كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 0

دىلشات ئابلىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2330
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 15:56:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    dilxat abliz.jpg

   دىلشات ئابلىز، ئەر، ئۇيغۇر، 1959-يىل 7-ئايدا قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى قاغىلىق ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1995-يىلدىن 1997-يىلغىچە شىنجاڭ داشۈ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ  قاغىلىقتا ئېچىلغان تارماق سېنىپىدا يىرىم كۈن  خىزمەت قىلىپ، يىرىم كۈن ئوقۇپ پۈتتۈرگەن.

    1980-يىللىرىدىن باشلاپ،400 پارچىدىن ئارتۇق قوشاق، خەلق ماقال-تەمسىللىرى، چۆچەك، مەسەللىرى، نەشرگە تەييارلىغان. سېلىق، «ھاشىم گول»، «كۆز قىسىپ»  قاتارلىق ئون بەش پارچە ھېكايىسى ۋە ھازىرقى زامان ئەدىبلىرىدىن شۈكۈر يالقىن، زوردىن سابىر، قېيۇم تۇردى، ئىمىن تۇرسۇن توغرسىدىكى ئەسلىمىلىرى «تارىم»، «بۇلاق»، «مىراس»،«شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق گېزىت -  ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇ يەنە، سىنارىيە ۋە سەھنە ئەسەرلىرى ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «چىگرىدىكى ئوت»، ئۇچقۇن» ناملىق تارىخى تېمىدىكى كېنو سىناريەسى، سەھنە ئەسەرلىرىدىن «كىم ئەيىپلىك»، «نىكاھ كىمگە ئوقۇلىدۇ؟»، «بەش يۈز يۈەنلىك كومىدىيە» قاتارلىق ئوتتۇز پارچىدىن ئارتۇق ، دىرمما، ئېتوتلارنى يازغان بۇلارنىڭ بىر قىسمى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ۋە سەھنىلەردە ئوينالغان. يىگىرمە پارچىدىن ئارتۇق تارىخى ئەسلىمىلەرنى يېزىپ« قاغىلىق تارىخ ماتىرياللىرى»،( 1-5-)سانلىرىدا ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق ژورنال ۋە «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلىرىدە ئېلان قىلدۇرغان. «ئۇيغۇر قوناق تاماقلىرى›› ناملىق كىتابى 2004- يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدا نەشىر قىلىنغان. «كەلگۈسى ئۈچۈن» ناملىق كومىدىيسى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيچە بالىلار تىلىۋىزىيە فىلىملىرى، بالىلار كومىدىيەلىرىنى باھالاشتا.«كىم ئەيىپلىك»، ناملىق ئېتوتى، «نېمىشقا» ناملىق ناخشا تېكىستى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزىلگەن ئەدەبىي- سەنئەت كۆرىكىدە مۇكاپاتلانغان.

   ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى قاتارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ   ئەزاسى.


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش