ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى خەت بىلەن نەقىشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا
سابىرجان سەلەي جەنۇبى
خەتتاتلىق-يېزىقنى مەنبە قىلغان مىللىي سەنئەت بولۇپ، ئۇ يېزىقنىڭ سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۇزاق ئەسىرلەردىن بىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەت خۇمار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زور تىرىشچانلىقى نەتىجىسىسدە يېڭىلنىپ، يىڭىلنىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بۈگۈنكىدەك ئىلمىي قانۇنىيەتلەرگە ئىگە مۇكەممەل بىرسەنئەت دەرىجىسگەكۆتۈرۈلدى.
نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئېلان قىلنىپ كىلىۋاتقان ھەرخىل ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرسەك ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن-خەت، نەقىش، رەسىمدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تەركىپ تاپقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇنىڭدا بولۇپمۇ خەت بىلەن نەقىشنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ئۇلار خەتتاتلىقىمىزدا ئاجرالماس گەۋدىگە ئايلانغان. مەيلى قەدىمكى خەتتاتلىق نەمۇنىلىرىدە بولسۇن ياكى نۆۋەتتە ئېلان قىلنىپ كىلىۋاتقان ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىدە بولسۇن كۆپ قىسىم ھۆسىن خەت ئەسەرلىرى نەقىش بىلەن بىرىكىپ ئاجرالماس بىرگەۋدىگە ئايلانغان. ئادەتتە خەتتاتلىقتا نەقىشنىڭ خەتكە ماسلىشىش ماسلاشماسلىقى ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىملاسى توغرا، كۆركەم يىزىلغان خەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئۇنىڭغا ئىشلەنگەن نەقىش كۆركەم بولۇپ خەتكە ماسلاشقان بولسا بۇخۇددى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دىگەندەك خەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپلا قالماستىن بەلكى يېزىلغان خەتنىڭ ئىستېتىك قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ ھوزۇرلانغۇچىلارغا تېخىمۇ يۇقۇرى بولغان گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. بۇئالاھىدىلىك خەتتاتلىق ئىجادىيتى جەريانىدا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ھىساپلىندۇ. نۆۋەتتە ئېلان قىلنىپ كىلىۋاتقان ھەرخىل ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ كۆرسەك بۇخىل ئالاھىدىلىكنىڭ كۆپ قىسىم ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، ئۇيغۇر خەتتالىقىدا خەت بىلەن نەقىشنىڭ ئايرىلماس بىرگەۋدىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز. شۇنداق بولسىمۇ يەنە بىرقىسىم ھۆسىن خەت ئەسەرلىرىدە گەرچە خەتنىڭ ئىملاسى توغرا، يېزلىشى كۆركەم بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭدا خەت بىلەن نەقىش ئۆز-ئارا ماسلاشماي، نەقىشنىڭ خەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشالمايلا قالماستىن بەلكى ئارتۇقچە بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۋالالايمىز.
دىگەندەك بىرقىسىم ھۆسىن خەت ھەۋەسكارلىرى ۋە خەتتاتلار ھۆسىن خەت يازغاندا نەقىشنىڭ خەتتاتلىقتىكى موھىم رولىغا سەل قاراپ، نەقىشنى نۇقۇل ھالدا «خەتنى بىزەيدىغان بېزەك» دەپ قاراپ ئۇنى ئاددىي ھالدىلا خەتنىڭ ئەتراپىغا سىزىپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەكتە. ھەتتا بىرقىسىم خەتتاتلار :ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا«خەت بىلەن نەقىشنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق» دەپ قاراپ نەقىشنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى موھىم رولىغا نىسبەتەن ئىنكار قىلىش پوزىتيىسى تۇتماقتا. بۇخىل ئەھۋاللار بىزنىڭ نەقىشنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدىكى موھىم رولىغا نىسبەتەن تونۇشىمىزنىڭ دىگەندەك چۇڭقۇر بولمايۋاتقانلىقىنىڭ، بۇھەقتىكى ئىزدىنىشكە سەل قاراۋاتقانلىقىمىزنىڭ روشەن ئىپادىسى. بۇخىل ئەھۋال ئۇيغۇر خەتتاتلىقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇڭا بۇ بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنشىمىزگە تىگىشلىك موھىم مەسىللەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ.
خەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا نەقىشنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولىشى، زىچ ياكى شالاڭ بولىشى، ئاددىي ياكى مۇرەككەپرەك بولىشى ھۆسىن خەت ئەسىرنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىي ئىجادىيەت جەريانىدا خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە خەت نۇسخىسىغا، خەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن نەقىشنى ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىش لازىم. ئادەتتە زىچراق يىزىلغان خەتلەرگە نىسبەتەن كىچىكرەك نەقىشنى، شالاڭراق يىزىلغان خەتلەرگە نىسبىتەن چوڭراق نەقىشنى قوللىنىش لازىم. مىنىڭچە چوڭراق يىزىلغان خەتلەرگە چوڭراق، ئاددىيراق نەقىشنى، كىچىكرەك يىزىلغان خەتلەرگە نىسبىتەن كىچىكرەك، نىسبىتەن زىچراق نەقىشنى قوللانغان بىرقەدەر ياخشى. مۇشۇنداق بولغاندا نەقىش خەتكە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ رولىنى نامايەن قىلىپ، خەتنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ كۆركەم كۆرسىتىپ زوقلانغۇچىلارغا تېخىمۇ يۇقۇرى بولغان ئىستىتىك زوق بەخش ئىتىدۇ. شۇڭا كەڭ ھۆسىن خەت ھەۋەسكارلىرى ۋە بۇساھەدە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ خەتتاتلىق ئىجادىيتى جەريانىدا چوقۇم خەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن نەقىشنى ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نەقىشنى چوقۇم ئۆز قولى بىلەن سىزىشىنى، ھەرگىزمۇ نەقىشنى قىيىپ چاپلايدىغان ئىشنى قىلماسلىقىنى، نەقىشنى نۇقۇل ھالدىلا«خەتنى بىزەيدىغان بىزەك» دەپ قارىماسلىقىنى، ھەمدە بۇھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىپ كۈرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاپتور: قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە يېڭئۆستەڭ يېزلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىن