بۇ قېتىمقى كۇرسىمىز 4-ئاينىڭ 17-18- كۈنلىرىگىچە داۋاملاشتى. 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام، 18-كۈنى چۈشتىن ئاۋال ياش يازغۇچى پارھات ئىلياس، چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان قاتارلىقلار «ئىجادىيەت مەركىزى»مىزگە كېلىپ كۇرسانتلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجىربىلىرى، نۆۋەتتىكى ئىجادىيەت مەسىلىلىرى، ياش يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت يۈزلىنىشى قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى.
18-كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرياتىدىن ئابلىكىم ھەسەن، ئىلغارجان سادىق، ئەنۋەر ھەسەن قاتارلىقلار ئالاھىدە بىر «قوچقار»نى «يېتىلەپ» كېلىپ ياش يازغۇچىلىرىمىزنى يوقلىدى ۋە ئۇلار بىلەن كىتاپ نەشر قىلىش، ياش يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى.
ئاخىرىدا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن پولات ھېۋىزۇللا، ئىمىر ھەسەن قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى كۇرۇستىن خۇلاسە چىقىرىپ، كۇرۇس مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملاندى.