كۆرۈش: 368|ئىنكاس: 4

بوغدا ئابدۇللا:تۆمۈر داۋامەت خەلق ئارىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 02:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۆمۈر داۋامەت خەلق ئارىسىدا

بوغدا ئابدۇللا



  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بۇ چاغقىچە ئۆلكە دەرىجىدە خىزمەت قىلغان نۇرغۇن رەھبەرلەر ئۆتتى. ئادەملەرنىڭ خىزمىتىنى سېلىشتۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.                                                
  تۆمۈر داۋامەت ئاكا رەئىسلىك ۋەزىپىسىدە ئولتۇرغاندىن بۇيان جاپالىق خىزمەتلەرنى ئەستايدىل ئىشلەپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئاتاقلىق رەھبەر.                                                                              
  ئۇ تۇنجى قىتىم رەئىس بولغان يىللىرى سۈت بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئۈرۈمچىدە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىللەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچىگە ئەرز-ھال ئېيتىپ كېلىدىغانلار ھۆكۈمەت دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بارسا رەئىس بىلەن كۆرۈشۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا دەرۋازىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرگىلى قويمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت  ئىدى.                                                      
   تۆمۈر داۋامەت ئاكا ھەركۈنى ئۆيدىن چىقىپ پىيادە دۆڭكۆۋرۈككە كېلەتتى، شۇنىڭدەك سۈت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە دىققەت قىلىپ ئۇچۇر ئىگىلەيتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن يول ئۈستىدە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان شىمال-جەنۇپتىن كەلگەن ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ يازمىلىرىغا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلاتتى ۋە تىگىشلىك جايلىرىغا تەستىق يېزىپ بېرەتتى.               
   ئۇ خىزمەت تەكشۈرگەندە مەيلى شىمال بولسۇن، مەيلى جەنۇب بولسۇن، ئىشقىلىپ ئىتىز-ئىرىقلاردىن تارتىپ كەمبەغەل دىھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىپ مۇڭدىشىپ ئەھۋال ئۇقىشاتتى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بىۋاستە كۆڭۈل بۆلەتتى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بىرەتتى. بۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىك ۋەقەلەر خەلق ئارىسىدا ئىغىزدىن-ئىغىزغا كۆچۈپ خۇددى بىر رىۋايەتلەرگە ئوخشاپ كەتكەن ئىدى.                 
  تۆمۈر داۋامەت ئاكا تۇرمۇشتا ناھايتى ئاددىي-ساددا ئىدى، ھال تارتمايتتى، تەكەببۇرلۇق قىلمايتتى، مەيلى كىم بولسۇن، ئۇنىڭغا باپ-بارەۋەر مۇئامىلە قىلاتتى، بۇيرۇقۋاز ئەمەس ئىدى. خەلقنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى بىلىپ تۇراتتى. مانا بۇ ئەمەلىي ئىشلەش قابىلىيتى. بۇ چاغقىچە كىشىلەر ھەر كىملەرگە قاراپ باھا بېرىش ئومۇمىي بىر كەيپىيات بولۇپ قالغان.     
  بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، تۆمۈر داۋامەت ئاكا ھەرگىزمۇ ھوقۇقىدىن نامۇۋاپىق پايدىلانغان ئادەم ئەمەس، ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە تولىمۇ پاك، باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرغاندا نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ئادەم ئەمەس.   
  ئۇ ئىتىزدىن، كەتمەندىن چىققان ئادەم. دىھقانچىلىقنىڭ تىلىنى بەش قولدەك بىلەتتى. كىيىنكى ۋاقىتلاردا تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كارىزلار ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەندە كارىزلارنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رىمونىت قىلىش ئىشلىرىغا جان-دىل بىلەن كۆڭۈل بۆلدى. تۇرپاننىڭ دىھقانلىرى كارىز توغرىسىدا سۆزلىگەندە <<كارىزدىن يا سۇ چىقىدۇ يا قان چىقىدۇ>> دەيدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن سۇنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ناھايتى ياخشى بىر ئوخشىتىش.  
  تۆمۈر داۋامەت ئاكا بىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىمىزغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئاتاقلىق زات. ئۇ، ئىككىنچى قېتىم رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر مىھماندارچىلىقتا بىللە بولۇپ قالدۇق. ئۇ زامانلاردا بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس ئىشخانسى، دەرس تەييارلايدىغان مەخسۇس ئۆيلىرى يوق ئىدى. ئولتۇراق ئۆيلەرمۇ ناھايتى كىچىك بولۇپ، ئەگەر بىرەر مىھمان كېلىپ قالسا يەرنىڭ قىسلىقىدىن ئۇنىڭغا ئورۇن سېلىپ بېرىپ ئوقۇتقۇچىلار ياتىدىغان جاي يوق كىرىسلودا چالا-بۇلا ئۇخلاپ ئاندىن ئەتىسى ئەتىگەندە يۈزىنى بىرەر قۇر يۇيۇۋىتىپ سومكىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە دەرسكە كىرىپ كېتەتتى. مەن مۇشۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئەگەر ھۆكۈمەتكە ئىشلەتمەيدىغان پۇللار كىرىپ قالسا بىرەر بىنا سىلىپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم. كېيىن چىرايىغا قارىسام، ئۇ يا <<ماقۇل>>، يا <<ھەئە>> دېمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىچىمدە سەل ئوڭايسىزلاندىم. چۈنكى مېنىڭ دىگىنىم شەخسى ئائىلە قىينچىلىق ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي قىينچىلىقى ئىدى. بىرەر ئايدىن كىيىن يەنە بىر سورۇندا ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ ماڭا <<بوغدا، سىز دىگەن پۇللارنى تەستىقلاپ قويدۇم>> دېدى. مەن شۇ ھامانلا بۇ ئەھۋالنى مەكتەپكە كىرىپ، ئېيتىپ قويۇشنى راۋا كۆرمىدىم. كىيىن، بۇ پۇللار ھۆكۈمەت يوللىرى بىلەن كىرىپ مەكتەپكە ئەۋەتىلدى. مۇشۇ بىر ئىغىز گەپكە تۆمۈر داۋامەت ئاكا بەش قەۋەتلىك بىنادىن ئۈچنى سېلىپ بەردى. مېنىڭچە، مۇشۇنداق ئىشلەيدىغان، ھوقۇق تۇتقان ئەمەلدارلىرىمىز قانچىلىك باردۇ؟                                         
  مەن ئۇزۇن يىللىق كەسپىي ئوقۇتقۇچى، كەسپىي شائىر ئەمەس. تۆمۈر داۋامەت ئاكا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى شېئىر يېزىپ كەلدى، يازغان تىمىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ ئۆزىنى ئادەتتە <<مەن بىر ھەۋەسكار>> دەيدۇ. شېئىر يېزىش قولىدىن كەلسىلا شۇ ئادەمنىڭ ھوقۇقى. بىلمەيمەن كىمدۇر بىرسى بوغدا ئابدۇللا تۆمۈر داۋامەتنىڭ شىئېرلىرىنى يېزىپ بېرىدۇ دەپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا چاققان ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىش ھەرگىزمۇ بولغان ئەمەس. 2001-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىغا <<ئۈچنى سۆزلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىپ، بىر كۈنى مېنى چاقىرىپ،«سەن ئۇنىڭغا شىئېر يېزىپ بېرىدىكەنسەن» دەپ ماڭا تۆھمەت چاپلىدى. بۇ ئادەمنىڭ بىرى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى شۇجىسى ئىكەن. بۇ، شۇ ۋاقىتتا ھىس قىلىشىمچە، تۆمۈر داۋامەت ئاكىغا بەكلا ئۆچ بىر ئادەم بولسا كېرەك.  
  تۆمۈر داۋامەت ئاكا كىيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى قېزىش، رەتلەش، تەييارلاش، نەشىر قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ ۋە باش بولۇپ ئىشلەپ ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئەينى چاغدا بۇ خىزمەتلەرنى ئىشلەش نۇرغۇن ئىقتىسادىي مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى تەلەپ قىلاتتى. مەركەز مالىيەسى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان پۇللار يەنىلا كەملىك قىلاتتى. تۆمۈر داۋامەت ئاكا مۇشۇ جاپالىق خىزمەتنى قىلچە ۋايسىماي ئىشلىدى. بولۇپمۇ ئون ئىككى مۇقامنى سۈرەتكە ئېلىش، تەھرىرلەش، دىسكىغا كۆچۈرۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان پەيتتە تۆمۈر داۋامەت ئاكا ئىش ئورنىدىن ئايرىلماي، پۈتۈن ئىشلارغا ئۆزى يىتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ خىزمەتكە بولغان بۇخىل قىزغىنلىقىنى كۆرگەن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسى رەھبەرلىرى قاتتىق تەسىرلىنىپ، چېقىمىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى نەشىر قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان. سۆزلەپ كەلسەك، ئۇنىڭ خەلققە قىلىپ بەرگەن خىزمەتلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. تۆمۈر داۋامەت ئاكىنىڭ يەنە بىر ئۇلۇغ تۆھپىسى شۇ بولدىكى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى <<ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى>> تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى يوللاش بولدى. دەرۋەقە، 2005-يىلى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى «ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكىي غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.   يەنە بىر ئىشنى مىسالغا ئالساق، بۇندىن خىلى يىللار ئىلگىرى بىر ئوغلى تۇرپانغا كېتىۋىتىپ، يولدا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىخى يەتتە نەزىرى بولماي تۇرۇپ ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان بىر مەسئۇل خادىم ھال سوراپ بارسا تۆمۈر ئاكا تالادا بىر كۆتەك ئۈستىدە ئولتۇرغانىكەن، ئۇ ئادەممۇ يەنە بىر كۆتەك ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، قايغۇ-ھەسرەتتە تىخى ئۆزىگە كېلەلمىگەن ھالدا:«تىخى نەچچە كۈن ئىلگىرىلا بالام سەن ئولتۇرغان كۆتەكتە ئولتۇرغان ئەمەسمىدى» دەپ يىغلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىدىنلا ئۇنىڭدىن پىلان بويىچە چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش ئىشى قانداق بولدى دەپ ئەستايدىل سورايدۇ، يوليۇرۇق بېرىدۇ.                  
  ئۇ رەئىس بولۇپ تۇرغان يىللاردا يىتىم-يىسىر، كېسەل بالىلارغا پەۋقۇلادە كۆڭۈل بۆلەتتى، بۇ جەھەتتە ئۇ ئەڭ دەسلەپكى ساخاۋەتچى بولۇشقا تىگىشلىك.           
  خىزمەت ئۈستىدە بىرەر ئىشقا بۈگۈن تەستىق سالسا ئەتە ئىجراسىنى تەكشۈرەتتى، كىشىلەر بەرگەن ئىلتىماس ئەرزلەرنى يانچۇقىغا سېلىپ قويۇپ نەچچە ئاي-نەچچە ئايغىچە ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشنى قىلمايتتى. زىيالىيلارغا ئەدىبلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقرىنى ھەل قىلىپ بىرەتتى، ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ھال ئىرىنمەي ھال سورايتتى، يۇرتۋازلىق قىلمايتتى.   
  1988-يىلى 5-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن چەتئەلدىكى بىر يازلىق لاگىرىغا ئەۋەتىلىدىغان بالىلارنىڭ تىخىچە يولغا چىقمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بەرگەن.         
1999-يىلى بولسا كىرەك بىز شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىدا تىيىپجان ئىليۇف ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىغا جىددىي تەييارلىق قىلۋىتىپ، ئۇنىڭ تىيىپجان ئىلىيۇپقا بەرگەن بىر باھاسىنى لازىم قىلىدىغان بولۇپ، ھويلسىغا بارساق، ئۇ دوختۇرخانىدا ئۇزاپ كېتىۋاتقان ئۆمۈرلۈك يولدىشى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىش ئۈچۈن بارماقچى بولۋىتىپتىكەن، مەن ۋە پىروفىسسور شەرفىدىن ئۆمەرنىڭ يېغىننىڭ كىچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، دوختۇرخانىغا بارىدىغان ئىشىنى قايرىپ قويۇپ، شائىرغا ئەڭ يۇقىرى باھا بېرىپ قىممەتلىك نەچچە ئىغىز سۆزنى قىلدى. مەن نەق مەيداندا بۇ سۆزلەرنى خاتىرلىۋىلىپ بىر-ئىككى كۈندىن كىيىن، ئۇنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يازما سۆزىگە قوشۇپ «ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى»دە ئېلان قىلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.     
  ئۇ ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مەشھۇر پىداگوك، تىيىپجان ئىليۇپشۇناس قاۋسىلقان قامىجان ئىككىمىزنى چاقىرىپ، ئىلمىي ۋە ئىجادىي ئەمگەكلىرىمىزدىن خەۋەردار بولاتتى. ئۇ قاۋسىلقاننىڭ تەتقىقاتلىرىغا، كىتابلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەنىدى.   
  شۇنداق، خەلق ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، دىھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارغا بىر خامان سېلىپ بەرسىمۇ. بىر كۆۋرۈك ياسىتىپ بەرسىمۇ، بىر ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى باشلاپ بەرسىمۇ، چاڭقىغاندا بىر پىيالە سۇ بەرگەنگە ئوخشاش. توڭلاپ كەتكەندە، ئوچاققا بىر قۇچاق ئوتۇن تاشلاپ بەرگەندەك قىممەتلىك ئىش، دۇنيادا ھەممە ئىش ئۇنتۇلىدۇ، مۇبادا كىمكى ئۆز  قولى بىلەن بۈگۈن خەلقنىڭ بېشىنى سېلىسا ئۇ خىزمەت ئەتە تارىخ بولۇپ قالىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى بۇغدا ئابدۇللا مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.


