- UID
- 506
- يازما
- 20
- ھوقۇقى
- 1
- 真实姓名
- گۈلباھار ئەزىز
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 69
- تىزىملاتقان
- 2012-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-10
|
چېچەك
مەستخۇش ھېدلىرىڭدىن بىھۇش بولۇپ، ساڭا ئاستا يېقىن كەلدىم .
كىرپىكىمدە لەيلەپ قالغان بىر تامچە يېشىم، ماڭا ئاتا قىلغان ھېدىڭ تەپتىدە قارچۇقۇمغا سىڭىپ كەتتى. لەۋلىرىمدە ئەگىپ يۈرگەن تەبەسسۇم بەرگىڭگە لەۋ سوزغاندا، ھال رەڭ تونىڭ ئۈستىگە يېپىلغان شەبنەم زەم-زەم كەبى تەشنا دىلىمغا ھوزۇر ئاتا قىلدى. قۇرغاق، مېھىرسىرىغان ھۇجۇدۇمغا بەخشەندە ئەتكەن ئىللىقلىق باغرىڭدا، تۇيغۇمغا خىرە بىر سىيما سايە تاشلىدى. پىنھانىمدا تىپىرلىغان ئازاب ئۇچقۇنلىرى، قەلبىم قەھرىدە گۈركىرىگەن بورانلاردا لاۋىلداپ يانغىنغا ئايلاندى. ئېھ، چېچەك! مېنى يۇتۇپ كەتكىن، مەن باغرىڭغا سىڭىپ كېتەي. سېنى بىراۋلار تەسۋىرلىگەن «چېچەك پەسلىڭ» گە سىڭىپ كېتەي. بەرگىڭدە لەيلەپ يۈرگەن شەبنەملىرىڭ بىلەن، خاتىرەمنى يۇيىۋەتكىن. مەن كۈلگىن ئەتەم بىلەن روھىمنىڭ ئەڭ پاك جىلۋىسىدە سېنى باغاشلاي...
|
|