گۈللەر سۆزلىسۇن
( باللادا)
ئۇز چىراي،قامىتى زىبا بىر دىلبەر،
كۆڭلۈمنى ئالغانتى مېھرىنى بىرىپ.
مەنمۇ ھەم ئۇنىڭغا باغلانغان ئىدىم،
سۆيگۈنىڭ بېغىغا ئۈن-تىنسىز كىرىپ.
بىلمىدىم،ئۇنىڭدىن قالدىم ئايرىلىپ،
مەڭگۈلۈك بىر ھەمراھ بولدى بۇ ھېجران.
ئازاپقا باغلانغان مىسكىن كۆڭلۈمگە،
بەخىت بىر كۈلۈشكە بەرمىدى ئىمكان.
ئەسلىدىم؛ئۇ ئامراق ئىدى شامالغا،
چاچلىرى يەلپۈنسە بۇلاتتى خۇشھال.
چىرايى ئاپتاپتەك ئېچىلار ئىدى،
شۇ چاغلار قۇلىدا ئوينايتى رومال.
بۈگۈنمۇ چىقماقتا مەيىن بۇ شامال،
مەن تەنھا،ئۇ يوقتۇر بىلدىم قەدرىنى.
بىردىنلا يۈزۈمنى تۇتتۇم ئۇنىڭغا،
بۇرىماق بولغاندەك يارنىڭ ھېدىنى.
تۇيۇقسىز شامالمۇ دېدى(چۈشەندىم)؛
ـ ئۆتمە سەن ئۆزۈڭنى بۇنچە ئازاپلاپ.
بار گۈللەر يېنىغا سۆزلىسۇن ئۇلار،
يار ھېدى ئۇلاردا ساقلا ئاۋايلاپ.
-ياق؛-دېدىم،-ئۇ ھالەت ماڭا خاس ئەمەس،
يار ھېدى يارىمنىڭ پەقەت ئۆزىدە.
مەن ئۇنى ئەسلىدىم بۇدەم سەن بىلەن،
باق مېنىڭ كۆزۈمگە ئاشىق كۆزىدە.
-دىلبىرىڭ قامىتى باردۇر گۈللەردە،
شۇ گۈزەل چىرايى بەرگىدە ئايان.
ئۇ شۇنداق بىر لەۋەن تۇرسا،سەن يەنە-
يار ئىزدەپ يېڭىدىن بارىسەن قايان؟!
مەن دېدىم؛-شوخ شامال سۆزلىمە ئەندى،
ئاڭلىغىم يوق مېنىڭ گۈللەر سۆزىنى.
كەلسەڭلا شۇ گۈللەر سۆزلەيدۇ چۇقۇم،
ئۇنۇتقۇم يوق مېنىڭ يارنىڭ كۆزىنى.
كەچكۈزدە سارغىيىپ قۇرۇيدۇ گۈللەر،
شۇندىمۇ ئۇلارغا تۇپراق كۆيىدۇ.
بىلەمسەن ئەي شامال سۆيگۈ سىرىنى،
سۆيگۈدىن پەقەتلا سۆيگۈ ئۈنىدۇ.
شۇ تاپتا گۈللەرمۇ پىچىرلىماقتا،
ئاڭلاسەن تۇپراقنىڭ مېھرى ئۇلاردا.
دېمەك بۇ مۇھەببەت ئۇلۇغدۇر شۇنداق،
مېھرىمنى ئېلىپ بار يارغا ياناردا.
سەن كەلدىڭ، يارنى مەن ئەسلىدىم،لېكىن-
سەنسىزمۇ شۇ يارىم كۆڭلۈمدە ھامان.
كۆزۈمنى يۇمساملا يېنىمدا بار ئۇ،
شۇ سەۋەپ يار ئىزدەپ ماڭمايمەن ھەريان.
گۇياكى سۆزلەشنى بىلمەيدىغاندەك،
تېۋىشسىز چىچىمنى سىلىدى شامال.
ئويلۇدۇم؛تۇپراقتىن سۆزلىسۇن گۈللەر،
يارغا ھەم مېنىمۇ باغلىسۇن خىيال...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 23:27