كۆرۈش: 202|ئىنكاس: 5

مېھنەتتىن پۈتۈلگەن تۆھپە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1101
تۆھپە : 9
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 01:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمان تۆمۈر تەۋەككۈل
                                               مېھنەتتىن پۈتۈلگەن تۆھپە
                                                              (سۆھبەت خاتىرسى )
      
ئىنسان ئۆز ئەجىر – مېھنىتى بەدىلىگە ئۆزگۈلەر قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ ،تىلەك ،ئارزۇ –ئارمان ،نىشان ،مەقسەتلىرىگە يىتىدۇ ،پانىيلىقتا ئاۋام ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىش – ئىزلىرى بەدىلىگە كىشىلەر قەلبىدىن ۋە تارىخ بېتىدىن مەڭگۈلۈككە ئورۇن ئالىدۇ .
  شۇنداق ،  ھاياتنىڭ ھەقىقى مەناسىنى تۇنۇپ يەتكەن ھەر بىر ئىنسان ھاياتلىق يولىدا تۇرمۇشنىڭ ئىسىق – سوغاقلىرى ، بوران – چاپقۇن ،تۇمۇزلىرىدا تاۋلىنىپ پىشىپ يىتىلىدۇ .ھايات ئىزنالىرىدىكى ھەربىر ئىش – ھەركەتلىرىنى خۇلاسىلاش ئاساسىدا ئۆزىگە خاس ياشاش مەنتىقىسى ۋە تۇرمۇش پەلسەپەسىنى يارىتىدۇ ، ئارزۇ – ئىستەكلەر يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ ھايات كارتىنىسىنىڭ گۈزەل سەھپىلىرىنى يارىتىپ كېيىنكىلەر ئۈچۈن دۇردانە ۋە ئۈنچە مەرۋايىتلار تىزمىسىنى قالدۇرىدۇ .
        1980- يىلى كۇچا ناھىيە ئىشخىلا يېزا شورباغ كەنتىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت ئەنە شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ ،ئۇ ، رەڭگا – رەڭ تۇرمۇش قايناملىرىدا پىشىپ يىتىلگەن ،بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىلدىكى ئەسلىمە ، سەزگۈزەشتىلىرىنى ئىنچكە خۇلاسىلاپ ،ياشلىق باھارىنى ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاشقا بەل باغلىغان ،ئەنە شۇ ئىستەكلەر قاينىمىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى .
ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت 1995-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ،ئائىلە سايمانلىرى رېمۇتچىلىقى ۋە ماشىنا رېمۇنتچىلىقىنى ئۈگەنگەن ،2004-يىلى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا 100مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئاپتۇموبىل زاپچاسلىرى سېتىش دوكىنى ئاچقان بولۇپ ، بىر تەرەپتىن سودا قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى قىزىقىدىغان بىرقىسىم ئۈسكۈنلەرنى كەشىپ قىلىشقا كىرىشكەنىدى .بىرقانچە يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىسىدا ئۇ، مېھنىتىگە تۇشلۇق توھپىلەرگە نائىل بولدى : 2009-يىلى 150مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئۈسكىنىسىنى ياساپ چىقىپ ،‹‹ كۈزەتچى ›› ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇردى ۋە مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى ؛ 2010-يىلى ئاپتۇموبىللارغا سىلىقلاش مېيىنى ئاپتۇماتتىك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى كەشىپ قىلىپ ، دۆلەتنىڭ پاتىنىت ھوقوقىغا ئېرىشتى ؛ 2011 – يىلى  يەنە  200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ ،ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى شور ئارقىلىق كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى زامانىۋى پەن – تەخنىكا بىلەن بىرلەشتۈرگەن ‹‹شورباغ شور گىرىلكىسى ›› نى كەشىپ قىلىپ ، دۆلەتنىڭ پاتىنېت ھوقوقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى  ...ئۇنىڭ قىلغانلىرى يىراق – يېقىندىكىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى . ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئاخپارات ۋاستىلىرىدا ئىش – ئىزىلىرى تۇنۇشتۇرۇلدى ...
  ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاخپارات ۋاستىلىرىدىن كۆرگەندىن كېيىن، مەندە تۇللۇقسىز مەلۇماتىغا ئىگە بىر ياشنىڭ بىرقانچە تۈردە نەتىجە قازىنىشىدا زادى قانداق ئالاھىدە سەۋەب بار ؟!دېگەن سۇئال تۇغۇلۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش ئىستىكىم ئاشتى ... 2012-يىلى 6- ئاينىڭ 18-كۈنى كۇچا رادىئو ئىستانىسدا ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت بىلەن دېدار مۇلاقەتتە بولدۇم ...
يازمامنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرنى كىتابخانلار ھۇزۇرىغا سۆھبەت ئارگىنالى ۋە ئۈن ئاۋازىدىن رەتلىگىنىم بويىچە سۇئال جاۋاب تەرىقىسىدە سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم  .
سۇئال : سىزنىڭ كەشپىيات يولىغا كىرىشىڭىزدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان قانداق ئامىللار بار ؟
ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت : دادام ساۋادى بولمىسىمۇ ، بىلىم ئەھلىگە ھېرىسمەن ئادەم .ئۇ،بىلىم ئەھلىنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ .دادام مىنىڭ ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇشۇمنى دائىم تەكىتلەيدىغان ،ئەمما ، مەن دادامنىڭ كۈتكەن يېرىدىن  چىقىپ كېتەلمىدىم .باشلانغۇچ ۋە تۇللۇقسىزنىڭ 1-يىللىقىنى يۇرتۇمدىكى ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تاماملىغاندىن كېيىن ، تۇلۇقسىزنىڭ 2- يىللىقىدىن باشلاپ ناھىيىلىك 4- ئوتتۇرغا كىلىپ ئوقۇدۇم . بۇمۇ ئۆز ئارزۇيۇم بىلەن بولغانىدى .: ئۆگىنىش نەتىجەم گەۋدىلىك بولمىغاچقا ،دادامغا :‹‹مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپۈتىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ،شۇ سەۋەب  شەھەرگە كىرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇمنىڭ بارلىقىنى ›› ئېيتقانىدىم .دادام تىجارەتكە تايىنىپ ئائىلىنى قامدايدىغان ، يەنە كىلىپ مەكتەپ قارىسىنى كۆرمىگەن ئادەم بولىشىغا قارىماي ، مىنىڭ ياخشى ئوقۇشۇم ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەردى ، نېمىنى دىسەم شۇنى قىلىپ بەردى .ئاناممۇ ئوقۇشۇمغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۈلەتتى .ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ئوقۇش ماتىرياللىرىمنى رەتلەپ ، ئۈستىباشلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ ،ئېسىل تائاملارنى بېرىپ ، ياخشى ئوقۇش ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلاتتى ...ئەمما ،شەھەرگە كىرگەندى كېيىن ، مەندە چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى .جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم بالىلار بىلەن ئارىلاشتىم ، نەدە ئۇيۇن – تاماشا بولسا شۇ يەرگە چاپتىم . يوقۇرلاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىم بولمىغاچقا 1995- يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئوقۇشتىن چىكىندىم .دادام مىنىڭ بىكار يۈرۈشۈمنى خالىمايتتى .
ــ ئەمدى نېمە ئىش قىلماقچى بولىۋاتىسەن ،ــ دەپ سورىدى ئۇ ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتكەن بىر كۈنى سەھەردە .
يەنە ئۆز سەنىمىمگە دەسسەپ يۈرىۋەرسەم بولمايتتى .ھېلىمۇ ئۆيدىكىلەرگە تېپىپ بەرگەن خاپىلىقلىرىم ئاز ئەمەس .
ــ ھۈننەرگە كېرەيمىكىن ،ــ دېدىم مەن .
ــ قايسى ھۈنەرنى ئۆگىنىسەن ؟ ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى رېمۇتچىلىققا شاگىرتقا كىرەمسەن ؟ ــ دەپ سورىدى دادام .
دادامنىڭ بۇنداق سوراپ قېلىشىنىڭمۇ ئاساسى بار بۇلۇپ ، كىچىكىمدىن ئۇنى – بۇنى چۇۋۇپ ياساشقا ئامراق ئىدىم .باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقا چېغىمدا بىر دانە ئىشىك قوڭغۇرقى ياساپ دەرۋازىغا ئورنۇتۇپ قويىۋېدىم ، ئۆيدىكىلەر ئۇنى ئىشىلتىپ كۆرۈپ بەكلا خوش بوپ  كەتكەن ، مىنى ماختاشقانىدى .ئائىلە – ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرىگە بولغان قىزىقىشىم ھەسىلەپ ئاشتى .كونا ئۈسكۈنلەر بازىرىدىن ئۆزەم قىزىققان سايمانلارنى سېتىۋېلىپ  يىغدىم ...باشلانغۇچنىڭ 6- يىللىقىغا چىققان يىلى ، بىركۈنى تېلۋۇزۇر كۆرۈۋېتىپ ، بۇنىڭ ئىچىدە نېمە باردۇ ؟ دېگەن سۇئال كاللامدىن كەچتى .ئۆيدە ھېچكىم قالمىغان پۇرسەتتە تېلۋۇزۇرنى چۇگدۇم ، ئەمما ،قايتا قۇراشتۇرالمىدىم .ئىنىم كۆرۈپ قېلىپ دادامغا چاقتى .دادامدىن بىر شاپلاق يىگەن بولساممۇ ، ھېچنىمە بولىغاندەك تۇرغانىدىميۇ، ئۇزۇندىن بېرى يىغقان ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرىمنىڭ مەشتىكى ئوتقا سېلىنىپ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى مىنى قاتتىق ئازابلىغانىدى . يۈرۈكىمنى سۇغۇرۋالغاندەك بولۇپ قالغان ، كېچىچە يىغلاپ چىقاننىدىم ...بۇنىڭ بىلەن قىزىقىشىم سۇسلاپ قالغان ئەمەس . ئۇنىڭدىن كېيىن ، ھەممە نەرسەمنى ئۆيدىكىلەردىن مەخپى تۇتتۇم .ئۇلار يوق چاغلاردا داۋاملىق تۈردە ماشىنا ، چاقپىلەك دېگەندەكلەرنى ياسىدىم .ئۆزەم ياسىغان ماشىنىنى مەھەللە يۇلىدا ماڭدۇرغىنىمدا بىر توپ بالىلار ئارقامدىن يۈگۈرشەتتى ، ئۆيدۈكىلەرنى كۆرسەملا قاچاتتىم ...
دادام مۇشۇ تەرەپلەردىن مىنىڭ قىزىقىشىمنىى بايقىغان ، شۇ سەۋەب ماڭا ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنلىرى رېمۇنتچىلىقىغا شاگىرتقا كېرىشىمنى تەۋىسىيە قىلغانىدى .مەن ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنلىرى رېمۇتخانىسدا ئىككى يىل شاگىرتلىقتا تۇرغاندىن كېيىن ، ماشىنا توك يۇلى رېمۇنتچىلىققىغا شاگىرتلىققا كىردىم ، 2001-يىلى توي قىلدىم .2004-يىلى دادامنىڭ 100مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا سانتانا زاپچاسلىرى دوكىنى ئاچتىم .دۇكاننىڭ سودىسى ياخشى ، كېرىمى ئوبدان ئىدى .ئەل – ئاغىينىلىرىم كۈنسېرى كۆپەيدى .كۈن ئاتلىماي ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇلغان سورۇنلار ئىقتىسادىمنى سورۇپ تۈگۈتۈشكە قادىر ئىدى .تاپقان – تەرگىنىمنى ئەھمىيەتسىز ئولتۇرۇش ، يىغىلىشلارغا ،ھاراق ، تاماكىغا ، ئەيىش – ئشىرەتكە سەرپ ئىتەتتىم .دۇكان ۋەيران بولدى .ئارىدىن بىر يىلچە ئۈتۈپ ، يەنى ، 2007-يىلى دادام يەنە 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق  دەسمىي سېلىپ ئاپتۇموبىل بىزەكچىلىك دوكىنى ئېچىپ بەردى .ئەمما ، بۇ دۇكانمۇ ئىككى يىلغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە ۋەيران بولۇپ تاقالدى ...نېمە قىلىشىمنى بىلمەيتتىم .ئۆيدىكىلەرگە يەنە دەسمىي دەيدىغانغا يۈزۈممۇ قالمىغانىدى .شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرى، مۇھەممەت ئابباس ئىسىملىك ئاغىينەم ئىزدەپ كەلدى .  ئۇنىڭ بىلەن رېمۇنتچىلىققا شاگىرتقا كىرگەن كۈنلەردىلا تۇنىشاتتىم .
ــ بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ ياخشى ئەمەس ، مىنىڭكىدە ئىشلە ، ماشىنىنىڭ ئۈن ئالغۇسى ۋە توك يولىنى رېمنۇت قىلغىن ،ــ دېدى ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن .
رېمنۇتخانىغا ئىشقا چۈشتۈم . رېمنۇتقا كەلگەن ماشىنىلارنىڭ كەينىگە يانغان چاغدىكى بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرىشى دېققىتىمنى تارتتى .
‹‹خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدىكەن ، ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەتسەكچۇ ؟ ›› دېگەن خىيال ئەس – يادىمنى چولغىغانىدى .ئويۇمنى مەمەت ئابباسقا ئېيتىۋىدىم ،ئۇ دەرھال قۇشۇلدى .دادام يەنە 50 مىڭ يۈەن پاي قۇشۇپ بەردى .بىز ئاگاھلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، 170مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بىر تۈركۈم مالنى بازارغا سالدۇق . كىم بىلسۇن ،مەھسۇلاتنىڭ بازىرى كاسات چىقتى . بازار ئاچىمىز دەپ قەشقەر ، خوتەنلەرنى ئايلىنىپ كەلدىم . سىرتلاردا ئون كۈندەك تۇرۇپ كۇچاغا قايتىپ كەلگەن كۈنۈم بىرقانچە ئاغاينىلىرىم سورۇن ھازىرلاپتۇ . سورۇنغا موتۇسىكىلىت بىلەن كەلگەنىدىم .بولۇشىچە ئىچكەندىن كېيىن ، يەنە باشقا جايلارغا بارماقچى بولدۇق .موتوسىكىلىتنى ئەپكىرىۋەتمەك بولۇپ ئۆيگە ماڭدىم .موتونى ئوت ئالدۇرۇپ ماي يۇمۇرىنى قۇلاققىچە تولىغانلىقىمدىن باشقىسى ئېسىمدە يوق ، بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن .ھەممەيلەن كاللامدا ماڭا قاراپ ئولتۇرشۇپتۇ .
ــ ئاخىرى كۆزۈڭنى ئاچتىڭ ،ــ  دېدى دادام يىغلامسىراپ ...
دوختۇرخانىدا توپتوغرا بىر ئاي ياتقاندىن كېيىن ، بالنىستىن چىقىپ دادامنىڭ ھامىيلىقىدا قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە باردىم .
ــ مەست ھالەتتە موتو مىنىپ ، بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا زامىن بولدۇڭ ،ــ دەپ ئەھۋال بايان قىلدى بۇ ئەنزىگە مەسئۇل ساقچى ،ــ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ياراڭ ئېغىر بولغاچقا بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچمىدۇق ...
جېنىغا زامىن بولغۇنۇم ئەمدىلا  32 ياشقا كىرگەن ئايال ئىدى . ئۆزەمنى تۇتىۋالالمىدىم  . دادامنىڭ قولىنى مەھكەم سىققىنىمچە ھۆڭگۈرەپ يىغلىدىم . قىلمىشىمغا بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم ...ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن  ئانامدىن ، ھۇشسىز يېتىپ تۇرۇپ دادامغا :‹‹مەندىن رازى بول دادا ›› دېگەنلىكىمنى ، دادامنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ شۇنداق يىغلاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئازابلاندىم ...كېپىلىككە چىققاندىن كېيىن ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ئولتۇردۇم .ئىلگىرى زادىلا ئارامىمدا قويمايدىغان ئاغىينىلىرىمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقى ھەققىدىكى گادىرماش خىياللىم بىلەن كۈننى تۈنگە ، تۈننى كۈنگە ئۇلايتتىم .ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۈتۈپ سوت ئېچىلىپ ،ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاباباتلىرىغا  400 مىڭ يۈەن نەق پۇل تۆلەش  بۇيرۇلدى . 100مىڭ يۈەننى شۇ كۈنىلا تاپشۇرۇش زۆرۈر ئىدى . ئۆيدە ئۇنچە كۆپ ئىقتىساد نېمە قىلسۇن .دادام پۇلنىڭ جايىنى ئەتە قىلىپ بەرمەكچى بولىۋېدى ، مىنى قاماققا ئاپىرۋەتتى ...ئۇ چاغدىكى ئشىلارنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن ، ھېشقىلىپ بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم ،دادامنىڭ  500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىنى سورۇپ تۈگەتكەنلىكىمدىن قاتتىق ئۆكۈندۈم ،ــ ئابدۇكېرىمنىڭ كۆزلىرى ياشلانغانىدى . ئۇ بىرئازدىن كېيىن داۋام قىلدى ،ــ قاماقخانىدىن چىققاندىن كېيىن، دادامنىڭ تارماق دوكىنىدا ئايدا مىڭ يۈەندىن ئېلىپ ئىشلىدىم .بىر كۈنى چىشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى .دورا بېسىپ باقساممۇ ئۈنىمى بولمىغاندىن كېيىن، شور قىزىتىپ ياققانىدىم ئارام بەردى (ئىلگىرى چوڭلارنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ).كۆڭلۈمگە بىر ئوي كەچتى .جاڭگالدىن شور ئەپكەلدىم .ئىزىپ ،لاي قىلىپ توك يۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قۇراشتۇردۇم . رېمۇنتچىلىق ھۈننىرىم ئوبدان ئەس قاتتى .تەكرار ياساس نەتىجىسىدە توك ئارقىلىق قىزىيدىغان شور گىرىلكىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى مۇۋەپپەققىيەتلىك پۈتتۈردۈم ...
ئاپتۇموبىللارغا سىلىقلاش مېيىنى ئاپتۇماتتىك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى كەشىپ قىلىشتىكى سەۋەبنى سورىغىنىمدا  ، ئابدۇكېرىم كۈلۈپ كەتتى .قارىماققىلا چىچەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان  بۇ  يىگىتنىڭ گەپ – سۆزلىرى يېقىملىق ، ئىش – ھەركەتلىرى سېلىق بولۇپ تەمكىنلىك بىلەن سۆز ئالاتتى :
ــ بۇمۇ شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىنكى ئىشلار ،ـ دەپ داۋام قىلدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ،ــ مەن چوڭ بولسام ئۆيدە گاز ماشىنىسىدىن بىرسى بار بولۇپ ، دادام ئاشۇ گاز ماشىنا بىلەن سىلىقلاش مېيى تىجارىتى قىلىدىكەن ... مەن بەك ئەركە چوڭ بولغان .ئۆيدىكىلەر مىنى ئەتىۋارلاپ ،ھېچقانداق ئىشقا سالمايتتى . شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى بىر تەرەپ بولغاندىن كېيىن ، دادامغا ياردەملىشىپ سىلىقلاش مېيى سېتىش دوكىنىدا ئىشلىدىم .سىلىقلاش مېيىنى چوڭ تىپتىكى ماشىنلارغا قول بىلەن چۆرۈپ قاچىلاش مۈشكۈل ئىش ئىدى . دادامنىڭ نەچە يىللاردىن بېرى تارتقان جاپاسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ،ئىچ ئاغىرتتىم ۋە سىلىقلاش مېيىنى ئاپتۇماتتىك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى ياساشقا بەل باغلىدىم . قايتا – قايتا ئۆزگەرتىپ ياساش نەتىجىسىدە ئۈسكۈنىنى مۇۋەپپەققىيەتلىك ياساپ چىقىپ ، دۇكۇنىمىزدا ئىشىلتىشكە كىرىشتۈرۋىدىم دادام بەكلا خوش بولۇپ كەتتى .
سۇئال : قاتناش ۋەقەسىدىن كېيىن ئىدىيىڭىزدە بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز ، بۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز ؟
ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت : شۇ قېتىمقى ئىش مىنىڭ ھاياتىمغا بۇرۇلۇش ئەپ كەلدى . شۇ قېتىمدا مەن موتونى ئوت ئالدۇرۇپ قوزغىغاندىن 50 مىتىر يۈگىچە ، سۈرئەت 80 دىن ئېشىپتۇ  .قاتتىق سۇقۇلۇشتا ھاياتىم ئامان قالغان بولسىمۇ ، بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش بىلەن بىرگە ،ئۆزەم ۋە ئۆيدىكىلەرگە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان ئەپكەلدىم .ناۋادا مەن كەيىپ – ساپا يولدا ماڭمىغان بولسام ئۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمىگەن ، نەچچە يىلغىچە قەرزگە بۇغۇلۇپ ياشىمىغان ، ئاتا – ئانام ، ئايالىم ۋە بالىلىرمنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزمىغان بولاتتىم . شۇ ئشىتىن كېيىن ، ئەيش – ئىشرەتنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوقلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتتىم .ئەيش – ئىشرەت يولىدا تۇتقان ئەل – ئاغىينە ، دوست – بۇرادەرلەرمۇ ھەقىقىي ئەمەسكەن .بۇ نوقتىنىمۇ چۈشەندىم .ئەڭ ئاخىرىدا ئەس قاتىدىغىنى يەنىلا ،ئائىلە ،ئاتا – ئانا ۋە توغرا يولدا تۇنۇشقان ، بىلىشكەنلەر ئىكەن . شۇڭا ، قۇربىمنىڭ يىتىشىچە ئىش قىلىشقا بەل باغلىدىم .ئۆزەم يۇلۇققان ھەر بىر ئىشتا ئىزدىنىپ كۆردۈم . ئەن – ئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىمىز ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىمىزنى قانداق قىلغاندا زامانىۋىيلىق بىلەن بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ ؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ھارماي ئىزدەندىم ،بىلمىگەننى سورۇدۇم ، بىلگەنلىرىمنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ تەكرار سىناق قىلدىم .
سۇئال : مەھسۇلاتنى بازارغا سالغۇچە بولغان جەرياندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغان چاغلىرىڭىزبولدىمۇ ؟
ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت : تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتىكى قىيىنچىلىق ئېغىر كەلمىدى . ھار كەلگىنى تەييارغا ھەييار بولىدىغان ئالدامچىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكىنىم بولدى .‹‹شورباغ شور گىرىلكىسىنىڭ ›› پاتېنىت ھوقوقى تەستىقلانغاندىن كېيىن ، مەھسۇلاتنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ھالدا بازارغا سېلىشقا توغرا كەلدى . كېرەكلىك زاپچاسلارنى بۇيرۇتۇش ئۈچۈن ،ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق بىرسىگە دەسلەپكى قەدەمدە 30 مىڭ يۈەن زاكالەت بېرىپ قايتىپ كەلدىم .كىم بىلسۇن بەلگىلەنگەن مۆھلەت توشقاندا سۈيلەپ بارسام ،ھېچيەردە يوق . مىڭبىر تەستە تاپتىم ،ئەمما ،ئىسىق جېنىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق  بولغاچقا 30 پۇڭنىمۇ قايتۇرۋالغىلى بولمىدى . بۇ ماڭا پۇل تۇتىيا بولىۋاتقان ۋاقىت ئىدى .شۇ چاغدا ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەم ئالدامچىدەك تويۇلۇپ كەتكەنىدى .كېيىن بىر شوپۇر ئاغىينەم بىلەن بىرلىشىپ 170مىڭ يۈەن مەبلەغ سالىدىغانغا پۈتۈشتۈم .كېرەكلىك زاپچاسلارنى ئۈرۈمچىدە تاپالمىغاندىن كېيىن شىنجىنگە بېرىپ ، كېرەكلىك مەھسۇلاتلارنى تەقلەپ كەلدىم . مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلىپ بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن دوققاللارغا دۇچ كېلىدىغان گەپكەن ،كەشىپ قىلىشتىن پاتېنىتقا ئېرىشكىچە ،ئىشلەپچىقىرىشتىن سېتىپ چىقىرىشقىچە بولغان جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدىكەن .مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،پەقەت ، تەۋرەنمەس ئىرادە ، ئىشەنچلا بولىدىكەن غەلبە ھامان قۇچاق ئاچىدىكەن .
سۇئال : سىزنىڭ يەنە قانداق ئارزۇ – ئارمانلىرىڭىز بار ؟
ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت : ھازىرچە سىلىقلاش مېيى قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سېلىش ، يەنە باشقا تېمىلار ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش ئۇيۇم بار  .بىرقانچە يىل تىرىشىش ئارقىسىدا ،ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىمنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كۆپرەك ئىقتىسادقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ، ياشانغانلار بېقىنىش ساناتورىيەسىى سالسام ،ئاخىرقى ئۆمرۈمنى ساناتۇرىيەنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن سەرىپ ئەتسەم دەيمەن .
سۇئال :بۇ ئارزۇيىڭىز قالتىسكەن .ئۇنداقتا نېمە ۋەجىدىن مۇشۇنداق ئويغا كەپ قالدىڭىز ؟
ئابدۇكېرىم ئابدۇۋايىت : ئەقلىمنى بىلسەم دادام ئاجىز – يىتىملارغا ياردەم قىلىدىكەن ، بولۇپمۇ ، ياشانغانلارغا بەك ئىچ ئاغىرتىدۇ ، دائىم : ‹‹ ياشلارنىڭ  ياشانغانلار بىلەن كارى بولمىسا ، قېرىغانلار قانداق قىلىدۇ ؟ بىزمۇ  ھامان بىر كۈنى قېرىيمىز . ھەممىدە ئۆزەم دەپلا ياشاشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن ؟...›› دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ ، بىزگە ئاجىز، يىتىم – يىسىرلار ئۈچۈن ساخاۋەت قولۇمىزنى سۇنۇش ھەققىدە كۆپ تەربىيە ، نەسىھەتلەر قىلىدۇ ...
  دادام ماڭا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى .بىر ئۆمۈر تاپقان تەرگىنىنى مەن ئۈچۈن سەرپ ئەتتى . مەن دادامغا بەك كۆپ قەرزدار . قەرزلەرنى قايتۇرسام ئۇ قۇبۇل قىلمايدۇ، ھەرگىزمۇ ئالمايدۇ .شۇڭا ، تاپقانلىرىمنى دادام ئارزۇلايدىغان ، ئۇنىڭ كۆڭلى سۈيىنىدىغان ساخاۋەتلىك ئىشقا ئىشىلەتسەم  دەيمەن .شۇڭا پۇل تاپقاندىن كېيىن ياشانغانلار بېقىنىش ئورنىدىن بىرنى قۇرۇشنى نىيەت قىلدىم . شۇندىلا قىلمىشىمغا تۆۋە قىلغان بولىمەن ...
ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن ، كۇچا ناھىيىلىك رادىئو ئىستانىسىنىڭ مۇخبىرى يولداش تۇرغۇن ئەھەتنىڭ ھەمرالىقىدا كۇچا كونىشەھەر ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، D بىنا 2- قەۋەت 32- دۇكانغا كىرىپ كەلدىم .70 كۋادىرات مىتىر چوڭلۇقتىكى دۇكان، ئىشخانا ۋە مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش سېخىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەنىدى .خېرىدارلار مەھسۇلاتنى نەق مەيداندا ياسىتىپ ئېلىپ كەتسىمۇ بولىۋېرەتتى .ئابدۇكېرىمنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ دۇكاننى كۇچا ناھىيىلىك ئەمگەك كۈچلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ئىككى يىلغىچە ھەقسىز تەمىنلىگەن بولۇپ، ھەممە شارائىتلىرى تۇلۇق ئىكەن .
19 مىڭ كۋادىرات مىتىر كۆلەمدىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىسى نەچچە يۈزلىگەن ياشلارنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولۇپ ، خېرىدارلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن ئاۋات ئىدى .ئابدۇكېرەم بىزگە يەنە ، مەھسۇلاتلىرىنى ۋاكالىتەن سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئۈرۈمچى ،دۇڭجاڭ، قەشقەر ،ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت – شەھەرلەرنىڭ بىرقىسىم ناھىيلىرىگىچە كېڭەيگەنلىكىنى ، سېتىلىش مىقدارىنىڭمۇ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .ئاخىردا بىز ئابدۇكېرەم ئابدۇۋايىتنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق ۋە نەتىجىلەرنى تىلەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتۇق ...يۈكسەك ئارمانلار بىلەن تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان بۇ ياشنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى خەيرىلىك بولغاي !



2012-يىل 21-دېكابىر ، ئاقسۇ .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەھرىمان تۆمۈر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-26 01:18  


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1908
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5639
تۆھپە : 8
توردا: 404
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 15:11:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتىراپلىق ئىزدىنىپسىز دوستۇم، بىرەر مەتبۇئاتقا بەردىڭىزمۇ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 757
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 16:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن تەۋەككۇل! يازمىڭىز تولىمۇ قىممەتلىك ھەم تەربىيەلەش كۈچى كۈچلۈك يىزىلىپتۇ.مەن تولىمۇ سۆيۈندۈم...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3406
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 20:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى قىممىتى يۇقىرى بولغان مۇشۇنىڭدەك ئەسەرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1729
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2321
تۆھپە : 10
توردا: 597
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 18:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە سالامەتلىك ۋە بەرىكەت يار بولغاي. ياخشى ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بىزنى داۋاملىق تەربىيىگە ۋە ئىستىتىك بەھىرگە ئىگە قىلغايسىز!؟

يىگىت يۈرىكى مىسلى كائىنات،
سىغار ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇدات...
                       -ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1101
تۆھپە : 9
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 10:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، ساغللم تەن ھەمىمىزگە نىسىپ بولغاي...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش