كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 0

ئابلەت جۈمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 17:09:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

复件_9~1.JPG

ئابلەت جۈمە تۇپراق 1963- يىلى 4- ئايدا يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى تېرىم يېزىسىنىڭ كۆتەگلىك كەنتىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1985- يىلدىن 1988- يىلغىچە شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان.
ئابلەت جۈمە تۇپراق 1985- يىلىدىن ھازىرغىچە «قەشقەر گېزىتى» ۋە «قەشقەر» ژۇرنىلىدا مۇخبىر، باش مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولغان،ئۇ بۇ جەرياندا كەسىپكە ئوتتەك مۇھەببەت بىلەن بېرىلىپ،ئىزچىل تىرىشىش، توختاۋسىز يېزىش، تەدبىقلاش ئارقىلىق 5000 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر، ماقالە، ئەدەبىي ئاخبارات، ئەدەبىي خاتىرە، شىئېر، نەسىر، نەزەرىيىۋىي ماقالە يېزىپ ئىلان قىلدۇرغان، ھازىرغىچە 26 كىتابىنى ھەر قايسى نەشرىياتلار نەشىر قىلىپ تارقاتقان.بۇنىڭدىن باشقا ئابلەت جۈمە تۇپراق 2005 – يىلدىن بۇيان  169 پارچە ھەر خىل ژانىردىكى كىتابنى نەشىرگە تەييارلاپ ۋە پىلانلاپ نەشىر قىلدۇرغان. ئۇ يازغان ئەسەرلەردىن «كامال تاپ، كامىلە؟»،«پارمىر گۇۋاھ»،«مېھرى- مۇھەببەت، خالىسلىق ئۆلمىسۇن!»،«ياشلىق باھاردىن يېلىنجىغان ئوت»،«بوشلۇق ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش توغرىسىدا» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر مەملىكەت، ئاپتونوم رايۇن تەرىپىدىن 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، كەسپىي خىزمەتلەردىمۇ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان.
ئابلەت جۈمە تۇپراق ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش