كۆرۈش: 851|ئىنكاس: 0

مېھرىگۈل ئابلىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  253
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 420
تۆھپە : 4
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 16:07:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

a67448552e2d0b648a91cdbc0caf9a3a.jpg

مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر،  1972- يىلى 6- ئاينىڭ 25-كۈنى چىرا ناھىيە دامىكۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. ھازىر چىرا ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەيدۇ.

مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ ھازىرغىچە «ئازغان ئايال»، «قىزارغان ئۇپۇق»، «مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا» قاتارلىق 7 پوۋېستى، «يېرىم كېچىدە كەلگەن تېلېفون»،  «كۆنگەن خۇي»، «يۇقىتىش»، «قاشتېشى سوۋغا قىلىش»، «ياز چۈشى»، «ئاشناجان»، «ھەپتىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى» قاتارلىق 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»،  «قەشقەر»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان»، «ھاياتلىق»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «كىروران» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. 1997- يىلى «ئىككى ئىت» ناملىق ھېكايىسى «ئىشچىلار ھەركىتى» ژورنىلى تەرىپىدىن نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2006- يىلى 12-ئايدا «كۈنۈپ قاپتىمەن» ناملىق ماقالىسى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 2007- 2008- 2010- يىللىرى «ئەۋلىيا خۇراز»، «قەدىرسىز كېچىلەر»، «كونا بازار» قاتارلىق ئەسەرلىرى «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى تەرىپىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا، 2008- يىلى «بىز ناتۇنۇش كىشىلەر ئەمەس» ناملىق ماقالىسى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى تەرىپىدىن شۇ يىللىق مۇنەۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «كۆنۈپ قاپتىمەن» ناملىق ماقالىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «قەلبتىن قەلبكە يول» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 2010- يىلى تاللاپ نەشىر قىلدۇرغان ھېكايىلەر توپلىمىغا «تەشنالىق» ناملىق ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن ۋە توپلام نامى شۇ ئەسەر نامى بىلەن ئاتالغان.

مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خۇتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. چىرا ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىئيىتىنىڭ باش كاتىۋى.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش