كۆرۈش: 217|ئىنكاس: 0

تۇرسۇن ھۆسەيىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 757
تۆھپە : 2
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 12:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تۇرسۇن ھۆسەيىن"بۇژغۇن" ئەر،ئۇيغۇر،پارتىيە ئەزاسى،1964-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالمەت يىزىسى دۆڭئۆستەڭ كەنتىدە  دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىلى 7-ئايدا قەشقەر پىداگوگىكا  ئېنىستېتۇتىنىڭ جوڭگۇ تىل ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان.1986-يىلى8-ئايدىن ھازىرغا قەدەرھەر دەرىجىلىك،ھەر خىل مەكتەپلەردە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى،مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى،ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى ، ئېتتىپاق ياچىكىسىنىڭ سېكىرتارى ۋە مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ھەم مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
     تۇرسۇن ھۆسەيىن«بۇژغۇن»نىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1981-يىلى 10-ئايدا « يەكەن گېزىتى»دە  ئېلان قىلىنغان «داۋانلار ئاتلاشقا» ناملىق شىئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ھەردەرىجىلىك گېزىت-ژورناللاردا 350پارچىدىن ئارتۇق شىئىر ،باللادا ۋە ناخشا تېكىستلىرى،نەسىر،مەسەل،ھېكايە، لەپەر، بالىلار ئىتوتى ، ئەدەبى ئوچىرىكلىرى ئېلان قىلىنغان. «سەبىي كۇلكىلەر» 35000خەتلىك بالىلاريۇمۇرلىرى كىتاۋىنى نەشىرگە تەييارلىغان ھەمدە 1994-يىلىدىن1997-يىلىغىچە  ئۇدا توت يىل« تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا مەخسۇس«سەبىي كۈلكىلەر» سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ ئىلان قىلىنغان.«گۈلجەننەت »(ئالتە پەردە،يەتتە كۆرۈنۈشلۇك تارىخىي شېئىرىي دىراممىسى 2006-يىلى مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن دىرامما ئىجادىيەتلىرىنى باھالاش پائالىيتىدە يۇقۇرى باھاغا ئىرىشكەن) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرى بار.ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى كۆللىكتىپ توپلاملارغا،بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا دەرسلىكىگە
كىرگۈزۈلگەن.يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرى 1-،2-،3- ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن.
   تۇرسۇن ھۆسەيىن«بۇژغۇن» يەنە ئاخبارات ئىجادىيىتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى ئاخبارات-تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا 300پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان ھەمدە كۆپ قىتىم«مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
     ئۇ «مائارىپ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت»كە ئائىت ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھېكمەتلىرىدىن «مەن ۋە مائارىپ» تېمىسىدا 180پارچە ئىلان قىلغان. مەشھۇر پىداكوك سوخومىلىنىسكىنىڭ 200پارچىدىن ئارتۇق مائارىپ تەلىم-تەربىيىسىگە ئائىت ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ ئىلان قىلدۇرغان .
       تۇرسۇن ھۆسەيىن «بۇژغۇن» تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ ،كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلگەن.ئۇنىڭ تەتقىقات ئىجادىيىتى 1986-يىللىق«شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى»نىڭ 5-سانىدا ئىلان قىلىنغان «تىپىشماقلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر «كاتىگورىيە بىلەن ئۇقۇم چۇشەنچىسى توغرىسدا»،«ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار بىلەن سىياسى-نەزىريىۋى ماقالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى»،«يۇمۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئۆسمۈرلەرنى يىتەكلەشتىكى رولى»،«چۆچەكلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى»،«ئىدىئوملارنىڭ گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى»،«قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئىلمىي يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ؟»،«تېكىست ئوقۇتۇشىدا يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاشنىڭ زۆرۈرلىكى»،«ساپا مائارىپىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويغان تەلىپى»،«نەۋائىي لىرىكىلىرىدىكى ھايات گۇزەللىكىنى سۆيۈش ئىددىيىلىرىنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى بەدىئىي قېممىتى»،« نوۋەتتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلىلەر»،«بالىلار ئەدەبىياتىدا كۆرۈلىۋاتقان ئاجىزلىقلار...» قاتارلىق تېمىلاردا يېزىلغان 80پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان.  40پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى شەھەر ،ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي ماقالە مۇسابىقىلىرىدە 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن،بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى« جوڭگۇ ساپا مائارىپى مۇنەۋۋەر ماقالىلار قامۇسى» غا كىرگۇزۇلگەن.
ئۇ يەنە  ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبى ئىجادىيەت يىزىقچىلىقى بويىچە ئەستايىدىل تەربىيەلەپ، زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن.1990-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇدا شەھەر،ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەملىكەتلىك ماقالە-ئەسەر يىزىش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمۇ 1-،2-،3-ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتلىرىغا ، ئوزىمۇ كۆپ قىتىم«مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن.        
ئۇ  ھازىر جوڭگۇ پەن-تىخنىكا جەمئىيىتى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتىللاسى يىغىش سەۋەبى
گۈلخان1 + 100 --------
ئە.خ.ئەرتېكىن + 10

ھەممە باھا نومۇرى : تىللاسى + 110   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش