«جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تەرەققىيات قۇرۇلىشى» قوزغىتىلدى
' B W# b/ |1 I; p6 oجۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى سوتسيالىستىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تەرجىمىنى كۈچەيتىپ، نەشىر قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش، نەزەرىيە تەنقىدچىلىك قۇرۇلىشىنى سىياسەت ۋە ئىقتىساد بىلەن قوللاشنى مەزمۇن قىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تەرەققىيات قۇرۇلۇشى»نى 2013-يىلى رەسمىي ئىشقا كىرشتۈردى. 1-ئايدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئەسەرلىرىنى قوللاش ۋە ئەدەبىيات ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، پات ئارىدا «يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسەرلەر تاللانما تومى»نى تۈزەش خىزمىتى باشلانماقچى.) ^0 u0 u- s8 |" [9 r) A
1 g, _3 S) k/ }1 g2 I- h
بۇ قېتىمقى «ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات تەرەققىيات قۇرۇلۇشى»نىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە :3 D/ f+ \- J. Y# u( c- L
بىرىنچى تۈر، خەنزۇتىلى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى ئىلغار ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى ئۆز – ئارا تەرجىمە قىلىشنى قوللاش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاساسلىقى «نادىر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىل ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش»، «نادىر خەنزۇتىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ تۈرنىڭ تەلىپىدە ئالدىنقى يىللاردا چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان پروزا، شېئىر، نەسىر، ئەدەبىي ئاخبارات ... قاتارلىق ژانىرلاردىكى ئەسەرلەر. ياكى ئۆلكە، شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر. ئەسلى ئاپتۇر ۋە ئەسەرگە مىللەت ۋە تىل چەكلىمىسى يوق، مەزمۇنى ساغلام، دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆلكە دەرىجىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ياكى نەشرىياتلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «قۇرۇلۇش ئىشخانىسى»غا خەنزۇچە ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە جەمئىيەت ھەيئەتلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تىزىملىككە تۇرغۇزۇلۇپ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۈر مەبلىغىگە ئېرىشىدۇ. خەنزۇتىلىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرگە ئالدى بىلەن ۋاقىتلىق ھالدا پەقەت موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشىيەن قاتارلىق بەش تىلغا تەرجىمە قىلىش ئاساس قىلىنىدۇ. كېيىنچە شارائىت شەكىللەنگەندە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىنىڭ بىجىرىلىدۇ./ U. }$ K w- f
ئىككىنچى تۈر، «يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئەسەرلەر تاللانما يۈرۈشلۈك تومى»نى تۈزەش تۈرى. بۇ تۈرگىمۇ تەلەپ يۇقارقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە ماس، ئىناق جەمئىيەت، ئىسلاھات نەتىجىلىرى گەۋدىلەنگەن، زامانغا ماس نادىر ئەسەرلەردىن نوپۇسى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان مىللەتلەرگە بىر توم(ئىككى قىسىم كىتاب)، باشقا مىللەتلەرگە بىر توم (بىر كىتاب) بويىچە جەمئىي 55 توم كىتاب تەييارلىنىدۇ. بۇ يۈرۈشلۈك تومنىڭ خىزمىتى 2013-يىلى 5-ئايدىن 2015-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇلۇپ تەييارلىنىپ، مەخسۇس تۈزۈش ھەيئىتى تەشكىللىنىدۇ. ئاخىرىدا مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا قويۇلۇپ، بىر تۇتاش تەستىقلىنىپ نەشىر قىلىنىدۇ.
1 P& V' e0 }4 S" C& W( f) ]
: s+ O: {! z% i0 d( j% l1 V% _مەنبە: جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئورگان تورى، 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى جاڭ شياۋفىڭ خەۋىرى.
http://www.chinawriter.com.cn/news/2013/2013-05-06/161570.html