كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 5

تىلۋىزىيە سەنئىتىمىزگە بىر نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 11:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                  تىلىۋىزىيە سەنئىتىمىزگە بىر نەزەر     

                                               خۇدابەردى ئابىخان


         ئىلىكتىرۇن تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئىنسانىيەتنىڭ ماددى مەدىنىيەت دۇنياسىغا مىسلىسىز زور ئۆزگۇرۇشلەرنى ئېلىپ كىلىپلا قالماي يەنە ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەدىنىيەت  دۇنياسىغىمۇ ناھايىتى زور ئۆزگۇرۇشلەرنى ئېلىپ كەلدى. 20- ئەسىرگە كەلگەندە كىنۇ سەنئىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى سەنئەت دۇنياسىنى يېڭى بىر بوشلۇققا ئىگە قىلغان بۇلسا، تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ بارلىققا كىلىشى سەنئەت دۇنياسىنى يەنە بىر قىېتىم چەكسىز سەنئەت بوشلۇققا ئىگە قىلدى. بۇ بوشلۇق غايىۋى مەنزىلىگە قاراپ ئاتلانغان سەنئەتنىڭ ھەر قايسى تۇرلىرىنى ئۆزنىڭ كەسمە يۇزىدە مۇۋاپىقيەتلىك ئۇچراشتۇرۇپ، كۇچ ئۇلاپ يۇگۇرۇش ئىمكانىيتىنى ياراتتى.
        شۇنداق،تىلۋىزىيە سەنئىتى سەنئەت دۇنياسىغا يېڭدىن قوشۇلغان يېڭى تۇر ۋە يېڭى شەكىل بولشىغا قارىماي،باشقا بارلىق سەنئەت تۇرلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئالاھدىلىكىنى ئۆز ۋجۇدىغا مۇجەسسەملەشتۇرۇپ،  ھەرقايسى تۇرلەرنىڭ ماكان- زامان، تىما ،ئوبراز، شارائىت، ۋاقىت،زوقلانغۇچى، زوقلۇنىش جەريانى قاتارلىق جەھەتتىكى چەكلىمىلىكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەبئى گۇزەللىك بىلەن سەنئەت گۇزەللىكىنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ، سەنئەتنى تۇرمۇشقا، ئاممىغا تىخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ناھايىتى زور بەدىئى ئۇنۇم ۋە ئجتىمائى ئۇنۇم ھاسىل قىلىپ، سەنئەت دۇنياسىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلانغانلىقىنى جاكارلاپلا قالماي، بەلكى ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا، شۇنداقلا ھازىرقى زامان سەنئىتىدىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان چولپان تۇرگە ئايلانغانلقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇملىدىن، مىللى سەنئھتىمىز تۇرلۇك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇ تۇر بىلەن تولمۇ كىچىكىپ ئۇچراشقان ۋە كىچىكىپ تونۇشقان بولسىمۇ، سەنئىتىمىزنىڭ بۇ تۇرگە  تۇتقان پوزىتسىيىسى قىزغىن،قوبۇل قىلشى تىز بولدى.80- يىللاردا باشقىلارنىڭكىدىن  تەرجىمە قىلىپ ھوزرلۇنىشنى ئاساس قىلغان بولساق، 90- يىللارغا كەلگەندە ئۆز تۇرمۇشىمىزدىن ئېلىنغان،ئۆز قولىمىزدىن چىققان بىر قىسىم  ئەسەرلەر مەيدانغا كىلىپ، بۇ تۇرنىڭ ئۆز سەنئىتىمىز بىلەن ھەقىقى تۇردە قول تۇتۇشقانلىقى ۋە قۇچاقلاشقانلىقىنى نامايان قىلدى. شۇندىن بۇيانقى ئوننەچچە يىل مابەينىدە  تىلۋىزىيە سەنئىتى تىز تەرەققى قىلىپ، كەسىپلىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى. ئجادىيەتچى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلىپ،دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزنىڭ بىر قىسىم  سەنئەتكارلىرى ۋە پەرۋىشكارلىرىنى مەيدانغا كەلتۇردى. ئىشلەنگەن تىلۋىزىيە فىلىملىرى مەيلى سان جەھەتتىن ياكى سۇپەت جەھەتتىن بولمىسۇن تىز ئېشىپ،كۆلەم ھاسىل قىلىپ ، بازار ۋە ئائىلىلەرنى قاپلىدى. گەرچە ئىشلەنگەن تىلۋىزىيە فىلىملىرى ھەجىم جەھەتتىن قىسقا ،تىما جەھەتتىن تار، ھەم تەكرار، قۇرۇلما جەھەتتىن ئاددى بولۇپ، شەكلى جەھەتتىن كۆپ خىل بولمىسىمۇ ،بۇ فىلىملار مىللى تۇرمۇشنى بەدىئى ئومۇمىلاشتۇرۇپ ئىكرانغا ئېلىپ چىقىپ، خەلقىمىزنىڭ مىللى ئېڭنى تويۇندۇرۇش،  مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيتىش ، تەربىلەش مۇساپىسىنى باشلىۋەتتى. بۇجەرياندا « باغ، تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن، ئاتا ئارزۇسى، قاباھەتلىك چۇش، كۆمۇرچى بالا، ئالىمجان بولۇمسىزمۇ، بۇ چۇش ئەمەس، قىرلىق ئىستىكان، داپ ،پىغانلىق قەلىپ........قاتارلىق بىرقىسىم ياخشى ۋە بىر قەدەر ياخشى فىلىملەر مەيدانغا كەلدى. لىكىن يەنە بىرقىسىم فىلىملەردە خىېلى بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى. مەيلى نىمىلا دىمەيلى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ ساھەدىكى خاملىقىمىز مانا مەن دەپلا كۆرنۇپ قالدى. بۇنى مۇنداق بىرنەچچە تەرەپتىن كۆرسۇتۇشكە بولىدۇ.
    1.ھەجىم جەھەتتىن ھالقىش بولمىدى.
تېلۋىزىيە تىياتىر سەنئىتى باشقا سەنئەت تۇرلىرىگە ئوخشاش ھەجىم جەھەتتىن ئۆزىگە مۇئەييەن چەك ۋە ئۆلچەم بەلگىلمىگەن بولسىمۇ لىكىن ھەجىم جەھەتتىكى سىغىمچانلىق، ئۇزۇن–قسقىلىق تىلۋىزىيە تىياتىر سەنئىتىنىڭ مۇئەييەن تەرەققىيات سەۋيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ قالدى. ھازىر تىلۋىزىيە سەنئىتى تەرەققى قىلغان ئەللەرنىڭ تىلۋىزىيە فىلىملىرى كۆپ قىسىملىشىپ، بىر فىلىمنىڭ 400 قىسىمغا يەتكەنلىكىنى،ھەتتا بەزى فىلىملارنىڭ 30يىلدىن بىرى داۋاملىق ئۇلاپ ئىشلىنىپ ، ئاممىغا كۆرسۇتۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز . ئەمما بىزدە ھازىر بۇنداغ ئۇزۇن، كۇپ قىسىملىق فىلىملەر ئەمەس، ئادەتتىكى كۆپ قىسىملىق فىلىملەرمۇ مەيدانغا كىلەلمىدى. بىزدە ھازىرغىچە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى سەككىز قىسىم . بۇمۇ تىخى بىر- ئىككى تاللا، ئۇچكە يەتمەيدۇ. قالغانلىرنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك ئككى قىسىملىق. شۇمۇ تىخى سۇزۇپ تارتىپ ئۇزارتىلغان، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ قىسىمغا تۇشمايدۇ. بەزىسى تېخى ئككى قىسىمغا ئاران توشقىدەك كۇرنۇشلەرنىمۇ  ئۇچ- توت قىسىم قىلىۋالغان. بۇمۇ تىلۋىزىيە سەنئىتى بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقانلارنىڭ ھەجىم جەھەتتىن ھالقىش ئارزۇسىنىڭ ئىپادىسى بولشى مومكىن. ئەمما بۇ ئارزۇ بىرنى ئىككى قىلىش بىلەن ئەمەس،بەلكى بىرنىڭ بىر پۇتۇنلىكنى بۇزمىغان ئاساستا كۆرۇش ئۇنىمى ۋە ۋاقىت سىغىمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تولۇق نەزەرگە ئالغان، بىرقەدەر مۇرەككەپ سىيۇژىتلۇق قۇرۇلمىلارنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلالايدىغان، تىما جەھەتتىن كەڭ، مەزمۇن جەھەتتىن مول، ئوبراز جەھەتتىن رەڭدار، لىنىيە جەھەتتىن كۆپخىل، زامان جەھەتتىن ئۆتمۇش، بۇگۇن، كەلگۇسىگە يۇزلەنگۇدەك ئىجادىيەت سەۋىيىسى بارلىققا كەلگەن چاغدا رىياللىشىشى ۋە بۇخىل ھالقىش رۇياپقا چىقىشى مومكىن.
2.تىما جەھەتتىن كەڭ، ئوبراز جەھەتتىن رەڭدار ئەمەس.
        تىلىۋىزىيە تىياتىر سەنئىتى تىما جەھەتتىن ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، ئەركىن تاللاش ئىمكانىيتىگە ئىگە ئالاھىدە بولغان بىر خىل ئۇنۋىرسال سەنئەت شەكلى. ئۇنىڭدا مەيلى ئىنسانىيەت دۇنياسى بولسۇن، مەيلى تەبىئەت دۇنياسى بولسۇن ،مەيلى ھايۋاناتلار دۇنياسى بولمىسۇن،ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۆتمىشى، بۇگۇنى كەلگۇسى بولمىسۇن ھەممىنى بەدىئى يۇسۇندا ياكى تارىخى شەكىلدە ئىپادىلەشكە، ئەكىس ئەتتۇرۇشكە تامامەن بولىدۇ. لىكىن بىزدە ئىشلىنىۋاتقان تىلۋىزىيە  فىلىملىرىنىڭ تىما دائىرسى تولمۇ تار بولۇپ، ئائىلە، نىكا ، مۇھەببەت، ئوقۇش،دىخانچىلىق،سودا قاتارلىق ھازىرقى زامان شەھەر - يېزا تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان نەچچىلا رىيئال تىمىغا مەرگەزلىشىپ قالغان. تېخى بۇ تىمىلاردىمۇ ئائىلە زوراۋانلىغى، نىكا ،ئۇچۇنجى شەخىس ماجراسى، مۇھەببەت فاجىئەسى، ياتلىشىش، نامراتلىق، قالاقلىق ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇمۇ تىخى چۇڭقۇر، رەڭدار ئەمەس. تىما جەھەتتە تەكرارلىق كۆپ. بىرسى بىرتىمىدا فىلىم ئىشلىسە ئارقىدىنلا يەنە بىرسىمۇ شۇ فىلىمگە تەقلىد قىلىپ، شۇتىمىدا يەنە بىرنى ئىشلەۋاتقان. دورامچىلىق كۆپ، ئىجاتچانلىق كەم. بىر نەچچە فىلىمنى كۆرسە خۇددى بىر فىلىمنى كۆرگەندەك، ئەستە قالغۇدەك ئوبراز ياكى خاسلىق يوق.
ئوبراز يارتىش،تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۇرۇش سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۇرلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورتاق تەلەپ بولسىمۇ، لىكىن تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۇرۇش تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىردىن- بىر تەلەپ. باشقا سەنئەت شەكىللىرى رەڭ، بوياق،تىلغا تايىنىپ ئوبراز ياراتسا ،تىلۋىزىيە سەنئىتى تەبىئى مەنزىرە ۋە ئادەملەرنىڭ رول ئېلشىغا تاينىپ ئوبراز يارتىدۇ. باشقا سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ئوبرازى ھەرقايسى سەزگۇ ئەزالىرىنىڭ سەزگۇ ماتىرياللىرىنى سىنتىزلاش ئاساسىدا  كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ھىسسى شەكىلدە ھاسىل بولسا، تىلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئوبرازلىرى كشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا كونكىرىتنى پەيدا بولىدۇ. باشقا سەنئەت شەكىللىرى زوقلانغۇچىدىن بىلىم سەۋىيە، تەسەۋۋۇر كۇچى تەلەپ قىلسا،تىلۋىزىيە سەنئىتى زوقلانغۇچىلىردىن ئۇلارنى تەلەپ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. پەقەت كۆرۇش،ئاڭلاش سەزگۇسىنىڭ نورمال بولشىنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقا سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ئىستىتىك پائالىيەت جەريانى ۋاستىلىك، ئاستا بولسا،تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ بىۋاستە، تىز بولىدۇ. مۇشۇ نوقتىلاردىن ئېيىتقاندا تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئستىتىك ئۇنىمى ۋە ئجتمائى ئۇنۇمىنى تەڭداشسىز  دىگەن سۆز بىلەن سۇپەتلەشكە تامامەن بولىدۇ. شۇڭا تىلۋىزىيە سەنئىتى تەرەققى قىلغان ئەللەر تارىختىكى موھىم ئۇرۇش، موھىم ۋاقەلەرنى، ھەتتا  ئەپسانە ،رىۋايەت، چۆچەكلەرنى، رىئال تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرنى،ھەرقايسى قاتلام ھەرقايسى ساھە  كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بەدىئى يۇسۇندا ياكى تارىخى شەكىلدە ئكرانغا ئېلىپ چىقىپ،ئكران ئوبرازىنى خىلمۇ خىللاشتۇردى ۋە رەڭدارلاشتۇردى. ئستىتىك قىممەت جەھەتتىن دۆلەت ۋە مىللەت ھالقىغان نۇرغۇنلىغان تىپىك ئوبراز تىپىك قەھرىمانلار مەيدانغا كەلدى.بىز بۇ جەھەتتە چەكسىز تىما بوشلۇقغا ئىگە بولساقمۇ لىكىن بىزدە ئېغىزغا ئالغۇدەك تىما ياكى ئىكران ئوبرازى تېخى مەيدانغا كىلەلمىدى.
3.ۋەقە، تەپسىلاتلار چىن،رىئال ئەمەس.
        سەنئەت چىنلىققا ئىنتىلدۇ. چىنلىق بارلىق ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ جىنى. چۇنكى سەنئەت مەيلى ئۇ قايسى خىل سەنئەت بولشىدىن قەتئى نەزەر تۇرمۇشنى ئۆزىگە بىردىن بىر مەنبە قىلىدۇ. بۇ سەنئەتنىڭ تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرۇش، تۇرمۇشنى ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكىگە نىسبىتەن ئېيتىلغان بولماستىن بەلكى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە سەنئەتنىڭ تۇرمۇش ئۇچۇن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت  پائالىيەتچانلىغى، ئەكىس تەسىرىگە نىسبىتەنمۇ ئېيتىلغان. بۇ خىل ئالاھىدىلىك سەنئەتنىڭ تۇرمۇشدىن كىلىپ تۇرمۇشقا قايتىشتىن ئىبارەت ئايلانما ئىستىمال جەريانى بولۇپ ،بۇ جەريان تۇرمۇش بىلەن سەنئەتنىڭ ئۇيغۇنلۇق دەرجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىگە قاراپ بەلگىلىندۇ. سەنئەتنىڭ تۇرمۇش بىلەن بولغان ئۇيغۇنلۇق دەرجىسى يۇقرى بولسا سەنئەتنىڭ تۇرمۇشقا قايتىش جەريانى تىز، دائىرىسى كەڭ، ئۇنىمى زور بولىدو.  ئەگەر سەنئەتنىڭ تۇرمۇش بىلەن بولغان ئۇيغۇنلۇق دەرجىسى تۆۋەن ياكى ئاجىز بولسا، سەنئەتنىڭ تۇرمۇشقا قايتىش جەريانى ئاستا، دائىرسى تار، ئۇنىمى تۆۋەن بولىدۇ. بۇدەل سەنئەتنىڭ چىنلىققا ئىنتىلىشنىڭ سەۋىۋى.
        بىز دەۋاتقان ئۇيغۇنلۇق ۋە چىنلىق ھەرگىزمۇ 1=1 ،2=2دىگەندەك ئۇيغۇنلۇق ۋە چىنلىق ئەمەس، بەلكى1+1=2،2+2=4 دىگەندەك ئۇيغۇنلۇق. بۇ خىل ئۇيغۇنلۇق سەنئەتكارنىڭ تۇرمۇشنى ئوموملاشتۇرۇشى،تىپىكلەشتۇرشى، پىشىقلاپ ئىشلشى، ئوبرازلاشتۇرشى ،نەتىجىسىدە بارلىققا كىلىدىغان، تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بولمىغان ئەمما تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدەك چىنلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان ئۇيغۇنلۇق بولۇپ،ئۇ تۇرمۇش چىنلىغىنىڭ ئۆزى بولمىغان ئەمما تۇرمۇش چىنلىغى ئاساسىدا بارلىققا كىلدىغان ئالاھىدە بىر خىل سەنئەت چىنلىقىدۇر.
چىنلىق قانۇنىيتى بەدىئى قانۇنىيەتلەر ئىچىدە سالماق ئورۇن تۇتىدىغان قانۇنىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، سەنئەت ئىجادىيتىدە قەتئى ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان قانۇنىيەت ھىساپلىندۇ. ھەر بىر سەنئەت ئەسىرنىڭ بەدىئى مۇۋاپىقيىتى ئالدى بىلەن مۇشۇ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلغان قىلمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىندۇ. بۇ ئۆلچەم يالغۇز سەنئەت تەتقىقاتچىسى ۋە باھالىغۇچىللىرىنىڭ ئۆلچىمىلا بولۇپ قالماستىن بەلكى كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ۋە زوقلانغۇچىلارنىڭمۇ  ئورتاق ئۆلچىمى. بۇنى ئاممىۋى ئۆلچەم دىسەكمۇ مىنىڭچە تامامەن بولىدۇ. بۇ ئۆلچەمنى قۇللۇنىشتا زوقلانغۇچىلارغا قانداقتۇ نەزىريىۋى ئاساسلار كەتمەيدۇ. ئۇلا ئۆزلىرى ئىستىمال قىلۋاتقان سەنئەت ئەسىرىنىڭ تۇرمۇش چىنلىققا ئۇيغۇن، ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى زۇقلۇنۇش جەريانىدا ناھايىتى ئاسانلا بايقىۋالالايدۇ. ئەسەر تۇرمۇش چىنلىقىغا ئۇيغۇن بولسا ئۇنىڭ زوقلاندۇرۇش كۇچى ۋە ئىستىتىك ئۇنۇمى زور بولدۇ. ئەگەر ئەسەر چىنلىق تەلۋىگە يەتمىگەن بولسا ئۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىستىتىك ئۇنىمىدىن ئېغىز ئاچقېلى بولمايدۇ. تىلۋىزىيە سەنئىتى تۇرمۇشنى ئىكران ئوبرازى ئارقلىق كونكىرىتنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان بولغاچقا چىنلىق تەلۋى باشقا سەنئەت تۇرلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرسى كەڭ ،ئاممىۋىلىقى يۇقرى بولغان ئائىلە سەنئىتى. ئۇنىڭ ئۇچۇن ھەر بىر ئائىلە زۇقلۇنىش مەيدانى، ھەربىر ئادەم ئايرىم- ئايرىم زوقلۇنىش ئوبىكتى بولالايدۇ. تىلۋىزىيە سەنئىتى بىز يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك زۇقلانغۇچىلارنىڭ تەربىلىنىشىگە قارتا تەلەپ قويۇپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدى بىلەن ھىس قىلدىغىنى فىلىمدىكى تۇرمۇشنىڭ رىئال تۇرمۇش مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن كىلىش كەلمەسلىكى. ئۇيغۇن كەلمىسە نەدىمۇ شۇنداق ئىش بولسۇن دىگەن بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ھەممىنى يوققا چىقىردۇ- دە،پىشىنى قېقېپ قوپۇپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسەرنىڭ ئستىتىك ئۇنمىلا ئەمەس، ئەسەرنىڭ باشقا ئجتىمائى ئۇنىمىمۇ پۇتۇنلەي يوققا چىقىدۇ. شۇڭا تىلۋىزىيە سەنئىتى چىنلىق قانۇنىيىتىگە تىخىمۇ ھۆرىمەت قىلشى كىرەك. ئەمما بىزدە ئىشلىنىۋاتقان خىلى بىر قىسىم تىلۋىزىيە تىياتىرلىرىدا بۇ قانۇنىيەت نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، بىر قىسىم ۋەقە، تەپسىلاتلار تۇرمۇشتىن خېلىلا يىراقلىشىپ كەتكەن.
«يېگىت يېغلىمىسۇن» ناملىق تىلۋىزىيە فىلىمىدە ئانىسنىڭ كىسلىنى داۋالىتىشقا پۇلى قالمىغان يېگىت بۇلاڭچىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ كوچىدا رىستۇراندىن قايتقان بىر قىزنىڭ سومكىسنى ئېلىپ قاچىدۇ. دەل شۇۋاقىتتا قىزنى ئالغىلى كەلگەن قىزنىڭ يېگىتى بۇلاڭچىنى تۇتۇۋىلىپ ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە سوتتا گۇۋالىق بىرىپ تۇرمىگە سۇلتىۋىتىدۇ.بۇ، بۇلاڭچى يېگىتنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ ۋە تۇرمىدىن چىققاندا ئۆچ ئېلىشقا قەسەم قىلىدۇ. تۇرمىدىن چىقىپ يېگىتتىن ئۆچ ئېلىش ئۇچۇن يېگىت ئۆتىدىغان يولدا يېگىتنى ساقلاپ تۇرغاندا ئۇ ئۇيلىمىغان يەردىن يېگىتنىڭ كەينىدىن كەلگەن بىر ماشىنا يېگىتنى سۇقۇۋىتىپ كىتىپ قالىدۇ، يېگىت ئۆلىدۇ. يېگىت ئۆلىگەندىن كىيىن قىز ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. يېگىتنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ ئېغىر ئازاپتا قالىدۇ. بۇلاڭچى يېگىت كىيىن ئانىسنىڭ ھالىدىن ھېلقى ئۆزنى تۇرمىگە تۇتۇپ بەرگەن ۋە ئۇچ ئېلىش پەيتىدە كۆز ئالدىدا بىرسىنىڭ ماشىنا بىلەن كىلىپ سوقۇپ ئۆلتۇرۇۋەتكەن يېگىتنىڭ خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇقۇپ، يىگىتكە بۇلغان ئۆچمەنلىكى بىردىنلا مۇھەببەتكە ئايلىنىپ قىزنى ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ ئازاۋىنى يىنىكلىتىش ئۇچۇن چىراي ئۆزگەرتىش ئوپراتسىسى قىلدۇرۇپ قىزنىڭ ۋە يېگىتنىڭ  ئاتا - ئانىسنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بۇلىدۇ. دىمەك چىراي ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى ئۆلگەن ئادەمنى تىرۇلدۇرۇپ قايتۇرۇپ كىلىدۇ. مىدىسسىنا تەرەققىياتىنىڭ- ھازىرقى خەلقارا سەۋيىسىدىن ئېيىتقاندا بۇ بىمەنە ۋاقەلىكنىڭ ئىلمى ئاساسى ۋە مۇمكىنچىلكى بولسىمۇ رايۇنىمىز مىدىسسىنا سەۋيىسىدىن ئېيىتقاندا بۇنىڭ مومكىنچىلكى يۇق بىمەنىلىك. ئانىسنىڭ كىسىلىگە دورا سېتۋالغۇدەك پۇلغا چىقىش قىلالماي بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇرمىگە كىرىپ قالغان بۇ يېگىت چىراي ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيىسى قىلغۇزۇغىدەك كۇپ پۇلنى نەدىن تاپقان؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا بۇنداق بىر بىمەنە ۋەقەلىكنى تىېڭش،ئۇيغۇر پىسخىكىسى، ئۇيغۇر ئۆرپە - ئادىتى، ئۇيغۇر ئەقىدە - ئىتىقادىغا پۇتۇنلەي زىت. قارغاندا ئىجادىيەتچى چەتئەل فىلىملىرنى كۆپرەك كۆرۇپ كەتكەندەك ،ئۆزىنىڭ كىم ئۇچۇن ئىجادىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى،ئۆزى ئىكرانغا ئېلىپ چىقىۋاتقان تۇرمۇشنىڭ كىمنىڭ تۇرمۇشى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويغاندەك قىلىدۇ. « زىمىستاندىكى باھار »ناملىق فلىمدىمۇ مۇشنۇڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر ۋەقەلىك بار. باشقىلارغا تىگشنى خالىمىغان قىز ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالغاندىن كىيىن يېىگىتى ئازاپتا چۇشكۇنلۇشۇپ كىتىدۇ. يېگىتنىڭ ئىنىسى ئاكىسىنىڭ ئازاۋىنى يېنىكلىتىش ئۇچۇن يولدا تاسادىپى ئۇچراپ قالغان، ئاكىسىنىڭ ئۆلۇپ كەتكەن قىز دۇستىغا ئوخشايدىغان بىر قىزنى ئاكىسىغا ياردەم قىلىىشقا ھەقلىق تەكلىپ قىلىپ ئاكىسىنىڭ ھىجران ئازاۋىنى يىنىكلەتمەكچى بولىدۇ. ئارلىشىش جەريانىدا بۇ قىز ئۇنىڭ ئاكىسىنى ياخشى كۇرۇپ قالدۇ. يېگىتمۇ ئۇقىزنىڭ مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئازاۋىنى ئۇنتۇيدۇ. دىمەك ئوبراز يارتىش ئەمەس بەلكى ۋەقە قوغلۇشۇپ، تۇرمۇش چىنلىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنىغان بۇنداق ناچار توقۇلمىلار فىلىمنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى خېلىلا تۆۋەنلىتىۋەتكەن. «رەىھمسىز تەقدىر»ناملىق فىلىمىنىڭ ۋاقەلىكىمۇ شۇنداق بىر تۇرمۇش ئاساسى يوق ناچار توقۇلما. تىببى ئۇنۋىرسىتىتنى پۇتتۇرگەن قىز ، ساۋاقدىشى ئۇممۇتنىڭ مۇھەببىتىنى رەت قىلىپ،يۇرتىدىكى بۇرۇن ياخشى كۆرگەن يېگىتى قەدىردان بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنى ئويلاپ يۇرتىغا قايتىپ كىلىدۇ. قەدىردان ماشىنا ھادىسىدە زەخمىلىنىپ سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا قىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۇرۇدۇ. قىز يېگىتتىكى ئۆزنى كەمسىتىش ئىېڭنى تۇگۇتۇپ ئۇنىڭغا تىگىش ئۇچۇن ئۇممۇتكە خىزمەت ئىشلەپ گېلنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ گاچا بولۋالدۇ ۋە قەدىردان بىلەن تۇي قىلىدۇ. قەدىردان ئۇممۇتنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولىدۇ- دە، قىز يەنىلا ئۇممۇتكە قالىدۇ.  بۇمۇ پىرسۇناژلار خاراكتىرىنىڭ تەرەققىيات تەلۋى ياكى سىيۇژىت تەرەققىياتىنىڭ مەنتىقى تەلۋى بولماستىن بەلكى ئىجادىيەتچىنىڭ كاللىسىدىكى ئىجادىيەت سىخىمىسنىڭ ئىكراندىكى نەتىجىسى. تۇرمۇش ئاساسى يوق بۇنداق بىمەنە توقۇلمىلار بىزدە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
« ھاۋۇت پالاكەت» ناملىق فىلىممۇ باشلىنىپلا ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيەت سىگنالىنى چالغان. ھاۋۇتنىڭ دادىسىنىڭ جاڭ- دۇمباقلىق خەنزۇچە مۇزىكا ئىچىدە تەيجى گۇمپۇسى مەشىق قىلىشى بۇ فىلىمنىڭ مىللى پۇرقىنى يوققا چىقارغاندىن باشقا، چۇش، رىيئاللىق، خىيال گىرەلىشىپ كەتكەن فىلىمنىڭ بىر قاتار چۇۋالچاق بىمەنە ۋەقە-تەپسىلاتلىرى كۆرۇرمەننى ئىستىتىك دۇنياغا ئەمەس بەلكى بىمەنىلىك بىلەن تولغان تېتىقسىز دۇنياغا باشلاپ، كىشىنى تولىمۇ بىزار قىلدۇ. گەرچە فىلىمدە كومىدىيە ئۇستىدە خېلى كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ لىكىن ئىجادىيەتچى تۇرمۇشتىن كومىدىيلىك ئامىللارنى تاپالمىغان. مەيلى ھاۋۇتنىڭ  ئۆگزىدە دادىسى بىلەن ئېلىشىشى بۇلمىسۇن، دادسىنىڭ ئۆگزىدىن يېقىلىپ يەرنى ئويۇپ كىرىپ كىتىشى بولسۇن ھاۋۇتنىڭ ساھىپجامالنى قۇتقۇزۇش يولدىكى قەھرىمانلىق ھىلسى بولسۇن،غېرىپ- سەنەم چۇشى بولمىسۇن،ھەممىسى قىلچە تۇرمۇش پۇرقى ياكى ئىستىتىك قىممىتى بولمىغان بىمىنە تۇقۇلمىلار،خالاس.
«ئانا قاتىلى»فىلىمنىڭ ۋەقەلىك تەرەققىياتى ئاكا – ئۇكا ئوتتۇرۇستىكى زىددىيەتكە يۇكلەنگەن بولۇپ، بۇ زىددىيەت- توقۇنۇشلار پەقەت ئىنىسى شامىلنىڭ  ۋۇجۇدىدىكى ئاكىسىغا نىسبىتەن پەيدا بولغان ھەسەتخۇرلۇقنى مەنبە قىلغان ئۇچمەنلىك ئاساسىدا پەيدا بولغاندىن باشقا ،يەنە ئاچكۆزلۇك،شاللاقلىق نەپسانىيەتچىلىك،ئالدامچىلق ، كوڭلى قارىلىق ، ۋاپاسىزلىققا ئوخشاش بىرقاتار ئىللەتلەر بىلەن تۇگەللەنگەن بىمەنە خاراكتىرىنى بارلىققا كەلتۇردۇ. بۇ ۋەقەلەر شامىل خاراكتىرنى يارتىش ئۇچۇن خىزمەت قىلغاندەك كۆرۇنسىمۇ لىكىن شامىلنىڭ ئىجتىمائى ئورنى، ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەت بوشلىقىدىن ئېيتقاندا بۇخىل ۋەقەلەر ئۇنىڭغا زادىلا ماس كەلمەيدۇ. چۇنكى شامىل مۇئاۋىن يېزا باشلىقى،ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاشۇ خىل ناچار ئىللەتلەر بىلەن تولغان خاراكتىرىدىن ئالغاندا ئەگەر ئۇنىڭغا پۇل لازىم بولسا دۆلەت ياكى كوللىكتىپنىڭ مال مۇلكىگە قول ئۇزۇتىشى،خىيانەت قىلشى،ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارخۇرلۇق قىلىشى، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى قاقتى- سۇقتى قىلشى تامامەن مومكىن . كىشلەرنى ئالداپ قەرىز ئېلشى، قەرىز قايتۇرالماي يېزا ساقچىخانىسىدا داۋادا يۇرشىنىڭ، ئۆزنىڭ ئۆيىگە ئۆزى ئوغۇرلۇققا كىرشىنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق. شامىل ئوبرازىنى يارتىشتىكى بۇ پائالىيەت بوشلىغى نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ، پرسۇناژلارنى مۇۋاپىق پائالىيەت سۇرۇنىغا ئىگە قىلالمىغاچقا بۇ ناچار توقۇلمىلار پىرسۇناژ خاراكتىرىنى يارتىش ئۇچۇن خىزمەت قىلالمايلا قالماستىن بەلكى ئەسەرنىڭ تۇرمۇش بىلەن بۇلغان مۇناسىۋىتىنى، تۇرمۇش ئاساسىنى پۇتۇنلەي يوققا چىقارغان. شامىلنىڭ يىزا باشلىغى بولۇشتىن ئىبارەت چوڭ بىر ئىجتىمائى ئىشنى تەشكىلنىڭ  شامىلنىڭ ئائىلىسىگە تىلفۇن قىلىپ ئۇقتۇرشى، پەيچۇسۇدا  شامىلنىڭ ئادەم( سوجاڭنى) ساقلاپ تۇرشى(،ئەڭ قىززىقى بۇ يېزا باشلىقىنى يېزا ساقچىخانىسىدىكى خادىمنىڭ بىلمەسلىكى)  شامىلنىڭ كۇپكۇندۇزدە، يەنە كىلىپ ئانىسنىڭ ئالدىدا ئاكىسىنى ئۆلتۇرۇش ئۇچۇن پىچاق كۆتۇرۇپ كىلىپ، ئاپ- ئاشكارا قاتىللىق قىلشى قاتارلىق بىرقاتار تەپسىلاتلارنىڭمۇ باش–ئاخىرى ماسلاشمىغان، سەۋەپ - نەتىجە مۇناسىۋىتى  مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغان، تۇرمۇش چىنلىقى  يوق ناچار توقۇلمىلار.  
«ئۇچ ئوغۇل» بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەسى ئار- نۇمۇسنى بىلمەيدىغان، كۆيۇم شەپقەت، مىھرى- مۇھاببەتتىن ئەسەر يوق، ئىنسان قەلبىدىن چىققان ئاچكۆز  ئوغۇللارنىڭ ئاتىسىنى تىلەمچىلىككە سىلىپ پۇل تېپشتىن ئىبارەت رەزىل قىلمىشى سىيۇژىت لىنىيىسى قىلىنغان بولۇپ،ئوت ئاپىتىدە كۆيۇپ يارلانغان دادىسىنى داۋالىتىشتىن باشلانغان زىددىيەت - توقۇنۇش دادىسىنى بېقىش،   تىلەمچىلىككە سىلىپ پۇل تىپىش، ھەتتا دادىسىنى سېتىۋىتىشكىچە كىڭىيىپ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمىگۇدەك قاباھەتلىك رەزىل تۇرمۇش موھىتى يارتىلغان. شۇنداق بالىلار بار دىيىلسە كىم ئىشىنىدۇ، ئۇلار ئادەممۇ ھايۋانمۇ؟ بۇ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوبرازىغا چۇشكەن داغ. خەيرىيەت بۇ فىلىمنى باشقىلار كۆرۇپ قالمىسۇن.
4. ئىددىيۋى مەزمۇن ئاكتىۋال ئەمەس.
ھەرقانداق سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئىستىتىك رولى ۋە تەربىۋى رولى بولدىغانلىقى ئوقۇرمەنگە سىر ئەمەس. بۇ ئىككىسى ئەسەرنىڭ بىر پۇتۇنلىككە ئىگە ئىككى تەرپى بولماستىن بەلكى ئەسەرنىڭ سىيۇژىت تەرەققىياتى ۋە ئوبراز سىستىمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىگە  ئەگىشىپ تەدىرجى مەيدانغا كىلىدىغان ۋە بىر بىرنى تەقەززا قىلىدىغان ئورگانىك بىرلىك. ھەر قانداق بىر سەنئەت ئەسىرى مۇشۇ بىرلىك ئاساسىدا مەيدانغا كىلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەمىن ئىتىدۇ. بۇ بىرلىكنىڭ ئىشقا ئېشىشى سىيۇژىتنىڭ ئىدىۋى سىغمى، ئاپتۇرنىڭ شۇ ئددىۋى سېغىمنى ئېچىپ بىرىش جەريانىدا قوللانغان بەدىئى ۋاستىللىرى ،شۇنداقلا ئوبرازغا سىڭگەن ئددىۋى ھىسياتىغا باغلىق بولىدۇ. بەزىدە ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇش بىلمى ۋە تۇرمۇش پوزۇتسىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بىر سىيۇژىتتىن ئوخشاش بولمىغان ئددىۋى مەزمۇن قېزىپ چېقىلشى ياكى سىيۇژىت ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىۋى سىغىم تولۇق قېزلماسلىقى،ياكى ئۇنداق- مۇنداق بىر تەرەپ قىلنىپ ، ئەسەرنىڭ تەربىۋى ئەھمىيتىگە زۇرۇل بۇلغان ئاكتىپ ئامىللارغا سەل قارىلىپ، پاسىپ ئامىللار گەۋدىلىنىپ قىلشى مومكىن. بۇنىڭغا« ئىلتىپات ۋە ئىھتىيات» ناملىق فىلىمنى مىسال قىلىش مومكىن. بۇ فلىم ئەسلى ھاۋۇت پالاكەتنىڭ داۋامى بولۇپ،ھاۋۇت پالاكەت كىيىنكى كۇنلەردە ئۆزنىڭ ھورۇنلىغى ۋە ئەخمىقانە خىياللىرنى تاشلاپ ئاشخانا خوجايىنى بۇلۇپ قالدۇ ۋە بىر كۇنى كوچىدا بىر سەرگەردان بالىنى باشقا بالىلارنىڭ بوزەك قىلۋاتقانلىقنى كورۇپ،ئۇبالنى ئۇلارنىڭ قولدىن قۇتقۇزۋالدۇ،ھەم خەيرىخالىقى تۇتۇپ بالىنى ئاپىرىپ مىھمان قىلىپ تويۇندۇرۇپ ئۆيگە كىتىۋىلشنى تاپىلاپ،ماشىنىغا سېلىپ قويدۇ . ھاۋۇت ئۇزۇن ئۆتمەي كوچىدا بالىنىڭ يەنە باشقىلارنى ئالداۋاتقاننىڭ ئۇستىگە كىلىپ قالىدۇ . ھاۋۇت بالنى تۇتۇۋىلىپ نەسھەت قىلىپ، يۇرتىغا يولغا سېلىپ قويدۇ. بىر قېتىم يۇرتىغا بېرش سەپىردە ئۇ  ئولتۇرغان ماشىنا يولدا بىر توپ ئالدامچى بالا ئوغرىلارغا ئۇچرايدۇ. ھاۋۇت ئۇلارنىڭ ئارىستا ھېلقى بالنى كۆرۇپ ئەجەپلىنىپ قالدۇ ۋە ئۆز ئەجىرنىڭ زايە كەتكىنىنى،ئۆزنىڭ  پۇتۇنلەي سەرگەندان بالا تەرپىدىن ئالدانغانلىقىنى ھىس قىلىپ، بالىنى ئالدامچى دەپ ئۆكنىش ئىچىدە فىلىم تۇگەيدۇ. بۇخىل يىشىم كىشىگە قانداق ئىددىۋى ھىسياتنى بەخىش ئىتىدۇ؟ سىنىڭ ياخشىلىقىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن ئەخمەقلىقىڭ، كىشلەر ئەنە شۇنداق بىچچارە قىياپەتكە كىرۋىلىپ سىنى ئالدىشى مومكىن. ئۇ ئەمىلىيەتتە بىچچارە ئەمەس بەلكى شۇخىل بىچارىلىقنى كەسىپ قىلىپ كىلىشىلەرنى ئالداپ قاقتى- سوقتى قىلۋاتقان جەميەتنىڭ تۇزەلمەس داشقاللىرى. شۇڭا ئىلتىپات قىلىشتىمۇ ئىھتىيات قىلش كىرەك. مانا بۇ بۇخىل يېشىمنىڭ كىشلەرگە سىڭدۇردىغان ئىددىۋى ھىسياتى. بۇخىل ئىددىيىنىڭ قانداقمۇ ئىجابى ئەھمىيتى بۇلسۇن. ئىجابى ئەھمىيتى يوقلا بولۇپ قالماستىن بەلكى ئەكسىچە  سەلبى تەسىر ئېلىپ كىلشى چوقۇم. كىشلەر بىچچارە مىسكىنلەرنى كۆرگەندە ئھتىياتچان بۇلۇپ، گۇمانسىراپ، ئىشەنمەي ھىسداشلىق، خەيرىخالىق قىلماسلىقى كىرەكمۇ؟ ھەرگىزمۇ بۇ ئىجابى پىكىر ئەمەس. ئەمىلىيەتتە مۇشۇ سىيوژىتنىڭ مەزمۇن سىغىمدىن ئېيتساق ھاۋۇتنىڭ تىرشىپ ئىشلەپ ئىگلىك تىكلىگەندىن كىيىن خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇپ جەميەتكە، خەلىققە تۆھپە قوشۋاتقانلىقىدىن ئەسلىڭنى ئۇنۇتما،ياخشىلىق قىلساڭ ياخشىلىق كۆرسەن،دىگەن ئىددىينى  قېزىپ چىقىشقىمۇ ،«بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس بىر يامانلىق »دىگەن ئىددىنى قېزىپ چىقىشقىمۇ، ئىنسانلار ئۆز- ئارا ياردەمگە مۇھتاج. ئۇ مۇھتاج بولغاندا  قىلغان ياردىمىڭ ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى يامان يولدىن قايتۇرۋىلشى مومكن، دىگەن ئىددىنى قېزىپ چىقىشقىمۇ ،باللارغا كۆڭۇل بۆلەيلى ، بالىلارغا كۆڭۇل بۆلۇش پۇتكۇل جەمىيەتنىڭ مەسئۇلىيتى، چۇنكى ئۇلار كەلگۇسىنىڭ قۇرغۇچىللىرى،بىزنىڭ كەلگۇسىمىز، دىگەن ئىددىنى قېزىپ چىقىشقىمۇ بولىدۇ. دىمەك، سىيوژىت ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىددىۋى سىغىم ئىجابى تەرەپتىن كۇزتۇلمىگەن ۋە قېزىلمىغان.  سەنئەت گۇزەللىككە ئىنتىلىدۇ. گۇزەللىك سەنئەتنىڭ شەكىل گۇزەللىكىلا ئەمەس،يەنە شۇ سەنئەت ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن پىكىر گۇزەللىكى بىلەن مەنە تاپىدۇ.
«باغ»، تىلۋىزىيە تىياتىر سەنئىتى بىزگە كىرگەن دەسلەپكى يىللاردا ئىشلەنگەنلىكىگە قارماي خېلىلا ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم ئىدى. مۇشۇ فىلىمدىنمۇ ئاممىنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۆرەش روھىغا سۇغۇق سۇ سىپىدىغان بىر ئىددىۋى ھىسيات كۆرنۇپ تۇردۇ. فلىمدە پىرسۇناژلارنىڭ پائالىيەت سۇرۇنى قىلىپ تاللانغان باغ بۇلغانغان تىپىك موھيىت . بۇ موھىيتتا بۇلغۇنۇپ چىرىكلەشكەن سادىق ئاممىنىڭ كۆرشى ئارقىلىق ئاغدۇرلۇپ كۆرەشنىڭ باشلامچىىسى، سادىقنىڭ بۇخىل قىلمىشىدىن ئىنتايىن يېرگىنىدىغان ياسىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي ياسىنمۇ بۇلغۇنۇپ چىرىكلىشىپ سادىقتىن ئېشىپ چۇشدۇ. سىيۇژىتنىڭ بۇخىل قانات يېيېشى «ئانا ئىچكۇچىنى يامان دىسەڭ،قان ئىچكۇچى كىردۇ» دىگەن بىر ھەقىقەتنى كىشلەرنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيدۇ. گەرچە يېشىمدە ياسىننى ئۇگۇنۇش كۇرسىغا يولغا سىلىش ئارقىلىق بۇخىل تەسىرنى يۇيۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ لىكىن بۇخىل ئۇرنۇش سىيوژىت ئېچىپ بەرگەن ئىددىۋى مەزمۇننى تازلىۋىتىشكە قادىر بولالمىغان.
5. قۇرۇلما پۇختا ، مۇكەممەل ئەمەس.
        ئارتىسلارنىڭ رۇل ئېلىشدىن تارتىپ بىر پۇتۇن ئوبراز سىستىمىسىنى ھاسىل قىلغىچە،  سۇرەتكە ئېلىشتىن تارتىپ كىرۇشتۇرۇشكىچە بولغان جەرياننى نەزەردە تۇتقاندا تىلۋىزىيە سەنئىتىنى قۇرۇلما سەنئىتى دىيشكىمۇ بولدۇ. شۇڭا باشقا سەنئەت شەكىللىرىگە قارىغاندا تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ قۇرۇلمىسى تىخىمۇ كۇچ تەلەپ قىلىدۇ. ئەدىبى ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلمىسى سيۇژىت بىلەن چەكلەنسە، تىلۋىزىيە سەنئتىنىڭ قۇرۇلمىسى سيۇژىت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. يەنە ھەر- بىر جىسىم ،ھەر- بىر ھەركەت، چىراي، قىياپەت، مەنزىرە، يىراق- يېقىن كۇرنىشلەر، نۇر، رەڭ قاتارلىقلار مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇشنىلا ئەمەس بەلكى مۇنتاژلىق، كىرىشتۇرۇش تىخنىكىسى ئارقىلىق سەنئەتلىك بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لىكىن بىزدە ئىشلىنىۋاتقان خېلى كۆپ ساندىكى تىلۋىزىيە فىلىملىرىدە بۇ تەرەپتىكى تېخنىكىلىك مەسىلىلەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغاننىڭ سىرتىدا سىيۇژىت قۇرۇلمىسىمۇ مۇكەممەل،پۇختا  ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان. ئەسلىمە خاراكتىرلىق  ئىپادىلەش شەكلى بىر قەدەر كۆپ قوللۇنىلغان. بۇخىل ئىپادىلەش  شەكلى يېزىق ياكىى تىل ئارقىلىق ئوبراز يارتىلىدىغان سەنئەت شەكىللىرىگە نىسبىتەن بايانچىنىڭ 1-2-3-بايانچى(ئاڭلىغىنىنى بايان قىلغۇچىلار) بولشىنىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق. باياننىڭ ئۇنىمىگە تەسىر كۆرسۇتۇپ كەتمەيدۇ. لىكىن ئىكران ئوبرازى كۆرۇرمەننىڭ تەسەۋۋۇرىدا ئەمەس،كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغان بولغاچقا 2-3- بايانچىنىڭ بايانى ئىكران ئوبرازىنىڭ تەلۋىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەسلىمىنى پەقەت ئۆزى شۇ ۋەقەگە بىۋاستە قاتناشقۇچى ئەسلەشكىلا بولىدۇكى ئاڭلىغۇچىنى ئەسلىمىگە سېلىشقا زادىلا بولمايدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ ئىرىشكىنى ۋاستىلىق ھاسىلات (ئاڭلىغان، كۆرگەن ئەمەس) ئاڭلىغان ھاسىلات ھامان ئاڭلىغۇچىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا پەيدا بولىدۇ. ئىنچىكە تەپسىلاتلار ھامان ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. بايانچىمۇ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئەينەن بايان قىلىپ بىرەلىشى مومكىن ئەمەس. مومكىن بولسىمۇ ئاڭلىغۇچى ئىككىنچى بىرسىگە بايان قىلغاندا چوقۇم ئۆز تەسەۋۋۇر كۇچىگە تايانغاچقا ئەسلىمە ئەينەنلىكتىن يىراقلىشىپ كىتىدۇ. ھەم ئىكران ئوبرازىنىڭ چىنلىق تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لىكىن بىز تىلۋىزىيە سەنئىتىدە بۇ تەرەپلەرگە ئانچە ئىتىبار قىلىپ كىتەلمەيۋاتىمىز. بىزدە ئەسلىمىلىك قۇرۇلما بىرقەدەر كۆپ. ئەسلىمە ئىچىدە ئەسلىمە،ئەسلىگۇچىنىڭ نەخمەيداندا بار يوقلۇقى بىلەن ھىساپلاشمايمىز. «قان ۋە جىنايەت » ناملىق فىلىمنىڭ تىمىسى بىر قەدەر ئاكتىۋال بولسىمۇ لىكىن سىيۇژىت لىنىسى رىئاللىق بىلەن ئەسلىمە ئوتتۇرسىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئەسلىمە ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. قۇرۇلما بىر قەدەر چۇۋالچاق،ھاجەتسىز ئەسلىمە تەپسىلاتلار بىرقەدەر كۆپ. ئەسلىمە ئىچىدە ئەسلىمە ، بوۋاينىڭ ئەسلىمىسى ئىچىدە سەۋرىنىسا (يېگىتنىڭ بېقۋالغان ئانسى) نىڭ ئەسلىمىسى. ئۇنىڭ ئۇستىگە غۇلجىدىكى بوۋاينىڭ قەشقەردىكى ئىشنى ئەسلەپ بىرشى ئىكران ئوبرازنىڭ تەلىۋىنى قانائەتلەندۇرشى ناتايىن. چۇنكى ئەسلىمە ئەسلىگۇچىنىڭ خىيال ئىكرانىدا كونكىرىتنى پەيدا بولدۇ. ئاڭلىغۇچى ئاساسى مەزمۇننى بايان قىلىپ بىرەلىسىمۇ لىكىن كۇنكىرىتنى كۇرنىش ھاسىل قىلالمايدۇ. زومۇ- زۇ ھاسىل قىلىنغان كۆرنىش كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ.«سۆيگۇ قىساسى»ناملىق فىلىمنىڭمۇ قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق. ئەسقەرنىڭ ئاغىنىسى ئەسقەرنىڭ ئىشىنى ئاينۇرغا ئەسلەپ بىردۇ.  ۋەقە- تەپسىلاتلارنىڭ سەۋەپ- نەتىجە مۇناسىۋتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغان. تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك تەرەپلەر تاپشۇرۇلمىغان. «كۆڭۇل»ناملىق فىلىمنىڭمۇ قۇرلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس.ئەسقەرنىڭ ئىككەيلەننى كۆرۇشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغانلىقى ئۇلارنىڭ تونۇشمايدىغانلىقىنى چۇشەندۇرسە، ئادىلەنىڭ تاھىرنى دەپ يۇرتىغا قايتىپ كىلشى نىمىنى چۇشەندۇرىدۇ؟ دىمەك ئۇلار ئەزەلدىن تۇنۇش. تونۇشتۇرۇش ۋە سىناقلار ئارتۇقچە ئېلىپ بىرىلغان. ئىككىسى بىر- بىرنى  بۇرۇندىنلا ياخشى كۆۇردىكەن ئەمەسمۇ؟ «مۇساپىرنىڭ سەرگۇزەشتىسى» ناملىق فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ چۇۋالچاق. ۋەقە تەپسىلاتلار ئوتتۇرسىدىكى ئوتۇشۇش ماسلىشىشلار ياخشى ئىشلەنمىگەن. مۇساپىر بالىنىڭ ئوقۇش ئېڭىنى ئويغاتقان نەرسە زادى نىمە،،ئۇنىڭ ئوقۇشى نىمە ئوقۇش، چامباشچىلىقمۇ ياكى باشقىمۇ؟ چامباشچىلىقنىغۇ قىساس ئېلىش ئۇچۇن ئۇگەندى،ئوقۇشنىچۇ؟بالىنىڭ ئاكىللىرى تەرپىدىن ئۆيدىن قوغلۇنىشنى ئەسلىمە قىلىپ قىستۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ ئۇنى يەنىلا ئالدىنقى بايانلىرى قاتارىدا ئاغزاكى بايان قىلسا بولىتىغۇ؟ تىخى« بىركۇنى ئۆيدە ئولتۇرسام » دەپ گەپ باشلايدۇ مۇساپىر بالا، ئەمما ئەسلىمە باشلىنىپ بالا تالادىن كەتمەن كۆتۇرۇپ كىرىپ كىلىدۇ. ئۆيدىن ئاكىسى چىقىپ، بالىنى ھويلىدىنلا قوغلاپ چىقىرىدۇ. تەپسىلاتلاردىكى بۇنداق باش ئاخىرى ماسلاشماسلىقلار  بۇ فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسىنى چۇۋالچاقلاشتۇرۇپ فىلىمنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى خېلىلا تۆۋەنلىتىۋەتكەن. «كۇيئوغۇل تاللاش» ناملىق فىلىمنىڭمۇ قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق، تىلى قوپال ، باش- ئاخىرى زىدىيەتلىك. بىرىنچى قىتىم تۇنۇشتۇرۇلغان كۇيئوغۇل ئۆزنىڭ خوشنىسى، ئۇنىڭ ئۇستىگە قىزنىڭ ساۋاقدىشى ئىكەن. ئۇنى يەنە سىرىتقا ئېچىقىپ كۆرۇشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇشنىڭ نىمە ھاجىتئ، ئۆزنىڭ خوشنىسىنى تونىمايدىغان ئۇيغۇر يېزىللىرمۇ بارمۇ؟ كىيىنكى تەپسىلاتلارنىڭ بۇنداق زىددىيەتلىك تەرەپلىرى تېخىمۇ كۆپ. «رەقىپكە ئايلانغان دوسلار» ناملىق فىلىمدىمۇ تىما ۋە سىيۇژىت تەرەققىيات تەلۋىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى يارتىشقا قاتناشمايدىغان،ياكى تىما ئىددىسىنى ئېچىپ بىرىشكە يارىدىمى تەگمەيدىغان دالا موتۇسىكىلىت مۇسابىقىسى تەپسىلى بىرىلگەن.«شەيتان ئېلىپ كەلگەن قىيامەت » تىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئارتۇقچە ۋەقە،تەپسىلاتلار بار .
دىمەك، بىزدە ئىشلىنىۋاتقان فىلىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ، تىما ياكى سىيۇژىت بۆلەكلىرى تەلەپ قىلمايدىغان، قۇرۇلما ئۇچۇن زۆرۆرىيتى بولمىغان ئارتۇقچە دىتال، تەپسىلاتلار،ھەم زۆرۇرىيتى بولمىغان ياندىن بىرىلگەن بايانلار  بىر قەدەر كۆپ. بۇ قۇرۇلمىنىڭ چۇۋالچاقلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرسى. بۇنى بىرمۇ- بىر كۇرسىتىش مىنىڭچە  ئاۋارىچىلق.
        6- مىللى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمىگەن.        
        ھەرقاندان بىر مىللەتنىڭ ئەدىبىيات- سەنئىتى بۇلىدۇ. ھەرقانداق ئەدىبىيات- سەنئەتنىڭمۇ  مىللى تەۋەلىكى بولىدۇ . مىللى تەۋەلىگى بولمىغان ئەدىبىيات سەنئەتنىڭ بولشى مومكىن ئەمەس. مىللى تەۋەلىك ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مىللى ئالاھىدىلىك ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. مىللى ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنمىگەن ئەسەرنىڭ مىللى تەۋەلىكى تايىن تاپمايلا قالماستىن تۇرمۇش چىنلىقى ۋە خاراكتىر چىنلىقى ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچراپ، ئەسەرنىڭ بەدىئى قىممىتى بولمايدۇ ياكى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. بەدىئى قىممىتى بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ  ئجتىمائى قىممىتىدىن سۆز ئاچقىلى تىخىمۇ بولمايدۇ. دىمىسىمۇ ھەر بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيتى، ئۆرپە- ئادىتى، ئىتىقادى، ئەخلاقى قاراشلىرى، قىممەت قارشى، ئىستىتىك قاراشلىرى، پىسخىكىسى ۋە شۇنداقلا تۇرمۇش قاتلاملىرىدا چۆكمە ھاسىل قىلغان مىللى روھنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بىر –بىرىدىن رۇشەن پەرىقلىنىپ تۇردۇ.  شۇڭا مىللى ئالاھىدىلىك ئەدىبىيات- سەنئەت ئىجادىيتىدە قەتئى ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان موھىم تەرەپ ھىساپلىنىدۇ. گەرچە مىللى ئالاھىدىلىك مىللى روھنىڭ قېزىلىشىنى تەقەززا قىلسىمۇ،لىكىن بىزدە ئىشلىنىۋاتقان تىلۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى مىللى تۇرمۇش تەپسىلاتلرىدىكى ئادەتتىكى دىتاللارغىمۇ سەل قاراپ، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن تۇرمۇشنىڭ مىللى ئالاھىدىلكىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۋاتىدۇ. شەھەر تۇرمۇشى تىما قىلىنغان بەزى فىلىملاردىنغۇ مىللى تەۋەلىكنى پەرىق ئېتىش قىيىن. يېزا تۇرمۇشى تىما قىلىنغان فىلىملاردىنمۇ مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۇرۇپ بىرەلەيدىغان بەزى موھىم دىتاللارنى ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچۇرتىمىز. ھەتتا بەزىدە تىخى يېزا ئاياللىرىنىڭ كىر تاختىسىدا كىر يۇيۇۋاتقان (يېراق يېزىدىكى غەۋغالار)، ئېتىزلىققا تىشاڭ كۆتۇرۇپ كىتىۋاتقان (كۇيئوغۇل تاللاش)، جاڭ – دۇمباق مۇزىكىسى ئىچىدە تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىۋاتقان(ھاۋۇت پالاكەت)، ئېتىز بىشىغا تاختا قادىغاندەك تۇپراق بىشىغا تاختا قاداپ قويغان (تەڭرى گۇۋا ) تېخى توي قىلمىغان قىز- يېگىتلەرنىڭ خۇددى ھىندىستانلىقلارغا ئوخشاش كەڭرى دالىغا چىقىپ بىر بىرنى قوغلۇشۇپ  كىشىلەرنىڭ كۆزىچە مۇھەببەتلىشىۋاتقان. (جۇدۇن) تويى بولۋاتقان قىز - يېگىتنى بىرگە ئولتۇرغۇزۇپ ، توي ئويناۋاتقان (تەڭرى گۇۋا) غا ئوخشاش  مىللى ئالاھىدىلىككە پۇتۇنلەي يات كۆرنىشلەرنىمۇ كۆرۇپ قالىمىز. بولۇپمۇ قىز يېگىتلەرنىڭ قوغلۇشۇپ يۇرۇپ مۇھەببەتلىشىش بىزنىڭ فىلىملىرمىزدە ئەڭ كۆپ ئشلىتىلگەن تەپسىلات .بۇ تەقلىدى تەپسىلاتنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن قىلچە ئورتاقلىقى يۇقلىقنى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ بىلمەسلىكى مومكىن ئەمەس. بىز ئەخلاقىمىزنى ھالال- ھاراملىق پاسىلدا ياراتقان. قىز-يېگت ھەقلەپ نىكالانغاندىن كىيىنلا ئۇ ھالال جۇپقا ئايلىنىدۇ. كىشلەر ئالدىدا بىرگە بولۇش بىرگە يۇرۇش شەرتىنى ھازرلىغان بولدۇ.  تېخى تويى بۇلمىغان قىز يېگىتلەرنىڭ كىشلەرنىڭ كۆزچە قوغلۇشۇپ يۇرۇپ مۇھەببەتلىشىشى ئەخلاقسىزلىق. بۇ گەرچە ئەنئەنىدىن، ئەخلاقتىن ياتلىشۋاتقان بىرقىسىم شەھەر ياشلىرنىڭ بەڭۋاشلىقىدا كۆرلۇپ قالسىمۇ لكىن كەڭ ئۇيغۇر ياشلىردا يەنىلا ھايا ئڭى ھۇكۇمىران. ئۇلار مۇھەببەتلەشسىمۇ ئۆزىنى كشىلەرنىڭ نەزىردىن دالدىغا ئېلىشنى، كىشلەرنىڭ ئۆزلىرنى كۆرۇپ قالماسلىقىنى ئىستەيدۇ.
        دۇنيادا ئىتىقاتسىز ئىنسان بولغان بۇلسىمۇ لىكىن (مەيلى ئۇ قانداق ئىتقات بولشىدىن قەتئى نەزەر ) ئىتىقاتسىز مىللەت ياكى قەۋىم بولغان ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ ئىتىقادى، شۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئۆرپە - ئادىتى، قىممەت قارشى، ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە موھىم رۇل ئوينايدۇ. ھەم شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. مەيلى كىمنىڭ تۇرمۇشى بولشىدىن قەتئى نەزەر ،بۇنىڭدىن مۇستەسنا  تۇرشى مومكىن ئەمەس. شۇڭا مىللى تۇرمۇش تەسۋىردە بۇ تەرەپلەر تىگىشلىك ئورۇنغا قويولمايدىكەن مىللى ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلغېلى مىڭ يىلدىن ئاشتى. ئۇيغۇرلار پۇتكۇل قەۋىم بويچە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بىر دىنلىق، بىردىن- بىر مىللەت. شۇڭا ئۇ قۇيۇق ئىسلام مەدەنىيتى ۋە ئىسلام موھىتىدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە دۇلتىمىزدە دىنى ئەركىنلىك سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولغاچقا ، نورمال دىنى پائالىيەت ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرۇمايدۇ.  شەھەردىن تارتىپ  يېىزا- قىشىلاقلارغىچە ئىبادەت سۇرۇنلىرى(مەسجىد) تولۇق ھازىرلانغان. ئىبادەت ئىتقاتچى ئامما تۇرمۇشىنىڭ موھىم تەركىۋى قىسمى. بۇلارسىز ئۇلارنىڭ بىر پۇتۇن مۇكەممەل تۇرمۇش تەسۋىرنى سىزىپ چىققىلى بولمايدۇ. بىزدە ئىشلىنىۋاتقان خېلى بىر قىسىم تىلۋىزىيە فىلىملىرىمىزدا خۇددى ئۇ چەكلەنگەن رايۇندەك نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ئەزان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرمىغان يۇرتنى قانداقمۇ ئۇيغۇرلار يۇرتى دىگىلى بولسۇن؟
توي ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان شاتلىق مۇراسىمى. شۇڭا قايسى مىللەتنىڭ تۇيدا بولمىسۇن ئۇخشاشلا ناخشا- مۇزىكىلار ئىچىدە شاتلىق، ئېزگۇ تىلەكلەر ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما  ئوخشىمايدىغان يېرى،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ  كىيىم - كىچەك مەدىنىيتى، داستىخان مەدىنىيتى،مھماندارچىلىق مەدەنىيتى گەۋدىلەنگەندىن  باشقا ئەڭ موھىم ئالاھىدىلىك دىنى ئەقىدىلەرنى نىگىز قىلغان نىكا مۇراسىمدۇر. بۇددا دىنىغا ئتقات قىلغۇچىلارنىڭ تۇيلىرىدا باش ئۇرۇش مۇراسىمى. خىرىستىيان تويلىردا چىركاۋدا ئۆتكۇزۇلىدىغان نىكا مۇراسىمى  .ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلغۇچىلارنىڭ تويلىرىدا مۇللامنىڭ رىياسەتچىلكىدە ئۆتكۇزۇلىدىغان نىكا مۇراسىمى. مانا بۇ دىننىڭ توي مۇراسىمىدىكى ئىپادىسى ھەم ئۆز قەۋمىنىڭ تۇرمۇشىغا يۇكلىگەن موھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرسى.بۇ ھەرقايسى مىللەت ئارىستا يەنە ئۇنداغ–مۇداغ شەكىللەرنى ئېلىپ مىللى ئالاھىدىلىك،مىللى ئۆرپە - ئادەت سۇپۇىتىدە ئومۇملاشقان ھەم توي مۇراسىمىدا مىللى ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۇرۇدىغان موھىم تەرەپ بولۇپ قالغان. ئەمما بىزنىڭ توي تەسۋىرلىرىمىزدىن بۇنى ئۇچراتماق تەس . تويلىرمىز تەسۋىردە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ناخشا- ئۇسۇل .خۇددى ناخشا- ئۇسۇل بىزنىڭ تۇيلىرىمىزنىڭ بىردىن بىر ئالاھدىلىكىدەك.
مىيىت ئۇزۇتۇشتىمۇ  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەلۇم دىنى ئەقىدىلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ، ئۆرپە - ئادەت تۇسىنى ئالغان مۇراسىمى بار. بۇمۇ مىللى مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۇردىغان تەرەپ. بىز باشقىلارنىڭ تۇرمۇش تەسۋىردىن بۇ تەرەپلەر ھەقىقىد خىلىلا ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايمىز. ئەمما بىزنىڭ تۇرمۇش تەسېۋىرمىزدىن پەقەت مىيىتنى ئىېلىپ ماڭغان ئۇزۇندىن ئۇزۇن كۆرنىشلا بار ، ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ھەققىدە تۇزۇك تەسۋىر يوق. بۇ كۆرنۇشلەرنى باشقىلار كۆرسە بۇلار مىيىتنى شۇنداغلا ئاپىرىپ كۆمىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ دىگەندەك خاتا چۇشەنچە بىرشى چوقۇم. ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ ئىسلام ئەقىدىسنى ئاساس قىلغان خېلىلا قېلىپلاشقان مىيىت ئۇزۇتۇش مۇراسىملىرمىز بار. تۇپراق بىېشغا بارغانلارنىڭمۇ باشقا مىللەت كىشىلىرىگە ئۇخشاش ئۆلۇككە دەت تۆكۇپ قايتقانلىرنى كۆرۇپ قالىمىز. ئادىتىمىز بۇيچە يۇكۇنۇپ ئولتۇرۇپ روھقا ئاتاپ ئىككى قۇلنى دۇئاغا كۆتۇرگەن، قىرائەت قىلغان كۆرنىش ياكى ئاۋازىنى ئاڭلىمايمىز.
ئۆيگە مھمان كەلسە ئالدى بىلەن دۇئاغا قول كۇتۇرۇپ پەتە قىلدۇ .ئاندىن تىچلىق- ئامانلىق سۇرشىدۇ. ئايال مىھمانلارغا  ئاياللار ،ئەر مھمانلارغا ئەرلەر ساھىپخانلىق قىلىدۇ. داستىخان سېلىشتىن بۇرۇن ساھىپخان مىھمان قولغا سۇ ئېلىپ كىلىدۇ. مھمان قولنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن داستىخان سېلىنىدۇ.(مىھمان بولمىغان تەقدىردىمۇ ئائىلە ئەزالىرى تاماقتىن بۇرۇن قۇل يۇيۇپ داستىخانغا كىلىدۇ) تاماقتىن كىيىن دۇئاغا قۇل كۆتۇرۇپ تەڭرى ۋە ساھىپخاننىڭ ھىممىتىگە رەخمەت تەشەككۇرلا ئېيتىلدۇ. بۇ ئەجداتلىرىمىز ياراتقان گۇزەل ئەخلاق ۋە تازلىق ئادىتىمىزنىڭ داستىخان مەدىنىيتىدە گەۋدىلىنىشى. بۇ ئادەت ھازىرقى زامان گىگىنا تەلۋىگىمۇ تامامەن ئۇيغۇن ياخشى ئادەت ھىساپلىنىدۇ. ئىجادىيەتچىللىرىمىزگە بۇنىڭ نەرى ياقمىدىكىن تاڭ، ھازىرقى تۇرمۇش تەسۋىرلىرىمىزدىن بۇلارنى ئانچە كۆرەلمەيۋاتىمىز.
        7.تىل قوپال ھەم پىشمىغان.
        تىلۋىزىيە سەنئىتى ھەركەت ۋە تىلغا تاينىپ ئوبراز يارتىدىغان سەنئەت. يەنە كىلىپ بايانچى تىل بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقالمىغاچقا پۇتكۇل بايان جەريانىدا پىرژۇناژلارنىڭ تىلغا تاينىشقا توغرا كىلدۇ. پىرسۇناژلارنىڭ تىلى ئارقىلىق پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى كەچۇرمىشلىرى، ئوبىكتىپ شەيئىلەرگە تۇتقان پوزۇتسىيسى،ھىسياتى،خاھىشى، كىشىلەر بىلەن كىشلەر ئوتتۇرۇسىدىكى زىددىيەت توقۇنۇشلار، پرۇسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ئېچىپ بىرلدۇ. ھەمدە سىيۇژىت تەرەققىيات تەلۋىىگە زۇرۇل ۋەقە- تەپسىلاتلار بايان قىلدۇرۇلىدۇ. شۇڭا تىلۋىزىيە سەنئىتىدە  تىلغا قويولدىغان تەلەپ تېخىمۇ يۇقرى. تىلۋىزىيە تىياتىرنىڭ تىلى ئاساسەن پىرسۇناژ تىلى. شۇڭا تىل ئىندىۋاللاشقان، مەنتىقىلق، ئوبرازلىق ، جانلىق، يېقىشلىق بولشى كىرەك. بىزدە ئىشلىنىۋاتقان بىر قىسىم تىلۋىزىيە فىلىملىردا تىل تولمۇ قوپال،دىئالوگلار  كاللا دىسە پاقالچاق دىگەندەك مەنتىقىسىز،چۇۋالچاق. بەزىسى سۆرەلمە ئۇزۇن. بەزىسى تۇلمۇ قىسقا باش ئاخىرى ماسلاشمىغان. پىرسۇناژنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى تۇلۇق  ئىپادىلەپ بىرىشكە قادر بولالمايدۇ. ئىديۇم ،ماقال- تەمسىل، تۇراقلىق ئىبارىلەر توغرا ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچۇرتىمىز.
        «-جىڭلىرى خاتا ئەمەستۇ؟
        -خاتا ئەمەس.
        -ياغلىرى ئېلشاڭغۇ ئەمەستۇ؟»
مانا بۇ «شەيتان ئېلىپ كەلگەن قىيامەت»فىلمىدىكى ياغچى بىلەن خېرىدار ئوتتۇرسىدىكى سودا دىيالوگى ،ئەمىليەتتە جىڭ خاتا دىيىلمەيدۇ. جىڭ ساقمۇ دىيلدۇ. ياغ ئېلشاڭغۇ دىيىلمەيدۇ ياغ ساپ، ساپ ئەمەس دىيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ياغچىنىڭ ئىشلەتكىنى جىڭ ئەمەس كەمچەن. سۆز ئىبارىلەر توغرا ئىشلىتىلمىگەننىڭ ئۇستىگە  سۆز بىلەن ھەركەت زادىلا ماس كەلمەيدۇ.
«رىۋايەتلەردىن ئاڭلاپ باققان» بۇ قىزنىڭ ئالتۇن قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقى توغرىسىدىكى جاۋابى. ئالتۇن قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باققانمۇ ياكى ئالتۇن قوڭغۇراق ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئەلۋەتتە قىزنىڭ ئاڭلىغىنى رىۋايەت، ئاۋاز ئەمەس. قىزنىڭ دىمەكچى بولغىنمۇ شۇ، ئەمما بۇ جۇملىدىكى سۆز ئىبارە توغرا ئىشلىتىلمىگەچكە، قىزنىڭ مەخسىدى توغرا ، ئېنىق ئىپادىلەنمىگەن.« ئاڭلاپ بېقىش» ئاۋازغا قارتىلغان .
        «ئوننىڭ ئالدى بولسام، ئۇننىڭ كەينى ئىدىم»(ئانا قاتىلى) بۇ تۇراقلىق ئىبارە خاتا ئىشلىتىلگەن. ئەسلى ئۇ ئۆزنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۇچۇن «ئۇننىڭ كەينى بولسام، ئوننىڭ ئالدى ئىدىم » شەكىلدە ئىشلىتىلدۇ. بۇ يەردىمۇ شۇ مەخسەتتە قوللۇنۇلغان. ئەمما جۇملۇلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغانلىقى ئۇچۇن،سۇزلۇگۇچى ئۆز مەخسىدىگە يېتەلمىگەن.
        «خوشنىمىز بالسنى ئوقۇتقانتى،بىر ئوبدان  بېيىپ كەتتى» (ئىلتىپات ۋەئىھتىيات) بۇ جۇملە مەزمۇن جەھەتتىن تۇلۇق ھەم راۋان ئەمەس.
« ئۆي- ماكانلىق بۇلۇپ چىقىپ كىتىپ قالسىڭىز قانداق قىلارمىز». (كۆڭۇل) بۇ تۇراقلىق ئىبارىمۇ توغرا ئىشلىتىلمىگەن «ئۆي-ماكانلىق» ئەمەس« ئۆي- ئوچاقلىق» دىيلىدۇ.
        «ئۇ ئائىلىگە تىل تەككەندەكلا ئىش بۇلدى»(تۇتۇنگە ئايلانغان مۇھەببەت) بۇ ئىدىيۇم توغرا ئىشلىتىلمىگەن. «كۆز تەگكەندەك»  دىيلىدۇ.
        «ئۆرە تۇرۇپ چۇش كۆرۇپسەن»(ئادىلنىڭ ئادىل ھۆكمى)بۇ تۇراقلىق ئىبارىمۇ  خاتا ئىشلىتىلگەن. ئەسلىسى«ئۆرە تۇرۇپ »ئەمەس « ئۇخلىماي». ئۆرە تۇرۇپ چۇش كۆرۇش مەنتىققا ئۇيغۇن.  چۇنكى ئۆرە تۇرۇپمۇ ئۇخلىغېلى بولىدۇ. ئۇخلىغان ئىكەن چۇش كۆرگىلىمۇ  بولىدۇ. ئەمما ئۇخلىماي تۇرۇپ چۇش كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇشۇ خىل بىمەنىلىك ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ بىمەنىلىكىنى ئېچىپ تاشلاش، قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلش ئۇچۇن ئىشلىتىلدۇ. بىر سۆزنىڭ توغرا ئىشلىتىلمەسلىكى سەۋۋىدىن بۇ تۇراقلىق ئىبارە ئۆزنىڭ مەنە مەنزلگە يىتىپ بارالماي سۆزلىگۇچى تەرپىدىن ئۆزىگە يۇكلەنگەن ۋەزىپىنى ئارتقۇزالمىغان.
«ساقچىلار تۇرسۇن بىلەن مالنى بىراقلا قولغا چۇشۇردى» (قارسىنى ئوشتۇش چېيى) بۇ قېچىپ قۇتۇلغان زەھەر ئەتكەسچىللىرنىڭ دىيالۇگى. بۇ خىل بايان قىلىش ئەتكەسچىلەرنىڭ ئەمەس،قانۇن ئورۇنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ياكى ساقچىلارنىڭ خىزمىتىدىن سۆيۇنگەن ئاممىنىڭ تىلغا بىرقەدەر مۇۋاپىق. قېچىپ قۇتۇلغان ئەتكەسچىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھىسياتى، كەيپىياتىغا زادىلا ماس كەلمەيدۇ. چۇنكى بۇ جۇملۇدە بۇ ئىشتىن نارازى بۇلۇش، ئۆكۇنىش ھىسياتى ئەمەس بەلكى ساقچىلارنىڭ نەتىجىسنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ غەلبسنى گەۋدىلەندۇرۇش ھىسياتى چىقىپ تۇردۇ. پىرسۇناژ تىلنىڭ ئىندىۋىدئاللىقى، خاسلىقىغا سەل قارالغان بۇنداق تەرەپلەر ۋە تىلنىڭ قوپاللىقى، يقىمسىزلىقى، ھىسياتسىزلىقى، تىلنىڭ باشقا پىشمىغان تەرەپلىرىنى يۇقىرقىدەك بىرمۇ - بىر تەكشۇرۇش، بىرمۇ - بىر كۆرسۇتۇشكە توغرا كەلسە بۇ ئوقۇرمەن ئۇچۇنمۇ، كەمىنە مۇئەللىپ ئۇچۇنمۇ ئوخشاشلا زىركىشلىك. ئەگەر زىركىش ھىس قىلىنمىسا «كۇيئوغول تاللاش» فىلىمنى كۆرۇپ باقساقلا كۇپايە. قىز يىگىتلەرنىڭ ھەر بىر ئۇچۇرۇشىدا ،ھەدىسلا ئىت مۇشۇكتەك ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ كىتىشلىرى، تىلنىڭ قوپاللىقى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قايسى بىرنى دەيلى ئەمدى. بۇلارنى بىرمۇ - بىر ئېغىزغا ئېلىپ ئولتۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ. پەقەت بىرتۇپ تەلۋە ، مەدىنىيەتسىز، ساپاسىز سەپرالارنىڭ ئۇيغۇر يېگىت- قىزلىرنىڭ نازاكەتلك ، ئەدەپلىك،  مەدىنى ئوبرازىنى پۇتۇنلەي يەرگە ئۇرۋاتقانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە كۆرۇپ ئولتۇرۇشقىلا بۇلىدۇ. خەير، بۇ فىلىم باشقا مىللەت تىللىرىغا تەرجىمە قىلنىپ قالمىسىۇن.
8.رول ئېلىش ئوبراز تەلۋىدىن يىراق.
ھەر قايسى سەنئەت تۇرلىرنىڭ ئوبراز يارتىش ئۇسۇلى بىر - بىرگە تامامەن ئوخشىمايدۇ. ئەدەبىيات تىلغا، گۇزەل سەنئەت رەڭ- بوياققا تايانسا ،تىلۋىزىيە سەنئىتى دارامما تىياتىرلارغا ئوخشاش ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىشىغا تاينىدۇ. باشقا سەنئەت شەكىللىرى ھىسسى ئوبراز ياراتسا، تىلۋىزىيە سەنئىتى كۇنكىرىت ئوبراز يارتىدۇ. شۇڭا ئارتىسلارنىڭ رۇل ئېلشى تېگى تەھتىدىن ئېيتقاندا ئۇبراز يارتىش جەريانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. پىرسۇناژنىڭ سىيۇژىت لىنيسىدىكى چوڭ - چوڭ ھەركەت پائالىيەتلىرى ىسىنارىس ۋە رىژىسۇر  تەرپىدىن ئاللا بۇرۇن بەلگىلەپ بولۇنغان بۇلسىمۇ لىكىن ئۆزى ئېلىۋاتقان رۇلدىكى ئوبرازنىڭ خاراكتىرىنى چۇشنۇش، ئۇنى كۇنكىرىت ئۆز ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇپ ۋەقەنىڭ ئىچىگە كىرىش، پىرسۇناژلارنىڭ ئىددىۋى ھسياتى، ئىچكى دۇنياسىنى ئېچپ بىرىش،پىرسۇناژلارنىڭ ئىندىۋىدئال خاراكتىرىنى يارتىش، قەغەز يۇزدىكى ئوبىرازنى ئىكران ئوبرازىغا ئايلاندۇرۇش  يەنىلا ئاكتيۇرلۇق سەنئىتى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر. ئاكتىيۇرلۇق كەسپىدىن خەۋرى يوقلارنىڭ رول ئېلشى شۆھبىسىزكى يۇقۇردىكى تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. فىلىم ئىشلىگۇچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى مەبلەغنى قىسش ئۇچۇن ئالدىغا ئۇچرىغان ئادەملەرنى مەيلى رولغا چۇشسۇن- چۇشمىسۇن،(بۇخىل ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر. خېلى كۆپ فىلىملار ئارتىس تاللاشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن. ئارتىسلارنىڭ چىقماقچى بولغان رولنىڭ ئوبرازنى يارتالىشنىڭ مۇمكىنلىكى ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۇلارنىڭ ياش قۇرامى تەقى –تۇرقىنىڭ رۇلغا ماس كىلىش كەلمەسلىكى ئۇستىدىمۇ تۇزۇك ئويلاشمىغان) رول ئالالىسۇن- ئالالمىسۇن رولغا چىقىرىپ، ئىكران ئوبرازىنىڭ سۇپىتىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى.  ئۇلارنىڭ قول ھەركىتى بىلەن سۆز ھەركىتى، سۆزى بىلەن چىراي ئىپادىسى زادىلا ماس كەلمىگەن. ھەتتا بەزى رول ئالغۇچىلارنىڭ سىنئالغۇ ئالدىدا نىمە قىلىشنى، نەگە قاراشنى بىلمەي تەمتىرەپ، كۆزىنى قاچۇرۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ  قالمىز. خېلى ياخشى سىيۇژىت، ياخشى تىمىلارمۇ ئەنە شۇنداق ناچار «ئارتىس» لارنىڭ قولىدا بۇزۇلۇپ، ئۆزنىڭ ئستىتىك قىممىتىنى يۇقتۇۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلۇنۇپ قالىمىز. «سەكراتتىكى نىدا» ناملىق فىلىمنىڭ تىمىسى قەمبەر خانىمنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان تارىخى تىما . بۇ فىلىم بىز يۇقۇردا ئېيتقاندەك رىژىسۇرلۇقلىردىن تارتىپ رول ئېلىشقىچە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ قولدىن زومو- زو چىققاچقا،بۇ بئوگىراپىك تارىخى تىما ئۆزنىڭ تارىخى قىممىتىنى يوقۇتۇپلا قالماي، ئىستىتىك قىممىتىنىمۇ پۇتۇنلەي يوقاتقان. بۇ فىلىمنىڭ رىژىسۇرلۇقىدىن تارتىپ رول ئېلىشقىچە،مەنزىرە تاللاشتىن تارتىپ گىرىمچىكلىككىچە  ھىچنىمىسى تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئوبراز يارتىش تەلىۋىگە يەتمىگەن .شۇڭا بۇ فىلىمنى بىزدە ئشلەنگەن فىلىملەرنىڭ ئەڭ ناچىرى دىيشكە بولدۇ.«جۇدۇن» « سۆيگۇ قىساسى»«تىكەن»« كۇيئوغۇل تاللاش»«مۇساپىرنىڭ سەرگۇزەشتىسى»«ھاۋۇت پالاكەت»قاتارلىق فىلىملارمۇ شۇ جۇملىدىن. ئارتىسلارنىڭ رول ئېلشىنىڭ ناچارلىغىدىن باشقا،«جۇدۇن» ناملىق فىلىمدە ئارتىسلارنى كىيىندۇرۇشمۇ مۇۋاپىق بولمىغان. باش رولدىكى شەھەردىن چىققان يېگىت باش كىيمى دۇپپا بىلەن يۇرۇدۇ، يىزا ياشلىرى باش كىيىمسىز يالاڭباشتاق يۇرۇدۇ. رىژىسۇرنىڭ نەزىردە شەھەرلىرىمىز ئەنئەنگە يېقىن، يېزىللىرىمىز ئەنئەندىن يىراقلىشىۋىتپتۇ- دە. بۇ رىژىسۇرنىڭ تۇرمۇش بىلىمنىڭ يىتەرسىزلىكى،تۇرمۇش چۇشەنجىسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنىڭ ئىپادىسى. «مۇساپىرنىڭ سەرگۇزەشتىسى» ناملىق فىلىمدە قارانىيەتلەر تەرپىدىن ئېغىر زەخمىلەندۇرۇلگەن مۇساپىر بالىنى بىر كىشلىكلا كارۋات قۇيۇپ دوختۇرخانا قىلىپ ياسىغان ئادەتتىكى بىر ئېغىز ئۆيگە ئىېلىپ كىرىدۇ. تاشقىردا بىردانە ئوكسىگىن تۇڭىنى كۇرستۇپ قويدۇ. لىكىن دۇختۇرخانىغا يەنىلا ئۇخشىماي چىنىپلا قالغان. دوختۇرخانىغا كىرپ سۇرەتكە ئېلىشقا قادىر بولالمىغانلار نىمە قىلدۇ فىلىم ئىشلەپ؟! سۇرەتكە ئېلىشتا پىرسۇناژلارنى مۇۋاپىق پائالىيەت موھيىتىغا ئىگە قىلالماسلىققا ئوخشاش بۇنداق ئەھۋال بىزنىڭ باشقا فىلىملىرىمىزدىمۇ داھىم كۆرلۇپ تۇردۇ.
        9.سۇرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى تۆۋەن.
        سۇرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقرى تۆۋەنلىكى تىلۋىزىيە سەنئىتىنىڭ بەدىئى ئۇنىمگە بىۋاستە تەسىر كرسۇتىدىغان ئامىل. ئوپىراتۇرنىڭ سۇرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى يۇقرى بولسا، نۇر ۋە يېقىن- يېراق،ئوڭ- سول،ئالدى- ئارقا كۆرنىشلەر ئارقىلىق ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش تېخنىكىستا كۆرۇلگەن قىسمەن مەسىلىلەرنىمۇ سۇرەتكە ئېلىش جەريانىدا يۇشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئارتىسنىڭ ئالاھىدە ماھارەت، چراي- قىياپەتلىرىدىكى ئىپادىلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۇرۇپ، پىرسۇناژ ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇپ بىرەلەيدۇ. (كىرىشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭمۇ بۇنىڭدا مەلۇم ئۆلشى بار، ئەلۋەتتە) ئارتىسنىڭ ئارتۇقچلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى،ئوبرازنىڭ ئىكران تەلۋىنى چۇڭقۇر چۇشەنگەن پىشقان،ماھىر ئوپىراتۇر نىمىنى يىراق كۆرنىش، نىمىنى يېقىن كۆرنىش قىلش. نىمىنى پۇتۇن كۆرسۇتۇش، نىمىنى يېرىم كۆرسۇتۇش،نىمىنى ئومۇمى كۆرنىش قىلىش، نىمىنى ئايرىم كۇرنىش قىلىش ، نىمىنى گەۋدىلەندۇرۇش، نىمىنى غىل- پاللا ئۆتكۇزۇۋىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى سۇرەتكە ئېلىش جەريانىدا رىژىسۇرنىڭ ياردىمسىز مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ كىتەلەيدۇ. ئەمما بىز كۆرۋاتقان بىر قىسىم فىلىملارنىڭ سۇرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، يۇقىردا ئېغىزغا ئالغان تەرەپلەردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماستىن سۇرەتنىڭ ئىكراندىكى مۇقۇملىقىمۇ تولۇق ئىشقا ئاشمىغان. سۇرەتلەر خۇددى سۇ يۇزىگە چۇشكەن سايىدەك لىغىرلاپ تەۋرەپ تۇردۇ. پۇتۇن كۆرنىش ۋە ئومۇمى كۇرنىشلەر بىرقەدەر كۆپ. پىرسۇناژلارنىڭ چىراي ئىپادىسى،روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگۇرۇشلەرنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان پىسخىكىلىك كۆرنۇشلەر بىر قەدەر ئاز. ئەمما « ئارتىس » لارنىڭ قورونۇپ، چاندۇرۇپ قويۋاتقان چاغدىكى ياخشى بولمىغان چىراي ئىپادىسى، ماسلاشمىغان ، قاش- كۆز، قول ھەركەتلىرى بىر قەدەر كۆپ. سۆزلۇگۇچىنىڭ سۆزى بىلەن چىراي ئىپادىسى زادىلا ماسلاشمايدۇ. ئاغزىدا يېغلاۋاتقان كۆزى كۇلۋاتقان ،كۆزى يېغلىسىمۇ ئېغزى كۇلۋاتقانغا ئوخشاش ئارتىسنىڭ رولنى قاملاشتۇرالماي چاندۇرۇپ قويۋاتقان كۇرنىشلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇردۇ. ھەتتا بەزى كۇرنۇشلەر شۇنداق ئۇزۇن،شۇنداق سۆرەلمە، شۇنداق زىركىشلىككى ئاخىرغىچە كۆرۇشكە ئادەمنىڭ تاقىتى يول قويمايدۇ. « تىكەن » ناملىق فىلىمنى مىسالغا ئالساق، بۇ فىلم باشلىنىپلا ئىككى قىزنىڭ مەكتەپ ئالدىدكى كۇرنىشىدىن باشلاپ يېگىتنىڭ گۇل بەرگىنى ئۇزۇش ،رەسىمگە قاراش، قىزنىڭ ئۆي تازلاشقا ئائىت بىرقاتار تەپسىلاتلار شۇنداق سۆرەلمە زىركىشلىك قىلىپ سۇرەتكە  ئېلىنغان.( لىنتىنى توشقۇزۇش ئۇچۇن شۇنداق قىلىنغانمۇ قانداق ) بۇ فىلىمنى تۇگۇتۇپ كۆرۇشكە ئادەمنىڭ رايى بارمايدۇ. «ئۇگەي ئانا» فىلىمىدىمۇ تۇرمىدىن قاچقان بالا خۇددى يۇگرەش مەشقى قىلۋاتقاندەك ،ئۇزۇندىن- ئۇزۇن يۇگرەپ، كۆرۇرمەننى زىرۇكتۇرۋىتىدۇ. يۇگرەش جەريانىنى بۇنداق ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەپسىلى سۇرەتكە ئېلىشنىڭ نىمە ئەھمىيتى؟ ئەھمىيتى يوقلا بولۇپ قالماستىن ئىنتايىن زىركىشلىك. بىرسى ئۆيدىن چىقىپ باردىغان يېرىگە بىرىپ بولغۇچە ئەگىشىپ سۇرەتكە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ئۇنىڭ مەنزىلگە نىمە بىلەن بارغانلىقى، كىملەرگە ئۇچرىغانلىقى، نىملەرنى قىلغانلىقى، نىملەرنى كۆرگەنلىكنىڭ پىرسۇناژ خاراكتىرىنى يارتىش ياكى تىما ئىددىسىنى ئېچىپ بىرىش ئۇچۇن بىشارەت قىلىش ياكى تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك زۆرۇل تەرەپلىرى  بولمىسا، سەكرەتمە قىلىش كىرەكتە. (چىققان، بارغان ئىككى نۇختا تاپشۇرۇلسا كۇپايە،يەنە ئوخشاشلا ئۇنۇمگە ئىرىشكىلى بولدۇ) ئۇنداق بولمىغاندا كۆرۇرمەننى زىرىكتۇرۇپ، كۆرنىش ئۆزىنىڭ زوقلاندۇرۇش كۇچىنى پۇتۇنلەي  يوقتۇپ  قويدۇ. (بەلكى بۇنىڭدا رىژىسۇرلۇق، كىرىشتۇرۇش تېخنىكىسنىڭمۇ تىگىشلىك مەسئۇلىيتى باردۇ)  ئۇنىدىن باشقا چۇش،خىيال، رىيئاللىق رەڭ، نۇر  ئارقىلق پەرىقلەندۇرلىشى كىرەك. ئۇنداق بۇلمىغاندا نىمنىڭ خىيال، نىمنىڭ چۇش، نىمىنىڭ رىئاللىق ئىكەنلىكى ئىنىق پەرىقلەندۇرۇلمەي، كۆرۇش ئۇنىمىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۇزىدۇ.  
يۇقىرقىلار مىنىڭ ئۆزىمىزدە ئىشلەنگەن تىلۋىزىيە فىلىملىرى ئىچىدە كۆرگەنلىرىمدىن ئىرىشكەن تەسىرات ۋە بىر قىسىم ھاسىلاتلىرىم . مىنىڭ بىزدە ئىشلەنگەن فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ بىر كۇرۇپ چىققۇدەك ۋاختىممۇ،  ھەم ئۇنداق بىر ۋەزىپەممۇ يۇق. شۇڭا بۇنى پۇتكۇل تىلۋىزىيە فىلىملىرى ئۇستىدە ئېلىپ بىرىلغان ئومۇمى تەكشۇرۇش،ياكى ئومۇمى باھا دىگىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەتلا بىر نەزەر،خالاس. نەزىرىمىنڭ سىرتىدا يەنە ئاز بولمىغان نەتىجە ۋە مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى چوقۇم. لىكىن تامچە سۇدا دىڭىزنىڭ ئەكسى بۇلىدۇ دىگەندەك،  تىلۋىزىيە سەنئىتى بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتقانلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيتىگە ئازراق يارىدىمى تەگسە، شۇ، بۇ ماقالىنىڭ ئاخىرقى مەخسىدى ۋە  ئەمگىكىمنىڭ ئەجىر مىۋىسى بولشى مومكىن.


        قەشقەر يېڭشەھەر ناھيىلىك مەدىنىيەت –تەنتەربىيە ئىدارىسى
2010- يىل ئاۋغۇست


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1148
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 169
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 19:41:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن بىر ئەھمىيەتلىك تىما. ئاپتۇرنىڭ قەلىمىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  108
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 211
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-16

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 20:01:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشىق ئەسەرلىرى بىلەن تۇشۇپ كېتىدىغان مۇنبەردە پات-پات مۇشۇنداق ماقالىلارنى كۆرسەم ھاردۇقۇم چىقىدۇ.ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشى ئۇتۇقلۇق بولغاي،قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1578
تۆھپە : 0
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 22:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدابەردى ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر،ئۇيغۇر كىنۇ-تېلۋىزىيە سەنئىتىگە نىسبەتەن ئوبزورچىلار قۇشۇنى پەقەتلا يوق بۇلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىلمى ئىزدىنىشلىرىڭىزنى توختاتمىغايسىز!قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1918
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 407
تۆھپە : 0
توردا: 67
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-19

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 12:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدابەردى ئەپەندى  دەل ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىپتۇ،ھارمىغايسىز!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1221
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3093
تۆھپە : 1
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 16:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلۋىزىيە  سەنئىتىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەر كەڭ ۋە ئوممىي نوقتىدىن كۆرسىتىپ بېرىلگەن ياخشى ماقالە بوپتۇ.«شىنجاڭ سەنئىتى »ژورنىلىغا  ماس كەلگۈدەك.
      ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تېلۋىزىيە سەنئىتى ئىلگىرلەشكە ئېرىشەلمىدى.ئۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلىرى بولىشى مۇمكىن.بۇ جەھەتلەردە نىمە ئۈچۈن يېتەرسىزلىك كۆرۈلىدۇ ھەم يىللار كەينى-كەينىدىن ئۆتسىمۇ يېتەرسىزلىكلەر تۈزىتىلمەيدۇ؟ ئۇ يالغۇز ئىقتىزات مەسىلىسى بولماستىن باشقا نۇرغۇن موھىم ئامىللار بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ ساپا،قابىلىيىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش