بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ناشتىغا ئولتۇرمىسا بولمايتتى. ئۇ ئەرگە ئۆزىنىڭ ئاۋۋال ناشتىغا ئولتۇرغاچ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويغىنى بىلەن كۆزى يەنىلا ياتاق ئۆيدىكى ئەردە ئىدى. ئەر تېخىچە بېشىنىڭ كەينى تەرىپىدە قالغان ئازغىنا چېچى بىلەن چوقا تەرەپتىكى تاقىرلىقنى ياپالماي ئاۋارە بولىۋاتاتتى. نادىرە ئۇنىڭ ھامان يانفونىنى سورايدىغانلىقىغا، شۇ چاغدا كىرلىكتىكى قان دېغىنى كۆرۈشتىن خالى بولالمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇۋاتاتتى. ئىچكى دۇنياسى زىددىيەت بىلەن توشۇپ تۇراتتى. ئۇ ئويلايتتى.
«ناۋادا ئۇ كۆرمەي قالسا قانداق قىلارمەن؟ ئۆزۈم ئېيتسام، ئۇ باشقىچە ئويلاپ گۇمان قىلىپمۇ قالارمۇ؟ ياق، ئۇ كېچە مېنىڭ بار ئاۋازىم بىلەن جار سالغىنىمدىن، ئاغرىق دەستىدىن مەيدىسىنى تاتىلاپ كەتكىنىمدىن بۇلارنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن؟! ھەي، مەنمۇ زە بەزى چاغلاردا دۆت بولۇپ قالىمەن. كېچە نېمىشقا بىر دەم بولسىمۇ يىغا-زارە قىلىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەندىمەن؟»
نادىرەنىڭ شۇندىمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلغۇسى كەلمەيتى. ئۇ گەرچە كۆز يېشى قىلىشنى ئۇنتىغىنى بىلەن بار تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ئويۇننى ئوينىشى، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان نىشانىنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشى ئەمەس. ئۇ پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغاندا، كۆز يېشى قىلسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىكاردىن پۇل خەجلىگىنىدىن ئۆكۈنسىمۇ كېچىكمەيتتى.
- مېنىڭ يانفونۇم؟
ئەر نادىرەدىن يانفونىنىڭ قەيەردە قالغىنىنى سوراۋاتاتتى. دېمەك ئۇ نادىرە قۇرغان توزاققا يېقىنلاپ قالغاندەك قىلاتتى. نادىرە ئۆزىنىڭ يانفوننى قەستەن يوشۇرۇپ قويغىنىنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەتەي تېز جاۋاپ بەرمەيۋاتاتتى. ئۇ ئەرنىڭ قايتا بىر رەت سورىشىنى ساقلاپ تىت-تىت بولاتتى-يۇ، ئۆزىنى ئۇنىڭ سوئالىنى ئاڭلىمىغانغا سالاتتى. ئەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى چۈشەنگەندەك ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ قايتا سورىغاندىلا، ئۇ يانفوننىڭ قەيەردىلىكىنى بىۋاسىتە ئېتيماي گۇمانىي سوئال بىلەن جاۋب بەرگەنىدى. چۈنكى، نادىرە ئۇنىڭغا يانفوننىڭ قەيەردىلىكىنى ئۆزىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويسا بولمايتتى.
- ياستۇقنىڭ ئاستىغا قارىدىڭىزمۇ؟
ئەرنىڭ بىچەللىكى نادىرەنىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغاندەك قىلاتتى. ئەر ياستۇق ئاستىدىن يانفونىنى ئېلىۋاتقۇچە كىرلىكتىكى قان دېغىنى بايقاپ قالغانىدى. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيۋاتقاندەك لەپپىدە نادىرەگە بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، بىگىز بارمىقى بىلەن قاندىغىنى سىلاپ كۆردى. بارمىقىغا يۇقۇشۇپ قالغان قان يۇقىنى خۇددى خۇن ھىدىنى پۇراۋاتقان ئتتەك پۇراشنى ئېغىر ئالمىغانىدى. نادىرە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق ۋە ئەجەبلىنىشنى كۆرۈشنى شۇنداق خالايتتى. ئەمما، ئۇنىڭ كۆرگىنى ھېچقانداق ئىپادىسىز يۇمۇق كۆز بولغانىدى.
ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە ناشتا قىلىۋاتاتتى. نادىرە ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇنىڭدىن بىرەر ئېغىز گەپ تاما قىلىپ قارايتتى. بىراق، ئۇ قان دېغىنى كۆرمىگەندەك، قان دېغى ھېچنىمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغاندەك ئۈندىمەيتتى. نادىرە يۈرىكى بىر مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بېرىۋاتقاندەك ئاغاتتى. كۆڭلىدىكى بىسارەمچانلىق ئەدەپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ ئەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزى ئاۋال ئېغىز ئاچمىسا بولمايدىغانلىقىنى بارا-بارا ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتى. ئۇ ئەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەتەي گېلىنى قىرىپ، بىر قانچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ باققان بولسىمۇ، ئۇ ئۆز قارنىنى تويغۇزۇش بىلەنلا بولىۋاتاتتى.
- ئەتىگەنلىك ناشتىلىقىڭىزغا رەھمەت. بىرى بىلەن سودا توختامى تۇزۇشكە دېيىشىپ قويغان ئىدىم، مەن ماڭاي!
ئەر بىردىنلا ئەڭ مۇھىم ئىشىنى يادىغا ئالغاندەك ئېغىزىنى چالا سۇرتۇپلا ئورنىدىن تۇرغانىدى. نادىرە ئۇنىڭ ئۆزىگە دەيدىغان باشقا گەپلىرىنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك ئۇنىڭغا قاراپلا قالغانىدى. ئەر پەلتوسىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيگە ماڭغاندا، نادىرە ئۇنىڭغا سولدىشىپ كىرىپ كەلگەنىدى. ئۇ ئەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاياللىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئەرنىڭ پەلتۇسىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئېتىپ قويۇشنى ئويلىغانىدى. بىراق، ئەر ئۇنىڭ بۇ كۆڭلىنى رەت قىلغاندەك ئۇنىڭ قولىنى ئېتتىرىۋەتكەنىدى. نادىرە ئۇنىڭ بۇ قوپاللىقىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ مېنۇتلاردا ئاسان ئاچچىقلىنىشنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايتتى.
ئەر پەلتۇسىنىڭ قويۇن يانچۈقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئالغاندا، نادىرە ئۆزىنىڭ يېڭىلىشكەنلىكىگە تەن بەرگۈسى كەلمىگەنىدى. ئۇ بۇ ئەرنى بۇنداقلا بولدى قىلۋەتسە، ئاسانلىقچە يولغا سېلىپ قويسا بولمايتتى. ئەر قولىدىكى پۇللارنى كىرلىكتىكى قان دېغى ئۇستىگە چېچىپ دېگۈدەك تاشلىغاندىن كېيىن، ئىشىكنى توسۇپ تۇرغان نادىرەنىڭ يول بېرىشىنى ئىشارەت قىلغانىدى. نادىرە شۇ چاغدىلا بۇ ئەرنىڭ ئۆزىدىن پۇل بېرىپلا قۇتۇلۇش ئويۇنىڭ بارلىقىنى چۈشەنگەنىدى.
- ئاز كۆرمەيۋاتقانسىز يەنە؟
نادىرەگە بۇ ئەرنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدىنمۇ يېقىمسىز ئاڭلانغانىدى. ئۇ ئەسلىدە ئۆزىنى كەمسىتىش تەلەپپۇزىدا ئېيتىلغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى يېلىنىش ئاھاڭىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاشنى ئويلىغانىدى. ئەمما، بۇ ئەر ھازىرقى ئەھۋالدا نادىرەگە ھەرگىزمۇ تىلىنى ئۇنداق شېرىن قىلمايدىغاندەك قىلاتتى. نادىرە ئەمدى ئۆزى بىر نېمە دېمىسە بولمايدىغانلىقىنى جەزم قىلغاندىن كېيىن بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىدى-دە، قولى بىلەن كىرلىكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دىدى:
- مەن بۇنى قانداق قىلسۇن دەيسىز؟
نادىرە ئامال بار ئاۋازىنى يېقىملىق ھەم سىلىق چىقىرىشقا تىرىشقانىدى. ئەر ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، قەستەنەگە خۇپسەنلىك قىلىۋاتاتتى.
- نېمىنى دەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىدىم؟
- كىرلىكنى دەيمەن. ئۇنىڭدا مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسەمنىڭ بەلگىسى قالدى.
- ئۇنداقتا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويۇڭ. ئۇ پۇللارغا بۇنداق كىرلىكتىن نەچچە تۈمەننى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
- مەن يالغۇز كىرلىكنى دەۋاتقىنىم يوق. ئۆزۈمنىڭ يوقاتقىنىنى دەۋاتىمەن.
نادىرە بىۋاسىتە ئېيتماستىن ئەگىتىپ ئۇنىڭ ئېسىگە سېلىشنى ئويلاۋاتاتتى. بىراق، ئەر ئۇنىڭ بارلىق ئۇرۇنۇشىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ قويمايدىغاندەك پەرۋاسىز پوزۇتسىيەدە بولۇۋاتاتتى.
- مەن بەلكىم تۈنجى ئەر ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ھەمراھ قىزلارنىڭ قانداقلىقى ماڭا ئايان.
- قارىغاندا مېنىڭ قىزلىقىمغا ئىشەنمەيدىكەنسىزدە؟ بۇ قاننى مەن قولۇمنى چىشلەپ چىقارمىغاندىمەن.
نادىرە ئاچچىقىدا يۈگىرەپ دېگۈدەك بېرىپ كىرلىكنى پۇرلاپ ئالغانىدى. ئۇ قىزلارنىڭ نازاكىتىگە يات بولغان دېۋەيلەپلا قالماي، زەردە بىلەن كىرلىكنى ئەرنىڭ يۈزىگە ئاتقانىدى. ئەر ئۇنىڭ تەلۋىلىك بىلەن قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىدىن خاپا بولماستىن، بەلكى مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرۇپ:
- مېنى ئوڭدا قوياي دەپ چوتنى خاتا سوقۇپسەن، مەن سەندەك تالاي ھەمراھ قىزلارنى كۆرگەن. ئەمما، سېنىڭدەك قارا نىيەتنى كۆرمىگەن. مېنىڭ نېمە تېجارەت قىلىدىغىنىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسەن؟
ئەمەلىيەتتە، نادىرە ئۇنىڭ نېمە تېجارەت بىلەن باي بولغىنىنى بىلمەيلا قالماي، ئۇنى دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيتتى. چۈنكى، ئۇ بۇ ئەرنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ پۇلنى ئېقىن سۇدەك چاچىدىغانلىقىغا كۆزى چۈشكەنىدى. ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ بىر قانچە قېتىملىق تەكلىپىنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئۆلۈكىنى ئاترىدىغان بىر قاپقان قويۇشنى پىلانلىغان ئىدى.
- ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈتۈپ كۆرەيلى. قېنى، پاكىت ئالدىدا نېمە دەيسىزكىن؟
نادىرە كۆڭلىدە ئۇنىڭغا تەكشۈرۈتۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق پىسخىكا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكچى بولغاندىن باشقا ھەيۋە قىلىشنىمۇ ئويلىغانىدى.
- تەكشۈرۈتىمەن دەپ ئاۋارە بولما، مەنلا ساڭا ئېيتىپ بېرەي!
ئەرنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئويلىرىنى قورسىقىدىلا بوغۇپ قويغانىدى. ئۇ بۇ ئەرنىڭ ئۆزى مۆلچەرلىگەندىنمۇ يامانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىغاچقا، ئۇشۇقلۇق قىلىشنى باشلىغانىدى.
- ساقچىغا تېلېفون قىلىشىمدىن ئەنسىرىمەمسىز؟ قانۇن ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقىمنى قوغدىسام، مېنى ئەسكىلىك قىلدى دېمەڭ!
- ياخشى، 110غا تېلېفون قىلايلى. سىز ئۇرامسىز ياكى مەن ئۇرايمۇ؟
بۇ سۆھبەتتە ئەر نادىرەنىڭ ئالدىغا ئۆتۇۋېلىپ، يانفونىنى نادىرەنىڭ كۆزىگە تىققۇدەك قىلىپ كېتىۋاتاتتى. نادىرە بىر ئاز تەمتىرەپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنى تەمكىن كۆرسەرمەكچى بولغاندەك:
– سوتقا چىقىشتىن قورقمىسىڭىزلا، ئۆزۈم تېلېفون قىلاي.–دېدى–دە، ئۆينىڭ مۇقىم تېلېفونى بار تەرەپكە يۈزلەندى. ئەر خۇددى ھېچ ئىش بىلەن چاتىقى يوقتەك، نادىرەنىڭ تېلېفون قىلىشىنى كۈتۈپ بىر چەتتە تۇراتتى. ئەمما، خېرىدار بىلەن دېيىشىپ قويغان ۋاقىت قىستاپ قالغان بولغاچقا، پات–پات سائېتىگە قارايتتى.
– قىزىل مۇچ قىيامى ئۈچۈن تۇتىدىغان ئىش بارلىقىنى مەن تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم.
ئەرنىڭ بۇ سۆزى نادىرەنى ئامالسىز ئەھۋالدا قويغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە ‹ئۇ كۆرۈپ قالغاندىمۇ ياكى پەرەز قىلىۋاتامدىغاندۇ؟› دېگەنلەرنى ئويلايتتى. مەيلى نېمىنى ئويلىمىسۇن ياكى پەرەز قىلمىسۇن، ئەرنىڭ ئۇنىڭ ساختىلىقىنى بىلىۋالغىنى راست ئىدى. نادىرە تېلېفوننىڭ يېنىدا قانداق قىلىش ئۇستىدە قارار چىقىرالماي جىمجىت تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ پىكىرلىرى چىگىشلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەرنى چۆچىتىپ قويۇش ئۈچۈن ساقچىغا تېلېفون قىلىشنى ئويلاپ تاپقىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭمۇ تېلېفون قىلغۇسى يوق ئىدى.
‹قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى ئۆيدىن مۇنداقلا چىقىرىۋەتسەم بولمايتتى. بىر ئامال قىلىپ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇل ئۇندۇرۋالسام بولاتتى. ئۇنىڭ قاقۋاشلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، بۇنچە باش قاتۇرىدىغان ئويۇننى ئوينىماس ئىدىم.›
نادىرە تېخىچە ئۆز ئويلىرى بىلەن يۈرگەندە ئەر ئاللىقاچان ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ بولغانىدى. نادىرە ئۆزىنىڭ ئامالسىز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ يەنە ئۇنى توسۇپ قىلىش خىيالىدىن ۋاز كەچمەيۋاتاتتى.
– بۈگۈن كەتكىنىڭىز بىلەن مېنىڭدىن ئوخشاشلا قۇتۇلالمايسىز. مەن سىزنى بوش قويۇۋەتمەيمەن.
نادىرە ئەرنىڭ كۆزلىرىگە بىزەڭلىك بىلەن مىختەك قادالغانىدى. ئەر ئوخشاشلا ئۇنىڭ بۇ تەھدىد سۆزلىرىنى قىتىغا ئېلىپ قويمايتتى. ئۇ ئايىقىنى كىيىپ بولغاندىن كېيىن، نادىرە مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۈلۈپ قويدى. ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقۇچە بىردەم توختاپ، نادىرەگە ئەسكەرتىپ قويماقچى بولغاندەك سۆز باشلىغانىدى.
– سىز بىلەن سوتتا كۆرۈشۈشنى خالايمەن. مېنىڭ مەخسۇس قىزىل مۇچ قىيامى سودىسى قىلىدىغىنىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
نادىرە داڭقىتىپلا تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇ ئەرنىڭ نېمە ۋەجىدىن خاتىرجەم تۇرغىنىنى ئاخىرى چۈشەنگەندەك قىلدى. ئۇ نادىرەنىڭ كىرلىك ئۇستىگە تۆكۈپ قويغان قىزىل مۇچ قىيامى سۇيىنى پۇراپلا بىلىۋالغان ئىدى. ئەر چىقىپ كەتتى. نادىرە ئۇنى تۇتىۋېلىشقا ئامالسىز قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىغانىدى. نادىرە ئۆزىنىڭ قايسى جەھەتتە كەتكۇزۇپ قويغىنىنى بىلمەيتتى. ئۇ تېخى ئىككى كۈن ئاۋۋال نەچچە مىڭ يۇەن پۇل چىقىرىپ، ئۆزىگە قىزلىق پەردىسى سالدۇرغان ئىدى.
«توۋا، بۇ دۇنيادا ھەقىقى بىر نەرسە بارمىدۇ؟ قىزلىقنىڭ ساختىسى چىققانغا قارىغاندا ھېچنەرسىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمىغۇدەك؟ تېغ جېنىمنى باقماقنىڭ تەسلىكىدە، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارماق نېمانداق تەستۇ؟ كېچىك ۋاقتىمدا ئانامنىڭ ئەمچىكىنى راستىنلا قاتتىق چىشلىگەن بولسام، شۇڭا پىشانەم تەتۈر كېلىۋاتامدىغاندۇ؟»
نادىرە شۇنداق ئويلايتتى. ھەممىنى بەختسىزلىك ۋە تەلەيسىزلىكىدىن كۆرەتت. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ساختا ماللاردىن ئۆتە ساختىلىققا توشۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايتتى.
* * * *
(داۋامى بار )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قىرانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-10 16:14