كۆرۈش: 240|ئىنكاس: 15

لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي - ئائىلىۋىي تۇرمۇش ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 12:24:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي – ئائىلىۋىي تۇرمۇش ئادەتلىرى
                                     مۇھەممەت توختى
                (لوپنۇر ناھىيىلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپ)
   لوپنۇرلۇقلار  ئەسىرلەردىن   بۇيان  ھاياتلىقنىڭ  مەنبەئەسى بولغان  سۇنى  قوغلىشىپ  ،  كۆچمەن   ھالەتتە بېلىقچىلىق ، چارۋۇچىلىق ، ئوۋچىلىق ، قىسمەن تېرىقچىلىق ...  قاتارلىق ھەر  خىل  ئىگىلىك   شەكىللىرى   ئارقىلىق  تۇرمۇش  كەچۈرگەچكە  ، ئەڭ دەسلەپ  ئىپتىدائىي  ھالدا  مۇقىم بولغان ئولتۇراق ئۆي – جايى يوق بولۇپ ، كەڭ كەتكەن زىمىندا يايلاق ، كۆل ۋە تىرىكچىلىك قىلىدىغان    ئورۇن   ئەتراپىدا  قۇرۇق جاي ۋە دۆڭلەرنى تاللاپ ئۆي  –  ماكان  قىلىپ  ھايات پائالىيىتىنى  داۋام ئەتكەن .
بۇ  ھەقتە  ھەر  خىل  پەرەزلەر  ئوتتۇرىغا  قويۇلۇپ ، تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ، قايىل قىلىش كۈچى ئانچە يېتەرلىك ئەمەس ھەمدە مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس . ئەمما مەن لوپنۇر رايۇنىدا نەچچە ئەۋلاد ياشىغان پىشقەدەملەردىن لوپنۇرلۇقلار ئەجدادلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي – ئائىلە سەرەمجانلىرى ھەققىدىكى بىر قىسىم  ئۇچۇرلارنى  ( تولۇق بولمىسىمۇ )  توپلاپ  ئوتتۇرىغا قويۇپ ،  بۇ   ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم .
يۇقۇرىدا  قەيت  قىلىنغىنىدەك  يايلاق ، كۆل  بويلىرىدا ھاۋا كىلىماتى ۋە پەسىل ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆي سەرەمجان قىلىپ ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلاپ ياشاپ كەلگەن .
لوپنۇرلۇقلارنىڭ  ئۆي  سەرەمجانلىرىنى  مۇنداق تۈرلەرگە بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ .
(1) قومۇش ئۆي (ساتما) :  لوپنۇرلۇقلار قىش پەسلىدە دەريا – كۆللەردە مۇز تۇتقاندا ئېگىز   ئۆسكەن  قومۇشلارنى يىغىۋېلىپ ، تېمپۇراتۇرا يۇقۇرى ئۆرلىگەندە ئۆزى  پائالىيەت  ئېلىپ  بارىدىغان جاي   ۋە   شۇ   جايغا  يېقىنراق   يەردىن   مۇۋاپىق   ئورۇننى ( ئېگىزرەك جاي ياكى قۇملۇق دۆڭ ) تاللاپ ، تۆت بۇلۇڭىغا توغراق ياغىچىدىن  تۆت  ئاچا  تىكلەپ   ،   ئۈستىگە  ياغاچ  قويۇپ  ،  قورشام قىلىنىدىغان توغرا ياغاچنى تۆت ئاچىغا تۇتاشتۇرۇپ  چېگە  (  لوپنۇر كەندىرى  )   دىن  ئېشىلگەن   ياكى  ئۆچكە  يۇڭىدىن  ئېشىلگەن   ئىپچەك  (  تانا  )  ئارقىلىق باغلاپ  ، قومۇشلارنى تەكشى  ھالەتتە  قورشام  قىلىنغان   توغرا   ياغاچقا   مۇۋاپىق قېلىنلىقتا يۆلەپ تىزىپ ، سىرتىدىن يەنە ياغاچ بىلەن قورشامداپ باغلاپ ، تۆت ئەتراپىنى ئېتىدۇ . ئۈستىگە يەنە   قومۇشنى  قېلىن  قىلىپ   يېيىتىپ   ئۈستىنى     ياپىدۇ  .  ئېشىكنىمۇ يەنىلا قومۇشتىن ياسايدۇ  ھەم  قۇلۇپ  سېلىنمايدۇ . بۇ قومۇش ئۆيدە ( ساتما )تېمپۇراتۇرا يۇقۇرى ۋاقىتلاردا تۇرمۇش كەچۈرگەن .
بۇ  قومۇش  ئۆيلەرنىڭ  سەرەمجانلاشتۇرۇشى  ئاساسەن مۇنداق بولىدۇ :
سۇپىنى قومۇش ، ياغاچ ۋە قۇم بىلەن ياسايدۇ . يەنى ئۇزۇن ۋە توغرا  ياغاچنى  مۇۋاپىق  كەڭلىكتە  قويۇپ  ،  بۇلۇڭىغا قوزۇق قېقىلىدۇ .ئاندىن سۇپىغا قۇم تۆكۈلۈپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قومۇش يېيىتىلىپ  .  ئوۋ   ھايۋانلىرىنىڭ   تېرىسىدىن   تەييارلانغان سېلىنجىلار  ئارقىلىق  يېتىپ  –  قوپقان  .    ئۆينىڭ سۇپا ياسالمىغان ئېشىك تەرەپىدىكى تورۇسقا چۆكۈچەك ( ياغاچ تاختا ) ئېسىلىپ ، ئۇنىڭغا كالا ، ئۆچكە سۈتى ۋە قايمىقى ، قاق بېلىق ۋە قاق گۆش ، كۆمەچ ... قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قويىدۇ . ئاچا ياغاچنىڭ  بىر  قىسىم  پۇتاقلىرى  قىسقا  كېسىلىپ كېيىم – كېچەكلەر ئېسىپ قويۇلىدۇ  .   تاماق ئېتىدىغان ئوچاق ئادەتتە ئېشىك ئالدىدىكى بوشلۇقتا بولىدۇ .
(2) گەرەم ( گەمە ) :  لوپنۇرلۇقلار  تېمپۇراتۇرىنىڭ  سوۋۇشىغا ئەگىشىپ ، قۇرغاق جاينى تاللاپ يەرنى كولاپ ، ئۈستىنى يېپىپ، گەرەم (گەمە) كولاپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ . يەنى سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى قومۇش ئۆينىڭكى بىلەن ئاساسەن  ئوخشاش  بولىدۇ  .  كولىغان گەرەم (گەمە) نىڭ بىر بۇلۇڭىدىن مورا چىقىرىپ ، شۇ جايغا ئوچاق ياساپ ، گەرەم ( گەمە) نىڭ تېمپۇراتۇراسىنى نورماللاشتۇرغان .
( 3  ) چاپلىما ئۆي : بۇ خىلدىكى ئۆينىڭ ياسىلىشى ئاساسەن قومۇش ئۆي ( ساتما ) گە ئوخشاش بولۇپ ، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ،  قومۇش ئۆي ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن لاي ئېتىلىپ ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتى ۋە ئۈستى سۇۋىلىدۇ . بۇ خىلدىكى ئۆيگىمۇ  چۆكۈچەك ئېسىلىپ ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قويۇلىدۇ.
ئۇزاق زامانلاردىن كېيىن سۇنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجى ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن . يەنى  لوپنۇر ناھيىسى تەۋەسىدىكى تىكەنلىك ، يېڭىسۇ ، كۈزلەك، چارا ، تېيىزكۆل ، ئويمانكۆل ، ئۇلۇغكۆل ،يېڭىكۆل ، چوڭكۆل ، دۆڭقوتان، قارچۇغا ، ئاقسوپى، قۇرۇقتاغنىڭ جەنۇبىي قىسمى .. ؛ چاقىلىق ناھيەسىنىڭ شىمالىي قىسمى  قاتارلىق  جايلاردا تەدرىجى ھالدا مەھەللە شەكىللەندۈرۈپ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان .
توپلىشىپ  ئولتۇراقلىشىش  جەريانىدا  قومۇش ئۆي ( ساتما ) ، گەرەم ( گەمە ) ، چاپلىما ئۆي قاتارلىقلاردىن تەدرىجى ھالدا قۇيما تاملىق ئۆي ۋە كېسەك تاملىق ئۆي ياساپ تۇرمۇش كەچۈرگەن .
يۇقۇرىدا ئېيتىلغان قۇيما تاملىق ئۆي ، كېسەك تاملىق ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تۆۋەندە توختىلىپ ئۆتىمىز .
(1) قۇيما تاملىق ئۆي (لاي قۇرۇلمىلىق ) : بۇ خىلدىكى ئۆي ياغاچ تاختا قويۇلۇپ ئوتتۇرىسىغا لاي قۇيۇلىدۇ . چۆگىلىتىپ لاي قۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن قاتۇرۇلىدۇ. بىر ئاز قاتقاندىن كېيىن ، يەنە شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆي ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ ئۆگزىسىگە ياغاچ ،  قومۇش سېلىپ  ئۈستىگە لاي سېلىنىدۇ .   ئۆگزىگە تۈڭلۈك ئېچىلىدۇ ، دېرىزە قويۇلمايدۇ . بۇ خىلدىكى ئۆيگىمۇ  چۆكۈچەك ئېسىلىپ ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قويۇلىدۇ. مەھەللە شەكىللەنگەندىن كېيىن ئۆيگە قۇلۇپ سالغان.
(2) كېسەك ئۆي  (كېسەك قۇرۇلمىلىق ئۆي) : كېسەك ئۆي – ئاساسەن سىرتقى جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ كېسەك قۇيۇپ ئۆي سېلىشىدىن بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ . كېسەك ئۆيگىمۇ دېرىزە قويۇلماي ، تۈڭلۈك ئېچىلىدۇ . كاڭ قىلغان جايغا تام ئوچاق قىلىنىدۇ . ئۆينىڭ بوش يېرىدىكى تامغا تەكچە ( ئويۇق) قىلىنىپ ، تەكچىگە قاچا-قومۇش تىزىپ قويۇلىدۇ .

idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 13:40:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ماقالىڭىزدا خېلى  ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپسىز،  ئىزدىنىشىڭىز  كۆپ بولۇپتۇ،

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 13:41:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2438
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 551
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-18

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 14:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت توختى يوللىغان ۋاقتى  2013-5-8 13:41
مەدىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

ياخشى يېزىلىپتۇ ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1235
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3129
تۆھپە : 1
توردا: 556
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 17:44:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇر ئېتنوگىراپىيسى ( لوپنۇرلۇقلار -لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئۆرپ-ئادەتشۇناسلىقى)-لوپنۇرشۇناسلىقنىڭ بىر تەركىبى قىسمى.ئاپتورنىڭ بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 889
تۆھپە : 12
توردا: 300
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 18:01:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. مەنمۇ بۇ ھەقتە خېلى ئىزدەنگەن ئىدىم. قوشۇمچە قىلىپ يەنە بىر خىل ئۆينى تۇنۇشتۇراي. مەن ئىگىلىگەن ماتېرىياللاردا لوپلۇقلارنىڭ (بىز تەرەپتە لوپنۇرنى لوپ دەيمىز) ئۆيلىرىدىن ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى «ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆي»دۇر.
بۇ خىل ئۆينىڭ تىگىگە (دىگۇڭغا) تۇغراق ياغىچى ياتقۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇغراق ياغىچىدىن قۇرۇلما ياساپ تۆت تامنى تۆتىلىك (ئەھۋالغا قاراپ قىلىن ۋە نېمپىز قىلىدۇ) توغراقتىن پەن تارتىپ ئېتىدۇ (تام ياسايدۇ). ئۇنىڭغا يانداش تاملارغا ئۆزىنىڭ قۇربىنىڭ يېتىشىچە ھەر خىل جاۋەنلەرنى ياساپ قويىدۇ. بۇنداق ئۆي زەيكەش يەرلەرگىمۇ باپ كېلىدۇ. 1946-يىلى كۈزدە بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن تۇغقانلارنى يۇقلاپ بارغان بوۋىلارنىڭ دەپ بېرىشىچە ئەينى يىللىرىدىكى تىكەنلىك، شىڭدى، دىلفا، ئاقسۇپا دېگەن جايلاردىكى تۇغقانلار (ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يۇرتلاردىمۇ بار) ھامۇت ئەلەم، ئەيسابەگ (بۇ كىشى لوپتىكى داڭلىق تەرجىمان)، غۇجى كاجى (بۇ كىشىنىڭ 1940 –يىللاردىكى چارۋىسىنىڭ سانى قوي سەككىز مىڭ، كالا مىڭ، تۆگە بەش يۈز، ئىشەك سەككىز يۈز... بولغان ئىكەن. ئۇلۇغ بوۋىلىرىمدىن بىرى يۈسۈپباي دانسىڭىخۇنى ماكان قىلغاندا غۇجى كاجى بوۋا ئۆزى كېلىپ تەكلىپ قىغان ئىكەن ۋە «مېنى غارىپ كۆرمەڭىز، مۇشۇ ساقالىم بىلەن تۇغقان دەپ كەلدىم. يامبۇلارىمنى مۇشۇ جايدىن تىزسام سېنىڭ لۈكچۈنۇڭگە بارېپ، يەنە مۇشۇ يەرگە كېلەدۇ...» دەپ بۇرمۇنچە قوشاق ئېتىتىپ بارلىق تۇغقانلارنى ئۆيىگە جەم قىلغان ئىكەن. شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرى ئەنە شۇنداق ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىسىل ئۆلەردىن ئىكەندۇق. مۇمكىن بولسا قايتا ئىزدىنىپ باقارسىز.




كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!
http://www.karizim.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 19:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت . مەن تېخىمۇ ئىزدىنىپ باقاي .
ئەزىز ھېيت كۈن ئەپەندىگىمۇ رەھمەت .

مۇھەممەت توختى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 19:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تېمىدىكى مەسىللەر ئۈستىدە كۆپراق تەتققات ئېلىپ بېرىڭ، چوڭراق بولغان ئىلىمىي ئەمگەك نەـخجىسىنى روياپقا چىقىرىشىڭىزنى  ئۈمۈد  قىلىمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1640
تۆھپە : 0
توردا: 221
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 20:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى قىممىتى بار بىر ئەقلى ئەمگەكنى رۇياپقا چىقىرىپسىز،مۇمكىن بولسا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرى(ئۆمۈر مۇراسىم ئادەتلىرى)دىنمۇ بىزنى خەۋەردەر قىلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن،ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن!

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 09:21:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچللىكنىڭ ماڭا مەدەت بەرگەنلىكى ۋە قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت . مەن يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ ، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن .

مۇھەممەت توختى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 09:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەنگىنىڭزنىڭ ئەمەلىيىتى  مۇشۇ توغىرىسىدا يازغان يەنە بىر پارچە ماقالىڭىزدا  كۆرۈلىدۇ، قېنى مەرھەممەت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:32:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئەپەندى ، رىغبىتىڭىزگە رەھمەت. مەنمۇ شۇ ئارام ئالغان ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ ماتىريال توپلاۋاتىمەن . چوقۇم دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  864
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 930
تۆھپە : 0
توردا: 304
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-13 23:59:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



4393226006153575103.jpg


لوپنۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ توي ئادەتلىرى
كېرەم سۇلايمان
لوپنۇرنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشى سەۋەبلىك خەلقنىڭ توي-تۆكۈن ئادەتلىرىدە باشقا جايدىكى قېرىنداشلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پەرقلەر ۋەئۆزگىچىلىكلەر شەكىللەنگەن. تۆۋەندە لوپنۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي قىز-يىگىت توي ئادەتلىرى ئۈستىدەتوختىلىپ ئۆتىمەن.

1. جورا تاللاش


بۇرۇن قىز-يىگىتلەر تونۇشماي تۇرۇپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ رايىغا بېقىپ توي قىلاتتى. يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن، «نىكاھ قانۇنىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى ۋەئىزچىللاشتۇرىشىغا ئەگىشىپ ئەركىن مۇھەببەتلىشىش، نىكاھتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشيولغا قويۇلۇپ، كۆپ ھاللاردا ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچەتېپىشىدىغان بولدى. قىز يىگىتلەر ئۆز ئارا تونۇشۇشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىلارئوغلىنى ئۆيلىمەكچى بولسا،«قىزىنى ئالماي، ئانىسىنى ئال» ، «قىرغاق كۆرۈپ بۆز ئال،ئانا كۆرۈپ قىز ئال» ، «قىزنىڭ ئۇزلىقى ئانىغا تالىق» دېگەندەك، قىزنىڭ ئانىسىنىچۈشىنىشكە بەكرەك قىزىقىدۇ. قىزىنى ياتلىق قىلماقچى بولغانلار «ئوغلىنىڭ مەردلىكى_ ئاتىغا تالىق» دەپ قاراپ، ئوغۇلنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى كۆپرەك بىلىشكەئىنتىلىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىن، يىگىتنىڭ ئاتا- ئانىسى ئالدىبىلەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست-بۇرادەر، قولۇم-قوشنىلىرى ھەم يۇرتتىن، ئۇنىڭدىن قالساباشقا جايلاردىن ئوغلىغا جورا ئىزدەيدۇ. تاپقاندىن كىيىن باشقىلار ئارقىلىقئوغلىغا دەيدۇ ۋە ئوغلىنىڭ پىكرىنى ئالىدۇ. ئەگەر يىگىت قوشۇلسا مۇقىم بېكىتىدۇ،يىگىت ئۆزى تاپسىمۇ بولىدۇ، لېكىن يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى شەرت.قىسقىسى ئاتا-ئانىنىڭ پىكرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، بەزىدە قىز تەرەپنىڭئائىلىسى يىگىتكە قوشۇلمىسا، ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز پىكرىنى ئېزھار قىلغۇزىدۇ.بەزىئائىلىلەر مەلۇم بىرىنىڭ ئوغلىنى ياكى قىزىنى كىچىكىدىن ياخشى كۆرۈپ كەلگەن بولسا،ھەرخىل سورۇن پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ «بالا قىلىۋالىمەن»، «ئوبدان بالا بولدى»دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئوغۇلغا ياكى قىزغا، جۈملىدىن ئوغۇل ياكى قىزنىڭئاتا-ئانىسىغا بىشارەت بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئوغۇل ياكى قىزدا، ئوغۇل ياكى قىزنىڭئاتا-ئانىسىدا بۇ بىشارەتكە مۇناسىپ بىر ئىپادە كۆرۈلسە، ئوغۇل-ياكى قىز تەرەپئۇرۇق-تۇغقان، يارۇ-بۇرادەرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىستەكلىرىنى بىلدۈرۈشىدۇ. ئىككىتەرەپ رەسمىي كۆرۈشسە ئاندىن قۇدىلىشىشقا باشلايدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئۆزلىرىگەبىۋاستە ياۋاش، تىرىشچان، ئاتا-ئانىسىز ياكى قارا يېتىم بالىلارنى تاللاپقىزلىرىدىن بىرىنى ئۇنىڭغا چېتىپ قويىدۇ، ئۇ شۇ ئۆينىڭ ئوغلى ھېسابىدا بولىدۇ، بۇئادەتتە «ئوغۇلچىلاپ كىرىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئائىلىلەر ئوغۇل بىلەن قىزنىبالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپلا كۆزىتىدۇ.بالىلار بىلەن ئويناپ، كېلىپ-كېتىپ يۈرگەن چاغلىرىدىن باشلاپ، ئاتا-ئانىلارئۇلارنى زېرەكلىكى، سۆزىنىڭ جايىدا، ھەرىكىتىنىڭ چاققانلىقى، جۇشقۇنلىق قاتارلىقجەھەتلەردىن كۆزىتىپ، شۇلاردىن بىرەرسىنى نىشانلايدۇ.يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى بىرەر قىزنى كىچىك چېغىدىلا ئوغلىغا لايىق كۆرۈپ قالسا،قىزنىڭ ئېتىكىنىڭ بىر يېرىنى ئازراق كېسىپ بەلگە قىلىپ قويىدۇ. بۇنى كۆرگەن قىزنىڭئاتا-ئانىسى بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سورايدۇ. ئەگەر يىگىت تەرەپنى لايىق كۆرگەنبولسا، قىزنىڭ كۆڭلىكىدىكى ھېلىقى بەلگىنىڭ يېنىغا كېسىپ بەلگە قىلىپ قويىدۇ، خوپكۆرمىگەن بولسا ھېچنىمە كۆرمىگەن بولىۋالىدۇ. يىگىت تەرەپمۇ جىمىپ قالىدۇ، قىزنىڭئاتا-ئانىسى يىگىتنىڭ ئەقلى-پەمىنى سىناش ئۈچۈن، بەزىدە يىگىتكە ئارغامچائەشتۈرىدۇ، ئەگەر ئارغامچىنى مىنگەش (ئىگىز-پەس)قىلماي ئەشسە سىناقتىن ئۆتىدۇ،بولمىسا سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ.قىز تەرەپ يىگىتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى سىناش ئۈچۈن، يەنەبەزىدە يىگىتنىڭ ئالدىغا قوينىڭ پاتاڭ گۆشىدىن قويۇپ، يەپ بولغاندىن كىيىن،قىرىشماللىق ئۇستىخىنىنىڭ ئۈگىسىدىن ئاجرىتىپ ئاجرىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.چۈنكى قىرىشماللىق ئۇستىخىنىنىڭ ئۈگىسى ئىنتايىن چىڭ، مۇسكۇل بىلەن ئۇستىخانئىنتايىن قاتتىق بېرىكىپ كەتكەچكە، ئۈگىسىدىن ئاجرىتىشقا زور كۈچ ۋە ئەقىل كېتىدۇ،يىگىتنىڭ قىزنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناش ئۈچۈن، يىگىتنىڭ ئالدىغا سەككىز ياشلىقئەركەك قوينىڭ بوقتاق گۆشىنى قويۇپ، يەپ بولغاندىن كىيىن ئىلىكىنى سۇندۇرۇپبېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يىگىتنىڭ ئىشچان ، جاپا -مۇشەققەتتىنقورقمايدىغان كۈچلۈك ئىرادىسىنى سىناش ئۈچۈن، يىگىتتىن كۈنگەيگە سېلىنغان يوغانجىگدە كۆتىكىنى يېرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭئەخلاق-پەزىلىتى ۋە قولىنىڭ چىۋەرلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، قىزنى تاماق ئېتىش، مېھمانكۈتۈش، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇش ۋە تازىلىق ئىشلىرىغا سالىدۇ.قىز-يىگىت ئۆزلىرى تونۇشقاندا، يىگىت قىزنى لايىق كۆرۈپ قالسا، قىزغا ئۈزۈك،بىلەزۈك، بويۇنتۇمار سوۋغا قىلىدۇ. يىگىت قىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كوچىدىن ئۆتكەچ:رۇخسەت بەرگىن قىزىلگۈل،
يانىڭغا بىر بېرىشقا.
دوست-دۈشمەننىڭ ئالدىدا،
ئۆز مەيلىمچە سۆيۈشكە.
دېگەنگە ئوخشاش ئۆزئارا بىر-بىرىنى ياخشىكۆرۈش، سېغىنىش مەزمۇنىدىكى مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىدۇ. ناخشىنى ئاڭلىغانقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناخشىنى كىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئېيتقانلىقىنى قىزىدىن سورايدۇ، ئەگەريىگىت تەرەپنى خوپ كۆرگەن بولسا يىگىتكە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تۇماق ياكى قالپاقسوۋا قىلىدۇ.قىز يىگىتكە قامچا، قەلەمتىراش، بەلۋاغ ۋەگۈل چىكىپ ئىشلىگەن قولياغلىق سوۋغا قىلىدۇ.سوۋغىنى كۆرگەن يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىسوۋغىنى كىمنىڭ قىزى بەرگەنلىكىنى سوراپ ، قىز تەرەپنى خوپ كۆرسە قىزغا ياغلىقچىگدۈرۈپ قويىدۇ.بۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ لايىققا دەسلەپكىقەدەمدە قوشۇلغانلىقىنىڭ بەلگىسى.قىز- يىگىت مۇشۇ يوسۇندا توي قىلغاندا،نىكاھ ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ، نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە قايتا نىكاھلىنىش ئىشلىرىسادىر بولمايدۇ.قىز تەرەپ قوشۇلغاندىن كىيىن ، يىگىتتەرەپ يۇرت ئىچىدىكى ئابرويلۇق، مۆتىۋەر بىر نەچچە ئەر كىشىنى قىز تەرەپكەسۆزلىشىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەلچى ئەۋەتىش تەييارلىقىدا بولىدۇ.

2. قۇدىلىشىش


ئەلچى ئەۋەتىش سۆز سالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.توي ئەلچىسى راستچىل، ھەققانىي، سەمىمىي ۋە ناتىق ئەرلەردىن بولىدۇ. ئەلچىلەرگاھىدا بىر كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلە ئوتتۇرىسىدا قىز-يىگىتنىڭياش قۇرامى، تەقى-تۇرقى، ئىسمى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئائىلە نەسەبى ۋە ئىقتىسادىيئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە ۋە تويلىشىشقا تۇتقان پوزىتسىيە توغرىسىدا خەۋەرئالماشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان كىشىلەردۇر.ھەر ئىككى ئائىلە دەيدىغان گەپ-سۆزلىرىنى،تەلەپلىرنى ئەلچىلەرگە دەيدۇ.ئەلچىلەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا خالىستۇرۇپ ئۇزۇننى قىسقا، قىسقىنى ئۇزۇن قىلىدۇ، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئەلچىسى قىز تەرەپكەسوۋغات ئاپىرىپ بېرىدۇ. سوۋغاتنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىدا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئىقتىسادىيئەھۋالىغا قارىلىدۇ، يەنى قوي، بىرەر خىش چاي، بىر نەچچە بولاق چاقماق قەنت ياكىبىر كىيىملىك ئېسىل رەختكە بىر تاۋاق بېلىق شورپىسىنى قوشۇپ ئېلىپ بارىدۇ. قىزتەرەپ سوۋغىنى قايتۇرىۋەتمىسىلا، كىيىنكى قەدەمدە قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدە ماقۇل چېيىئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەلچىلەر قىز تەرەپنىڭ ماقۇللىنى ئالغاندىن كىيىن، «ماقۇل چېيى»ۋاقتىنى بەلگىلەپ قايتىدۇ.

3. چاي ئىچۈرۈش


نىكاھلىنىش ئىشىدا ئوغۇل-قىزنىڭمۇناسىۋىتى بېكىتىلىپ بولغان ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قوشۇلغاندىن كىيىن،يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى، يۇرت ئاقساقاللىرى، يۇرت ئىچىدىكى ئابرويلۇق، مۆھتىرەم بىرقانچە ئايال قىزنىڭ ئائىلىسىگە ماقۇللىقىنى ئېلىشقا بارىدۇ، يىگىت تەرەپ قىزنىڭئاتا-ئانىسى ۋە قىزغا بىرەر كىيىملىك رەخت قويىدۇ، سوۋغاتنىڭ ئاز-كۆپلىكىدە يىگىتتەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قارىلىدۇ.قىز تەرەپ ئالدى بىلەن مېھمانلارغاداستخان سېلىپ، نان قويۇپ، سۈت -قايماقلىق چاي قۇيىدۇ، ئاندىن كىيىن پولۇ قاتارلىقتاماقلار بىلەن ئۇزىتىلىدۇ.قىز تەرەپ ئۆز رازىلىقىنى بىلدۈرگەندىنكىيىن، يىگىت تەرەپتىن بارغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ تەزىم قىلىپرەھمەت ئېيتىدۇ، چاي ئىچۈرۈش چېيى ھەم داستخان تاشلاش ھەم قىزنىڭ بېشىنى باغلاپقويۇش چېيىدۇر، ئاخىرىدا چوڭ چاي ۋاقتىنى بەلگىلىۋېلىپ قايتىدۇ.

4. چوڭ چاي ئۆتكۈزۈش


چوڭ چاي قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.چوڭ چايغا يىگىت ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە يۇرت مۆتىۋەرلىرىبولۇپ 20-30 ئادەم قاتنىشىدۇ، يىگىت تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا،چوڭ چايغا بىر تۇياق تىرىك قوي، بەلگىلىك مىقداردا گۈرۈچ، ماي، نان، چاي،قەنت-گېزەك ۋە تۇز قاتارلىقلارنى بېرىدۇ، قىز تەرەپ بۇ نەرسىلەرنى خۇشاللىق بىلەنتاپشۇرىۋالىدۇ. مېھمانلار چاي ۋە پولۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ، يىگىت تەرەپ ئۆزىنىڭتاپقىنى بويىچە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە قىزغا بىرەر قۇركىيىملىك رەخت بىلەن داستخان سالىدۇ. بۇ نەرسىلەر سورۇندا مېھمانلارنىڭ ئالدىغاقويۇلىدۇ. تويلۇق خاس تويلۇق، قويۇمچا(قويدۇرغۇچ) ۋە ئاش سۈيىدىن ئىبارەت ئۈچتۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خاس تويلۇق __ قىزنىڭ تويلۇق كىيىم- كېچەكلىرى،زىبۇ-زىننەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاش سۈيى __ مەرىكە كۈنى مېھمانئۇزىتىشقا كېرەكلىك گۆش- ياغ، ئۇن، گۈرۈچ، سەۋزە، چاي، تۇز، قەنت-گېزەك ۋە ئوتۇنقاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قىز تەرەپ ئالدى بىلەن مېھمانلارنى ياخشىكۈتىدۇ، تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن، تويلۇقنىڭ مەسلىھەتى باشلىنىدۇ. ئوغۇلتەرەپ قىز تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ،مەسلىھەت ئارقىلىق تويلۇق ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالالىغۇدەك دەرىجىدەبېكىتىلىدۇ ۋە ئىككى تەرەپ رازى بولۇشىدۇ. مەسلىھەت جەريانىدا تويلۇقنى ئىككىتەرەپنىڭ چوڭلىرى مەسلىھەتلىشىپ پۈتۈشىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى مەسلىھەتتە چوڭلارتېجەشلىك بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، قويۇمچا (قويدۇرغۇچ)نى قىز-يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋەئىككى تەرەپنىڭ چوڭلىرىغىلا قويۇشنى بېكىتىدۇ.ئاخىرىدا توي ۋاقتى، توي ئالدىدىكىتەييارلىق ئىشلار بەلگىلىنىپ چاي ئاخىرلىشىدۇ. توي كۈنىنى بېكىتكەندە ياخشى كۈن __جۈپ ئايلارنى تاللايدۇ. چوڭ چاي ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كىيىن، قىزغا بىر نەچچە قۇرتويلۇق كىيىم- كېچەك ئېلىنىدۇ، قىز-يىگىت ئىككىسى نىكاھ تىزىملاش ئورنىغا بېرىپ،نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ئالىدۇ، ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە تونۇر سېلىپ بېرىدۇ،قىز-يىگىتنىڭ قولداشلىرى ۋە قىز يەڭگىلىرى بېكىتىلىدۇ، يىگىت تەرەپ چوڭ چايدابېكىتىلگىنى بويىچە بىر نەچچە تىرىك قوي-مال، بەلگىلىك مىقداردا گۆش- ياغ، ئۇن،گۈرۈچ، ماي، سەۋزە، چاي، تۇز، قەنت-گېزەك ۋە ئوتۇن قاتارلىق ئاش سۈيىگە كېرەكلىكنەرسىلەرنى تويدىن بىر كۈن بۇرۇن قىزنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئېغىر تويلۇقسېلىنىش ئىمكانقەدەر چەكلىنىدۇ.

5. نىكاھ ئوقۇش


نىكاھ قىزنىڭ ئۆيىدە بامدات نامىزىدىنكىيىن ئوقۇلىدۇ، نىكاھ ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى «توي خېتى» كۆرسىتىلىدۇ، ئاندىن نىكاھئوقۇلىدۇ، نىكاھ ئوقۇش ئارقىلىق ئىككى ياشنىڭ توي مۇناسىۋىتى جامائەتنىڭ ئېتراپقىلىشىغا ئېرىشىدۇ، يىگىتنىڭ دادىسى مەخسۇس نىكاھ ئىشلىرىنى بىجىرىدىغان يۇرتنىڭئىمام-مەزىنلىرىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ، نىكاھ مۇراسىمىغا ئىككى تەرەپنىڭچوڭلىرى، قىز ۋە يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى،قولداشلىرى، يەڭگىلىرى، نىكاھ ئوقۇيدىغان ئىمام، يۇرت ئاقساقاللىرى قاتنىشىدۇ.ئىمام ئىككى تەرەپنىڭ چوڭلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قىزنىڭ مېھىر ھەققىنىبەلگىلەيدۇ (نۆۋەتتە مېھىر ھەققى ئادەتتە 51 يۈەندىن 351 يۈەنگىچە بولغانئارىلىقتا بولۇۋاتىدۇ، قىزنىڭ مېھىر ھەققىنى يۇقىرى بەلگىلەش ئىمكانقەدەرچەكلىنىدۇ). قىز بىلەن يىگىت يىگىت بېشىنىڭ باشچىلىقىدا ئۆزلىرىنىڭ قولداشلىرىبىلەن چىرايلىق تويلۇق كىيىملىرىنى كىيىپ، نىكاھ مەيدانىغا كېلىدۇ(قىزنىڭ يۈزىيېپىلغان ھالەتتە بولىدۇ). نىكاھ مۇراسىمى باشلىنىدۇ، ئىمام نىكاھ خۇتبىسىنىئوقۇيدۇ ۋە ئاندىن قىز ۋە يىگىتتىن بۇ نىكاھقا رازى ياكى ئەمەسلىكىنى ئۈچ قېتىمسورايدۇ، قىز كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۈچىنچى قېتىم سورالغاندىن كىيىن ئاندىن «قوبۇلقىلدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بىرىنجى قېتىم جاۋاب بېرىشتىن پەرىز قىلىنىدۇ.يىگىت بىرىنچى قېتىمدىلا «ئالدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. قىزنىڭ«قوبۇل قىلدىم» دېگىنىنى، يىگىتنىڭ «ئالدىم» دېگىنىنى ئىمام باشلىق بارلىقجامائەتنىڭ ھەممىسى ئاڭلىشى لازىم. بولۇپمۇ قىز ۋە يىگىت بىر-بىرىنىڭ جاۋابىنىئېنىق ئاڭلىشى شەرت. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، يىگىت بىلەن قىزغا «تاتلىقئاش»(تۇزغا چىلانغان نان) يىگۈزۈلىدۇ. «تاتلىق ئاش» نى ئاۋۋال يىگىت يەيدۇ، كىيىنقىز يەيدۇ. «تاتلىق ئاش» يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن، پۈتۈن جامائەت قولىنى ئېگىزكۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن نىكاھ مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ.6.توي مۇراسىمى ۋە توي كۆچۈرۈشنىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، قىز تەرەپ پۈتۈن جامائەتكەتوي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، توي مۇراسىمى مۇنداق بىر قانچە باسقۇچ بويىچەئۆتكۈزۈلىدۇ:بىرىنچى، قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئولتۇرىشى؛ ئىككىنچى، قىزنىيۆتكەش؛ ئۈچىنچى، يول توسۇش؛ تۆتىنچى، قىزنى قارشى ئېلىش(ئوتنى ئاتلاتقۇزىدۇ)؛بەشىنچى، يۈز ئېچىش؛ ئالتىنچى، سالامغا بېرىش؛ يەتتىنچى، چىللاق. لوپنۇرلۇقلارنىڭئەنئەنىسىدە توي ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئاددىي-ساددا، ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈللۈكئۆتكۈزۈلىدۇ. قىز-يىگىتلەرنىڭ تويى ئوغۇل تەرەپ بىلەن قىز تەرەپنىڭ ئۆيىدە بىركۈندە بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئادەتتە توي ۋاقتىنى چۈش ۋاقتىغا توغرىلاپ ئۆتكۈزىدۇ،ئىككى تەرەپ تويغا ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا، دوست-بۇرادەرلىرىنى قويمايچاقىرىدۇ، ئەر مېھمانلار(ھەر ئىككى تەرەپنىڭ) ئادەتتە بامدات نامىزىدىن يېنىپلاقىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولىدۇ، تويدا مېھمانلارغا ئاۋۋال نان بىلەن چايبېرىلىدۇ، ئاندىن پولۇ ۋە قورداق تارتىلىدۇ. تويغا ئەر-خوتۇن بىللە كەلسە، خوتۇنكىشى داستخانغا بىر نەچچە نان، بىر نەچچە بولاق چاقماق قەنت ياكى ئازراق رەختئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى يالغۇز كەلسە، ھېچقانداق سوۋغات ئېلىپ كەلمەيدۇ،مېھمانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئىنتايىن تارقاق ۋا شالاڭ بولسىمۇ، لېكىن تويخەۋىرىنى ئاڭلىغان ھامان ئات-ئۇلاغلىرىنى مىنىپ ياكى پىيادە بولۇپ توي مەرىكىسىگەكېلىدۇ، ئەگەر توي قىلغۇچىنىڭ قولى قىسقا بولسا، مېھماننى ئازراق چاقىرىدۇ،چاقىرىلمىغانلار ئاغرىنمايدۇ، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈندە قاچا-قۇچىلارنىڭچېقىلىپ كېتىشىدىن پەرھىز قىلىنىدۇ.تويدا توي مەشرىپى ئۆتكۈزۈلىدۇ، توي مەشرىپى توي ئۆتكۈزگەنكۈنى نىكاھ ئوقۇلۇپ، مېھمانلارغا تاماق تارتىپ بولغاندىن كىيىن باشلىنىدۇ، تويمەشرىپى قىزنىڭ ئۆيىدە قىزنى، ئوغۇلنىڭ ئۆيىدە ئوغۇلنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.مەشرەپكە ھەر ئىككى تەرەپتە ئوغۇل-قىزلار بىللە قاتنىشىدۇ، قىز قىز قولداشلىرىبىلەن بىللە پەرداز قىلىدۇ، ئالدى بىلەن ئوسما قويىدۇ. ئاندىن باشقا پەردازلىرىنىقىلىدۇ. توي مەشرىپىدە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تۈرلۈك ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيەپائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، قىز-يىگىتلەر ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.ئۇسسۇللار بېيىت ئېيتىش ئويۇنلىرى بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ ئورۇنلىنىدۇ، مەشرەپتەئاساسلىقى لوپنۇر سەنىمى ئوينىلىدۇ، لوپنۇر خەلق ناخشىلىرىدىن«قىزىل گۈلۈم»ئېيتىلىدۇ، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن ئوغلاق تارتىشىش، ئاتچاپتۇرۇش، چېلىشىش، ئىلىك سۇندۇرۇش ئويۇنى ئوينىلىدۇ، ئاخىرلاشقاندىن كىيىن تويكۆچۈرۈلۈپ مەشرەپ ئاخىرلىشىدۇ.قىز كۆچۈرۈش __ پۈتۈن توي جەريانىدىكى ئەڭ قاينام تاشقىنلىقمەنزىرىدۇر، ئوغۇل تەرەپ يىگىت بېشى باشچىلىقىدا توي كۆچۈرگۈچىلەرنى قىز تەرەپكەقىزنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ.توي كۆچۈرگۈچىلەر قىز تەرەپ ئۆيىنىڭ ئىشكىنىڭ ئالدىغاكېلىپ، توي كۆچۈرۈش بېيىتىنى ئېيتىدۇ.

بۇنىڭغا جاۋابەن قىز تەرەپمۇ بېيىت ئېيتىدۇ:


ئوغۇل تەرەپ:


دۇتارىما دۇتارىم، دۇتارىمدا پەي تارىم،


سىز قۇدامدىن قىز ئالىپ، قاندى مېنىڭ ئارمانىم.
ئارىدا كۆپ يول ماڭىپ، پۇتتا دەرمان قالمادى،
سىز قۇدامدىن قىز ئالىپ، يۈرەكتە ئارمان قالمادى.
قىز تەرەپ :
باغدا گۈللەر ئاچىلدى،
خۇش پۇراقلار چاچىلدى.
ياخشىلار بىلەن قۇدۇلۇشۇپ،
بىزنىڭ كۆڭۈل ئاچىلدى.
ئوغۇل تەرەپ:
ئەلچى بولۇپ بىز كەلدۇق،
توغرا يولغا سالارمىز.
يۈرىكىمىزنى تۇتتۇق بىز ،
قوبۇل قىلىپ ئالارسىز.
قىز تەرەپ:
قاچۇغىدا توغراقلىق،
ئۆي سېلىشقا كېرەكلىك.
ئالتۇنغا ئوخشاش قۇداملار،
تۆشنى بەرسە يۈرەكلىك.
بېيىت ئېيتىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، يىگىت تەرەپ قىزتەرەپكە بىر پارچە قوينىڭ تۆشىدىن بېرىدۇ. ئاندىن يىگىت تەرەپنى ئۆيگە كىرىشكەتەكلىپ قىلىپ، كەلگەن مېھمانلارنىڭ ئاستىغا يېڭى كىگىز ياكى يېڭى گېلەم سالىدۇ،ئالاھىدە داستخان تەييارلاپ كاتتا كۈتىۋالىدۇ، قىزنىڭ ئاپىسى ئوغۇل تەرەپنىڭئاپىسىغا بىر دانە پەتنۇستا يېڭى چەينەك، بىر دانە يېڭى پىيالە ۋە ئەينەك سوۋغاقىلىدۇ.يېڭى چەينەك، يېڭى پىيالە ۋە يېڭى ئەينەك __ قىز ئانىسىنىڭئوغۇل ئانىسىغا«ئىككى ياش يېڭى توي قىلدى، ئۆي تۇتۇشتا نۇرغۇن يېتەرسىز تەرەپلىرىبار بولىدۇ. شۇڭا قىزنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى تالاغا چىقىرىپ، يېتەرسىز تەرەپلىرىنىئۆي ئىچىدە قالدۇرۇپ، تەربىيلەپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دېگەنلىكىنىبىلدۈرىدۇ.بۇنىڭغا جاۋابەن ئوغۇل تەرەپ مۇنداق بېيىت ئېيتىدۇ.

قىز تەرەپ:


قۇدام كەلدى ئىلىدىن،
گېلەم سالدۇق پىلىدىن.
ئالتۇن ئەينەك تۇتتۇق بىز،
ئايرىماسۇن يانىدىن.

ئوغۇل تەرەپ:


ئەجەپ قىزىدى بۇ توي،
توي ئەھلىگە بارىكاللا.
قىزنى بەرگەن قۇدامغا،
رەھمەت بىلەن ھەشقاللا.

قىز تەرەپ:


ئىشىك ئالدى قوش ئارىق،
قوش ئارىقتا جۈپ بالىق.
مەن قۇدام بىلەن قۇدىلاشتىم،
ھەيران قالسۇن خالايىق.
مېھماندارچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، قىز تەرەپتىن بىرمۆتىۋەر ناتىق ئايال ئوتتۇرىغا چىقىپ قىز مېلىنى توي ئەھلىگە بىر-بىرلەپتونۇشتۇرىدۇ:

قىز تەرەپتىن مۆتىۋەر ئايال:


__ ماۋۇسىقىزىمىزنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرى، كىگىز-پالازلارى؛ ماۋۇسى قىزىمىزنىڭكىيىم-كېچەكلىرى، زىبۇ-زىننەتلىرى، ماۋۇسى قىزىمىزنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى...

(قىز مېلى ئاچقاندا ئېيتىدىغان بېيىت:)


قىز تەرەپ:


قىزىلگۈلنىڭ ئۈستىگە،
ئەتىرگۈلنى تاشلادۇق.
قۇدىلار رۇخسەت قىلسا،
سەپ ئاچىشنى باشلادۇق.
ئاچچىقىڭىز كېلىپ قالسا،
خۇشال-خۇرام تۇرارسىز.
سەپ ئاچقان قوللارغا،
شىپىڭ چىگمەي تۇرامسىز.
ئوغۇل تەرەپ:
قىلغان ئىشى سىپتا شۇنچە،
تىلى گۈزەل سىلىق شۇنچە.
قىسىۋالغىن گۈل-غۇنچە،
كۆزى بۇلاق، قاشى قىياقچە.
ئېسىل كېلىن، ئېسىل بىر قىز،
لايىق بوپتۇ ئوغلىمىزغا،
خۇشال كەلگەن بارچە مېھمان،
زوق ئەيلىسۇن تويىمىزغا.
قىز تەرەپ:
تاغقا چىقسا دۇلدۇل يىگىت،
باغقا كىرسە بۇلبۇل يىگىت.
قىلغان ئىشى بىر گۈل يىگىت،
سۆزلىشىشكە قوبۇل يىگىت.
مەن بازاردىن ئات ئالدىم ساغرىسى ئالا،
قۇدىلاردىن قىز ئالدىم گۆھەردەك بالا.
ئىككى قۇدا بىر بولۇپ مۇڭدىشىپ ئالار،
ياخشىلىقىنى تالاغا چىقىرىپ، يامانلىقىنى ئۆيدە قالدۇرار.
قىز مېلى تونۇشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، مۆتىۋەر ئايال قىزتەرەپنىڭ يىگىت تەرەپكە ئالەمچە مېھرىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، توي كۆچۈرۈشباشلىنىدۇ. قىز قولداشلىرى قىزنى ئولتۇرغان ئۆيدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئالدىغائېلىپ چىقىدۇ. توي كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى قىز قاتتىق يىغلايدۇ، بۇ يىغا قەدىرلىكدادىسىدىن، مېھرىبان ئانىسىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىش پىراقىغاچىدىماي چىقىدىغان يىغىدۇر. (تويى بولغان قىزنىڭ كۆچۈرۈلۈپ ماڭغاندا يىغلىشى ئادەتتۈسىنى ئالغان، يىراق قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يوسۇندۇر.)قىز ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلاشقاندا، يىگىت تەرەپ ئېيتىدىغانبېيىت:يىغلىماڭ قىز يىغلىماڭ، تويىڭىز بولدى،
قاچۇغىدەك بوز يىگىت جورىڭىز بولدى.
يىغلىماڭ قىز يىغلىماڭ، ۋىسال تاپتىڭىز،
ئالتۇن بويلۇق گۈل يىگىت سىردېشىڭىز بولدى.
يىغلىماڭ قىز، يىغلىماڭ،
خۇش بولۇرسىز.
قاچۇغىدەك يىگىتكە،
ھەمراھ بولۇرسىز.
بېيىت ئېيتىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن قىز ۋە يىگىتنىڭئاتا-ئانىسى ۋە جامائەت قىبلە تەرەپكە قاراپ تۇرۇ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئاقىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشى، بېشىنىڭ باش، ئايىغىنىڭ تاش بولۇشىنى ئۈمىدقىلىدۇ ۋە قىزنىڭ بېشىدىن نان ئۆرۈيدۇ، قىزنى ئېلىپ ماڭغاندا قىزنىڭ قولداشلىرىغاقوشۇلۇپ، بىر نەچچە ئايال بىللە ماڭىدۇ (قىزنىڭ يەڭگىلىرى بىر قېتىملانىكاھلانغان، بالىلىق بولغان، يولدىشى بىلەن ئىناق-ئىجىل ئۆتۈىۋاتقان، ئىشچان،چاققان، ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدىغان پەزىلەتلىك جۇۋان بولۇشى لازىم).توي يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئۆيىنىڭ يىرا-يېقىنلىقى، يىگىت تەرەپنىڭئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ چىرايلىق بېزەلگەن ئات ياكى ئېشەك خادىك ھارۋىسى بىلەننەغمە-ناۋا ئارقىلىق كۆچۈرۈلىدۇ.قىز يۆتكەلگەندە قىزنىىڭ مەھەللىسىدىكى يىگىتلەر بىر قانچەجايدا ئارغامچا تۇتۇپ تويچىلارنى توسىدۇ. يىگىتلەرنىڭ تەلىپى بويىچە تويكۆچۈرگۈچىلەردىن ئىككى يىگىت شىر ئۇسسۇلى ئويناپ، يۇمۇرلۇق بېيىت ئېيتىپئارغامچىنى يېشىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئامالسىزلىقتىن يولنى ئېچىپ بېرىدۇ.

يولنى توسقاندا ئوغۇل تەرەپ ئېيتىدىغان بېيىت:


رەھمەت دەيمۇ سىلىگە،
تەزىم دەيمۇ سىلىگە.
گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام،
كېلەلمەيلا تەڭ بىزگە.
دەردىمىزنى سورىمىسىلا،
يۈرىكىمىز ئوت بىزنىڭ.
قاراپ باقسىلا ئارقىغا،
كۆزى بىزدە ئۇ قىزنىڭ.
ئاتقا مىنسە تاۋاردىن كۆرپە سالىپ،
مەلىكەمنى باشلاڭلار ئۆيگە ئالىپ.
چارالىققا ئەرگە تەگسە ئول يارىم،
كەينىدىن تېيىز كۆللۈك يىغلاپ قالىپ.
تام ئۈستىدە ئولتۇرۇپتۇ،
بوينى ئالا بوز لاچىن.
مەھەللىڭىزگە يېڭى كەلدۇق،
ھەر تەرەپتىن يول ئاچىڭ.
قىز كۆچۈرۈلۈپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە كېلىن ھويلائىشىكىنىڭ ئىچى تەرىپىگە قومۇشقا يېقىلغان ئوتتىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ ھەم ھويلىنىڭئوتتۇرىسىغا قويۇلغان تۈپكە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن يىگىتلەر قىزنى ئاق كىگىزگەئولتۇرغۇزۇپ، ئۇدۇل قىزنىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قىز تۆردىكىئاستىغا مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتا تاش قويۇلغان پاياندازنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇلىدۇ.بارلىق جامائەت يىگىتنىڭ ئۆيىگە خۇشال-خۇرام جەم بولىدۇ.

يۇرت ئاقساقىلى:


__ ھۆرمەتلىك بالىلىرىم، سىلەرگە يىگىت ئاتىسى بىر ئۆمۈريەتكۈدەك مال-دۇنيا ھەدىيە قىلدى. بىرىنچى ساندۇق«ساداقەت ساندۇقى»، بۇ ساندۇقئارقىلىق ئەر-ئايال ئىككىڭلار بىر-بىرىڭلارغا بىر ئۆمۈر سادىق، ۋاپادار بولۇپئۆتۈڭلار. ئىككىنچى ساندۇق «ھۆرمەت ساندۇقى»، بۇ ساندۇق ئارقىلىق ئەر-ئايالئىككىڭلار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشقاندىن سىرت، قېيىنئاتا، قېيىنئاناڭلارنى خۇددىئۆز ئاتا-ئاناڭلاردەك ھۆرمەت قىلىڭلار، ئاسراڭلار، قەدىرلەڭلار. ئۈچىنچى ساندۇق«ھالاۋەت ساندۇقى»، بۇ ساندۇق ئارقىلىق ئىككىڭلار ھالال ئەمگىكىڭلار بىلەن بەختلىكئائىلە قۇرۇڭلار، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ۋاپادار بولغان بالىلارنى تەربىيەلەڭلار،قاتارغا قوشۇڭلار، تۆتىنچى ساندۇق بولسا«ئۈنچە-مەرۋايىت ساندۇقى»، بۇ ساندۇقيىگىتنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى، قوبۇل قىلغايسىلەر!يۇرت ئاقساقىلىنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، يۈز ئاچقۇبېيىتى ئوقۇلىدۇ:قىز تەرەپ:
قىزىلگۈللەر ئىچىدە،
غۇنچىسىنى ساقلادۇق.
شۇنچە خەقلەر كېلىۋىدى،
ھېچ كىشىگە باقمادۇق.
سەگىش ئۈچۈن چىمەنزار،
كۆل بويىنى ياقلادۇق،
جاندىن ئەزىز بالىمىزنى،
ئۆزلىرىگە ساقلادۇق.
ئىشىك ئالدىن باراڭلىق،
گۈل ئېچىلدى چىرايلىق.
ھەممە خەقنىڭ ئىچىدە،
كېلىن بالام چىرايلىق.
ئوغۇل تەرەپ:
چارادىن ئات ئالدۇق قوش،
ساغرىسى ئالا.
تېيىز كۆلدىن قىز ئالدۇق بىز،
ئالتۇندەك بالا.
بېيىت ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ سىڭلىسى شوخئۇسسۇل پەدىلىرىدىن بىرىگە ئۇسسۇل ئويناپ، چوكا بىلەن قىزنىڭ (يېڭى كېلىنچەكنىڭ)يۈزىدىكى ئۈچ قات پۈركەنجىسىنى بىر-بىرلەپ ئاچىدۇ. يۈزى ئېچىۋېتىلگەن كېلىن ئاۋۋالقېيىنئانا ۋە قېيىنئاتىسىغا، ئاندىن باشقا مېھمانلارغا سالام قىلىدۇ. قېيىنئانىسىكېلىننىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ:«بېشىڭلار باش، ئايىغىڭلار تاش بولسۇن. ماڭغانئىزىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن. مەڭگۈ ۋاپادار بولۇپ ئۆتۈپ كېتىڭلار!» دەيدۇ.چوڭلار قىز-يىگىتنىڭ بېشىدىن ئۇن، تۇز، نان، زىرائەت دېنىقاتارلىق نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە ئۆرۈيدۇ، ئاندىن بۇ نەرسىلەرنىئۆز مەھەللىسىدىكى قېرى، ئاجىز، كېسەلچان، بېقىنچىسى يوق كىشىلەرگە بېرىدۇ، شۇنىڭبىلەن مېھمانلار تارايدۇ، توي ئاخىرلىشىدۇ.7. سالامغا بېرىش ۋە سالامغا كىرىش توي كۈنىنىڭ ئەتىسىبولىدىغان ئىش. قىز تەرەپ توينىڭ ئەتىسى سەھەردە يىگىت سالامغا كىرىشتىن بۇرۇنئوغۇل تەرەپكە ئىسسىقلىق ئەكىرىدۇ، ئىسسىقلىقتا پولو، گۆش، مانتا قاتارلىقلارتەييارلىنىدۇ.قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپكە ئىسسىقلىق ئېلىپ كەلگەندەئېيتىدىغان بېيىت:

قىز تەرەپ:


مانتا پىشتى قاسقاندا،
بىللە يەيلى داستخاندا.
بىر كۈن تۇرۇپ ئايرىلدۇق،
بۇ قۇدۇلۇق ياراشقاندا.


كۈيۈئوغۇل قېيىنئاتا ۋە قېيىنئانىسىغا سالام بېرىش ئۈچۈنئۆز قولدىشى بىلەن سەھەردە قىزنىڭ ئائىلىسىگە بارىدۇ. قېيىنئاتا ۋە قېيىنئاناكۈيۈئوغۇلنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ. يىگىت سالامغا كىرگەندە پولو، بىر پىيالىگە لىققۇيۇلغان ناۋاتلىق چاي بىلەن مىھمان قىلىنىدۇ، ئاندىن كۈيۈئوغۇل ئۈچۈنتەييارلانغان كىيىم-كېچەكلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويىدۇ، يىگىتنىڭ قولداشلىرىغا ئۆزلايىقىدا كىيىم ياكى رەخت قويىدۇ.شۇ كۈنى سەھەردە يېڭى كېلىن قىز قولدىشى ۋە يەڭگىلىرىبىلەن، قېيىنئانا ۋە قېيىنئاتىسىنىڭ ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ، كېلىنچەك سالامغاكىرىشتىن بۇرۇن، تاڭ سۈزۈلگەن ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي، ھويلا-قورۇ، ئىشىكئالدىنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ تازىلىق قىلىدۇ.

سالام بېيىتى:


قىز تەرەپ:


ئەسسالام، كېلىن بالام سالام دەيدۇ،
كېلىن كەلدى قاراڭلار،
خۇشال ھاردۇق سوراڭلار،
تەلىم بېرىپ سەمىمىي، ياخشىلىققا بۇراڭلار.


يىگىت تەرەپ:


مۇبارەك بولسۇن، توققۇزى تەل بولسۇن،
بېشى باش بولسۇن،
ئايىغى تاش بولسۇن.
توققۇز ئوغۇللۇق، بىر قىزلىق بولسۇن،
ئالدىدا كۈن چىققاي،
كەينىدە ئاي چىققاي.
ئەتكەن ئېشى بەرىكەتلىك بولغاي،
ئوچۇق، ئىللىق چىراي بولغاي.
توپا ئالسا ئالتۇن بولغاي،
كۈل ئالسا كۈمۈش بولغاي.
سېرىق يۆگەيدەك چىرماشقاي،
يار يېلىمدەك يېپىشقاي.
ئەتىگەندە تۇرار بولغاي،
تۈڭلۈكنى ئاچار بولغاي.
مېھمانغا خۇش چىراي بولغاي،
كىشىگە ۋاپادار بولغاي.

قوتاندا قويلۇق بولسۇن،
ئات، كالىلىق بولسۇن.
ئوچۇق ئىللىق چىراي بولسۇن،
يۈزى تۆۋەن، سۆزى شېرىن بولسۇن.
ئۇچى (يىپى) ئۇزارغاي،
تۈۋى (يىلتىزى) يېيىغاي.
قېيىنئاتىسى ۋە قېيىنئانىسى يېڭى كېلىن، قىز قولدىشى ۋەيەڭگخلەرنى ئوبدان كۈتىۋېلىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان كىيىم-كېچەك،نەرسە-كېرەكلەرنى قويۇپ رازى قىلىدۇ، سالامغا بارغاندا ۋە سالامغا كىرگەندە،قىز-يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قىز-يىگىتنىڭ ياخشى ئۆتۈشىئۈچۈن ئۈمىد ئارزۇلىرى ئىزھار قىلىشىدۇ.سالام بېرىش ۋە سالامغا كىرىش ئارقىلىق، كۈيۈئوغۇل ۋەكېلىنلەرنىڭ قېيىنئاتا ۋە قېيىنئانىلىرىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ.

8. چىللاق (ھاردۇق سوراش چېيى)


ھاردۇق سوراش توي بولۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئاۋۋال ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپتىكى قۇدىلارنى، ئاندىن قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپتىكىقۇدىلارنى چىللايدۇ. چىللاق توينىڭ داۋامى تەرىقىسىدە، قۇدىلار ئۆزئار بىر-بىرىدىنھاردۇق سوراشنى ھەمدە ئىككى تەرەپتىكى قۇدىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىر-بىرى بىلەنيەنىمۇ چوڭقۇر تونۇشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يىگىت تەرەپ ھاردۇق چېيى ئۆتكۈزگەندەقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قىزنىڭ ھۇجرىسىنى ئالاھىدە پەتىلەيدۇ،ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلىرى بىلەن تويلۇقنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

9. قىز كۆرۈشتۈرۈش


يىگىت تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە يىگىت بىلەنقىزنىڭ ئۆيىنىڭ يىراق-يېقىنلىقىغا قاراپ، قىزنى ئۈچ كۈندىن 40 كۈنگىچە بولغانئارىلىقتا ئاتا-ئانىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئاپىرىدۇ. يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىقىزنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، قىز مۇۋاپىق ۋاقىتتائاتا-ئانىسىنى يوقلاپ تۇرىدۇ. يىگىت دەسلەپتە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتەئولتۇرىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئاتا-ئانىسىدىن ئۆي ئايرىش ھەققىدە رۇخسەتسوراپ، ئۆي ئايرىپ چوڭ ئائىلىدىن چىقىپ، مۇستەقىل ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.كەنجى ئوغۇل بولسا، ئەڭ ھەقلىق بىۋاستە ۋارىس ھېسابلانغاچقا،ئۆي ئايرىماي ئاتا-ئانىسىنى بېقىپ، ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇزىتىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ جايىغائىگىدارچىلىق قىلىپ، ئاتا-ئانىسى ياققان چىراقنى ئۆچۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ.

(شىنجاڭ سەنئىتى 2012.5     ئاپتور لوپنۇر ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رەيھان.ئەنھار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-14 00:02  


ئەگىسە قارا تۇمان كۆك ئاسمانىڭنى ۋاقتىنچە،
سەۋر قىل چىقار شەمسى ئېچىپ گۈلسىمان غۇنچە.
                         _ئەنھار

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 01:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بۇ ماتىريالنى تەمىن ئەتكەنلىكىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم . رەھمەت سىزگە ...

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1611
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 01:47:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھت كازىم ئەپەندى ، سىز تەمىنلىگەن ماتىريالغا ئاساسەن 70 ياشتىن ئاشقان مويسىپىتلەر بىلەن كۆرۈشيۈم . بۇرۇن  ھەقىقەتەن شۇنداق . ئۆيلەرمۇ بولغان ئىكەن ، سىز تەمىنلىگەن ماتىريالنى ماقالەمگە قوشۇشقا بولامدۇ - يوق ؟ ئىجازەت بەرسىڭىز .

مۇھەممەت توختى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش