كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 15

«ئىز» ناملىق رومانىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 21:52:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   «ئىز» ناملىق رومانىدىكى خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى تەركىبلىرىنىڭ رولى توغرىسىدا

                                                      مۇھەممەتجان قۇربان غەرىبى

   ئاساسى مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ئابدۇرېيىم ئۆتكۇرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ۋە «ئىز»ناملىق روماندىكى خەلىق ئېىغىز ئەدەبىياتى تەركىپلىرىدىن ماقال-تەمسىللەر،ئىدىئوملار،ئەقىلىيە سۆزلەر،ئادەت سۆزلىرى قاتارلىقلارنىڭ روماندا ئوينىغان بەدىئى رولى ۋە ئۆزىگە سىڭدۇرگەن مەزمۇنى،پىرسوناژلارنىڭ ئىدىيە-ھېسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى ئەپچىللىكى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە يۇرگۇزۇلىدۇ.

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئابدۇرېيىم ئۆتكۇر،«ئىز»نامىلىق رومان،خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى،ماقال-تەمسىللەر،ئىدىئوملار،ئەقىلىيە سۆزلەر،ئادەت سۆزلىرى قاتارلىقلار.


      ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدىبىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئاتاقلىق شائېر،يازغۇچى،ئالىم ۋە ئەدىبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەت پائالىيىتى 1940-يىلى باشلىنىپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان . ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان (20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن1949-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى) ۋە بۈگۈنكى زامان (1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1كۇندىن ھازىرغىچە)تارىخىدا ئاساسەن پىروزا،ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتى، شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ  كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى نادىر ئەسەرلەرنى يىغىش،توپلاش،نەشىرىگە تەييارلاش،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۇش قاتارلىق ئىجادى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى. يېڭى دەۋىردە ئۆتكۈر ئەپەندى ۋەتەنپەرۋەرلىك،خەلىقچىللىق تېمىسى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن شىېئىر ۋە داستانلارنى يېزىش بىلەن بىرگە رومان ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ «ئىز»،«ئويغانغان زېمىن»رومانلىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ يېڭى بىر پەللىسىنى ياراتتى . بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدىكى مۇھىم بىر يۈكسىلىش بولدى .
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ھاياتىدا شىېئىرـ داستان،نەسىر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئاز بولمىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۇرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىق سەھىپىسىدىكى ئورنى ۋە تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۇتۇشكە ئەرزىيدۇ.
گەرچە ئۆتكۈر ئەپەندى رومانلىرىنىڭ تەتقىقات قىممىتى مول ھەم ناھايىتى كەڭ بولسىمۇ بىز مەزكۇر ماقالىدە «ئىز»رومانىدىكى بەدئىي مۇۋاپىقىيەتلەردىن ئەسەر تىلىدىكى تۇراقلىق تەركىبلەر ۋە ئۇنىڭ ئەسەردىكى تارىخى ئارقا كۆرۇنۇش ۋە پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى يارىتىشتىكى ئەھمىيىتى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز .
ئۆتكۈر ئەپەندى «ئىز»رومانىدا زۇلمەتلىك،مۇدھىش،فىئوداللىق جەمىيەتنىڭ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلار ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىللىكىنى پاش قىلىش،خەلىقنىڭ ئاشۇ دەۋىردىكى ئېچىنىشلىق،ئازاپلىق تۇرمۇشىنى كۆرسىتىپ بىېرىش،خەلىقنىڭ زۇلۇمغا قارشى چىقىپ،نىجاتلىق ئىزدەپ ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىنى تارىخى يۇسۇندا بايان قىلىش،شۇنداقلا 1910-يىلىدىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۆمۇر خەلىپىنىڭ كۆرەشلىرىنى،تەقدىرىنى بەدئىي تىل،ئوبرازلىق تەپەككۇردىن پايدىلىنىپ،تىپىك شارائىتتىكى،تىپىك پىرسۇناژلار ئوبىرازى ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن. رومانغا تارىخى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىنغان قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەرلىك تۇرمۇش، مەدەنىيەت،ئۆرۇپ-ئادەتلىرى ۋە يەرلىك شىۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۇستىلىق بىلەن روماندىكى  پىرسۇناژلارغا سىڭدۈرۇپ،ئەسەر تىلىنىڭ جانلىق،قىزىقارلىق،شۇنداقلا پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى يۇرۇتۇشقا ماسلاشقان بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز»رومانىدا قولغا كەلتۇرگەن مۇھىم نەتىجىللىرىنىڭ بىرى .
تۆۋەندە ئەسەردىكى تۇراقلىق تەركىبلەر ۋە ئۇنىڭ ئەسەر مەزمۇنىدىكى رولى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئوتمەكچىمەن.
روماندا خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتى تەركىبلىرى (تۇراقلىق تەركىبلەر) بىرقەدەر كۆپ بۇلۇپ،ئەسەرتىلىنى خەلىق تىلىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان. روماندا قوللىنىلغان تۇراقلىق تەركىبلەرنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئۆتۈش مومكىن.
1.ماقال-تەمسىللەرنىڭ قوللىنىلىشى
ماقال-تەمسىل خەلىقنىڭ ئۇزاق زامانلىق تۇرمۇش ۋە كۆرەش تەجىربىللىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئەقىل پاراسەت نەسىھەت،ئۈلگە خاراكتىرىدىكى تۇراقلىق جۈملىلەردىن ئىبارەت .
ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى مەزمۇنغا باي،ئۇ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى.ئۇ يۇقىرقىلاردىن باشقا خىلمۇ-خىل تۇر،تارماقلارنى شەكىللەندۇرۇپ تىل تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا يېڭى مەزمۇن بىلەن ئۆز تەركىۋىنى تۇلۇقلاپ كەلدى. نەتىجىدە ئۇ ھەرخىل پەن ۋە تەتقىقات تېمىللىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىپ كىلىۋاتقان بىر بايلىققا ئايلاندى. ئۆتكۈر ئەپەندى روماندىكى پىرسۇناژلار ئوبىرازىنى ۋە خاراكتىرىنى يارىتىشتا ماقال-تەمسىللەردىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ماقالىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدىن قارىغاندا بۇ ماقال- تەمسىللەرنىڭ تۇۋەندىكىدەك ئۈچ تۇرگە يىغىنچاقلاش مومكىن . بىرىنچى، زاماننىڭ قاراڭغۇ،مۇدھىش تەرەپلىرىنى ۋە زوراۋانلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان، ۋەھشى زۇلۇملىرىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان ماقال- تەمسىللەر. ئىككىنچى،خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىق،باتۇرلۇق،مەردلىك بىلەن ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ زۇراۋانلارغا قارشى كۇرەش قىلىش روھىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ماقال- تەمسىللەر.ئۇچىنىچى، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى ۋە روھى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان ماقال-تەمسىللەر.
1) زاماننىڭ قاراڭغۇ،مۇدھىش تەرەپلىرىنى ۋە زوراۋانلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان ، ۋەھشى زۇلۇملىرىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان ماقال-تەمسىللەر.
‹1› ئەلچى نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئورنىدىن تۇرىۋاتقاندا رەۋىخان موماي مۇنداق دېدى:
-يۇچۇنلا بىر زامانلار بۇلۇپ كەتتىغۇ ! «زامانە زورنىڭ،تاماششا كورنىڭ»، «يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە،بېشى تاشقا تىگەر»دىگەندەك بۇ ئايلا قىزىمنىڭ كۆڭلى ئەمدى بىزە ئارام تاپقاندا نىمدىگەن دۇشقارچىلىق بۇ !
«ئىز»رومانى     21-بەت
‹2›-دوستلۇقنى بىريەتكۇزدۇڭ،ئۇكام،-دېدى سەپەرقۇل مىننەتدارلىق بىلەن.
-«شاھ شاھنىڭ،گاداي گاداينىڭ قاياشى»ئۇيىنىڭ مۇڭگۇزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىرايدۇ ئەمەسمۇ ! خوش ئامان بۇلۇڭلار – دېدى رۇزىمەت چورۇق.
  «ئىز»رومانى      52-بەت
(3 )-ياماننىڭ جىنازىسىدىن،ياخشىنىڭ ھېكايىسى ئوبدان. بۇ ئەمەتئاخۇن دادىسىنى دورىمىدى.
                                                          « ئىز» رومانى        63-بەت

‹4›-ھەي بالام،سەنمۇ تولا ياشلىق قىلما،مۇبادا خامۇش ماڭقا ھەممە سىرنى دادىسىغا ئېيتىپ دادىسى بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىۋالسا قانداق قىلغۇلۇق !؟
-ئۇلارمىنىڭ ھالال جۈپتىمنى ئوغىرلىغاندىكىن بىزمۇ ئەرز قىلمايمىزمۇ؟
-كىمگە ئەرزقىلىسەن؟ شامەخسۇتقىمۇ؟« گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن »دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمۇ سەن؟
                                      « ئىز» رومانى        70-بەت
يۇقارقى پارچىلاردىكى ماقال- تەمسىللەر ئەينى دەۋىر رىئاللىقىدىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ كەڭ خەلىق ئاممىسى ئۇستىدىن يۇرگۇزگەن دەھشەتلىك ئىكىسپالاتاتسىيە،زورلۇق ۋە چىكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى شۇنداقلا زۇلۇم ، ئىكىسپالاتاتسىيگە ئۇچىراۋاتقان،ئىزىلگەن كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ ئاھۇ زارلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىپادىلەپ بىرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
2) خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىق،باتۇرلۇق،مەردلىك بىلەن ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ زۇراۋانلارغا قارشى كۇرەش قىلىش روھىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ماقال- تەمسىللەر.
‹1›-بۇ گىپىڭغۇ توغرا،-دېدى تۆمۇرخەلىپە كۈلۈپ،-كونىلار «تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولار»دەپتىكەن.بىزمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ دىگەندەك بىر ئامال تاپمايمىز مۇ ؟
-نىمە ئامال ؟-دېدى ئامانقۇل ئالدىراپ .
                                    «ئىز»رومانى      43-بەت
‹2›تۆمۇرخەلىپە مېيىقىدا كۇلۇپ:«رەھمەت تەخسىر،خۇدايىتائالا ئوزلەگە بەرگەن كۆزنى بىزدىن مۇ ئايىماپتىكەن »دەپ لىپاپىنى ئېچىشقا باشلىدى . ھەسەن بالا ھاجى ئۇۋەيىس ئەئلەمنىڭ بۇ قىلىقسىز لىقىدىن رەنجىپ،«ئۆزۇڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا دەپتىكەن ،ئەمدى خوپ بولدى »دەپ ئويلاپ تەتۇر قارىۋالدى .
                                       «ئىز»رومانى       149-بەت
‹3›تەرەپ-تەرەپتىن ئاڭلانغان ئاۋازلار غولنىڭ ئىچىنى زىلزىلىگە كەلتۇردى.
-ئىتتىن قورققان گاداي بولماپتۇ،
-جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتمەك يوق !
-باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورققان مىڭ ئۆلىدۇ .
-يىگىت سوزىدىن ،ئارسىلان ئىزىدىن قايتماس !
-يا ئۆلۇم، يا كۆرۇم ، -دىېدى تۆمۇرخەلىپە،-بىزنىڭ ئىشىمىز ھەق، ھەق- ئادالەت ئۇچۇن ئۆلسەكمۇ ئارمان يوق،زۇلۇم،ھاقارەت،تەڭسىزلىككە سەۋىرقىلىپ، باش ئېگىپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى گۇناھ . بىزنىڭ خەلقىمىز ئەزەلدىن زۇلۇم، ھاقارەتكە تەن بەرمەيدىغان باتۇرخەلىق ئىنشائاللا بىز چۇقۇم نۇسىرەت قازىنىمىز،قېنى ئەمسە قىلىچىڭلارنى ئوبدان بىلەپ جەڭگە تەييارلىنىڭلار !..
                                    «ئىز»رومانى       155-بەت
يۇقارقى ماقال-تەمسىللەر بولسا شامەخسۇت ۋەكىللىگىدىكى ھۇكۇمىران كۇچلەرنىڭ چېكىدىن ئاشقان زورلۇقلىرىنى يەتكۇچە تارتىپ ئۇلارغا قارىشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن تۆمۇرخەلىپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ كەڭ خەلىق ئاممىسى بىلەن بىرلىشىپ ئەكسىيەتچى ھۆكۇمرانلارغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى بىرلىشىپ،ئىتىپاقلىشىپ،ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقاسېلىپ ئۇلارنىڭ ئۇستىدىن غەلبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن .
3) پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرىنى ۋە روھى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان ماقال-تەمسىللەر.
‹1›-ھەي مومىسى،-دېدى سەپەرقۇل خۇش چاقچاقلىق بىلەن-سېنىڭزە دىمەيدىغان گېپىڭ چالمايدىغان دېپىڭ يوق.ئايقىز دېگىنىڭغۇ تازا بوپتۇ.ئەمما بۇ قىزىمنىڭ ئۆزىگە پىسەنىت كېلۇرمىكىن؟ قانداق،قىزىم،بۇ ئات سىزگە ياقامدۇ؟
                                     «ئىز»رومانى        11-بەت
‹2›-شۇنداق،-دېدى سەپەرقۇل،-بۇئالەم ئۇزۇن ئالەم،ئاينىڭ ئونبەشى قاراڭغۇ بولسا ئونبەشى يۇرۇق.ھەرگىزمۇ غەم يىمەڭ،قىزىم.بىرىنچى خۇدا،ئاندىن قالسا،بىز بار،يۇرت بار،ئۆزىمىز گاداي بولغان بىلەن كۆڭلىمىز باي. زامان تار بولغان بىلەن قوينىمىز كەڭ. مەن سىزگە ئاتىڭىزئورنىدا ئاتا،بۇ موماي ئانىڭىز ئورنىدا سىزگە ئانا تاپىنىڭىزغا كىرگەن تىكەن بىزنىڭ كۆزىمىزگە كىرسۇن.
                                  «ئىز»رومانى         17-بەت
‹3›-ئۇرۇق ئوينىڭ پوقى چوڭ. دەپ،بۇ گادايلارنىڭ گېپى بەكلا يوغانغۇ! سەپەرقۇل دىگەن قېرى تېجىمەل نىمە بولدۇم دەيدىكىن؟-دېدى نىياز دورغا غاجىلاپ بولالمىغان سوڭەكنى زەرد بىلەن داستىخانغا تاشلاپ.
                                  «ئىز»رومانى          44-بەت
‹4› ئۇلار سەيپۇڭ توختى توغرىسىدا بىرئاز پاراڭلاشقاندىن كىيىن، تۆمۇرخەلىپە مەيۇس بىر ئاھاڭدا مۇنداق دېدى ؛
-قوغۇننىڭ ئىچىدىن ئادىغىنى يامان،مەن ئۆز ئىچىمىزدىن بۇنداق ئادەملەرنىڭ چىقىپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۇرمەپتىكەنمەن، يېغا ياندىن بالا قېرىنداشتىن دىگەن راست گەپ ئىكەن. ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق مۇنداق قىلىشساق، باشلىغان ئىشىمىزنى قانداق باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ؟ توختاخۇننىڭ «سېغىزخان»نى ئوپۇل-توپۇل ئېتىپ تاشلىغانلىقىغا قارىغاندا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا خېلى گەپلەر بۇلۇپ ئوتكەن ئوخشايدۇ.
                                 «ئىز»رومانى        284-بەت
‹5›-ئۆزۇڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا دەپتىكەن،-دېدى تۆمۇرخەلىپە. ھەرئىشنىڭ پەيتى بار، باتۇرلۇقنىڭمۇ ۋاقتى، ھاپىز يىڭجاڭ بىلەن نىياز يىڭجاڭنىڭ چىېرىكلىرى بىزخەقمىش، مايىڭجاڭنىڭ چېرىكلىرى ئېرىق تۇڭگان دەيدۇ. مۇبادا ئۇرۇش بولۇپ قالسا، مۇسۇلمان مۇسۇلماننى قىرىدىغان ئىش بولغۇدەك، ئۇلارنىڭ بىز تەرەپكە ئۆتىشى ناتايىن.
                                   «ئىز»رومانى         332-بەت
يۇقارقى پارچىلار بولسا روماندىكى باش پىرسۇناژ تۆمۇرخەلىپە،يانداش پىرسۇناژلاردىن سەپەرقۇل بوۋاي ۋە نىياز دورغا قاتارلىقلارنىڭ سۆھبىتى بولۇپ بۇ پارچىلار سەپەرقۇل بوۋاينىڭ ئاقكۆڭۇل كۈيۈمچان، نىياز دورغىنىڭ بولسا كىچىككىنە ھوقۇقىغا تايىنىپ پۇقرالارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، تەكەپپۇر، چاكىنا، مەنمەنچى، ئاچكۆز خاراكتىرىنى، تۆمۇرخەلپىنىڭ بولسا خەلىقنىڭ ئازاتلىقى ئۇچۇن ئېلىپ بارغان بۇ قوزغىلاڭ جەريانىدىكى دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار يەنى بۇ قىيىنچىلىقنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىدىن كەلگەنلىكىگە بولغان ئېچىنىش ھىسىياتى، ئۇنىڭدىن باشقا ھاپىز يىڭجاڭ، نىياز يىڭجاڭ ۋە ما يىڭجاڭنىڭ چىرىكلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزسىز دۇشمەن ھېسابلانسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ئىككىلىنىش  دۇشمىنىگە سەل قاراش ھىسىياتىدا بۇلۇشتەك خاراكتىرىدىكى ئاجىزلىقلارنى كۆرسۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
2.ھىكمەتلىك سۆزلەرنىڭ قوللىنىلىشى
مۇئەييەن شەخىس تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان، ئۆزىدە چوڭقۇر ھىكمەت، پەلسەپىۋى پىكىر ئەكىس ئىتىپ تۇرىدىغان،كىشىلەر تەرىپىدىن كۆچۈرمە گەپ قىلىپ بىرقېلىپتا ئىشىلتىلىدىغان تۇراقلىق جۈملە ۋە ئابزاسلا ھىكمەتلىك سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
ھىكمەتلىك سۆزلەرنىڭ ماقال-تەمسىللەردىن پەرىقلىنىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىكى مۇئەييەن شەخىس تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. تۈزلۇش جەھەتتىن نەسىرى شەكىلدە بولۇشىمۇ، نەزمي شەكىلدە بولىشىمۇ، بىر ياكى بىر قانچە جۇملىلىك بولىشىمۇ مومكىن. ئۆتكۈر ئەپەندى روماندا ھەربىر بابنىڭ بېشىدا ۋە بەزى بۆلەكلىرىدە مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر، پەلسەپىۋىلىككە باي، ئىپادىلىنىشى سەنئەتلىك، كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئېفىگىرافلارنى ئىشلىتىپ ئەسەرگە يېڭىچە بىرخىل تۇس بېغىشلىغان. مەشھۇر كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن، خەلىق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئېلىنغان بۇ ئېفىگىرافلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەسەرنىڭ مەزمۇن ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۇرۇشتە مۇھىم رول ئوينىغان.    مەسىلەن :
‹1›                 مەڭىزلىرى گۈل-گۈل،كىرپىكلىرى خار،
                      قاپاقلىرى كەڭ-كەڭ، ئاغىزلىرى تار.
                                           - ئەلشىرنەۋائىي
                                   «ئىز»رومانى         1-بەت
‹2›                  قېرىساممۇ ئۆكۈزدەك بويۇنتۇرۇق بوينۇمدا،
                      بالاچاقام مەپتۇنى ھەم قۇلىمەن ئۆيۈمدە.
                      ئۆيۇم-مۈلكۇم،بار-يوقۇم بارماق بىلەن سانارلىق،
                      لىكىن،جاپاساناقسىز،ئاتەشنىدە يانارلىق.
                      جاپالاردىن نىتەيكىم،ماڭا نىجات يوق ئەسلا!
                                          -كىسانى
                                     «ئىز»رومانى      23-بەت
‹3› ئەي ھۆكۇمدار! مەزلۇملارنىڭ كۆز يېشىدىن قورق، ئۇلارنىڭ دۇئاسى نوھنىڭ توپان بالاسىنى كەلتۇرىشى مومكىن.
                                       -ئابدۇراخمان جامى
                                    «ئىز»رومانى         73-بەت
‹4› دۇشمەن چوڭ ھيلىلەردىن ئاجىز قالغان چاغدىلا، دوسلۇق زەنجىرىنى قىمىرلىتىدۇ.ئاندىن دوستلۇق سۈرىتى بىلەن شۇنداق ئىشلارنى قىلىدۇكى ھىچقانداق دۇشمەن ئۇنى قىلىشقا قادىر بولماس.
                                      -شەيىخ سەئىدى
                                    «ئىز»رومانى         329-بەت
‹5› كىشىلەر.............تەقدىردىن نالەقىلىشىدۇ، تەقدىردە نىمە گۇناھ؟ ھەركىم ئۆزىگە- ئۆزى تەقدىر.
                                    - ماكسىم گوركى
                                      «ئىز»رومانى        359-بەت
ئاپتۇر «ئىز»رومانىدا مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى جەريانىدا يەكۇنلەپ چىققان ھىكمەتلىك سۆزلىرىنى ھەربىر بابنىڭ بېشىدا ئوتتۇرغا قويۇپ شۇ بابتا قانداق مەزمۇن ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر تەرەققىياتىغا بولغان قىززىقىشىنى ئاشۇرغان.
3.ئىدىئوملارنىڭ ئىشلىتىلىشى
ئىدىئوم ئۆز تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىللىرىنىڭ يىغىندىسى بىلەن ئەمەس بەلكى شۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىللىرىن ئاساسىدا سېلىشتۇرۇش، تەقلىد قىلىش،ئوخشىتىش ۋە مۇبالىغەلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق يارىتىلغان، مۇئەييەن ئوبراز بىلەن يېڭى بىر لىكسىكىلىق مەنا ئىپادىلەيدىغان ئەدىبىي ئەسەرلەردە كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرخىل تۇراقلىق تەركىب. ئۆتكۈر ئەپەندى  «ئىز»رومانىدا ئىدىئوملارنىڭ بۇخىل خۇسۇسىيىتىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلانغان.            مەسىلەن ؛
‹1› ئايقىز ئۆزىنى بىر ياندا ھېلىقى ئوكۇرداي، بىر ياندا نىياز دورغىدەك ئاچكۆز بۆرىلەر ئارىسىدا قالغان قوزىچاقتەك ھىس قىلاتتى، نىمىدىگەن تار، نىمىدىگەن قورقۇنچلۇق جاھان ھە ! ئۇ يەرمۇ ئوخشاش، بۇ يەرمۇ ئوخشاش. نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك. ئەگەر قىز بۇلۇپ تۆرەلمىگەن بولسا، مۇنداق دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار بولماسمىدىكىن! مۇنداق چاغلاردا يەرنىڭ ئۇستىدىن ئاستى ياخشىراق.
                                       «ئىز»رومانى       21-بەت
‹2› بىراق،تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن بىر ۋەقە سەپەرقۇللارنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇپ نىياز دورغىنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ بۇرىندىن بۇلاق قىلدى.
                                           «ئىز»رومانى           59-بەت
  
‹3› نىياز دورغا نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى تالايتى.
                                                  «ئىز»رومانى           62-بەت
‹4› ئىلى قوزغىلاڭچىللىرى خان لەشكەرلىرنى شىخۇدىنمۇ قوغلاپ چىقىرىپ ماناس تەرەپكە سىلجىشقا باشلىغاندا، ئۈرۈمچى جاڭجۇڭىنىڭ ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ، پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ قالدى-دە شامەخسۇتقا «پۇتۇن ئۈمىد سىزدە قالدى.بۇ ئۇرۇشتا ئۇتۇپ چىقىشىمغا تۇلۇق ياردەم بەرسىڭىز،سىزنى مۇئاۋىن قىلىپ پۇتۇن شىنجاڭنى ئىككىمىز تەڭ سورايمىز»دىگەن مەزمۇندا جىددى تىلگىرامما ئەۋەتكەنىدى.
                                      «ئىز»رومانى           123-بەت
  
‹5› شۇنداق قىلىپ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئەتىراپ يېزىلار ۋە «بەش شار»دەپ ئاتىلىدىغان رايۇندىن بۇلۇپ، مىڭ تەسلىكتە بىريۇز يىگىرمىچە ئەسكەر توپلاندى. شامەخسۇت قالغان ساننى توشقۇزالماي ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۇدەك بۇلۇپ كىچىللىرىمۇ ئۇخلىيالمايدىغان ھالەتكە چۇشۇپ قالغانىدى.
                                      «ئىز»رومانى        123-بەت
‹6› ئۇ چاغدا،«(قۇمۇل بىلەن بەش شەھەر) ئۆزۈڭگە قالسۇن، ئون ئىككى تاغنى بىزسورايلى دىسە، شامەخسۇتقىمۇ قېرى كالىغا پىچاق سۇركىگەندەك خوش ياقاتتى-دە،سەيپۇڭ توختى ئون ئىككى تاغقا باش بولۇپ قالاتتى»قارابوسوق باتۇر بولغان بىلەن قورسىقىدا ئىلىپنىڭ سۇنىقىمۇ يوق بىر قارىتۆرۇك قايان باشلىسا شۇيان ماڭىدۇ،ئېلى پالگان ئۆزىنى توختاتقان، تەجىربلىك ئادەم بولغان بىلەن قويدەك ياۋاش كىشى ئۇ ھىچقاچان گەپ تالىشىپ تۇرمايدۇ.
                                   «ئىز»رومانى           288-بەت
‹7› ئاخىر،تومۇرخەلىپە سەيپۇڭ توختى بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىپمۇ كۆردى.ئەمما ئۇ مىڭ يەردىن قەسەم ئىچىپ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ھىچقايسى گەپنى بوينىغا ئالمىدى، بەش يۇز يىلقا،ئىككى يۇز تۇگە مەسىلىسىگە كەلگەندە،«تىرىككىمۇ پۇل كىرەك،ئۆلۈككىمۇ پۇل،ئۇنداق بولمىسا، نىمىشقا جاندىن كىچىپ، بۇ يېغىلىقنى قىلىۋاتىمىز. مەن ئۇنچىلىكنى ئالغان بولسام قالغىنى تۇرۇپتىغۇ! ئىككى چېلەك ئالغانغا دەريانىڭ سۇيى تۇگەپ كىتەمتى»دەپ بېزىرىپ تۇرىۋالدى.
                                        «ئىز»رومانى       319-بەت
يۇقارقى پارچىلاردا قوللىنىلغان ئىدىئوملاردا ئوي پىكىر تۇز ۋە بىۋاستە ئېيتىلماستىن بەلكى ئىدىئوملار ئارقىلىق جانلىق، قىزىقارلىق ئىپادىلەنگەن ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ئۆتكۈر ئەپەندى روماندا مۇشۇخىل ئىدىئوملارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەسەردە ئارتۇقچە تەپسىلاتلاردىن خالى، مېغىزلىق تىل ئىشلىتىپ، ئەسەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىنى ئاشۇرغان.
تۇراقلىق تەركىبلەر پىكىرنى ئىخچام، مەزمۇنلۇق، جانلىق ۋە دەل ئىپادىلەپ بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ ئۆتكۈر ئەپەندى تۇراقلىق تەركىبلەرنىڭ مۇشۇخىل خۇسۇسىيەتلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان ھەم شۇ ئارقىلىق ئەسەرنى مۇناسىپ بەدئىي ۋە ئىجتىمائىي ئۇنۇمگە ئىرىشتۇرگەن.
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» رومانىدا قوللىنىلغان تۇراقلىق تەركىبلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش، تۇراقلىق تەركىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىشلىتىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ،شۇ ئارقىلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىنى خەلىق ئاممىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىىمائىي ئۇنۇمىنى ئوستۇرۇشتە رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
4(ئادەت سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى
  ئادەت سۆزلىرى تۇزلۇشى ۋە مەنىسى تۇراقلىق بولغان،كۇچلۈك ئامىمۋىيلققا ۋە ئادەت خاراكتىرىگە ئىگە سالام-ساھەت،ھۆرمەت-تەكەللۇپ سۆزلىرى ئادەت سۆزلىرى دىيلىدۇ. ئادەت سۆزلىرىدە ئاغزاكى تىل پۇرىقى كۇچلۈك،ئادەت خاراكتىرى كۇچلۈك،شۇڭا ئۇ خەلىق تىلىنىڭ ھەممە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ ھەرخىل مەنىلەرنى ئىپادىلگەن.مەسىلەن.
(1) -بۇ يەر يۇتقۇرلار،سېنى خاپا قىلىپ قۇيۇرمىكىن دەپ دەگىدەۋاتىمەن،-دېدى سەپەرقۇل.
(2) -ۋاي دۆيۇزلەر،مېنى رەسۋا قىلىدىغان بولۇشتۇڭ.ھېلىغۇ بىر ئەمەت كۇرۇككەن،ئون ئەمەت كۇرۇك ئۆلسىمۇ ماڭا نىمە؟ئەمما زە،ئۇ قازاق قىزىنى تاپالمىسام شاھزادە غۇجامغا نىمە دەيمەن؟                          
                                                     «ئىز»رومانى       66-بەت
(3)بەختكە يارىشا،شۇ كۇنى كەچقۇرۇن تۆمۇر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى.
                                                 «ئىز»رومانى       71-بەت
(4) -ئۇلۇغ خۇدايىمزە،پۇجۇڭ ئاغچىمىزدىن ھېچنىمىنى ئايىماپتىكەن.ھۆسىن-چىرايدىمۇ،ئەقىل-دانىشتىمۇ،ئۆزلەدىن يۇقىرى تۇردىغان كىشىنى كۆرمىدىم.
                                                              «ئىز»رومانى       174-بەت

يۇقارىقى پارچىلاردا قوللىنىلغان ئادەت سۆزلىرىدە پىرسوناژلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى،ئەنسىرەش پىسىخىكىسى،خۇشاللىق،ماختاش ھېسىياتى ئارقىلىق ئاپتۇر خەلىق ئاممىسىنىڭ بىر-بىرىگە كۆڭۇل بۆلۇش،زوراۋانلارنىڭ ئىسان قېلپىدىن چىققان زالىملىقى ئىپادە قىلىنغان.  
  
پايدىلانغان ماتىرىياللار:
\1)ئازات سۇلتان،كىرىمجان ئابدۇرېھىم :«ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى» [M]. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھيەنەشىرياتى،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشىرىياتى 2002-يىل9-ئاي1-نەشىرى.
2) كىرىمجان ئابدۇرېھىم: «ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي مىراسلىرى ھەققىدە» [M]. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1997-يىللىق10-ئاي1-بېسىلىشى.
3)ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «ئىز»رومانى [M].شىنجاڭ خەلىق نەشىرىياتى 1985- يىلى 1.نەشىرى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.ق.غەرىبى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-30 11:52  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1187
تۆھپە : 0
توردا: 747
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 23:35:53 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېرىبىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىز رومانى ھەققىدىكى  تەتقىقاتغا مۇبارەك بولسۇن!

karakash بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 23:53:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 114
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 11:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشلىرىغا قايىل بولدۇم. بىزدە مانا مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى ئىزدىنىشلەر بولىشى كېرەك.  بىزدە ئەسەر تەتقىق قىلىشنىڭ يېڭى يوللىرى تېخى كەڭ ئېچىلمايۋاتىدۇ. ئەسەرلەردىكى  يەر- جاي ناملىرى، يەرلىك تىل ئالاھىدىلىكى، پىرسۇناژلارنىڭ ئىسمىلىرىدىكى يەرلىك ئالاھىدىلىك، ۋە تارىخىي ئىسملار، ئەسەردىكى جۈملە قورۇلمىلىرى، سۆز ئالاھىدىلىكلىرى... دېگەندەك تەرەپلەرگىمۇ نەزەر ئاغدۇرۇپ باقساق بولىدۇ. بۇمۇ ئەسەر تەھلىل قىلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:17:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەمكام ئابدۇمىجىتنىڭ  ئېيتقىنى توغرا...بۇنىڭغا  شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق1-سانىدا بېرىلگەن ئەكرەم  ئابدۇ مىجىت ۋە مۇھەممەتجان ئەيسا ئاپتۇرلىقىدىكى  ‹‹ئانا يۇرت›› رومانىدىكى ئىلىغا دائىر  بىر قىسىم يەر -جاي ، ئورۇن ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتمۇلۇگىيەسى ھەققىدە   دىگەن ماقالىسى ياخشى ئىسپات بۇلالايدۇ....بۇ ماقالىدە روماندا ئۇچرايدىغان 140 يەر نامىغا خېلى ئوبدان ئىزاھ بېرىپ ئىلىنى بىلمەيدىغان ئۇقۇرمەنلەرنى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشقا كۈچەلگەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 12:19  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 51
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 15:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىز رومانىدىكى بىر قىسىم ماقال - تەمسىللەر توغرىسىدا

(ئەسەرنىڭ تۈگۈنىدىن - كۇلمىناتسىيىسىگىچە بولغان ئارلىقىدىكى ماقال تەمسىللەر توغرىسىدا مۇلاھىزە)



مۇھىم سۆزلەر :تۈگۈن، كۇلمىناتسىيە، تۇراقلىق ئىبارە، تارىخىي رومان، ئىز رومانى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۇر، قايىل قىلىش كۈچى.

مۇھىم سۆزلەر:
تۇگۇن- ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىنىڭ باشلانغان قىسمى. كۇلمىناتسىيە - ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.
تۇراقلىق ئىبارىلەر - شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەرىياندا ياراتقان ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەسھۇللىرىدىن بىرسى بولۇش سۇپتىدە، تۇرمۇشلاردا سۆزلىگۇچىنىڭ سۆزىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرسا، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلىنىڭ پاساھەتلىك، چۇشىنىشلىك، ھەممىدىن مۇھىمى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئىز - تارىخىي رومان بولۇش سۇپتىدە چىن مەنىسىدىن ئېيىتقاندا، ھەم ھەقىقىي تارىخ، ھەم بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ جانلىق بېرىكمىسى. ئاپتور ئەسەردە تارىخىي چىنلىققا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تارىختىن ھالقىپ چىقىپ شۇ دەۋىردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەم شۇ دەۋىردىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن، ئەلۋەتتە ئەسەردە ئىپادىلەنگەن كىشىلەرنىڭ مىجەز خۇلقى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپ بېرىشتە تۇراقلىق ئىبارىلەر ئالاھىدە رول ئوينىغان.

1.ئەسەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئەسەر ۋەقەلىكى ئايقىزنىڭ ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە شۇ جەرىياندا ئامانقۇلغا ئۇچىراپ تاغلىقلارنىڭ قېشىغا كېلىشى بىلەن باشلىنىدۇ، ئارقىدىن ئايقىزنىڭ تەغدىرى بىلەن باغلىنىشلىق بىر قىسىم ۋەقەلەر باشلىنىدۇ، نىياز دورغىنىڭ قىزنى ئوغلى خامۇشقا ئېلىپ بېرىشتىن باشلاپ، شامەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەرگە سايە قىلىپ مەنپەتكە ئېرشمەكچى بولغانلىقى بىلەن بۇ ئارلىقتا تۆمۇر خەلىپىنىڭ بۇ جايدا پەيدا بولىشى، ئارقىدىن قىزنىڭ ياتلىق بولىشى توغرىسىدىكى جېدەل بىلەن ئەسەردىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلار بىر بىرگە ئۇلىشىپ، ئەزگۇچىلەر بىلەن ئېزىلگۇچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت بىلەن ئەسەر ۋەقەلىكى راۋاجلىنىدۇ، بۇ جەرىيانلاردا ‹‹ تورپاق يېغىلىقى›› قىستۇرۇپ بايان شەكلىدە بېرىلىدۇ، تۆمۇر خەلىپىنىڭ بۇ جەرىياندا ئېرىشكەن تەجىرىبە ۋە ساۋاقلىرى يەكۇللىنىپ، ۋەقەلىك ئەسەرنىڭ سەلبىي باش قەھرىمانلىرىدىن شامەخسۇت ۋاڭنىڭ كېلىپ چىقىشى بېرلىپ، ئۇنىڭ ياۋۇزلۇققا تولغان ھايات جەرىيانى بايان قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئەسەر باش قەھرىمانى بولغان تۆمۇر خەلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ‹‹ تورپاق يېغىلىقى›› دىن ئالغان تەجىرىبە ساۋاقلىرى بىلەن بىرگە قوزغىلاڭغا باش بولىشىدىن بۇرۇنقى بىر قىسىم كەچمىشلىرى بېرىلىدۇ، ئاندىن ئەسەردىكى قوزغىلاڭنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولغان ‹‹ شىنخەي ئىنقىلاۋى››نى ھىمايە قىلغۇچىلەر بىلەن مىللىتارىستلارنىڭ ئۇرۇشى باشلىنىپ قۇمۇلدىن ئەسكەر ئېلىپ ئۇرۇشقا ئەۋەتىشكىچە راۋاجلىنىدۇ، ئارقىدىن تۆمۇر خەلىپىنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇشقا بېرىشنى باھانە قىلىپ قورالغا ئېرىشىش ۋە شامەخسۇت بىلەن بولغان قوزغىلاڭ باشلىنىپ ئەسەر ۋەقەلىكى راۋاجلىنىپ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، بۇ جەرىياندا بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى تۆمۇر خەلىپىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە قوزغىلاڭ رەسمىي باشلىنىدۇ، ئارقىدىن ئەسەرنىڭ تۇگەنچە قىسىمى بولغان لى شىفۇنىڭ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى توختى سەيپۇڭنىڭ بىرقىسىم قىلمىشىلىرى بېرىلىپ، لى شىفۇنىڭ تۆمۇر خەلىپىنى كۆندۇرۇپ ئۇرۇمچىگە ئاپىرىشى بىلەن ئەسەر رەسمىي خاتىمە قىسمىغا قەدەم قويىدۇ، ئارقىدىن تۆمۇر خەلىپىنىڭ ياڭ زىڭشىن تەرپىدىن تۇتۇلۇپ، سايىت تۇڭچى تەرپىدىن سېتىلىپ تۇرمىدە ئۆلىشى بىلەن ئەسەر رەسمىي ئاخىرلىشىدۇ.بىز مۇنازىرە قىلماقچى بولغان ماقال تەمسىللەر دەل ئەسەرنىڭ باشلانغان يېرىدىن قوزغىلاڭ بولغان جايغىچە بولۇپ، بۇ جەرىياندا ئەسەردىكى ئاساسلىق پېرسوناژلار بىر بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ بولىدۇ، ئەسەرنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرىنىشمۇ بېرىلىپ بولىدۇ، ئەسەردىكى ماقال تەمسىللەرنىڭ ئاساسلىق رولى بولغان پېرسوناژلارنىڭ خاراكتىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىش ۋە ئەسەرنىڭ دەۋىر ئارقا كۆرىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىشتەك رولىنى ئىسپاتلاشقا يىتەرلىك.
2.ئەسەردىكى ماقال تەمسىللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەردە ئوينىغان رولى.

ئەسەر ۋەقەلىكى 1911- يىلدىن باشلىنىدۇ، بۇ دەۋىر شىنجاڭ دائىرىسىدە مىللىتارىستىلار ھۆكۇمرانلىق قىلىۋاتقان، خۇددى ئاچ بۆرە پاقلانغا ئۈچىرىغاندەك، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان تەرىنى شوراپ ئۆزىنىڭ تويماس نەپسىنى تويغۇزىۋاتقان، ئاچ - زارىلىق ھەممە يەرنى قاپلىغان ئۇنىڭ ئۇستىگە مۇتەسسىپ  ۋە غالچا قازى - موللاملار ‹‹ ئۇلارنىڭ ئەمرىنى تۇتماق ۋاجىپ ›› دەپ پەتىۋا بېرىپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ بۇلاپ تالىشغا يان تاياق بولۇپ، قاچىسىنى تەڭ يەۋاتقان بولسا، بىر تەرەپتىن خەلىقنىڭ كۇن ئالمىقى بارغانسىر تەسلىشىپ بارغان، قۇمۇلدا بولسا ‹‹ۋارىسلىق تۇسىدىكى ۋاڭلىق تۈزۈم داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ۋاڭلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى بولسا چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۇرىشىدە تۆھپە قوشقان بولغاچقا ئىلگىرى - ئاخىرى بولۇپ جۇنۋاڭ ۋە چىنۋاڭ دەپ نام ئالغان، چىنۋاڭ ئۆز دائىرىسىدىكى كىشىلەرنى ۋە يەرلەرنى تۇلۇق باشقۇرۇش ھۇقىقىغا ئىگە بولاتتى. ئاھالە ھۆكۇمەتكە ھاشارۋە باج تاپشۇرمايتتى، بۇ تۇزۇم ئۆلكە قۇرۇلغان ۋە مىنگو قۇرۇلغاندىمۇ ئۆزگەرمىگەن›› (1) شۇنداق بولغاچقا يەرلىك كىشىلەر قاتتىق ئېزىلگەن، ۋاڭلار ھەر يىلى كىشىلەرنى مەلۇم ۋاقىت ئۆزىگە ئىشلەپ بېرىشكە مەجبۇر قىلاتتى ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يېرىگە مىۋىلىك باغ قىلىشىغا، سېرىق كىيىملەرنى كىيىشىگە رۇخسەت قىلمايتتى، باج سېلىقلارنى كۆپەيتتىپ تۇراتتى، بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى نامراتلىشىپ، ئىجدىمائىي زىدىيەت قۇيۇقلاشقان، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلىدا پارتىلىغان مىللىتارىستلارغا قارشى ئىنقىلاپ پارتىلىغان، ۋاڭ خەلقتىن ئەسكەر ئېلىپ، مۇستەبىتلىكنى قوغداشقا ياردەم قىلماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن تۆمۇر خەلىپە باشلىقىدا ئەسكەرلىككە ئەۋەتىلگەنلەر قۇمۇل تاغلىرىدا قوزغىلاڭنى باشلىغان، ئەسەر دەل مۇشۇنداق ئىجتىمائىي رىئاللىقنى ئارقا كۆرۇنۇش قىلغان بولغاچقا، ئەسەردىكى نۇرغۇن تۇراقلىق ئىبارىلەر شۇنىڭغا باغلىنىپ كەتكەن.
مىسال سۇپىتىدە ئەسەرگە مۇراجەت قىلساق، ئەسەرنىڭ 12.بېتىدە ‹‹ ئاچ نىمىنى يېمەيدۇ، ئەل نىمىنى دېمەيدۇ ›› دېگەن ئىبارە بېرىلىدۇ، بۇ ئىبارە بېرلگەن يەر دەل ئايسۇلۇنىڭ بىلەن ئامانقۇلنىڭ ئېيىققا ئۇچىراپ، ئېيىقنى ئۆۋلىغان ئامانقۇلنىڭ قىزنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ۋاقتىدا بېرىلىدۇ، ئېنىقكى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن خەلقنىڭ تۇيۇقسزلا بىر قىزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىغا بولغان ھەيرانلىق، قىزىقىش، يۇقىرى تەبىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يامان نىيەتلىرى قاتارلىقلارنى مۇشۇ بىر ماقال تەمسىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، نامراتلىق دەستىدىن ئوغلىنى ئۆيلەشكە بېشى قېتىۋاتقان، ئەمما شۇنچە تىرىشپمۇ ھال ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىگەن رەۋىىخان موماينىڭ ئاغزىدىن ‹‹ قاراڭغۇ ئۆيگە چىراق ياققاندەك ›› دېگەن باياننى بېرىدۇ، دەل مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئەسەردە ئېنىق ئېيتىلمىغان لېكىن تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئارانلا ئۆتكۇزىۋاتقان، يېشىغا يەتكەن ئوغۇللۇق بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى بىلىش تەس ئەمەس .
داۋاملىق ئەسەرگە كۆز يۇگىرىتىدىغان بولساق 14- بەتتە ‹‹ يەر قاتتىق، ئاسمان ئېگىز ›› دېگەن تۇراقلىق ئىبارەبولۇپ، بۇ ئايقىز بىلەن مالچى ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە بولۇپ، جۇماتاينىڭ باينىڭ قىزىنى ئېلىشقا قادىر بولاممايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى، شۇنداقلا قارىغان كىشى بىلىۋالايدۇكى شۇ دەۋىر رىئاللىقىدىلا بىر مالچىنىڭ باينىڭ قىزىغا ئۆيلىنىشنىڭ شۇ قەدەر تەسلىكىنى بىلۋالايدۇ، ئاپتۇر مۇشۇ بىر ئىبارە بىلەن تەبىقىلەر ئوتتۇرسىدىكى ئېنىق چىگىرانىڭ شۇ دەۋىردە مۇھەببەتكە، ئىنسانىيلىققا قىلغان قىلغان توسقۇنلىقىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، 17. بەتتىكى ‹‹ بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا ئون بەشى ئايدىڭ ... زامان تار بولغان بىلەن قوينىمىز كەڭ ... ››دېگەن سەپەر قۇل تىلىدىن بېرىلگەن دىئالوگلار ئارقىلىق ھەممە يەردە ‹‹زاماننىڭ قاراڭغۇلىقى›› نى، خەلق تۇرمۇشىنى بۇزىۋاتقان ناپاكلارنىڭ بارلىقىنى، زۇلۇم ۋە سىتەملەر بارلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىش بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ قوينىنىڭ كەڭلىكىنى، يەنىلا ئاقكۆڭۇل كىشىلەرنىڭ تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇرمەنگە بىلدۇرىدۇ.
ئەسەرنىڭ 21- بېتىدە ‹‹ يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بېشى تاشقا تىگىپتۇ ›› ‹‹ زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ ›› دېگەن بايانلارنى بېرىش بىلەن، خەلىقنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاتا -ئانىسى تۇرۇپمۇ يىتىمدەك ياشاۋاتقان، ھۇقۇقى بار، كۇچى بارلارنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىقىغا، ھۇقۇقىغا تايىنىپ خەلقنى ئىزىۋاتقان، خەلقنىڭ شۇ دەرتكە تولغان، باي خوجاملارنىڭ ئەيىش ئىشرەتلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ نەپسىنى تويغۇزىۋاتقان رىئاللىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، ئەلۋەتتە ئەسەرنىڭ مۇشۇ بابىدىلا يەنە ‹‹ ئاچ بۆرىلەر ›› ‹‹ نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ›› دېگەندەك ئىدىئوم ۋە ماقال تەمسىللەر بېرىلىپ، ئايسۇلۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇلپەتلەرنىڭ پەقەت ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئايرىم پاجىئەسى بولماستىن، بەلكى شۇ ۋاقىتتىكى بارلىق تۆۋەن قاتلامدا ياشاۋاتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بېشىدىكى كۇلپەت ئىكەنلىكىنى، ‹‹ قانداق قىلىش كېرەك ›› دىگەن مەسىلىنىڭ ھەممىگە ئورتاقلىق ئىكەنلىكىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن.
ئەسەرنىڭ ئىككىنچى بابى بولغان ‹‹ بوز ئاتلىق كىشى ›› دەل تۆمۇر خەلىپىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى ئىدىئوملار ئارقىلىق ئاۋۋال ئاپتور ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىققا، يوقسىزچىلىققا، تەڭسىزچىلىككە تولغانلىقىنى يازغان بولسا، بۇ بابنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئەسەر خەلقنىڭ قوزغىلىپ ‹‹ قانداق قىلىش كېرەك ›، كە جاۋاب تېپىشىغا باغلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئىككىنچى بۆلەپ باشلىنىپ ‹‹ تاڭ ئاتمايدىغان كېچە يوق ›› دېگەن رەۋىخان ئاچىنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن دىئالوگ ئارقىلىق ئۇقۇرمەنگە مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، قازاق بولسۇن ھەممىسىنىڭ تەڭ يىغلاپ كەلگەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ تەغدىرىنىڭ ئوخشاشلىقىنى شۇڭا بۇنى ئۆزگەرتىدىغان كۇنلەرنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بۇرۇتۇپ ئۆتىدۇ. ئارقىدىن تۆمۇر خەلىپىنىڭ تەرجىمھالى سۇپتىدە بىرىنچى بۆلىكى باشلىنىدۇ. تۇگىمەيدىغان ئالۋان سېلىق، بىرگە بىرى قۇشۇلۇپ كېلىپ، كۈن ئۆتكۇزۇش تەسلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا تۆمۇر خەلىپىنىڭ ئاتىسىنىڭ ئوغلىنى داۋاملىق ئۇقۇتۇشقا قادىر بولالمىغانلىقىنى يېزىپلا :‹‹ ھۇنەر، ھۇنەردىن بەرىكەت ئۇنەر ›› دېگەن ماقال بېرىلىدۇ، بىلىۋېلىش تەس ئەمەسكى ئۇيغۇرلار مەيلى قايسى دەۋىردە بولسۇن ئەۋلاتلارنىڭ كىيىنلىكىنى چۇقۇم ئويلاپ كەلگەن، ئۇقۇتۇشقا قادىر بولالمىغان دادا دەل مۇشۇ ماقالدا دېيىلگەندەك بالىسىنى ھۇنەر ئىگەللىشىگە بېرىدۇ. مەيلى قىيىنچىلىق كۇنلەر بولسۇن يەنىلا ھۇنەرنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى بىلەن باغلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ.ئەپسۇس، بۇ ھۇنەر ئۇنىڭغا بەرىكەت ئەمەس ئاپەت ئېلىپ كەلگەن ئىدى.  چۇنكى بۇدەۋىر قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ 9. ئەۋلادى شامەخسۇت دەۋرىگە قەدەم قويغان، ‹‹تارىخان جاساق ›› تۈزىمى ئىنتايىن قاتتىق يۇرگۇزۇلگەن بولۇپ، تۆمۇر خەلىپە ئالۋانغا تۇتۇلغان، شۇ دەۋىردە ھەتتا ۋاڭنىڭ قولى ئۆلۇم جازاسىنى بېرەلەيدىغان بولغان. خەلق ئۆزىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگىمۇ ئىگە بولالمىغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاپتور ‹‹ بۇغۇزلايمەن دېسەڭ قويمۇ تىپىرلايمەن ››(2) دېگەن ماقالنى بېرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ‹‹بۇغۇزلىنىش›، بىلەن، قويدەك ئاجىز ھالىنى ۋە خەلقنىڭ شۇ قىيىن كۇنلەردە تىپىرلاۋاتقان ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا تاشلايدۇ. ئارقىدىن ‹‹ پىچاق گۆشتىن ئۆتۇپ سۆڭەككە يەتتى ››‹‹ ئاق ئىت - كۆك ئىت ھەممىسى بىر ئىت›› دېيىش ئارقىلىق ھەممە ھۆكۇمران سىنىپتىكى ھۇقۇقدارلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى، ئوخشاشلا زۇلۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئوخشاش ئادەم چىشلەيدىغان قانخورلىقىنى ئېچىپ بەرگەن بولسا، ‹‹ تەلىيىمىزنى سىناپ›› ‹‹ ئىمانى بولمىغان بىلەن، ئىنسابى باردۇر ›› دېگەندەك ماقاللار ئارقىلىق خەلقنىڭ قەلبىدىكى يەنىلا تەلەي سىناش، ساددىلىق قاتارلىق نادانلىقلار ئېچىپ بەرگەن. داۋامىدا ‹‹ ئۆلگەننىڭ ئۇستىگە تەپكەن ›› دېگەن ماقال بېرىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئەسلىدىنلا قىيىن كۇنلەرنىڭ ئۆتىۋاتقانلىقىنى، ‹‹تەلەي سىناپ›› شۇلارغا تۇتقان ئەرىز شىكايەتلىرىنىڭ ھەل قىلنماقتا يوق، ‹‹ ئۇستىگە تېپىلگەن›› لىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.‹. باغلاقتىكى ئىت ئوۋغا يارىماپتۇ ›› دېگەن ماقال بىلەن ۋاڭ ئوردىسىدىكى يىللاپ باققان چېرىكلەرنىڭ خەلق ئاممىسى ئالدىدا ھېچنىمىگە يارىمايدىغانلىقىنى يازغان بولسا، ھىلىگەرلىكتە ئۈچىغا چىققان ھۆكۇمدارلارنىڭ ئاغزىدىن ‹‹ قۇشنى دان ئالدايدۇ ›› دېگەن ماقالنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ خەلققە ھېسىداشلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى بابلاشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ.ئەلۋەتتە ھۆكۇمدارلارنىڭ زالىملىقى، ۋەھشىيلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ماقال تەمسىللەردىن يەنە ‹‹ ئىت سەمىرسە ئىگىسىنى چىشلەيدۇ، قۇل سەمىرسە ئىگىسىگە يانىدۇ ›› دېگەنلەرنىمۇ بېرىدۇ. ئارقىدىن بېرىلگەن ‹‹ تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر ›› دېگەن ئاتىلار سۆزى ئارقىلىق، شۇنداقلارغا تاقابىل تۇرۇشتا يەنىلا ‹‹ ئۇنداق قازانغا، مۇنداق چۆمۇچ ›› قىلىشقا تارەدۇتلەنگەن خەلقنىڭ پائالىيىتىگە باغلايدۇ.
يۇقىرىدا كۆرۇپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۇقىرىقى ئىككى بابتا تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ رولى بىرجەھەتتىن شۇ دەۋىر رىئاللىقىدىكى ئەمگەكچى خەلىقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قاتتىقچىلىقتا، مۇھتاجلىقتا، قىسلچىلىقتا ئۆتىۋاتقانلىقىنى، ھۆكۇمدارلارنىڭ خەلقنى ئىزىۋاتقانلىقى، ئۇستىدىن قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسىدىكى بىرقىسىم ئاقكۆڭۇللۇك ئارلاشقان، ساددىلىق، نادانلىقنى، ھككۇمرانلارنىڭ ھىيلە مىكىرگە تولغان رەزىللىكلىرىنى ئېچىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ قەدەممۇ قەدەم راۋاجلىنىشى، خەلقنىڭ شۇ ھىيلە - مىكىر جەرىيانىدىكى تىرىشچانلىقلىرى، ئاخىرىدىكى ‹‹ تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەغدىرىڭ شۇنداق بولۇر›› دېگەندەك قەدەممۇ قەدەم ئويغۇنۇشلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
ئارقىدىن ئەسەر ‹‹ كۈچ سىنىشىشتىن كىيىن ›› دېگەن بابقا ئۆتىدۇ، باب باشلىنىپلا، نىياز دورغا :‹‹ ئۇرۇق كالىنىڭ پوقى چوڭ›› دېگەن سۆزنى قىلىدۇ، ئەلۋەتتە، بۇ سەپەرقۇللارغا قىلىنغان تەنە ئىدى، داۋامىدا ‹‹ پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپتۇ ›› ‹‹ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش ›› ‹‹ يالىڭاچ سۇدىن قورقماپتۇ ›› ‹‹ زىخمۇ كۆيمەيدۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدۇ ››  دېگەندەك تۇراقلىق ئىبارىلەر بېرىلىدۇ. قارايدىغان بولساق، بۇ بايانلاردا بىر تەرەپتىن بەگلەرنىڭ، قازى - قۇلانلارنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، خەلقنى كۆزگە ئىلمايدىغان دەۋىر رېىئاللىقى بىلەن ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدىكى پايدا مەنىپەتنى كۆزلەيدىغان، نەپسىنىلا ئويلايدىغان مىجەزى ئېچىپ بېرىلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ ‹‹ ھېچنىمىدىن قورىقمايدىغان ›› باتۇرلىقىمۇ ئىپادىلەنگەن. ‹‹ شاھ شاھنىڭ، گاداي گاداينىڭ قاياشى›› ‹‹ ئۇينىڭ مۇڭگىزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىرايدۇ ›› دېگەندەك ماقاللار بىلەن خەلقنىڭ يەنىلا بىر بىرىگە ھەمدەم يادەمچى ئىكەنلىكىنى تۆمۇر خەلىپىنىڭ ئايسۇلۇ بىلەن ئامانقۇلنىڭ تويى ئۇستىدە بولىنغان بايانلار ئارقىلىق دەۋىر رىئاللىقىغا باغلايدۇ، ئارقىدىنلا ‹‹ گەپ گەپكە كەلگەندە، ئاتاڭدىن قالما ›› ‹‹ يولدىن چىقما ، خاندىن قورىقما ›› دېگەن بايانلار بېرلىپ، تۆمۇر خەلىپىنىڭ خاراكتىرىدىكى ئىسىيانكارلىق بىلەن بىرگە، خەلقنىڭ باتۇرلىقىمۇ تەڭ بايان قىلىنىدۇ. ئەمدىلەتىن بېرىلگەن تۇراقلىق ئىبارىلەر باشتىكى بابلاردا بېرلگەن ‹‹ شىكايەت››لەر، نارازىلىقلاردىن كۆپىرەك، قورىقماسلىققا، باتۇرلققا مەدھىيە ئۇقۇلىدىغان ماقاللارغا تۇيۇلىدۇ، مىسال تەرىقىسىدە داۋامىدىكى ‹‹ ئېشىڭ ھالال بولسا، تۆت كوچىدا ئولتۇرۇپ ئىچ، گېپىڭ ھەق بولسا، خاندىن قورىقماي ئېيىت ›› دېگەنلەرنى مىسال كەلتۇرۇش مۇمكىن.
داۋامىدا ‹‹ كۈچ سىنشىشتىن كىيىن›،كى ‹‹ كۇتۇلمىگەن ۋەقە ›› دېگەن باب بېرىلگەن، دېمەك يۇقىرىدا خەلقنىڭ قورىقماسلىقى، باتۇرلىقى، دۇشمەننىڭ ۋەھشىيلىكى، زالىملىقى، قانخورلىقى بىرقاتار تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ ياردىمىدە يۇرۇتۇپ بېرىلگەن بولسا ‹‹ سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار، دۇشمەن ئۇخلىماس ›› دېگەن ماقال بىلەنلا باشلانغان بۇ باب ھەقىقەتەن دۇشمەننىڭ ‹. ئۇخلىماس ›› لىقىغا باغلانغان ئىدى، ئايسۇلۇنىڭ بۇلاشتىن تارتىپ ئەمەت كۇرۇكنىڭ ئۆلىمى،ئارقىدىن كەلگەن ساناقچى بەگلەرنىڭ ھىيلىلىرىگىچە ھەممىسىنى مۇشۇ بىر ماقال بىلەن ئۇمۇملاشتۇرغان  دېسەك خاتا بولمايدۇ،ئەلۋەتتە يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ‹‹ ياماننىڭ جىنازىسىدىن، ياخشىنىڭ ھېكايسى ئوبدان ›› ‹‹ ئەمدىن ئايرىلغاننىڭ ئەلگىكى تۆشۇك ›› ‹‹ چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە، مۇشۇكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ ›› ‹‹ ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە، توپا تىقۇر كۆزىگە ›› دېگەن ماقال تەمسىللەر بېرىلىدۇ، دىمەك ئەل بىلەن ئېتىشقاننىڭ ياخشى كۇن كۆرمەيدىغانلىقى، خەلققە دۇشمەن بولغاننىڭ ئۆزىگە ‹‹ ئىگەرسىز ئات ›› تەييارلىغانلىق بولىدىغانلىقىنى ئىخچام ئىپادىلەپ بەرگەن بولسا، داۋامىدا ‹‹ گۆش بىلەن ياغ بىر تۇققان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن ›› دىگەن ماقال بېرىلىپ خەلقنىڭ ھۇقۇقسىز ياشىغان شۇ دەۋىردە يەنىلا ياشاشنىڭ تەسلىكىنى، ئىنسانىي ھۇقۇقىنىڭ يوقىلىقىنى دەۋىر رىئاللىقىغا باغلىغان.
داۋامىدا ئەسەر ۋەقەلىكى راۋاجلىنىپ خەلق قوزغىلىڭىغا يېقىن قالغان ۋاقىتقا دۇچ كېلىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىلى گېلاۋغۇيچىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ ئۇرۇمچى جاڭجۇڭى بىلەن ئۇرۇش باشلىغان ئىدى.ئەلۋەتتە بۇ ئۇرۇشقا يەرلىك خەلقتىن ئەسكەر ئېلىش لازىم، ‹‹ ئاق ئىت، كۆك ئىت ھەممىسى بىر ئىت ›› دېگەندەك چۇقۇمكى شامەخسۇتقا ئوخشاش مۇستەبىتلىكنىڭ، رەزىللىكنىڭ ھىمايىچىلىرى چۇقۇم ئىلى تەرەپنى باستۇرۇشقا خەلقتىن ئەسكەر ئالىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. جۇڭخۇا مىنگونىڭ قۇرۇلىشى بىلەن سۇن جۇڭشەننىڭ ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭ بولىشى بىلەن ئىلىدىكى قوزغىلاڭ باشلانغان، ئارقىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۇپ ۋاقىتلىق ئىنقىلابىي ھۆكۇمەت قۇرۇلغان، ئىلىدىكى ھەر مىللەت يۇقىرى قاتلام تەبىقىلىرىمۇ زور ياردەملەرنى بەرگەن، مۇشۇنداق ۋاقىتتا شامەخسۇت چۇقۇم ئۈرۈمچى تەرەپتە تۇرىشى كېرەك ئىدى.شۇڭا شامەخسۇت ئەل ئىچىدىن ئالتۇن كۆمۇش ۋە ئەسكەر ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرماقچى بولىدۇ، ‹‹ تۆمۇرچىلىك يەل بىلەن، پادىشاھلىق ئەل بىلەن ›› دېگەن ماقال نوشىرىۋان تەيجىنىڭ ئاغزدىن بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە خەلقنىڭ ھال كۇنى ئەسلىدىنلا ئېغىر تۇرىۋاتقان ۋاقىتتا شامەخسۇتنىڭ دىگىنى بويىچە قىلسا بولمايتتى، ئەلۋەتتە، لېكىن بۇنى شامەخسۇتلار قۇبۇل قىلاممايتتى، ھەم نوشىرۋان تەيجى قاتارلىق ئەل - خەلق تەرەپتە تۇرىدىغانلارمۇ شامەخسۇت ئوردىسىدا تۇرالمايتتى، بۇنىڭ دەلىلى سۇپتىدە شۇ بابنىڭ ئاخىرىدا ؟؟ ئەۋلىيادىن پۇتۇڭنى تارىت، پادىشاھتىن تىلىڭنى ›› دېگەن ماقال بېرىلىپ، ھەق گەپنى قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بالا قالىدىغان رىئاللىق بىلەن باغلاپ بېرىدۇ.
‹‹ ئون بالاغا بىر داۋا ›› دېگەن باب باشلانغان يەردىن قارايدىغان بولساق ئەسەر ۋەقەلىكى تۆمۇر خەلىپىنىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش نامىدىكى پەنتى بىلەن باشلىنىدۇ، دەل مۇشۇ يەردە تەمسىللەردىن :‹‹ ئوتنى چۇخچىلاشقىمۇ كۆسەي كېتىدۇ ›، دېگەن تەمسىل بېرىلىدۇ، تورپاق يېغىلىقىدىكى ساۋاقلار تۆمۇر خەلىپىگە قۇرۇق قول ئىش قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ئىدى، دىمەك بۇ ماقال تۆمۇر خەلىپىنىڭ تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۇنلىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىدى. داۋمىدا باشلانغان ‹‹ ئۆز جازاسى ئۆزىگە ›› دېگەن بابتە شۇ ئىستىبىداتلارنىڭ قىلغان بارلىق گۇنالىرىغا جاۋاب بېرىدىغان كۇنلەرنىڭ كېلىپ قالغانلىقىنى ئىشارەت قىلىنىدۇ، دىگەندەك شۇ بابتا نىياز ھېكىمبەگنىڭ قىلغانلىرى ئۇستىدىن بېرىلگەن جازا، ئۆزى تاۋىقىنى يالاۋاتقان غوجىسىنىڭ زىندانى بولىدۇ.

3.بۇلاردىن يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن.

1. ئەسەرنىڭ تىلىنىڭ جانلىق، خەلق تىلىغا يېقىن بولۇش، جەزبىدار - يېقىملىق بولۇش - كۆزىمىز بىلەن كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز، مۇنبەرلەردە بولسۇن، گېزىت ژۇرناللاردا بولسۇن، يېزىلغان شېئىرلار، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ‹ ۋىناس › ‹ روھ ئېقىمى › ‹خىيال چۆلى ›› .... ئاتاۋۇللا كىملەرنىدۇر مىسال ئالغان، كىملەرگىدۇر ئوخشاتقان ۋەياكى قانداقتۇر مەشھۇر ئەدىبنىڭ قانداق چاغدا قايسى ئەسىرىدە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ بېرىلگەن ئىزاھلارنى بىر تالايدىن يىغىنچاقلاپ بېرەلەيمىز، روماندىكى ئوخشىتىشلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشىمىزدا دائىم دىيىلىدىغان، چۇڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە يەنىمۇ مۇھىم بولغان بىر تەرىپى ئەسەر خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى خەلقىمىزنىڭ تىلى بىلەن يىزىپ بەرگەنلىكىدە كۆرىلىدۇ، ئۇ خەلق تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشلاپ، ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ پىسخىكىسىغىچە بولغان بارلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ئىچىدە ئەڭ كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان، ئەڭ تاتلىق، يېقىن تۇيىلىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولۇپ قالغان، شۇڭىلاشقىلا تۆمۇر خەلىپە - تۆمۇر خەلىپىدەك، قۇمۇل دېھقانلىرى قۇمۇل دېھقانلىرىدەك يىزىلغان. ئەگەر ئاپتورمۇ ھازىرقى بىرقىسىم يازغۇچىلىرىمىزغا ئوخشاش تۆمۇر خەلىپىنىڭ باتۇرلىقىنى پۇگاچىۋ ( ياۋرۇپا دېھقانلىرىنىڭ رەھبىرى)قا ئوخشاتقان بولسا، ئايقىزنى ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك تىلىمىز بىلەن ئەمەس ۋىناس ( رىۋايەتلەردىكى گۇزەللىك ئىلاھى)غا ئوخشاتقان بولسا، شامەخسۇتنى چار پادىشاھلاردىن بىرسىگە ئوخشىتىپ يازغان بولسا ئەسەر يالغان نەرسىلەردەك، ئۇ ئادەملەر خۇددى بىز ئەمەستەك بىلىنەتتى چۇقۇم. شۇڭا ‹‹ ئىز ›› رومانىدا كىشى روھىنى چاقناتقىدەك بەدىئىي تەسۋىر يوق دېگەنلەرگە شۇنداق جاۋاب بېرىمىز :‹‹ ئىز›› رومانىدىكى تەسۋىرلەنگەن كىشى بىزنىڭ كىشىمىز، ئىز رومانىدىكى تۇرمۇش بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز، رومان تىل تەسۋىرى جەھەتتە ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان بەدئىي ئەسەر.
2.ئەسەرلەردە ئىشلىتىلگەن ماقال تەمسىللەر شۇ دەۋىر تۇرمۇشىنىڭ كىچىك كارتىنىسى، ئەسەردىكى پىرسوناژلارنىڭ بەدئىي قەھرىمانلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى شۇ دەۋر رىئاللىقىدا ھەقىي ياشىغان ئادەم ۋە شۇلارنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانلىقى بولۇپ، ئەسەردىكى بەدىئىي تەسۋىرلەردىن ئاتا بوۋلىرىمىزدىن قالغان تۇراقلىق ئىبارىلەر بولۇپمۇ ماقال تەمسىللەر، ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ ھەققىي قەھرىمانلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ياشىغان تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىلىنىشى. بولۇپمۇ ئەسەردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياشاۋاتقان پىرسوناژلاردىن بولغان قۇمۇل دېھقانلىرىنىڭ دىئالوگ ياكى مونولوگى ئارقىلىق بېرىلگەن تىل تەسۋىرى بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكى ۋاڭ بەگلەر، ئاخۇن- مەزىنلەرنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن ماقال تەمسىللەر روشەن سېلىشتۇرما ۋە زىدىيەتلىك بولۇپ، ئىككى سىنىپ، ئىككى مەنىپەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئەمگەكچى خەلقىمىزنىڭ ساددا ۋە قورىقماسلىقى بىلەن ھۆكۇمرانلارنىڭ قۇۋ، ھىيلىگەر ئەمما قورقۇنچاقلىقى، خەلقىمىزنىڭ ئەمگەكچانلىقى بىلەن ھۆكۇمرانلارنىڭ ھۇرۇن ۋە ئەيشى ئىشرەتكە بېرىلگەنلىكى، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقى بىلەن ھۆكۇمرانلارنىڭ ھارامغا تولغان مائىشەتلىك تۇرمۇشى روشەن سېلىشتۇرۇپ ئوخشاش ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۇنۇش ئاستىدىكى ئوخشاش سىنىپنىڭ خاراكتىرىدىكى ئوخشاشلىقلارنى ئېچىپ بېرىشكە ياردەم بەرگەن.


مەزكۇر يازمىنى قاشتېشى مۇنبىرىدىكى تۇنۇش ناملىق تورداش 2010-يىلى 10-ئايدا بىر قېتىملىق مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرغان ئىدى ، بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاندى.


مەن قايتىپ كەلدىم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 22:15:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرام يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 15:52
ئىز رومانىدىكى بىر قىسىم ماقال - تەمسىللەر توغرىسىدا

( ...

رەھمەت سىزگە بايرام.ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ رومانلىرى توغرىلىق يېزىلغان ماقالە ئەسەرلەر بولسا،كۆپرەك ئۇچۈر بىرەرسىز.

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ
otluk ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 919
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 00:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر دوستۇم ئىلمى ماقالىسىنى ئۆتكۈر ئەپەندى ئەسەرلىردىكى ماقال-تەمسىللەر دەپ يېزۋاتقان. مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ ئاداشنىڭ ماقالىسنىمۇ بۇ يەرگە يوللاپ قوياي.

كۆزۈمگە نۇر زىيا بەردىڭ
كۆرمەككە ئالەمنى يارەب.
دىلىمغا خۇي-ئىشىق بەردىڭ
سۆيمەككە ئادەمنى يارەب...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2377
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 69
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 01:29:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىبىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىزدىنشىگە تەشەككۇر.يەنىمۇ تىرشىڭ.ئۇتۇقلار سىزگە يار بولسۇن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2377
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 69
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 03:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىبى بۇ ماقالىڭىزنى بىرەر يەردە ئېلان قىلدىڭزمۇ؟خېلى ياخشى يېزىلىپتۇ.سىز ئوقۇتقۇچى ئوخشىمامسىز.خېلى ئەتىراپىلق ئىزدنپسىز.يەنىمۇ تىرشىڭ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2566
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 44
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 14:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا  يازغانلېرىڭزغا،روماننېنڭ دەۋر ئارقا كۈرنشى توغرسېدىمۇ كۆپرەك تەبېر بىرېلگەن بولسا............

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 21:41:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تارىخىي رومان توغىرىسىدىكى ئىزدىنىشىڭىز خېلى ئەتىراپلىق بولۇپتۇ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2701
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-18 21:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دائىم ئوقۇپ تۇردىغان رومان بۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 11:06:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ مەدىتىگە رەھمەت.

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2377
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 69
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 10:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئوقۇغانسىرى روماننىڭ بەدئىي قىممتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىۋاتىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش