جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 972 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 622|ئىنكاس: 18

تىۋىشسىز كېچىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  506
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 17:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تىۋىشسىز كېچىلەر



گۈلباھار ئەزىز









     بۈگۈن سېنىڭ دوختۇرخانىدا بىھۇش ياتقىنىڭغا  ئون كۈن بۇلۇپتۇ ،  تېخىچە ئېسىڭگە كەلمىدىڭ ، ئاۋازلىرىمنى نىدالىرىمنى زادىلا ئاڭلىمىدىڭ . خۇددى مۇشۇ پېتى جاھاننىڭ ۋاراڭچۇروڭلىرىنى بىراقلا تەرك ئەتمەكچىدەك.كەچلىكى يېنىڭدا  تۇرۋاتقان ئىدىم ، باشقىلار  ئالمىشىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ ،ئۇنىمىدىم ،چۈنكى كۈزىڭنى  ئېچىپ قالساڭ ، تۇنجى بۇلۇپ كۈرەلمەسلىكىمدىن ، ساڭا نەچچە كۈندىن بېرى ئويلىغانلىرىمنى  ئېيتالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ .
       ساقاللىرىم ئۈسۈپ ، بەكلا ۋەيارانە بۇلۇپ كىتىپتىمەن ،شۇڭا بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم ، بەستىمدىنمۇ ئېغىر خىياللىرىمنى سۆرىگىنىمچە كېلىۋاتىمەن ، قورويىمىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،كۆزلىرىڭنى يىنىككىنە يۇمغانچە ، ئاستا نەپەسلىنىپ ياتقان  ھالتىڭ كۆز ئالدىمغا كەلدى ، ئاپپاق كىرلىكلىك كارۋات ئۈستىدە ئاق لالىدەك يېيلىپ ياتقان تۇرقۇڭ،ماڭا  بىر ئۆمۈرلىك ھاردىقىڭنى چىقىرۋىلىش ئۈچۈن ئۇيقۇغا كەتكەندەك  بىلىندى، تالاي كەچمىچلەر سېنى يوقلاپ ئۆتكەن بۇ قورا ، شۇ تاپتىكى ئېغىر سۈكۈتلىرى بىلەن بىر ئازاپنى يۈرۈكۈمگە يېزىۋاتاتتى .ئەمدى ئىشىكنى ئاچاي دىيىشىمگە  ،ئىشىك  ئاچقۇچنى  تىقماستىنلا  ئېچىلدى ، خۇددى  سەن  ،مېنىڭ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ ،  مېنىڭ  كىرىشىمگە  تاقات  قىلىپ  بۇلالماي ،ئەندىشە ، سېغىنىش ، يەنە ئازراق نارازىلىق ئىپادىسى  ئىچىدىكى   ياشلىرىڭنى زورىغا  يۇشۇرۇپ ،ئىشىكنى  ئۈزىڭلا  ئېچىپ بېرىدىغان   تالاي كېچىلەردەك . يۈرۈكۈم  ئەنسىز  دۈپۈلدەپ  كەتتى  ،ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ  ،ئۆيگە  كىردىم  ،بەلكى  بۇ بىر  سىرلىق سەزگۈدۇ ،  سەن دوختۇرخانىدا تۇرساڭ ،ماڭا ئىشىك ئېچىپ بېرىشىڭ   مۈمكىنمۇ ؟ ئوغلۇم ۋارىسنى  ھەدەم ئۈيىگە  ئەكەتكەن ئىدى ،ئۆينىڭ ئاچقۇچىمۇ باشقىلاردا يوق ئىدى.  جىم-جىت ئۆيدىكى تېنچلىق، مېنى ھام  قىلىپ  يۈتىۋىتىشكە تەييارلانغاندەك  ساقلاۋاتقان ئىدى . . ئەتراپىمدا  لەيلەپ يۈرگەن  مۇڭ مېنى قوينىغا تارتاتتى ،ھېچنىمە قىلىش خوش ياقمىدى ،بەلكى  ئىسسىق سۇدا بىر يۇينۇپ چىقسام ،سەل ياخشى بۇلارمەن .
     يۇينۇپ ساقاللىرىمنى ئالغاندىن كېيىن ،كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلىدىم ،  لېكىن يەنىلا يىنىكلىيەلمىدىم ، جىسمىم يىنكلىگەن بىلەن روھىم يىنىكلىيەلمىدى .ئىپادىسىز  كۆزلىرىمنى  بىر  نوقتىغاتىككىنىمچە  ئولتارغىنىم  ئولتارغان ئىدى .  ئەسلى  بۇ ھادىسىنى  نۇرمال  قاتناش  ھادىسىسىگە چىقىرىپ   ،ئەلەكمۇللا دەپ ،  سېنىڭ تېزراق  كۆزلىرىڭنى ئېچىشىڭنى،بىرەر مۆجىزە يۈز بېرشىنى كۈتۈشۈم كېرەك ئىدى ، ئەمما جېنىم زوھرە،  نەچچە كۈندىن بىرى كارۋات يېنىدا ئولتۇرۇپ ، ئارقىمىزدا قالغان تالاي كەچمىچلەر  قوينىغا شۇڭغىغانچە ،بۇ ئازاپلارنىڭ ، بۇ دەھشەتلەرنىڭ سەۋاپكارى ئۈزۈمدەك ھىس قىلىپ قالدىم . مەن شۇ تاپ  نەچچە ۋاقىتتىن  بېرىقى  سادىر قىلغان ئۈنسىز گۇنالىرىم ئۈچۈن ،ۋىجدان سوتىدا سوتلىنىۋاتاتتىم ، تارازامنى بۇ قېتىم بەكمۇ ھەق  ھالدا تەڭشىگىنىم ئېنىق ئىدى  ،ھادىسە يۈز بارگەن كۈنى   سەھەردىكى ئىشلار  يادىمغا پات-پات كېچىپ تۇرىدۇ .  شۇ كۈنى سەن ، ئۈيىمىزدىكى مۇھىم ھۆججەت  دىپلۇما ، بانكا كارتىسى ..دىگەنگە ئوخشاش مۇھىم نەرسە سېلىنغان  تارتمىنىڭ  ئاچقۇچىنى  ئاچقۇچلىرىم ئارسىغا  ئۆتكۈزىپ  قويغان ئىدىڭ .
-تاھىر  ،تارتمېنىڭ  ئاچقۇچى  يېنىڭىزدا  تۇرسۇن ،  مەن يوق چاغدا  سىزگە  پۇل لازىم بۇلۇپ  قالسا ،  تېنەپ   قالماڭ .
-يوق بۇلۇپ نەگە  باراتتىڭ ، مەنمۇ  ئاشقۇچلىرىم بىلەن قۇشۇپ  يۈتتۈرۈپ  قويماي يەنە ،  ئۆيدىلا  تۇرىۋەرگەي .
-ياق يېنىڭىزدا تۇرغاي  ،يىقىندىن  زېھنىم تازا  جايىدا  ئەمەس ، قويغان  تۇتقۇنىمنى  ئۇنتۇپلا  يۈرىمەن  ،  تاپالماي  يۈرمەيلى  دەيمەن ، بىرسى  مېنىڭ  ئاچقۇچىمدا  تۇرسا ،  ئەنسىرمەڭ ،- تازا  رازى بولمىساممۇ  بۇتايىنى يوق ئىشلارغا  كاپشىپ  ۋاقىت  ئالماسلىق ئۈچۈن  ، كىيىنكى گەپلەرگە  پەرۋا  قىلماي  ئىشقا  چىقىپ كەتكەن ئىدىم ، زېھنىم جايىدا ئەمەس ،دىگەن بۇ گەپلەرنى ،بەزىدە  سەن دىمىسەڭمۇ  ھىس  قىلىپ قالاتتىم .  بىر نوقتىغا تىكىلىپ  سائەتلەپ ئولتۇرۇپ قاللاتىڭ . ياداڭغۇ يۈزلىرىڭدىكى  تولغان ،سېنى قىزىل ئالمىغىلا ئوخشۇتۇپ قۇيدىغان  مەڭىز گۆشلىرىڭنى  ئون ئىككى يىللىق تۇرمۇش مۇساپىمىز خورتۇپ بولغان ئىدى . ئۈزىڭ قويغان نەرسىنى ئۈزىڭ تاپالماي سائەتلەپ ئىزلەپ يۈرەتتىڭ ، پەقەت قۇلىڭدا سىقىمداپ تۇرغان نەرسىلەر بىلەن ، كۆز ئالدىمىزدا كۆرنىپ تۇرغان نەرسىلەردىن باشقىنى مانا مۇشۇنداق ئىزلەيتىڭ .
  ئەمما سېنىڭ ھاياتقا تۇلۇمۇ قىزغىن ، چېچەن ،گۈزەل تۇيغۇلارغا باي  ھالىتىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن ، ھازىرقى ھالتىڭغا سەۋەپكار كەچمىچلەر مېنى  دارقىراتقانچە  باغرىغا سۆرەيتى .  مەن  شۇ تاپقى ئىسيانكار خىيالىرىمدىكى قاباھەتلەردىن بىردەم قۇتۇلۇشنىڭ پېيىغا چۈشكەندەك ، كەچمىچلەرنىڭ  گۈزەل ۋاراقلىرىنى  ۋاراقلاشقا تىرىشاتتىم.
    سەن گۈزەل  بولمىساڭمۇ  سۈيۈملىك ،پەزىلەتلىك ئىدىڭ ، رومانتىك  قاراشلىرىڭ مېنىڭ  تۇيغۇلىرىمغا    بۈسۈپ كىرگەندە ، مەغرۇر تەبىتىمنىڭ  قاچانلاردا  سەن تامام ئىگىلگەنلىكىنىمۇ  سەزمەي قاپتىمەن، سېنىڭ  ئاپپاق  كىرسىز  قەلبىڭنىڭ  ، مېنىڭ  رېشتىمگە  مەھكەم باغلانغانلىقىنى  ، قانچە  قېتىملاپ ئۆز  ئاغزىمدىن ئاڭلىغىڭ  بارلىقىنى  بىلسەممۇ ، يەنە بىر يەردىن  رۇسلىنىپ  تۇردىغان مەغرۇرلۇغۇم  ،ئۇنى  ئاشكارلاشقا ،زىيادە  تەشەبۇسكارلىققا  يول قويمايتى . پەقەت  يىقىن  دوستۇڭنىڭ  تۇغۇلغان كۈنى بولغان ۋاقىتتا ، كىچىك  رومكىغا  ،رەھىمسىزلەرچە  لىقلانغان  ھاراقنىڭ  شاپائىتى  بىلەن ،  يۈرىكىمنى  ساڭا تۇتقۇزۇپلا  قويدۇم .قاراڭغۇ  چۈشتى ، سېنىڭ  ئەنسىرەپ  كىتىشكە ئالدىراۋاتقىنىڭنى بىلسەممۇ ،قەستەن كەچ  قويدۇم ،ئىچىمدە  بولسا ،  ماڭا  قىيالمىساڭمۇ  كىتىشكە ئالدىراۋاتقىنىڭدىن سۈيۈندىم . سورۇندىكىلەر  بىزلەرگە  بەخت  تىلەپ ‹‹يېڭى ئەسىرنىڭ تاھىر-زۆھرەلىرى ››دىگىنىچە  قالغىنىدا ، مەن سېنى  سالامەت  ئۈيىڭگە  ئاپىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن  ماڭغان ئىدىم .  ئازراق  ماڭغاندىن كېيىن  ئىچىمگە جىن كىردى ،-
-زوھرە ، بۈگۈن قايتماڭ ،ئۈيىڭىزگە  تېلىفۇن ئۇرۇپ قۇيايلى ،  ئىككىمىز  بىر يەرنى تېپىپ تۈنەپ قالايلى ، -  بۇ سۆزنى  تۈگۈتۈپ  ساڭا قارىدىم ، سېنىڭ چىرايىڭدىكى ئىپادىلەرنى  سىزىپ  باققىم بار  ئىدى ،  چىرايىڭ شۇنداق تېز  ئۆزگەردى ،-
-تاھىر ، مېنىڭ  بۇ كېچىدە  سىز  بىلەن   بۇ كۇچىلاردا  يۈرگىنىممۇ  يىتە  ، نىمىشكە  گەپ  بولسا  كۈندىزى  دىمەي  ،چۇقۇم  كېچىدە  تۈنەپ دىيىشكىدەكمىز ؟
-كېچىدە  قىلىشقان پاراڭ  بىلەن كۈندىزدە  قىلىشقان پاراڭنىڭ تەمى قانداقمۇ  ئوخشىسۇن ؟،- بەلكى تۇنجى قېتىم مېنىڭدىن  مۇشۇنداق نارازى بولغانسەن ،چىرايىڭغا  ئۈمۈتسىزلىككە  ئوخشاپراق كىتىدىغان  ھالەتلەر يېيىلىپ  باراتتى ،نەچچە رومكا ھاراقنىڭ  تەسىرى بىلەن  بۇ قەدەر  تۇزى كەم گەپنى  قىلىپ سالغىنىمغا  ئۈزۈممۇ  نۇمۇس  قىلغان ئىدىم ،  شۇڭا تېزلا  ئۈزۈمنى رۇسلاپ ،-
-زۆھرە ،چاقچاق  قىلدىم ، سىز  مېنىڭ زۆھرەيىم ، مەن كەلگۈسىدىكى ئايالىمنىڭ  ئىززەت ھۆرمىتىنى  قوغدىشىم  كېرەك  ،  يۈرىڭ  ماشىنا تۇسايلى .....
  شۇنداق قىلىپ  تۇيىمىز  بولدى ، سەن   قانائەتچان ئىدىڭ ،تويلىقىڭ  زىيادە  ئەمەس   ، ئەمما  سېنىڭ  سۈيۈملۈك كىچىك دۇنيارىمىز  ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىللىرىڭ  بەكمۇ كۆپ ھەم  بىباھا  ئىدى .ھەممە نەرسىلەر  شۇنچە  گۈزەل  ھەم جايى جۇيىدا  ئېلىنغاش ، باشقىلارنىڭ  ئۇ نەرسىلەرگە  قاراپمۇ  ،ئۈزىنىڭمۇ  مۇشۇنداق نەرسىللىرى ،مۇشۇنداق ئۈيى  بۇلىشىنى خالاپ قالاتتى . قايسى  يىگىت  بىلەن قىز  توي  ئاخشىمىدىكى شىرىن  دەقىقىلەرنى كۈتمەيدۇ ،  شۇلار  قاتارىدا  مېنىڭمۇ  تىنىمسىز  ھاياجىنىم  ماڭا ئاراملىق بەرمەيتى . ساڭا ھەر بىر  قارىغىنىمدا ،سېنىڭ  ئەتلەس  كۆينىكىڭنىڭ  لالە  رەڭگىدە  قىزىرىپ كىتىشىڭ ،سېنى  تېخىمۇ جەلىبكار  قىلىۋىتەتتى  . تالاي رەسمىيەتلەر  ،دوسلىرىمىزنىڭ قىيا –چىيا   ئۇيۇن كۈلكىسى  ئىچىدىن  ، سىرغىپ  تىۋىشسىز  كېچىگە  كىرىپ كەلدۇق . زوھرە  شۇ كېچە ئۈزۈمنىڭ نەقەدەر  بەختلىك ئىكەنلىكىمنى  ،پۈتۈن ئالەمگە  جاكارلىغىم كەلدى . سېنىڭ ئىپپىتىڭنىڭ ،مېنىڭ غۇرۇرۇم ، بارلىقىم  ئىكەنلىكىنى  ھىس  قىلارسەن ،ئەمما  مېنىڭ  يارقىن ئاۋازىم ،ئىشەنچ  ئىپتىخارىم  ئىكەنلىكىنىمۇ  بىلمەيتىڭ . ئەسلىدىكى  مىھىرلىك  ئەپتىڭگە  ،بۇ پاختا ئارسىدا  جۇلالىنىپ تۇرغان  ئوتلۇق  تەپتىڭ قۇشۇلۇپ ،مېنى  باغرىمنى چوغداندا  چوغلىغاندەك  ھارارەتكە تولداردى .   ئىككى كىشىلىك دۇنيارىمىز  ئەنە  شۇنداق  باشلاندى . تەپتى  كەتمەيدىغان  ئوتلۇق  باغرىڭ ، ئاياللىق سۆلكىتىڭ مېنى  بۇ دۇنياررىمىزغا  ماگنىتتەك تارتىپ تۇراتتى ، سەن ھامىلدار  بولدۇڭ ، مەن ئىفتىخارلىق  ئىلكىدە  ئۈزۈمنى دادا  بولماقچى دەپ جاكارلىدىم ،دەل بۇ خوشال كۈنلىرىمىزدە  ،  سەن  ئىشلىگەن  شېركەت ئادەم قىسقارتىپ ، تۇنجى قېتىملىق  كىسىشنى  سېنىڭدەك شېركەتتىكى يۈلەكسىزلەردىن باشلىدى  ،   700 يۈئەنگە  يەتمەيدىغان مۇئاشىم  گويا  تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئۈسكىنىسىدىن   تېمىۋاتقان سۇغا  ئوخشايتى  ، ئاستا ئاستا ‹‹ كۆڭىل  تېچ  قايناقسۇ ئىچ ››دىگەن گەپلەرنىڭمۇ  ،ھىسياتقا بىرىلىپلا  چىقىدىغانلىقىنى  ھىس  قىلىشقا  باشلىدىم ،   دوسلۇرۇم  سورۇنلاردا  چوڭ چوڭ خەجلەپ ،ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز  قىلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى . ھەرقانچە  چاندۇرماسلىققا تىرىشسساممۇ  ، بىزگە  ھەيۋە  قىلىۋاتقان ، پات-پات  مۇشتىمىنى  بۇرنۇم تۈۋىدە  پۇلاڭلىتىپ ،ئارامىمىزنى  بۇزۇدىغان بۇ ئىقتىسادى بېسىم  مېنى قاسراق تاشلاشقا مەجبۇرلايتى .  بىلىمەن  شۇ چاغلاردا  سەن  قايسى ھالەتتە تۇرىۋاتقىنىڭنى ،گويا  ھەممىگە  سېنىڭ خىزمەتسىزلىكىڭ  سەۋەپچىدەك ، سەن چوڭ  گۇناھكاردەك ، زىيادە  تەلىپىڭمۇ يوق ئىدى ،  ھامىلىگە  نۇرغۇن  نەرسە كېرەكلىك بۇلار  ئىدى ، ئەمما  ئەتىۋالىشىپ نىمىلەرنىدۇ يىيىشنىڭ  جىدىلىنى  قىلمايتىڭ ، بەزىدە  چوڭلاردىن  پۇل ئەكىلىپ ، جىددى قىينچىلىقىمىزغا تاقابىل تۇراتتىڭ  ، بۇنداق  ئىشلارنى كۆرسەممۇ كۆرمەسكە ،بىلسەممۇ بىلمەسكە سېلىپ ، ساڭا گەپ قىلمايتىم . بەلكى ساڭا  ياخشى  گەپلەرنى قىلىشىم  كېرەكتۇ  ،ئەمما  ئۈزۈمنى  ئامالسىز  كىشىدەك   ئوتتۇرغا چىققارغۇم  كەلمەيتى . تۇيۇقسىز  ئىدارە  مېنى يېرىم يىللىق  ئۈگۈنىشكە  بىكىتتى ، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە  تەپمەكتەك ئىش  بولغان ئىدى ، بۇ مېنىڭ ئىستىقبالىم  بىلەن مۇناسۋەتلىك  ئىش  بولغاش ،  ئۇقۇشقا كىتىدىغان  3000 يۈئەن پۇلنى  قايەردىن بولسا  جەملەپ  بېرىشىم  كېرەك ئىدى .‹‹ توۋا !  بويتاقلىق  ئاجايىپ  ئەركىن  ھە ! ئەمدى  ئائىلە  بولغاندا  ...ھەي   ››ئىچىم پۇشاتتى  ،  سۈكۈت  قاپلىغان چىرايىمغا  قاراپ  تىپىرلاپ  كەتتىڭ  ،   ‹‹ئەنسىرمەڭ  مەن  ئامالىنى   قىلىمەن›› بۇ سۈيۈملىك ئاۋازىڭ  يەنە  ئاڭلاندى ، تۇيۇقسىز  سېنىڭ  ئىششىپ كەتكەن بەدىنىڭگە  قاراپ  ئويلاپ  قالدىم ،  ئاي كۈنىڭ  5ئايدىن  ئېشىپلا  بەدىنىڭنىڭ ئىششىشى  نۇرماللىق ئەمەستەك ، ئەمما   سېنى تەكشۈرتىشكە  پۇرسەت  بولمايۋاتاتتى ،  شۇنداقتىمۇ ،-
-زۆھرە  ،بىر تەكشۈرتىپ  باقسىڭىز  بۇلاتتى ،- دىگەندەك  ئاددى  سۆزلەر بىلەنلا  چەكلىنەتتىم . يېڭى  توي  قىلغانلىقىمىز  ئۈچۈن پات پات كېلىدىغان مىھماندىنمۇ  ،ئىچەرمەن ئاغىنىللىرىمدىنمۇ  زېرىككەن ئىدىم ،  ئۇلارغا نەچچە خىل   قورۇما تەيارلايتىڭ ،  ئۇلارنىڭ ئالدىغا  ھەرخىل ئامال بىلەن ،شۇنداق قىزغىن  ھەم  مول داستىخان بىلەن چىقاتتىڭ ، زىيادە  ھۆرمىتى بۇلۇپ تۇرغان بۇ دوسلارمۇ  سېنى ياقتۇراتتى . ئەمما  بۇنداق  مىنەتتارلىقنى  ساڭا ياردەملىشەلمەيدىغىنىم ئۈچۈن ،سېنى چارچىتىپ  قويغۇنۇم ئۈچۈن  مەن ئېيتىپ  يۈرمەيتىم ،  چۈنكى سەن مېنىڭ نەزىرىمدە  ، مۇكەمەللىك باسقۇچىدا  يەنە تاۋلىنىشقا  تەييار  تۇرىشىڭ كېرەك ئىدى . كېچىللىرى  بەللىرىڭنىڭ ئاغرىۋاتقىنىنى  تۇيۇپ  ساڭا ئىچىم ئاغرىسىمۇ ، ساڭا  مىھرىبانلىق  قىلدىم دەپ ،سېنى ناچار  ئادەتكە كۆندۈرۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەپ  ،  يانغا قاراپ يېتىپلا ئۇيقۇغا كىتەتتىم .  سەن  چىدىدىڭ ، مېنى سالامەت ئۈگۈنىشكە ماڭغۇزۋىلىش ئۈچۈن ھەممىگە  چىدىدىڭ ،ئەمما مەن ئۈگۈنىشكە  ماڭغاندىن كىيىن  چوڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپلا  يىقىلدىڭ ،  بەدەندە  قان بەك ئاز  قاپتۇ ، قان بېسىمى  يۇقىرى ئىكەن .... مەن  سالامەت يىتىپ كەلدىم دەپ  تېلىفۇن قىلغان كۈنى  ،ئاڭلىغان تۇنجى گەپ  شۇ بولدى ، ئۆزئۆزەمگە ‹‹زۆھرە  ،سەن نىمانچە  چىداشلىق ،پەقەت  مېنى  ئۇقۇشقا ئەۋەتىش   ئۈچۈنلا ھەممىگە  چىداپسەن ، توغرا  ئاغرىپ  ياتساڭ ،مېنىڭ ئۇقۇشقا بېرىشىم  مۈمكىنمۇ ؟ سەن ئاتا-ئاناڭ  ئالدىدا  قىزىرىپ يۈرۈپ  ئاران تەييارلىغان پۇل ،دوختۇر  پۇلىغا كەتسەچۇ ؟ مەن بار تۇرۇپ  ئاناڭ داداڭلارغا مېنى داۋالىتىڭلار  دەلەيتىڭمۇ ؟  ››  سەن مانا  مۇشۇ  قىيىن  مەسىللەردىن  ئۈتەلمەي  ،ۋاقىتنى خېلىلا ئۆتكۈزۋەتكەن ئىدىڭ . مەن بۇلارنى  بىلسەممۇ   يەنىلا بىلمەسكە سالدىم .  سېنىڭ  كۈندە  كەچتە  ياتىقىمىز  ئاستىدىكى  نۆۋەتچىخانىغا    تېلىفۇن قىلغاندىكى  ۋاقتىڭنى كۈتەتتىم  ،كۈندە  ئەھۋالىڭدىن  ئانچە  مۇنچە خەۋەردار  قىلغاش ،مېنى  قانچىلىك سېغىنغىنىڭدىن بىشارەت  بىرەتتىڭ ،  پەقەت  شۇ يەردىلا  ساڭا  قىىلىشقا تىگىشلىك  نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىمنى  ھىس  قىلدىم . يىگىڭ  كەلگەن نەرسىلەرنى  پات پات  سوراپ  باقماپتىمەن ،  سىرتلارغا   سېنى ئايلىنىپ كېلەيلى  دەپ  ئاچىقمىغاندا ،ياكى  ئايلىنىپ كىرىش  تەلىۋىڭنى رەت قىلغاندا ، سېنىڭ  سۇس نارازىلىق ئىلكىدە گويا لىقلانغان قەدەھتەك ياش لىغىرلاپ قالغان كۆزلىرىڭنىڭ سوراقلىرىدىن قاچقاندەك يېنىڭدىن ئۈنتىنسىز غايىپ بۇلۇپ ،دوسلۇرۇم بىلەن ئولتۇرۇپ  ئىگىز پەس دەسسەپ تەڭ كېچىدە ئۆيگە كەپتىمەن. ، بىر كۈنى  يانچۇقۇمغا سېلىپ  قويغان  كىچىك كارتىدىكى مۇنۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ ،ساڭا راسلا ئىچىم  ئاغرىدى ،-
-تاھىر ، بىلىمەن  مەن شۇ تاپ  ئىششىپ  بەكمۇ كۈرۈمسىز  بۇلۇپ كەتتىم  ، بەلكى  بۇ كېلەڭسىز  ھالتىمغا ئەگىشىپ  كۇچىغىمۇ  چىققىڭىز  يوقتۇ ،  لېكىن  بىلەمسىز  قورسىقىمدا   ،بۇ كۈرۈمسىز  تۇرقۇمنىڭ  پىنھانلىرىدا  بىزنىڭ  يۈرەك پارىمىز  يىتىلىۋاتىدۇ  ؟  ئۇنىڭ  يۈرەك تىۋىشلىرىنى  ئاڭلاشنىڭ قانچىلىك ھۇزۇر ،ئۇنىڭ تىپچەكلەشلىرىنى   تۇيۇشنىڭ  قانچىلىق  لەززەت  ئىكەنلىكىنى  سىز  ھىس  قىلالمايسىز . ھامىلدارلىق مەزگىلى بىر ئايالنىڭ  ھايات  ماماتلىق جەڭ مەزگىلى ، جېنىم تاھىر ،يېنىمدىن  يىراق كەتمەڭ ، مەن قورقۇيمەن  .....،-دەپ  خەت  قالدۇرغان ئىدىڭ .‹‹ سەن نىمانچە  ئاخماق  جېنىم  زوھرە  ، مەن شۇنداقمۇ  ئويلارمەنمۇ   ، قارىغانا سېنى  ،  ئۇ مېنىڭ پۇشتۇم ،سەن دەل شۇ پۇشتۇمنى تەۋەللۇت  قىلىش  ئۈچۈن  بۇ  ھەرەجلەرنى تارتىۋاتساڭ  ،مەن شۇنداقمۇ ئويلارمەنمۇ  ؟   ئۇنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقىنى مېنىڭ قېنىم ،  سەن دەل مېنى  بۇ دۇنياغا  يېپيېڭى  ھالەتتە  قايتا ئاپرىدە قىلىسەن  ئەمەسمۇ ؟ ئارتۇق ئويلىما  ،بىپەرۋالىقىمنى كەچۈر ›› مانا  بۇ خەتلەرنى ئۇقۇپ  بۇلۇپلا  ئويلىغانلىرىم ،ئەمما  ھەممىنى  دىيىشنى توغرا تاپماي  ‹‹نەدىكى خىيالنى قىلىدىكەسىز ››  مانا  مۇشۇ گەپ بىلەنلا  كۇپايىلەندىم .سېنىڭ مەندىن  نۇرغۇن نۇرغۇن تاتلىق سۆزلەرنى  كۈتىۋاتقىنىڭنى بىلسەممۇ  ، دىگىم كەلمىدى ، سېلەر ئاياللار  چارچىمامدىغانسىلەر-ھە ! بىز دائىم  ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ  ، رومانتىكاڭلارغا لىققىدە تۇيۇنۇپ  ،  پەرۋانىدەك  سېلەرنى ئايلىنىپ  يۈرسەك  بولامدىغاندۇ  ،  لېكىن بۇ سادالارمۇ ئىچىمدە  قالدى ،  سەن  ھامىلدار  بولغاشقىلا ئارتۇق گەپ  قىلمىدىم . ئەمما  بۇ يەرگە  كېلىپ ،ساڭا  قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەرمىگەنلىكىمنى ، دىيىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن  گەپلەرنى قىلمىغانلىقىمنى  چوڭقۇر ھىس قىلدىم .  سەن ئۇ يەردە  دوختۇرخانىدا ،مەن  بولسام  ھەربىي  مەشىق  ئۈستىدە  ،پىشغىرىن ئاپتاپتا ، ھەممىدىن يامان بولغىنى يېنىڭدا  مۇشۇ ۋاقىتتا  مەن يوق بوپ قالغان ئىدىم ،  بىر يېرىم ئايغا يىقىن  ۋاقىتنى سېنىڭ  دوختۇرخانىدا  ئۆتكۈزىۋاتقىنىڭنى  ئويلىسام ، تۇيۇقسىز  خىجىل بۇلاتتىم ، قېينى ئاتام-ئاناملار ئېسىل كىشىلەر ئىدى .  سەن بىر كۈنى  ‹‹  تاھىر  ، يولدىشى  يېنىدا  بولمىسا  بەك تەسكەن ، ئاياللىرىنى  كۈتۈرۋالغىلى تاس قالىدىغان ئەرلەرگە  قارىسام سىزنى  ئەسلەپ كىتىمەن ،  ئۇلار  سىزنى ئۈگۈنىشتە دىسەم ئىشەنمىدىمىكىن ، خۇددى دادىسى  يوق  بالىغا ئانا  بۇلۇپ  قالغاندەك ماڭا غەيرى قارىشىدۇ ، ئۈگۈنىشىڭىز  قاچانمۇ ئاخىرلىشار ،قاچانمۇ  ياتاقتىن  چىقارمەن ، قوللىرىمنىڭ ساق يىرى قالمىدى  ، قان تۇمۇرۇم بەكمۇ ئىنچىكە ئىكەن ،شۇڭا  بىلەكلىرىم  پۈتۈنلەي  كۈكىرىپ كەتتى ، ئاتا-ئاناملارغا ئىچىم ئاغرىپ  قالدى ، ھە راس ، دادام  ئاناملار  بىر كەپ  قويغان بولسا  بوپتۇكەن .....››  مانا مۇشۇنداق  بىر دالاي  سۆزلەرنى  قىلاتتىڭ ، ئاتا-ئانامنىڭ سېنى  تېخىچە  يوقلاپ  قويمىغانلىقىغا  قارىتا ھېچنىمە دىمىسەممۇ  ،ئىچىمدە  بىر يەرلىرىم ئاچچىق بولدى . كىيىنكى قېتىم يىغلاپ  تېلفۇن قىلدىڭ ‹‹  بالىنى ئېلىۋىتىدىغان  بولدۇق  تاھىر ،مېنى كەچۈرىڭ  ، يەنە  ئىككى كۈن  مېنى ئومۇميۈزلىك تەكشۈرۈپ ، 500 گىرام  قان سالغاندىن  كېيىن ،  بالىنى  ئېلىۋىتىدىغان بولدى  ، بالىنى  ساغلام تۇغۇلالمىغدەك دەيدۇ ››  بۇ گەپ بىلەن  يۈرۈكىم ئېچىشتى ،نىمە  ئامال ،سەنلا  سالامەت بولساڭ ،شۇ كۇپايە ئىدى . شۇڭا  ساڭا  تەسەللى بەردىم ، شۇ پېتى  سەن تېلفۇن قىلمىدىڭ ،مەن پەقەت  چوڭ ئۆيگە  تېلىفۇن قىلىپ  ئەھۋالىڭنى سوراپ  تۇردۇم ،  ‹‹  زوھرە  بەك يىغلىدى بالام ،  بىر بالىنىمۇ ئوڭشاپ  تۇغالمىدىم  دەپ ،بالا ئۇغۇل ئىكەندۇق ،  بورانلىق  بىر كېچىدە   بالىنى  ئېلىۋەتتى ......››  قېينى ئانام يىغلامسىراپ  قىلغان بۇ گەپلەر بىلەن ،سېنىڭ  بورانلىق كېچىدىكى  ئاشۇ قىياپىتىڭ  كۆزئالدىمغا كەلدى ،  ئېلىۋىتىلگەن  بالىغا قاراپ ،سېنىڭ نەقەدەر ئازاپلانغىنىڭنى تەسەۋۇر قىلالايتىم .

‹‹جېنىم زوھرە چىداملىق بول ،  سەنلا سالامەت  بولساڭ  ، بىزگە  ئاللا  يەنە  بىرىدۇ  ››بۇ ئۈنسىز  نىدالىرىمنىڭ ساڭا يەتكەن يەتمىگەنلىكىنى  بىلمەيمەن  ، ئەمما  سېنى راسلا سېغىنغان ئىدىم .
  ئۈگۈنىشىم ئاخىرلاشتى ، مەن قايتىپ كەلگەندە  ،سەن چوڭ ئۆيدە كۈتۈنىۋاتقان ئىدىڭ  ،‹‹ئون تۇغۇتتىن  بىر چۈشىك يامان ››  جىم يات  بالام ، جىق ئولتۇرۋالما ،ئاغرىقجان بۇلۇپ  قالىسەن .....  قېينى ئانام  سېنى ئاشۇنداق  پەرۋىش  قىلىۋاتقان ئىدى ،  قېنىڭنى  تۇلۇقلايدىغان  ،ئەمما قان بېسىمىڭنى  ئۆرلىتىۋەتمەيدىغان  يىمەكلىكلەرنى  بىرەتتى ، شۇنداق  قىلىپ  40 كۈن تۇشۇشىغا ئۆيگە  قايتۇرۇپ كەلدىم ، ئۆيلەرنى  سەن كەلگۈچە بىرەر قۇر تازلاپ  قويغىنىم ئۈچۈن ، ھاياجان بىلەن كۆزلىرىڭگە  ياش  ئالدىڭ ، سېلەر ئاياللارنى رازى قىلماق  نىمانچە  ئوڭاي ھە ،  مانا  مۇشۇنداق تەسىرلىنىشمۇ  ،سېلەرنىڭ بىزنى  بوي سۇندۇرۇش  ھېلەڭلارنىڭ بىر تۈرلىكىمىكىنە ؟
ئىككىنجى بالىمىزغا  ھامىلدار  بۇلۇپ ،بىرىجى قېتىملىق ساۋاقنى يەكۈنلەپ  .ئەڭ مۇھىمى ئازراق  پۇلنىڭ غېمىنى ئالدىن قىلغىنىمىز  ئۈچۈن ، سەن خاتىرجەم  دوختۇرخانىغا  باردىڭ ،  مەن سىرتقا  چىقىپ  كىرسەم سەن  ،تەكشۈرىش  بۈلىمىدە  دوختۇردىن   بىر  نىمىلەرنى سوراۋىتىپسەن ، تاماكامنى چەككەش  سۆزىڭنىڭ  تۈگىشىنى  ساقلىدىم ، -
- سالامەت يەڭگىپ  بولساملا  چىقىپ كىتەي ،شۇنداق بولغاندا  ، جىق پۇل كەتمەس-  ھە ،  مەن ئىشلىمەۋاتقاننىڭ  ياقى  ،تاھىرغا  ئىچىم ئاغرىيدۇ  ، ئۇ يالغۇز  ئائىلىنىڭ يۈكىنى  زىمىسىگە  ئېلىۋاتىدۇ ، ئالدىنقى قېتىم  ئاتا-ئاناملارنى جاپادا  قويدۇم  ،- بۇ سۆزىڭدىن  بىر ئازاپ  يۈرۈكىمنى تىترەتتى ، جىنىم  زوھرە   سېنى  يوقسۇسلۇقنىڭ  بۇ قەدەر تەمتىرتىۋاتقىننى  تۇيۇپ تۇرۇپمۇ  ،ساڭا ھەجەپ  ئازادىلىك ئاتا  قىلالمىدىم –ھە ،تۇيۇقسىز  كۈزىمگە  ياش  كەلدى ،شۇڭا  تاماكىدىن يەنە بىرنى تۇتاشتۇرۇپ  پەسكە  قاراپ  ماڭدىم . بالا  سالامەت تۇغۇلدى ،  يىغىسى بىلەن دۇنياغا كۆز  ئاچقان بۇ ھاياتلىق ،ھاياتىمىزغا  باشقىچە مەنا  ئاتا قىلغان ئىدى . بالىمىز  ئىككى ئايلىق  بولغاندا  مەن يېزىغا  ئۆستۈرىلدىغان كادىرلار قاتارىدا  ،تەربىيەگە  چۈشتۈم ، بالا بىلەن بارلىق  قىيىنچىلىققا  ئۈزىڭ  قالساڭمۇ  رازى ئىدىڭ ، بارلىقىڭ بىلەن  مېنىڭ  خىزمىتىمگە  قۇلايلىق يارىتىپ  بىرىشنى  ئويلايتىڭ . ھاراق  سەۋەپلىك  ئانچە  مۇنچە ئازارلىشىپ  قالغىنىمىزنى  دىمىگەندە  ، بىزدە ئۇرۇش تالاشمۇ  يوق ئىدى.
   مەن چۈشكەن يېزىنىڭ  كەنت  باشلىقى  تازا ئىچەرمەن ئىدى ، ئۇ خوشال بولسىمۇ  .ئاچچىقلىسىمۇ  ، ياخشى  يامان چۈش  كۆرسىمۇ  بىزنى يىغىپ  ھاراق ئىچەتتى  ،يېزىدا  كەنت  باشلىقى  ئورۇنلاشتۇرۋاتقان سورۇنلار  بەكمۇ  قىزىيتى ، سازەندىلەر  تەييار  ، قارا تىل  بىلەن قىلىدىغان  چاقچاقلىرى  ..ئىشقىلىپ  ھەممىسى  ماڭا بەك ياقاتتى  ،  ئۇلارنىڭ  سورۇنلىرىغامۇ مەن پات پات جاۋاپ  قايتۇرۇپ تۇراتتىم ،ماشىنىغا  لىق قاچىلانغان  بۇ كىشىلەرنى ئۆيگە  ئېلىپ  كەلگىنىمدە  ، بالا  بىلەن ھارساڭمۇ  ،چارچىساڭمۇ  يەنىلا  ئۇلارغا  گۆش سېلىپ سۈيىگە ئۈگرە قىلىپ  ،ئاندىن  نەچچە خىل  قورۇما  تەييارلايتىڭ  ، مەن  ئۇلارنىڭ ئالدىدا  بۇيرۇقباز ، سەل ئاچچىقى  يامان قىياپەتكە كىرۋىلىشنى   ياخشى كۈرەتتىم ، سەن بەزى  سۆزلىرىمدىن  خورلۇق  ھېس  قىلساڭمۇ  ،  مېنىڭ  ئىناۋىتىمنى دەپ  بولسىمۇ  چاندۇرتمايتىڭ ، بۇ يەردە ئىچىپ  ھارغاندا  ئۆينى تاشلاپ ،  مۇزىكىلىق  چايخانىغا  ئاپىرىپ قانغىچە ناخشا تولىمىسا  ئۇلار  ھەرگىزمۇ قايتمايتى . مەن  ئۆيگە  كەلگەندە  ،ھارغىن ھالەتتە  ئۇيقۇغا كەتكىنىڭنى  تۇيغۇدەكمۇ مادارىم قالمايتى.
         توي  قىلغاندىن بىرى ئۈچۈنجى قېتىم ئۆي كۆچتۇق ،  بۇ قېتىمقىسى ئىدارىنىڭ  كونا ئۈيى ئىدى ، ئەمما ئۇنى سەن جىق ھەرەج  تارتىپ يېپ-يېڭى  قىلىۋەتتىڭ  ،  بىنالار  ئەمدىلەتتىن  سېلىنىۋاتقان ۋاقىت  بولغاش  ،بىزدەك ياشلارنىڭ ئالدىراپ  ئۆي ئالمىقىمىز  ئاسان ئەمەس  ئىدى . بۇ يۇغان قورو خېلى جايى جۇيىدا  بولسامۇ  ، ھويلا تېمىنىڭ بىر بۇرجىكى  ئۆرۈلىپ كەتكەن ئىدى ، لېكىن  دەرۋازىسىنى  ئەپەندىمدەك   ئاخشىمىسى چىڭ قۇلۇپلاپ قۇياتتۇق . سەن 1ياشقا  كىرەي دەپ  قالغان ئوغلىمىز  ۋارىس بىلەن كۈندە سەھەر  ئۆيدە يالغۇز  قالاتتىڭ ،  تاماقنى ھويلىدىكى ئاشخانىدا  ئەتكىنىڭ ئۈچۈن ،ئۈزىڭ خالىمىساڭمۇ  ، ئوغلىمىزنى كارۋات ئۈستىگە  باغلاپ  قۇياتتىڭ ، بىر كۈنى  ئىشخانىدا  قەرت  ئويناپ  ئولتارساق  سەن چاقىرغۇ قىلدىڭ ،  ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇن قايتۇردۇم ‹‹  تاھىر  ،  ئاناملارنىڭ ئۈيىدىن ھازىر  كەلگەن ئىدىم ، ئۆينى سۇ ئېلىپ كىتىپتۇ   ھەممە  نەرسە  سۇنىڭ ئىچىدە تېز  قايتىپ  كېلىڭ ›› تېلىفۇننى  قۇيۇپلا  ئويلۇدۇم ،  ئەتىگەن تۇربىدا  سۇ يوق  ئىدى ، سەن  تۇربىنى ئېچىشىڭغا  بالا قىرقىراپ  يىغلىشى تەڭ  كېلىپ ،  سەن سۇ يوق تۇربىنى ئۇچۇق  قۇيۇپلا ،بالىنىڭ قېشىغا يۈگۈرگەن ئىدىڭ ، مەن  بالىىغا  بىر دەپ  قاراپ   تۇرغان بولسام ، ۋە ياكى  تۇربۇنى مەن  ئىشقا ماڭغىچە  ئىتىۋەتكەن بولسام بۇنداق  بولماستى –ھە ، بىلىمەن سەن يەنە  ئامال تاپىسەن ، تۇيۇقسىز  ئۇنچە  ئالدىراش  چېپىپ  بېرىشىمنىڭ زۈرۈريىتى يوقتەك  ،ھىس  قىلدىم ، كەنت  ئىشخانىسىدا   قەرت  ئويناۋاتقانلارنىڭ ئارسىغا قېتىلىپلا ، ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپتىمەن ، كىم ئۇتۇۋالسا  مېھمان  قىلاتتى ، مەن  ئۇتۇۋالغىنىم  ئۈچۈن  كەنىتتىكى  بىر ئاشخانىدا  سورۇن ھازىرلىدىم ، خىيال قىلسام  راسلا  بەك پەرۋاسىزلىق قىلغان ئىكەنمەن ، زوھرە .  نىمانچە  رەھىمسىز  بۇلار  ئىدىم ، يېرىم كېچىدە  مەس  كەلسەم  ھەممە نەرسە  ھويلىغا دۈگلەكلىك تۇرۇپتۇ ،  سۇلارنى  خوشنىمىزنىڭ   ياردىمىدى  ئاچىقىپ  بوپسەن  ،  سېنى، نەدە سەن؟ دىگىلىمۇ رەغدىم يوق  ،بىر يەرنى تېپىپ ئۇخلاپ قالدىم ، ئەتىسى  سەھەردە  يەنە قاچتىم ،  رۇخسەت  سورىسام تامامەن بۇلاتتى ، لېكىن  بۇ ئىشلارنى مەن قىلىشىم كېرەك ئىدى ، شۇڭا  خارابىغا ئوخشاپ  قالغان بۇ ھويلىنى بىر تەرەپ  قىلىش  ئىشىنى ساڭا قۇيۇپ كىتىپ  قالدىم ،شۇ كۈنى بالىنى  قېينى ئانام  كېلىپ  ئەكىتىپتۇ ، ھەممە نەرسە  ھويلىغا چىقىپ  بولغاندا  ،سەن  ئىچ  ئىچىڭدىن  بۇقۇلداپ  تازا  يىغلاپسەن ، تويدا  تۈجىپىلەپ  ئالغان نەرسىلەرنىڭ  ، ھويلىدا  تۆپەتۆپىگە  تاشلانغان ھالتىنى كۈرۈپ  ئىچىڭ  ئېچىشقان بولسا كېرەك ، لېكىن مەن يەنىلا ئالدىراش  يۈرەتتىم ، سەنمۇ ماڭا قايتا  چاقۇرغۇ قىلمىدىڭ ، بىلىمەن  سەن  مەندىن  ،پەرۋاسىزلىقىمدىن  رەنجىۋاتقان ئىدىڭ  ، بېرىپ ئازراقلا ياخشى گەپ قىلسام   مومدەك ئېرىپ  كىتىدىغىنىڭنى بىلگەشكە ،سېنىڭ رەنجىپ كىتىشىڭدىنمۇ بەك  قورقۇپ كەتمەيمەن ، چىرايىمغا  كەسكىن تۈس  بىرىپ ‹‹ خىزمەت  بەك ئالدىراش  ياكى  تەكشۈرۈش  كەلگەن›› دىسەملا  قۇتۇلۇپ كىتەتتىم . سېلەر ئايال خەق  بەك تۇمۇرچى ، بىر قېتىم  ئىشىڭلارغا ياردەملىشىپ  قويساق  ،سېلەرگە   بۇلۇپ بىردۇ  ، مانا  ئاياللارغا   قانداق  مۇئامىلە  قىلىشنى  ھېيتەك  سۇڭجاڭ ‹ كەنت باشلىقى ›  بەك  بىلىدۇ  ، ئۇ تېخى ماڭا :
-توغرا  قىپسەن ئۇكا ، ئەر كىشى دىگەن ئەركىشىدەك  بولغۇلۇق  ، سۈر ھەيۋىمىز  بىلەن تۇرساق  ، خۇتۇنخەققە شۇنچە  سىرلىق  بىلىنىمىز  ،  سىرىمىزنى  بىلىۋالسىلا  ئالدىغا سېلىپ‹‹  سىز  سەكە  ›› دەپ  ئاراملىق بەرمەيدۇ ...  ھېيتەك  سۇڭجاڭنىڭ  بۇنداق  گەپلىرى  ماڭا خېلى يارايتى  .  توۋا  مەكتەپنىڭ  قارسىنىمۇ كۆرمىگەن ئادەم  ،ئەمما ئاساسى  قاتلامنىڭ  ئىشىنى  قىلىشقا  ئىپى  بار  ،  كىشلىك مۇناسۋەتكىمۇ  يامان ،  دېھقانلارمۇ  بەك  قوللايدىغان بۇ كىشىنىڭ  ئاياللار  مەسلىسىنى  بىر تەرەپ  قىلىشقىمۇ خلى ئىپى بار ئىدى . شۇنداق   قىلىپ  ئۆيلەرنىڭ  ئاستىغا  قۇم  ئەكەلدۈرۈپ  تۈكۈپ ، سىمىنۇت  تاش  ياتقۇزۇپ ، خېلىلا  جايىدا  ئوڭشاپ  بوپسەن ،مەن بولسام يەنىلا ئالدىراش ، يامان يىرى شۇ پېتى  سۈتىڭ  توختاپ كىتىپ ، بالا ئەمچەكتىن ئايرىلىپ كېىپتۇ . ئىشلارنى رەتكە  سېلىۋالغاندىن كىيىن سەن دۇكان  ئاچماقچى  بولدۇڭ   دادىمىز  ‹‹  قىزىم   سىز تىجارەت  قىلىدىغان ماتىريال ئەمەس ،ئەڭ ياخشىسى  بىرەر يەردە  ئىشلەڭ››  ئەممە  سېنىڭ ئىرادەڭ  قەتتى  كەلدى ،  ئۈرۈمچىدە  مالنى دېتلاپ  ئېلىپ . قوسقۇڭغا تاماق يىگىلىمۇ چىدىماي  ،ئىسسىق ئۆتكۈزۋىلىپ  يۈرگىنىڭ بىلەن ،  بۇ يەرگە كېلىپ  مالنى  ئىز  پۇلىغا دىگۈدەك  سېتىپ  يۈردىڭ ، سېنىڭدەك  راسچىل ،باغرى يۇمشاق  ئادەمدە  سودا  ئېڭى  شەكىلەنمىكى تەس  ئىدى  ،  بىنا ئۆيگە  خەتلەتكەن ۋاقتىمىز  ،دۇكاندىكى  مالنى  سېتىپ  تۈگىتپلا  ئۆيگە  قايتىپ  كىرىپ  ،ئۇزاق ئۆتمەي  سىتراخۇئانىيە  شېركىتىدى    ئىشلەشكە باشلىدىڭ  ،نەچچە ئاي تېركىشىپ ،ئۈزىڭنىڭ راسلا سودا  قىلىشنىڭ ماتىريالى ئەمەسلىكىنى  بايقاپ  قالغان ئىدىڭ .سىتراخۇئانىيە شېركىتىدە  گەرچە  جىق  پۇل تاپالمىساڭمۇ  روھىڭ كۈتۈرەڭۈ ئىدى .  ئۇلاردىكى  سەۋىرچانلىق ،  تىرىشچانلىق ئېڭى  ساڭا بەكمۇ تەسىر  قىلغان ئىدى  .  تۇنجى مۇئاشىڭ  چىققاندا  ، ماڭا  بىر دانە  يانفۇن سوغا  قىلدىڭ  ،  ھاراق ئىچكەن سورۇنلاردا   ،بىر قانچە يانفۇننى يۈتتۈرىپ بولغاش ، يانفۇنسىز  قالغان ئىدىم .تەسىرلەنسەممۇ  جىق گەپ قىلمىدىم ،  ئۈزۈڭ  بىرەر  قۇر  كىيىم ئېلىشىڭ كېرەك ئىدى . ئەپسۇس .  سەن ئەنە شۇنداق  ئاددى   ياشاشنى خالايدىغان ئايال ئىدىڭ .سېنى ئۇ يەردە  پۇل  تاپتى دىگندىن كۈرە  ،تۇرمۇش  ئۈگەندى دىسە  توغرا  بۇلاتتى ، شۇندىن كىيىن  سەن ئۈزىڭنىڭ  قىممىتىگە  قايتا دىياگنۇز  قويدۇڭ.  بىر ساۋاغدىشىڭدىن  ئۇقۇشۇپ ، يىراق  يېزىغا  ۋاقىتلىق  ئۇقۇتقۇچى  بۇلۇپ  تۇرماق  بولدۇڭ ، بالىمىز  ئانىمىزنىڭ  قېشىدا  باغچادا ئۇقۇغاش  ،سەن  بالا مەكتەپكە كىرگۈچە بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇۋىلىشنىلا ئويلايتىڭ . ئارلىق يىراق  ئەمما سەن بۇ ئارلىقنى ماشىنادا ئەمەس  ۋېلسىپىت  بىلەت  باساتتىڭ ، بەزىدە  سېنىڭ  بۇ  ئىشلىرىڭ ھار كېلىپ  ،  كۆزلىرىڭدە  ياش ،  ۋەلسىپىت  پىدالىنى  كۈچەپ تىپىپ ، قايسىدۇر  بىر ئىشلارنىڭ پىلانى بىلەن  كىتىپ  بارغان ھالىتىڭ  كۆز ئالدىمغا  كەلسە  ساڭا  ئىچىممۇ  ئاغرىپ  قالاتتى . ئەممە  خىيال قىلسام  ساڭا  بۇ توغۇرلۇق  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ  باقماپتىمەن ، سەن شۇنچە جىق مۇساپىنى بېسىپ  كېلىپ  تېخى  ماڭا تاماقمۇ ئىتىپ  بىرەتتىڭ . مېنى يەنە ئاۋالقىدەكلا  ياخشى كۈرەتتىڭ  ، پەرۋاسىزلىقىم ،تۇرمۇشتىكى  بەزى   چېچىلاڭغۇلۇقۇمغا   نارازى ئىدىڭ ، ماڭا يېلىناتتىڭ  .
-تاھىر  ،مېنى ياخشى كۆرمەس  بۇلۇپ  قالدىڭىزمۇ  ، نىمىشكە  ھاراقنى بۇنچە  كۆپ  ئىچىسىز ؟  نىمىشكە بىز  بىر بىرمىزگە  يىقىن ياشىمايمىز  ، نىمىشكە  مېنىڭ  ئورنىمدا  تۇرۇپمۇ بۇ تۇرمۇشقا نەزەر سېلىپ  باقمايسىز ؟ ،-سۆزلىرىڭ ئورۇنلۇق  بولسىمۇ ،بۇ تۈگۈمەس  سۇئاللاردىن جاق تويغان ئىدىم . ساڭا جىق گەپ قىلىشقىمۇ پۇرسەت  بەرمەيتىم  ، سەن  مۇرەسسەگە  ئوخشاش  تەلەپۇزدا گەپ باشلىساڭلا ،مەن چاپىنىمنى تەتىر  كىيىپ  ئۆيدىن  چىقىپ كىتەتتىم  .  دەسلەپ  تېلىفۇن قىلىپ  تېز  قايتىپ  كىرىڭ  ،دەپ  قاتتىق  تەلەپۇز  ئىشلىتەتتىڭ  ، مەن كىرمىگەنچە  تەلەپۇزۇڭ يۇمشاشقا باشلايتى  ‹‹خۇتۇن خەق دىگەن شۇ ، قانچە ئەستايدىل  بۇلۇپ  بەرسەڭ  ، مەسۇليەتچان بول  دەپ ، سېنى  قىينىغىنى قىينىغان ، بىردەم  ماڭا  كۈيىنمىدىڭ دىگەن ، بىردەم  ئۆي بىلەن كارىڭ  بولمىدى دىگەن ، بىردەم مۇھابەت سۇسلاپ كەتتى  دىگەن ،  يېڭى توي قىلغاندىكىدەك  قايناق ھىسياتلار  يەنە بۇلىشى  مۈمكىنمۇ ئارمىزدا ››  مەن  مۇشۇ ئىدىيدە  ئىدىم ، ئەمما سەن  ئارىمىزدىكى  مىھىر  يىپلىرىنىڭ  تېخىمۇ  مەھكەم  ،ئائىلىمىزنىڭ  تېخىمۇ مۇكەمەل  بۇلىشىنى  ئويلاپ چارچاپمۇ قالاتتىڭ  . لېكىن مەن يەنىلا  شۇنداق  پەرۋاسىز  ئىدىم ،  جېنىم زوھرە  سېنىڭ تالاي  كېچىلەرنى  يىغلاپ  چىقىدىغانلىقىڭنى ،  مەندىن  ئازغىنە ئىلللىقلىق  كۈتىدىغىنىڭنى بىلىپ  تۇرساممۇ  ، سېنىڭ  ئۈچۈن  ئويلاپ  باقماپتىمەن ، سەن تىرىشچان ئىدىڭ ،  بىر تەرەپتىن تەييارلىق قىلغاش  ،بىر  تەرەپتىن  ئورۇنلارنى  ئۇقۇشۇپ  مەمۇرلارنى  تۇلۇقلاش  ئىنتاھانىسىگە  قاتناشتىڭ ،خوشنا ناھىيىدىكى  مۇھىت ئاسراش  ئىدارىسىنىڭ  بىر ئىشخانىسىگە  سەپلەنگەن ئىدىڭ ، سەن ئۈچۈن خوشال بولدۇم ، تۇيۇقسىز   سېنىڭ  بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىڭنى ئەسلەپ  قالاتتىم ،  سەن مېنىڭ  ھاراق ئىچىشىمنى تۇسىمەن دىگەنچە  سەن بىلەن قېرىشقىم كېلەتتى ، سەن ماڭا  بىر ئىشلارنى بۇيرىغانچە ،شۇ ئىشنىڭ ئەكسىنى  قىلغۇم  كېلەتتى ،تاپىلىغان ئىشلىرىڭنى قەستەن ئۇنتۇپ قېلىپ ئۈزىڭنى قىلغىلى سالاتتىم .ئۆينىڭ بۇزۇلغان ، تۇلۇقلايدىغان نەرسىللىرىنى  تۇلۇقلاشقا  زادىلا ۋاقتىم يوقتەك ،كۈزىمنى بىرلا كېرىپ  ،ھەممىنى  ئۈزىڭ قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتىم . ساڭا  گەپ قىلىشقا  زادىلا  پۇرسەت  بەرمەيتىم ،سەن ئۇگۇلىنىپ  يىغلايتىڭ ، بىر قېتىم   ئىچىڭگە  بەك ئېلىپ كەتتىڭمىكىن ئايلىنىپ   چۈشتىڭ ،بىھۇش ياتقان زەئىپ  ھالىتىڭگە  قاراپ ، سېنىڭ  چارچىغىنىڭنى  ،تۇرمۇش  بېسىمى ،روھى  بېسىم سېنى  بىرلىشىپ  كاردىن چىقارغىنىنى  بىلسەممۇ ، ساڭا نىمە قىلىپ بىرىشىم كېرەكلىكنى  زادىلا ئويلىيالمىدىم .سەن ماڭا ئۈزىڭگە ئۈزىڭ قىلىۋاتقاندەك  بىلىنەتتىڭ ،  دوسلۇرۇمىزنىڭ ئۈيىگە  چاقىرىپتۇ   ، دوستۇمنىڭ  ئۈيىدە  ئۈلۈم  بوپتۇ  ، قايسى بىر تۇققانلارنىڭ ئۈيىدە توي باركەن بارايلى ...‹‹نىمانچە  تۈگۈمەس  ئىشلار ئۇ ،مېنى  سۆرىمەي  ئۈزىڭ بارساڭ  بولماسمۇ ؟ ›› مەن  بارغىم بولسىمۇ  ،سېنىڭ تەھتىت ئىشلەتكەندەك ‹‹  بىرگە  بارايلى ،مەن ياكى ئېرى يوق  ئايالمۇ ؟ نىمىشكە بىرگە  بارمايسىز ؟ سىزگە  پەقەت  نەچچىلا ئىچەرمەن  ئاغىنىڭىز  بىلەن  ئۇيۇن تاماشىڭىز  بولسالا بۇلامدۇ؟...››  بۇنداق  گەپلىرىڭدىن  جاق تويدۇم  زوھرە !  سەن بۇ ئىشلارنى ماڭا جىكىلىمىسەڭ ، ماڭا زورلاپ تاڭمىساڭ ،مەن خالىغاندا  قىلسام بولماسمۇ ؟   شۇڭا  سۆزلىرىڭگە  پەرۋا  قىلمىدىم .ئەمما  مەن خالايدىغان شۇنداق بىر پۇرسەتتە ،سېنىڭ  مەندىن  رازى بۇلۇپ ،مەمنۇنلۇق پۈتۈن  چېھرىڭدە ،ھەركىتىڭدە  تەنتەنە قىلىپ ،شاتلىقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالدىغىنىڭنى  ئويلىسام ،ساڭا راسلا  ئازراق كۈيىنىش ، سېنىڭ خايىشىڭ بۇيىچەمۇ ،تۇرمۇشتا  بۇ ئائىلىگە  ھەقىقى مەنسۇپ كىشىدەك ، ساڭا  يىقىنراق ياشاپ بېقىشنى ئويلاپ قالىتىم ،ئەپسۇس ، بۇ  خىياللىرىم خىيال پېتى قالاتتى . بىر  ئىشىڭغا  ماقۇل دىسەملا  ،يەنە بىر ئىش  چىقىدۇ ،سەن خەقنى بىلمەمدىم ، 72خىل نوختاڭ بار خەق سەن . بىرىگە  چۈشمىسەك يەنە بىرىنى تەييار  قىلىشىسەن . لېكىن بىرلا ياخشى ئىشىڭ  بىشەم ھازازۇل ئەمەس  ئىدىڭ ،ئۇنداق بولساڭغۇ  ئاللا بۇرۇن   غېزىمىز  غاز ،ئۆدىكىمىز  ئۆدەك بۇلاتتى . زوھرە  بىلەمسەن جېنىم خىيال قىلسام  ، سەن مېنى ئەمەس  ،مەن سېنى كۆندىرىشنىڭ غېمىدا  بۇلۇپتىمەن ،  كىيىنكى كۈنلەردە سەن ،پەرۋاسىز  بۇلۇپ كەتتىڭ . ئۇندا قىلىپ  بۇندا  قىلىپ  بالىمىز  10 ياشقا  كىرىپتۇ ،  توي  قىلغىنىمىزغامۇ  بۇ يىل12  يىل  بولغان  ئىدى . ئەمما  سېنىڭ  ئېسىل مىجەزلىرىڭ  ئۆزگۈرىپ غەلىتىلا  بۇلۇپ  قالدىڭ ، سىرتلارغا چىمايسەن ، مېنىمۇ نەدە سىز  دەپ سۈرۈشتە قىلمايسەن ،  مۇڭلۇنۇپ  ئولتارغىنىڭ  ئولتارغان ،ئاياللارنىڭ روھى  بېسىمى  ئارتىپ كەتسە  ،كېلىماكتىريە  دەۋرىگە  يىقىنلاپ  قالىدۇ ››  بۇنداق  خىيالنى قىلسام سېنىڭدىنمۇ  ئەنسىرەپ  قالىمەن .
      سەن  ئەققىلىق ئىدىڭ  ،بىر  قېتىم   ئارزاق  پۇلنىڭ  ئىشىنى  قىلىپ  خىزمىتىمگە  يول ماڭىمەن  دەپ ،بىر    ئايالغا  5000 يۈئەن پۇلنى  ، ھۆجەت  ئالمايلا  تۇتقۇزۇپ قۇيۇپسەن ، ئۇ تەسىرى  بار  ،  ئىجتىمائى  مۇناسۋەتكە يامان ئايال  ئىدى ،  كىيىن نەچچە ئاي ساقلىساڭمۇ  بۇ ئىش  ھەل  بولمىغاندىن كىيىن  ،ئۇ ئايال  پۇلنى  قايتۇرۇپ  بەرمەي .ياكى ئىشنى ھەل قىلماي سېنى جىلى قىلدى ، شۇ ۋاقىتتا سەن  ،كىچىك  ئاۋاز  ئالغۇشنى  ئېلىپ ، ئۇنىڭ  ئاۋازىنى  ،يەنە پۇلنى ئالغانلىقى  ،ئۇنىڭ قايسىدۇر  باشلىق بىلەن مۇناسۋىتى بارلىقى  ، كىمنىڭ قايسى ئىشىنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى  قاتارلىقلارنى  ئۈزىگە  دىگۈزىپ ،ئاغزىنى تاتلاپ يۈرىپ ، ئاندىن   خوشلىشىپ  چىقىدىغانچاغدا ، ئاۋازنى ئۇنىڭغا  ئاڭلىتىپ  ‹‹  بۇ ئاۋازنى تۇنۇدۇڭمۇ  ، مەن بۇنى  ئەتە سەھەر 10دا  پۇلنى  نەق قۇلۇمغا بەرمىسەڭ ،ئىنتىزام  تەكشۈرىش  كومتىتىغا،يەنە بىر تالنى ھېلقى باشلىقنىڭ  ئايالىغا   ئاپىرىپ بىرمەن ›› دەپلا يىنىپ چىقىپسەن ، بىچارا  ئايال  بۇ ئىشتىن  چۈچۈپ ئەتىسىلا  پۇلنى ساڭا قايتۇرۇپتۇ ، بۇ ئىشنى سەن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا دەپ  بەردىڭ ، بۇ ئىش بىلەن سېنىڭ ئەقىلىقلىغىڭدىن سۈيىنىپتىمەن ، ئەمما  سېنىڭ  خىزمەت  ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەپ كىتىۋاتقىنىڭ  بىلەن ھىساپلاشماپتىمەن ،  باشقا چاغدا   ھۆركىرەپ ،خىزمىتىمنى پەش  قىلغىنىم بىلەن  ، مىڭ يۈئەندىن  يۇقۇرى  قىيىنچىلىققا دۇچ  كەلسەم  ، داخىنگەي  ئاۋازلىرىم يۇمشاپ ،يۇگاشلاپ  قالىمەن ، سېنىڭ ياردىمىڭگە  ئېرشىش  ئۈچۈن مۇشۇنچىلىكلا قىلىش  كۇپايە . سەن مېنىڭ  شۈكلەپ  قالغىنىمنى كۆرسەڭلا چىدىمايسەن ، نەدىن بولسۇن  ئامال قىلىپ ، مېنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىسەن ، بانكىدىن ئالغان قەرزلەر تۈگەپ ،كارتام قۇلۇمغا تەككەندە  بەك خوشال بولدۇم . پاھ ! مۇئاشنىمۇ تۇلۇق ئالىدىغان كۈن بۇلىدىكەن ، كارتىنى  ساڭا تۇتقازمىدىم ،مۇئاشنىمنىڭ  نەچچە پۇلغا ئۆسكىنىنى  ساڭا دوكىلاتمۇ قىلمىدىم . لېكىن سەنمۇ  زادى كارتا  مەندە  تۇرىدۇ  ،دەپمۇ  ئەسكىلىق قىلمىدىڭ ،قىلىشقىمۇ  نىمە ھەددىڭ ئىدى   دىمىسىمۇ  ، بىلەمسەن   شۇ   ۋاقىتتا شۇنداقلا ئويلايتىم ،ھەتتا  يۈز  خاتىرە  قىلماي ئۈزۈڭگىمۇ نەچچە   رەت دىگەن ئىدىم.  ئەمما سەن تۇرمۇشتىكى ئىدىتلىقىڭ بىلەن  ساڭا  خۇددى بۇ ئۆيدە يېتىپ قوپۇپ ،تاماق يەۋاتقىنىم ئۈچۈن  تاماق، ياتاق پۇلى بەرگەندەك ئازغىنە پۇلنىمۇ تېجەپ ئىشلىتىپ ،ئۈزىڭنىڭ مۇئاشىدىن ئېشىنىپ پۇل يىغاتتىڭ .
سەن شۇ قەدەر جىمجىت  ئىدىڭ  ،  ئۆيلەرنى بۇرۇنقىدەك ياسىمايدىغان ، ياكى ئۈزەڭنى ياساشقىمۇ  ئۇنچە ئىتىۋار   بەرمەس  بولغان ئىدىڭ .  كۆزلىرىڭدىن چۈشكىن بىر نۇر تارقايتى  ، لېكىن  ساڭا  نىمە قىلىپ بىرىشىمنى بىلمەيتىم ، بەزىدە ئارام كۈنلىرى  سېنىڭ ،چاچلىرىڭنى  ھازىر  يۇلغاندەك ، ئۈزىىڭنى  جىق كاچاتلىغاندەكلا  كۈزۈمگە  غەيرى كۈرىنەتتىڭ  ، لېكىن ئۇدۇل  كىرىپ  تېلۋۇزۇرۇمنى كۈرەتتىم  .
       سېنىڭ مىڭەڭنىڭ  تۇلا ئاغرىپ  ، دوختۇرغاندىن ST غا سالغۇزۇپ ھىچ  كېسەل چىقمىغاندىن كىيىن ، نېرۋە  كېسەللەر  بۈلىمىگە  كىرىپ  ، ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك بەكمۇ  قىممەتلىك  نەچچى تاللا  دورىنى ئېلىپ ،  ئۈرۈمچىدىن  قايتىپ كەلگەن كۈنىڭ ماڭا ‹‹  تاھىر ، ماڭامۇ كۈيىنىپ  قۇيۇڭ ، مېنىڭ نېرۋام كاردىن چىققىلى تىگىپتۇ ، مېنى ئۇنچە  چارچاتماڭ  ،مەن تېخى  مېنىڭ خىزمىتىم بولسىلا ھەممە ئىش  ئوڭشىلدۇ دەپ  ،ئۈلە تىرلىشىمگە  قارىماي  ،تىرشىپتىمەن ، كىم بىلدى  مەن يەتكەن پەللىمۇ  قۇپ قۇرۇق  ئىكەن ...›› دىگەن ئىدىڭ ،مەن نىمە ئۈچۈن شۇ سۆزلىرىڭدىن  كېيىنمۇ  ، ئەستايدىل  ئويلاشمىغاندىمەن ،سېنىڭ ئازاپلىرىڭغا  نىمىشكە  سەل قارىغاندىمەن .
مەنمۇ سېنى  خىزمەتتىن  خوشال بۇلۇپ ،  دۇكانلارنى  ئايلىنىپ  ، قاتار چايلارنى  دوسلىرى بىلەن بىرگە  ئويناپ ئۆتسە بولمامدىغاندۇ دەپ  قالىتىم ، خىيال قىلسام  ،سېنىڭ ئائىلە قارىشىڭ بەكمۇ كۈچلىك ئىكەن ، سېنىڭ بۇ مۇنتىزىم قاراشلىرىڭ بىلەن  مېنىڭ مەسۇليەتسىزلىكىم  تىپىشىپ چىقىشالماپتۇ .  بۇ ئورتاقسىزلىق بىزنى  كاردىن  چىقىرىپتۇ.يىقىندىن  بىرى  بىرەر ئۈلۈم  يىتىمغا  بارساڭ نېرۋىللىرىڭ قالايمىقانلىشىپ كېچىچە جۆيلىپ چىقاتتىڭ .سەن  چارچايتىڭ  بالىغا  كۈڭىل  بىلىدىغان  ياخشى ۋاقىتتا  ئۆز  غېمىم بىلەن ئۈتىپتىمەن  دەپ  پۇچۇلانغاش ، ئوغلىمىزغا  نىمىلەرنىدۇ بىلدۈرۈشنىڭ كۇيىدا  بۇلاتتىڭ ، تۇيۇقسىز  ئۈنتىنسىز  تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ۋارىسقا قاراپ  ،ئۈنسىز  يىغلايتىڭ  ،ئۇنى  باغرىڭغا  بېسىپ ‹‹جېنىم بالام سەن مېنىڭ بارلىقىم ››  دەيتىڭ  ،  دېمەك سېنىڭ بارلىقىڭ  ئىچىدىن مەن چۈشىپ قالغان ئىدىم ،  ئۇ گەپلەرنى مېنى ئاڭلىسۇن ، ‹‹  زوھرە  ،مەن ئەمدى سىزنىڭ بارلىقىڭىز  ئەمەسمۇ ؟››  دەپ  سورىشىمنى كۈتكەندەك  ئۈنلۈك دەيتىڭ ، ئەمما ماڭا  ئۇنداق گەپلىرىڭنى ئانچە پەرۋايىمغامۇ ئېلىپ كەتمەيتىم .  سىرتتا خالىغىم كەلگەن ئىشلانى قىلسام ،سېنىڭ ئارلىشىۋالماي  ھەممە نەرسىنى  ،مېنىڭ كۈزىمگە  كىرشىۋالماي بىر تەرەپ  قىلىپ ،ئۈزەڭگىمۇ ئاراملىق بىرىپ ياشىشىڭنى  ئۈمۈت قىلاتتىم ، ئەپسۇس  .
   - ئاجرىشىمەن !
-توۋا !  ساراڭ  بولدۇڭمۇ ؟
-سىزدىن جاق تويدۇم ، ئېيتىڭە  سىزنىڭ نىمىشكە ئىچىڭىز پۇشمايدۇ  بۇ تۇرمۇشقا ،  سىز قاچانغىچە  قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك  يۈرىيسىز  ،  سىزنىڭ ئۇقۇشىڭىز ،خىزمىتىڭىز  ئۈچۈن مەن قانچىلىك  بەدەل تۆلىدىم ، سىزگە  تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقىنى سالماسلىق ئۈچۈن     نىمىلەرنى قىلمىدىم .  يا  خىزمەتتە  نەتىجە قازنالمايسىز ،يا بىزنى  خوش  قىلالمايسىز  ، بۇ    ناھىيەدىكى  ئىچەرمەن  ئاغىنىللىرىڭىز   بىلەن  كومپانىيە  ئوينىغاندەك بىر بىرىڭلارنى مىھمان قىلىپ سىرتتىن  كىرمەيسىلەر  ، نىمىشكە ئەتىنى  ئويلىمايسىلەر ؟ ،- سېنىڭ بۇ قېتىم خېلى ۋىجدانىڭ قاينىغاندەك قىلاتتى . ماڭا   بۇنداق قاتتىق  تەلەپۇزدا  ئەسەبىيلىشىپ  تۇرۇپ  گەپ قىلمايتىڭ ، سېنىڭدىكى  ئۆزگۈرىشكە  ھەيران قالمىساممۇ  ،  ئاۋازىم سېنىڭكىدىن پەسرەك چىقىپ  قېلىشىنى  خالىمىدىم .
-نىمە خەقنى چىشلەپ تاتىسەن ،  نىمە قىلدىم ساڭا  ، سېنى يا   پۇلدىن قىستىممۇ  ، تۇرمۇشقا  يىتەرلىك  ئىتىسادنى بىرىۋاتىمەنغۇ ؟ نىمە قىلغانغا  مۇشۇنداق  كۈزىمگە  كىرشىۋالىسەن ، ياكى  خەقتەك  باشقا خۇتۇن تېپىۋالمىسام يا ؟  
-سىزنىڭ قىلمىغان شۇ ئىشىڭىزلا  قالدى.  بىر ئۆمرۈم بۇ ئۆيدە  سىزنى  كۈتۈش  بىلەن ئۈتۈپتۇ ، سىز   خالىسىڭىز  بالدۇر كېلىسىز  ،خالىمىسىزڭىز  كەلمەيمۇ قۇيىسىز ؟   سورىسان سىلكىيسىز ؟  مەن نىمە قىلغانغا شۇنداق خورلىنىمەن ؟  گۇنايىم نىمە مېنىڭ ؟ سىزنى بەك ياخشى كۈرۈۋالغىنىممۇ ؟  كارىڭ  بوپ  مېنى بىزار  قىلدىڭ دىگەنتىڭىز ، كارىممۇ يوق  يۈرۈپ  باقتىمغۇ ؟  نىمىگە  كارى يوق  بۇلۇپ قالغاندۇ  ؟  بۇنىڭغا  نىمە تەسىر  قىلدى  ،دەپ  ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ - ‹‹دىمەك مېنىڭ  ئويلىغىنىم توغرا چىققان ئىدى  ،قارا سېنى  ، مېنى ئېغىزلاندۇراي دىگەنمۇ  ؟ ئۇخلاپ چۈشىڭ زوھرە ،چىدىساڭ ياشا ، مەن سېنىڭ  ئاشۇ جىمجىتلىقىڭدىن ئارام تېپ قالغان  ،يەنە  قوپتۇڭمۇ ئەمدى››  دىگەنلەرنى  كاللامدىن كەچۈردىم . تاماكامنى  پۇقۇرتۇپ  چىكىپ  ،  پەرۋايىمغا كەلمىگەندەك  ئىشىككە قاراپ  ماڭدىم  ، بۇ قېتىم سەن ئىشىكنى ئىتىۋالدىڭ ، مېنىڭ بۇرۇنقىدەك  چىقىپ كىتىپلا مەسلىدىن ئۈزۈمنمى قاچۇرۇشۇمغا يول قويمايدىغاندەك ئىدىڭ .
-نەگە  بارىسىز  ،سىز بىر ئۆمۈر  مۇشۇنداق    ھەممە ئىشتىن ئۈزىڭىزنى قاچۇرۇپ يۈرمەكچىمۇ ؟
-نىمە قىلماقچى سەن ، سەتلەشمەي  يۇقىلە ؟  ، زۆھرە  تۇنجى قېتىم ساڭا  قول سېلىشىم ئىدى  ، راس  گەپ قىلسام  يۈرىكىم ئاغرىدى  ، كۆز  ئالدىمغا بوينىڭدىن تۇتۇپ ،كىرىسلوغا  تاشلىۋەتكەن چېغىمدا ،   سېنىڭ  ئەركىلەپ  بۇيۇنلىرىمغا  ئېسىلدىغان چاغلىرىڭ  ،  مەن  قىينىلىپ  ياندۇرغان چاغدا    ئاشۇ ياندۇرۇش بىلەنلا  ،جېنىم چىقىپ  كىتىدغاندەك  ،  يىغلاپ  تۇرۇپ  پاي پېتەك  بۇلۇشلۇرۇڭ ....  بەكمۇ جىق، ھەممىسى  كەلدى . ئەمما  بىز  ئۇ ۋاقىتتىكى ئىككىمىز  ئەمەس  ئىدۇق  ، بىر بىرىمىزگە   مىقتەك  قادىلىپ ،رەقىبلەردەك   ھەقىقى ئۈزىمىزگە  قايتقان ئىدۇق .
-نامەرت  ،-بۇ گەپ  بىلەن   سېنى يەنە  بىر شاپىلاق  ئۇرماقچى   بۇلۇپ  تۇرۇپ  قالدىم ، توۋا !  سەن مېنى شۇ قەدەر  سۈيەتتىڭغۇ  ، ئەجىبا  ئۇ مۇھابەتلەر  ئەمدى ، نەپرەتكە ئايلىنىپ كەتتىمۇ؟ ئىشىكنى ئېچىپ  چىقىپ  كەتتىم .  ئۇزاق ماڭمايلا يانفۇنۇم سايراپ كەتتى . بۇ سەن ئىدىڭ  ،  زۆھرە  بىلىمەن سەن بۇ ئازاپلىرىڭغا چىدالماي قېلىۋاتىسەن ، لېكىن ئادەمنى مۇشۇنداق بىزار  قىلىسەن ئەمەسمۇ ؟  تېلفۇننى راسلا بىزارلىق بىلەن ئالدىم .
-نىمە؟
-سەنمۇ  ئەر  بولدۇڭمۇ  ؟  گەپ قىلمىسا ئۈزىڭنى بىلمەيسەن ،گەپ قىلسا   ئىشىكنى  جاڭىلدىتىپ يېپىپ چىقىپ كىتىسەن ، يا  نىمە مەقسىدىڭ بار ئېنىق دىمەيسەن ، مېنىڭ  قان چىقارماي جېنىمنى ئالاي دەمسەن ؟ ئۆلسەم خوش  بۇلامسەن سەن ؟
- ئۆلسەڭمۇ نىمە كارىم ،  بېشىمنى تۇلا ئاغرىتمىيە  . ،-   سەن تۇنجى قېتىم مېنى سەنلىشىڭ  ئىدى . مەن ساڭا ھەيران ئىدىم  توۋا  ئاياللارنىڭ  بۇلۇپمۇ سېنىڭدەك سۈيۈملىك ئايالىمنىڭ بۇ قەدەر   ۋەھشىلىشىپ  كېتىشى  نەقەدەر  قورقۇچلۇق ھە  ، مەن شۇنداق  خىيال بىلەن دوسلۇرۇمنىڭ  يېنىڭغا  باردىم  سورۇن باشلىنىپ  بىر بوتۇلكا تۈگەي دىگەن ئىدى.
ئاچچىقىم  چىرايىمغا چىقىپ  كەتكەن بولسا كېرەك ، دوسلىرىم   مېنى شاڭخو قىلىشقا باشلىدى ،-
-        نىمە ، زوھرەدىن  پەشۋا يەپ چىققاندەكلا  قىلىسەنغۇ ؟
-        ئۇنداقمۇ   ئەمەستۇ  ،كېچىكىپ كەلگەشكە تەڭلىشىۋالايلى  تاھىرغا  لىقلاپ  بىرنى قۇيە ، كەچتە زوھرە جانىمنى ياخشىراق  تولايدىغان بۇلىدۇ ،- مەن مەس  بۇلۇپ  قالساملا مۇشۇ ناخشىنى ئېيتاتتىم ، ئەمما  بۈگۈنكى  ئاچچىقىمدا  ئۇ ناخشىنى  ئەمەس  ،سېنى خىيال قىلغۇممۇ يوق ئىدى .
-        زوھرە ، ياخشى ئايال ،ما بىزنىڭ ھازازۇلغا قارىغاندا  ،  مۇشۇ تاھىرلا بوزەك قىلمىسا  ... شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ غەيۋىتى باشلىنىپ كەتتى ، مەن ئەزەلدىن  بۇ ئاغىنلەردەك  ،ئۆيدىكى ئىشنى سىرتقا چىقىپ دىمەيتىم ،  ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىغا ياكى ئايرىم ئاچىقىپ تۆككەن دەرتلىرىگە قاراپ ، ئىچىمدە ساڭا  مىڭ شۈكرە دەيتىم . ئەمما  ساڭا  ‹‹مەن سەندىن رازى ، سەن ياخشى ، ئاق ،شاق›› دەپلا قويسام   پاتىڭىمغا مىنىدىغاندەك  ، زادىلا  كۆڭلىمدىكىنى  ئىپادىلمەيتىم . شۇ تاپتامۇ  ئازراق ئاچچىقىم يانغاندەك قىلغان  بىلەن ،تازا زەردە   بۇلۇپ  تۇراتتىم ، ئۆز- ئۆزەمگ‹‹ئۇنى قىل ،بۇنى قىل دەپ  چارچىتىپ  مۇددەتتىن   بۇرۇن ئۆلتىردىغان  بولدى  بۇ ھازازۇل ›› دەپ  قايسى كۈنى  سورۇندا  كىمدۇر بىرى قىلغان گەپنى مەنمۇ  بەك  دەرت تارتقان ، ئۇگالچىلىققا  ئۇچۇرغان قىياپەتتە   سۆزلەپ  قويدۇم .
  زۆھرە  ،شۇ  كۈنى  مەس  كىرگىنىم  ھازىرمۇ ئېسىمدە ،سەن ئۇخلىماپسەن ، بۇرۇنمۇ شۇنداق قىلاتتىڭ ، مەن كىرگۈچە  ئۇخلىماي ساقلاپ  باقتىڭ ،ئەتكەن تاماقنى  ئۈستەلدە  ، تىزىپ قۇيۇپ ئۈزىڭ بىر  قۇشۇقمۇ ئاغزىڭغا سالماي ساقلاپ  باقتىڭ ،  مېنىڭ پەرۋامۇ قىلىپ  قويمىغىنىم ئۈچۈن ئۇيقۇسىز  قالغان ، ئاچ  قورساق قالغان  ئەخمەق  يەنىلا  سەن بولدۇڭ ، بۇ نوقتىمۇ ئىشلىمىدى  دىدىڭمۇ  ،كىيىن پەرۋاسىز    بۇلىۋالغان ئىدىڭ  ، مانا ئەمدى ئۇ كۇزۇرمۇ ئىشلىمەي  ، يەنە  چىشى يولۋاسقا ئايلانغاندەك  قىلاتتىڭ  ، چىرايىڭدىن  چاچراۋاتقان دەھشەتلىك  غەزەپ  بىلەن ، مىختەك   قادالغان سوراقچى  كۆزلىرىڭگە  قاراپ  ھەيران  بولدۇم ، بۈگۈن سەنمۇ بۆرە تېرىسىنى  كىيگەن ئىدىڭ .  شۇڭا ئاران مەس بولغاندا  بۇ مەسلىكىمدىنمۇ يىشىلىپ  كەتتىم ،  سەن مېنىڭ تەلەتىمنى كۈرۈپلا  جىمىپ  كەتتىڭ  ، ساڭا  قول سېلىپ  بالىنى قورقۇتۇپ قۇيۇشتىن ئەنسىرگەنسەن ،ياكى ئۈزۈڭنى ئايىغانسەن ، ياكى  ...  شۇ كۈنمۇ تېپتېنچ  ئۆتتى ، ئەتىسى  ھادىسە خەۋىرنى  ،مەن يەنە شۇ ھاراق  سورۇنىدا  ئولتارغاندا ئاڭلىدىم . ئىشتىن چۈشۈپ ، ئىدارىدىكىلەر  بىلەن ئولتاراپ  قالمىغان بولسام  ،قانداق بۇلاتتى دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن . بەلكى يەنە ئۆيگە كەلمەي  بىرەر سورۇندا  ئولتۇرغىنىم ئۈچۈن غەزەپلىنىپ ، شۇ خىياللار بىلەن دىققىتىڭنى يىغالماي  كىتىۋاتقىنىڭدا ،بۇ ۋەقە يۈز  بەرگەندۇ. دوختۇرخانىغا بارغاندا  ، سېنى ئوپراتسىيەگە ئېلىپ ماڭدىغانغا تەييار بۇلۇشقان بۇلۇپ،مېنىڭ ئىمزا قۇيشىمنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن. مېڭەڭگە قان چۈشپتۇ، ئوپراتسىيە قىلىپ ، ئېلىۋەتمىسە ،ھاياتىڭغا خەۋپ يىتىدىكەن ، ئەمما  ئوپراتسىيەدىن كېيىنمۇ ،سېنىڭ ھاياتىڭ قۇتقۇزلۇپ قالغان بىلەن ، تەلتۈكس  ساقىيشىڭغا دوختۇرلارمۇ ئېنىق بىرنەرسە دىمىگەن ئىدى ، شۇ تاپ ماڭا  ئاچچىق بىلەن تىكىلدىغان كۆزلىرىڭ  چىڭ يۇمۇلغان بۇلۇپ ،شۇ قەدەر تېنچ ،ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك ، خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقەندەك ياتاتتىڭ .
    تېۋىشسىز كېچە ، ھەممە ياق جىمجىت  ، يۈرۈكىمنڭ  سېلىشىمۇ   ئاستىلاپ  كەتكەندەك ، پۈتكۈل ھاياتىمغا سەپ  سالدىم ، مەن نىمە  قىلدىم ؟ قانداراق ياشىدىم ،  ماڭا ،  بالامغا ، ئائىلىگە   كۈيىنىدىغان   سېنىڭدەك  ئېسىل ئايالىمنى ،  ئاچچىق يۈتكۈزىپ ،نېرۋىسىنى قالايمىقان قىلىپ    ، بۇ دۇنيانىڭ  بارلىق ھەسرەتلىرىدىن بىراقلا  يىراقلاشقا مەجبۇر قىلدىم .  ئەرلىك زومىگەرلىكىم  بىلەن  ،سېنىڭ  ئىناق ئىجىل ياشاش  ئارمانلىرىڭنى سۇغا چىلىدىم .  شۇنداق  قەيسەر  ،پائالىيەتچان  ئىدىڭ ،ئاخىرىدا   سېنى  يا ساق ئادەمگە  ياكى ئېلشىپ  قالغان ئادەمگە  ئوخشىماس  قىلىپ  قويدۇم ،   ئۇنىڭمۇ  ئاخىردا  ماڭا  بەرگەن تالاي پۇرسەتلىرىڭنى   قولدىن كەتكۈزۋىتىپ  .  سېنى  بۇ  كەچمىچكە دۇچار  قىلدىم .  جىنىم زوھرە  ،خىياللىرىم  ،سېنىڭ  ماڭا  قىلغانلىرىڭ  ،تارتقان دەرت ئەلىمىڭ    ئىچىڭگە    پاتماي  قالغانلىقىنى    بىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟   ماڭا نەدىن چاپلاشقان قاتمال ئىدىيە  بۇلاتتى  ئۇ.سېنىڭ پۈتۈن ئامال چارىلەر بىلەن مېنى مەسۇليەتچان بىر ئەر قىلىش ئارمانىڭنى ،مىنى بوي سۇندۇرۇش توزىقى دەپ چۈشنىۋاپتىمەن ، سېنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىڭغا قارشى تەرپىڭدىن چىقىپ ،سېنى ئازاپلاپلا كەپتىمەن ، سېنىڭ  باشقا ئاياللاردەك قىساسكارلىشىپ ،ئۆز بەختىنى باشقىلاردىن ،شاتلىقىنى  قاتار چاي ۋە  ئۇيۇن كۈلكىلەردىن چىقارماستىن ، ھايا ئېتقادىڭنى مۇستەھكەملەپ ئۈتىشىڭگەمۇ توغرا مۇئامىلە قىلالماپتىمەن ،  قاراغىن  سەن بىرەر قېتىممۇ مېنى ‹‹ھاياتىمغا ئىكەك سىز ›› دەپ  تىللاپ باقمىغان بولساڭمۇ ، مەن سېنىڭ گۈزەل ياشلىق ھاياتىڭ بىلەن قۇشۇپ ، ئارزۇ ئىستەكلىرىڭگەمۇ ئىكەك سالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ تۇرۋاتىمەن . مانا ئەمدى دوختۇرلار ئايالىڭىز مۇشۇ پېتى ئۈسۈملىك ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن ، چۈنكى  مىڭىسىگە قان چۈشكەندە ،بېسىپ ئۈلگۈرگەن  نېرىپلار ئۆلگەن بولسا ، مۇشۇنداق بۇلىدۇ ،دىگەن ئىدى ، ئاڭلىدىڭمۇ زوھرە ،سەن راسلا مۇشۇ پېتى ئۇيقۇ ھالتىدە ياتارسەنمۇ ، ياكى بىرەر مۆجىزە يۈز بىرىپ ، ئاشۇ نېرىپلاردا تىرىلىش بۇلارمۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ، ساڭا ئۈنسىز سۆزلىدىم ،ئۇرۇق ،قاتتىقلىشىپ كەتكەن بارماقلىرىڭنى مەڭزىمگە يېقىپ يىغلىدىم . لېكىن سەن شۇ قەدەر جىمجىت ،مۇشۇ پېتى يېتىشقا رازى بۇلىۋاتقاندەك ،بۇ تېنىچلىقنى خالاپ قالغاندەك.سەن ماڭا گەپ قىلمايسەن ،گىپىمگەمۇ جاۋاپ بەرمەيسەن . سېنىڭ ماڭا  قالدۇردىغىنىڭ  تىۋىشسىز  كېچىلەردىكى  ۋىجدان سوتى بولدى ، مەن بۇ  سوتتا  بىر ئۆمۈر سوتلىنىمەن ،ماڭا  بىكىتىدىغان جازا  بەكمۇ ئېغىر  بۇلىشى كېرەك ...  
    مەن كۈتۈشنىڭ ،توۋلاشلىرىمغا ، ساقلاشلىرىمغا پەرۋا قىلماسلىقنىڭ ئازاۋىنى ئەمدى ھىس قىلدىم زوھرە ،سەن  ھەممىگە پەرۋا  قىلمايلا خاتىرجەم يېتىشىڭ بىلەن ،يۈرۈكىمگە يۈرىكىڭدىكى ئازاپلارنى كۈچەردىڭ. ، مەن قېلىۋەردىم ، تىگى يوق سېۋەتكە خىياللىرىمنى  تېرىپ؛
مۇشۇ قېتىم سېنى چاقىردىم، مۇشۇ قېتىم ساڭا ئېسىلدىم ، مۇشۇ قېتىم سېنى بىتاقەتلىك بىلەن كۈتتۈپ..... مۇشۇقېتىم مەن سېنىڭدىن نەچچە مىڭ ھەسسە ئۆتە بولدۇم ؛
    سەن ھەممىدىن مۇستەسنا بۇلۇپ ياتقان ۋاقتىڭ پەسىللەرنىڭ ئەركە پەسلى ئىدى گۈلۈم . قۇش باللىرىنى باھارغا قويۇپ بەردى، چۈنكى قۇشلىرىنى سۆيەر ئىدى  ئۇ. ئۈچەككە كىرگەن ھاياتلىقلارغا ،زىمىنغا بىر ئىللىقلىق يېيىلدى . ھەممە ياق باھار ئۈچۈن چېچەك ئاچتى ،ئېيتقىنا جېنىم بىزگە بولسا غازاڭ پەسلى يىتىپ كەلدىمۇ؟
قەلبىمدىكى  ھەسرەت داغلىرىنى يۇيۇشقا ،كۈزىڭنى ئېچىپ بىر تامچە ياش  بېرەلمەمسەن زۆھرە .....
مېنىڭ باغرىمنى كەڭ يېيىپ ،سېنى بىر رەت قۇچاقلىشىمغا بىر تەبەسۇم  سۇنالمامسەن زوھرە...
بىلگىن زۆھرە مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ،سۈيلىشلىرىمدە سۈيىلىسەن ، سېنىڭ ئاخىرقى تەبەسۇمىڭدا مەن ئېرىپ تۈگەيمەن.
  خىياللىرىم باغرىدا ئۈزۈپ يۈرگەن شۇ مىنۇت تۇيۇقسىز يانفۇنىم سايراپ كەتتى ، بۇ قېينى ئانامنىڭ نۇمۇرى ئىدى ، كۈندە  ئانىمىز كۆزلىرىدە ياش ، سەندىن قىيالمىغان ھالدا خوشلىشىپ ، بۇ ئىش تۈپەيلى بىراقلا نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك كۈرۈندىغان  ئاق كۆڭىل قېينى ئاتام بىلەن كىتىپ قالاتتى،بۈگۈن مېنى ئۆيگە  ماڭغۇزۇپ،ئۈزى سېنىڭ يېنىڭدا قالغان ئىدى ، يۈرۈكىم بىر دەھشەتكە يۈزلىنىۋاتقاندەك  ئېغىر دۈپۈلدەيتى.
    -ۋەي ، ئانا ، مەن .... قۇلۇم  ئاۋازىمدىنمۇ بەك تىترەيتى ، قۇلۇمدا خۇددى  ھازىرلا پارتىلايدىغان  قەرەللىك بومبا باردەك يۈرەكلىرىممۇ ئەنسىز دۈپۈلدەيتى .
    -بالام تېز كېلىڭ ، زوھرە كۈزىنى ئاچتى ، بارماقلىرىمۇ ئاستا –ئاستا مىدىرلاشقا باشلىدى ....  كېيىنكى گەپلەرنى ئاڭلىغىدەك تاقەت مەندە قالمىغان ئىدى . مەن دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم ، كۆزلىرىمدىن ياش سىرغىيتى ، تاكسىلارمۇ كۈرۈنمەيتى ، ماشىنلارغا ساقلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ،ئاخىرقى پەللىگەن جان پىنى بىلەن قاراپ يۈگراۋاتقان كىشىدەك ئىلگىرلەيتىم ، يۈرۈكىمدىن بىر سادا ، پۈتكۈل تىۋىشسىز كېچە باغرىنى  لەرزىگە سالاتتى.
      جېنىم زوھرە ، مېنىڭ زوھرەيىم ، چۈش دۇنياسىدىن ئاخىرى قايتىپ كېلىپسەندە . ئەمدى بۇ ھاياتنى  بىز قايتىدىن باشلايلى ،مەن ھاياتنىڭ ، سېنىڭ قەدرىڭگە يىتىمەن زوھرە . مەن  پۈتكۈل ھاياتىمغا ، مۇشۇ ھادىسە  يۈز بەرگەن نەچچە كۈن ئۈستىدە تۇرۇپ نەزەر سالدىم ، جېنىم زوھرە ،بەكمۇ قورقۇنچلۇق . شۇ قەدەر  زور خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ توغرا بولمىغان تۇرمۇش قارشىمدىن كېلىپ چىقىپتۇ ، بۇ ھاياتنى ياشاش ئىستىكىم بولغىنى بىلەن ،قەدىرلەش  تۇيغۇم يىتەرلىك  بولماپتۇ ، مەن كەلدىم زوھرە ، سېنى يېڭى ھايات بۇسۇغىسىدا كۈتۈۋالغىلى كەلدىم.
مەن مۇشۇنداق  تۇيغۇلىرىم بىلەن  زوھرە  ياتقان بالنىستقا كىردىم .باياتىنقى ھاياجانلىق خىتاپلىرىمغا ئالدىمدىكى گۈزەل مەنزىردىن كېيىنكى ھاياجان قۇشۇلۇپ ،تۇيغۇلىرىم  ياش كەلكۈنىگە ئايلىنىپ دەۋرەشكە باشلىدى .  

      2009-يىلى   باغراش













Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  235
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 538
تۆھپە : 1
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 17:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاستىدىكى سۈرەت بەك ياقتى ماڭا !
  
  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  232
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 732
تۆھپە : 10
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 19:20:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ ئوماق كەپتەرنى نەدىنمۇ تاپقانسىز ؟.....ھارماڭ تاتلىق

ئاتاسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
ئاناسى بارمۇ توشقاننىڭ ؟
بۇ يۇرتتا نىمەسى بار -
مېنىڭدەك بەختى قاچقاننىڭ ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 278
تۆھپە : 4
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 19:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار  بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىدىن سۆيۈندۈم.ئوقۇپ تۈگەتتىم.يەنە ئوقۇغۇم بار.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  482
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 80
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 21:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇش قەترىلىرى ئارقىلىق تېۋىشسىز كىچىلەرگە چۇڭقۇر خىياللارنى تاشلىغان قەلەم ساھىبەسىنىڭ يۈرەكلەرنى ئۇقۇپ چىقىشتەك ئېستىداتىغا كۆز تەگمىگەي!

بىر تال گۈل سورىساڭ بىردەستە بەرگۈم بار.پەقەت سەندە ئۇنى پەرۋىش قىلغۇدەك مۇھەببەت ۋە ئىتقاد بولسىلا!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 546
تۆھپە : 6
توردا: 165
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 22:04:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقىدۇر  سىزنىڭ نەسىرلىرىڭىزنى ئۇقىساملا ئاجايىپ ھىس تۇيغۇلارغا چۈمۈپ كىتىمەن .نىمشقىدۇر ئىلھاملىرىم تامچىپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.رەخمەت ھەدە  ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي.

قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى ئۆز ئۆتمۈشىگە ھەرگىز رەخمەت ئېيتمايدۇ.
                          تاگور
كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 10:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  82
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 370
تۆھپە : 2
توردا: 90
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 11:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتار يازغۇچىسى غادىل قۇتۇينىڭ ‹‹ تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر ›› ناملىق پوۋېستىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن . ئۇ ئەسەرتاتار ئايالىنىڭ ئاغىزىدىن، ئىككىنچى شەخسكە قارىتىلىپ يېزىلغان تەسىرلىك ئەسەر ئىدى.بۇ ھېكايىمۇ شۇ ئەسەرگە ئوخشاش جەلبكار بوپتۇ .بىر غەمگۈزەر ئايال بىلەن كۆيۈمسىز ئەرنىڭ 12يىللىق بىللە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇشىنىڭ يۈرەكلەرنى تىترىتىدىغاندەك تەسۋىرلىنىشى بۇ ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. تويلاشقان بىر جۈپلەر، تويلاشمىغان ئاشىق-مەشۇقلار بىر قېتىم ئوقۇپ ، ئۆزلىرىگە مىزان قىلغۇدەك مىڭ بىر كىچىنىڭ تىۋىشسىز بىر كېچىسى بوپتۇ.سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

مۇساپە مىڭنى شاللايدۇ،مەنزىل مەردنى تاللايدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  506
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 100
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 15:32:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىدىل يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 11:06
تاتار يازغۇچىسى غادىل قۇتۇينىڭ ‹‹ تاپشۇرۇلمىغان خەتلە ...

ئىدىلكا  ،ئىمزايىڭىز ماڭا بەك يارىدى .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  547
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 19:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەرلەردىن ئىزدەپ ئوقۇپ يۈرگەن بولساممۇ، يەنە قايتا ئىنكاس يازارمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن، بۈگۈن سىز بىلەن بۇ مۇنبەردە  ئۇچراشقانلىقىمدىن بەك خوشالمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  172
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 138
تۆھپە : 3
توردا: 37
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 20:18:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇزىكا، سۈرەت ۋە ئەسەردىكى لىرىك تۇيغۇ تىۋىشلارنىڭ رېتىمىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپتۇ...
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن! سالامەت بولۇڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  354
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 93
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 22:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
chin~moden يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 19:22
گۈلباھار ئىككى يىلدىن بۇيان، ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەرلە ...

ۋۇييۇ!
قەدىرلىك ھەدە ، سىز بۇرۇنقى شەبنەمدىكى چىن مودەن ھەدەم شۇمۇ ؟؟؟شۇ بولسىڭىز قاتتىق خۇشاللىققا  چۈمۈلۈپ كەتكەن بولاتتىم تاتلىق ھەدە ، شۇنداق سېغىندۇق سىزنى...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 193
تۆھپە : 2
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 16:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن بەخت ئاخىرى يەنىلا ۋاپا ئەھلىگە قۇچاق ئېچىپتۇ . ئەسەرلىرىڭىزدىن زوق ئېلىپ كېلىۋاتىمەن ،سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن . ئامان بولۇڭ دوستۇم .

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش !
(سەئىدى)

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 176
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 17:15:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلباھار ھەدە، بۇ نەسىرىڭىزنى ھەر قېتىم ئوقۇسام ماڭا ئۆزگىچە بىر تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.
سىزنىڭ مۇشۇنداق تاتلىق ئەسەرلەرنى ئۈزمەي يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  547
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 14
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 18:28:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرەڭگە يوللىغان ۋاقتى  2012-4-10 22:16
ۋۇييۇ!
قەدىرلىك ھەدە ، سىز بۇرۇنقى شەبنەمدىكى چىن مود ...

شۇنداق سىڭلىم، لېكىن  بەرەڭگە ئىسىملىك سىزدەك ئۇماق سىڭلىمنى زادىلا ئېسىمگە ئالالمىدىم، ئەيىپكە بۇيرۇماپسىز، بولمىسا دىدارلىشىش خوشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولاتتۇق ئەمەسمۇ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش