تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چارە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  787
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 229
تۆھپە : 0
توردا: 34
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1-قەۋەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 18:01:32 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
                                     چارە
                                     ھېكايە
كىشىلەر تۇرمۇشتا تۈرلۈك،تۈمەن قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ.بەزىلەرنىڭ ئامەت قۇشلىرى سايراپ تۇرسا يەنە بەزىلەرنىڭ تەقدېرى كاج كېلىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تېڭىرقىشىدۇ.
ئالىم بىر جەمەت كىشىلەرنىڭ دادىسىدىن قالغان ئاشۇ ئالقانچىلىك يەرگە تەلمۈرۈشۈپ  ئولتۇرۇشىنى راۋا كۆرمىدىمۇ ؟ياكى جەنۇب يېزىلىرىدىكى ھاشاردىن زېرىكتىمۇ ئەيتاۋۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشلىشىپ شەھەرگە قاراپ يول ئالدى .ئۇ يول بويى ئۆزى بېرىپمۇ باقمىغان شەھەر توغۇرلۇق شېرىن خىياللارنى قىلاتتى گاھىدا ئىچىدە كۈلۈپمۇ قوياتتى.ئۇ سەل ئەسلىگە كەلگەندەك ئەتراپىدىكىلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى ۋە يەردىن ئۈستۈن قارىماستىن يەنىلا شۇ باش –ئاخىرى يوق خىياللار دېڭىزىدا ئۈزۈشكە باشلىدى…
مانا ئۇنىڭ شەھەرگە كەلگىنىگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە يېرىم يىلدىن ئاشتى ئۇ يازىنچە قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىدىن ئازراقلا ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى خوتۇن –بالىلىرىغا ئەۋەتكەندى.كۆڭلىدە يازنى كۆرۈپ ئائىلىسىدىكىلىرىنىمۇ شەھەرگە ئەكىلىۋېلىشنى ئوغلى بىلەن قىزىنى شەھەردە ئوقۇتۇشنىمۇ ئويلاپ قويغاندى…
قىشنىڭ كېلىشى بىلەن ئىش تېپىشمۇ قىيىنلىشىشقا باشلىدى ئۇ توپ-توغرا بىر ئايدەك خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.ھەي نېمىشقىمۇ بىرەر كەسىپ ئۆگەنمىگەن بولغىيتىم ،ئىسىت بىرەر كەسىپ بىلگەن ھېچ بولمىسا ناۋايلىق،ساتىراچلىق دىگەندەكلەرنى ئۆگىنىپ قويغان بولسام قىينالمايلا جان باقار ئىكەنمەن دەپ ئويلايتى ئىچىدە.لېكىن قۇرۇق خىيالغا مۈشۈكمۇ ئاپتاپقا چىقمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئۇ بەل قويىۋەتمەي يەنىلا خىزمەت ئىزدەش بىلەن مەشغۇل ئىدى.بىر كۈنى ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇنداق بىر خىيال كېلىپ قالدى ۋە سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ،كونا ئۆي سايمانلىرىنى ساتىدىغان جايغا بېرىپ بىر ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن قول ھارىۋۇسىنى ئالدى-دە،ئۈمۈدلەنگەن قىياپەتتە  غېربخانىسىغا يول ئالدى.ئۇ شەھەرنىڭ شىمالىدىن 9كۇۋادىرات كېلىدىغان ئۆينى ئىجارىگە ئالغان بولۇپ ئۆيدە بىر دانە كارىۋات،دوپپامچىلىك مەش،ئىككى تال ئورۇندۇق،بىر دانە كونا چامادان ۋە بىر تال يوتقان كۆرپىدىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك نەرسە يوق ئىدى.ئۇ ھاراۋۇنى قوروغا سۆرەپ كىرگەندىن كېيىن زەنجىر بىلەن قۇلۇپىلاپ قويۇدى ۋە سەل ئىشەنمىگەن قىياپەتتە قۇلۇپنى قايتا بىر نەچچە رەت تارتىپ باققاندىن كېيىن ئۆيىگە كىرىپ كەتتى مەشتىكى ئوت ئاللا بۇرۇن ئۆچكەن  ، ئۆينىڭ سىرتتىن ئانچە پەرقى يوق ئىدى.ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن قوللىرىنى بىر ەنچچە رەت ئۇۋۇلىۋەتتى ھەم ئۇچاققا ئوت يېقىشقا كىرىشتى…
ھەممە ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق لېكىن ئۇ نېمىشقىدۇر ئۇخلىيامايتتى،شېرىن خىياللار ئۇنى قىينىماقتائىدى .ھەي تۇرمۇش دەپ پىچىرلايتى ئۇ ئۆزىگە…
سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرغان ئۇ، ھارىۋىسىنى سۆرىگىنىچە ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلىدى سوغۇق نەشتىرىنى ئايىماي سانجىيتى لېكىن ئۇ يەنىلا ئالىمنى قورقۇتالمىدى.
-نەگە بارىسەن؟
-ئەسكى پۇرۇچ يىغىمەن.
-كىرىشكە بولمايدۇ. بۇ گەپلەردىن ئالىمنىڭ قەدىمى ئۇيان –بۇيان ئۆزگىرىشكە باشلىدى شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن قورانىڭ ئالدىغا كەلدى لېكىن كىرىشكە مۈمكىن بولمىدى.كەچقۇرۇن ئۇ ھاراۋۇسىغا بېسىلغان ئەخلەتخانىدىن تېرىۋالغان ئازغىنە بوتۇلكا،قەغەز يېشىك قاتارلىقلارنى سېتىش ئۈچۈن ئەسكى پۇرۇچخانىغا باردى.دەل شۇ پەيتتە پاناق بۇرۇن،توڭكەي چىش،ۋىجىككىنا كەلگەن بىرى بىر مۇنچە نەرسىنى ئەكىلىپ ساتتى.ئالىم كۆڭلىدە مۇنۇنىڭ قورولارغا قارايدىغان تونۇشى بار ئوخشايدۇ دىگەنلەرنى چاقماق تېزلىكىدە ئويلاپ ئۈلگۈردى ۋەئۆزىنىڭ تونۇۇشىنىڭ يوقلۇقىدىن سەل ئۆكۈندى.ئارىدىن بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى ئالىم بۈگۈنمۇ يەنە ئادىتى بويىچە ھاراۋۇسىنى سۆرەپ چىقتى بىر نەچچە دەرۋازىنىڭ ئىشىكىدىن ھەيدەلگەن ئۇ ئەخلەت ساندۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى تۇيۇقسىز ھېلىقى پاناق بۇرۇن پەيدا بولدى ۋە خالتىسىنى يۈدگەن پېتى بىر قورانىڭ دەرۋازىسىدىن بىمالال كىرىپ كەتتى .بايا مىنى كىرگۈزمىگەن ئىدىغۇ ئەمدى ئاۋۇنى كىرگۈزىۋەتتىغۇ دىگەنلەر ئۇنىڭ خىايلىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.شۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دىگۈچە بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى …
   بۈگۈن ئۇنىڭ ئۇيقۇسى زادىلا كەلمىدى قانداق ئىش؟نېمە ئۈچۈن دىگەن سۇئاللار ئۇنى قىينايتى ئۇ ئاخىرى بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە،شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى.مانا ئۇ كوچا دوقمۇشىدىن ئۆتۈپلا ھېلىقى پاناق بۇرۇن،چوقۇر،ۋىجىككىنا،توڭكايچىش،ئاغزى يوغان كەسىپدېشىغا يولۇقۇپ قالدى .ھەر نمە بولسا تەلىيىم ئوڭ ئىكەن دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ھارىۋۇسىنى سۆرىگەن پېتى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى ۋە يانجۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتۇپمۇ ئۈللگۈردى.
ــ ھە قانداق ئەھۋالىڭ؟سوداڭ ياخشىمۇ سورىدى ئالىم ئۇنىڭدىن.
ــ ياخىشى ،خېلى ياخشى بۇ دىگەن دەسمايە كەتمەيدىغان سودا تۇرسا دىدى ئۇ جاۋابەن.
ــ سېنىڭ ھاراۋاڭ يوقمۇ؟
ــ يوق .
ــ نىمىشقا ؟
ــ مەن يۇرتتىن يېڭىلا چىقتىم شۇنداق ھازىرچە بىرەر يۇرتلۇقۇمنى تاپالمىدىم،ئەگەر تاپسام باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن ،بۇ ئىشنى ۋاقىتلىق قىلىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ھاراۋۇ ئالمىدىم دىدى كۆرەڭلىگەن قىياپەتتە جۋابەن.
ــ ئەمىسە ئىككىمىز شېرىك بولايلى، قارا مېنى ئولتۇراق رايونلىرىغا  كىرگۈزمەيدىكەن ،سەن بولساڭ بىماللا كىرىپ كېتىدىكەنسەن.ھارۋۇنى مەن سۆرەي ،خالىساڭ  سەن چىقىۋال قانداق دەيسەن؟
بىر ئاز ئويلۇنىۋالغاندىن كېيىن –بولىدۇ دىدى جاۋابەن پاناق بۇرۇن.شۇنداق قىلىپ ئالىم ھاراۋۇنى سۆرىگىنىچە شېرىكى بىلەن يۈرۈپ كەتتى مانا ئۇلار بىر ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسىغا كەلدى.
ــ توختا!نەگە بېرىشىسەن؟
ــ ئەسكى پۇرۇچ يىغىمىز ،دىدى پاناق بۇرۇن ھىجايغان قىياپەتتە.
ــ ئۇ كىم ؟
ــ ياردەمچىم.شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن دەرۋازىدىن كىرىپ كېتىشتى. ئالىم  ئۆزىنىڭ تاپقان چارىسىدىن مەمنۇن بولغان  قىياپەتتە يېنىدىكىگە قاراپ قويدى.ۋە بۇمۇ بولىدىغان چارە ئىكەن دەپ پىچىرلىدى ئۆز-ئۆزىگە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhatjamxit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-25 18:03  


ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 ياقتۇردۇمياقتۇردۇم0 ياقتۇرمىدىمياقتۇرمىدىم0
mukam.cn

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3662
تۆھپە : 0
توردا: 137
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

2-قەۋەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 10:18:43 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق تېتىملىق ئەسىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرگۈم بار.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش