ximal
كۆرۈش: 176|ئىنكاس: 8

يالىڭاچ ئەر(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2275
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 18:37:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە يېنىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ دېرىزە يېنىدا تۇرغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولدى، دېرىزە تەكچىسىدە ئۇنى شۇنچە جەلىب قىلغۇدەك ھىچنىمە يوق، پەقەت يوپۇرماقلىرى قورۇلۇپ، سارغىيىپ قالغان، شەھەرنىڭ تۇمانلىرىدىن قاقشاۋاتقان بىر تەشتەك ئەتىرگۈللا بار، دېرىزە سىرتىدىمۇ ھەم ئۇنى شۇنچە ئەسىر قىلغۇدەك گۈزەل مەنزىرە ياكى زوقىنى تارتىۋالغۇدەك لېۋەن قىزدىن بىرەرسى تۇرغىنى يوق، پەقەتلا ئۇ كۈندە كۆرۈۋاتقان يات ئادەملەرنىڭ ئالدىراش كۆلەڭگىلرى بىلەن تولغان مۇز تەلەت شەھەر...، بىرەر نەرسە ئىزدېگەن بولسىدى، تاپالمىسا ئەلۋەتتە كېتەر بولغىيدى؟
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە يېنىدا تۇراتتى، دېرىزە ئەينىكىدىكى خېلى يوغانلا بىر پارچە مەينەت داغمۇ ئۇنىڭ ئىچىنى پىشۇرمىدى، ئۇ يەنىلا ئالقانلىرىنى دېرىزە تەكچىسىگە قويغان ھالەتتە نۇرسىز كۆزلىرى بىلەن نېمىگىدۇر تىكىلگەن پېتى تۇراتتى، يۈزىگە قونىۋالغان بىرتال چىۋىننى ھەيدىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ ياكى چىۋىنغا ئازار بەرگۈسى يوقمۇ، پەرۋاسىز ھالەتتە ئۆز تۇرقىنى ساقلاۋاتاتتى، چىڭقى چۈشنىڭ كۆيدۈرگۈچى ھارارەتلىك ئاپتىپى ئۇنىڭ قوللىرىنى قىززىتىۋاتاتتى، ئەينەككە تىرەلگەن پىشانىسىدىن سىرغىغان تەر كۆزلىرى ۋە چىكىسى ئارىسىغا سىڭمەكتە...
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە يېنىدا تۇراتتى، چېگىش خىياللار ئىسكەنجىسىدە تۇنجۇقۇۋاتاتتى، پات-پاتلا كۆزىنى چىمچىقلىتىشى ۋە تۇرۇپلا چوڭقۇر ئۇھ تارتىشلىرى بولمىسا ئۇنىڭ بۇ تۇرقى موم ھەيكەلدىن پەرقسىز ئىدى، كۆزلىرىدە ھىچ بىر مەنا يوق، لەۋلىرى قۇپقۇرۇق، ئادەملەر تەرىپىدىن رەھىمسىزلەشتۈرۈلگەن مۇز تەلەت شەھەرنىڭ شاۋقۇنلىرىمۇ ئۇنى خىياللار قوينىدىن چىقىرالمايتتى.
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە يېنىدا تۇراتتى، خىياللار يەنە ئۇنى بوغاتتى، قىينايتتى، يۈرەكىنى جىغىلدىتىپ، جانلىرىنى سىرقىرىتاتتى، ئۇ پەقەت شۇلارنىلا خىيال قىلالايتتى، ھەربىر تېنىقلىرىدا خىياللىرى ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق سىقاتتى، خىياللار قوينىدىكى قىيىن-قىستاق كۆرەشلىرىدە، ئۇ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشاتتى، تالىشاتتى، ھەتتا ئۆز-ئۆزى بىلەن سوقىشاتتى، نېمىلەرنىدۇر ۋارقىرىشاتتى، جىمجىت ۋە تىنچلىق ئىچىدە تۇرغان تەننىڭ روھىي غەليانلىرى بولسا پەلەككە يەتكەن ئىدى، ھەيكەلدەك تۇرغان تەننىڭ ھەربىر تامچە قانلىرىغىچە ئوت بولۇپ يانغان ئىدى، قۇرۇغان، قورۇلغان لەۋلىرى ئارىسىدىن شىۋىرلاپ-شىۋىرلاپ نېمىلەردۇر ئېقىپ چىقماقتا ئىدى، ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم بۇ گەپلەرنى ئاڭلىيالمايتتى، ئۆزى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىيال كۆرىشىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ھىچنىمە قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى، خياللار داۋاملىشاتتى، لەۋلەر پىچىرلاپ تىتىرەيتتى، پەقەت قۇلاقلار لەۋلەرنىڭ پىچىرلاشلىرىغا گۇۋاھچى بولاتتى، ئۇنى قىيناۋاتقان، خىياللار ئىسكەنجىسىدە قىسىۋاتقان، ئۆز-ئۆزى بىلەن رەھىمسىزلەرچە كۆرەشكە سېلىۋاتقان روھىي غەليان ئۇنى بارغانچە ئارامسىزلاندۇرماقتا ئىدى.
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە يېنىدا تۇراتتى، ئاقارغان يۈزلىرى، ئاق سانجىلغان چاچلىرى، بارغانچە مۈكچىيىۋاتقان گەۋدىسى... ئۇنىڭ يېشى چوڭ ئەمەس، بىراق چاچلىرىغا ئاق سانجىلدى، ئۇنىڭ تېنى ساغلام، بىراق ھازىر ئۇ بارغانچە مۈكچەيدى، بەلكىم، چارچىغاندۇ، ئاسانمۇ ئۆزى بىلەن كۆرەش قىلماق. ئۇنىڭ خىياللىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۆزى بىلەن بولغان پاراڭ چېڭىغا چىقتى، پىچىرلىغان ئاۋازى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مۇشتۇملىرى تۈگۈلدى، مانا ئەمدى دېرىزە ئەينەكلىرى، بىر تەشتەك قۇرۇشقا باشلىغان ئەتتىرگۈل، ھەمدە ئۇنىڭ مەڭزىدىكى بىر تال چىۋىنمۇ ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. «ياق-دەيتتى ئۇ-زادى بىر ئامال تېپىش كېرەك، مەن يا ئىشسىز ئەمەس، تاپىدىغان پۇلۇممۇ خېلى بار، ئەمما نېمىشقا يەنە خاتىرجەم ۋە غەم-ئەندىشىسىز كۈنلەرگە يېتەلمەيمەن» ئۇنىڭ لەۋلىرى ئارىسىدىن بوغۇق ۋە تۆۋەن ئاۋازدا ئېتىلىپ چىققان بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ھەممە كۆڭۈللسىزلىكلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتى، ئۇنىڭ مۇشتۇملىرى تۈگۈلدى، لەۋلىرى خۇددى ئازار يېگەن كېچىك بالىنىڭكىدەك ئۈمچەيدى، ئۇ ئەلۋەتتە بۇنى كېچىك بالىلاردەك يارىشىدۇ دەپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئامالسىز. «يا يېشىم ئۇنچە كېچىك ئەمەس، 30 غا كىرىپ قالدىم، ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك خىزمىتىم بارغۇ؟ خاتا قىلىۋاتقان ئىشلىرىم بارمۇ قانداق؟» ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نوقتىغا قايتا تىكىلدى، ئېنىقكى، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى بولسا قېزىپ چىقماقچى ئىدى، «يا قىمار ئوينىمايمەن، يا ھاراق ئىچمەيمەن، ھەتتا تاماكىمۇ چەكمىسەم، ھېلىغۇ KTV، كەچلىك بەزمىخانىلاركەن، رېستۇران، ئاددىيغىنىسى تاماقخانىلارغىمۇ كىرمىسەم...» ئۇنىڭ يۈزلىرىگە سۇسقىنا تەبەسسۇم يۈگۈردى، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇدە، ھەرقانداق ئەركىشى ئۈچۈن ئۈچ ۋاق تامىقىنى ئۆيدە، سۆيگەن ئايالى، يۈرەك پارىسى بولغان بالىلىرى، بارلىقى بولغان ئاتا-ئانىسى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ يېيىش نەقەدەر پەخىرلىنىشقا تېگىشلىك ئىش ھە؟ ئۇ تەبەسسۇم قىلماي كىم تەبەسسۇم قىلىدۇ؟ بىراق... بىراق ئۇنىڭ چىھرىدىكى تەبەسسۇم تىزلا غايىپ بولدى، «يا تولا مېھماندارچىلىقىم يوق، مېنى نەمۇ-نەگە باشلاپ بارىدىغان بىكار تەلەت ئاغىنىلىرىممۇ يوق، بار دېگەندىمۇ يېرىم يىلدا بىر چاقىرىش نۆۋىتى كېلىدىغان دوستلار چېيى شۇ، بار يوقى 12 ئادەم، چاقىرىشىمىز ئۆي، يەپ-ئېچىشىمىز شۇ بىر قازان تاماق، بۇنىڭغا قانچىلىك چىقىم كېتەر؟ يېرىم يىلدا 200 يۈەن...» ئۇ لەۋلىرىنى چىشلىدى، بىر يىلدىكى 400 يۈەننى دەپ ۋاز كەچسۇنمۇ ئۇ جان كۆيەرلەردىن؟  ئۇنىڭ كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك ئاتا-ئانىسى، ئايالى، سىڭلىسى ۋە بالىلىرىدىن باشقا نەچچە كىشىدىن قالسا شۇلارغۇ پەقەت؟ «يا مەن گال قىمارى ئوينىمايمەن، ناھايىتىمۇ سىڭلىم كەلگەن بىر كۈنى ئۆيگە بىرنەرسە كۆتۈرۈپ كىرمىسەم، ئادەتتە ئۇنچە بىر نەرسە كۆتۈرۈپ كىرمەيمەنغۇ؟» ئۇ ئۆزىنى شۇنچە پىخسىقتەك ھىس قىلىپ، ئازراق قىزاردى، نېمە ئامال؟ ھېلىمۇ كۈنلىرى مۇشۇنداق خىياللار ئىلكىدە ئۆتۈۋاتمامدۇ؟ «ھەر ئايدا ئاتا-ئانامغا ئارانلا نەچچە يۈز يۈەن بېرەلەيمەن خالاس، ئۇلارمۇ ياشقا چوڭ، مېنى ئايامدىكىن يا، شۇ پۇلنىمۇ شۇنچە تەس ئالىدۇ، توۋا، مەنمۇ باشقا كىشىلەردەك ئۇلارنى ساياھەت قىلدۇرۇپ، ھەج قىلدۇرالىسام نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە؟ ھېلىمۇ مەن بەرگەن ئازغىنە پۇلنى ئايىشىپ، نەچچە ئايغا يەتكۈزىدۇ، ئاتا-ئانا ئەمەسمۇ، شۇ بالامدىن باشقا نېمەم بار دەيدۇدە ئۇلار؟» ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى، ئاشۇ قەدىردانلىرىغا ئازغىنا پۇلنى تەڭلىگەندە ئۆزىنىڭ قانچىلىك قىينىلىدىغانلىقىنى ئۇ بىر ئۆزى بىلەتتى، چاچلىرى ئاقارغان، دائىما كۈلۈپلا تۇرىدىغان ئاتا-ئانىسى كۆزىگە كۆرۈنگەندە ئۇ مەغرۇرغىنا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى، ئەمما بۈگۈن ئۆزىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىسىغا ھىچنىمە قىلىپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆكىنىۋاتاتتى، ئۇنىڭمۇ بالىلىرى بار، كەلگۈسىدە بەلكىم ئۇمۇ شۇنداق قىلىشى مۇمكىن، «چوڭ بالامنىڭ مەكتىپىگىمۇ ئۇنچە جىق چىقىم كەتمەيدۇ بولمىسا-ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان پاراڭ داۋاملىشاتتى-ناھايىتى شۇ نوقتىلىق تەربىيلەيدىغان مەكتەپ، ئادەتتىكى مەكتەپلەردىن ھەر ماۋسۇمدا 500-600 يۈەن قىممەت، يىلدا بىر خەجلەيدىغان بىرەرمىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى دەپ، بالىنى ياخشى ئوقۇش مۇھىتىدىن ئايرىسام بولماس»، مۇشۇلارنى خىيال قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزىگە ئەمدىلا 9 ياشقا كىرگەن، دادىسىنىڭ كۆزىگە پەرىشتىدەكلا كۆرىنىدىغان يوغان كۆزلۈك، ئاق پىشماق، ئوماق قىزى كەلدى، تاتلىق قىزى ئېسىگە كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇ يەڭگىل كۈلۈمسىرىدى، ئاتا بولۇش نەقەدەر بەخىت ھە؟ «كېچىكىگىمۇ جىق چىقىم كەتمەيدۇ، ئانىسى ئۆيدە باقىدۇ، پەقەت شۇ ياخشى ئوزۇقلىنىشى كېرەك، ئەمدىلا ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىغىمۇ بىز چوڭلار يەيدىغاننىلا بەرسەك بولمايدۇ-دە، بىر نەچچە خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىك يېمەكلىكلەر، پىرەنىك، ۋىتامىن ۋە ماي تۈرىدىكى نەرسىلەرگە ئايدا بىرەر يۈز يۈەندىن ئارتۇق كېتەر شۇ، ئۇنچىلىك پۇلنى دەپ بالىنى قىسىپ قويساق، كېسەلچان ياكى يېتىلىشى ياخشى بولمىسا...» ئۇنىڭ چىكىسىدىن پۇژژىدە تەر قۇيۇلدى، ئۇنىڭ ئامراق ئوغلى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىردى، ناھايىتى شوخ، شۇنداق قىلىقلىرى تاتلىق، ئەلۋەتتە، «جېنىڭنى بەر» دېسە ئاياپ قويمايدىغان دادا، شۇ ئوغلى ئۈچۈن بىرەر يۈز يۈەننى قىسىۋالارمىدى؟  ئۇ بىر دادا، بۇنىڭغا ئەلۋەتتە چىدىمايدۇدە. «ئۆزۈمنىڭ چىقىمىچۇ؟ ئىشقىمۇ موتۇسىكىلىت مېنىپ بارىمەن، بىر ئايدا ناھايىتى 70-80 يۈەن، ئارىلىقمۇ خېلى بار، مېڭىپ بېرىپ-كەلگىلى بولمىسا يا؟ كوچا ماشىنىسىغا ئولتۇرساممۇ بۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ تېخى» ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆزى ئەڭ ياقتۇرىدىغان، قېنىق قىزىل رەڭلىك، چىراغلىرى چىكەتكىنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان، ئۆزىنىڭ كېچىكلىكىگە قارىماي ئات كۈچى يۇقىرى، ئاساۋ ئاتتەك سەكرەپلا تۇرىدىغان موتىسىكىلىتى كەلدى، ئۇ بۇ موتۇسىكىلىتقا بەك ئامراق ئىدى، ئۇنى ئەتىۋارلاپ «چىكەتكەم» دەپ ئاتايتتى، ئەلۋەتتە، بىرەر يۈز يۈەن كەتتى دەپ، بۇنى قويۇپ قويسا، ئۇنىڭدىن كۆپ پۇل خەجلەپ كىرا قىلسا بولىدۇ، شۇنچە ئارىلىققا مېڭىپ بېرىپ بولغىلى بولمايدۇدە. «ئايالىمغىمۇ جىق چىقىپ كەتمەيدۇ، ھەپتىدە بىر ئاتا-ئانىسىنى يوقلىغىلى بارىدۇ، ئۇنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويغىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مېنىڭمۇ ئاتا-ئانام-دە؟ ئۇلارغا ئازراق بىر نەرسە ئېلىۋالىمەن شۇ، ئاندىن ئايالىمغا ئازراق پۇل بېرىمەن، بۇنىڭغىمۇ شۇ ئايدا بىرەريۈز يۈەندىن كۆپرەك بىرنەرسە كېتەر ، بىچارە ئايالىمغىمۇ خاتىرجەم خەجلىيەلىگۈدەك پۇل بېرەلمەيمەن تېخى...» ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا چاچلىرى ئاقارغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان، كىچىك پىئىل، ئۇنى خۇددى كۆيئوغۇلدەك ئەمەس، ئاكىسىدەك كۆرۈپ، ھۆرمەتلەپ، ئەتىۋارلايدىغان قىينئاتىسى كەلگەندە، چىرايىغا رازىمەنلىك ۋە مىننەتدارلىق ھىسلىرى چېچىلدى، توغرا، ئۇنىڭ قىيىنئاتىسى ھەقىقەتەن ئېسىل كىشى ئىدى، «قىيىنچىلىق بار» دەپلا ئازغىنە پۇلنىمۇ تىقىشتۇرۇپ يۈرسە، دادىسىغا ئوخشايدىغان شۇ كىشىنى ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولامدۇ قانداق؟ «ئۆينىڭ چىقىمىمۇ خېلى بار، ئالتە جان ئادەم ماڭا قاراشلىق، مەنمۇ ئاز تىرىشمايۋاتىمەن، يا بۇ قورساقنى ئاچمايسەن دېگىلى بولمىسا؟ دائىملا ئاش-ناننى يەۋەرگىلىمۇ بولمايدۇ-دە؟ بىر ئائىلىدە كەچ تەرەپلەردە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئانچە-مۇنچە مېۋە-چېۋە، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىمۇ يېمىسە قانداق بولىدۇ؟»، ئۇ ئۇششاق يېمەكلىكلەر ۋە مېچە-چېۋىلەرگە ئامراق ئىدى، باشقا نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرمىسىمۇ، ھەپتىدە ئايالىغا پۇل بېرىپ، شۇنداق نەرسىلەرنى ئەكىرىپ قويۇشنى تاپىلايتتى، «بىچارە خوتۇن-ئۇنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى-ھەتتا نەچچە يۈەن تىجەيمەن دەپ، بۇ قىممەتچىلىك بازاردىن نەرسە ئالماي بىرمۇنچە پىيادە مېڭىپ، ئاشۇ ئەرزان بازارغا بېرىپ ئەكىلىدۇ، ئاشۇ باققاللار بىلەن تالىشىپ بىر بولىدۇ...» كۆزلىرى يوغان، قاپقارا قويۇق چاچلىق، سېمىزغىنا قەدىردانىنى ئۇنىڭغا ئانىسى تونۇشتۇرغانىدى، بىر قېتىملا كۆرۈشۈپ توي قىلغان بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرىگە شۇ قەدەر ئامراق ئىدى...، «تېخى ھېيتلاردىچۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ شۇ ھېيتىنى بولسىمۇ چىرايلىق، ئازادە ئۇزاتمىساق بولمايدۇ-دە؟ باشقا بايرام-دەمئېلىشلار تۇرۇپ تۇرسۇن بىر يەردە، مۇشۇ ھېيتقىمۇ خېلى تەييارلىق كېتىدۇ، ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىنىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالمىساڭ تېخى» ئۇ پۇسۇققىدە كۈلۈۋەتتى، توغرا، ھېيت جەريانىدا كېچىك بالىلارنىڭ مېھمان بار ئۆيگە بىكارغىلا كىرىپ چىقىشى، پۇللىرىنى مېھمانلارنىڭ كۆزىچە ساناپ، ئۇلارغا قاراپ مەنىسىز ھېجىيىپ قويۇشى، تېخى شۇنداق قائىدە-يۇسۇن بىلەن مېھمانلارنى ئۇزاتقىلى چىقىشتىكى مەقسەتلىرى كىمنىڭ زوقىنى قوزغىمايدۇ؟ كىمنىڭ بالىلىقى بولمىغان؟ شۇلارغىمۇ ھېيتتە بۇ...
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە يېنىدا تۇراتتى، ئۇ بىر ئاز چارچىدى، قولى بىلەن چاچلىرىنى تاراپ قويدى، ئاللىقانداق ناخۇش كەيپىيات ئىچىدە تۇرغان ئۇنىڭ دۇنياسى نېمىشقىدۇر تېخىمۇ غەليان سېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ پاراڭلىرى تېخى داۋاملىشىۋاتاتتى. «ھەرئايدا بىرنەچچە توي ياكى نەزىر-چىراق چىقىدۇ، بۇلارغا ئەلۋەتتە بېرىش كېرەك، ئۇلارمۇ بىزنى يېقىن كۆرۈپ، ئەزىزلەپ چاقىرغان تۇرسا»، ئۇ شۇنداق توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلاردىن پەقەت قالمايتتى، ئامالنىڭ بارىچە باراتتى، دوست-بۇرادەر، يېقىن-يورۇقلار بىلەن شۇ پۇرسەتتە دىدارلىشىپ، ھەمسۆھبەت بولۇۋالمىسا، ئويۇن-تاماشىسى يوق ئادەم ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرۈشۈش تەسكە توختايدۇ ئەلۋەتتە. «تېخى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدىكى باشقا چىقىملارچۇ؟ ئۆينىڭ، قولۇمدىكى تېلېفۇن، يەنە تېخى...»...
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە تۈۋىدە تۇراتتى، ئۇ قولى بىلەن پىشانىسىنى تىرەپ، كۆزلىرىنى سىرتقا تىكتى، تۇمان ۋە ئەخلەتلەر بىلەن سوغۇقلاشقان شەھەردىكى ئالدىراش ئادەملەر، ئېگىز بىنالار، ئۆتىشىۋاتقان ماشىنىلار... ھەممە-ھەممە نەرسە ئۇنىڭ كۆزىگە ئۆزىگە ئوخشاش بىسەرەمجان ۋە ئەندىشىلىك كۆرۈندى. ئۇنىڭ پارىڭى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى، «بەزىدە خىزمەت ئورنۇمدا ئولتۇرۇپمۇ ئانچە-مۇنچە پۇل خەجلەيمەن، ئۇنى قىلمايمەن دېگىلى بولامدۇ؟ ھېلىمۇ خىزمەتداشلىرىمغا قارىغاندا ئەڭ ئاز خەجلەيدىغىنى مەن، ئەمدى ئۇنىمۇ قىلمايمەن دېسەم، ھېلىقى چۆچەكلىرىمىزدىكى پىخسىق بايلارغا ئوخشاپ قالارمەن...»، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قالتىس ئىدى، غايىپتىن خەزىنە ئۇچرامدىكىن تاڭ، ئاياللارغۇ ئۇچىسىغىلا زورلايتتى، ئەرلىرى بولسا ئاياللار بىلەن بەسلەشكەندەك ھەر ئايدا يېڭى تېلېفۇنلارنى ئالماشتۇرۇشاتتى، خىزمەتداشلىرى ئارىسىدىكى بولىدىغان چايدا پەقەت ئۇلا يوق ئىدى، خىزمەتداشلىرىدەك ھەپتىدە بىر-ئىككى نۆۋەت ھەشەمەتلىك رېستۇرانلاردا ئولتۇرۇشنى، قىممەت باھالىق قورۇمىلار ۋە تومۇچۇقتەك قىزلار بىلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشنى خالىمايتتى، قىينىلىپ قالغانلىقتىن ئەمەس، ئۇنداق ئىشلارنى ئۇ پەقەت كۆڭلىگە سىغدۇرالمايتتى. «يەنە تېخى ئۆتكەنكىدەك كېلىشمەسلىكلەر بولۇپ قالسا...» ئۇنىڭ چىرايى تاتاردى، خۇددى ئۇ ئىش يەنە يۈز بەرگەندەك لەۋلىرى تىتىرىدى، توغرا، ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن ئۇ ئىش ئۇنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تېرىپ-تۆشەپ مىڭ بىر جاپادا يىغقان ئازراقلا پۇلىنى ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇ ھېلىھەم دېرىزە تۈۋىدە تۇراتتى، لەۋلەر چىشلەكلىك، قوللار دېرىزە تەكچىسىگە چىڭ تىرەلگەن، كۆزلەر يېرىم يۇمۇلغان، پاراڭلار داۋاملاشقان...«قىش كېلىۋاتىدۇ تېخى-ئۇ چوڭقۇر تىندى-يازدىكىگە ئوخشىمايدۇ، تېخى ھەرئايدا ئىككى پەرزەنتىم ئۈچۈن ساقلايدىغان پۇللاردىن ھازىر ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، خۇدا ساقلىسۇن، ئەگەر بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالسا...» ئۇ ئارقا-ئارقىدىن چوڭقۇر تىندى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ماشىنا، ئېسىلزادىلەرچە تۇرمۇش دېگەنلەر ئۇخلىماي چۈش كۆرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى، ئۇ ئاستالا كەينىگە بۇرۇلدى، دېرىزە يېنىدىن كېتىۋاتقاچ يەنە پاراڭنى داۋاملاشتۇردى «كەچ تەرەپلەردە ئازراق بولسىمۇ پۇل تاپىدىغان ئىشلار بولسىچۇ كاشكى...»، ئۇ جىمجىتلا سىرتقا چىقتى، توغرا، ئۇ ئىشلىشى كېرەك، ئىشقا بېرىشى كېرەك...
دېرىزە  ئالدىدا بىر تەشتەك قۇرۇشقا باشلىغان ئەتتىرگۈل تۇراتتى، دېرىزە ئەينىكىدىكى يوغانلا بىر مەينەت داغقا بىرتال چىۋىن قونۇۋالغان، دېرىزىدىن قارىسا كۆرۈنىدىغىنى ئادەملەر تەرىپىدىن سوغۇقلاشتۇرۇلغان شەھەرنىڭ يېقىمسىز مەنزىرىسى ئىدى، ئۇ تېز قەدەملەر بىلەن ئالدىراش ئادەملەر توپىغا سېڭىپ كەتتى...


http://merwayit.net/ مەرۋايىت ئەدەبىيات بلوگى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  958
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بىر كىشىنىڭ 9 ياشلىق بىر قىزى بولغان تەقدىردە چوڭ ئوغلى قانچە ياشتۇ ؟ مۇشۇ يېرىدە ئازراق ماس كەلمەسلىك بار دەپ قارىدىم.

قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2275
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:28:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازپەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 19:26
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بىر كىشىنىڭ 9 ياشلىق بىر قىزى بو ...

كەچۈرۈڭ، تېمامدا «چوڭ بالا» بار، لېكىن «چوڭ ئوغلۇم» دەپ ئېلىنغان يېرى يوق، ئوغۇل كېچىك
سىزنى بۇ مۇنبەردە كۆرۈپ خۇش بولدۇم، مېنى تونۇيالمىدىڭىز ھەقىچان؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  958
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 172
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋايىت يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 19:28
كەچۈرۈڭ، تېمامدا «چوڭ بالا» بار، لېكىن «چوڭ ئوغلۇم» د ...

ئىشقىلىپ مەيلى چوڭ ئوغۇل بولسۇن مەيلى قىز، مەن ئۇ كىشىنىڭ 3 بالىسى باردەك ھىس قىلدىم. ھېكايىڭىز ماڭا شۇنداق تەسىر بەردى.
ئەمما ئوي-پىكىر، ھەم مۇھىت تەسۋىرلەشلىرىڭىزگە قايىل بولدۇم يۇرتدىشىم، نېمىشقا تونۇمىغۇدەكمەن.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2275
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 38
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:31:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازپەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 19:30
ئىشقىلىپ مەيلى چوڭ ئوغۇل بولسۇن مەيلى قىز، مەن ئۇ كىش ...

تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت، بەلكىم «چوڭ بالام» دەپ ئېلىنغاچقا شۇنداق تۇيغۇ بەردىمىكىن، شۇنچە تەپسىلى ئوقۇپ، چۈشەنچە بەرگىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم. مېنى تونۇپ قالغىنىڭىزدىن تېخىمۇ خۇش بولدۇم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2273
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 454
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 21:21:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى خىيال بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشلارغا ياخشى ماسلىشىپتۇ،ھېكاينىڭ ئەڭ ئاخىرىمۇ ياخشى چۈشۇپتۇ.ئاپتۇرنىڭ تىرشچانلىقىغا ئاپىرىن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2237
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 398
تۆھپە : 0
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاتاغلىق ئەرباپلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىرىغا دائىم‹سىزنىڭ مۇشۇ چىۋەر قوللىرىڭىز چوقۇم مۆجىزە يارىتالايدۇ›

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:50:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنىڭ غېمى زىممىسىنى بېسىۋالغان يەنە بىر خىيالچان، سۇلغۇن ئەر....
ھېكايىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى قۇتلۇقلايمەن.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 00:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇقلار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش