كۆرۈش: 1003|ئىنكاس: 14

تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» كىتابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2486
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 139
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

IMG_4385.JPG

IMG_4410.JPG


  سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى تۆمۈر ۋە ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ناملىق كىتابى


گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە نوپۇسى تۈمەندىن ئاشىدىغان، ئۆزلىرىنى «سارەغ يۇغەر»، «شارا يۇغەر» دەپ ئاتايدىغان بىر مىللەت ياشايدۇ. بۇ مىللەت ئۆزلىرىنى «سارەغ يۇغەر»، «شارا يۇغەر» نامى بىلەن ئاتىشى «سېرىق ئۇيغۇر» دېيىلگەنلىكتۇر. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ش ئۇ ئا ر دىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مىللەت نامىنى 裕固 دەپ بېكىتكەن. 裕固 مىللىتى ئۆزلىرىنى «سارەغ يۇغەر»، «شارا يۇغەر» يەنى «سېرىق ئۇيغۇر» دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرىنىڭ تارىخ – تەزكىرە كىتابلىرىدا «سارىغ ئۇيغۇر» دەپ ئاتالغان بۇ ئاھالىلەر 14- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ھازىرقى ش ئۇ ئا ر رايونىدىن تېخىمۇ كونكىرىت ئېيتقاندا تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىن دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ھەمدە شۇ يەردە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىغا قوشۇلغان. دۇنخۇاڭ ئەتراپلىرىدا بىر قانچە ئەسىر ياشىغاندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يەنە بىر قېتىم كۆچۈپ ھازىرقى يۇرت ماكانى - سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىگە كۆچۈپ بېرىپ مۇقىم يەرلەشكەن.
ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلىدا (غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار) ۋە ئېڭغار تىلىدا (موڭغۇل تىلىغا يېقىن كېلىدۇ) سۆزلىشىدۇ. كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، تىبەتتىن تارالغان لاما دىنىنىڭ گېرو (سېرىق) مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن ئالغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۈچ تىل توپىدا سۆزلىشىدۇ، يەنى تۈركىي تىل، ئېڭغار تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت. بۇلار گەرچە 17- ئەسىرگىچە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان («ئالتۇن يارۇق»نىڭ شۇ دەۋرگە تالىق نۇسخىسى تېپىلغان) بولسىمۇ، ھازىر بىرلىككە كەلگەن تىلى ۋە يېزىقى يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر تۈركۈم ئالىم ئەدىبلەر يېتىشىپ چىققان. تۈركىي سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان ياگېر (جوڭ جىنۋېن، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتۇر) ۋە مارجان، باجەنلوڭ، تۈمەن يېرجان، خې ۋېيگۇاڭ، جوڭ فۇگو، جوڭ فۇزۇ، خې جىشىن، يۇلتۇز، ساردىنوف، تەڭگىر ... قاتارلىق خېلى كۆپ ئالىم، يازغۇچى، شائىرلار يېتىشىپ خەنزۇ تىل يېزىقىدا ئەسەر يېزىپ كەلگەن. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن شۆھرەت قازىنىۋاتقان يازغۇچى، تارىخچى تۆمۈر مىللىتىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
تۆمۈر ئېڭغار تىلى (موڭغۇل تىلىغا يېقىن تىل)دا سۆزلىشىدىغان شەرقىي سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچى ئائىلىسىدە 1963- يىلى تۇغۇلغان. 1987- يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستۇتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تەزكىرە ئىشخانىسى ۋە يۇغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىشخانىسىدە خىزمەت قىلغان. 2005- يىلى 1- ئايدا لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇنىڭ 4- قارارلىق ئالىي تەتقىقات سىنىپىدا (ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلىرىنىڭ سىنىپىدا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىقلار بىلەن بىرگە) ئوقۇغان. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو موڭغۇل تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»، «شىمالدىكى ئايال خاقان»، «يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى ئۇلانكىن» قاتارلىق بىر نەچچە كىتابى نەشر قىلىنغان. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ئەدەبىيات سەنئەت مۇكاپاتى، گەنسۇ خۇاڭخې ئەدەبىيات  سەنئەت مۇكاپاتى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان «مىس تۇلپار» مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. «يۇلتۇز نۇرى ئاستىدىكى ئۇلانكىن» ناملىق كىتابى 2008- يىلى مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتى بولغان «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
تۆمۈر ئاساسەن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، پوئىزىيە ۋە نەسىرلىرى مۇھىم سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ئېڭغار تىلىدا سۆزلىشىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتى، ئېغىز ئىجادىيىتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرى مەنبە قىلغان، تارىخىي ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا يېزىلغان بولغاچقا ئەدەبىيلاشقان تارىخىي ئەسەرلەر كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدۇ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ۋە «شىمالدىكى ئايال خاقان» قاتارلىق كىتابلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
تۆمۈرنىڭ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ناملىق ئەسىرى 1999- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇچە نەشر قىلىنغان، بۇ كىتاب ئابدۇراھمان مۇتىللا تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 2012- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرى تارقالغاندىن كېيىن كىتابخانلارنىڭ ھەر خىل باھالىرى، ئىنكاسلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. كىتابنىڭ مۇندەرجىسى مۇنداق:
كىرىش سۆز
ئۇيغۇرلار دۇنياغا كەلگەن سەھنە
دەسلەپكى ئۇيغۇرلار
ئۇيغۇر ئۇلۇسى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن
دەسلەپكى سېرىق ئۇيغۇرلار
چىڭگىزخان دەۋرى
كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدا
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى
سەرسانلىق سەپىرى
چىلانتاغدىكى قىزىل بۆكلۈكلەر
موڭغۇل خانلىرى دەۋرىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتى
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە
دورجى خان ۋە ئېردەنى نويان
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى
كاڭلوڭسى ساڭرامى ۋە شىلەيسى ساڭرامى
سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلاھلىرى
شاراگائول رايونىدىكى تارىختا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلەر
چىڭ سۇلالىسى ۋە مىنگو دەۋرلىرىدىكى سېرىق ئۇيغۇر جەمەتلىرى ۋە قەبىلىلىرى
سېرىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ چوڭ ئاقساقاللىرى
لوساڭ يابەي ۋە جېخۇا جاموسىڭدىن ئىبارەت ئىككى گېگەن
يېڭى كەلگەن سەرگەردانلار
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى، مابۇفاڭ گۇرۇھىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى سېرىق ئۇيغۇرلار رايونى
50- يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى
ئانا يۇرت
ئاخىرقى سۆز
ئاممىباب يېزىلغان بۇ قىسقىچە تارىخچە سېرىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ ئەسەرنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ  تەركىبىي قىسمى بولغان سېرىق ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئومۇمىيۈزلۈك مەلۇمات بېرىدۇ. كىتاب ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن بېرى كىتابخانلاردا ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. كىتابخانلارنىڭ ئىلمىي پاكىتلار بىلەن كىتابتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇشى سېرىق ئۇيغۇرلار تارىخىنى يورۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇرادىرىم تۆمۈرنىڭ كىتابىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقىنى قۇتلۇقلاش بىلەن كىتابخانلارنى بۇ كىتابنى ئوقۇپ كۆرۈشكە تەكلىب قىلىمەن. بۇ قىسقىچە تارىخ كىتابىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى مىللىتىمىز ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان سېرىق ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


mukam.cn

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2685
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 15:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت، موشۇ كىتاب بۇياقلارغىمۇ كەلگەي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 15:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈركامنىڭ بۇ كىتابىنى كۆرۈپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ باقمىغىلى خېلى زامان بولدى. يۇرتقا قايىتسام چۇقۇم بىر ئارىلايمەن.

مەن قايتىپ كەلدىم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  151
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 378
تۆھپە : 5
توردا: 47
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 17:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇشقا نېسىپ بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 834
تۆھپە : 0
توردا: 168
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 18:21:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەكلەيلى.كەلسە ئوقۇپ،ساقلاپ قۇيارمىز.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5667
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 18:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى  كۆرۈپ باقماپتىمىنا مەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2228
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 21:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىنىيەت تارىخ تەتقىقاتچىسى،غالىپ بارات ئەرىكنىڭ قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغانلىغىغا كۆپ تەشەككۇر بىلدۈرىمەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.تۇردى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-10 21:53  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  418
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 143
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-10 22:24:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بۇ كىتابنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇپ بولۇپ نۇرغۇن بايانلارغا نەسبەتەن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. سەۋەبى:
1. كىتابتا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى مۇتلەق ھالدا چىڭگىزخانغا باغلىغان.
2. ئالتۇنتاغ ۋادىسىدىن باشلاپ ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جايلاردىكى قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىنى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى، دېگەن مەزمۇندا بايان قىلغان.
3. بۇ كىتاب ئەدەبىي خاتىرە تۈسىدىراق يېزىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە كىتاب ئىسمىدىنمۇ مەلۇمكى، بۇ سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان تارىخىي يازمىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق كىتابنى يېزىشتىكى مەنبەلەر پەقەتلا ئىزاھلانمىغان. ئادەتتە كىچىك بىر ماقالىدىمۇ پايدىلانغان ماتېرىياللارنىڭ مەنبە ئىزاھاتى بولىدۇ، لېكىن بۇ كىتابتا يوق. بۇنداقتا كىتابنىڭ ئىلمىي ئاساسىغا بىر نېمە دېمەك تەس بولىدۇ.
4. مېنىڭچە غالىپ بارات ئەركتەك بىر ئەزىمەت بۇ كىتابنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشى كېرەك. بۇ تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە ئىلمىيلىككە بېرىپ تاقىشىدىغان مۇھىم ئىشتۇر...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  955
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 58
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 00:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن بۇ كىتابنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇپ بولۇپ نۇرغۇن بايانلارغا نەسبەتەن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. سەۋەبى:
1. كىتابتا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى مۇتلەق ھالدا چىڭگىزخانغا باغلىغان.
2. ئالتۇنتاغ ۋادىسىدىن باشلاپ ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان جايلاردىكى قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىنى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى، دېگەن مەزمۇندا بايان قىلغان.


بۇ توغرۇلۇق مەنمۇ بىلىدىغانلىرىمنى قوشۇمچە قىلاي:
سېرىق ئۇيغۇرلار تىل نۇقتىسىدىن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. بىرسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سېىستىمىسىدىكى غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار؛ يەنە بىرسى، موڭغۇل تىلى سېستىمىسىدىكى شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار. تۆمۈر ئەپەندى بولسا موڭغۇل تىلى سېستىمىسىدا سۆزلىشىدىغان شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلاردىن.
ئېتنىك مەنبە جەھەتتىن ئالغاندىمۇ، «شىجى - خاجۇ» داستانىنى ئېيتقۇچىلار، يەنى ئۆزلىرىنى تۇرپان، قۇمۇل ھەمدە قەدىمكى رۇراندىن كەلگەن دەپ قارىغۇچىلار دەل ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سېستىمىسىدا سۆزلەشكۈچى غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلاردۇر. شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ نەسەبىنى موڭغۇللارغا باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، تۆمۈر ئەپەندىنىڭ ئۆز نەسەبىنى چىڭگىزخانغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يازغىنى دەل ئاشۇ شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2161
تۆھپە : 4
توردا: 487
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 01:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخنى  ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا  ئوقۇپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ..
كېتاپ شىنخۇا كېتاپ خانىلىرىغا سېلىندىمىكىن..؟

سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلىڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ، نەگە بارسا خار كىشى ..




خاتىرەمدىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1410
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 749
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-31 01:01:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرق ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ تۇلۇق مەلۇماتلارنىڭ بۇلىشى ئۈچۈن باشلانغۇچ بىر يول ھازىرلىغۇسى.....

پەقەتلام مۇھەببەت.....

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2406
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 44
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 15:57:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرق ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ تۇلۇق مەلۇماتلارنىڭ بۇلىشى ئۈچۈن باشلانغۇچ بىر يول ھازىرلىغۇسى.....  ئەڭ  توغىرا  پىكرنى ئوتتۇرغا قۇيىپىسىز....
                                 

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2459
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 241
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 00:25:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتابنى ئۇقۇپ ئۇبدانراق چۈشىنىپ باقسام بولغۇدەك جۇمۇ.مەنمۇ تارىخقا بەك قىزىقاتىىم.

تىرىشچانلىق ئۇ ھەممىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2566
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 44
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 16:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5667
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-22 12:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپ ئاقسۇدا ناھايىتى تېزلىكتە تۈگەپ كېتىپتۇ،  سېتىۋېلىشقا ئۈلگىرەلمىدىم، مۇندەرجىسىگە قارىغاندا ساقلىنىش قىممىتى يۇقىرراق كىتابكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش