- UID
- 857
- يازما
- 320
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- ئەركىن
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1125
- تىزىملاتقان
- 2012-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-24
|
|
|
|
|
يېڭى دەۋر شائىرى نودبراند شېئىرلىرىدىن
ئاپتور ھەققىدە: ھېنرىك نودبراند (Henrik Nordbrandt،1945−) دانىيىنىڭ 20-ئەسىردىكى داڭلىق شائىرى. دەسلەپ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چەتئەلنىڭ بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا شەرق تىللىرى ئۆگەنگەن. ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىدىكى تۈركىيە، گېرتسىيە ھەمدە ئىتالىيىگە ئوخشاش جايلاردا بىر مەزگىل تۇرغان. تۈرىكلەرنىڭ شېئىر ۋە خەلق چۆچەكلىرىنى دانىيە تىلىغا تەرجىمە قىلغان. 1966-يىلى «شېئىرلار» ناملىق تۇنجى توپلىمى نەشر قىلىنغان تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر 20 نەچچە پارچە شېئىر توپلىمى نەشر قىلىنىپ بولغان. ئاساسلىق شېئىر توپلاملىرىدىن «مىكرو سەنئەت بويۇملىرى» (1967)، «يەتتە ئۇخلىغۇچى» (1969)، «مۇھىت» (1972)، «ئايرىلىش ۋە يېتىپ بېرىش» (1974)، «سىياھبېلىققا ئاتالغان قەسىدە ۋە باشقا لېرىك شېئىرلار» (1975)، «ئەينەك» (1976)، «مۇزلۇق دەۋرى» (1977)، «خۇدانىڭ ئۆيى» (1977)، «لېسبوس ئەتىرگۈلى» (1979)، «ئەرۋاھتەك ئىسىم» (1979)، «مۇداپىئە ئىشىكى ئالدىدىكى شامال» (1980)، «تاللانما شېئىرلار» (1981)، « ئەرمېنىيە» (1982)، «84 شېئىر» (1984)، «ئىسكىرىپكا ياسىغۇچىنىڭ شەھىرى» (1985)، «نويابردا قول ئېلىشىش» (1986)، «قەبرىستان ئاستىدا» (1987)، «سۇ يۈزى» (1989)، «ئۇنتۇلۇشچان جاي ئۈچۈن» (1991)، «توزان ۋەزنى» (1992)، «جەننەت دەرۋازىسى ئالدىدىكى يىلان» (1995)، «چۈش كۆۋرۈكى» (1998)، «تاللانما شېئىرلار» (1999)، «دېڭىز ساھىلىدىن ئايرىلغان شامال» (2001) قاتارلىقلار ھەمدە «قارىماققا زېمىندىكى بارچىغا ئوخشىمايدۇ» (2002) ناملىق ئەسلىمە كىتابى، ئۇندىن باشقا يەنە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى بار. ئۇ، ئىلگىر-كېيىن بولۇپ ھەر خىل ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، بۇ مۇكاپاتلار ئىچىدە دانىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى تارقاتقان ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1980)، دانىيە سەنئەت پوندى تارقاتقان ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى (1980)، ئوبزورچىلار مۇكاپاتى (1984)، شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسىنىڭ شىمالىي ياۋروپا مۇكاپاتى (1990)، دانىيە كىتاب سودىسى جەمئىيىتى تارقاتقان سېرىق دارچىنقۇل تاجى مۇكاپاتى (1995)، شۇنداقلا شىمالىي ياۋروپا ھەيئىتى تارقاتقان ئەدەبىيات مۇكاپاتى (2000) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىنگلىز، گېرمان، گوللاند، ئىسلاند، شېۋېت، تۈرك، بولغار، ئىتالىيان، ئىسپان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
نودبراند ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، دانىيە شائىرلىرىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلانغان. ئەمما، ئۇنىڭ دانىيە ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرماق تەس: ئۇنىڭ كۆپ ۋاقتى دانىيىدە ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بويىدىكى تۈركىيە، گېرتسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئەللەردە ئۆتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاشۇ جايلاردىكى تارىخ، مەدەنىيەت ئاتموسفىراسىنى ئۆزىنىڭ مېتافىزىكىلىق مۇدېرنىزمچە شېئىرلىرىغا ئېلىپ كىرىدۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇ يەردىكى شەھەر-بازارلار، مەنزىرە ۋە ھاۋا، ئۇ يەرنىڭ رەڭ ھەم كۆرۈنۈشلىرى بىلەن تولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئۇششاق تەپسىلاتلىرىغىچە چېتىلغان بولۇپ، تولىمۇ ئۆزگىچە، ئىماگلارنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان روشەن ئۇسلۇبى، قىزغىن ئاۋازى ھەمدە سۈرەتلەنگەن ئالاھىدە قەلبى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ يالغۇز دانىيىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل شىمالىي ياۋروپا ئەللىرى، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيادىمۇ مەلۇم تەسىر-دائىرىگە ئىگە شائىردۇر.
چۈش
چۈشۈمدە
مەن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن بىر رەتتىن كېسىپ ئۆتتۈم
ئۇندا ئادەم يوق ئىدى
ئەمما سەن ئاشۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدىڭ
زىياپەتتە ئەڭ چىرايلىق يوپكا كىيىۋالغان
ئاسماندىن قار ياغماقتا
بۇ يوپكاڭنىڭ تۇنجى قارلىرى ئىدى
دېدىمكى، سۆيەرمەن سېنى
مەن بىشارەتلەيتتىم، سېنىڭ كوپتاڭ ۋە قارلىرىڭ
سۆزلەنگۈسى كەلگەن سۈرەت ئىكەنلىكىنى
بىشارەتلەيتتىمكى، سېنىڭ كۆزلىرىڭ يېشىل
مېنىڭ ئېغىزىمدىكى سۆزلەردەك
ھەمدە ئۇ ئېرور سۆزلەرگە ئايلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەينەك
بۇ شېئىرنىڭ پەيدا بولۇش ئورنىدا
مەن سۆزلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەت-بويلىرىنى ئۆپكەن
بىشارەتلەيتتىم
بۇ شېئىر بىر چۈشتۇر
ئۇنىڭ سىرتىدا
سەن ۋە مەن
يېتىشىپ بولالمايدىغان
ئەمما، سەن مېنى قالدۇردۇڭ
بۇ زىياپەتنىڭ ئەڭ گۈزەل شېئىرى ئىچىدە
梦 - 在梦中
- 我越过一行长长队列
- 那里没有人
- 而你就是其中之一
- 穿着宴会上最漂亮的裙子
- 天在下雪
- 这是你裙子的初雪
- 我说:我爱你
- 我意味着:你的裙子和雪
- 是一幅想被说到的图画
- 我意味着:你的眼睛是绿色的
- 犹如我嘴里的话语
- 是变成话语之前的镜子
- 在这首诗出现之处
- 在我用话语亲吻它们之际
- 我意味着:
- 这首诗是一个梦
- 在它外面
- 你与我
- 不可企及
- 而你把我留在
- 这场宴会最美的诗里
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-21 03:40
|
|
|
|
|
|
|