كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 9

yirtekin:مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2450
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 22:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن سۆھبەت

   ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىن باشلاپ مەيلى ژانىر، مەيلى تېماتىك مەزمۇن، ۋە مەيلى بەدىئىي قۇۋۋەت جەھەتتىن بولسۇن ئۆزگىچە جانلىنىپ، زور بىر تۈركۈم قەلەمكەشلەرنى باغرىغا ئېلىپ، سان ۋە ساپادا زور يۈكسىلىشلەر بولۇپ ئۆزىنىڭ يېڭى بىر باھارىنى كۈتىۋالدى. ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ جانلىنىش دەۋرى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن «يېڭى باسقۇچ»، «يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتى باسقۇچى» دەپ ئاتالدى.
يازغۇچى مەمتىمىنى ھوشۇر ئۆزنىڭ «ساراڭ »تىپىدىكى بىر يۈرۈش چاتما ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر ئارسىدا زور تەسىر پەيدا قىلدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى تېخىمۇ چۇڭقۇرلۇشۇپ ۋە يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرلۈپ يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقنى يېڭى بىر تارىخى باسقۇچقا ئەكىردى.
مەمتىمىن ھوشۇر 1944- يىلى غۇلجا شەھرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلدىن 1967- يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقتى « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىگە توغرا كېلپ قالغان بولغاچقا تاكى 1979- يىلغىچە يېزىغا چۈشۈپ چېنىققان. 1979- يىلدىن 1994- يىلغىچە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن چىقىدىغان « ئىلى دەريا »ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن ئېلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستنىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولغان. 1995- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، 1996- يىلى ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ 5- قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىيى ئىجادىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ شېئىرلىرى « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى » گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان، 50- يىللاردا « مېنىڭ ئانام» غا ئوخشاش ئەدەبىيى ئوچرىكلارنى يېزىپ قالدۇرغان.1965- يىلى « شىنجاڭ گېزىتى » دە « ئالما » ناملىق ھېكايسى بىلەن پىروزچىلىق ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. شۇ يىللاردا يازغان « ئاخىرقى سىناق»،« قىز قەلبى» قاتارلىق ھېكايىلىرى قوليازما ھالىتىدە تارقىلىپ ياشلار ئارسىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى پىروزا ئىجادىيىتى 70- يىللارنىڭ ئاخىرى 80- يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ رەسمى باشلاندى.
     مەمتىمىن ھوشۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپتىكى مەزگىلىدە «ئۇستام»،« سىناق »، « نەي ئاۋازى »، « يىراقتىن يېزىلغان خەت »،« ئىككى پارچە خەت »، « دېھقان »، « كونا – يېڭى ئىشلار »، « بۇغا » قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلەرنى يېزىپ ئۆزىنىڭ يېڭى پىروزچىلىق دەۋرنى باشلىدى. بۇ ھېكايىلەرنى ئادەتتە « ئەنئەنىۋى ھېكايىلەر » دەپ ئاتاشقا بولاتتى.
80- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە يازغۇچى ھېكايە ئىجادىيىتىدە دادىللىق بىلەن يېڭلىق يارتىپ ئىلگىركى ھېكايىلىرىدىن مەزمۇن، شەكىل، ئۇسلۇب قاتارلىق جەھەتلەردىن روشەن پەرىقلىنىدىغان « ھاراق توغرىسىدا ھېكايە» « سىم – سىم يامغۇر» «ئايخان»، « مۇساپىرلار قاۋىقىدا»،« بۇ چۈش ئەمەس »، قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلەرنى يېزىپ بۇ يىللاردىكى ھېكايىچىلىققا جانلىنىش ئېلىپ كەلدى، ۋە يېڭىچە ھاياتى كۈچ بەخش ئەتتى.
      ئۇنىڭ ھېكايە سەنئىتىدىكى ئىزدىنىشى 80- يىلارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتى ۋە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇ 1988- يىلى « ساراڭ » ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلدى، يازغۇچى شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھېكايە بىلەن مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشى بولغان « بۇرۇت ماجراسى»،« قىرلىق ئىستاكان »،« ئالتۇن چىشلىق ئىت »« چار خوراز»،« چوشقىلارغا بايرام »،قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلەنى يازدى. بۇ ھېكايلەر يېڭى دەۋىر ھېكايىچىلىقىمزىدىكى مۇنەۋۋەر « چاتما ھېكايىلەر » دەپ ئاتاش مۇمكىن.
ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك شۇكى:
1.ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە بايان ماھارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن. يازغۇچى بۈگۈنكى دەۋىر پىروزىچىلىقىدىكى « ھېكايە دېمەك،بايان قىلىش سەنئىتىدۇر » دېگەن چۈشەنچىگە ماس ھالدا،ھېكايىلەرنى ھەقىقى مەندىكى بايانچىلىق سەنئىتىگە ئايلاندۇرغان.
2.ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە تۇرمۇشتىكى ئاددى مەسىللەر بايان قىلىنىش ئارقىلىق ناھايىتى چۇڭقۇر ۋە ماھىيەتلىك بولغان ئىجتىمائىي مەسىللەر، ھاياتلىق مەسىللىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان.
3.ھېكايىلەر مەنە جەھەتتىن كۆپ قاتلاملىققا ئېلان قىلىنغان.
4. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى كۈچلۈك يۇمۇرستىك تۈسكە ئىگە قىلىنغان. كۈلگە ئاستىغا كىشىنى چۇڭقۇر ئويغا سالدىغان مۇلاھىزە تېمىلىرىنى يوشۇرغان. يۇمۇر ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزىدىكى ھەرخىل ئىللەتلەر پاش قىلىنغان.
      ئۇ ھېكايە ئىجادىيىتىدىن باشقا يەنە پوۋېست، رومان ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،«نۇزۇگۇم »، « سالام ھېسام ئاكا »، «خاسىيەتلىك قار »، « قۇم باسقان شەھەر » « سالچىلار » قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇندى.
     مەيلى ھېكايە ياكى پوۋېست ياكى رومان ئىجادىيىتى بولسۇن ئۇ توختاۋسىز ئىزدەنگەن يازغۇچى.ئۇنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرشكەن « سالچىلار » رومانى يۇقۇرقى دەلىلىمىزگە ئاساس بولالايدۇ. يازغۇچىنىڭ بۇ رومانى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كىتابخانلار ئارسىدا رومان قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالغان بىر جىمجىت كەيپىياتنى بۇزۇپ يېڭىدىن بىرخىل مۇنازىرە كەيپىياتى پەيدا قىلدى. بەزىلەر مەمتىمىن ھوشۇرنى بۇ قېتىمقى ئىجادىيىتى «قۇم باسقان شەھەر»گە يەتمەپتۇ، ئۇ بۇ روماننى نەشىردىن چىقىرىپ ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ چىكىنىش باسقۇچىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قاراشتى، يەنە بەزىلەر ئاپتورنىڭ بۇ رومانى ھەققىدە مۆتىدىل پوزىتسىيەدە بولۇپ ئىلمى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە يۇقۇرى باھالارنى بەردى ۋە مۇئەييەنلەشتۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئوقۇرمەنلەر ئارسىدا بۇنداق تەسىر پەيدا قىلىشنىڭ ئۆزى يازغۇچنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋاپىقىيىتى. ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ ئۆز ئەسىرى ئۈستىدە بۇنچىلىك گەپ بولۇنمىغان يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە.


     مەيلى قاندانلا بولمىسۇن يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ  يىڭىدىن كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن « سالچىلار » رومانى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز – تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭ پېداگوگېكا ئۇنۋېرستىتىدا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى ماگىستېر ئاسپرانتلىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى بۇ سۆھبەتكە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇردىن سىرت يەنە پرافېسسور،دوكتور يىتەكچىسى ،ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر  بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان؛شائىر، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت - ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،‹‹يازغۇچىلار تورى››نىڭ باش  مۇھەرىرى ئەيبۇ ياقۇپ قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بايان قىلدى،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى ۋەشىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ ماگىستېر ئاسپىرانتلىرى، ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كەلگەن ئەدەبىيات ئاشنالىرىدىن بولۇپ60 تىن ئوشۇق ئادەم سۆھبەتكە قاتناشتى ،ئىشتراكچىلار ئوقۇرمەن،ئەدەبىي تەنقىدچى، باھالىغۇچى،تەتقىقاتچى قاتارلىق سالاھىيەتلەردىن چىقىپ تۇرۇپ ‹‹سالچىلار›› رومانى ھەققىدە  مۇنازىرە قىلىشتى ،ئاخىرىدا روماننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى،يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ يازغۇچىغا تون كەيدۈرۈلدى.

     تۆۋەندە يىغىندىكى سۆھبەت خاتىرسنى ئەينەن ھالدا تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق، نەق مەيدانغا كېلەلمىگەن كەڭ ئوقۇرمەن ۋە تورداشلارنىڭ « سالچىلار » رومانى ۋە مەمتىمنى ھوشۇر ئاكىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرىدىن ئاز تولا پايدىلىنىشغا تۈرتكە بولسا ئىجەپ ئەمەس.


سوئال: ئالدى بىلەن مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنى روماننى قانداق جەريانلار ئاساسىدا يېزىپ تاماملىغانلىقى توغرىسىدا سۆزگە تەكلىپ قىلمىز!

مەمتىمىن ھوشۇر: بۈگۈنكى كۈندە سالچىلار ئاساسەن قالمىدى ھەم كىشلەر قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. بۈگۈنكى زاماندىكى ياشلار سالچىلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكنىمۇ بىلمەيدۇ. مەن بۇ رۇماننى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن ئوتتۇزغا يېقىن سالچىلار بىلەن كۆرۈشتىم.ھەربىرنى ئىزدەپ زىيارەت قىلىپ ئۇلاردىن ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىگەللىدىم،  بۇ روماننى يېزىپ چىقىشتىكى جەريانلار بىر ئاز مۇرەكككەپ.مۇشۇ تەرىققىدە ئىككى يىل ئىزدەندىم.غۇلجا، مۇز داۋان، ئاقسۇ،ھەتتا قەشقەرنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىگە بېرىپ ئەمەلىي ئەھۋاللارنى كۈزەتتىم. بۇ ئىككى يىل جەرياننى مېنىڭ ماتىريال توپلاش، ئۈگۈنىش باسقۇچۇم دېسەممۇ بولىدۇ، ئاندىن يەنە  ئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ روماننى  يېزىپ تاماملىدىم. ئاخىر بۇ رومان ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

سوئال:   سىزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇب ياراتتىڭىز، سىزنىڭ مۇشۇنداق ئۇسلۇب ئالاھىدىكىڭىز ئىجادىيەتتە قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىجادىيەت ھاياتىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر ۋە يازغۇچىلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟

مەمتىمىن ھوشۇر :مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان، بىز ئوقۇغان ۋاقىتتا دەرىسلەر كۆپ ئەمەستى، بىزگە نان بەرگۈدەك ئەدەبىيات بىلىملىرى ۋە نەزەرىيەلەر سۆزلەنمەيتتى،كۆپىنچە دەرىسلەرنىڭ سىياسى خاھىشى كۈچلۈك ئىدى. يازغۇچىلىق ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولدىغان جەريان ئەمەس. مەن كىچىكىمدىن يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغان. غۇلجىدا ياتاقتلىق مەكتەپتە ئوقۇغان. بۇ خىل ياتاقلىق شارائىت مېنى كۆپ ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن.مېنى ئىشقا سالدىنغان ئادەم بولمىغاچقا كىتاپ ئوقۇيدىغان ۋاقىتقا ئېرشەلىگەن ئىدىم.شۇ چاغلاردىن باشلاپلا  مەن كۆپۈنچە سوۋىت ئەدەبىياتنىڭ ۋەكىللىك  رومانلىرىنى ئوقۇشنى باشلىغان. ئۆزىمىزدە چىقىدىغان كىتاب – ماتىرياللار ئانچە كۆپ بولمىغاچقا مەن كۆپىنچە سوۋىت رومانلىرىنى ئوقۇغان ئىدىم. ھازىر ئويلىسام مېنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىمغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بىر قانچە كىتابلارنى ئېيتىپ بېرەلەيدىكەنمەن، بۇلارنىڭ بىرى «ھېندى ھېكايىلىرى»،يەنە بىر «ئەرەب پىروزىسى»، يەنە بىرى «مۇھەببەت، بۇرۇچ» دەيدىغان سوۋىتنىڭ بىر كىتابى ئىدى. بۇ كىتاپلارنىڭ مىنىڭ ئىجادىيىتمىگە تەسىر كۆرسەتكەن، مەن ئويلىسام، ھېكايە يېزشىمدىكى يىتەكچى تەسىرلەرنى شۇ كىتاپلار بەرگەن ئىكەن. ئەمدى خاسلىق ئۇسلۇپ مەسلىسىگە كەلسەك، بۇنى مەنمۇ ئويلاشمىغان، خاسلىق دېگەن سۆزدىن قارساق ئۆزگىچە باسقىلارغا ئوخشىمايدىغان دېگەن بولسا كېرەك، بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىنى ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدەبىيەت تەتقىقاچىلىرى ماڭا بەرگەن باھاسى بولسا كېرەك.بۇمۇ بەلكىم مېنىڭ ھېكايە ئەسەرلىرىمنىڭ باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پەرىقلىق بولۇشىدىن پەيدا بولغانمىكىن دەيمەن.

سوئال:ئىجادىيەت ھاياتىدا بەزىلەر سىزنىڭ سېھرى رېئالىزىم توغرىسدا ئەسەر يازدى دەيدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


مەمتىمىن ھوشۇر: بۇ ئۇقۇمنى مەنمۇ بىلمەيمەن، بۇ خىل ئەدەبىيات ئۇقۇملىرىنى نەزەرىيىۋى كىتابلاردىنلا بىلدىم. مەن يېزىشتىن بۇرۇن ئۇ ئېقىملار توغرىسدا ھېچنىمە ئويلىمىغان. ھازىرمۇ بۇ خىل ئېقىم ، ئىزىملار توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن، ھەتتا نۇرغۇن قېتىم باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئۇ ئېقىم بۇ ئېقىم دېيىشكىننى ئاڭلىغاندا ئۆيگە كېلىپ شۇ ئەسىرىمنى  قايتا ئوقۇپ چىقىمەن. ئەمما ماڭا بەرگەن تەسىرى يەنىلا ئوخشاش، مەن ئۆز ئەسەرلىرىمدىن باشقىلار دېگەن ئامىللارنى بايقىيالمىدىم. بىر يازغۇچىنىڭ ئەسەر يېزىشتىن بۇرۇن ئۇنداق ئۇقۇملار، ئېقىملار كاللىسىدا  ئەسلا بولماسلىقى مۈمكىن.مانا بۇ يېچىقچىلىق بولسا كېرەك.

سوئال: سىزنىڭ «سالچىلار»رومانىڭىز نەشىردىن چىققاندىن كېيىن  يالقۇن روزى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى، سىزمۇ بەلكىم شۇ ئوبزورنى كۆرگەن بولشىڭىز مۇمكىن،مۇشۇ ئوبزور ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قاراشلىرى بويچە بەدئىي ئەسەردە بەدىئېلىك بىلەن تارىخ ئوتتىرسىدىكى مۇناسىۋەتكە قارىتا ئويلىغىنىڭزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

مەمتىمىن ھوشۇر: يالقۇن روزىنىڭ مېنىڭ رومانىمغا ئوبزور يازغىنىدىن مەن بەك خۇشال. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەن ئۈچۈن ئىنكاس بەرگىنى مىنىڭ مۇۋاپىقىيتىم.ئىجادىيەت جەريانىدىكى جاپالىرىمنىڭ ھاردۇقى.ئەمدى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەرخىل پىكىرلەرنى بېرىشى ئۆزنىڭ ھوقۇقى.ئۇلار ھەرخىل پىكىرلەنى بەرمىگەن بولسا ئوقۇرمەنمۇ بولمىغان بولاتتى.باشقىلارنىڭ بۇ ئەسەرگە  «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» بىلەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نى ئاساسلىق كىرگۈزمىدى دېگەنگە قارىتا چۈشەنچە بەرسەم،بۇ  رومانىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسى، مەقسىدى ئەمەس، ئۇنداق بولغاندا تېمىدىن چەتنەپ كېتىمەن. مېنىڭ ئەكىس ئەتتۈرمەكچى بولغىنىم سالچىلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نوقۇل ھالدىكى تارىخى رومان ئەمەس، پەقەت بىزدىكى سالچىلار توغرىسىدىكى بايانلار سۆزلەنگەن بەدئىي ئەسەر.ئەمدى  بىر قىسىم پىرسوناژلار سالچى ھەم باشقا سالاھىيەتتە بولغاچقا بىرقىسىم تارىخىقا ئائىت بايانلار كىرگۈزىلمىسە بولمايدۇ.تارىخنى بايان قىلىش بۇ روماندا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسىي ئىدىيە ئەمەس. سالچىلارنىڭ ھاياتىغا، تۇرمۇشىغا، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى يورۇتۇپ بېرىشكە ياردىمى تېگىدىغان تارىخنى چوقۇم يېزىش كېرەك، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولمىغانلىرىنى يازمىساقمۇ بولىدۇ. روماندا ئەخمەتجان قاسىمنىڭ سالغا چىقىپ ئۆتكەنلىكى خاتىرلىنىدۇ، بۇ راسىت بولغان بىر ئىش بولغانلقتىن يازدىم.
  ئەمدى تارىخ بىلەن بەدئىي ئەسەردىكى تارىخقا قارىتا  مېنىڭچە بولغاندا، ئەدەبى ئەسەر تارىخنى غۇۋا ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك، ئەدەبىي ئەسەردىكىسى تارىخ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئەسلى تارىخنىڭ ئۆزى ئەمەس. غۇۋالىق ئىچىدىن ئۇقۇرمەنلەر ئەسەرنى قايتا يارىتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئېگە بولالىشى كېرەك.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىز تارىخنى يېزىش بىلەن بىرگە كىتابخاننى تۇتۇپ قالالايدىغان بەدىئىي مۇھىتنى ھەم يارىتالىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. بولمىسا ئۇقۇرمەننى زېرىكتۈرۈپ قويىسىز.


سوئال: بەزىلەر سىزنى ھاراقكەش، قىمارۋاز پېرسوناژلار ئوبرازىنى ياراتتى دەپ قارايدىكەن،بۇنىڭغا قارىتا  بىر قىسىم پېرسوناژلار ھەققىدە ئويلىغىنىڭزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

مەمتىمىن ھوشۇر: سالچىلار ئۆزى شۇنداق ئادەملەر. مەن سالچىلار ھەققىدە ئىككى يىل ئىزدەندىم. ئوتتۇزدەك سالچى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدىم، سالچىلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار، سالچىلارنىڭ دەپ بەرگەنلىرى ئاساسىدا، مېنىڭ مۇۋاپىق تەسەۋۋۇرۇم بىلەن بۇ رومان روياپقا چىقتى.ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۆزى توقۇلما بىلەن  چىنلىقنىڭ بىرىكمىسى،بۇنىڭدا توقۇلما دېتاللارمۇ بار چىن خاراكتېر ۋەقەلەرمۇ بار،  ئەگەر سالچىلارنى ئەينى بويىچە يازمىساق، ئۇنداقتا ئۇلار سالچىلار بولماي قالىدۇ. ھېچقانداق ئادەم  نۇقسانسىز بولمايدۇ، قەھرىمانلارمۇ ئوخشاش. ئۇلار (سالچىلار) ئىنتايىن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئەمگەكچىلەر. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقى- جان تىكىپ تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلغانلىقىدا، مەن ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى تۇرمۇشتىكى نۇقسانلىرى بىلەن قۇشۇپ مەدھىيلىدىم.بۇلارنىڭ ھەممىسنى كىتابخانلارنىڭ ئارزۇسى بويچە ياراتقان بولسام ئۇلار سالچىلارغا ئوخشىماي قالىدۇ.

سوئال، سىزنىڭ« ئالتۇن چىشلىق ئىت»،« چار خوراز» ،«چوشقىلارغا بايرام»، «داپ »، ساراڭ تىپىدىكى ھېكايىلىرىڭىز ھېلى ھەم دەۋىردىن قالغىنى يوق. سىز نىڭ تېما تاللىشىڭىز ناھايىتى ئالدىن كۆرارلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تۇرمۇش ئۈگۈنىشتىكى تەجرىبىلىرىڭىزى سۆزلەپ بەرسىڭىز.

مەمتىمىن ھوشۇر:بىر قىسىم «ساراڭ» تىپىدىكى ھېكايە، ۋەقەلىكلەر بىزنىڭ چۆچەكلىرىمىزدە بار، بۇ خىل مۇتۇفلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش شۇ چۆچەك ئۇسۇلىدىن كەلگەن، مانا  بۇ ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچى.تۇرمۇش ئۈگۈنىشكە كەلسەك، مېنىڭ ھېكايىلىرىمنىڭ ھەممسى ۋەقە خالاس، مەنمۇ ھېكايە يېزىشنى ۋەقەنى بايان قىلىش دەپ قارايمەن.ئەمما بۇ ۋەقەنى قانداق بايان قىلىش مەسلىسى بار.سىز بىر ۋەقەنى تاللىغان ئىكەنسىز شۇنى چوقۇم ياخشى يوللار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرالايدىغان ئۇسۇلدا بايان قىلىپ بېرشىڭىز كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن ھېكايە پەقەت ۋەقەلەر دۆۋىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، شۇ خىل ۋەقەنىڭ كەينىگە مۇئەييەن قاراش پىكىر سىڭڭەن بولۇشى كېرەك، مېنىڭ ھېكايلىرىمدىكى بۇ خىل ئوي – پىكىرلەر كىتابخانلارغا قالدۇرۇلغان. مانا  بۇ ئەسەردىكى ۋەقە بىلەن مەنە ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىش، تۇرمۇش ئۈگۈنىشكە كەلسەك، مەن يېنىمدىن بىر خاتىرە – دەپتەرنى ئايرىمايمەن، نەدە بىر قىزقارلىق ۋەقە، گەپ – سۆزلەر بولسا دەرھال خاتىرلىۋالمەن، بۇلار كېيىنچە بىر ياكى بىرقانچە ئەسىرىمنىڭ دېتاللىرى بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە نۇرغۇن ۋەقەلەردىن بىر ئەسەر يېزىپ چىقىمەن، بەزىدە بۇ دېتاللار ئىشلىتىلمەيمۇ قالىدۇ، قىسقىسى بىز شۇ خىل ۋەقەلەرنى باياشقا ماھىر بولىشىمىز كېرەك.

سوئال: ئىزلەنمە تىپىدىكى ھېكايىلىرىڭىز تېلۋىزىيە تىياتىرى قىلىنىپ ئىشلەندى.سىنارىيە قىلىنغىندىن سىز رازىمۇ، سىنارىيە بىلەن ئەسەر ئوتتۇرسىدا قانداق پەرىقلەر بار؟

مەن« قىرلىق ئىستاكان »بىلەن  «بۇ چۈش ئەمەس »تىن رازى، قالغان ھېكايە سىنارىيەلەر ئەسەردىن چەتنەپ كەتكەن. بۇمۇ بەلكىم كېنو – تېلۋېزىيەنىڭ خاراكتېرلىنىشى بىلەن بولسا كېرەك.

سوئال:ھېكايە، رومان ئىجادىيەتلىرىڭىزدە چىنلىق، تارىخ بىر بىرىگە ئوخشىمىغان يوسۇندا زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزچە ئەدەبىي ئىجادىيەتچى تارىخنى قانداق چۈشنىشى كېرەك، ئەسەرلەردە تارخنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك.

مەمتىمىن ھوشۇر: بىزمۇ تارىخى ئەسەرلەرنى يازغاندا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى بىلىملەرنى كۆرىمىز، مىنىڭ نەزىرىمدە ئەدەبىيى ئەسەردىكى تارىخ شۇ خىل تارخنى غۇۋا ئىپادىلەپ بېرىش كېرەك، قالغاننى كىتاپخانىغا قويۇپ بېرىش كېرەك، كىتابخانلارنى جەلىپ قىلدىغان بىرخىل بەدئىي مۇھىت يارتىش كېرەك.

سوئال: بۇ ئەسەر سالچىلارنىڭ ھاياتىنى ئاساس قىلىپ يېزىلىپلا قالماي، بىزنى ئىنتايىن مۇھىم  بىر قاتناش يول خەرىتىسى بىلەنمۇ تەمىن ئېتىدىكەن، مەدەنىيەت ئابىدىلىرىمىزىدىن بىرى بولغان يىپەك يولى بىلەن قەدىمكى بىر كىچىك يۇرت «تۇڭگان مازار»، «ئۆدەكلىك» دىگەن يەرلەردىن تارتىپ ، مۇز داۋان يوللىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان، شۇڭا بۇ ئەسەر بىزگە تارىخ، جۇغراپىيە، فوللىكلور تەرەپلەردىن زور مەلۇماتلارنى بىرىدىكەن،بۇ رومانغا يەنە 80 دىن ئارتۇق خەلق قوشاقلىرى كىرگۈزۈلگەن، مەدداھلىق ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن، لەقەم قويۇش ئادىتى توغرىسىدىمۇ بايانلار بار، 170 دىن ئارتۇق كىشى تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ لەقىمى بار ئىكەن. ئۇلار ئەسەردە قىزىقارلىق يۇمۇرستىك مۇھىت پەيدا قىلغان. بۇلاردىن باشقا، سەپەرداشلىق، قېرىنداشلىق ئامىللىرىمۇ مۇھىم ئورۇن ئاپتۇ. بۇ سەپەر جەريانىدىكى ھازىرقى ناچار ئادەتلەرگە قارىغاندا مۇھىم سېلىشتۇرۇش بوپتۇ. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ، سالچىلار ئورمان كىسىدىغان كىشلەر ئىكەن، سىز بۇ خىل ھادىسىنى مەدھىلىگەنلىك بولمىسۇن ئۈچۈن، دەل دەرەخنى كەسمەسلىك، مۇھىت قوغداشتىكى ئىددىيەلىرىڭىزنىمۇ سىڭدۈرۈپسىز. يەنە بىر قىسىم ۋەقەلەرنى سىز توقۇغان مۇ ياكى شۇنداق ئىشلار بارمىدى؟مەسلەن: بالىسى دادىسى بىلەن چېلىشىدىغان ۋەقەلەرگە ئوخشاش.


مەمتىمىن ھوشۇر: بۇ خىل سانلىق مەلۇماتلارنى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن، سىلەر مېنىڭ ئەسىرىمنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئوقۇپسىلەر، سىلەرگە كۆپ رەھمەت. سالچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەقىمى بار، بەزىلەرنىڭ لەقىم بەك سەت، بەتبەشرە ھالەتتە، يەنە بەزىلەر لەقىمىنى چاقىرمىسا خاپا بولىدىغان كىشلەر بار. پېرسوناژلار ئىچىدە.يول خەرىتە، جۇغراپىيە تۈسىگە نىسبەتەن، بۇ ئەسەر بىر بايان خاراكتىرلىك .ئەسەر ، بۇ خىل ئەسەرلەر پېرسوناژلارنى تولىمۇ زىرىكتۇرۇپ قويدۇ، شۇڭا فوللىكلور ئامىللىرىنىڭ بولۇشى يەنە بىر خىل قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى.سەپەر دىگەن ئەسلى بۇرۇن بوپتىكەن، ھازىرقىسى سەپەر ئەمەس. بىز ھازىر ئېسىمىزدىن چىقمىغۇدەك سەپەرلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزەلمەيمىز، زامانىۋىي قاتناش ۋاستىلىرى بىزنى بۇ خىل ھوزۇرلىنىشتىن مەھرۇم قىلسا كېرەك.  دادىسى بالىسى بىلەن چېلشىدىغان ۋەقەگە كەلسەك، بۇ ئەمدى ئۈگەي دادىسى بولغاندىكىن قاملىشامدىكىن دەيمىنا! (كۈلكە) بۇ ۋەقە توقۇلما ۋەقەدۇر.


سوئال:ئۆمەر مەدداھ ئوبرازى ئوقۇرمەنلەردە ياخشى تەسىر پەيدا قىلىدى. ئۆمەر مەدداھنىڭ ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىشىدە قانداق ئويلىدىڭىز، نىمشقا مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇردىڭىز؟ نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر بۇ پېرسوناژنى بالدۇر ئۆلتۈرۈپ قويغان دەپ قارايدىكەن، ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە بۇ ھەقتە دەيدىغانلىرىڭىز بارمۇ؟

مەمتىمىن ھوشۇر:بۇ پېرسوناژنى ئۆلتۈرۋەتمىسەم، ئۇ غۇلجىغا بارسا ماڭا «يۈك» بوپ قالىدۇ. شۇڭا شۇ خىل ئورۇندا ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتىم. مۇز داۋاندا ئۆلتۈرۋەتتىم، يەنە كېلىپ داۋاننىڭ چوقۇسسىغا چىققاندا.(يەنە كۈلكە)

سوئال:  بۇ روماننىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى «قۇم باسقان شەھەر»گە يەتمىدى دېگەن قاراش بار، بۇنىڭغا نىسبەتەن ئوقۇرمەنلەرگە دەيدىغانلىرىڭىز بارمۇ؟

مەمتىمىن ھوشۇر:«قۇم باسقان شەھەر» باشقا تىپتىكى، تەسەۋۋۇر ئاساسىدا يېزىلغان ئەسەر. بۇ ئەسەر ئۈچۈن 10 يىل ئويلاندىم، ئاندىن ئىككى يىلدا يېزىپ چىقتىم. ئەمدى بۇ «سالچىلار»دا بولسا، بىزنىڭ ئەنئەنە ئاساسىمىزدىكى رېئال ۋەقەلەر يېزىلغاچقا ئەسەر توقۇلما بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدا راۋاجلىنىپ بارىدۇ. ئەمدى بەك توقۇلما بولۇپ كەتسىمۇ ئېستىتىك زوق بېرەلمەيدۇ، بەك چىن بولۇپ كەتسىمۇ بۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر بولماي قالىدۇ. ئەسەردىكىلەر بەدئىي توقۇلما، راس ئىشلار خاتىرىسىمۇ بار ئەلۋەتتە، ئىككىنجى قىسىمى ھەقىقىي چىن ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن قىسىم شۇ. ئەسەر  يېزىش بەزىدە خۇددى تاماق ئەتكەنگە ئوخشاپمۇ قالىدۇ، تازا ئوخشىتىۋېتەي دەيسىز - يۇ ، ئۆيگە مېھمان كەلگەن چاغدا قاملاشماي قالىدۇ. (قاتتىق كۈلكە)  ھەممە يازغۇچى ياخشى يازسام دەيدۇ، لېكىن كۆپۈنچە ئۆزى ئويلىغاندەك  يېزىپ كەتكىلى بولمايدۇ،ھەربىر    يازغۇچىنىڭ بىر پۇشايمىنى ئۆز ئەسىرى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن« ھەي ماۋۇ يەرنى مۇنداق يازسام بوپتىكەن...»  مانا بۇ ھەممە يازغۇچىنىڭ ئورتاق ئىچكى ھېسسياتى.يازغۇچىلار بىر ئۆمۈر ئەسەر يېزىپمۇ ئۆزىدىن رازى بولماي كىتىپ قالىدۇ. بۇ روماننىڭ  «قۇم باسقان شەھەر»دەك بولالماسلىقى ئىككى روماننىڭ تېما ئالاھىدىلىكى ۋە بايان ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىدۇر، مېنىڭ ئەسەرلىرىم مېنىڭ باللىرىم، بۇ ئىككىلا رومان مېنىڭ نەزىرىمدە ياخشى چىققان رومانلاردۇر، قالغىنى كىتابخانلارنىڭ ئەركىنلىكى. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىگە بارالمىغان بولسام كېرەك.
         

سۆھبەت ئىككى سائەتچە داۋام قىلدى، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ناھايىتى ئەركىن-ئازادە پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ يىگىرمىگە يېقىن سۇئالىغا جاۋاپ بەردى، شۇنىڭدەك ئوبزورچىلارنىڭ رومانى ھەققىدە ئوبزور يازغانلىقىدىن خۇش بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «بىر پارچە ئەسەر نەشردىن چىقتىمۇ بولدى، ئۇ ئوقۇرمەننىڭ بولىدۇ، ئۇلار ئەسەرگە باھا بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەگەر بىزنىڭ ئەسىرىمىزگە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىسا، بىزنىڭمۇ ئىچىمىز سىقىلىپ قالىدۇ، شۇڭا ئوبزورچىلارنىڭ ئەسىرىمىزگە قارىتا ئوبزور يېزىشى ياخشى ئىش» دېدى ئەڭ ئاخىرىدا: «خەلق ئەڭ ئادىل ئوبزورچى، ئۇنىڭدىنمۇ ئادىل بىر ئوبزورچى بار، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت» دەپ سۆزىنى ئاياغلاشتۇردى.
   ئازات سۇلتان ئەپەندى سۆھبەتتىن قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىپ: «يازغۇچى مەمتمىن ھوشۇر ئـۇيـغـۇر يازغۇچىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان، ئۇقۇرمەنلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن يازغۇچى. ئۇ كۆپ يازمايدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمىگۈدەك ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ خەلققە سۇنىدۇ. ئۇ رايونىمىزدىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ خېلىلا تۇنۇلغان، بىرقىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، خەنزۇ ئوقۇرمەنلەر بىلەنمۇ يۈز كۆرۈشكەن...›› دېدى.
ئاخىردا مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەلىك، ئائىلىسىگە تېچ- ئامانلىق تىلەيمىز!!

مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:

m.hoxur-1.png


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-15 21:18  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1083
تۆھپە : 0
توردا: 465
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 00:21:27 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆھبەت سۇئاللىرى بەك قالتىس بوپتۇ... مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمۇ كۆڭلىدىكىنى ئەركىن ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ... چوقۇم ئاڭلايدىغان سۆھبەتكەنتۇق، پۇرسەت بولمىغىنىدىن ئەپسۇسلاندىم...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1846
يازما سانى: 389
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1415
تۆھپە : 0
توردا: 249
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 00:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرى مېنىڭ ياخشى كۈرۈپ ئۇقۇيدىغان  ئەسەرلىرىم ئىدى  .سالچىلار ..رومابنىنى  بىر  ئۇقۇپ چىقسام  بولغۇدەك

سەمىمىلىك  مېنىڭ قىبىلنامەم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  222
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 260
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 11:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مۇندىن 16 يىل بۇرۇن ئۇستاز  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹ قۇم باسقان شەھەر » رومانى توغۇرسىدا بەس - مۇنازىرە قايناپ كەتكەن. 16 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئىككىنچى رومانى بولغان « سالچىلار » ئەدەبىياتىمىزدىكى يەنە بىر قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى. مۇنازىرىنىڭ بولغىنى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش. مەيلى جەمىيەت، مەيلى تور، مەيلى مەتبۇئات يۈزىدە بولسۇن «سىلچىلار » ھەققىدىكى كۆزقاراشلار، چۈشەنچە ۋە تەسىراتلار خىلمۇ - خىل بولىۋاتىدۇ. گەپنى ئوچۇقراق قىلىپ ئېيىتساق، تولىمۇ ئاز بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئىستېتىك تەلىپىنى « قۇم باسقان شەھەر » رومانى ئۆلچىمىدە قويۇۋېلىپ، ئەسەر بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئاپتورىنى چۆكتۈرمەكچى بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پىرىنسىپىغا تۈپتىن يات  قىلمىشتۇر.
      مۇشۇنداق ئەھۋالدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستېتىدا يازغۇچىنىڭ « سالچىلار » رومانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى تولىمۇ جايىدا ئىش بوپتۇ. چوڭ تىپتىكى ئەسەر بولغانىكەن ئەلۋەتتە ئۇنى نوقساندىن خالىي دېيەلمەيمىز. كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرى بولسا، ئىلمىي، دوستانە ئوتتۇرغا قويايلى.  ئۆز ئىرادىمىزنى باشقىلارغا  زورلاپ تېڭىشتەك مۇقامدا يوق ئىشلار ئەدەبىياتىمىزغا ياخشى يۈزلىنىش ئېلىپ كەلمەيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 0
توردا: 264
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 15:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ پىشقەدەم يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمىزدىن سورايدىغان 10نەچچە سوئالىم بار ئىدى.بۇ سوئاللار ئىچىدە مەن ئويلىغان سوئاللار يوق ئىكەن،شۇنداق بولسىمۇ سۆھبەت ئېسىل ئېلىپ بېرىلىپتۇ.خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1612
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 122
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 19:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ سۆھبەتتىن مەنمۇ بەكلا زوق ئالدىم،  سۈرەتتىكى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان بىر ئاغىنەمنى كۆرۈپ تىخىمۇ خۇش بولدۇم! ئىليار تىخىمۇ تىرىشقىن ئاداش، بۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك بولۇپ تۇرسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  141
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 308
تۆھپە : 0
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 19:55:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئەنجۈمەن بوپتۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2484
تۆھپە : -2
توردا: 831
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 21:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  1. 1013-يىلى 4-ئاينىڭ 13- كۈنى
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بۇ يىلنامىنى ئوڭشاپ قويۇڭلار، 1000 يىل ئارقىسىغا كېتىپتۇ!

باھا سۆز

bagyar  ئوڭشاپ قويۇلدى، لېكىن ئۇزاققىچە كۈلدۈم.  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 21:19:28
شېئىر تاغنى تالقان قىلالمىسىمۇ، روھنى ساپلاشتۇرالايدۇ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  257
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 50
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 15:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ پىشقەدەم يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىمىزدىن سورايدىغان 10نەچچە سوئالىم بار ئىدى.بۇ سوئاللار ئىچىدە مەن ئويلىغان سوئاللار يوق ئىكەن،شۇنداق بولسىمۇ سۆھبەت ئېسىل ئېلىپ بېرىلىپتۇ.خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

مارشال ئىنىم، ئاشۇ سورايدىغان سوئالىڭىزنى بىزگە ئەۋەتىپ بېرىڭ، بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىزدىن سورايدىغىنىم سەھىپىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىكەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2450
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 41
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 16:21:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئاللار بولسا يەنە مۇشۇ تېما ئاستىغا يېزىپ قويساڭلار  بۇ سوئاللىرىڭلارغا  قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرشىسىلەر!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش