غەيرەت ئاسىمنىڭ «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانى «بۈگۈنكى دەۋىر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى# A6 E/ L9 h6 h% g- Z p8 X/ s
# u" ^9 f7 L4 R2 ]7 U& l7 L4 Z
0 f \- k1 }/ g, i& c+ @
$ A- w- z' u# K2 q" U
e. j3 Y# m3 j! r& `) C
' k/ m7 ~$ k" v7 {* o قوش تىللىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى غەيرەت ئاسىمنىڭ يېقىندا خەنزۇ تىلىدا يازغان «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق يېڭى رومانى خەلق ئەدەبىياتى نەشرياتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «بۈگۈنكى دەۋىر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايۇنىمىز ۋە مەملىكەت ئىچىدە تەسىر قوزغىدى. بۇ روماننىڭ ئېلىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىشى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئومۇمىي تەرەققىياتىدىكى بىر ھالقىش، بۆسۈش بولۇپ، ئۇ 2003-يىلى يازغۇچى دوڭ لىبونىڭ «بەيدۇ» ناملىق رومانى بۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى رومانى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. خەلق ئەدەبىياتى نەشرياتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «بۈگۈنكى دەۋىر» ژۇرنىلى جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئەڭ تەلپۈنىدىغان، يازغۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى دەۋىر جۇڭگو ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنىغا باھا بېرىشتە مەلۇم بەلگە خاراكتىرلىك رول ئوينايدىغان ژۇرنال بولۇپ، غەيرەت ئاسىمنىڭ خەنزۇ تىلىدا يازغان بۇ يېڭى رومانىنىڭ مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىشى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى مۇھىتىدىكى ئېلىمىزنىڭ چوڭ ئەدەبىيات توپىغا يەنىمۇ بىر قەدەم چوڭقۇرلاپ كىرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز روماننىڭ مۇۋەپىققىيىتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. غەيرەت ئاسىم ئاكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمىز.
( P% D* j7 w1 z1 L5 Y4 u# d) v" w
|