پەرھات ئىلياس غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا لېكسىيە سۆزلىدى ۋە قوشۇمچە پىراففىسورلىققا تەكلىپ قىلىندى ' _ M6 [( s- B# K9 a3 t
4 W: Z* L* z; c( \
7 [# e2 M. n/ k
4 B1 K! B5 }, ]8 {. D, b+ g+ s
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرياتىنىڭ ئالى مۇھەررىرى، يازغۇچى پەرھات ئىلياس لەنجۇ شەھىرىگە بېرىپ، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
1 |1 R7 P, h- l: A p) r1 I' f' Iشۇ كۈنى چۈشتىن ئاۋال، پەرھات ئىلياسنى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ قوشۇمچە پىراففىسورلىققا تەكلىپ قىلىش مۇراسىمى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىنىستۇتنىڭ سېكىرتارى ماھىنۇر خانىم غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پەرھات ئىلياسنى قوشۇمچە پىراففىسورلىققا تەكلىپ قىلىش ھەققىدىكى قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.
- v4 |/ h* C' @يىغىندا پەرھات ئىلياس ئىنىستۇتتىكى قىسمەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئاسپىرانتلار بىلەن «ئەدەبىي تەرجىمە ئەمەلىيىتى» تېمىسىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەت مەزمۇنى مول، كەيپىيات جانلىق بولۇپ، ئىنتايىن ياخشى پىكىرلىشىش ۋە ئىلمىي ئالماشتۇرۇش مۇھىتى يارىتىلدى.
6 X0 j) I, m+ bكەچتە پەرھات ئىلياس ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئىلمىي دوكىلات زالىدا ئىنىستۇتتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى ۋە «كرورانلىق بالىلار» رومانىنىڭ روياپقا چىقىشى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
) a7 W( ^) x1 d9 Q; I
|