ئۈكەر تىكلەنگەن كېچە
(ھېكايە)
تۇرسۇن مەھمۇت
ئۇ سېسىغان ئاچچىقسۇنىڭ پۇرىقى ئاڭقىپ تۇرغان بوتكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولۇپ يېنىپ كەلدى. بوتكىچى قېرىنىڭ تىرناقلىرى ئۆسۈپ كىر توشقان ئىپلاس بارماقلىرىغا ئەلەم بىلەن قاراپ قويدى. چۆرىسى قىرچىلىپ كەتكەن يەشىكتە يىرتىق ئىشتان پۇرلاقلىق تۇراتتى. تاماق يۇقۇندىسى قېتىپ قالغان، سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن تۈنىكە قاچا كۆزگە تاشلىناتتى. ئۇ بوتكىچىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويدى. بۇ ھايۋانغا ئوخشايدىغانلا نەرسە... ئۇ بوتكىچىنىڭ چېچەنلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىگە يەرنىڭ تېگىدىن نەزەر سالدى. بۇ پۇلنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان ئىت. ئۇ ئالىدىغان تاماكىسىنى تاللاپ، قول سوزۇپ بولۇپ يەنە تارتىۋېلىپ كەينىگە يېنىپلا ماڭدى، ئانىسى يېنىدا تۇرغاندەك بىلىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئانىسىنىڭ بويىدىن كېلىدىغان يېڭى پىشقان ناننىڭ ھىدىغا ئوخشايدىغان بىر پۇراق بۇرنىغا ئۇرۇلدى. ئانسى بېشىدىن چۈشۈرمەي چىگىۋالىدىغان يېشىل كاتەكچە ياغلىقنى كۆرگەندەك بولدى. ئۇ شۇ كۈنلەردە جاھاندا ئاتا-ئانىنى خۇش قىلماق بەك ئاسان بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى.
-بۇ ياغلىقنى ئىلياس بالام ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ بەرگەن، ئىنسابلىق ئادەم بولدى.
ئانىنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىق قۇياشتەك ياناتتى، جاھانغا نۇر سېپەتتى، ئانامنى قارا، ناھايىتى ئون سوملۇق ياغلىققۇ. شۇنىڭغىمۇ شۇنچىۋالا خۇش بوپكەتكەن بارمۇ!؟
ئۇ ئانىسى يېنىدا باردەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ ئۆزىنى چوڭقۇرالمىغىلى تاسلا قالدى. ئانىسىنى قۇچاقلىۋالغۇسى، ئانىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن كېلىدىغان يېقىملىق ھىدنى پۇرىغىسى كەلدى. تاماكا چەكسە ئانىسى قاراپ تۇرغاندەك، كۆرۈپ قالىدىغاندەك ئويلاپ يۈرىكى ئالاڭلاپ كەتتى. تاماكىنىڭ ھىدى ئۇ ئەسلىيەلەيدىغان ئانا ھىدىغا ئارىلىشىپ كەتسە بولمايدىغاندەك.
كىرلەشكەن بارماقلار ئۇنىڭ كۆزىگە، يۈرىكىگە ئۇدۇللىشىپ تۇراتتى. بۇ بارماقلار ئۇنىڭ يۈرىكىدىن جىق بىر نېمىلەرنى سۇغۇرىۋالىدىغاندەك قىلاتتى. يەنە ئۇنىڭ يۈرىكىگە جىق بىر نېمىلەرنى تاشلاپ قويىدىغاندەك قىلاتتى.
ــ ئانام ئاغرىپ قالدى.
سىڭلىسىنىڭ تىترەڭگۈ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى، ئۇ تىترەپ كەتتى. سوغۇقتىنمۇ يا باشقا سەۋەبتىنمۇ جالاقلاپ تىترەپ قورۇلۇپ تۈگۈلۈپ كەتتى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ تاماكا چەكمەسلىك قارارىغا كەلگەن ئىدى. خۇددى تاماكا چەكمىسە ئانىسى خۇش بولىدىغاندەك، چەكمەسلىككە ئەھدە قىلغانلىقىدىن ئانىسى خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭدىن سۆيۈنىدىغاندەك دىلى يەڭگىللەپ قالدى.
يەرنىڭ تېگىدە، ئېدىشنىڭ ئاستىدا، كونا ئىشىكنى يۆلەپ قويغان يەرنىڭ ئارقىسىدا يىلان ياكى پاقا بار دەپ ئويلايدىغان ئايگۈلنىڭ ھەسرەتلىك تىنىقلىرى ئۇنىڭغا پەقەت ئارام بەرمىدى. ئۇنى ئالمىسام قانداق بولار ئىدى. ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىگۈسى كەلمىدى. ئويلىغۇسىمۇ كەلمىدى. ئايگۈلنى ئالدى، بىللە ياشىدى، يۇرتىدىنمۇ ئايرىلدى. ئۇ ئۆزىنى قورقۇنچاق دەپ تىللىدى، ئەقىللىق دەپ ماختىدى، قورقۇنچاقلىق بىلەن ئەقىللىقلىقنىڭ ئارىسىدا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسە باردەك قىلاتتى. بىر يەرلىرى چېتىشتەك، بىر يەرلىرى ئوخشاپ قالىدىغاندەك ئىدى. ئەمما يەنە ئۇنداق ئويلاشقىمۇ بولمايدىغاندەك ئىدى.
سوغۇق تاشتەك قاتتىق ئىدى. سوغۇق يەرنىڭ تېگىدىن ئۈن-تىۋىشسىز زېمىنغا يېيىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. سوغۇق ئاسماننىڭ ناھايىتى يىراق بىر يەرلىرىدىن ئۈن-تىۋىشسىز ئۇنىڭغا قاراپ ئېغىر بولۇپ تېگىۋاتقاندەك ئىدى.
ئىسسىقتىن پىژىلداپ، قورۇلۇپ كېتىدىغان كۈنلەردە ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيتتى، ئەمما ئازراقلا سوغۇق بولسا ئۆزىنى بەكلا قىينىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالاتتى. ئانىسى ئۇنى دائىم: «ئىلياس سوغۇققا كاياك »دەيتتى. قوغۇن باقىدىغان بىر بوۋاي: «ئۈكەر تىكلەنگەندە سوغۇق ھەممىدىن بەك كۈچىيىپ كېتىدۇ»دېگەن گەپنى قىلغان ئىدى.
ناتونۇش شەھەر ئۇنى قۇچىقىدا سوغۇق ئەللەيلىتىۋاتاتتى. ناتونۇش شەھەر ئۇنىڭ كۆزلىرىدە سوغۇق شۈمشىيىپ سوزۇلۇپ ياتاتتى. ناتونۇش تىنىق يۈزلىرىگە ئۇرۇلاتتى، ناتونۇش ئاۋاز قۇلىقىغا ئاڭلىناتتى، ناتونۇش تۇيغۇ يۈرىكىگە ئېسىلاتتى.
ـــ سېنى كۆرگۈم كېپكەتتى بالام.
ئۇ ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتقان پېتى ئويغىنىپ كەتتى. قوللىرىدا يۇمشاق، مېھىرلىك بىر سېزىم بار ئىدى. پەنجىرىنىڭ سىرتىدىن سوغۇق دۇنيا كۆزگە تاشلىناتتى. ئۇ يالغۇز قالغاندەك ئويلاپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنى باغرىغا ئالىدىغان ناھايىتى نۇرغۇن ياخشى ئادەملەر بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ بولالمايۋاتاتتى. ئۇلارنى تونۇپ بولالماي، كۆرۈپ بولالماي، بار يېرىنى تېپىپ بولالماي ئالاڭلاپ، ئۆڭگىيىپ يۈرۈۋاتاتتى.
چىرايلىق ئايگۈلنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى يۇمۇلغان ئىدى.
ئۇ ھېچنېمىنى خىيال قىلالماي قىينىلىپ كەتتى. ئانىسىنىڭ مېھىر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئەندىشىلىك چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىدى. ئۆيىنى، ئۆيىنىڭ دەرۋازىسىنى، ئۆيىدىن كېلىدىغان پۇراقنى يادىغا ئالالمىدى. تېخى بايىلا ھەممىسى بىرمۇ بىر كۆز ئالدىغا كەلگەن ئىدى. ئېسىدىن كەچكەن، ۋۇجۇدىنى چىرايلىق ھاياجانغا بۆلەپ، تۇيغۇلىرىنى سىيلاپ ئۆتكەن ئىدى. بالا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالسا ھېچنېمە بولمايدۇ، ئانا بالىدىن ئايرىلىپ قالسا ھېچنېمىسى قالمايدۇ. ئانامدىن ئايرىلمىسام بوپتىكەن.
ـــ بۇ يەردىن كېتەيلى.
قىزنىڭ تەشۋىشلىك ئاۋازى ئۇنىڭغا رەت قىلغىلى بولمايدىغان بۇيرۇق بولۇپ ئاڭلاندى.
ـــ نېمىشقا؟
ـــ چوقۇم چاتاق چىقىدۇ، مەتتوختى بىر پىچاقنى چاقلىتىپ يېنىغا سېلىپ يۈرگىدەك، ئۇ ئايگۈلنىڭ بۇرنىنى كېسىۋېتىپ ساقچىغا ئۆزۈم بارىمەن دەپ يۈرۈپتۇ.
..........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پاتىگۈل نىياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 10:15