كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 5

ئىنىم دىمەتلىك ئىنىلىرىمغا(ئاتئال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  367
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 23:44:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم دېمەتلىك ئىنىلىرىمغا

گۈلبانۇم بۇرھان



          سالام ئۇكام؟قانداق ئەھۋالىڭ؟بۈگۈن سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىڭگە دەل قىرىق كۈن بولغان كۈن. تېخى ئەتىگەن سەن بىلەن ئۆز-ئارا ئۇچۇر يېزىشىپ بىرئاز مۇڭداشقان بولساممۇ بۇ مېنىڭ سېنى سېغىنغان يۈرىكىمگە ھېچقانداق تەسەللىي بولالمىدى.قېرىنداشلىق مېھرى دىگەن ئۆزى باشقا گەپ ئىكەن،بۇرۇن ئۆيدە بولساق پېتىشمايتتۇق،دائىم ئۆيلەرنى تازلاپ قويسام نەرسە-كېرەكلىرىڭنى قالايمىقان تاشلىدىڭ  دەپ سەن بىلەن ئۇرىشاتتىم، سەنمۇ مېنىڭ قارا بۇلۇتلىرىم بەكرەك توپلاشقان كۈنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا  كايشىلىرىمنى قېپىڭغا ئېلىپ قويماي نەرسىلىرىڭنى داۋاملىق ئۆزۈڭ خالىغان يەرگە چۆرۈپ قويۇپ ئۆزۈڭنىڭ بىز ياقتۇرمايدىغان ئالدىراشچىلىقلىرىڭ بىلەن ئاۋارە يۈرىۋىرەتتىڭ، مەن ھازىر بىر رەتلەپ قويسام بىر قانچە كۈن ئۆتسىمۇ ئاندا-مۇندا چاڭ-توزان باسقاندىن باشقا يەنىلا ئۆز پېتىچە تۇرىدىغان ھۇجراڭدا سېنىڭ كىيىملىرىڭنىڭ چېچىلىپ قالايمىغان تۇرىشىنى سېغىندىغان بولۇپ قالدىم، ئىنسان دىگەن شۇنداقكەنمىز ،مەيلى قايسى ئىشتا بولسۇن،باردا قەدىرى يوق، يوققا ئىنتىزار! ياشايدىكەنمىز....
         مۇشۇ كۈنلەردە سېنىڭ خەۋىرىڭنى كۈندە ئېلىپ تۇرسىمۇ ھەممىدىن بەك خاتىرجەمسىزلەنگىنى يەنىلا ئاپام،بۇنىسى ساڭا ئايان،شۇڭلاشقىمۇ سەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسىلا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاپامغا دەپ قوي مەندىن ئەنسىرمىسۇن دىگەن ئىدىڭ.ئەمما بىر ئانىنىڭ ئۆز يۈرەك پارىسىدىن ئەنسىرمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟مەيلى سەن قانچىلىك چوڭ بولۇپ كەت ھامان ئۇلار نەزىرىدە سەن ھامان  بىر بالا!
          قارا ساقام. بەلكىم ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمىگەنكەنسە ئېيتسام ئىشەنمەيسەن. بىراق شۇنىسى ئىنىقكى بىزدەك سېغىنغانلار قاتارىدا ئۈن-تۈنسىز سېغىنىغىنى يەنىلا سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشڭگە سەۋەب بولغان دادام.توغرا دادام سەن كېتىپ تا مۇشۇ كۈنگە قەدەر سېنى بىزدىن سوراپ باققىنى يوق. ئەمما بىلىشىڭ كېرەككى بۇ ئۇنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن ئەمەس ،ئەگەردە دادام تاش يۈرەك بولسا شۇ كۈندىن باشلاپ سېنى ئۇنۇتقان بولاتتى،ئەمما ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. تېخى يېقىندىلا سەن داۋاملىق ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملاتقان مەكتەپكە كىملىك نۇسخا كېرەك بولۇپ قاپتىكەن دادام مېنىڭ قولۇمدىن سېنىڭ ماتىرياللىرىڭ سېلىنغان سومكىنى ئېلۋىلىپ ئۆزى تېپىپ بەردى،دىمەك دادام سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭدىن ئۈمىد كۈتمەكتە...
         جىنىم ئۇكام ،سەن ۋە مەن قاتارلىق  تۆت قىرىنداش ئۆيدىن ئايرىلىپ نەچچە يىل سىرتتا ئوقۇدۇق ھەم ئوقۇۋاتىمىز،بىرلىرىمىز بىلەن يىلدا بىر نۆۋەتلا كۆرىشىمىز.ئەمما قەلبىمىزدىكى ئۆز-ئارا سېغىنىش ھېچقاچان بۇ قەدەر زورايغان ئەمەس،بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسەن؟چۈنكى ھازىرقى ئايرىلىش ھېچقايسىمىزنى خاتىرجەم قىلمايدىغان ئايرىلىش.
          راست گەپ قىلسام،سەن ئۆيدىن ئايرىلىپ شۇنچە يىراقتا ئوقۇغان ھەم بىر مەزگىل سىرتتا ئىشلەپمۇ كۆرگەن  بولغاچقا ھەرھالدا سېنى قەيەرلەردە تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرگەندۇ دىگەن خىياللار كاللامدىن نېرى،ئەمما بىلىپ قال پەقەتلا بىر ئاز نېرى...
          بىلمەن ،سەن ئەسلى پېشىڭنى قېقىپلا ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان دەرىجىدىكى كاللىسى ئىشلىمەيدىغانلاردىن ئاددىسى ئۇ ھالدىكى دۈرەكلەردىن ئەمەس ،بىراق مەن سەن تېلفونىمنى ئالمىغان تۇنجى كۈنى  ساڭا نىمىشقا كەم ئەقىللىق قىلغانسەن؟ دەپ ئۇچۇر يوللىغان ئىدىم،ئەتىگەن ساڭا يەنە شۇ گەپنى ئەسكەرتتىم، مەن قارىسام سەن ئەمدى مېنىڭ شۇ گېپىمنىڭ مەنىسىگە يەتتىڭ .توغرا ئاچچىقى كەلگەندە ئادەمنىڭ ھەر ئىشنى قىلغۇسى كېلىدۇ،چۈنكى بۇ چاغدا بىزنى دەي-دەيگە سالىدىغان شەيتان ئاللىقاچان گەجگىمىزگە مىنۋالغان بولىدۇ، شۇ ھېسياتنى ئەقىلنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويمىغان كىشىلا كىيىنىكى خاتالىقلىرىنىڭ پۇشايمىنىنى يەپ ئولتۇرمايدۇ، ئەمما ئېچىندىغىنىم سەندىكى ھېسيات شۇ چاغدا ئەقلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن.
         بىزدە «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر»دىگەن گەپ بارغۇ؟ بىزدە بۇنداق ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان ھېكمەتلەر كۆپ،ئەپسۇسكى توغرا دەپ قايىل بولغان شۇ سۆزلەرنى تىلىمىزدا مىڭ ئېيتقۇچە ۋاقتى كەلگەندە دىلىمىزدا  بىر ئورۇنداپ باقساقچۇ كاشكى...سەنمۇ ھەم شۇ چاغدىكى ئاچچىقىڭنى يەڭگەن باتۇر بولغان بولساڭ بۈگۈندە ھەممە كۆڭۈلسىزلىك ئۇنتۇلۇپ ئىشلار ئۆز يولىغا ماڭغان،ئائىلىمىز بۇرۇنقىدەك خاتىرجەملىككە قايتقان بولاتتى.
        ئوبدان ئىنىم، ھېچقاچان پەقەت سېنىڭكىلا خاتا دىمەيمەن،توغرا داداممۇ ئاشۇرۋەتتى،سېنىڭ غورۇرۇڭغا تەككۈدەك گەپ - سۆزلەر ئېغىزىدىن چىقىپ كەتتى،بىلسەڭ داداممۇ ھاياتىدىكى تۈمەن يولۋاسلارنى يەڭگىنى بىلەن شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ئاچچىقىغا يېڭىلدى. بۇنىسى ماڭا ئايان،بىراق دادامنىڭ ھەرگىز سېنى ئۆيدىن چىقىرۋىتىش خىيالى يوق بۇنى بىلىسەن.

         مېنىڭ ئۆيدىكى باشقىلارنى قويۇپ پەقەت دادام بىلەن سەن ھەققىدىلا بۇ قۇرلارنى داۋاملاشتۇرغۇم كېلۋاتىدۇ چۈنكى بۇ تېمىنى يېزىشىمغىمۇ شۇ سەن ھەم دادام سەۋەب بولغان.
         بىز پەرزەنتلەر ھەرقاچان ئۆزىمىزنى تەڭتۇشلىرىمىز ئارىسىدا ھەر جەھەتتىن خېلى ياخشى ئائىلىنىڭ تەربىيىسدە چوڭ بولدۇق دەپ ئويلايتتۇق، ھېلىھەم بۇ خىيالىمىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلى كۆپۈككە ئايلانغىنى يوق،ئىنسان ھېچقاچان كەم-كۈتسىز بولمايدۇ،شۇڭا دادامدىنمۇ بىزنىڭ مۇكەممەلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق بىلىپ قال.دادام سېنىغۇ تاللاپتۇ، بالىسىغا قول كۆتۈردىغان ئاتىلارمۇ بارغۇ؟مەن ھەتتا توي قىلىپ بالىلىق بولغان بالىلىرىغا قول ئۇزۇتقان ئاتىلارنى ئاڭلىغان.دادامنىڭ كىچچىكىنە خاتالىقى تۈپەيلى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يىللاردىن بېرى بىزگە جۈملىدىن ساڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە كۆز يۇمۇپ قالما.ئەتراپىڭغا زەن سېلىپ قاراپ باق،ھەرقانداق بەخىتلىك ئائىلىنىڭمۇ باشقىلارغا ئېيتمايدىغان كۆڭۈلسىزلىكلىرى بولىدۇ،ھەتتا ھاياتىدا قىلچە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ باقمىغان  قېرىنداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس،خۇددى ھاياتتىن زېرىكىپ ۋايسىغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتكەندەك كۆڭۈل كۆزۈڭ بىلەن ئەتراپىڭغا ئوبدان زەن سال ئۇكام.
         قىرىق كۈندىن بېرى ھەر ئويلىسام يۈرىكىمنى تىنىمسىز ئېتىشتۇرغان بىر ئىشنى ساڭا شۇنداقلا ئۆيدىكىلەرگە ئېيتمىغان ئىدىم، بۈگۈن ساڭا ئېيتىپ بېرەي.ئەقلىمىزنى تاپقاندىن بېرى دادامنىڭ كۆز يېشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ياق دەيسەنغۇ دەيمەن. توغرا مەنمۇ كۆرمىگەن.ئەمما مەن ياستۇقۇمنىڭ ئۈستىگە قالدۇرغان شۇ بىر پارچە خېتىڭنى دادامغا بەرگىنىمدە دادام بۇ ئۆمرىدە بىزگە كۆرسەتمىگەن كۆز يېشىنى يوشۇرۇپ قالالمىدى.گەرچە بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەرگەن بولساممۇ ،دادام سېنىڭ ھۇجراڭدا، مەن پېشايۋاندا تۇرۇپ ياش تۆكتۇق، يۈرىكىم شۇنداق ئېتىشىپ كەتتىكى ناركۇز قىلماي بىرەر يېرىمنى ئوپراتسىيە قىلىغان بولسىمۇ بۇنداق ئاغرىقنى ھېس قىلماس بولغۇيتتىم دەپ ئويلاپ قالدىم،كۆڭلۈمدىكىنى  ئېيتسام ،دادام سەن ئۈچۈن ياش تۆككەن بولسا شۇ دەقىقىدە مەن دادام ئۈچۈن ياش تۆكتۈم...
         مېنىڭچە بىز ئاتا-ئانىمىزدىن قانچە پەخىرلىنىپ يۈرگەن بولساق ئالدىمىز ئوقۇشىمىزنى تاماملاپ ئۆز ھاجىتىمىزدىن چىققۇدەك بولۇپ ،كەينىمىز ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا ئات سالغان بۈگۈندە ئۇلارمۇ ھەم بىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرگەن بولغىيتتى،بۇنداق دەپ سېنى ئۇلارنىڭ يۈزىنى يەرگە قاراتتىڭ دىمەكچى ئەمەسمەن بىراق سەن كۆڭلۈڭدىكى ئوبرازغا خىرە چۈشتى دەپ ئويلاشتىن ئاۋۋال شۇ  چاغدىكى ئۇلارنىڭمۇ ھېسياتىنى  ئويلاشنى ئۇنتۇپ قالما.يەنە بىر گەپ،بايا مەن دادام سەن ئۈچۈن ياش تۆكتى دىدىم ئەمما شۇنىڭ كەينىگە يەنە قانداق مەنالار يوشۇرۇنغىنىنى ئەقىل ئىگىسى بولغان سەن مېنىچە چۈشىنىپ يېتەلەيسەن.
         ئۇكام، ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭ چوڭقۇر ھاڭغا كىرىپ چىقالمايۋاتقان، نۇرغۇن ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلۋاتقان تالايلارغا نىسبەتەن كىچچىككىنە خاتالىق خالاس.بۇنىڭلىق بىلەن ھېچقاچان سېنىڭ كۆڭلۈمىزدىكى ئورنۇڭ ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق. سەن يەنىلا بىزنىڭ ئوبدان ئۇكىمىز .شۇنىسى يادىڭدا بولسۇنكى بىز ھامان سېنىڭ خاتالىقىڭىنى تونۇپ تېزراق قايتىپ كېلىشىڭىنى كۈتىمىز ئىشىنىمەنكى دادام بىزندىن ئۆتتە سېىڭ يولۇڭغا قاراۋاتىدۇ.گەرچە ئاتلىق غورۇرى ئۈستۈن كېلىپ چاندۇرمىغىنى بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى ،يولۇڭغا بىزدىن بەكرەك تەشنا،ھېچقاچان «بارسام مېنى قوغلاپ چىقىرۋىتەرمۇ؟»دىگەن بىمەنە ئويلار خىيالىڭدىن كەچمىسۇن.
         بىلەمسەن ئۇكام،سېنىڭ بىر ئېغىز گېپىڭگە - ئۆتكەن شۇ كۈنى دادامغا قاراپ ياش تۆككەندەك ياش تۆكتۈم. سەن ئاۋۇ كۈنى «دادام بىلەن پاراڭلاشمىغانغا بىر  ئاي بولدى ،دادامىنىڭ ئاۋازىنى سېغىنىپ كەتتىم» دىگەندە كۆز ياشلىرىمنى جوڭقۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم.بوغۇزۇمغا بىر نەرسە تۇرۇلۇپ قالغاندەك تىنالماي قالدىم.شۇ سۆزۈڭنى ئۈنگە ئېلۋىلىپ دادامغا ئاڭلىتىپ قويغۇم كەلدى-يۇ ئەمما بۇنىڭسىزمۇ دادامنىڭ ساڭا بولغان سېغىنىشى ماڭا ئايان بولغاچقا دادامنى ئۆتتەر ئازابلاشتىن قورقۇپ بۇ خىيالىمدىن كەچتىم.
         ھەي...قانداقلا بولمىسۇن بىكارغا ئاتا-بالا دىمەيدۇ دە؟ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە قانچىلىك نەپرەت بولسۇن ھامان  باش ئىگىدۇ. قېرىنداشلىق مۇھاببىتىمۇ شۇ،مەيلى ئارىدا قانچىلىك ئارازلىقلار يۈز بەرسۇن، ۋاقتى سائىتى كەلسە ئۆز كۈچىنى ھامان يوقاتمايدۇ .مۇشۇنداق تۈگىمەس مېھىر-مۇھاببەتلەرنى ئىنساندىن يىراق قىلمىسۇن ئىگەم. شۇڭىمۇ دەيمىزغۇۇ دۇنيا مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدەپ.
         ئىنىمغا ئېيتقانلىرىم ئوخشاشلا ئىنىم دىمەتلىك ئىنىلىرىمغا ئېيتقانلىرىم! كۆپۈنچى ھاللاردا ئوغۇللار ئۆزى مۇستەقىللىققا ئىگە بولغاندىن  باشلاپ ئۇلاربىلەن ئاتىلار ئارىسىدا ئاندا-ساندا سۈركىلىشلەر بولىدۇ. بۇ ھەرئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما شۇ بىردەملىك ئاچچىقىڭىزدا مەيلى ئۆيدىن چىقىپ كېتىڭ مەيلى ئېغىزىڭىزغا ئىگە بولالماي ئۇلار بىلەن تاكاللىشىڭ ئالدىڭىزدىكى سىز رەنجىگەن ھەم رەنجىتكەن كىشىنىڭ سىزنى كۆز ئالدىدىكى بۈگۈنكى سىز قىلىپ قاتارغا قوشقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
         پەرزەنت  ئىكەنسىز  سىزمۇ ئەمدى ئۆز بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىڭ ،ئۇلار كەتكەندە قىلغانلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ  ئاھ دەپ قالغۇچە،بارىدا ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلىڭ .ئەزىزلىرىڭىزنىڭ مۇھاببىتىگە قايتۇرغان پەرزەنتلىك مېھرىڭىزگەقاراپ ھەممە پاھ دەپ  قالسۇن.



گۈلۈم-ئاتئال يازمىلىرىدىن.
2013-يىلى4-ئاينىڭ19-كۈنى

mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 513
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5158
تۆھپە : 30
توردا: 522
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 10:26:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خاتىرىڭىز كىشىنىڭ قەلب تارىنى چىكىدىكەن. جەمئىيىتىمىزدە ھەقىقەتەن ‹‹ئايرىلىش›› كۆپىيىپ كەتتى، بىز ئىنىلىرىمىز، سىڭللىرىمىز بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، قىينچىلىقلىرىنى يېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز؛ پەرزەنت بولغۇچىلارمۇ ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ دىدارىغا قېنىپ، ئۇلارنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.

مېنىڭ ئىسمىم يوق!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  356
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1194
تۆھپە : 0
توردا: 765
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 12:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغۇللارنىڭ 16دىن ئاتلىغاندا روھى دۇنياسىدا بىر مەزگىللىك داۋالغۇش بولىدۇ،پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ خىل سۇس كەيپىيات،ئۆز -ئۈزىگە قانائەت قىلماسلىق،ئەتراپىدىكى كىچىككىنە ئىش ياكى ئادەملەردىن رەنجىش...ئۇلار ھەم شۇ يېشىدا مۇستەقىل ياشاشنى ئويلاپ قالىدۇ،روھىدا قۇتراۋاتقان بىمەنە خىياللار ئۈچۈن ئۆيدىن ئايرىلىپ ،ھېچكىملەرنىڭ باشقۇرشى،تەنبىھى بولمىغان بىر خىيالى مۇھىيىتقا ئىنتىلىدۇ...
بىز قېرىنداش بولغۇچىلار ئىنىللىرىمىزنىڭ شۇ يېشىغا كەيپىياتىغا قاراپ سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز،كۆپرەك سىردىشىپ يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرماسلىقىمىز زۆرۈر...
تېمىڭىز تولىمۇ ئەتىراپلىق يېزىلىپتۇ بەزى قورلارنى ئۇقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز تىنىم جۇغۇلداپ كەتتى،بۇ ھەر بىرىمىز ئۇقۇپ چىقىشقا ئەرزىدىغان تېما بوپتۇ...

مىھرىمدە ئېچىلغىن چوغلۇق گۈلىدەك، سەن ئۈچۈن سەكپارە ھامان بۇ يۈرەك....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  200
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 682
تۆھپە : 0
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 16:28:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ نېمە دېيىشنى بىلمەيلا قالدىم ، رەھمەتتىن ئېسىل سۆز بولمىسا كېرەك. قەلىمىڭىزگە قايىلمەن، تەربىيىۋىي ئەھمىىيىتى بار بولغان تېمىدىن بىرنى ئېلىپ كېلىپسىز .
  بۇنى ئوقۇپ   ھېلقى ئېزىز مامۇتنىڭ :« مېھمان قىلىپ كۈتىۋال »دېگەن ناخشىسى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ.

ئابدۇقەييۇم سامساق پاكزات

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  367
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 22:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھمان يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 12:25
ئوغۇللارنىڭ 16دىن ئاتلىغاندا روھى دۇنياسىدا بىر مەزگىل ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مەنمۇ بۇ تېمامنى كۆپرەك ئۇكىلىرىمنىڭ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلغان ئەپسۇس كۆرگەنلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىكەن.

ھەر بىر خەت،ھەر جۈملىدە بىر ھەقىقەت بار!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  367
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 141
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 22:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزات يوللىغان ۋاقتى  2013-4-20 16:28
ئوقۇپ نېمە دېيىشنى بىلمەيلا قالدىم ، رەھمەتتىن ئېسىل س ...

ئېيتقىنىڭىزدەك ئاز-تولا تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسىكەن دىگەن ئۈمىددە بۇ تېمىنى يازغان.

ھەر بىر خەت،ھەر جۈملىدە بىر ھەقىقەت بار!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش