كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېھىم سىدىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11
يازما سانى: 674
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 2396
تۆھپە : 232
توردا: 1458
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر  مۆتىۋەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 14:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

2011324162454abdirim jpg.jpg

  

ئابدۇرېھىم سىدىق نۇرى 1946-يىلى 11-ئايدا ئاۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1969-يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزا ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە سابىق ئونسۇ ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1980-يىلى 10-ئايدىن كېيىن «ئاقسۇ گېزىتى» ئىدارىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 2007-يىلى 7-ئايدا پىنسىيەگە چىققان.
       ئابدۇرېھىم سىدىق نۇرىنىڭ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەر قايسى گېزىت- ژورناللاردا  800 پارچىدىن ئارتۇق شىئېرى، 70 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرى ئەسىرى، 6 پارچە ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم شىئىرلىرى بەزى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 1987-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئابدۇقادىر ھەسەن خالىس قاتارلىقلار بىلەن بىللە «ھايات ۋە دەريا» ناملىق شىئىرلات توپلىمى، 1998-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن « كەينىگە ئىگىلگەن قول» ناملىق ھىكايىلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ «توزىماس دوستلۇق گۈلى»«ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ» قاتارلىق ھېكايىلىرى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى» ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك بالىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە «چولپان» مۇكاپاتىغا، «شەپقەتلىك باغۋەن»« تەجىربىلىك تەربىيچى، مېھرىبان ئۇستاز» « بىمارلارنىڭ يۈرەك ساداسى» قاتارلىق ئاخبارات ئەسەرلىرى بىرقانچە گېزىت ۋە شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيتى ئۇيۇشتۇرغان ياخشى ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش پائالىيتىدە 2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نامى «جۇڭگو ھازىرقى زامان ياش يازغۇچىلار قامۇسى»ۋە « جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن.

ئابدۇرېھىم سىدىق نۇرى ھازىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق 12 مۇقام ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش