قۇم
شېن ۋېي
ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى
ساناپ باققۇلۇق قۇمنى،
گانگى دەرياسىدەك.
ساناپ باققۇلۇق چۆللەرنىڭ پايانىنى،
سەھرايى كەبىرنىڭ ئەرۋاھىنى.
قۇم ساپتۇر، سەنمۇ ھەم بىر تال قۇمدۇرسەن،
زەررە ھالەتكە قايتىسەن جىمجىت،
ئۆزۈڭنى چوڭ چاغلاپ تۇرساڭمۇ غاييەت.
ساناپ باققۇلۇق قۇمنى،
مۇبادا يۇلغۇنلاردىن بولمىسا ئاگاھ
بوشلۇقنىڭ ئۆزى ۋاقىتتۇر بۇندا،
قىزىل دېڭىزنىڭ يۈزى ئايان ۋاقىتتا.
مەغرىپ مەشرىقتۇر، شىمال جەنۇبتۇر،
مىسىر ھىندىستاندۇر،
تارىمدۇر يەنە سەھرايى كەبىر...
ھەممە تەرەپلەر يىغىلىپ بۇندا،
ئايلانماقتا يەنە بىر تاللا قۇمغا.
قېچىۋاتقان بولساڭمۇ يۇرت-ماكانىڭدىن،
ئەگىشىپ پەقەتلا بىر تامچە سۇغا،
يەنىلا ئەسىر بولارسەن قۇمغا...
ساناپ باققۇلۇق قۇمنى،
ئۇ تاكى كۆزۈڭدىن ئېتىلىپ چىققانغا قەدەر،
ۋە يەنە قەلبىڭگە سېرىلىپ ئاققانغا قەدەر...
沙
沈苇
数一数沙吧
就像你在恒河做过的那样
数一数大漠的浩瀚
数一数撒哈拉的魂灵
多么纯粹的沙,你是其中一粒
被自己放大,又归于细小、寂静
数一数沙吧
如果不是柽柳的提醒
空间已是时间
时间正在显现红海的地貌
西就是东,北就是南
埃及,就是印度
撒哈拉,就是塔里木
四个方向,汇聚成
此刻的一粒沙
你逃离家乡
逃离一滴水的跟随
却被一粒沙占有
数一数沙吧,直到
沙从你眼中夺眶而出
沙在你心里流泻不已……
بۇ شىېرغا خەنزۇ ئوبزورچىلىرى بەرگەن باھا:
قۇم، شېن ۋېي دائىم ئىشلىتىدىغان ئىماگلارنىڭ بىرى.
«قۇم» ناملىق بۇ شىئېردا «قۇم»دىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە نەرسە زور دەرىجىدىكى نەپسلىككە ئىگە قىلىنغان. شېن ۋېي ئالماسنى پارچىلاشتەك يۇقۇرى ماھارەت بىلەن بىر تال قۇمغا يالتىراقلىق بېغىشلىغان. بىز ئۇنىڭدىن «تەبىئىي قۇم»نىمۇ، «دىننىي قۇم»نىمۇ، «ئالەم قۇم»ىنىمۇ. «مەدەنىيەت قۇم»ىنىمۇ كۆرەلەيمىز.
«قۇم»نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغىنى، ئۇنىڭدا بىزگە يەتكۈزۈلمىگىنى، يەتكۈزۈلگەنلىرىدىن تولىمۇ كۆپ ئورۇندا تۇرىدۇ.
قۇرۇلما ۋە رېتىم جەھەتتىن «قۇم» ناملىق بۇ شىئېر تولىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ «قۇم»نىڭ مەدەنىيەت تىندۇرمىسى بىلەن شىئېرنىڭ ئىستىتىك بوشلۇقىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى موللۇققا ۋە كەڭلىككە ئىگە قىلىپ، ئۆلمەس شىىئېرغا ئايلانغان.
沙,是沈苇常用的意象
沙, 这首诗,将“沙”推向极致,沈苇用切割钻石的手法打磨了一粒沙,让我们从中看到了“自然之 沙”、“宗教之沙”、“宇宙之沙”、“文化之沙”。“沙从你眼中夺眶而出”是情感之沙,“沙在你心里流泻不止”又是灵魂之沙。
沙, 所包含的,没有说出的比说出来的要多得多。
在结构和节奏上,《沙》已经完美,前所未有地丰富和拓展了“沙”的文化意蕴与诗歌的美学空间,成为一首不死的诗歌