كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 0

تۇنىياز ھېيىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2400
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-1

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 15:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2011123210217TUNIYAZ (2006-12-20).jpg


تۇنىياز ھېيىت(سەرئالىپ) 1968- يىل 10-ئاينىڭ 5-كۈنى باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1989-يىلى شىنجاڭ ئەدلىيە ساقچى – ئوفېتسىرلار مەكتىپىنىڭ قانۇن كەسپىنى تاماملاپ، باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنغان،1999-يىلى ۋە 2003- يىلغىچە ئالىي مائارىپ  بويىچە ئۆزلىگىدىن ئۈگىنىشكە قاتنىشىپ،شىنجاڭ رادىئو-تىلۋىزىيە ئونۋېستىتىنىڭ قانۇن كەسپى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ  قانۇن كەسپىدە  تۇلۇق كۇرۇسنى  تاماملىغان؛ 2007- يىل 3- ئايدىن 7- ئايغىچە  مەركىزى مىللەتلەر  ئونىۋېرستىتىنىڭ  چوڭلار مائارىپ ئېنىستىتوتى «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر پىركۇراتۇرلار سىنىپى››دا  بىلىم ئاشۇرغان .ئۇ ھازىر باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكىرتارى.
  تۇنىياز ھېيىت(سەرئالىپ) «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى ››نىڭ 1992- يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلغان «ھىسلىرىمدىن تەۋرەيدۇ دۇنيا » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي  ئىجادىيەت  مۇساپىسىنى باشلىغان  بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك گېزىت- ژورناللاردا «ئايدىڭ كېچە››،‹‹نامسىز سۈرەت›› قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 30 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر، مۇلاھىزە ،تەرمىلەر، ۋە بىر قىسىم ئىلمىي نەزىرىيىۋى  ماقالىلارنى  ئېلان قىلغان.   بىر قىسىم ئەسەرلىرى «غايىپ بولغان قەھىرمان ›› ۋە ‹‹شائىرانە باي›› قاتارلىق بىرلەشمە توپلامغا كىرگۈزىلگەن ، يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرپىدىن تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان .ئۇ ھازىر شىنجاڭ تەپتىش ئىلمى جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەئىيىتىنىڭ ئەزاسى .                          


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش