شېن ۋېي شىئېرلىرىدىن
شەيخ ۋە ئۇنىڭ قىزى
تىمتاسلىق
مازارنىڭ كۆپكۆك قۇببىسى ئۆزرە،
ئۈگدەپ تۇرماقتىدۇر بىر جۈپ ئاق كەپتەر.
ئوقىغاندەك مەرسىيە ياكى قەسىدە،
چۆچۈپ ئاي نۇرىدىن بۇقۇلدار، ئۈنلەر.
پەيدا بولار شەيخ ھەم شەيخنىڭ قىزى،
شام كۆتۈرۈپ كىرىپ كېلەر لەھەت ئىچىگە.
سوغۇق شامال كېلىدۇ ئۇددۇل،
باقىنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوققاندەك
ئەلەڭشىپ يۈرىدۇ ئىككى كۆلەڭگە.
سۈكۈت
تازىم!
شەيخ ھەم شەيخنىڭ قىزى
خۇددى بۆشۈكتىكى بوۋاقنى باققانغا ئوخشاش،
ئاۋايلاپ سۈرتەر قەبرىدىكى توزاننى.
توققۇز قەبىلىنىڭ بېگى ياتىدۇ بۇندا،
شان ھەم سەلتەنەتنىڭ يارى ئەينىدە.
قۇرۇت–قوڭغۇزلارغا يەم بوپتۇ بۈگۈن،
قارىماس زىنھار ئۇلار ئەمدى كەينىگە.
تۆككەنچە ئاپئاق نۇر بوۋايغا،قىزغا
ھالقىپ تىمتاسلىقتىن شۇنداق خىرامان
تولۇن ئاي ئېسىلغان مازار ئۈستىگە.
قايتار شەيخ ھەم شەيخنىڭ قىزى،
چۈشىدە بۇقۇلدايدۇ بىر جۈپ ئاق كەپتەر
ئوقىغاندەك مەرسىيە ياكى قەسىدە.
پالنامە
–تۈرك يازمىلىرىغا تەقلىت
دەيدۇ:
ئالا–چىپار شۇڭقارمەن پۈتۇن
تىتىلىپ كەتكەن گىلەمدىن كۆچكەن.
توي ئۈزۈكى، پەيلەرمۇ يۈتتى
ياتماقتىمەن دەرەخ ئۈستىدە،
چىرايىمدىن غەملەرمۇ ئۆچكەن.
...چۈشۈنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ.
دەيدۇ:
قىزىل چاچلىق زالىم شاھ،بىر كەمپىرنىڭ چۈشىدە
باقار ئىكەن يۈز مۆشۈك بارخانلارنىڭ چېتىدە.
چەللىسىنى بورانلار كەتكەن تامام ئۇچۇرۇپ
بوردا نانغا زارۇ–زار يۈرسىمۇ گەر ئاھ ئۇرۇپ
قۇتۇلۇپتۇ ئۆلۈمدىن
ساپلىقىنى يالىغاچ ئولتۇرغانچە ئۆيىدە.
...چۈشۈنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ
دەيدۇ:
قاناتلىرى قاغىنىڭ توسىۋالغاچ ئاسماننى
قېرى بۈركۈت زىمىندا سەيلە قىلىپ يۈرىدۈ.
ئامان قالماس قوناقلار،بالىلارمۇ ھەم چاشقان
قېرى بۈركۈت بۇلارنى قاغىلاردىن كۆرىدۇ.
قىنى سىلەر ئېسىڭلار قاغىلارنى شاخلارغا،
قانىتىدىن چىڭ باغلاپ دەرەخلەرگە ئېسىڭلار.
...چۈشۈنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ
دەيدۇ:
يولۋاستۇرمەن ھالسىز،مادارسىز
باش–كۆزۈمگە سانچىلغان تىكەن.
ئالا بالداقلىرىم نۇرغا چۆمۈلگەن،
چۈشكۈرسەممۇ سوغۇق تەككەندەك
يالقۇن ھەيكىلى،ئالتۇننىڭ كۈلىدۇرمەن
يولۋاستۇرمەن، يولۋاس مەن دىگەن.
...چۈشۈنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ.
دەيدۇ:
يەردە تۇپراق،ئاسماندا تۇمان،
قۇش ئاداشتى ئۇچقانچە بىردىن .
كېتىۋىتىپ يوقالدى بالا،
ئانا ئايرىلىپ قالدى كۆزىدىن.
خۇدا ساقلىغاچ،
ئۇچرىشىپتۇ قەشقەردە ئۇلار،
شۇندىن ئۆزگە يەتتە يىل كېيىن.
خۇشاللىقتىن كۆزلەردە لىق ياش،
بالا يېنىدا
سەمەرقەنتلىك چىرايلىق كېلىن.
...چۈشۈنىڭلار بۇنى شۇنداق دەپ.
قۇملۇق ھوسۇلى
يامغۇر سۈيى سىڭدى قۇملۇققا،
قىزىق ئاپتاپ تىندى قۇملۇققا.
ئاپئاق قارلار چۆكتى قۇملۇققا،
تۆت پەسىل،ۋاقىتنىڭ تۆت پاي ئايىقى
كونىرىغاننچە قالدى قۇملۇقتا.
ئۇچقان قۇشلار مۆكتى قۇملۇقتا،
بۇلۇتلارمۇ يۈتتى قۇملۇقتا.
قەدەھلەمۇ چۆكتى قۇملۇققا
كالاملارنى تاماملاپ پىرلار،
تارقىلىشتى،پۈتتى قۇملۇقتا.
سۈكۈت،سۈكۈتكە سىڭمەكتە ئاستا،
چىقىۋاتقان ئۇ سۇسقىنە ئاۋاز،
ئوخشار بىركىمنىڭ
ئەڭ ئاخىرقى خۇرسىنىشىغا.
قىزلار ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ دالىدا
قىزلار ھۈپپىدە ئېچىلىپتۇ دالىدا،
قوللىرىدىكى زورلۇقلۇق ئوخشاپ قالار ئانارغا.
چىشلىۋالساڭ،ئىچىگە لىپلىق تولغان مۇھەببەت،
ئۇلىقىنى شۆھرەتنىڭ مىنگىنىچە ئىگەرلەپ
كېلەر ئۇلار زۇمرەتتەك سۈزۈك ئېقىن بويىغا.
نازۈك،يۇمران،ئۇز گۈللەر ھەسرىتىمنى قۇچماقتا،
ئۇلۇق ئاچتىم رۇجەكنى
شىئىر ۋە قۇش ساماغا لەرزان–لەرزان ئۇچماقتا.
بارماقتىمەن مەن ئۆرلەپ بويلىغانچە مۇنارنى،
پورەك ئاچقان گۈللەدەك شۇنچىلىك كۆپ قىزلارنى
يىغماقتىمەن ئورمىلاپ قەلبىمدىكى ئورغاقتا.
شېن ۋېي 1965–يىلى تۇغۇلغان.1990–يىلى ‹‹ئاسىيا كىندىكى››گېزىتى ئىدارىسىدە،2000–يىلىدىن باشلاپ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىئتىدە،ھازىر خەنزۇچە «غەربىي دىيار» ئەدەبىيات ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن،‹قىسقا ئارىلىقتا توختاش››، ‹‹ئىگىزلىكتىكى ھاڭ››،‹‹تۇزىڭىم،يولۇم›› قاتارلىق شىئىر توپلاملىرى،‹‹چۈش مەزگىلىدىكى شىئىر ئىلاھى››ناملىق ئوبزورلار توپلىمى ، «شىنجاڭ لۇغىتى» ناملىق نەسرلەر توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇ ئىلگىرى–ئاخىرى بولۇپ ‹‹لۇشۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى››، ‹‹مەملىكەتلىك ياشلار ئوقۇشلۇقلىرى مۇكاپاتى››ۋە ‹‹شىنجاڭ تەڭرىتاغ ئەدەبىيات–سەنئەت مۇكاپاتى›› قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئىلاۋە: تورىمىزنىڭ ئۆتكەنكى كاشىلىسى سەۋەبىدىن بەزى تېمىلىرىم يوقاپ كەتكەن ئىدى. تاپقانلىرىمىنى تولۇقلاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.