mukam.cn

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 03:54:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                 ھايات ئىزگۈلىرى

ـ تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس خىزمەتلىرى توغىرسىدا

                                                           ماۋ يۈسەن

2005-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان مائارىپ، پەن ـ مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئورگىنىدىن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ بىر خۇش خەۋەر تارقالدى: جۇڭگو ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى دۇنيا غەيرى ماددىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسى مۇۋەپەققىيەتلىك ماقۇللاندى! مۇشۇ قۇتلۇق مىنۇتلاردا ئون ئىككى مۇقامنى دۇنيا غەيرى ماددىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى تەييارلاش ئۈچۈن، يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ، زور تۆھپە ياراتقان پىشقەدەم رەھبەر ـ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ مىسلىسىز ھاياجانغا تولغان قەلبى قاينام تاشقىنلىق دېڭىز سۈيىدەك ئۆركەشلىدى. ئۇنىڭ خىيال قۇشلىرى تەپەككۈر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، ئوتلۇق قەلبى تۈرلۈك ـ تۈمەن ئوي ـ پىكىرلەر قاينىمىغا چۆمدى. شەرق مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ ئەتىۋارلىق ئېسىل گۆھەرنىڭ تولۇق قۇتقۇزىۋېلىنىشتىن غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ تەستىقلىنىشىغىچە بولغان ئارىلىقتا بېسىپ ئۆتۈلگەن نۇرغۇن جاپالىق ھەمدە ئەگىرى ـ توقاي ئۇزۇن مۇساپىلەر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بىرلەپ ناماييەن بولدى. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى دۇنيا غەيرى ماددىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى پىششىق بىلىدىغان، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى،مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سۇن جياجېڭ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «ئون ئىككى مۇقامىنى دۇنيا غەيرى ماددىي مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى تەييارلاش خىزمىتىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى تۆمۈر داۋامەت بىر قوللۇق تۇتۇپ،ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلىگەن. تۆمۈر داۋامەتنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى بولمىغان بولسا، ئون ئىككى مۇقام ھەققىدىكى ئىلتىماس يوللانمىغان بولاتتى. ھەتتا، ئۇنىڭ ماقۇللىنىشىمۇ بۇنداق تېز بولمىغان بولاتتى.

«ئون ئىككى مۇقام»نىڭ باش كۆتۈرىشى

   تۆمۈر داۋامەت ئەسلىدىنلا شائىر ئىدى.  ئۇ 1993-يىلىلا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالتە پارچە شىئېرلار توپلىمى، ئىككى نەسىرلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇ مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مۇھىتى تەربىيەلەپ يېتىشتۇرگەن مۇنەۋۋەر شائىر . ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ئاتەشتەك قىزغىن مۇھەببىتىنى، مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان ئاجايىپ مەپتۇنكارلىقىنى تىل بىلەن تولۇق تەسۋېرلەپ بېرىش تولىمۇ مۇشكۈل! تۆمۈر داۋامەتنىڭ 1979-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن باشلاپلا ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام»ى قاتارلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توپلاش، رەتلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى، مۇقام تەتقىقات خىزمىتىنىڭ نامەييەندە خارەكتىرلىك يەنە بىر يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسۈتىپ بەردى.

1985-يىلى 12-ئايدا تۆمۈر داۋامەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، 1987- ھەمدە 1988-يىللىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمىئىيىتى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىئىيىتى قۇرۇلۇپ، بارلىق مۇناسىۋەتلىك ئالىم، مۇتەخەسىسلەر بۇ ئىككى جەمىئىيەت ئەتىراپىغا ئۇيۇشۇپ، زىچ ئىتتىپاقلاشتى.    ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىنى تۆمۈر داۋامەت بىۋاستە ئۆز ئۈستىگە ئالدى. 1993-يىلى 7- ئايدا رەئىس تۆمۈر داۋامەت  يۇقۇرقى ئىككى جەمىئىيەت ئاساسىدا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام فوندىنى قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ يالغۇز ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى بويىچە، ئاپتۇنۇم رايۇن ھەم مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي ، بەلكى ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرغا چىقىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى تەشكىللەپ، يەنە بىر قېتىم ئون ئىككى مۇقامنى قېزىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. بۇ خىزمەتكە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئالىم، مۇتەخەسىس قاتناشتۇرۇلۇپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنداقلا «ئون ئىككى مۇقام»دىن ئىبارەت بۇ يېڭى ئىلىم ساھەسى رەسمىي شەكىللەندى.

  1995- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40يىللىق مەرىكىسى يېتىپ كېلىش ئەرپىسىدە،ئۇلارئاخىرى 12مۇقام ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر30پارچەكىتابنى رەتلەش،نەشىرقىلدۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋەپپپەقىيەتلىك تاماملاپ،شانلىق 40يىللىق توينىڭ ئېسىل سوغىسى سۈپىتىدە  تۈنچى قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى ئويۇشتۇردى.12مۇقام تېكىسىتلىرىنىڭ ھەممىسى ئازادلىقنىڭ دەسلەپقى مەزگىلىدە تۇردى ئاخۇن ئاكا ئىجرا قىلغان تېكىسىتلەر ئاساسىدا رەتلەنگەن بولغاچقا،ھەرخىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر ۋە ئورۇنلاش جەريانىدىكى قېيىپ كېتىشلەر تۈپەيلىدىن بەزى كەمتۈكلىكمۇ ساقلانغانىدى.بۇ قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلغان تۆرت يىللىق رەتلەش خىزمىتىدىن كېيىن مۇناسىبەتلىك تەرەپلەرنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئەجرە قىلىشى ئارقىلىق ئىلگىرىكى نەشىرىدىكى تېكىسىتلەردە ساقلانغان مەنالار ئېنىق،ئۆلچەملىك بولماسلىق،تەرجىمى سۈپىتى تەلەپكە  يەتمەسلىكتەك مەسىلىلەر  تۈزىتىلدى.تۆمۈر داۋامەت راستچىل، ئەمەلىيەتچان،ئىشنى ئەستايىدىل قىلىدىغان ئەرباب بولغاچقا،شۇ يىلى 12- نچى ئايدا چاقىرىلغان 12مۇقام ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كەسكىنلىك بىلەن«12مۇقامغا ئائىت 12پارچە كىتاب قايتىدىن رەتلىنىپ،نەشىر قىلىنسۇن»دەپ قارار قىلدى.شۇ قېتىملىق نەشىر قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتا شىنجاڭنىڭ شارائىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ،رەتلەپ تەييار قىلىنغان بۇ 12 پارچە كىتابنى پايتەختىمىز بېيجېڭدە--- مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشىر قىلدۇرۇش پىلانىنى بېكىتتى.بۇ چاغدا تۆمۈر داۋامەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى،ئۇ شىنجاڭدىن بىر تۈركۈم ئالىم- مۇتەخەسىسلەرنى بېيجېڭگە تەكلىپ قىلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ بېيجېڭدە تۇرۇشلۇق ئىش بىجىرىش باشقارمىسىغا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە بېيجېڭدىكى مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ،ئىككى جايدىكى مۇتەخەسىسلەردىن بەنزە تەشكىللەپ،12مۇقام تكىسىتى،مۇزىكىسى ۋە تەرجىمىسى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن رەتلەش خىزمىتىنى ئۇيۇشتۇردى.

      مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساس ئىگىلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ قېتىمقى رەتلەش پائالىيىتىدە راستىنلا تارىخىي خاراكتېرلىق بۆسۈش ھەم يۈكسەك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى،يالغۇز«ئىشرەت ئەڭگىز»ماۋزۇلۇق گۆھەر بايقىلىپلا قالماستىن،بەلكى«ئابۇ چەشمە»،«مۇستەھزاد»قاتارلىق ئېسىل گۆھەرلەرمۇ قېزىۋېلىنىپ،12مۇقام مۇزىكىلىرى يېڭى ئاھاڭلار بىلەن بېيىتىلدى.بۇ 12مۇقام تارىخىنىڭ تولۇقلىنىشى،مۇكەممەللىشىشى ۋە مۇقام تەتقىقاتىدىكى بىر قېتىملىق بۆسۈش ھەم بىباھا تۆھپە بولۇپ،ئۇ 12مۇقامنىڭ بىر بۈتۈن گۈزەللىكى بىلەن ئەسلىدىكى   تەبىئىي خۇسۇسىيىتىنى ئاجايىپ يارقىن گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

ئون ئىككى مۇقامنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش

1996- نچى يىلى ئون ئىككى مۇقامغا نىسبىتەن ئېيتقاندا ناھايىتى ھالقىلىق بىر يىل،مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۇر داۋامەت ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ناھايىتى ئالدىراش بىر يىل  بولدى.شىنجاڭدىن بېيجېڭگە بارغان نەچچە ئون مۇتەخەسىس ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بېيجېڭدىكى ئىش بىجىرىش باشقارمىسغا(كېيىنچە قاراماينىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش باشقارمىسىغا) يىغىلىپ،بېيجېڭدىكى مۇتەخەسىسلەر بىلەن بىرگە 12مۇقامنى نەشىر قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خىزمەتلىرىنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ،جىددى ئىشلىمەكتە ئىدى.مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت بىر تەرەپتىن  ئالىم- مۇتەخەسىسلەربىلەن داۋاملىق ئۇچرۇشۇپ،ئومۇمىي ئىشلارنى چىڭ تۇتسا،يەنە بىرتەرەپتىن تولىمۇ ئالدىراشلىق ئىچىدە 12مۇقامنى نەشىر قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەتنى جۇغلاش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ مۇناسىبەتلىك مېنىستىرلىق ۋە كومېتىتلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى،نۇرغۇن كارخانىچىلار بىلەن ئۇچراشتى؛ئالىم- مۇتەخەسىسلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇردى.خىزمەتچى خادىملار مائاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئەشۇنداق كۆيۈپ- پىشىپ،بېرىلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،قاتتىق تەسىرلەندى ۋە چىن قەلبىدىن ئاپىرىن ئېيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ھاردۇق يېتىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسېرىدى.بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان  تۆمۇر داۋامەت خىزمەتچى خادىملارغا ئىنتايىن مېھرىبانلىق بىلەن:«سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار،ھازىر مېنىڭ سالامەتلىكىم ناھايتى ياخشى بولىۋاتىدۇ،بۇ خىزمەت مەن ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئارام ئېلىش ئەمەسمۇ؟»دەپ تەسەللى بەردى.

     ئون ئىككى مۇقامغا ئالاقىدارئون ئۈچ توم كىتابنىڭ راسخۇت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت 1996- نچى يىلى 5- نچى ئاينىڭ 18-نچى كۈنى مالىيە مىنىستىرى شياڭ خۇەيچېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرىنى چاقىرىپ،گويى مېھمانسارىيىدا كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇردى ھەمدە مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى رەھبەرلەردىن بۇ تۈرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.مىنىستىر شياڭ خۇەيچېڭ شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزغىن قوللاش پۇزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ،قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىككى مىليۇن يۇەن خىراجەت ھەل قىلىپ بەردى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت يەنە تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى،نېفىت مېنىسستىرلىقى،ئېلېكتىر ئىنىرگىيىسى مىنىستىرلىقى،سۇ ئىشلىرى مىنىستىرلىقى،ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش ئالى ئورگاننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىگە زىياپەت بېرىپ،ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ھەربىر مىنىستىرلىقنىڭ 50تۇمەندىن ئىقتىسادىي ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ،جەمئى ئىككى مىليۇن بەشيۈز مىڭ يۇەن راسخۇت ھەل قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بىر مىليۇن يۇەن ياردىمىنى،شىنجاڭ كارخانىچىلىرىنىڭ بىر مىليۇن يۇەن ئىئانىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ،رايۇنىمىز تەۋەسىدىنمۇ ئىككى مىليۇن يۇەن مەبلەغ ھەل  قىلدى.مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تىرىشىشى ھەم ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ئون مىليۇن يۇەن خىراجەت جۇغلۇنۇپ،12مۇقامغا ئائىت توپلاش،رەتلەش،نەشىر قىلىش خىراجەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىنىپ بولدى.

      شۇنداق قىلىپ 1997-نچى يىلى 4- نچى ئايدا ئون ئىككى مۇقام توغرىسىدا ئۇيغۇرچە.خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە تىللاردا نەشىرگە تەييارلانغان  ئون ئۈچ توم كىتاب ئاخىرى نەشىردى چىقتى.بۇ كىتابلار يالغۇز مەزمۇن جەھەتتىكى مۇكەممەللىكى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئۆزىنىڭ نەفىسلىكى،تۈپلىنىشىنىڭ كۆركەملىكى بىلەن خەلقارادا ئەڭ  ئالدىنقى سەۋىيىدىكى نەشىر بۇيۇملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.1997- نچى يىلى 10- نچى ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئون ئىككى مۇقامغا ئائىت ئۇن ئۈچ توم كىتابنىڭ  تۈنچى نەشىرىنى تارقىتىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

      شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئون ئىككى موقامنى تارقىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىش،مۇقامنىڭ شۆھرىتىنى كۆتىرىش ھەمدە يەنىمۇ كۆپ تەلەپكارلارنى ئون ئىككى مۇقامدىن بىۋاستە ھوزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش  ئۈچۈن ئۇن ئىككى مۇقامنىڭ ئۇيغۇر،خەنزۇ،ئېنگىلىز،ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت تۆرت خىل تىلدىكىDVD, VC  ,CDپىلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىنىپ،ئۇنىڭ جامائەتكە يۈزلىنىشى،دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس تۇرغۇزۇلدى.

      خەلق ئاممىسىنى ئون ئىككى مۇقامنىڭ سەرخىل كۆرىنىشلىرىدىن ۋە مىسلىسىز گۈزەل مىلۇدىيىسىدىن بىۋاستە بەدىئىي زوق ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش، بۇ ئەل ئىچى سەنئەت گۆھىرى خەزىنىسىنى تېخىمۇ يارقىن،تېخىمۇ جانلىق،ئوبرازلىق كۆرىنىش ئارقىلىق سۈزۈك قاش تېشىدەك جۇلالىنىش شارائىتىغا ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇئاۋېن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق شىجائەت بىلەن ئون ئىككى مۇقام بەدىئىي پىلاستىنكىلىرىنى ئىشلەش خىزمىتى قاينىمىغا چۆكۈپلا كەتتى.

       مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت2000- نچى يىلى 11- نچى ئاينىڭ 4- نچى كۈنى  ئون ئىككى مۇقام بەدىئىي سەنئەت پىلاستىنكىلىرىنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق زىلۇجىنى سېتىۋېلىش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە دۆلەت پىلان كومېتىتىنىڭ مۇدىرى زېڭ پېييۈنگە ئالاھىدە خەت يېزىپ،ئۇنىڭدىن ئەشۇ خىراجەتنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۇپ، ئىككى مىليۇن يۇەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈردى.2001-نچى يىلى 1- نچى ئاينىڭ 4- نچى كۈنى ھەم 26- نچى كۈنى ئارقا- ئارقىدىن مالىيە مېنىستىرى شياڭ خۇەيچېڭغا  ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ خەت يېزىپ،مالىيە مېنىستىرلىقىنىڭ ئىككى مىليۇن يۇەن قوللاش مەبلغىغە ئېرىشتى.

       مىسلىسىز جاپالىق ئىزدىنىش بەدىلىگە قېزىپ چىقىلغان  ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ  ئاجايىپ نەفىس ئەل ئىچى سەنئىتىنىڭ بىر دەستە چىرايلىق گۈلىنى دۇنيا سەھنىلىرىدە مەڭگۈ ئېچىلىپ،گۈپۈلدەپ خۇشپۇراق چېچىش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلەتتى.بۇ نوقتىنى چوڭقۇرئويلاپ يەتكەن تۆمۇر داۋامەت ئاۋات ناھىيىسى تەۋەلىكىدىن ھەل قىلىنماقچى بولغان 2000 مو يەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، باغۋارانلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەتنى غەملەش مەقسىدىدە يەنە دۆلەت پىلان كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ ۋېيشىنگە خەت يېزىپ،ئۇنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىر مىليۇن ئىككى يۈزمىڭ يۇەن مەبلەغنى ھەل قىلدى.

      2000- نچى يىلى 6- نچى ئايدا  تۆمۈر داۋامەت ئون ئىككى مۇقام دېھقانچىلىق مەيدانى ئەھيا قىلىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجېڭدىن ئالاھىتەن شىنجاڭغا كېلىپ،مەخسۇس يىغىن ئاچتى.ئۇنىڭ تەكلىۋى بىلەن يولداش مۇھەممەت ئىسمائىل ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇن ئىككى مۇقام تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ دائىمى مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ھەمدە ئون ئىكككى مۇقام دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆز زىممىسىگە ئالدى.ئەشۇ چاغدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى پەقەت بىر پارچە قاقاس قۇملۇق بىلەن شورلۇق يەرلەرنىڭ قەغەز يۈزىگە سىزىپ چىقىلغان سېخىمىسىدىنلا ئىبارەت ئىدى- خالاس.  سابىق مۇئاۋىن رەئىس مەمتىمىن يۈسۈپ مەيداننىڭ ئاساسى مۇئەسسەسە ۋە دەسلەپكى قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۆپلىگەن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇھەممەت ئىسمايىلغا ئاساسى بىرقەدەر شەكىللەنگەن مەيداننى تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى مۇقام ئىشلىرى زور تۆھپىلەرنى قوشقان بۇ مۇتەخەسىس 2000-يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.  ئالتە يىللىق جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق بۇ قاقاس زىمىن ئاخىرى دەسلەپقى كۈلەمگە ئىگە بولغان زامانىۋىي دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئايلاندى.2006- نچى يىلدىن كېيىن رەسمىي ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ،2007- نچى يىلىغا كەلگەندە ئۇ ياراتقان كىرىم 600مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتتى.نەچچە يىلدىن كېيىن بەلكىم بۇ مەيداندىن ھەر يىلى يارىتىلىدىغان كىرىم  ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليۇن يۇەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى  ئۇيغۇر مەدەنى مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىش،ئاسراش ھەم قېزىپ چىقىشنى  مەڭگۈلۈك ئىقتىسادىي كاپالەت ھەم ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر ياخشى ئامىل بولۇپ قالدى.ئون ئىككى مۇقام دېھقانچىلىق مەيدانى ئەھيا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇشكۈل ئىشنى رۇياپقا چىقىرىش جەريانىدا مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى مۇھەممەت ئىسمائىل جاپاغا چىداپ بېرىلىپ ئىشلەپ،نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى،ئاخىرىدا ئۈنۈملۈك ئەجرى بىلەن مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت رازى بولغىدەك ئۆچمەس نەتىجە ياراتتى.

        مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئون ئىككى مۇقام بەدىئىي سەنئەت فىلىمى نەچچە مىڭ كەسپىي خادىمنىڭ  ئۈچ يىللىق جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى.مانا شۇ چاغدا مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ قەلبىدە «ئەگەر بۇ بىباھا  مەنىۋىي مىراسنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەلىگەن بولساق،ئۇ دۇنيا غەيرى ماددى مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالسا  ئاجايىپ  قالتىس ئىش بولمامدۇ؟»دېگەن  يەنە بىر ئۇلۇغۋار پىكىر پەيدا بولدى. بۇ مۇقەددەس پىكىر يالغۇز ئون ئىككى مۇقامنى خەلقارا سەنئەت سورۇنىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يۈزلەندۈرۈشتىن ئبارەت بۈيۈك غايىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن،بەلكى ئەشۇ  نىشاننى بويلاپ قانات يايدۇرۇلماقچى بولغان خىزمەتلەرنى پۇختا ئاساس بىلەن تەمىنلەپ،ئىلتىماس قىلىش شارائىتىنىڭ ئاللىقاچان پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىنمۇ دېرەك بەرمەكتە ئىدى.ئويلاپ مۇشۇ جايغا كەلگەندە،مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەتنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولۇپ،ئۆركەشلىدى.

      2002-  يىلنىڭ بېشىدا مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئىلتىماس»نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىلاتىنىڭ مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىغاسۇنۇش تەكلىۋىنى تۈنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئاجايىپ خاسىيەتلىك بۇ مۇھىم ئىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا رۇياپقا چىقىش قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن ئۇ دەرھال جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۇن جياجېڭغا خەت يېزىپ،جۇڭگۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى دۇنيا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسى تۇرغۇزۇش ھەققىدىكى قاراشلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلدى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنى بۇ خىزمەتنى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشلامچىلىقىدا شىنجاڭ تەرەپتىكىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەش ھەققىدىكى قىممەتلىك تەكلىپلىرى بىلەن تەمىن ئەتتى.ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ،مۇ ناسىبەتلىك تەرەپلەرنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈپ،قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيلىك ئىلتىماس قىلىش دوكلادىنى تەييارلاپ چىقىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

       شۇنىڭدىن كېيىن مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت  بۇ قېتىملىق ئىلتىماس قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى رەھبەر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن بېيجېڭ ھەم شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى ئاكتىپ ماسلاشتۇردى.ئۇ بىر تەرەپتىن بېيجېڭدە ئىشلىنىۋاتقان تەييارلىق ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرسە،يەنە بىر تەرەپتىن شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلتىماس دوكلادى تەييارلاش پائاليىتىگە قارىتا يوليۇرۇق ھەم مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى،كۆڭۈل بولۇشى بىلەن ئاخىرى مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىگە ئالاقىدار كۈچلۈك رەھبەرلىك ئورنى تەسىس قىلىندى.

         ئون ئىككى مۇقامنى دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنى تەييارلاش ئىشىغا ئالاقىد4ر خىزمەتلەرنى تېخىمۇ زور ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن  ئۇ 2004- نچى يىلى 3- نچى ئاينىڭ 17- نچى كۈنى بېيجېڭ نەنيۇەن رېستۇرانىدا ئۆز رىياسەتچىلىكىدە سۆھبەت يىغىنى ئويۇشتۇردى.بۇ قېتىمقى  زور ئەھمىيەتكە ئىگە سۆھبەت يىغىنىدا تۆمۈر داۋامەت يېتەكچىلىك خاراكتېرىغا ئىگە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى،مەدەنىيەت مىنىستىرلقىنىڭ مىنىستىرى سۈن جياجېڭ تۆمۈر داۋامەتنىڭ شۇ قېتىمقى سۆزىگە يۈكسەك باھا بەردى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم تەسدىقى بىلەن سۆھبەت  يىغىنى خاتىرىسى رەتلەپ چىقىلىپ،مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.

          ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىبەتلىك ماتېرىئاللارنى تەييارلاش ھەلەكچىلىكىدەئالدىراش چېپىپ يۈرگەن شىنجاڭ خىزمەت گورۇپپىسىدىكى خادىملار زىممىسىدىكى ئېغىر ھەم مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇنلاپلا قالماستىن،بەلكى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلتىماس قىلىش ماتېرىئاللىرىنى تەييارلاپ، سىنئالغۇغا ئېلىنغان 2200 مىنۇتلىق سۈرەتلىك دوكلات،ئۈنئالغۇ لىنتىسىغا ئېلىنغان 18سائەتلىك ئاۋازلىق دۆكلات،نەچچە يۈز فۇتۇ سۈرەت قاتارلىقلارنىمۇ رۇياپقا چىقاردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مۇقامنى دۇنيا غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسىنىڭ مۇۋەپپىققىيەتلىك ماقۇللىنىشىدىكى ئاساسىي ئامىل بولۇپ قالدى.

2005-  يىلى 4- ئايدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىن تاللانغان 14نۇقتىلىق نامزات تۈرلەر دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بەس- مۇنازىرە داۋامىدا جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ،يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى قايىل قىلدى ھەمدە گوۋۇيۇەن تەرىپىدىن جۇڭگۇنىڭ بۇ قېتىم دۇنيا غەيرى ماددى مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشنى ئىلتىماس قىلغان بىردىن- بىر تۈر نامزاتى بولۇپ تەسدىقلاندى ھەمدە  2005-يىلى6-ئايدابىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنى مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت گورۇپپىسىغا رەسمىي ئىلتىماس قىلىندى.2005-  يىلى 11- ئاينىڭ25- كۈنى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى رەسمى ھالدا 3- تۈركۈمدىكى«ئىنسانىيەت ئاغزاكى غەيرى ماددى مىراسلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە ئەسەر»بولۇپ باھالاندى!

مانا مۇشۇنداق قۇتلۇق مېنىتلاردا تۆمۈر داۋامەتنىڭ خىيالى يەنىمۇ يۈكسەكلىكتە قاناتلاندى،ئويلىغانلىرى تېخىمۇ كۆپ بولدى.ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە،ئىلتىماس قىللىش تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولسىمۇ ،ئۇ پەقەت قوغداش،ۋارىسلىق قىلىشتا بېسىلغان بىرىنچى قەدەمدىن ئىبارەت - خالاس، ئون ئىككى مۇقامغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش ھەم ئۇنى قوغداش بۇندىن كېيىنكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۈشكۈل ھەم جاپالىق بىر ۋەزىپە ئىدى.شۇڭا«جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى»نىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قوغداش تۈرىگە مۇناسىبەتلىك خىراجەتنى تىز ھەم ئۈنۈملۈك ئەمىلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن   تۆمۈر داۋامەت 2006-  يىلى 6-  ئاينىڭ 6-  كۈنى شىنجاڭنىڭ دوكىلاتىنى بىر پارچە خېتى بىلەن قوشۇپ، جۇڭگۇ كومپارتىيىسى مەركىزى كومېتىت سىياسى بىيۇروسنىڭ ئەزاسى،گوۋۇيۇەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋۇيىغا ئالاھىدە ئەۋەتىپ بەردى.مۇئاۋىن زوڭلى ۋۇيى  تۆمۈر داۋامەتنىڭ خېتى ۋە دوكىلاتقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى ھەم 2006-  يىلى 6-  ئاينىڭ 13- كۈنى ئۆز قەلىمى بىلەن تەسدىق يېزىپ چۈشۈرۈپ،مەدەنىيەت  مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى،مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەت فونكىتسىيىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمىلىيلەشتۈرۈشى توغرىلىق يوليۇرۇق بەردى.

ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مۇئاۋىن كومېتىت باشلىقى تۆمۈر داۋامەت 2007-  يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۈچ مىليۇن يۇەن مەبلەغ ھەل قىلدى ھەمدەئۆزى بىۋاستە تەسدىق يېزىپ چۈشۈرۈپ،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئون ئىككى مۇقام مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىش، ئورۇنلاش كەسپى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئون ئىككى مۇقام ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى بەرپا قىلدى.بۇ ئورۇن ھازىرغا قەدەر دۆلەتكە قىرىقتىن ئارتۇق ئون ئىككى مۇقام تولۇق كورس ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.تۆ مۈر داۋامەتنىڭ رەھبەرلىكى ھەم غەمخورلىقى بىلەن  سەنئەت ئىنىستىتۇتى 2007-  يىلى 9- ئايدا يەنە ئون ئىككى مۇقام ماگىسستېر تەربىيىلەش نوقتىسى(خەلق مەشرەپلىرى ماگىستىرلىق نوقتىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)تەسىس قىلدى.مەخسۇس مەشرەپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدىغان تولۇق كورس سىنپىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈپ،2008-  يىلى 9-  ئايدىن باشلاپ،رەسمى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىشنى باشلىۋەتتى.تۆمۈر داۋامەت مۇقام مائارىپىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۈرۈشتەك خاسسىيەتلىك ئىشنى يېتەرلىك مەبلەغ  بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يۇقارقى ئاساستا يەنە بىر سىنىپ كۆپەيتىپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش،ئۈچ سىنىپ ئاساسىدا ااكۇلتېت قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۈرۈپ،بۇ فاكۇلتېتنى ئۇزاققىچە نوقتىلىق يۆلەشنى تەلەپ قىلدى.مۇنداق بولغاندا ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى ئوقۇشى،تەتقىقاتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرغىلى،«ئۈچ تەرەپ بىرگەۋدە قىلىنغان ئىختىسساس ئىگىلىرى تەربىيىلەش بازىسى»نى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى،شۇنداقلا تەدرىجى ھالدا ئون ئىككى مۇقام ماگىستىر يېتىشتۈرۈش نوقتىسىنى بەرپا قىلغىلى،بۇ ساھەدىكى دوكتۇرلارنى تەربىيىلەپ چىققىلى بولاتتى.جۈملىدىن ئون ئىككى مۇقام سەنئىتىنى كەڭ ھەم چۈڭقۇر تەتقىق قىلىش،تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مول ئوقۇتۇش ماتېرىئالىغا ئايلاندۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك مەكتەبلەرئۈچۈن  مۇقام سەنئىتى ئوقۇتۇشىغا ئائىت دەرسلىك كىتابلارنى يېزىپ چىققىلى بولاتتى.بۇ نېمە دېگەن ئالىيجاناپ ئالدىن كۆرەر روھ- ھە!

مەشرەپ- تۆمۈر داۋامەتنىڭ يەنە بىر بۈيۈك ئارزۇسى

ئون ئىككى مۇقامغا مۇناسىبەتلىك بارلىق ئىشلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىنكى 2006-  يىلنىڭ دەسلەپقى مەزگىلىدە تۆمۈر داۋامەت ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا شىنجاڭ بويىچە.بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئالاھىدە نوقتا قىلنغان ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلىك،تەپسىلى قانات يايدۇردى.2006-  يىلى 2-  ئايدىن  5- ئايغىچە بولغەن ئارىلىقتا ئۇ شەخسەن ئۆزى ئىككى قېتىم قۇمۇل،تۇرپان قاتارلىق جايلارغا باردى،خۇتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەتتە ناھىيە،بىر شەھەرنى ئارىلىدى،قەشقەر،كۇچا،چەرچەن،چارقىلىق قاتارلىق جايلارنى كېزىپ چىقىپ،ئالدىراشلىق ئىچىدە قىلغان قۇتلۇق سەپىرىدىن شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قېزىش،رەتلەش ۋە رەپىتىس قىلىش،سۈرەتكە ئېلىش،نەشىر قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەت مەسلىسى توغرىلىق ئويلاندى.ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى،گۈزەل ئەخلاقى ھەم تەسىر كۈچىگە تايىنىپ،شەندۇڭ،شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى كارخانا- زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،يەنە بىر قېتىم بەش مىليۇندىن ئارتۇق مەبلەغ جۇغلاپ،ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قۇتقۇزۇش پائالىيىتىنى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.خەلق مەشرەپلىرى ئاساس قىلىنغان ئىلتىماسنامە تەييارلاش خىزمىتىنى دەسلەپقى قەدەمدە ئورۇنلاشتۇردى.

پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش،زىيارەت قىلىش ئىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۆمۈر داۋامەتنىڭ قەلبىدە  شىنجاڭ مەشرەپلىرىگە قارىتا يەنىمۇ چۇڭقۇرچۈشەنچە پەيدا بولدى.تارىخىي ئۆزگىرىش ۋە خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،شۇنداقلا ئەل ئىچى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى،ياراملىق ۋارىسلارنىڭ كەمچىل بولىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن خېلى زور سالماقنى ئىگىلىگەن ئەل ئىچى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئاللىقاچان يۇقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغانىدى،بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى پىششىق بىلىدىغان خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ يېشى ئۇلغىيىپ قالغاچقا،ئۇلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان ئىز باسارلار ئاساسەن يېتىشتۈرۈلمىگەنىدى. ئەگەر جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ،قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىلمىسا،بو تەۋەرۈك گۆھەرلەرنىڭ ھەممىسى تارىخ سەھنىسىدىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە غايىپ بولۇشى مۇمكىن ئىدى.بۇ ئەھۋالنى ئېنىق ھېس قىلغان تۆمۈر داۋامەت ئىچى تىت- تىت بولغان ھەم قايغۇرغان ھالدا:«بىز ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىمىزگە ئالغانمىز،بىز جەزمەن تارىخ ئالدىدا ھەم ئەجداتلىرىمىز ئالدىدا جاۋابكار بولىشىمىز،كېيىنكى ئەۋلاتلارغا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك!شۇڭا ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنى قۇتقۇزۇش خىززمىتنى بىر ئازمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ»دېدى.

2006-  يىلى 4-  ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتىدە تۆمۈر داۋامەت  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى،خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمى كومېتىتى،سىياسى كېڭەش،ئىشلەپچىقىرىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى   قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ لېچۇەن، ئىسمائىل تىلىۋالدى.ئابدۇرېھىم ھامىت،ئەسخەت كېرىمباي،نې ۋېيگو قاتارلىقلار بىلەن  ئالاقىلىشىپ،پىكىر ئالماشتۇرۇپ،جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى تەسدىقلاشقا يوللاش مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭەشتى ھەمدە ناھايىتى تىزلا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ،شىنجاڭدىكى بەش چوڭ رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى.

2006- يىلى 5-ئايدا تۆمۈر داۋامەتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى قېزىش،رەتلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى بىردەك بۇ گۇرۇپپىنىڭ باشلىقلىقىغا كۆرسەتتى.ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ئابدۇرېھىم،رادىئو،كىنۇ،تېلېۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى(ھازىرقى باشلىقى)مۇختەر مەخسۇت ۋە ۋۇجۈن(ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى)قاتارلىقلار بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا كۆرسىتىلدى.شۇنىڭ بىلەن بۇ خاسىيەتلىك خىزمەتنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمى باشلاندى.

ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ئىمكانقەدەر تىز ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن2006-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تۆمۈر داۋامەت يەنە بىر نۆۋەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۈن جياجېڭغا ئالاھىدە خەت يېزىپ،تەكشۈرۈپ تەسدىقلاشقا سۇنىلىدىغان ئىلتىماس توغرىسىدىكى پىكىرلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن بايان قىلدى،مەدەنىيەت مىنىستىرى سۈن جياجېڭدىن ۋە ئالاقىدار ئالىم-مۇتەخەسىسلەردىن بۇ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ۋە قوللاشىنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سۈرەتكە ئېلىنىدىغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرى بەدىئىي كۆرىنىشلىرىنىڭ ئوخشاشمىغان يەرلىك ئالاھىدىلىكنى ئەكس ئەتتۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆمۈر داۋامەت شۇ چاغدا ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە مەشرەپنى سۈرەتكە ئېلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش رېژىسسۇر تاھىرنى قايتۇرۇپ كېلىپ،ئۇنى ئالتايغا  ئۆزگىچە مەشرەپ مەنزىرىلىرىنى قېزىپ كېلىشكە ئەۋەتتى.رېژىسسۇر تاھىر ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىغا مۇناسىپ ئىش قىلىپ،سەھنە كېيىمى،سەھنە جابدۇقلىرى،مەنزىرە كۆرىنىشى،ھەم ئورۇنلاش سەنئىتى جەھەتتە تامامەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ دەسلەپقى مەزگىلىگە ماس مەشرەپ كۆرىنىشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ،60-  يىللاردىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاجايىپ يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.بۇ ئارقىلىق يوقاپ كەتكىنىگە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن ئۇيغۇر مەشرەپلىرى كۆرىنىشلىرىگە قايتىدىن ھاياتىي كۆچ بەخىش ئەتتى ھەمدە ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈردى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنى قوغداش،ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ!

تۆمۇر داۋامەتنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى،ئۇيۇشتۇرۇشى،بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىشى،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە 2008- يىلى 5-ئايغا قەدەر قېزىۋېلىنىپ،رەتلەپ چىقىلغان 31قىسىم مەشرەپ رەسمى نەشىردىن چىقتى.

ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ۋە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ئىشلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆمۈر داۋامەت بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،ھېرىپ،ئاچقىنىغا پىسەن قىلماي بېرىلىپ ئىشلىدى،ئۇ چوڭ-چوڭ ئىشلاردىن تارتىپ،كىچىك ئىشلارغا قەدەر بولغان ھەربىر خىزمەت ھالقىلىرىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىۋاستە تۇتۇپ ئالاقىلاشتى،ماسلاشتۇردى ھەمدە بىر- بىردىن ئەمىلىلەشتۈردى.2008- يىلى 8-  ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋاقتى،قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تىزىملىكى بىكىتىلگەندىن ئۇ دەرھال گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى،مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ،خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇردى،شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىنىڭ سۇرىيە،قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىگە چىقىپ ئويۇن قويۇشى ئۈچۈن كېتىدىغان بىر مىليۇن يەتتە يۈزمىڭ يۇەن خىراجەت خامچۇتىنىڭ ھەل قىلىنشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى يەنە  خەلق مەشرەپلىرنى ئىلتىماس قىلش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولدى.بۇ كۈننى ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى نوقتىسىدىن ئۇيغۇر مەشرەپلىرى تارىخىدىكى ھالقىلىق بىر كۈن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.بۇ كۈنى تۆمۈر داۋامەت بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى،دۆلەتلىك مىللى ئىشلار كومېتىتى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىنىڭ جۇڭگۇدىكى كاتىبات باشقارمىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىش كاتتا ئىشى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.تۆمۇر داۋامەت سۆھبەت يىغىنىدا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى،ئارقىدىنلا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەي ۋۇ نەق مەيداندا قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى جىددى مەبلەغ ئاجرىتىدىغان تۈرلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىدىغانلىقىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىغا ئىلتىماس سۇنۇش خىزمىتىنى رەسمى تۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىككى كۈن تۆمۈر داۋامەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئالدىراش ھەم ئەڭ جىددى كەيپىياتتا ئۆتكەن،ئەڭ زور دەرىجىدە خۇشاللانغان ھەم كۆڭلى يايراپ كەتكەن  ئىككى كۈن بولدى.2008- يىلى 9- ئايدا مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنى جۇڭخۇا مىللەتلىرى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى نوقتىلىق تۈرى قاتارىغا رەسمى كىرگۈزۈپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىغا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدى.مۇ بادا تۆمۈر داۋامەتنىڭ زور ئۈمىد-ئارزۇلىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ بىباھا مەدەنىي مىراس ھەققىدىكى  ئىلتىماس تەسدىقلىنىپلا قالسا،ئۇنىڭ ئىككىنچى ئۇلۇغۋار ئارزۇسى قۇتلۇق رىئاللىققائايلانغان بولاتتى!

تۆمۇر داۋامەتنىڭ كارىزغا بولغان مۇھەببىتى

شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ ئۇزۇنلىقى 5000كېلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ،2000يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە،ئۇ ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى،جېڭكاڭ قانىلى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋردىكى ئۈچ بۈيۈك قۇرۇلۇش،ئىنشائات مىراسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇلار جۇڭگۇ سۇ ئىنشائاتى تەرەققىيات تارىخىدىكى كاتتا مۆجىزە دەپ قارالماقتا.

تۆمۈر داۋامەت تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ توقسۇن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ئاتا-بۇۋىلىرىدىن تارتىپ سۈپسۈزۈك كارىز سۈيىنى ئىچى بالاغەتكە يەتكەن.ئۇ ئۆز يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدۇ،يۇرتىدىكى كارىزلارنى ئاجايىپ ئۇلۇغلايدۇ.  بىراق،20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى مەلۇم ئادەملەرنىڭ ئىدېيىسىدە كارىزدىن ئىبارەت بۇ كاتتامۆجىزىدىن بىزار بولۇش قارىشى شەكىللىنىپ،ئۇلار بىر تەرەپلىمە ھالدا كارىزدىن ۋاز كېچىش باھانىسىنى كۆتىرىپ چىقىشتى.شۇنىڭ بىلەن تۇرپان تەۋەسىدە ئەسلىدىن بار بولغان 1280كارىز ئازىيىپ،400گە قىسقىراپ كەتتى،توقسۇن ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 200دىن ئارتۇق كارىزمۇ جىددى قىسقىراپ،ئاران نەچچە ئون ئۆپچۆرىسىدە ساقلىنىپ قالدى.

1985- يىلى 12- ئايدا تۆمۈر داۋامەت ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغادىن كېيىن،كۆپ قېتىم تۇرپان،قۇمۇل،توقسۇن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ،كارىز ھەققىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلىرىنى باشلىۋەتتى.ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى،كارىزدىن ئىبارەت 2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن  بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مەنسۇپ بۇ سۇ ئىنشائاتى ساھەسىدىكى قالتىس مۆجىزىنىڭ بىز بۇ دەۋر كىشىلىرى قولىدا يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەجدادلىرىمىز بۈگۈنكى دەۋرگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بۇ قۇتلۇق يالدامىنى گۈللەندۈرۈش  ھەم ياشنىتىش،ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق دەۋرىمىز ھەم كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن  ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ھەممە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ،كارىز ئىنشائاتىنى ئاسراش،قوغداش،قۇتقۇزىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى تۈزۈلدى، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭ كارىز تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ،قايتا-  قايتا ئىزدىنىش ھەم تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كۆڭۈلدىكىدەك ئاسراش چارىلىرى يولغا قويۇلدى،كارىزلار قۇرۇلۇشى دۆلەت سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى تەرىپىدىن بىر تۇتاش پىلانلىنىش سالاھىيىتىگە  ھەم دۆلەتتىن بېرىلىدىغان قەرەللىك قۇرۇلۇش مەبلىغى بىلەن قوغداش مەبلىغىگە ئىگە بولدى شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا دۆلەتلىك ۋە خەلقارالىق كارىز ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش پىلانىمۇ تۇرغۇزۇلدى. بۇ  ئارقىلىق ئالاقىدار تارماق،ھەم خىزمەتچى خادىملارنىڭ كارىز قۇرۇلۇشلىرىنى ئاسراش،قوغداش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە،تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ،تۈزۈپ چىقىشىغا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىلدى.تۇرپان كارىز ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تۆمۈر داۋامەت بۇ جەمئىيەتنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،ئۈرۈمچى تۇرپان قاتارلىق جايلاردا كۆپ قېتىم خەلقارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.نەتىجىدە كارىز تەتقىقاتى مۇناسىبەتلىك رەھبەرلەر بىلەن پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى ھەم قوللىشىغا ئېرىشتى.

كارىزلارنى قۇتقۇزىۋېلىش،قوغداش،تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2005- يىلى 4- ئاينىڭ 21-كۈنى تۆمۈر داۋامەت دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومېتىتىنىڭ مۇدىرى ليۇجياڭغا ئالاھىدە خەت يېزىپ،بۇ تۈرنىڭ دەسلەپقى يولغا قويىلىدىغان ئەمەلى مەشغۇلاتى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ 190مىليۇن يۇەن مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشىنى،بۇ مەبلەغنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ نەقلەشتۈرۈش چارىسىنى قوللىنىشنى،يەنى ئالدىنقى ئۈچ يىلدا 60مىليۇن بېرىشنى،كېيىنچە ھەر يىلدا 20مىليۇن يۇەن بىلەن تەمىنلەشنى ئۆتۈندى،جۈملىدىن قالغان خىراجەتنى ئاپتۇنۇم رايۇن بىلەن يەرلىكتىن بىرلىكتە غەملەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. مۇدىر ليۇجياڭ تۆمۈر داۋامەتنىڭ خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومېتىتى نامىدىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومېتىتىغا،ئۇلار ئارقىلىق تۇرپان،قۇمۇل قاتارلىق ئورۇنلارنىڭمۇ نامىنى ئاتاپ  دەرھال تەسدىق يېزىپ چۈشۈرۈپ،ئاجرېتىپ بېرىلمەكچى بولغان مەخسۇس خىراجەتنى جەزمەن ئۆز ئورنىغا ئىشلىتىش زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى،بۇ تەسدىق كارىزلارنى ئۇزاق مۇددەتلىك قوغداش ھەم ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگۇ تۇرپان كارىز ئىنشائاتىنى ئىنسانىيەت ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئىلتىماسى خىزمىتىنىڭ قەدىمىنى تىزلىتىش ئۈچۈن تۆمۈر داۋامەت نۇرغۇن قېتىم ئۆزى بىۋاستە تۇرپانغا بېرىپ،تەييارلىق خىزمىتى  يىغىنى چاقىرىپ،مەخسۇس جۇڭگۇ شىنجاڭ كارىزلىرىنى ئىلتىماس قىلىش ئىشىنى مۇھاكىمە قىلدى ھەم ئورۇنلاشتۇردى.ئۇنىڭ بىۋاستە سەپەرۋەر قىلىشى،پىلانلىشى ئارقىسىدا ئاخىرى«كارىز ئىنشائاتى ئىلتىماسىنى تەييارلاش مەخسۇس گۇرۇپپىسى»ۋە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ،ئىلتىماسقا مۇناسىبەتلىك بارلىق ماتېرىئاللارنى تەييارلايدىغان يېزىقچىلىق بەنزىسى تەشكىللەندى،ب د ت مائارىپ،پەن.مەدەنىيەت گۇرۇپپىسىغا سۇنىلىدىغان ئىلتىماسنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە پۇلاتتەك ئاساس تۇرغۇزۇلدى.

تۆمۈر داۋامەتنىڭ جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغاقوشقان غايەت زور تۆھپىلىرى

  تۆمۈر داۋامەت يالغۇز ئۇيغۇر مەدەنىي مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش،قوغداش خىزمىتىگە زور تۆھپە قوشۇپلا قالماستىن،بەلكى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتگىمۇ مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى.1993-يىلى ئۇ مەملىكەتلىك 8- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمى كومېتىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش خىزمىتىنى جىددى پىلانلاپ ئىشلەشتىن باشقا،يەنە بىر مۇھىم تۈر---«جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى كاتتا لوغىتى»نى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

جۇڭگۇ 56مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت.دۇنيا  مەدەنىيەت خەزىنىسى ئىچىدە ئۆزىگە خاس پارلاق نەتىجىلەر بىلەن يىگانە ھالدا جىلۋىلىنىپ،نۇر چېچىۋاتقان شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان.سوتسىيالىستىك مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەربىر مىللەت ئۆز نۆۋىتىدە پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.يەنىمۇ كۆپلىگەن چەتئەللىك دوستلارنى جۇڭگۇنى ،جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى چۇڭقۇر چۈشۈنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى كۆڭلىگە چىڭ پۈككەن تۆمۈر داۋامەت ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش،نەشىر قىلىش خىزمىتىنى بۇشاشماي تۇتۇش بىلەن بىرگە«جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت كاتتا لوغىتى»نى تۈزۈپ چىقىش،تەشكىللەش خىزمىتىنىمۇ كەسكىنلىك بىلەن بىر قوللۇق تۇتۇپ ئىشلەپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتى ساھەسەدىكى ئەشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش نىيىتىگە كەلدى،بۇ دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى،شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جىددى ئىھتىياجى ئىدى.

«جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت كاتتا لوغىتى»دىن ئىبارەت بۇ قالتىس،ئەمما ئاجايىپ زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان سېستىمىلىق قۇرۇلۇشنى رۇياپقا چىقىرىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەگرى-تۇقاي يوللارنى مېڭىشقا،زور جاپا-مۇشەققەتلەرنى چېكىشكە،كۆپلەپ بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلدى.تۆمۈر داۋامەت ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ،نەچچە يۈز ئالىم،مۇتەخەسىسنى تەشكىللەپ ھەم ئويۇشتۇرۇپ،ئۇلارغا باشچىلىق قىلىپ، ھەممەيلەن بىلەن بىر نىيەتتە تۆرت يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى جۇڭگۇدىكى 55قېرىنداش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر 25000دىن ئارتۇق ئاتالغۇ-ئىزاھاتلار كىرگۈزۈلگەن بەش توملۇق،بەش مىليۇن خەتلىك«جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت كاتتا لوغىتى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەشىر قىلدۇردى.پۈتۈن لۇغەت:شەرقىي شىمال،ئىچكى موڭغۇل رايۇنلىرى تومى،غەربىي جەنۇب رايۇنلىرى تومى،ئوتتۇرا جۇڭگۇ رايۇنلىرى تومى،غەربىي شىمال رايۇنلىرى تومى ۋە ئۇنېۋېرسال توم قاتارلىق بەش تومغا بۆلۈنگەن.

تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولۇپلا قالماي،يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسىمۇ ئىنتايىن زور.ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىمى جەريانىدا ئۇ ھېچقانداق ئادەم ئورۇنلاپ باقىمىغان غايەت چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتتى.

‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››  11-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىل ئالىمى ماخمۇت قەشقىرىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇنى ئەينى دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا قامۇسى دىيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ‹‹دىۋان›› ئەرەپ، ئىنگىلىز، ياپون، رۇس، نېمىس، تۈرك، ئۆزبەك قاتارلىق ئون نەچچە خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.

1978-يىلى 10-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان تۆمۈر داۋامەت، ئەينى چاغدا  ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان جوۋ رېنشەنگە دوكىلات سۇنۇپ، ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نى رەتلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئەينى چاغدىكى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ فېڭنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئەستائىدىللىق بىلەن تەشكىللىشى نەتىجىسىدە، نەچچە ئون نەپەر مۇتەخەسىسنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى بىلەن تۈركى مىللەتلەر تىلشۇناسلىقىدىكى بۇ گىگانت ئەسەر 1980-1983-1984-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن ئۈچ توم بولۇپ نەشردىن چىقتى.

ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانى«قۇتادغۇ بىلىك»نى11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى،پەيلاسۇپ،مۇتەپەككۇر، سىياسىئۇن يۈسۈپ خاس ھاجىپ 50ياشقا تۇشقان چېغىدا،يەنى مىلادى 1069-،1070-نچى يىللىرى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىققان بولۇپ،ئۇ  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى زور ھەجىملىك،نامايەندە خاراكتېرلىق يىگانە  شاھ ئەسەر سۈپىتىدە زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەنىدى.

بۇ ئۆلمەس،يىگانە ئەسەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىلىلىرىدا روس،تۈرك،نېمىس،فرانسۇز،ياپۇن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ،دۇنياۋېي خاراكتىردىكى كاتتا ئەسەرگە ئايلانغانىدى.ئەپسۇسكى تاكى 1970-يىلغا كەلگىچە ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا شەرھىلىنىپ،يېشىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى،مۇنداق ئەھۋالدا بۇ ئەسەرنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.يۇقارقى ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان تۆمۈر داۋامەتنىڭ كۆڭلىنى ئىنتايىن يېرىم قىلدى،ئۇنى چوڭقۇرئارزۇ-ئارمانلار قاينىمىغا باشلاپ كىرىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ شاھ ئەسەرنى تېزەرەك يورۇقلۇققا چىقىرىش ئۈچۈن،‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نى رەتلەپ، نەشر قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇتەخەسىس ۋە تەرجىمانلارنى تەشكىللەپ، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نى 1984-1986-يىللىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ھەم خەنزۇ تىللىرىدا نەشر قىلدۇرۇپ، بۇ دۇنياۋى شاھ ئەسەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى.

«قۇتادغۇ بىلىك»داستانىنىڭ ئاپتۇرى،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئالىم ،ئەدىپ،پەيلاسۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان كاتتا مۇھاكىمە يىغىنىنى ھەم ئۇنىڭ زىيارەتگاھىنى تەمىر قىلىش ئىشىنى ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۆمۈر داۋامەت 1988-يىلى 8-ئايدا يەنە بىر مىليۇن يەتتەيۈزمىڭ يۇەن تەسدىقلاپ چۈشۈرۈپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن ئالىمنىڭ قەبرىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۇپ ياساپ چىقىلدى.ئوخشاشلا ئۇ يەنە ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نىڭ مۇئەللىپى ماخمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى رېمۇنت قىلىشقىمۇ 50مىڭ يۇەن ئاجىرىتىپ بېرىپ،ئالىمنىڭ قەبرىگاھىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلەش،تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆچمەس خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۇقام ئۇستازى،شائىرە،مۇزىكا ئالىمى خانىش ئاماننىساخاننىڭ تارىخىي تۆھپىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تۆمۈر داۋامەت 1992-نچى يىلى 5-نچى ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم ھەم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشىغا تايىنىپ،ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن نەچچە يۈزمىڭ يۇەن ھەل قىلىپ،ئاماننىساخاننىڭ يۇرتى يەكەندە ئۇنىڭ قەبرىسىنى قايتىدىن ياساتتى،ھەم  ھەيكىلىنى تۇرغۇزدى.1992-نچى يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى يەكەن ناھىيىسىنىڭ تارىخىدىن ئاجايىپ بىر خاسىيەتلىك كۈن سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.بۇ كۈن يەنە شىنجاڭ تارىخىدىمۇ ئەبەدىي ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولۇپ قالدى.يەركەن ناھىيە بازىرى،ئەتراپتىكى يېزا- كەنتلەردىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ يەرگە يىغىلغان ئەر-ئايال،قېرى-ياشلارنىڭ ھەممىسى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى بىلەن ئاماننىارلىنىش ساخان ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1986-يىلى تۆمۈر داۋامەت مۇتەخەسىسلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ،«قۇتادغۇ بىلىك»داستانىنى خەنزۇچە نەشىر قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تىلشۇناسلىققا ئائىت گېنىئال ئەسەر«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىزاھلىق نۇسخىسى بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسىنى  نەشىرگە تەييارلاشنى ئويۇشتۇردى،شۇنىڭ بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە ھەم خەنزۇچە نۇسخىسى بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ  تارقىتىلدى.

بىز بۇ ئۆلمەس مەدەنى مىراسلارنىڭ ھازىرقى قىممىتىنى ۋە كەلگۈسىدىكى قىممىتىنى  مۇۋاپىق مۆلچەرلىيەلمەيمىز  ھەم ھېسابلاپ چىقالمايمىز؛ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساناق سانلارغا تايىنىپ ھېسابلاپ چىقىشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!ھالبۇكى،تۆمۈر داۋامەت مۇشۇ ئىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ھەم ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ بىجىرگەن چاغدا،مەيلى  ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن بولسۇن ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومېتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن بولسۇن،ئۆزىنىڭ ئومۇمى دائىرىدىكى ئاساسلىق خىزمىتىگە،مەركىزى خىزمەتلەرگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەسلىك پىرىنسىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى،بۇ ئارىدىكى مۇناسىبەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلغان ئاساستا قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ،ئاجايىپ پىداكارلىق بىلەن بىرىلىپ ئىشلىدى.ئالەمدىن ئۆتكەن سانسىز ئەجدادلارنىڭ روھى يۇقارقى قۇتلۇق ئەمەلى خىزمەتلەردىن سۆيىنىپ ئەمىن تاپقاندا،بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرى بۇ پارلاق مەدەنىيەت نېسىپ قىلغان شان- شەرەپتىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلغاندا،كېيىنكى ئەۋلادلار پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن بۇ نۇرانە مەشئەلنى ئالدىنقىلارنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزىۋالغان چاغدا،ئۇلارنىڭ ھەممىسى بارلىقىنى بېغىشلاپ، قالتىس تۆھپىلەرنى ياراتقان ئەشۇ كىشىنى سېغىنىپ ئەسكە ئالىدۇ.ئۇ كىشى دەل خەلق ئاممىسى چىن يۈرىكىدىن ياخشى كۆرگەن ئەزىمەت---تۆمۇر داۋامەتتۇر!

مۇھەممەتئىمىن ۋاھىت تەرجىمىسى

2009-يىلى 4-يانۋار


ئىلاۋە:

مەزكۇر ئەدەبىي خاتىرە دەسلەپتە «مىراس» ژۇرنىلىدا، ئاندىن «شىنجاڭ گېزىتى»دە تولۇقلاپ بېسىلغان. خاتىرىدىن پىشقەدەم رەھبىرىمىز تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن سوقىۋاتقان يالقۇنلۇق يۈرىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن زور تۆھپىلىرىنى خەلق ئۇنتۇمايدۇ. پىشقەدەم رەھبىرىمىز تۆمۈر داۋامەتنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.





www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1578
تۆھپە : 0
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 11:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئەل سۆيەر ئەربابلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي،ھايات ۋاقتىدا تۇغۇلغان كۈلىرىنى خاتىرلەپ ئەزىزلىسەك بۇلاتتى،ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن مىشىلداپ ياش تۆكۈپ يۈرگىچە..................

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 657
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2328
تۆھپە : 233
توردا: 1390
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 15:54:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆمۈر داۋامەت ئاكا بىر قىسىم ياش ئەدىبلەر بىلەن بىللە

DSC02035.JPG


DSC02031.JPG


www.xjzjxh.com ئەدەبىيات ئۈچۈن بولسا بىزگە قېتىلىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2069
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 986
تۆھپە : 0
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-29

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 16:06:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ   ماددى-مەدەنيەت  ئىشلىرى ئۈچۈن  ئۆچمەس  تۆھپىلەرنى  قوشقان ئوت  يۈرەك  شەخىسلىرمىزنى  ئۇنتۇپ  قالمايلى  .

ئېتىم بەختىيار مىنىڭ  ،  يۇرىكىم ئاتەش  لاۋا   ،
قاغجىردى  بۇ  تىنىق  ،  ئابىھاياتقا  مەن  تەشنا   .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش