|
) R* i) H' s6 |9 ~' \+ z, M2 }3 Y& ?4 g e" w( Y. n$ R3 [
" I6 e/ c8 K5 L& E, ~0 }/ F
8 j+ h3 g; g0 S0 R3 C& N3 P8 {& p# H4 t) b d% H: \
1 {0 S1 W! Y' P, j
& r0 h( b4 L o4 E4 I2 K; Q
مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار» ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى تارقىتىلدى
) u2 z7 ^# N! [* A S& H% n
8 a, c$ p2 _# b! T" r1 vمەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى 19-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭ دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
) h8 [# l) D g- o, f7 _8 a6 T* \1 J" g: m% Z* S C3 s
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. لى چاڭچۈن تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسيالىزملىق ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن. بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى توغرا ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات دەۋرىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مىللىي ئەنئەنىدىن يېتەرلىك ئوزۇق ئېلىپ، زور بىر تۈركۈم روشەن ئىدىيەۋىلىككە، بەدىئىيلىككە تويۇنغان، روشەن مىللىي خاسلىققا ئىگە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى. بۇ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات گۈلزارلىقىدىكى خۇشپۇراق گۈلدەستىگە ئايلىنىپ، سوتسىيالىزملىق ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشتى.
. l) `" [8 a0 uمەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار» ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتى جۇڭگو يارزغۇچىلار جەمئىيىتى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىكتە تەسىس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتى. بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنىڭ مەقسىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ۋە ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، بىرلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ نۆۋەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا جەمئىي 235 پارچە ئەسەر باھالاشقا قاتناشتۇرۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا 25 پارچە ئەسەر بىلەن تۆت نەپەر تەرجىمان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ جەمئىي 15 مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي لىچېن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن بۇ خې، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تيې نىڭ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى بىڭ، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»نى باھالاش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بولۇپ 800 دىن ئارتۇق كىشى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
7 E% u1 i' N) `- i* D ]$ F+ W3 X2 _5 o: h
* n% M* y) E1 q7 }5 L/ X! x
. J) w+ r9 d6 W+ A* jمەنبەسى : جوڭگو يازغۇچىلار تورى http://www.chinawriter.com.cn/news/2012/2012-09-20/141714.html ; Q+ i3 i8 K1 r4 {% W: E: M" q8 N* F
( z# u. ~, U* T7 K! b/ ]
1 g+ u, I! q7 h+ W' h
|
|