كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 0

مـەتسەئىدى مەتـقاسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 16:36:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   clip_image001.jpg

    مـەتسەئىدى مەتـقاسىم 1968 – يىل 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى كېرىيە ناھىيە كۆكيار يېزىسىنىڭ ئەگلە كەنتىدە خىزمەتچى ئائىلىسىـدە دۇنياغا كەلگەن. 1984- يىل 9– ئايدىن 1989– يىل 7- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقوغان. 1989– يـىـل 9- ئايـدىن 2005– يـىـل 4- ئايغىـچە كېرىيە ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشـلىـگەن. ئۇ 2005- يىلىـدىن ھازىرغـا قەدەر كېرىيە ناھىــيەلىك ئەدەبىـيات – سەنـئەتـچىلەر بىرلـەشـمىسىـدە خىزمـەت قىلىپ كەلمەكتە.
    مەتسەئىدى مەتـقاسىم 1984- يىلـى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ھاسا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 250 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە «تارىمـغا چېچىلـغان خىيالـلار»، «تارىمـنىڭ يۈرىكىدىكـى ئوت» قاتارلىق 17 پارچە شېئىرى خەنزۇ، ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان، «مەن قۇم دېڭىزى بالىسى» ناملىق شېئىرى 1993 -يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 1- دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . بىر قىسىم شېئىرلىرى «ئويغاق ئەۋلاد» قاتارلىق كوللېكتىپ توپـلامـلارغا كىرگۈزۈلـگەن. 2004 – يىلـى شىنـجاڭ خـەلـق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر دارۋازلىق سەنئىتى» ناملىق كىـتابـى نـەشر قىلىنـغان. ئـۇ ئىشـلىـگـەن «كېـرىيە خـەلـق نـاخشىـلىرى» (تۆت قىسىم) VCD پىلاستىنـكىسـى جۇڭـگو مىللەتلەر ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. تۆت پارچە ئاخبارات ئەسىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. كېرىيەدە نەشر قىلىنغان«كۆكبۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق سانلىرىنىڭ مۇھەررىرلىك ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن. «كېرىيە قەسىدىسى»،«كېرىيە تارىخ ماتىرياللىرى» قاتارلىق بەش پارچە كىتابنى تۈزۈش ۋە تەھرىرلەشكە قاتناشقان.،« 2007 - يىلى «كېرىيە ئاياللىرىنىڭ كىيىم - كېچىكى»نى قوغداش تۈرىنى مەخسۇس ئىشلەپ، ئۇنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى، دۆلەتنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قامۇسىغا كىرگـۈزگـەن.
     ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش