كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 15

«قاراخان»دىكى «قارا»نىڭ قىسقىچە تارىخىي تەبىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 12:38:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   «قاراخان»دىكى «قارا»نىڭ قىسقىچە تارىخىي تەبىرى


        مۇھەممەد قادىر بارخان
   

تارىخى ئاتالغۇ «قارا» مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز «تۈركى تىللار دىۋانى»دا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن»؛ ئابدۇشۇكۈرمۇھەممەتئىمىن «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى»؛ سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخاننىڭ «مەن ئالىپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)نىڭ ئەۋلادىمەن...» دېگەن تارىخىي ئىبارىلەر بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تارىختىكى «چىن» نامى بىلەن «قارا» نامى بىۋاستە باغلىنىشلىق.

    «چىن» بىلەن «قارا»نىڭ بىۋاستە باغلىنىشىنى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئېتنىك قامۇسى «ئوغۇزنامە» ئارقىلىق چۈشىنىش بىزگە ئالاھىدە قۇلايلىق بېغىشلايدۇ. «ئوغۇزنامە»دە «... ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك. ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن ، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلەرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن؛  ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل-نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ. "  ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە:" ئېيتقىنىڭ كەلسۇن " دېدى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار." بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."  يەنە شۇندىن كېيىن ، ئاسمان ، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .  شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل-جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بامەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ... ئوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇردى. قىرىق كېچە-كۈندۈز توي بولدى. يىيىشتى ،ئىچىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن...» دېگەن بايانلار ئۇچرايدۇ.

     بۇ يەردىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر تارىخىي ئۇچۇر «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. » بايانى بىلەن «ئۇلۇغ تۈرك» دېگەن كىشىنىڭ پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ باشقۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى مۇمكىنلەيدۇ؛ «...كۈن، ئاي، يۇلتۇز... بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."...  ئاسمان ، تاغ، دېڭىز ... يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .» دېمەككى ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈرك زىمىنىنى ئۈچكە بۆلۈپ ئۇنى «كۈن»، «ئاي» ۋە «يۇلتۇز»غا بۆلۈپ بېرىپ، «يا ئوقنى توغرىلايدۇ» دېگەن ھېكمەت بىلەن «دېڭىز»، «تاغ» ۋە «دەريا»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىنىڭ يۇقارقى ئۈچ ئوغلىغا شەكسىز بوي سۇنىشىنى تەكىتلەيدۇ.

   يۇقىرىقى تەسۋىر بويىچە، ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈرك زېمىنىنى ئۈچ ئوغۇلغا  بۆلۈپ بېرىپ «ئۈچ چىن» (ئۈچ قېرىنداش) دۆلىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۈچ چىن» ۋە «چىن ۋە ماچىننىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم دائىرىسى» بىلەن تامامەن زىپچىلاشقان.

   گەرچە، ئوغۇزخان دەۋرىدە «ئۈچ چىن» («ئۈچ قورىقان»-ئۈچ قېرىنداش دۆلىتى) «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكىدەك «يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ۋە تۆۋەن چىن » دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ، مۇقەررەر ھالدا «تاڭ غۇز» (توڭغۇس- كۈن چىقىش تەرەپتىكى ئوغۇزلار)، «ئارچىن» (ئوتتۇرا چىن) ۋە «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن) نامى بىلەن ئاتالغانلىقى ئېنىق.

   بىزنىڭ تەھلىلىمىز ئاستىدىكى «قارا» دەل ئەشۇ «ماچىن» (مۇرچىن- غەربى چىن)نىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇمى بولۇپ، «ماچىن»(مۇرچىن)گە «تۈركى تىللار دىۋانى»(1-قىسىم، 447-بەت)دە مۇنداق ۋاستىلىق ئۈچۈر قالدۇرۇلغان «مۇر ئۇچ- قارامۇچ»( يېمەك-ئىچمەككە تەم تەڭشەيدىغان قارامۇچ ئۆسۈملىكىنىڭ ياپراق ۋە غولى يېشىل ئۇچى قارا بولغاچقا <مۇرئۇچ- ئۇچى قارا> دېيىلگەن)... ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ ئوت قالايدىغان ئوچاقنىڭ تۇتۇن چىقىدىغان تۆشىكىنى «مورا» دەپ ئاتايدۇ. بۇ يەردىكى «مورا»دىكى «مور» ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر. دېمەك، «ماچىن»(مۇرچىن)دىكى «ما»(مۇر) تارىخى ئاتالغۇ «قارا»نى ئىپادە قىلىدۇ.

   ئومۇمەن، «ماچىن»(مۇرچىن) غەربى چىننى كۆرسەتكەن ئىكەن، ئەڭ قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز كۈن كىرىش تەرەپنى «قارا» رەڭ پەرقى بىلەن ئېلىپ، كېيىنچە «ماچىن» (مۇرچىن) تارىخى تىل ئىستىمالىمىزدىن قېلىپ «قاراچىن» ۋە «قاراچىن»نىڭ پادىشاسى «قاراخان» نامى بىلەن بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. شۇڭا بىز، «قاراخان» شاھلىرىنىڭ سەلتەنەتىنى نوقۇل «قاراخانىلار خاندانلىقى»نىڭ ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك چەكلىك مۇددىتى بىلەنلا قاراپ قالماي، ئۇنى ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تەراكىمە»دە قەيت قىلىنىغان «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن...» دېگەن سۆزى ۋە سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكېرىم بۇغرا قاراخان «مەن ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ئەۋلادى» دېگەن سۆزى بىلەن باغلاپ، «ماچىن»(غەربى خان)نىڭ ئالاھەزەل 5400 يىللىق تارىخى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشىمىز كېرەك...        

      


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 14:09  


idraksoft

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  414
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 494
تۆھپە : 0
توردا: 77
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-10

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 15:41:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 952
تۆھپە : 0
توردا: 160
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ،‹قارا›نى بىلىۋالدىم...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 574
تۆھپە : 0
توردا: 185
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 16:48:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆرگەن رۇسچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتابتا ،ئۆز دەۋرى كىشىلىرى تەرپىدىن «خاقانىيە» دەپ ئاتالغان ئەجدادلىرىمىز قۇرغان خانلىقىنىڭ بىز بىلىدىغان «قاراخانىلار سۇلالىلىسى» دېگەن نامنى ھازىرقى زامان تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان نام ،دېگەن بىر ئۇچۇرنى كۆرگەن ئىدىم.شۇ سەۋەپتىن مېنىڭچە «قارا خانىلار سۇلالىلىسى»دېگەن نام ئاشۇ خانلىقنى كۆرسەتكەندىن باشقا ھېچقانداق ئۆزگىچە بىر مەنەلارنى بىلدۈرەلمەيدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 278
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 20:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر پەقەت رەڭنى ئىپادىلەۋاتقان قارا دىگەن سۆزنىڭ بۇرۇن بۈيۈك، كۈنپىتىش دىگەن مەنىلەردىمۇ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ماتېرىياللاردىن كۆرگەن ئىدىم. ھازىرقى  دەۋرىمىزدىكى قارا نامى بىلەن ئاتالغان يەرلەرمۇ يۇرتىمىزدا خېلى بار. مەسلەن، قارا دۆۋە، قاراشەھەر، قاراغۇجا، قاراقاش دىگەندەك. بارخان ئەپەندىنىڭ تارىخىمىز ھەققىدىكى بۇ ئىزدىنىشى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.

مەن قايتىپ كەلدىم
otluk ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1399
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:44:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كونكىرىت بايانلىرى بىلەن سېلشتۇرۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن. ئەجىرڭىزگە رەھمەت!

كۆزۈمگە نۇر زىيا بەردىڭ
كۆرمەككە ئالەمنى يارەب.
دىلىمغا خۇي-ئىشىق بەردىڭ
سۆيمەككە ئادەمنى يارەب...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1238
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3139
تۆھپە : 1
توردا: 561
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:42:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەمەد بارخان ئەپەندىنىڭ «قارا »سۆزىنى يىراق قەدىمىيلىققا،تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىغا باغلاپ چۈشەندۈرىشى توغرا بولغان.
  «قارا» سۆزى ئۇيغۇر لاردا قۇتلۇق كۆلبويلا (ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ داھى قاغانى 744-747-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ ئوغلى مويۇنچۇر قاغان-قارا قاغان(دادىسىغا ياردەملىشىپ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.747-759-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) دىن باشلاپ مەلۇم بولغان.قۇتلۇق كۆلبويلا قاغان،قاراقاغان،بۈگۈ قاغان(قارا قاغاننىڭ ئوغلى ،759-779-يىللار تەختتە ئولتۇرغان) قاتارلىق ئۈچ ئۇلۇغ قاغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر قاغانلىرى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى 500 يىللىق تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەرتكەن...870-يىلى كۆلبىلگە قادىرخان قۇرغان ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ نامى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد قاغاننى خاتىرلەش ئۈچۈن «قاراخانلار قاغانلىقى »دەپ ئاتالغان (بۇ تارىخچى مەرھۇم ئەنۋەر بايتۇرنىڭ سۆزى.)....
   «قارا» سۆزىنىڭ تەرەپ مەنىسى جەھەتتە تارىخى ئەھۋال سەل باشقىچە.مىلادىدىن بۇرۇنقى 199-يىلى 1-ئايدىكى بەيدىڭ قورشاۋىدا باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 400 مىڭ كىشىلىك ھون قوشۇننى خەنگاۋزۇ-ليۇباڭنى قورشىۋالغاندا ئاق ئاتلىق ھون قوشۇنلىرى غەرىپ تەرەپتە،كۆك ئاتلىق ھون قوشۇنلىرى شەرق تەرەپتە،قارا ئاتلىق ھون قوشۇنلىرى شىمال تەرەپتە،چىلان تورۇق ئاتلىق ھون قوشۇنلىرى جەنۇپ تەرەپتە سەپ تۈزۈپ غەربىي خەن قوشۇنلىرىنى 7 كېچە-كۈندۈز قاتتىق قورشىۋالغان...ئۇندىن باشقا كۆپلىگەن تارىخى ئەسەرلەردە ئاق رەڭنىڭ غەرىپ تەرەپنى كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ.
   «قارا» سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى تۈپ مەنىسى «ئۇلۇغ،قۇدرەتلىك،ھەيۋەتلىك،تەڭداشسىز،ئالەمشۇمۇل،غايەت»دېگەن مەنىلىرى بولغان.«قارا قاغان»«قارا خانلار قاغانلىقى » يۇقۇرقى مەنىلەردە ئىكەنلىكى ئېنىق.قارا رەڭ مەنىسىنى بىلدۈرىشى كېيىن قوشۇلغان بولىشى مۇمكىن.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 15:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «ئېزىز ھېيت كۈن» ئەپەندى
   
      «قارا» ۋە «قاراخان» ئاتالغۇسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش، تارىختىكى «ئۈچ چىن»(«ئۇچ قورىقان»)نىڭ جايلىشىشىدىكى تەرەپ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا  قاراخانىلار خاندانلىقى شاھلىرىنىڭ  تارىخى سەلتەنەتىگە ئۇدۇم بېغىشلىغۇچى  ئالىپ ئەرتۇڭا(ئەفراسىياپ)غا مۇناسىۋەتلىك بىباھا تارىخى قىممەتكە ئېگە نازۇك مەسىلە...
     سىزنىڭ ئوتتۇرغا قويغان «قارا سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى تۈپ مەنىسى -ئۇلۇغ،قۇدرەتلىك،ھەيۋەتلىك،تەڭداشسىز،ئالەمشۇمۇل...»دېگەن سۆزىڭىزنىڭ دەلىل كۈچى شۇيەردىكى ھەرقانداق شاھ ۋە شاھىنشاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇلارنىڭ شاھلىق تاجى ۋە شاھلىق سەلتەنەتىدىنلا مەلۇم. بۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈلىگى بىلەن شەكىللەنگەن ئىنساننىڭ تەبىئىي ھىس-تۇيغۇسى... شاھلارنىڭ قۇدرەتلىك، ھەيۋەتلىك ۋە ئۇلۇغلۇق ماقامىدا تۇرىشى «قارا» ئاتالغۇنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋالدىمۇ كۈچكە ئېگە ئىدى. مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈنجى ئەجدات ئاتىسى ۋە تۈنجى پادىشاسى «ئوغۇزخان» ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ پادىشاسى» دېگەن بولسا، «تۈركى تىللار دىۋانى» ئوغۇزخاننى «ئاتاساغۇن-تىۋىپ» دەرىجىسىدە سۈپەتلەيدۇ. «ھودۇدۇل ئالەم»دە «تىۋىپ»نى پادىشاھنىڭ يەنە بىر  سۈپىتى ئىكەنلىگىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بۇلاردىن مەلۇمكى «قارا»نىڭ ئالدى-كەينىگە قوشۇلغۇچى ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ئادەتتىكى رەڭنىلا كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمما «قارا»غا ئارقا ۋە ئالدى قوشۇلغۇچى ئۇلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇئەييەن بىر خاس ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرىشىدە شەك يوق. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان ئاي، كۈن ۋە يۇلتۇزدىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلىغا پۈتكۈل مەملىكەتنى (شەرىقتىن غەرىپ يۆلىنىشى بويىچە) ئۈچكە بۆلۈپ بېرىدۇ. بۇ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئۈچ چىن- يۇقۇرى چىن (تاڭغۇز-توڭغۇس)، ئوتتۇرا چىن (ئارچىن-قاراشەھەر) ۋە تۆۋەن چىن (ماچىن-مۇرچىن-غەربى چىن-قاراچىن)دىن ئىبارەت.
   بۇ يەردە «ماچىن_مۇرچىن» (غەربى چىن) نىمە ئۈچۈن «قاراچىن » بولۇپ قالىدۇ؟  بۇنىڭ جاۋابى «قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا»دا ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلغان: [«ئاۋىستا» كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا... «ئۆلتۈرۈشخان»، «قاراخان»(黑天) ئىلاھلىرى يەرلىك خەلقنى قىرغان (قەدىمقى ئىران خەلقىنى قىرغان دىمەكچى)... ۋە ئۆزلىرى «ئالى»(تارىخشۇناسلار «ئارىيان»دىكى «ئارى»نى «ئالى» ئاتالمىسىدىن كەلگەن دەپ قاراشماقتا) دەپ ئاتىغان»...]
    ئىران خەلقىنىڭ ئەڭ قەدىمقى داستانى «ئاۋىستا»دا تىلغا ئېلىنغان «ئۆلتۈرۈشخان» بىلەن «قاراخان»(黑天) بىرى بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ماھىيەتتە  «قاراخان»(黑天) بىلەن «ئۆلتۈرۈشخان» پۈتۈنلەي ئوخشاش مەناغا ئېگە ئىككى ئاتالغۇ. بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ «ئاۋىستا»غا ئوخشاش بولمىغان مەنىدە كىرىپ قېلىشى، ئىراننىڭ قەدىمقى تارىخچىلىرى تۇران (ئەجداتلىرىمىز) بىلەن ئىراننىڭ كەسكىن زىددىيىتى تۈپەيلى  «قاراخان»نى «ئۆلتۈرۈشخان» دەپ ئېلىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە «ئاۋىستا»دا تىلغا ئېلىنغان «ئۆلتۈرۈشخان» ئاتالغۇسى «ئولتۇرۇشخان» بولۇپ «ئولتۇرۇش-كۈن ئولتۇرىدىغان، كۈن كىرىدىغان تەرەپ، غەرپ تەرەپ»دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. دىمەككى «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «تۆۋەن چىن»شەكسىز ھالدا «غەربى چىن»نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ «غەربى چىن»نىڭ چايلىشىش ئورنى قالغان ئىككى «چىن» يەنى «يۇقۇرى چىن» ۋە «ئوتتۇراچىن»نىڭ غەربىدە بولغاچقا ئۇنى كۈن ئولتۇرۇش تەرەپتىكى «ئولتۇرۇشخان» («قاراخان»)دەپ ئاتىغان.

   ئېزىز ھېيت كۈن ئەپەندى بىلەن مېنىڭ قارىشىمنى بىرلەشتۈرگەندە، «قاراخان» ناھايىتى ئېنىقكى «غەربى خان» («ئولتۇرۇشخان») سەلتەنەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس...

   تەۋسىيە:
   ئەگەر ، ئاق رەڭ غەرپنى كۆرسىتىدۇ -دەپ قارىغۇچىلار بولسا، تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسى بويىچە ھازىرقى خوتەندىكى «قاراقاش دەرياسى» بىلەن «ئاققاش دەرياسى» (يۇرۇڭقاش)نىڭ جايلىشىشىنىڭ تەرەپ مۇناسىۋىتىگە قايتا نەزەر سېلىپ باقسا بولىدۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1464
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1799
تۆھپە : 0
توردا: 247
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 15:43:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تەتقىقات بوپتۇ ھارمىغايسىز!

ئادىلجان قادىر يارقۇت

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  389
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 15:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «ن.ھاشىم» ئەپەندى

     بىز تەھلىل قىلىۋاتقان «قارا» ۋە «قاراخان» ئاتالغۇسىنىڭ مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ئىران خەلقىنىڭ «ئاۋىستا»دا تىلغا ئالغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۇنى ھەرگىزمۇ ھازىرقىلار قويغان ئاتالغۇ دىيىشكە بولمايدۇ.

      
   «ئۆلتۈرۈشخان»، «قاراخان»(黑天) - «قەدىمكى مەرگىزى ئاسىيا» 72-بەت.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2402
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 70
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 19:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم. بولسا مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپ يوللاپ تۇرۇڭ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 820
تۆھپە : 3
توردا: 273
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 22:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    مۇھەممەد بارخان ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن.بىز بىلمەيدىغان ياكى بىلىش زۆرۇرىيىتى بولغان مۇھىم بىر مەسىلىنى ئىلمى پاكىت ئاساسىدا يۇرۇتۇپ دىققىتىمىزگە سۇنۇپتۇ.
ئىلاھىم، بارخان ئەپەندىنىڭ تىنى ساق، ئۆمۈرى ئۇزۇن،ئىزدىنىش قەدەملىرى ئۇتۇغلۇق بولغاي!

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  112
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 820
تۆھپە : 3
توردا: 273
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 22:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    مۇھەممەد بارخان ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن.بىز بىلمەيدىغان ياكى بىلىش زۆرۇرىيىتى بولغان مۇھىم بىر مەسىلىنى ئىلمى پاكىت ئاساسىدا يۇرۇتۇپ دىققىتىمىزگە سۇنۇپتۇ.
ئىلاھىم، بارخان ئەپەندىنىڭ تىنى ساق، ئۆمۈرى ئۇزۇن،ئىزدىنىش قەدەملىرى ئۇتۇغلۇق بولغاي!

شىئېر جېنىمدۇر ، شىئېر  ۋىجدانىم،شىئېر قېنىمدۇر ، شىئېر گۈلخانىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2328
تۆھپە : 4
توردا: 548
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 00:39:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بەك ئەخمىيەتلىك تىمىكەن بۇ ،ئۇستازنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا!
ئەجرىنى ئاللاھىم ئۆزى بەرگەي!


سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلىڭنى خار ئېتەلمەس ھىچ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ، نەگە بارسا خار كىشى ..




خاتىرەمدىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1410
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 747
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 01:54:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىم، شۇ نوقتا ئېسىمىزدە بولىشى كېرەككى، ئىسىم قويۇش تەبىئەتتىكى شەيئىلەرنىڭ، شەكىل،رەڭ،تەم ۋەباشقا تۈپلۈكتە ئىنسان تونۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشىدىن باشلىنىدۇ، شۇڭىلاشقا تۈرۈك تىلىدىمۇ ئوخشاشلام شەيئىلەردە بار بولغان خاس ئىسىم، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خاس سۈپەت بىلەن زىچ ئالاقىدار.....قارا سۆزى تۈرك تىل ‹ئالتاي تىل ›سېستىمىسىدىكى بارچې ئورۇقلاردا ،قارا رەڭنى كەسكىن شەرھىلىسە، چۈشكىن‹ئورۇنلۇشۇپ بولغان›، بىكىتىلمەك،ئىگەللىنىپ بولغان،تەسىرىگە كىرگەن،سوزولغان مەنىسىدە نوقتىنەزەرلەرنى قىسمەنلەيدۇ.....يىراق تارىختا ئەجداتلىرىمىز ئىستىتىك تۇيغۇسىدا قايسى نەزەردە ئىتىبارغا ئېلىنغىنى تازا قاراڭغۇ.....بىراق سەلتەنەتلىك نەرسىلەردە ئۇ ئۆزىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ،،،،،كۆڭۈل قارارىنى تاپماق،قارامىغا ئالماق،بەر قارار بولماق،قارا باسماق،قارام ئادەم،قارا كۈن، قارسىنى ئۇشىتماق.....ق ھەرىپى ئەجەم ۋە ئەرەب،پارىس تىللىرىدا ئەڭ رۇشەن تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.بىراق ھازىرقى زامان تۈرۈك تىلىدا ك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.....ئەفراسىياب،ئالىپ ئەرتۇڭا مەيلى نىمە دەپ ئاتالسۇن ، قاراخان سۆزى نىمىلەرنى ئەكىس ئەتتۇرسۇن، بۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقات ئېنىق مۇشۇ ھەرىپكە مەركەزلەشكەن.

پەقەتلام مۇھەببەت.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش