«20– ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى» ناملىق كىتاب قازاقىستاندا نەشردىن چىقتى.
ھەر بىر جەمئىيەت تەرەققىيات يولىدا يېڭىلىقلارغا، ئىسلاھاتلارغا موھتاج بولىدۇ. بۇ تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئەنە شۇلارنى ۋاقتىدا بايقاش ھەم ئۇنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش تەرەققىيپەرۋەر، دانىشمەنلەرگە تەئەللۇقتۇر.
يېڭى باشلانمىلار ھەرقاچان توسالغۇلۇقلارغا، قارىمۇ قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇنىڭ تەشەببۇسكارلىرى ھەتتا نابۇت بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق تارىخ ئۇلارغا موشۇ ۋەزىپىنى يۈكلىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۆز نىشانىدىن قايتمايدۇ.
يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋەتىنىمىزدە مائارىپ ساھەسى بويىچە دەۋر ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق يېڭىلىقلار، ئىسلاھات بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۇغۇلغىنىغا بۇيىل(2012) 150 يىل تولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا قازاقىستان «تۇران دۇنياسى» فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارلىن مەخپىروۋنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، ئالىم ۋە مەرىپەتپەۋەر شەخس ئابدۇقادىر داموللام توغرىسىدىكى «20 ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى» ناملىق توپلام نەشر قىلىندى. ئۇنى قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرىستتى فىلولوگىيە پەنلىرى نامزاتى رۇسلان ئارزىېۋ توپلىغان ۋە نەشىرگە تەييارلىغان. كىتابقا ئۇيغۇر، قازاق ۋە نېمىس تىللىرىدا يېزىلغان ئونغا يېقىن ماقالە كىرگۈزۈلگەن. ھەر بىر ماقالە بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ كۆپ قىرلىق پائالىيىتىنى تەپسىلىي يورۇتۇپ، ئۇنىڭ خەلقىمىز تارىخىدا تۇتقان ئورنىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەزكۇر توپلامدىن ئورۇن ئالغان «ئاقائىدە زۆرۈرىيە» ناملىق ئەسىرىدە: «‹مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟› دېگەن سوئالغامۇنداق دەپ جاۋاب بېرىلگەن: ‹سەۋەب ئىككىدۇر. بىرىنچى، بىلىمسىزلىك ۋە مۇتەئەسسىپلىكتۇر. ئىككىنچى، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە ئىختىلاپتۇر. ھەرقانداق قوۋم ۋە مىللەتنىڭ خارلىق ۋە قۇللۇققا چۈشۈپ قېلىشىدىكى (ئاساسلىق) سەۋەب نادانلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقتۇر».
مانا شۇنداق ئېسىل زاتنى خاتىرىلەش كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋە «تۇران دۇنياسى» فوندى جەمئىيىتى 2012 - يىلى 4 - دېكابىر ئۇيغۇر تىياترىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزگەن.