«‹كۈيزار› ياش كۈچلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش ۋە «80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ بىناسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئىلمىي دوكىلات زالىدا،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «‹كۈيزار› ياش كۈچلەر ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش ۋە «80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا مۇكاپات باھالاش ھەيئىتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇنىڭ سابىق باشلىقى ئىمىن ئەھمىدى ئاكا،ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ پېيفېڭ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى فىلىلوگىيە ئىنىستۇتىنىڭ پارتىگۇرۇپا شۇجىسى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شىيۇڭ خوڭجىيۇ، مۇئاۋىن رەئىسى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى پولات ھېۋىزۇللا قاتارلىقلار قاتناشتى. مۇراسىمغا شىيۇڭ خوڭجىيۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاندىن پولات ھېۋىزۇللا بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ تەسىس قىلىنىشى، يولغا قويۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە دوكىلات بەردى. ئىمىن ئەھمىدى ئاكا باھالاش ھەيئىتىگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى باھالاشنىڭ تەرتىپ ۋە جەريانلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئابدۇبەسىر شۈكۈرى بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاراپات ئابدۇرۇسۇل، ھەزرەتئېلى ئەلى قاتارلىق بەشەيلەننىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا غەيرەت ئاسىم (ئۇنىڭ يازما سۆزى ۋاكالەتەن ئوقۇلدى)، جاڭ پېيفېڭ قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلىپ بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ياش يازغۇچىلار ھەمدە كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىدىن ئۈگۈنىش،ئىجادىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
مۇراسىمدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 25 نەپەر 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»گە يۈرۈپ كەتتى.
|