ximal
كۆرۈش: 72|ئىنكاس: 6

ھەسرەت جىلۋىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 921
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 13:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەسرەت جىلۋىسى
(شېئىر)
چاتقاللار باغرىدا ھۇۋلايدۇ تۇمان،
سۆگەتنىڭ ساچىنى سۆيەلمەس شامال.
كىپىنەك گۈللەردىن قىلىدۇ گۇمان،
لەيلەيدۇ دېڭىزدا يىگانە ئارال


كاچاتلاپ يۈزۈمگە سىرىق يۇپۇرماق،
سۆيگۈنىڭ قوۋۇقى تاقالدى مەھكەم.
ئاشىقىم كۆزىدىن ئۈزۈلدى مۇنچاق،
دەرىزە چاراسلاپ مارايدۇ ئەلەم.

ۋىجدىنىم سوقۇشقان نىگىر تۈنلەردە،
ئازابىم يۇپۇرلۇپ تېپىدۇ تامنى.
ئۈمۈدىم يىقىلغان ئىغىر كۈنلەردە،
نەپرەتنىڭ قىلىچى تۇغار جاھاننى.

چىچىلسا قۇملارغا ھەسرەت جىلۋىسى،
تىترەيدۇ شەپەقنىڭ مەڭزىدە ئاق نۇر.
كىرمەكتەگۈلۈمنىڭ سۆيگۈ شەپىسى .

يۈرىكىم ئىچىگە بۆسۈپلا ئۇدۇل.


ئاشىقىم بىلگۈچە سۆيگۈ قەدرىنى،
بەخىتلەر چەشمىسى كەتمەمدۇ قىرىپ؟!
چۈشەنسە بالدۇرراق ھىجران يۈرەكنى،

بىرەتتىم ئۇنىڭغا ھازىرلا ئېچىپ.


مۇھەببەت سارىڭى

مەن سىغىندىم  قارا بۇلۇتنى،
خىياللىرىم سەرسان كىچەڭدە.
ئوت قويىمەن ھۇجىراڭغا يار،
چۈشكەن دەقىق زارىم ئۆگزەڭگە.

تەنھالىقىم ئۆگزەڭدىن ئۆتۈپ،
پىشانەڭگە يازار ئىسمىمنى.
كۆزلىرىڭدىن سىرغىغىنى مەن،
قول ياغلىقتا ساقلا يېشىمنى.

يۈرىكىڭدە پىچىقىم ئۇچى،
ئون بارمىقىم تىقتى ئىھتىمال.
ئىنىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇپ،
مېنى ئەسلەر مەڭزىڭدىكى خال.

تاش كۆكلىگەن تۇپرىقىڭنى ئاچ،
مەن سۆيگۈمنى سوۋغا قىلىمەن.
مۇھەببەتلىك يۇلتۇزلىرىڭنى،
كىمگە بەردىڭ؟! بۇنى بىلىمەن.

توك  ئۈزۈلسە شامنىڭ قوينىدا،
سېنى غىڭشىپ جۆيلۈيدۇ قەلەم.
تور باغلىغان غۇۋا كۆك تامدا،
غىرپ بىلەن يىغلايدۇ سەنەم.

قولۇڭدىكى كونۋىرت ئىچىدە،
تونۇش يەنە پىغانلىق خەت بار.
دەرت پىراقنى قەغەز يۈزىدە،
ھىس قىلدۇرۇپ كەتتىم .خوش نىگار!

بىر كۈنلەردە سىغىنساڭ مېنى،
ئىكىلەنمەي يۈرىكىمنى چەك.
ئىرماش-چىرماش سۆيۈشسۇن تەقدىر،
مۇھەببەتنىڭ ساراڭلىرىدەك.

مەنبە: مەمەتجان ئابلەت يازغان.
2011-يىلى07-ئاينىڭ10-كۈنى يېزىلغان.










بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەمەتجان ئابلەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 13:50  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1168
تۆھپە : 0
توردا: 84
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، بۇ دىگىنىم ئىككىنچىسىنى چۆكۈرگىنىم ئەمەس.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايرىلىمىز بىز چۇقۇم .
كۈن غرىپتىن چىققاندا.
يا كۈن چىقار غەرىپتىن ،
بىز ئايرىلماق بولغاندا.
شېئىرىڭىزنى ئوقۇپ ئادىل تۇنياز ئاكامنىڭ مۇنۇ شېئىرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى،سۆيگۈڭىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىششىنى ئۆمۇد قلىمەن قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ئادىلجان قادىر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 921
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 15:51:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yalguzak يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 22:50
بىرىنچى ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ، بۇ دىگىنىم ئى ...

ئادىل باھايىڭىزغا تەشەككۈر. سالامەت بولۇڭ مۇھەممەدجان ئاكا !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 921
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 15:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاد يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 11:09
ئايرىلىمىز بىز چۇقۇم .
كۈن غرىپتىن چىققاندا.
يا كۈن چىق ...

ئەسىرىمنى ئوقۇپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپسىز...رەھمەت سىزگە. كوڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچتى...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1316
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 357
تۆھپە : 0
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 16:19:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسرەت جىلۋىسى دىگەن شىئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم، قەلەملىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي

ئەلمىساقتىن قەدىرسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 921
تۆھپە : 0
توردا: 66
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 20:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتۈرك يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 16:19
ھەسرەت جىلۋىسى دىگەن شىئىرىڭىزنى ياقتۇردۇم، قەلەملىر ...

ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم، ئايتۈرك. بىرگە بەرىكەت تاپقايمىز...!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش