- UID
- 698
- QQ
- 422317805
- ھوقۇقى
- 1
- ھەقىقىي ئىسمى
- ئابدۇرېشىت سۇلايمان
- يازما
- 218
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1734
- تىزىملاتقان
- 2012-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-7
- توردا
- 622 سائەت
|
|
|
|
|
يازغۇچى رىزۋانگۇل يۈسۈپنىڭ 5-توپلىمى «شەبنەم »نەشىر قىلىندى
مويەن نوبىل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خەنزۇ ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشىم ئالاھىدە كۈچەيدى .خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئوبراز يارىتشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە جۈملىلەردىكى كۆچمە مەنا يارىتىشتا تىرىشىۋاتقان يازغۇچىلاردىكى ماھارەتنى بايقاش ئۈچۈن تىرىشىپ، خەنزۇ تىلىدىن پۇختا ساۋات چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم .ۋە مەلۇم ئاساسقىمۇ ئىگە بولدۇم .دەل مۇشۇ ۋاقىتتا «شىنجاڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى باشچىلىقىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى .ئارقا –ئارقىدىن ئۇيغۇر مىللىتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بىر قانچە يازغۇچى –شائىرنىڭ كىتابلىرى نەشىر قىلىندى .ئالاھىدە دىققىتىمنى تارىتقىنى «قىزارغان سەھرا »(ھېكايىلەر توپلىمى )«يېشىل ئارمان »(ھېكايىلەر توپلىمى )«سەرۋىخان »(پوۋېسىتلار توپلىمى )«سۆيگۈ مەنزىلى »(رومان)قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا ئەدەبىياتتىكى تۆھپىلىرى ،نەتىجىلىرى بىلەن شۆھرەت قازىنىۋاتقان يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلىنغان «شەبنەم »ناملىق ھېكايە پوۋسىتلار توپلىمى بولدى .ئەسەرنىڭ نامى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارىتتى .كىتاب نامى قىلىنغان بۇ ھېكايىنى 1999-يىللىرى «تارىم »ژۇرنىلىدىن ئوقۇپ چىققان ئىدىم .ئەسەردىن زوق ئېلىشتىكى يەنە بىر ئۇسۇلنى قوللۇنۇپ، بۇ ھېكايىنىڭ ئىككى تىلدىكى نەشرىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ باشقىچە زوقلاندىم .«شەبنەم »توپلىمىنىڭ تەرجىمانى،ئاتاغلىق يازغۇچى نۇر روزىنىڭ ھاياتلىقتىكى بەلگىسى-قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىكى ئامانگۈل نۇرنىڭ تەرجىمىدىكى تالانتىدىن خۇرسەن بولدۇم ھەم يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن قىزغىن ئالقىشلانغان 12 پارچە ھېكايە –پوۋسىتلىرىنى غەلبىلىك تەرجىمە قىلغان ئىجادكارغا رەھمەت ئېيتتىم .بۇ توپلامنىڭ ئۇتۇغلۇق نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن .يازغۇچى رىزۋانگۈل يۈسۈپكە مۇبارەك بولسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 20:06
|
|
|
|
|
|
|