|
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئىككى گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىگە قوشقان تۆھپىسى8 M [" B6 R: `( ]2 Y
(ماقالە)
; I2 P" [: j4 ^9 U: n% P, f1 L ئابدۇلۋايىت مۆلچەرى* s! o/ [3 G. C- `$ b4 \; H
بۇ يىل يالقۇنلۇق ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغىنىغا 90 يىل بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ شەنىگە بېغىشلاپ بىرەر ئەسەر يېزىش كىشىگە ھۇزۇر بەخىش ئېتىدىغان شەرەپلىك ئىلمىي ئەمگەك.
2 Z. i! A& q+ i# P4 B8 @لۇتپۇللا مۇتەللىپ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بىر بولۇپ، «22 ياش يەنە سەككىز ئايلا ياشىغان». ئەمما ئۇ شۇنچىلىك قىسقا ئۆمرىدە ئادەمنى تاڭ قالدۇرغىدەك ئىشلارنى روياپقا چىقارغان. نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت ئۇنىڭ شائىر ئىكەنلىگىنىلا بىلىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇ كەم ئۇچرايدىغان كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە خۇددى كۆك قەھرىدە چاقنىغان بىر يۇرۇق يۇلتۇز كەبى ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان. قېنى بىز ئۇنىڭ تالانتىغا يۈزە نەزەر سېلىپ باقايلى.
( P9 Z' Q0 R4 R0 O* Y1. ئۇ ئالدى بىلەن يالقۇنلۇق شائىر، ئەينى چاغدىكى يېڭىدىن شەكىللىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىريىتىدە بايراق كۆتۈرۈپ ماڭغان يولباشچى. ئۇ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۆتۈش باسقۇچىدا تۈرلۈك شەكىللەردە نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. داستان، غەزەل، مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇۋەششەھ، مۇھتەمىلات، قەسىدە، پارچە... قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردە يازغان بىر قىسىم ئېسىل شېئىرلىرى ھېلىمۇ كىشىگە بەلگىلىك ئىستېتىك زوق بېرىدۇ. مۇشۇ يېقىنقى 100 يىل مابەينىدە نەچچە يۈز، ھەتتا نەچچە مىڭ پارچە شېئىر يازغان، دەستە-دەستە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان نۇرغۇن شائىرلىرىمىزنىڭ نامى ھەم شېئىرلىرى خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالالمىغىنىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، لۇتپۇللا مۇتەللەپنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئىستىدادىغا ھەسسىلەپ قايىل بولىمىز.
# W( @3 Z8 Z) a) z- U* K2. ئۇ بىر يازغۇچى. ئۇ قىسقا ئۆمرىدە بىرمۇنچە ئۇچېرىك، فېليەتون، ئوبزور ۋە ماقالىلارنى يازغان. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ شۇنچىلىك ياشتا تۇرۇپ رومان يېزىشقا تۇتۇش قىلغان. ئەپسۇسكى تېخى بىز بىلمەيدىغان يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ۋە «داۋانلار ئاشقاندا» رومانى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ! Z* H% F5 I. S, z
3. ئەگەر ھازىرقى نام بىلەن ئۇنىڭ تالانتىنى شاخ ئايرىپ ئاتاشقا توغرا كەلسە، ئۇ يەنە داڭلىق نەسىرچى. ئۇ ئەينى چاغدا «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق»، «پادىشا سامرويلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»، «ئەجەل ھۇدۇقىشىدا» قاتارلىق چوڭقۇر مەزمۇندىكى نەسىر ۋە فىليەتونلارنى يېزىپ، كىتابخانلار ئارىسىدا كۈچلۈك غولغۇلا قوزغىغان.
9 E ]3 h+ O5 S4. لۇتپۇللا مۇتەللىپ قابىل تەشكىلاتچى. ئەينى چاغدا ئۇ مەيلى ئۈرۈمچىدە بولسۇن، ياكى ئاقسۇدا بولسۇن زور بىر تۈركۈم تالانت ئىگىلىرىنى ئۆزئارا زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ «قاينام ئۆركىشى» پەيدا قىلالىغان. ئۇنىڭ تالانىت ئىگىلىرىنى تەشكىللەش، بايقاش، يىتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتىكى تىللاردا داستان بولغىدەك ئىش-ئىزلىرى ھېلىمۇ بىزگە رەھنەما بولالايدۇ. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىڭماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس» دىگەن ماقالنى ئۇ ياخشى چۈشەنگەن بولسا كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭ مۇشۇ خارەكتىرى ۋە قابىليىتى يەنە نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىمىزدە، بولۇپمۇ ياشلىرىمىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، جەمئىيىتىمىزدىكى ئىلىم ئەھلى ئىچىدە بىر سىلكىنىش پەيدا بولاتتى-دە، بىز تېخىمۇ گۈزەل بىر مەنزىرىنى كۆرەلىگەن بولاتتۇق.
8 D: H& t5 W3 Y( @( E' Y5. ئۇ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ۋە ئوبزورچى. ئۇنىڭ «ئەدەبىيات نەزىريىسى»، «تىياتىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە راۋاجلىنىش تارىخى»، «سەنئەتكە مۇھەببەت»، «رۇس خەلقىنىڭ سادىق ئوغلى ئا. س. پۇشكىن»، «ماياكوۋىسكى-سوۋېت ئەدەبىياتىنىڭ تۇغى» قاتارلىق بىر قىسىم ماقالە-ئوبزۇرلىرى ئەينى چاغدا كىتابخانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
( ?- }, {& F- T: q- j6. ئۇ بىر يىتۈك دىراماتورگ. ئۆز دەۋرىدە «كۈرەش قىزى»، «چىن مودەن»، «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ»، «غېرىپ-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»، «چىمەنگۈل» قاتارلىق نادىر دىرما-ئوپېرالارنى يېزىپ، ئۇيغۇر سەھنە ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور تۆھپە قوشقان.
0 K, k, [1 Y8 i% c! r1 E7. ئۇ بىر رەسسام. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن تارتىپ رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، قىسقىغىنا ئۆمرىدە بىرمۇنچە ياخشى رەسىملەرنى سىزغان. ئۇ سىزغان چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتنىڭ سۈرىتى، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ سىزغان ئۆزىنىڭ سۈرىتى قاتارلىق بىرقىسىم رەسىملىرى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تامچە سۇدىمۇ قۇياش ئەكسىنى كۆرگىلى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ ئاشۇ بىرقانچە پارچە رەسىملىرىدىنمۇ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قابىليىتى يەنە «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئەدەبىيات بېتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىدىمۇ بەتلەرنى بېزەش، كۆركەملەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، شۇنداقلا يەنە دراما، ئوپېرالار ئۈچۈن دېكوراتىسىيە ئىشلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوبدان ئەسقاتقان.
) ?, U7 F& g4 [8. ئۇ بىر تەرجىمان. ئۇ رۇس تىلىنى پىششىق بىلەتتى. ئۇ شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن شۇ چاغدىكى تا س س ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىنى رادىئودىن ئاڭلاپ تەرجىمە قىلىپ گېزىتكە بەرگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» دە «لوغەت»، «سەنئەت»، «ئىرق» دېگەن سەھىپىلەرنى ئېچىپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن يېڭى بولغان خەۋەرلەرنى، بىلىملەرنى ۋە باشقا ئەمىلىي قىممىتى بار چوڭ-كىچىك ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدۇرغان.- o. Q+ S8 f* y, @" D0 k/ U
9. ئۇ بىر تالانتلىق رېژىسسور. ئەينى چاغدا بىرقىسىم دىراما-ئوپېرالارنى ئۆزى سەھنىلەشتۈرۈپ، ئۆزى رول ئېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىي تۇرمۇشىنىڭ يىپيېڭى تۈسكە كىرىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.1 \4 B% M# Z( b' p' s: I
10. ئۇ بىر ژۇرنالىست. ئۇ تەسىس قىلغان شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» ۋە ئاقسۇ گېزىتىنىڭ «جەنۇپ شامىلى» سەھىپىسى تا ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. قىسقىسى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاجايىپ تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ يۇقۇرقىدەك ئوخشىمىغان ساھەدىكى قابىليەتلىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، لۇتپۇللا مۇتەللىپكە كاتتا شۆھرەت ۋە ئىناۋەت ئاتا قىلغاندى. ئۇنىڭ ھەر بىر ساھەدىكى قابىليەتلىرى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ئىنچكىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئەرزىيدۇ.- y7 L! E% S: ~$ M5 a3 j4 {& A
بىز ئۇنىڭ ژۇرنالىستلىق جەھەتتىكى ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى:
2 I# Z- \6 I' v! W$ X9 H5 t- j( `«لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1942-يىلىنىڭ باشلىرىدا ‹شىنجاڭ گېزىتى›نىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ. كېيىن ئۇ ‹شىنجاڭ گېزىتى›گە كەلگەن ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا بەلگىلەندى. شۇ چاغدا ئۇ گېزىتتە ‹ئەدەبىيات گۈلزارى› دېگەن مەخسۇس بەتنى تەسىس قىلدى ۋە ئۇنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان، ئۇلارنى يىتەكلەيدىغان، ئۇلارنىڭ سىياسى ئېڭى ۋە دۇنيا قارشىنى توغرىلاپ شۇلار ئارقىلىق پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا يېڭى ئىنقىلابىي ئېقىمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇشقا كىرىشتى».① ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» دە 1942-يىل يانۋاردىن 1943-يىل نۇيابىرغىچە 20 ئاي ئىشلىگەن. « لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ‹ئاقسۇ گېزىتى› دە ‹جەنۇپ شامىلى› ناملىق ئەدەبىيات بېتىنى تەشكىللەيدۇ».② ئۇ مەيلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە تەھرىرلىك قىلىۋاتقان چېغىدا بولسۇن، ياكى «ئاقسۇ گېزىتى» دە مۇھەررىرلىك قىلىۋاتقان چېغىدا بولسۇن، ئۆزى مەسئۇل بولغان ئەدەبىيات بېتىنىڭ ياخشى چىقىشى، خەلقىمىزنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلغان. بىر تۈركۈم قەلەم ئىگىلىرىنى بايقاش، جەلىپ قىلىش، تەربىيلەش، تەشكىللەش، ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالقىشلاشقا ئەرزىيدىغان ئىشلارنى ئېلىپ بارغان. ئۇ تەسىسى قىلغان شىنجاڭدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق ئىككى گېزىتنىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» ۋە «جەنۇپ شامىلى» بەتلىرى 60 نەچچە يىلدىن بۇيان شۇ پېتى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. خەلقمىزدە « سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما» دەيدىغان بىر ماقال بار. بىز دىيارىمىز شىنجاڭدا چىقىدىغان بۇ ئىككى گېزىتنىڭ ئەدەبىيات بېتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ئىپتىخارلىق بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. ; T# V) I0 Z$ z5 U1 B* j
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئارىمىزىدىن كەتكىنىگە بۇ يىل توپتوغرا 67 يىل بولدى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدەك ئىككى، ئۈچ، ھەتتا تۆت-بەش ھەسسە ئۆمۈر كۆرۈپ ھەم ئەركىن-ئازادە ياشاپ تۇرۇپمۇ يۇرت-ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن، كەلگۈسى ئەۋلادتلار ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمەي بۇ يۇرۇق دۇنيادىن نام-نىشانسىز كېتىۋاتقان مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرساق، لۇتپۇللا مۇتەللىپ كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ ئولۇغ ئىنسان بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ. شۇنداق، ئۇ ئۆز زامانىسىدىمۇ ئولۇغ ئىنسان ئىدى، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق. يىللار ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى شۇنچە ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇ خۇددى ناۋايى ھەققىدە يازغان «تەسىراتىم » ناملىق شېئىرىدا :( U5 ^- [ ^" x1 H7 q( e4 Q
ئۇنىڭ مازارىنى ھەربىر ۋاراقتىن ئىزلە،! s% _7 J% Y& P) P' H
گۈمبەز-قەۋرىسىنى ھەربىر مىسرادىن ئىزلە.$ ^* l2 H6 u: Y- P
ئۇ ئىجاد دەرياسىغا چۆمۈلگەن،
. Y& H! X5 E. K' `$ eئۇ ھەربىر مىسرا تۈۋىگە كۆمۈلگەن...# M" \2 Y2 G3 z
دەپ يازغىنىدەك، ئۇنىڭ پۈتۈن ئارزۇ-ئۈمىدلىرى، ئولۇغۋار غايىسى، قەلىب دۇنياسى ھەر بىر شېئىرىدىن، ھەتتا ئاشۇ شېئىرلىرىدىكى ھەر بىر مىسراسىدىن ئايان بولىدۇ. ئۇ بىر قاتار ئۆلمەس شېئىرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
6 A: L$ G# R2 v6 a% c# T. Cۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
2 F6 _, N$ {+ s% [يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.: ^) e$ j0 m. p& g r
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
8 S- N; y& n( U0 F" oيورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
$ s: v( h" b M% z# p) N, p2 ?( B! N7 \4 y' J' }
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،9 g& P+ p! j; J/ ?
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمىرى بىراق.
9 Y. F' l. _3 ?; m2 C" Z2 L r: J8 ?يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،2 f& d; B Z( ?9 L x' d* I
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يۇپۇرماق.
; Z4 V n3 ]8 }* t8 n7 x1 r& K* B: H4 I) N3 {1 n- e) A
ئۈز، غۇلاچ تاشلا، ئازادلىق دېڭىزىن كەچ،9 S" V" l& ]7 k: h+ F
باتۇرلۇق ناخشىسىنى توۋلا ئەتە-كەچ.: A- J/ x3 ^ S6 t, g
ۋەتەن-خەلق قايغۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىل،
9 p2 f6 B5 S) x( bۋەتەن ئۈچۈن كۈرەشتە سەن جېنىڭدىن كەچ.
7 s, M1 C9 J; \& z; `" K- }لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەنە شۇنداق بىر مۇنچە يالقۇنلۇق مىسرالارنى يازدى ۋە يازغىنىدەك ياشىدى. دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇ تارىخ بېتىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالدى. خۇلاسە قىلغاندا، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ كۈرەش بىلەن تولغان ھاياتى ئۆزىنىڭ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلگەنلىگىنى ئويلاپ يېتەلەيدىغان ياشلارغا ئاجايىپ نۇرانە ئۈلگىدۇر.
$ @2 F2 ~8 M9 j6 W2012-يىل سىنتەبىر، ئۇچتۇرپان.6 ], ^+ o6 A8 w' d U: ^
① تۇرسۇن ئەرشىدىن: «ل. مۇتەللىپ» شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتى 2007-يىل 1-نەشىرى،149-150-بەتلەر.+ l- N( U$ I3 w! v
② يۇقارقى كىتاب، 187-بەت.) P, }, L- F' u* j
6 y M; B+ ~: s) ?( s; E4 @
ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى
: t- j+ g; |2 ]( z/ Zئۇچتۇرپان ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى1 p: P8 f& b( n
乌什县文化体育广播电视局/ R Z" o6 h& E6 s" G" L
手机 : 18963887540 邮政编码:843400 " x2 L5 \: I( U+ D' R) Q0 I
家庭电话: 0997 5331677
% c3 Q: Q- l; l. w1 U(بۇ ماقالىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشتىن ئاۋال ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالدىم ...ئاپتۇرغا سەمىمى رەھمەت ئېيتىمەن )/ _/ x2 E+ `/ W# ~
" X2 `& V1 f. y بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەزىز ئەيسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 15:47
& l) M0 p1 D" |
8 P+ _1 V; _2 S; b# K
|
|