قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانا «6-نۆۋەتلىك دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدا «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنى قاراقاش ناھىيەلىك كۈتۈپخانا ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، تونۇلغان يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى ۋە قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى ھەم شائىر ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەتكە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مۇخبىرلاردىن بولۇپ 70 كە يېقىن كىشى قاتناشتى. پائالىيەت بىر-نەچچە باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەت جەريانىدا يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى ۋە ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىغا كىتابنىڭ قىممىتى، ئەھمىيىتى توغرىلىق خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى ھەم بۇ توغرىلىق قىسقىچە لىكسىيە سۆزلىدى. ئوقۇغۇچىلارمۇ كىتابقا بولغان كۆز قاراشلىرىنى، چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، تۈرلۈك مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پائالىيەت باشتىن-ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا داۋام قىلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا كۈتۈپخانا مەسئۇلى پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچى ۋە باشقا ئىشتىراكچىلارغا 4000 مىڭ قىممىتىدىكى كىتاب ۋە ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى سوۋغا قىلدى. دانالار سۆزىگە سالساڭ گەر قۇلاق، ئۇلار دەر كىتابنى شىپالىق بۇلاق، كىتابنى قەدىرلە، ئەزىزلە ئۇنى، كىتابتىن ئايرىلساڭ ئىشلىرىڭ چاتاق. كىتاب ئۇ ئىنسانغا تۈگىمەس بايلىق، كىتابقا ئاشىق بول كۆرمەيسەن خارلىق. كىتابقا پۈتۈلگەن جاھان ھېكمىتى، كىتابسىز ھاياتنىڭ قىممىتى چاغلىق. ن.تۇردەخمەت
|