كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 0

پەخرىدىن مۇسا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-11 10:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

pahirdin musa.bmp

   پەخرىدىن مۇسا 1963-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى كورلا شەھرىنىڭ كۆنچى مەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن.1981-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1983-يىلى 7-ئايدا بايىنغولىن ئوبلاسىتلىق سىفەننىڭ تەبىئىي پەن كەسپىنى پۈتتۈرگەن.1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە سىفەن داشۆسىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.ئۇ «بايىنغولىن گېزىتى»دە ئەدەبىي مۇھەرىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
پەخرىدىن مۇسا 1985-يىلى «بوستان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئەجدات ۋە ئەۋلات»ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە قوشۇلغان. تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىگە يىقىن شېئىر، داستان، باللادا، 50پارچىگە يىقىن ھېكايە، پوۋسېت ئېلان قىلان قىلغان.1990-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تۈزۈپ نەشىر قىلغان «تاللانغان 100شېئر»ناملىق توپلامغا بىر نەچچە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. 8 پارچە پوۋېست، ھېكايىسى ھەرخىل ئەدەبىي موكاپاتلارغا ئىرىشكەن.
پەخرىدىن مۇسانىڭ «ئېقىشتىن توختىغان دەريا» ناملىق پوۋسېت، ھېكايىلەر توپلىمى 1995-يىلى شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپدىن نەشىرقىلىنغان. 1999-يىلى «باشئەگىمدىكى رىۋايەت» ناملىق فانتازىيىلىك رومانى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپدىن نەشىر قىلىنغان. شۇ يىلى يەنە «مىنىڭ ناخشام»ناملىق داستان، شېئىرلار توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتى نەشىرياتى تەرىپدىن نەشىر قىلىنغان. 2000-يىلى «باشئەگىم» ناملىق تارىخى رومانى نەشىردىن چىققان. «يەرشارىنىڭ ئىقرارى» ناملىق فانتازىيەلىك رومانى ۋە «تەكلىماكان بويىدىكى چۈش»ناملىق پوۋسېت، ھېكايىلەر توپلىمى نەشىرگە بېرىلگەن.
پەخرىدىن مۇسا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش