كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 4

گارسىئا ماركوسنىڭ ئىقرارلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 19:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



گارسىئا ماركوسنىڭ ئىقرارلىرى



    يازغۇچىنىڭ ھاياتى،دۇنياقارىشى،ئىجادىي لابراتورىيەسى ھەمىشە ئوقۇرمە نلەرنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەن.بولۇپمۇ،ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك يازغۇچىسىدىن كۆپرەك بىر نەرسىلەرنى بىلىشنى ئىستەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆھبەت رۇسىيەدە نەشرقىلىنغان«لاتىن ئامېرىكىسى»ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىللىق 1-سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى. ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»، «يۈز يىل غېرىپلىق»قاتارلىق رومانلىرى بىلەن دۇنيا ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇش بولغان كولومبىيەلىك يازغۇچى گابرىېل گارسىئا ماركوز بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ يېز ىلىش تارىخى،بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۇتۇق ۋە كەمچىلىكلىرى، ئومۇمەن، ئەدەبىياتنى چۈشىنىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
     «…پويىزدا ماڭىدىغان بولسا،جەنۋە شەھىرىگە سەككىز سائەتلىك مۇشاقە تلىك يولنى بېسىپ ئۆتۈشۈم كېرەك. ياخشى يېرى شۇكى، دوسىتلىرىمدىن «يۈز يىل غېرىپلىق»ناملىق روماننى ئېلىۋالغان ئىكەنمەن. بولمىسا ئوقۇشغا ھېچ نېمە يوق بۇ ئۇزاق يولدا زېرىكىپ كېتەركەنمەن. شۇنداق قىلىپ، ئۆزۈم يازغان روماننى ئوقۇدۇم. ئېنىقراقى،ئۇنىڭ ئۇچ-تۆت بابىنى ئوقۇپ كۆردۈم، خالاس…»
     -خوش، كىتابىڭىز ئۆزىڭىزگە ياقتىمۇ؟
     -راستىنى دېسەم ياق.بىرەر ئەسەر يېزىۋاتقنىڭدا دۇنيادا ئۇنىڭدىن ياخشىراق كىتاب يوقلىقىغا ئىشىنىسەن. ئەمما ئۇنى بۇ قېتىم ئوقۇغىنىمدا رومان يېزىلىۋاتقان چاغلاردا مەندە نېمىدۇر يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم. يەنى، ئەسەردە ۋەقە-ھادىسىلەرنى پەقەت سۆزلەپلا بېرىپتىمەن،بۇ يازغۇچى ئۈچۈن ئۇيات ئەمەسمۇ.
     ئەسلىدە بۇ ئەسەرنى يېزىشقا باشلىغان چېغىمدا ۋاقىتىم قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى تېز تۈگىتىشىم كېرەك ئىدى.«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»نى بولسا، يەتتە يىل داۋامىدا خاتىرجەم يازدىم. شۇڭا«يۈز يىل غېرىپلىق»رومانىنىڭ يېزىلىشى قىيىن بولغان.
    مەن ئىنتايىن تىرىككەك ئوقۇرمەن.ئەگەر كىتاب زېرىكتۈرسە،ئۇنى چۆرۈپ تاشلايمەن،يېزىۋاتقىنىمدىمۇ شۇنداق قىلىمەن، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يېزىۋاتقا نلىرىم ئوقۇرمەن ئۈچۈن زېرىكەرلىك بولىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىسا دەرھال يىرتىپ تاشلايمەن. شۇڭا، ئەسەرلىرىمنى جانلىقلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئىزدەيمەن. «يۈز يىل غېرىپلىق»نى يېزىۋاتقىنىمدىمۇ دەل شۇنداق بولغانىدى. ئەسەردە ناھايتى كۆپ ئەۋلادلار ھەققىدە ھېكايە قىلىنىشى كېرەك ئىدى. كېيىن بولسا، ئەگەر شۇنداق يول تۇتسام، رومان تەكرار دەۋرىيلىكتىن ئىبارەت بولۇپ قالاتتى- دە،ئوقۇرمەننى زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ،دەپ ئويلىدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەڭ يېرىمىنى دېگۈدەك يېزىپ بولغاندا يېزىشتىن توختىدىم.
     -بىر تەنقىدچى «يۈز يىل غېرىپلىق»رومانى«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»نىڭ مۇقە ددىمىسىگە ئوخشاپ قالغان،دېگەنىدى. باشقىلار بولسا، روماندىكى چۈشىنە لمىگەن جايلارىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا مۇراجەت قىلىدۇ. ئۆزىڭىز بۇ ھەقتە نېمە دەيسىز؟
     -سۇئالىڭىزدىن كېيىن «يۈز يىل غېرىپلىق» رومانىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىم كېرەككە ئوخشايدۇ. ئىشىنىڭ، بۇ سىزگە قانچىلىك قىزىق بولسا، مەن ئۈچۈن ھەم شۇنداق.
    تەنقىدچى تونۇشلىرىم ناھايتى كۆپ، ئۇلار بۇ كىتاپ ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازدى، لېكىن بۇ كىتاب ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇمىغىنىمغا ىېلى بولدى. چۈنكى تەنقىدچىلەرنىڭ ساختا ۋە ناتوغرا پىكىرلرىنى ئومۇمەن سىڭدۈرەلمەيمەن. مەن ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ئالاقىلەر بولۇشىنى خالايمەن. ھەر دائىم يېزىشنى باشلىغىنىمدا ئەسەرلىرىم ئارقىلىق،ھېچ بىر «دەللال»لارسىز ئوقۇرمەنگە بىرەر نەرسە بېرىشكە ئىنتىلىمەن، چوقۇم شۇنىڭغا ئىنتىلىمەن.
بەزى تەنقىدچىلەردە ئەسەردە مۈئەللىپنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى-يۇ، ئۇنىڭ ئۆزى بۇ ئەسەرنى قانداق چۈشەنگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئېيىتىپ بېرىدىغان خاھىشى كۈچلۈك. دېمەك،بۇنداق ئەھۋالدا ئەدىپ بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق ئالاقە قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى ياقتۇرمايمەن. مەن ئويلايمەن، ئۇلار يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، پەقەت كاشىلا بولىدۇ-شۇ، گاھىدا ئۇلارنىڭ «بىر چەتتە تۇرىڭ، مەن سىز بىلەن ئەمەس،ئوقۇرمەن بىلەن سۆزلىشىۋاتىمەن»،دېگەندەك قىلىقلىرىنى كۆرۈپ بېشىڭ قاتىدۇ.ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خىيالىغا ئەدىپمۇ، ئوقۇرمەننمۇ كەلمەيدۇ. بىر ھىساپتا بۇمۇ توغرا،كىتابتا تازا ئېنىق چۈشەنگىلى بولمايدىغان جايلار ئاز ئەمەس. كۆپۈنچە تەنقدچىلەر بولسا،بۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ«بۇ ئەسەردە،ھەتتا مۈئەللىپنىڭ ئۆزىمۇ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ»،دەپ جار سېلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى تازا قۇبۇل قىلالمايمەن ياكى ئەسلى شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى، دەپ قويىمەن خالاس.
     «يۈز يىل غېرىپلىق»ناملىق رومان «بۇزرۇكنىڭ كۆزى»ناملىق ئەسەرنىڭ مۇقە ددىمىسىمۇ؟بەلكم،بۇ ئەسەر ۋە باشقا ئەسەرلەرمۇ، تەنقىدچىلەرنىڭ نەزىرىدە شۇنداق بولىشى مۇمكىن. بىراق«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»تامامەن باشقا ئەسەر، مەن شۇنداق ئويلايمەن.
     ئەسىرىمگە قايتا-قايتا مۇراجەت قىلىش ئۆزەمگىمۇ ياقىدۇ. چۈنكى بۇ، كىتاب ھاياتىنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەدەبىيات تارىخىدىن مەلۇمكى، ئۆتكەن دەۋرلەردە ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆپلىگەن ئەسەرلار مەيدانغا كەلگەن.ئەمما ئۇلارمۇ بارا-بارا ئۇنتۇلدى،مانا ھازىر ئاشۇ كىتابلارنى ھېچ كىم ئەسلىمەيدۇ. دېمەكچىمەنكى، بۈگۈن ئاشۇ قولدىن-قولغا ئۆتۈپ، قىزغىن ئوقۇلغان رىتسارلارنىڭ رومانلىرى قېنى؟«يۈز يىل غېرىپلىق»تا بولسا، ھېچ كىم، ھېچ قاچان بىلمەيدىغان دەۋرلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا ۋاقىتنىڭ بۇ ئەسىر ىمگە قانداق تامغا باسىدىغانلىقىنى ئويلاپ،بەزىدە ئۆزەممۇ ئەنسىزچىلىككە چۈشۈپ قالىمەن. بۇئەسەرنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن شۆھرىتى،ئۇنىڭ ئىنتايىن كۆپ نۇسقىدا سېتىلغانلىقى ۋە دۇنيادىكى ئوتتۇزدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغا نلىقى مەن ئۈچۈن ئۇنچىۋالا چوڭ ئەھمىيەتكە ئېگە ئەمەس.بەلكى مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۆز سالمىقىنى يوقاتماستىن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئوقۇلۇپ تۇر ىشىدۇر. مېنىڭچە،مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى ئەدەبىياتتىكى مەڭگۈلۈكلۈك بولسا كېرەك. ئەپسۇسكى،مۇئەللىپ ھېچ قاچان ئاددي ئوقۇرمەننىڭ پىكىرىنى بىلەلمەيدۇ. بەلكى شان-شۆھرەت سەۋەپلىك بارلىققا كەلگەن مۇساپە بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
بەزىدە ئۆيدە خوتۇنۇم مېرسېدېس بىلەن يالغۇز قالغىنىمىزدا،بىرەرسىنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىمىز، ئەكسىچە،دوسىتلىرىمىز كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار نىڭ بىرەرسىمۇ تېلفۇن قىلىپ بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويۇشمايدۇ. بەلكى تېلفۇن بەرگەندە بولسا،يىگىرمە ئاخشامدىن ئارتۇق تەبرىكلەش پائالىيىتى بارلىقىنى تەكدلىشىدۇ. ئەنە شۇنداق زىياپەتلەردە يەنە شان-شۆھرەت تۇپەيلى يەككلىنىپ قالىدۇ كىشى.
      -ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەتلىرىچۇ؟
      -ھەئە،ئوقۇرمەنلەر دائىم خەت يازىدۇ. خەتلەرنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئۇلار مەندىن ئەسەرلىرىمنىڭ قوليازمالىرىنى سورىشىدۇ ياكى مېنىڭ ئىجادىيىتىمنى تەتقىق قىلىپ، دىپلوم ئېلىش ئۈچۈن يازىدىغان دىسسېرتاتسىيە ماقالىلىرى بويىچە سۇئاللار بىلەن مۇراجەت قىلىشىدۇ.خەتلىرى ئارقىلىق ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلغانلار بولسا، ماڭا تولىمۇ يېقىمسىز، بىمەنە تۇيۇلىدۇ.ئەمما خوتۇنۇم بۇنداق خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئاجايىپ بىر«فوند» قۇرىۋالغان. ئەلۋە تتە، ئۇ ماڭا يا بۇ خەتلەرگە جاۋاپ يېزىشنى،يا ئۇلارنى ساقلاپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
     ئەپسۇسكى،ئاددى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارتىنچاقلىقى بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.شۇغىنىسى بۇنداق بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزەڭنىڭ ئىجا دىيىتى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيسەندە. توغرىسىنى ئېيىتقا ندا،ئوقۇرمەنلەر«يۈز يىل غېرىپلىق»رومانىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە تارىخى ئىكە نلىكى ھەققىدە پات-پات خەت يېزىپ تۇرىدۇ. تەبىئىيكى، كارىپ دېڭىزى ساھىللىرى ۋە لاتىن ئامىرىكىسىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشنىڭ ھېچ بىر ئەجەپلىنىدىغان يېرى يوق. بىراق بىر كۈنى گېرمانىيەدىكى كىچىك بىر شەھەردە (ئەپسۇسكى، نامىنى ئەسلىيەلمەيمەن) ياشايدىغان بىر نېمىس ئايالىدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم. ئۇنىڭ يېزىشىچە،«يۈز يىل غېرىپلىق» ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تارىخى ئىكەن،روماندىكى ماكاندو بولسا، ئۇلارنىڭ يېزىسى ئىكەن.
     بۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى كىنو-فىلم قىلىپ ئىشلەشكە قوشۇلماسلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان ئامىل. ھەقىقەتەنمۇ پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشقا تەييار تۇرىدىغان،ئەسەرنى تۈرلۈك قوشۇمچىلار بىلەن«بېيىتىدىغان» رېژىسسورلار،بولۇپمۇ، مەزكۇر ساھەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىلىق مۇتىخەسسىسلىرىگە دائىم رەت جاۋابىنى بېرىپ كەلگەنمەن. ئۇلار مېنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىللىيون، ئىككى مىللىيون، مانا ھازىر ئۈچ مىللىيون دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. بىراق بۇ پۇللار مېنىڭ پىكىرىمنى ئۆزگەرتىشكە ئاساس بارلالمايدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەر كىتابتىكى قەھىرىمانلارنى قانداق پەرەز قىلسا،شۇ بويىچە تەسەۋۇر قىلىشىنى ئىستەيمەن. يەنى بىر ئوقۇرمەن ئۇرسۇلانى مومىسىدەك تەسەۋۇر قىلسا،يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ كىتابىمنى ئوقۇشىنى خالايمەن. چۈنكى ئوقۇرمەن كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ئۆز ىنىڭ شەخسىي ئوبرازلىرىنى يارىتىدۇ.ئەمما ئىكراندا بولسا، ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ ئۆز قىياپىتى بار. بىلمىدىم، بۇنداق قالتىس ئىش ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى سۇ ندۇرماسمۇ؟ مەيىلى، ئوقۇرمەنلەر ئۇرسۇلانى سوفىيە رولىنغا ئەمەس، ئاچىسىغا (يەڭگىسىگە) ئوخشاتسۇن،ئاچىسى ئۇنچىلىك چىرايلىق بولمىسىمۇ مەيلىغۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە،ئوقۇرمەن بىلەن يازغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇچرىشىش –دەل مۇشۇ.
     -دېمەك، ئەسەرلەرنى فىلىم قىلىپ ئىشلەش ئوبرازلارنى بۇزىشى مۇمكىن…
     -شۇنداق،بۇ ئىش ئەينەن ئوبرازلارنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. فىلملەرنى كۆرىۋا تقىنىمىزدا «قارا، ئۇنىڭ چىرايىغا، قارا!»دەپكېتىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر دائىم ئۇلاردىن كۆڭلىمىز سوۋۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
       -خۇددى ئۆزىڭىزدەك، ئوقۇرمەنلەر ۋە يازغۇچىلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ئۇچ نەپەر ئەدىپنى ئېيىتىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
     -دائىم چۈشىنىكسىز بولغان ئەدەبىي تەسىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ،پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇچ نەپىرىنىلا ئەمەس، بەلكى، ئون، يىگىرمە نەپىرىنى ئېيتىپ ئۆتۈش ناھەقلىق بولىدۇ. شۇڭا، مەن ھەر قانداق ۋەزىيەتتىمۇ قىزىقىش پەيدا قىلىپ كەلگەن ئەدەبىي تەسىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئېيتىلىشى توغرىسىدا مۇپەسسەل جاۋاپ بېرىمەن.
     بىر كۈنى«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»ناملىق ئەسەرنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلمەي تۇرغىنىمدا تاساددىپي ھالدا ئېرنىس ھېمىڭۋېي سۆزبېشى يازغان «ئاپرىقا ئوۋى» («ئاخاتا ۋە ئاپرىقا»)ناملىق ئەسەر قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. مېنى ھەيران قالدۇر غان نەرسە شۇ ئىدىكى،بۇ مەشھۇر ئەدىپ نېمە سەۋەپتىن دەل مۇشۇ شۇ كىتابقا سۆزبېشى يازدى؟باشتا بۇ ئەسەر ماڭا ئانچە ياخشى تەسىرات بەرمىدى. بىراق، ئادىتىم بويىچە، ئۇنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ چىقتىم. كىتابتا ئوۋ ۋە پىللار ھەققىدە ناھايتى كەڭرى يېزىلغانىدىكى،مۈئەللىپ ھايۋاناتلارنى بىلىش، چۈشىنىشتە كۆپچىلىككە ئۈلگە بولالايتتى. ئەسەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزەمنىڭ خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا،كۈتۈلمىگەندە قەھىرىماننىڭ تەبىئىتى ۋە خاراكتېرىنى ئىپادىلەشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپتىم.
     ئەدەبىي تەسىرنى تۇلۇق نازارەت قىلىشنىڭ ئىلاجى يوق. بەزىدە تەنقىدچىلەر ئەدىپلەرنى تەسىرلىنىشتە ئەيىپلەپ،شۇنداق كىتابلارنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتۈشىدۇكى،ئۇلارنى ھەتتا يازغۇچى ئوقۇپمۇ باقمىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گەپ كەلگەندە، تەنقىدچىلەرنىڭ كۆپۈنچە مانا مۇشۇنداق خاتالىقلارغا يول قويىدىغانلىقىنى ئېيىتىپ ئۆتمىسەم ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.چۈنكى، ئادەم باشقا بىرسىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇماي تۇرۇپ،قانداق تەسىرلىنەلەيدۇ،قانداق ئىلھا ملىنالايدۇ؟
    بۇ يەردە،قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتالايمەنكى،مەن فىرانسىيە (ئەسلى تېكىستتە ئىسپانىيە دېيىلگەن-ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن) يازغۇچىسى فرانس كافكادىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەنمەن. مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا كىمنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇسام،ئاشۇ تېمىدا يىزىشنى ئويلايتتىم. ئەمما ئوقۇغۇچىلىق يىللىرىمدا تاسادىپى كافكانىڭ«شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرىسى»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى.كېيىن ئوقۇشنى باشلىدىم ۋە دەررۇ ئويلىدىم:«بۇ ئەسەر ئەدەبىياتقا يارىدىمۇ،دېمەك، يېزىشقا ئەرزىيدۇ». بىراق شۇچاغدا بۇنداق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، بۇنداق قىلىش چەكلەنگەن، دەپ ئويلايتتىم. شۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ ئادەملەرگە ئېيىتىدىغان گەپلىرىم بارلىقىنى چۈشەندىم.ئەتىسىلا يېزىشقا باشلىدىم.
     تەن ئالىمەن،بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىنغان ھېكايىلىرىمدە كافكانىڭ تەسىرى چوڭ. لېكىن ئۇلار ئىجادىي ئىشلىرىمنىڭ دەسلەپكىلىرى ئىدى. قايتىدىن ئوقۇپ چىققىنىمدا ئۇلاردا ئىندىۋىدىئاللىقنىڭ بارلىقىنى سەزدىم. يەنى ئۇلار مەۋھۇم، پەقەت ئوي-خىياللاردىن ئىبارەت بولۇپ قالغان ئىدى. شۇندىن كېيىن، مەن ھەقىقىي ھايات بىلەن يۈزمۇ-يۈز كەلگەن جايغا-تۇغۇلغان يېزامغا قايتتىم. بۇ يەردە بولسا ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كافكاغا رەخمەت ئېيىتىمەن،چۈنكى،ئۇ مەن يازماقچى بولغان، لېكىن يېزىشقا ئەرزىمەيدىغان ئەسەرلەرنى يازمىغان ئىدى.
بىر كۈنى مەن فولكنېر ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلىگەن جايلار بىلەن تونۇشۇش نىيتىدە قوشما شتاتلارنىڭ جەنۇبىغا قاراپ يول ئالدىم. ئۇ يەر مەن دۇنياغا كەلگەن ئاراكاتاكا شەھەرىگە بەكمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. بەلكىم، ماڭا شۇنداق تۇيۇلغاندۇ. بىراق مېنىڭ نەزىرىمدە، ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي بەلگىلىرى بىر- بىرىگە ئوخشاش ئىدى. ئاراكاتاكادا«يۇنايتېد فرۇت شىركىتى»نىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئۇ يەردە مەئىشەت مەدەنىيەت-ئارخىتېكتۇرا، شۇنداقلا، تۆمۈر رىشاتكىلىق دائىرىلەر، پويېز ۋاگۇنلىرى،پالمازارلىقلار ۋە ئوتلاقلار پەيدا بولدى. بۇ قوشما شتاتلارنىڭ جەنۇبىدىمۇ بار. بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، دۇنيادا بىر نەچچە قېتىم فولكنېر مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئوقۇغان دېيىلگەن ۋە مەن ئېيتماقچى بولغان ئىزھارلار دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىلغاندەك بولدى. يەنى مېنىڭ فولكنېر ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىمنى تەن ئالماسلىقنىڭ ئادالە تسىز لىك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
      شەك-شۈبھىسىزكى،بۈگۈنگىچە ھېچ بىر تەنقىدچى سەزمىگەن ۋە چۈشە نمىگەن يەنە بىر ئەجەپلىنەرلىك تەسىرلىنىش شۇكى، ئۇ بولسىمۇ، ۋىرگىنىيە ۋۇلفتۇر.قىسقىسى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى خاسلىق، ئۇنىڭ دۇنيانى كىشى ھەيران قالغۇدەك دەرىجەدە ھېس قىلىشى،ئەڭ ئاساسلىقى، زاماننى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىش پەزىلىتى مېنىڭ يېزىشىمغا ياردەم بەرگەن.
مەن ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئۈچىلىسىنىڭ ئىسپان تىلىدا ئەسەر يازمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىز.ئەمما مېنىڭ ئىجادىيىتىمدە،يەنە مەن ھەممىدىن بەك تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ئەدەبىيات بار،ئۇ بولسىمۇ،ئالتۇن ئەسىر دىكى(20-ئەسىر كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك-ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن) ئىسپان شېئىر ىيىتى. باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، مەن ئىسپان تىلىنى ئۆگىنىش نەتىجىسىدە پەقەت پوېتىك بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن مانا ھازىر مەن ئىسپان شېئىرىيىتىنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىمەن،دەپ ئېيىتالايمەن. بۇ مېنىڭ شلىشىمگە ئەسقېتىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە، ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىدىكى كولۇمبىيە ۋە كارىپ ئاراللىرىنىڭ خەلق قوشاقلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنمەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ تەسىرىنى تەرىپلەپ بېرىش قىيىن، پەقەت لەززەتلىنىش (ھوزۇرلىنىش)،ھاياجانلىنىشلا مۇمكىن. مەن ئۇلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگىنىمدە خېلىلا كېچىكىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ،شۇنىڭغا ئىشەندىمكى،قوشاقلاردا دۇنيا ئەكىس ئېتىدۇ. ھەرھالدا مەن شۇنداق دەپ ئويلايمەن.
     تەن ئېلىپ ئېيىتىمەن،كارىپ مۇزىكىلىرىدىكى ئاددىلىق ۋە سەمىمىيلىكتىنمۇ ئىنتايىن تەسىرلىنىمەن. بۇ«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»ناملىق ئەسەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەسەرلىرىمنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلار ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئەسەر كارىپ خەلقلىرىنىڭ شېئىرلىرى بىلەن بېيتىلغان، جۇملىدىن، ئۇنىڭدا كۇبالىقلارنىڭ، مېكسىكىلىقلارنىڭ قوشاقلىرىمۇ بار. توغرىسىنى ئېيتىش كېرەك، بۇ ئاڭلىق رەۋىشتە قىلىنغان. بۇ مۈئەللىپنىڭ لەززەتلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان ئۆزىگە خاس ئەدەبىي ئويۇن ئىدى.
    - ئەسەرلىرىڭىزدىكى قەھىرمانلار…
    -ئەسەرلەردىكى قەھىرمان،بۇ- مەلۇم بىر ئېنىق شەخس ئەمەس. ئۇ كۆپلىگەن كىشىلەردىن ئىبارەت-كولىكتىپ. ئەگەر كىمدۇر بىرسى بىرەر بىر تاشقى قىياپەتنى ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولسا، ئۇ، ئەلۋەتتە،بىرسىدىن ياۋۇز كۆزنى، يەنە كىمدىندۇر بۇرۇننى، ئۇچىنچى كىشىدىن مىجەز-خۇلۇقنى، تۆتىنچى ئادەمدىن چاچنى ئېلىپ، رەزىل بىر ئىنساننىڭ كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۆزۈمنىڭ قەھىرمانلىرىم ھەققىدە گەپ قىلىدىغان بولسام، ئۇلارنىڭ نىگىزى مەن ئەسلەيدىغان،تونۇيدىغان ئادەملەردىن ئېلىنغان.بەزى بىرلىرى بولسا، باشقا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ سىماسى ئاساسىدا يارىتىلغان. قەھىرمانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسىنى،ئەڭ ئاۋۋال، مۈئەللىپنىڭ ئۆزى تاللايدۇ. ئۇ مەيلى ئايال، مەيلى ئەر، مەيلى ياخشى،مەيلى يامان بولسۇن، بەرىبىر، دەسلەپكى تەسىر لىنىش مۈئەللىپتىن باشلىنىدۇ، كېيىن ئۇنى قەھىرمان قىلىپ شەكىللەندۈرۈش بولسا تامامەن باشقىچە ئىش. مۈئەللىپ پىرسۇناژلارنى يۈرىكىدىن ھېس قىلىدۇ: كىم يامان-كىم ياخشى. قىسقىسى،قەلىپتە نېمە بولسا، ئاشۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئەدەبىياتتا «مەنلىك»نى تۇتۇپ تۇرۇش تولىمۇ قىيىن ۋە تەس. چۈنكى، سەن ئەتىگەن باشقا ئادەم بولىسەن، كەچقۇرۇن بولسا ئومۇمەن باشقا كىشىگە ئايلىنىسەن…

     ئۆزبېكچە«ياشلىق»ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىللىق 9-سانىدىن ئۇيغۇرچىلا شتۇرۇلدى.
   

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:
    قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-25 19:23  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 13:04:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەدىبى تەسىرلىنىش نوقتىسدىن ماركۇسنىڭ كاپكانى ئېغىزغا ئېلشىنى كىم ئويلىغان؟ دىمىسمۇ ئۇسلۇپ يېقىدىن ئىككىسىى-بىر-بىردىن يىراق،بىر يەرگە ئەسلا،قويغۇلى بولمايدىغان  باشقا-باشقا ئېقىمغا تەۋە يازغۇچىلاردىن تۇرسا.
       شۇنىڭدىن قارغاندا ئەدىبى تەسىر بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ،يەككە ئىلھاملىق  تەقلىدى تەسىر بولمىسا كىرەك.

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1706
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 14:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر ،

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1323
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 256
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 14:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك بەگيار ئەپەندى! ئەجرىڭىزگە رەھمەت!  گارسىيە ماركوزنى ئەدەبىيات كوچىسىدا كىتىۋاتقان ھەربىر  ئۇيغۇر قىرىندىشىمىز ياخشى بىلسە كىرەك، لىكىن كۆپىنچىلەرنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ نامى ۋە « يۈز يىل غىرىپلىق» رومانىنىڭ داڭقى. ئۇنىڭ ھەقىيقى ئۆزلۈك كەچۈرمىشلىرى ۋە ھېسسىي دۇنىياسى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيمىز. ئەسەرنى ئۆزمۇھىت، ئۆز ۋاقىت، ئۆز ئاپتور مەيدانىدا تۇرۇپ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن قوشۇپ چۈشىنىش_ ئەدەبىيات ھارۋىسىدىكى زامانداشلارنىڭ يۈكسەكلىككە ئۆرلىشى، ئىنسان ۋە تەبىئەتكە يىقىنلىشىشىدىكى ياخشى يول. مەھەللىچىلىك، تار دۇنىيا قاراش ۋە رېلىس خاھىشىدىكى ئەدەبىي ئۇسلۇپتىن ياتلىشالمايۋاتقانلارغا نىسبەتەن چەت-ئەل ئەسەرلىرىنى بىزنىڭ مەيدانىمىزدا ئەمەس، شۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ «ئىشلەپچىقىرىش» ۋە «ھەزىم قىلىش»  كەچۈرمىشىدىن خەۋەردار بولساق ، بۇ بىزنىڭ دۇنىيا بىلەن تىخىمۇ يىقىنلىشىشىمىزغا پايدىلىق بولسا كىرەك. مەن ئىپىك ئەسەرلەر يىزىقچىلىقى ھەققىدە، ئۇسلۇپ ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيمەن، لىكىن شېئىرىيەت ساھەسىدىمۇ مۇشۇنداق چەت-ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بلەنلا ئەمەس، سۆھبەت، تەقرىز، مۇھاكىمىلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچىراشساق ياخشى بولاتتى. 10 يىل بۇرۇنقى ئەسەر بىلەن بۈگۈن يۈز كۆرۈشۈپتۇق، ئۇچۇر تەرەققى قىلغان دەۋىردە بۇ بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، تىلماچلىرىمىزنىڭ  دۇنىيا ئەدەبىياتىغا نەزەر سىلىپدۇنىيا ئەدەبىيات يىڭىلىقلىرى بىلەن قەلەم ئەھلىنى بىرىنچى ۋاقىتتا  يۈز كۆرۈشتۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مويەننىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشى بىزنى يەنە بىر قىتىم ئەدەبىياتتا دۇنىيا ئەدەبىياتى بىلەن قانداق بىرلىشىش توغرىسىدا تەجرىبە ھەم ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  567
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 143
تۆھپە : 0
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 17:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېيتالايمەنكى،مەن فىرانسىيە (ئەسلى تېكىستتە ئىسپانىيە دېيىلگەن-ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچىدىن) يازغۇچىسى فرانس كافكادىن...
---------------------
كافكا ئاۋىستىرىيەلىكتۇ؟ يەنى پىراگا شەھىرىدە تۇغۇلغانغۇ دەيمەن.

- ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش