كۆرۈش: 5371|ئىنكاس: 39

چۆچەكچى بالا - ئەخمەتجان ئابدۇللا(31)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ahmatjan abdulla.JPG



بۇرۇنقى زاماندا قاراقاش دەرياسىغا ياندىشىپ ئاقىدىغان بەھرام ئۆستىڭى بويىدا بىر قەدىمىي مەھەللە بولغان ئىكەن. مەھەللىدىكىلەر شۇنچىلىك ئىشچان، چىۋەر ئىكەنكى ئاياللار ساماندىن دان ئايرىپ، تۇنۇردا نان تاۋلىسا، ئەرلەر سۇلۇققا شال تېرىپ، قۇملۇققا تال تىكىدىكەن.جاپا بىلەن ئىشلەپ ۋاپا بىلەن چىشلەيدىكەن.
مانا مۇشۇ مەھەللىدە ئابدۇللا ئىسىملىك بىر ئادەم بۇلۇپ، كۆيۈمچان ئايالى بۈۋىسۈدە بىلەن ھاياتلىق سۈيىدە بىللە ئېقىپ، پەرزەنت ئىشقىدا تەڭ كۆيىدىكەن. كۈن ئۈتۈپ، ئاي ئۈتۈپ بۇنىڭدىن توپتوغرا 30يىل ئاۋۋالقى قۇتلۇق توخۇ يىلىنىڭ (1981-يىلى ) پىژغىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە (7-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئابدۇللانىڭ ئايالى بۈۋىسۈدەنىڭ كۆزى يۇرۇپ ئوماق بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئەمما، تولغاق ئازابىدىن ھېلىلا بوشانغان ئانا قاتتىق ئۆكۈنۈپتۇ.
ئوغلۇم بۈگۈن بەش بولدى،
ئارزۇ گۈلۈم لەش بولدى.
جانغا ھەمراھ قىزىم يوق،
كۆڭلۈم يەنە غەش بولدى.
‹ ئالتۇن قۇزۇقى ›نى كۆرۈپ خۇشھاللىقىدىن بېشى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ، تاپىنى زېمىندىن ئۈزۈلمىگەن ئابدۇللا بۈۋىسۈدەگە تەسەللى بېرىپتۇ:
-شۈكرى خاتۇن، مەيلى-دە،
قىز تۇغارسەن كەينىدە.
ئوغۇل توغۇش، قىز توغۇش،
بولماس ئىنسان مەيلىدە.
ئوغۇل بولسۇن، قىز بولسۇن،
ئىنساپ بولسا بولدى بەس.
ئىنساپى يوق پەرزەنت،
باستۇرىدۇ ئەلنى نەس.
ئابدۇللانىڭ سۆزىگە ئەگىشىپ پۈتۈن تەبىئەت بۈۋىسۈدەنى بەزلەپتۇ:
مۇبارەك، مۇبارەك،
ئانا مۇبارەك.
سوۋغا قىپسىز زېمىنغا،
بىر ئاتەش يۈرەك.
ئوغۇللارمۇ قىز كەبى،
بۇلىدۇ يۆلەك.
ئەل-يۇرت ئۈچۈن مۇشۇنداق،
ئوغلانلار كىرەك.
........
بۈۋىسۈدەنىڭ كۆزى يۇرۇپ يەتتە كۈندىن كىيىن، ئابدۇللانىڭ تەكلىپى بىلەن مەھەللە جامائىتى ئابدۇللانىڭ ھويلىسىدا ئوماق بوۋاققا ئىسىم قۇيۇش پەرزىنى ئادا قىلىشىپتۇ. ئابدۇللا دۇنياغا يېڭى كۆز ئاچقان پەرزەنتىگە پىچىرلاپتۇ:
بۇ كۈنلەرگە رەھمەت دەپ،
كۆرمەس دىلى زەخمەت دەپ.
قويدۇق ئوغلۇم ئىسمىڭنى،
ئۇشبۇ دەمدە ئەھمەد دەپ.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئوغۇلنىڭ ئىسمى ئەھمەد قۇيۇلۇپتۇ.
ياز كۈنلىرى ھويلىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىدا، قىش تۈنلىرى سۇپىدىكى كونا تام ئوچاقنىڭ ئالدىدا ئاتىسى ئابدۇللادىن قىزىقارلىق سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئەھمەد ھەممە ياقتۇرىدىغان چۆچەكچى بالىغا ئايلىنىپتۇ.
بالىلىق چاغلىرىدا  سىرلىق تىلسىماتلارغا تۇيۇنغان قەدىمىي بەھرام ئۆستىڭى بويىدا ئويناپ چوڭ بولغان كىچىك ئەھمەد بۈگۈنكى كۈندە قۇلۇڭدا تۇرغان ئۇشبۇ يۈرەك سۆزىنى كۆتۈرۈپ ئاراڭلارغا پەيدا بوپتۇ.
..............
سۈيۈملۈك دوستلار، چۆچەكچى سەبدىشىڭلار ئەخمەتجان ئابدۇللا كىچىكىدە ئاتىسى ئابدۇللادىن ئاڭلىغانلىرى ۋە تەبىئەتنىڭ تەلىمى ئاساسىدا كۆڭۈل مۇڭلىرىنى سىلەرگە تۆكتى. سىلەر بىلەن سىرداشتى. چۈنكى ئۇ بالىلىقنى سېغىنىدۇ. سىلەر ھەر قېتىم:
ئاق تاش،كۆك تاش،
دەريا بۇيى سۈزۈك تاش.
مېنىڭ بىلەن كىم ئاداش،
ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟...
-دەپ چۇقۇرۇشقىنىڭلاردا ئۇ ھاياجاندا توۋلايدۇ:
ھەممىگە يار بالىلىق.
سىرداشقا زار بالىلىق.
قەلبىمدە بار بالىلىق.
ئوينايدىغان بالا مەن.
..........
   ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ تۇنجى بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتى 1999-يىلى 11-ئايدا "شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى"  گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان "ئۆردىكىم" ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ بالىلار ئەدەبىياتى چۆچەك ئىجادىيىتىدە سەرمەرىلىك ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ "تارىم غۇنچىلىرى" ژورنىلى، "شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى" گېزىتى قاتارلىق  بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيەت مۇنبەرلىرىدە "مېكياننىڭ ھېكايىسى" ، "قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى"، "ئىشەك مىنگەن پادىشاھ"، "ئىچى قىزىل كېپىنەك" ، "ئوت يىمەيدىغان توشقان"، "ئاغرىماقنىڭ پاراسىتى" قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق بالىلار چۆچەكلىرى ئىلان قىلىندى.
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئۈچۈن يازغان بىر بۆلەك چۆچەكلىرى 2006-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن "چۆچەك ئېيتالايدىغان قاپاق" دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر "مۇنەججىم توشقان" ( 2009-يىلى 5- ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، "ئور توقماقنىڭ ئاقىۋىتى" ( 2011-يىلى 1- ئاي شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فۇتۇ سۈرەت نەشىرياتى) ،‹‹ يۇلتۇز قىز ›› ( 2012-يىلى 1- ئاي شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ،"چېچەن ئوغلاق" ( 2012-يىلى 12- ئاي قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق بەش پارچە بالىلار چۆچەكلىرى كىتابى نەشر قىلىندى. ئۇنىڭ يەنە بالىلار ئويۇنلىرىنى چۆچەكلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېزىپ چىققان "سۇناي دوست"،"توخۇ ئوغلاق" ناملىق بالىلار كىتاپلىرى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن "ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر بالىلار چۆچەكلىرىدىن تاللانما" ناملىق ئىككى يۈرۈش كىتابى پات يېقىندا بالىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ....
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرى بالىلارغا خاس يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە تۇيۇنغان بۇلۇپ، مول خىيالىي تەسەۋۋۇر ۋە قىزىقارلىق ۋەقەلەر بىلەن بالىلارنىڭ ئۆتمۈشتىن بۈگۈننى، بۈگۈندىن كەلگۈسىنى تېپىش خىيالنى ئەركىن قاناتلاندۇرىدۇ.
بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى جاسارەت جاپپار ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرى ئىجادىيەت ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ:‹‹ ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدىن سۈيۈنگەن كىچىك دوستلارنىڭ خۇشال چۇرقۇرۇشقان ساداسى ئىچىدىكى ئۈمىد چوقانلىرى مېنىمۇ راستتىنلا ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنىڭ چۆچەكلىرىنىڭ ۋەقەلىكى قىززىقارلىق، شېئىرى مىسرالار ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈشىگە، تىنىۋېلىشىغا ئەسەرلىرىدىن ئۇرۇن بىرىش ئۇسلۇبى يېڭى، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل.
بالىلار ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ چۆچەكلىرىنى ئۇقۇش ئارقىلىق چۆچەكتىن ئىبارەت سۈزۈك، كەڭ دەرىزىدىن چەكسىز گۈزەل دۇنيانى كۆرىدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرى ـــــــ تارام-تارام تارىخ ئېقىنىدىن سۇ ئىچىپ پاك ئەخلاق زىمىنىدا كۆكلىگەن، مۇنبەت ھەققانىيەت تۇپرىقىدىكى باراۋەرلىك گۈلزارىدا چۇكىدەك تەكشى ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلدۇر. ئۇنىڭ چۆچەكلىرى ئىچىدە ئەپسانە، رىۋايەت بار. سىز، مەن؛  سىزنىڭ ۋە مېنىڭ گۈزەل بالىلىقىمىز بار.
بالىلارنىڭ نەزىرىدە كائىناتتىكى ھەممە نەرسە جانلىق- ھەرىكەت قىلىدۇ. قونچاق يىغلايدۇ. ئالتۇن كۈزدىكى غازاڭلار غۇر- غۇر شامالدا غال- غال تىتىرەيدۇ. گۈللەر ئۇسسىسا ئىسقىرىتىپ شەبنەم، يامغۇرنى چاقىرىپ كىلەلەيدۇ. دەرەخلەر قۇياشقا قاراپ چاۋاك چالالايدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇ خىل تەپەككۇر ماھىيەتتە ئوماق بالىلارنىڭ گۈزەل دۇنياغا بولغان ئۈمىدۋار تەلپۇنىشىنىڭ بىخلىنىشىدۇر.
ئەخمەتجان ئابدۇللا يېقىنقى يىللاردىن بىرى بالىلار چۆچەكلىرى ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش بەدىلىگە بالىلارنىڭ مەنىۋىيەت گۈلۈستانىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇپ كەلدى.
بالىلار چۆچەك ئىجادىيەت يازغۇچىلىرى شۇنى ھىس قىلىشىمىز كىرەككى، بالىلار چۆچەك ئۇقۇش ئارقىلىق دۇنيانى تۇنۇيدۇ. ئۆزىنى تۇنۇيدۇ. چۆچەك بالىلارغا ئۆزىنىڭ چۈش بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرالىشى مۇمكىن. چۆچەك بالىلارنىڭ چۈشىدەك گۈزەل، بەلكىم بالىلارنىڭ چۈشىدىنمۇ گۈزەلدۇر.
ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ گۈزەلىكگە تەلپۈنىشىنى، گۈزەللىكنى سۆيۈشىنى،گۈزەللىك نۇرىدا قەلب ئاسمىنى بېزەپ، سەبىي روھىنى  تاۋلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ساغلام ھىسيات، ئۆتكۈر پىكىرلىك، تاغدەك ئىرادىلىك، ئالماس تەنلىك بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بالىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئىنىمىز ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ شۇنداقلا ھەممە بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر.›› دەيدۇ. ئەخمەتجان ئابدۇللا بۇ يىل ھاياتىنىڭ ئوتتۇزىنجى باھارىدا دەۋرىمىز بالىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ھىس-تۇيغۇلىرىغا ماس بولغان سۆز ئويۇنلۇق شەكىلدىكى "چاپتىكەش چاشقان" ناملىق بالىلار ھەرپلىك قۇشاقلىرى توپلىمى نەشرگە تاپشۇردى.
بىز قاراقاش دىيارىدىكى بۇ چۆچەكچى مۇڭدىشىڭلارنىڭ يېقىندا بالىلارغا تەقدىم قىلىش ئالدىدا تۇرغان بالىلار ھەرپلىك قۇشاقلىرى ۋە بالىلار چۆچەكلىرىدىن بىر نەچچىنى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.
بىز بۇ چۆچەكچى بالىنىڭ ئىجادىيىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەپ ھەمدە  بۇندىن كېيىنمۇ بالىلار ئۈچۈن نادىر چۆچەكلەرنى داۋاملىق ئېيتىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭ يېقىندا يازغان بىر تۈركۈم شېئىر - چۆچەكلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
- مەسئۇل مۇھەررىردىن

بالىلار ھەرپلىك قۇشاقلىرى

توكمۇ توخۇ تۇغىدىكەن

تۇخۇم تىزدۇق تەكچىگە،
تۆت تەرەپتىن.
تۇتاشتۇردى تۇرسۇن توكنى،
تۆر تەرەپتىن.
تۇردى تۇخۇم توقسان تۈن،
توكنى تېتىپ،
توققۇز توخۇ تۇغۇلدى،
تايىن تېپىپ.
توكمۇ توخۇ تۇغىدىكەن.
تۇنۇۋالدىم.
تەبىئەتنىڭ تەلىمىنى،
تۇيۇۋالدىم.
تېمپىراتۇر تەڭشەيدىكەن،
توخۇنىڭ تۈكى.
توخۇسىغا تەتبىقلاپتۇ،
تۇرسۇننىڭ توكى.

چاپتىكەش چاشقان

چىرسلىتىپ چىگ چىپتىنى،
چاپتىكەش چاشقان.
چىپتىدىكى چىلاننى،
چاچقىنى چاچقان.
چاقار چاغقا چىلاننى ،
چىقىپمەن چاپسان.
چىشلىرىنى چاشقاننىڭ،
چاققىنىم چاققان.

باتۇر بارماق

بەش بارمىقىم بىرلىشىپ،
بازغان بولدى.
بۇزۇقلارنىڭ بۇرنىغا،
بارغان بولدى.
بۇزۇقلارنىڭ‹بۇلاق›لىرى،
بۇلدۇقلىدى.
-بۇلدۇق...بۇلدۇق...
بەش بارماقتا بۈيۈككىنە،
بىرلىك بولدى.
-بىلدۇق...بىلدۇق...
بىرلىشەيلى بىز بالىلار،
بەش بارماقتەك.
بوي-بەستىمىز باتۇرلۇققا،
بولسۇن بېزەك.

قەغەز قېيىق

قاتلايمىزا قاتلايمىز.
قەغەز قېيىق قاتلايمىز.
قۇنۇپ قەغەز قېيىققا،
قەشقەرلەرگە قاتنايمىز.
قاغىلىقتا-قۇملۇقتا،
قۇيۇن قوپسا قورقمايمىز.
قورققانلارنى قۇشۇنغا،
قېيدىسىمۇ قوشمايمىز.
قاراقاشقا قايىتقۇچە،
قاتار-قاتار قۇناقلىق.
قىزىقمىكەن قاتنىسا،
قۇرۇقلۇقتا قولۋاقلىق.

سىڭلىمغا...

سىزىۋالدىم سىڭلىم سېنىڭ،
سۈرىتىڭنى.
ساڭگىلىتىپ سەن سۆرىگەن،
سىۋىتىڭنى.
سەيۋە سالدىم سىۋىتىڭگە،
ساپاق...ساپاق.
سىپاتىڭدىن سەيۋىلەردە،
سۈزۈك سىياق.
سۆھبىتىمىز سەمىمىزگە،
سېلىنغاندا.
سىنچىلايمەن سۈرىتىڭگە،
سېغىنغاندا.

ھېيت ھارپىسى

ھارۋىمىزنى ھەيدىدۇق ھوي!...
ھېيتلىغىلى.
ھەلىمەنىڭ ھويلىسىنى،
ھىدلىغىلى.
ھازىرلاپتۇ ھەدىيەگە،
ھەجەر ھامما.
ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە،
ھېسىپ-ھالۋا.
ھۇزۇرلاندۇق ھاياجاندا،
ھەممە ھايھات!...
ھېسىمىزغا ھەمراھ ھەردەم،
ھېيتتەك ھايات.

چاپاق چىۋىن

چۆرگىلەيدۇ چىنەمنى،
چاپاق چىۋىنلەر.
چۆچۈرەمگە چۈشمەكچى،
چۇلاق چىۋىنلەر.
چىۋىن چۈشسە چىنەمگە،
چۇقۇم چىچىدۇ.
چۆچۈرەمنى چىشلىسەم،
چاتاق چىقىدۇ.
چۈشۈرمەيمەن چىۋىننى،
چىنەمدىن چەكلەپ.
چېۋەرلىكنى چىللايمەن،
چىۋىننى چەيلەپ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-11 18:44  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-2 15:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يۇلتۇز قىز
(چۆچەك)

مەھەللىمىزدىكى بەھرام ئۆستىڭى بۇيىدا ئولتۇرۇشلۇق تۈگمەنچى قوشنىمىز ھاشىم بوۋاينىڭ چولپان ئىسىملىك ناھايىتى شوخ، چىچەن بىر قىزى بار ئىدى. ئۇ نېمە بولدىكىن- تاڭ مۇشۇ كۈنلەردە « يۇلتۇزلارغا سۆز » دېگەن شېئىرىنى تۇلا يادلايدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۇ ئېتىز- باغلارغا بېدە تەرگىلى چىققاندا ياكى كەچلىرى ھويلىسىدىكى سۇپىدا چوڭلار بىلەن پاراڭغا ئولتۇرغاندا بىكار قالسىلا دۇم يېتىپ كىچىك مەشىق دەپتىرىگە مايماق -سايناق يۇلتۇزلارنى سىزاتتى. قىزىدە تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ قالغان بۇ غەلىتە ئەھۋالنى سەزگەن ھەجەرخان موماي بەزىدە ھاشىم بوۋايغا « قىزىمىزغا يۇلتۇز جىن چاپلىشىۋالغان ئوخشايدۇ » دەپ غۇدۇڭشۇپ قىزىدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتى.
بۈگۈن كەچمۇ چولپان قىز كۈندىكىدەك تاپشۇرۇقلىرىنى ئالدىراپ ئىشلىدى - دە، تېلىۋىزورمۇ كۆرمەستىن ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ يالغۇز يېتىپ يەنە شۇ ناخشىنى غىڭشىشقا باشلىدى.
چىمىرلايدۇ يۇلتۇزلار،
كۆز قىسىشىپ ئۆزىچە.
ئۇلار تۈننىڭ زىننىتى،
بوۋىلارنىڭ سۈزىچە.

ساناپ باقسام ئۇلارنى،
سانلىرىنىڭ چېكى يوق.
ئاداش بۇلاي دېسەم مەن،
كۆز قىسىدۇ گېپى يوق.

گەپ قىلساڭچۇ يۇلتۇزلار،
مەن دوستلۇققا يارامدىم.
ھەممىڭلارنىڭ قېشىغا،
مېھمان بۇلۇپ بارامدىم.
........
چولپان قىز ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى.بايىلا ناخشىدا ئېيتىلغاندەك ھەممە يۇلتۇز ئۇنىڭغا كۆز قىسىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلار مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ ئويلايتتى چولپان قىز يۇلتۇزلارنى ئۆزىچە. چولپان قىزنىڭ ئۇماق، ئويچان كۆزلىرى تۈن باغرىغا تىكىلدى. ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتتا چولپان قىز يۇلتۇزلاردىن، يۇلتۇزلار چولپان قىزدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايتتى،چولپان قىزنىڭ يۇلتۇزلارغا، يۇلتۇزلارنىڭ چولپان قىزغا ئېيتىدىغان بىر مۇنچە يۈرەك سۆزلىرى باردەك قىلاتتى. لېكىن ئامال قانچە، يۇلتۇزلارنىڭ چولپان قىزغا ئاندا- ساندا كۆز قىسىپ چېمىرلاپ قويغىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ھېچ نېمە دىيىشەلمەيتتى.
ساناپ باقسام ئۇلارنى،
سانلىرىنىڭ چېكى يوق.
.....
توغرا، دوستلىرىمنى ساناپ باقايچۇ، ناۋادا باشقىلار نەچچە دوستۇڭ بار دەپ سۇراپ قالسا،... دەپ ئويلىدى چولپان قىز.
ماڭا قاراپ دوستلىرىم،
كۆز قىسىشار چىم-چىم.
دوستلىرىنىڭ سانىنى،
بىلەلمەيدۇ كىم.

بىر،ئىككى،ئۈچ...
ئۇخلاپ قالاي جىم.
ھېرىپ كەتتىم بىردەمدە،
ساناقسىزكەن،ھىم.

دوستلىرىمنى ساناشقا،
ئاجىزكەن تىلىم.
ۋاي بولدىلا،بولدىلا،
ئۈگىنەي بىلىم.
چولپان قىز ئاستا كارۋىتىغا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى.ئۇنى ئۇخلىدى دېگەندىن كۆرە يەنە شۇ يۇلتۇزلارنى ئويلاپ ياتتى دېگەن مۇۋاپىق ئىدى. كونىلار: «تىلىسەڭ تاپارسەن» دېگەندەك ئۇ يۇلتۇزلار شەھرىگە بېرىپ چۈش كۆردى.
(1)
تۇيۇقسىز بايىلا چولپان قىز ئۆز قۇلى بىلەن تاقاپ قويغان دەرىزە قاپقىقى ئۆزلىكىدىن ئاستا ئېچىلىپ ئىككى يۇلتۇز كىرىپتۇ.ئۇلار چولپان قىزغا ئىللىق سالام قىلىپ ئۆزلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ:
چولپان قىز،چولپان قىز.
تەييار بۇلۇڭ  تېز.
دوست بۇلۇشنى بىز بىلەن،
ئويلىغانغۇ سىز.

تەكلىپ قىلىپ ئۇياققا،
كەلدۇق مانا بىز.
ئورناپ كەتسۇن دوستلۇقتىن،
يۈرەكلەرگە ئىز.
...
دەپتۇ-دە، چولپان قىزنى چىرايلىق ياسىنىپ ئۆزلىرى بىلەن بىللە مېڭىشقا دەۋەت قىلىپتۇ.
-ئانامغا ئېيتپ قۇيايلىمىكىن، ھېچ شەپىسىزلا كىتىپ قالساق،- چولپان قىز بىر تەرەپتىن ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ ئاتۇقچە ئاۋارە بۇلۇپ قېلىشىنى ئويلىسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تېخى بايىلا سۈرگەن شىرىن خىيالىنىڭ بۇنچە تىز ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ ئاستا يۇلتۇزلارغا ئەگىشىپتۇ.
-بولدى، ۋاقتىمىز بەك قىس، شۇ تاپتا دوستلار سىزنى كۈتۈپ تاقىتى تاق بولغاندۇ،-ئاقكۆز يۇلتۇز دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ بىر ئىسقارتقان ئىكەن، بىر پارچە كىگىزدەك ئاق بۇلۇت دەرىزە تۈۋىدە يېيىلىپ يېتىپتۇ.
-تىز بۇلۇڭ، بۇلۇت مەپىگە چىقىڭ، سىزنى ھايال قىلمايلا ئەكىلىپ قۇيىمىز. كىچىكسەك يۇلتۇز بوۋام ئەنسىرەپ قالىدۇ،-كۆككۆز يۇلتۇز چولپان قىزنى كۈتۈرۈپلا بۇلۇت مەپىگە ساپتۇ.
-بۇلۇت مەپە،بۇلۇت مەپە.
ئۇچقىن سەن،چىقارماي شەپە.
ئاخىرقى بارار جايىڭ،
يۇلتۇز بوۋام تۇرار  كەپە.
....
بۇلۇت مەپە ئاقكۆز يۇلتۇزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ لىپ-لىپ قىلىپ كۆككە كۈتۈرلۈپ، شىپىر- شىپىر ئۇچۇشقا باشلاپتۇ.
-كۆككۆز ھەدە،بۇ نېمە؟
-بۇلۇت مەپە...
-نېمىدىن ياسالغان؟
-پاختىدەك ئاق بۇلۇتتىن.
چولپان قىز ئۆزىنى خۇددى چۆچەك كىتابىدا ئۇقۇغان ئۇچار گىلەمدە ئولتۇرغاندەك ھىس قىلىپتۇ.بىر چاغدا ئاقكۆز يۇلتۇز بۇلۇت مەپىگە توختاشقا بۇيرۇق بىرىپتۇ.
چولپان قىز بىر چاغلاردا دادىسىنىڭ جاڭگالغا ئۇتۇنغا بارغاندا يول بۇيىدىكى سۆگەتنىڭ سايىسىدا توختاپ ئات-مەپىسىنى ئارام ئالدۇرغىنىنى ئىسىگە ئېلىپ بىردەم ئارام ئېلىۋېلىپ يەنە ماڭساق كىرەك دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، ئىش ئۇ ئويلىغاندەك بولماپتۇ.ئۇنىڭ ئالدىغا بىر توپ يۇلتۇز مومىسى يىپقا تىزغان مارجاندەك رەتلىك تىزىلىپ، ئۇنى قارشى ئاپتۇ.
-شەھرىمىزگە خۇش كەپسىز...
-ئامان بۇلۇڭ...
چولپان قىز يۇلتۇزلار توپىدىكى بۇ كىچىك دوستلار بىلەن بىر– بىرلەپ قۇچاقلىشىپ كۈرۈشكەچ ئاجايىپ نەپىس بىزەلگەن بىر كەپىگە كىلىپ قاپتۇ. بۇ كەپە ئەسلىدە ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز گىپىنى قىلغان ھېلىقى يۇلتۇز بوۋاينىڭ تۇرار ئورنى ئىكەن.
-بۇ قەيەر؟
-بىزنىڭ ئوردا.
-نېمە؟
...
ئاقكۆز يۇلتۇز چولپان قىزغا، ئوردىنى تۇنۇشتۇرۇپ:
-بۇ يەردە پۈتۈن كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ پادىشاھى بولغان يۇلتۇز بۇۋام ئولتۇرىدۇ.بۈگۈن ئۇنىڭ مىڭ ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسى ئىدى. بىز سىزنى ئاتايىن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە مەرىكە ئوينىسۇن دەپ ئېلىپ كەلدۇق.بۇ بوۋامنىڭ ئۆزىنىڭ تەلىپى. بايام ئالدىراپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن، -دەپتۇ.
- سىلەر شاھىڭلارغا ئانچە ھۆرمەت قىلمايدىكەنسىلەر.ئۇ شۇنچە ئۇلۇغ، كاتتا شاھ تۇرسا، چوڭ-كىچىك ھەممىڭلار بوۋام، بوۋام دەپ يېنىغا يېپىشىۋېلىپ...،- چولپان قىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى چۈشكىچە كۆككۆز يۇلتۇز كۈلۈمسىرىگىنىچە:
-بىز پادىشاھىمىزنى ھۆرمەتلىگەچكە شۇڭا بوۋا دەپ چاقىرىمىز. پادىشاھ بولغۇچى شۇ قەۋىمنىڭ ئاتىسى بولغۇچىدۇر. ئاتا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانچە مېھرىبان، كۈيۈمچان بولسا پەرزەنتلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچە ئامراق بۇلىدۇ، ئۇنىڭغا يېپىشىدۇ.ئەگەر ئاتا پەرزەنتكە قەھرى- غەزەپ بىلەن باقسىچۇ ھەرقانچە كۆپ پەرزەنىتى بولسىمۇ ئۇ پەرزەنت مېھرىنى ھىس قىلالمايدۇ.بىزنىڭ شاھىمىز ئاجايىپ مېھرىبان، چىقىشقاق ئىكەنكى، ھەممىمىز ئۇنى ئۆز ئاتىمىزدەك كۆرىمىز. شۇڭا ...ھوي، سىزنى ئوردىغا باشلىماي نېمىلەرنى دەپ كەتتىمەي، جۈرۈڭ بوۋام قېشىغا كىرەيلى،-دەپ چولپان قىزنى ئوردىغا باشلاپتۇ.
-توختاڭ،بىزنىڭ مەھەللىدە توغۇلغان كۈنگە سوۋغا ئېلىپ بارىدىغان قائىدە بار ئىدى، مەن ھېچ نېمە ئالماي...، بايام يا ئۆيدە دېمەپسىز، ھېچ بولمىغاندا قونچۇقۇمنى...
-بولدى تارتىنماڭ، بايام دېدىمغۇ بوۋىمىز ئاجايىپ ئىسىل ئادەم، ئۇ سىزنى سوۋغىسىز كەپتۇ دەپ رەنجىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق قائىدە يۇق. جۈرۈڭ، بوۋىمىز بىلەن كۈرۈشۈڭ، ئۇ سىزنى كۈتۈپ تۇرغىلى نەۋاق...
چولپان قىز ئاقكۆز يۇلتۇزنىڭ باشلىشى بىلەن ئوردىغا كىرىپتۇ-دە، ئوردا ئىچىدىكى مۆجىزە- يېڭىلىقلارنى كۈرۈپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ.
-كىلىڭ قىزىم،كىچىكىپ قالدىڭلارغۇ؟
-شۇ...مەن...،-چولپان قىز ئاران شۇنى دىيەلىپتۇ.
-مەن ھەر كۈنى سىزنىڭ بىز ھەققىدە ئېيتقان زىكىر- پاراڭلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن. دوستلاردىن ئاڭلىسام تۇلىمۇ ئوڭلۇق، چىچەن قىز ئىكەنسىز، ئاخىرقى ئۆمرۈمدە سىزنى مۇرادىغا يەتكۈزگەچ بىر كۈرۈشۈۋالاي دەپ بۇياققا تەكلىپ قىلدىم. خالامسىزكىن ؟ ،-يۇلتۇز بوۋاي چولپان قىزنىڭ بېشىنى سېلىغاچ شۇلارنى سۇراپتۇ.
-رەھمەت بوۋا، خالىمامدىغان. بۇ كۈنلەرنى كۈرەرمەن دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، -دەپتۇ چولپان قىز تارتىنىپقىنا.
-كۆرىسىز قىزىم، كۆرىسىز.بۇ يەردە جىق مۆجىزە-يىڭىلىقلارنى كۆرىسىز. قاراڭ ئاۋۇ سىزگە قاراپ تۇرغىنى چۈمۈچ يۇلتۇز مومىڭىز. ئىسىڭىزدە بارمىكىن، سىز كىچىك چېغىڭىزدا ئانىڭىز بىلەن بازاردىن ياناردا كەچ قىلىپ يولدىن ئادىشىپ قالغاندا سىلەرنىڭ يۇلۇڭلارنى يۇرۇتۇپ بىرىپ ئۈيۈڭلارنى تېپىۋېلىشقا ياردەملەشكەن مومىڭىز شۇ.
-راست ئىسىمگە كەلدى.ئۇ كۈنى بىز ئۆيىمىزنى تاپالماي بەك قىيلىنىپ، ھېرىپ كەتكەن ئىدۇق.شۇ چاغدا ئانام كۆككە قاراپ كەينىمىزگە يېنىشىمىز كىرەكلىكىنى ئېيتتى.راست دېگەندەك ئۇزاق ماڭمايلا ئۆيگە كىلىپ قالدۇق. ئەسلىدە ئانامغا چۈمۈچ يۇلتۇز مومام يول كۆرسىتىپ بىرىپتىكەن-ھە! شەپقىتىڭىزگە كۆپ رەھمەت، شۇتاپ سىز بىلەن كۆرۈشكىنىمنى بىچارە ئانام ئاڭلىسا خۇشاللىقتىن يىغلىۋەتكەن بۇلاتتى،- چولپان قىز چۈمۈچ يۇلتۇز موماي بىلەن قۇچاقلىشىپ كۈرۈشۈپتۇ.
-بۇياق تۇرغۇن يۇلتۇز تاغىڭىز، ئۇ بەكمۇ سەگەك، بىر ئىشقا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. سىزنىڭ بىزگە بولغان قىزىقىشىڭىز ھەققىدىكى سۆز- چۆچەكلەرنى بىزگە شۇ يەتكۈزگەن.
-رەھمەت تاغا، سىز بولمىغان بولسىڭىز مېنىڭ بۈگۈنكى شادلىقىم بولمىغان بۇلاتتىكەن.سىز مېنى مۇرادىمغا يەتكۈزدىڭىز جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئۇقۇتقۇچىمىزمۇ سىزنىڭ گېپىڭىزنى تۇلا قىلىدىغان، -ھە، راست قىزىم، پاراڭ بىلەن بۇلۇپ ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن. ئىسمىڭىز چولپانغۇ دەيمەن.
-ھەئە،ئىسمىم چولپان.ئىسمىمنى بىلىسىزكەنغۇ؟
-تۇرغۇن يۇلتۇز تاغىڭىز ئېيتىپ بەرگەن.
-ئاتا-ئانام مېنى چوڭ بولسا ناخشا چولپىنى بۇلىدۇ دەيدۇ.لېكىن مېنىڭ يازغۇچى بولغۇم بار.
-يازغۇچىلارغا ھەۋەس قىلىدىغان ئوخشىمامسىز؟
-ھەئە،ئابلىكىم ھەسەن ئاكام بىلەن جاسارەت جاپپار تاغامغا بەك زوقۇم بار،ئۇلارنىڭ ئويناق تىللىق شېئىرى مىسرالىرىنى، قىزىقارلىق ھېكايە- چۆچەكلىرىنى ئۇقۇسام يۈرەكلىرىم ئويناقشىپ كىتىدۇ بەزىدە مەنمۇ چوڭ بولسام شۇلاردەك يازغۇچى بۇلۇپ تەبىئەت كىتابىنى ئۇقۇپ، تەپەككۇر قەلىمىمدە ئۆزگىچە بولغان بالىلىق خاتىرىسىنى يېزىپ چىقسام دەيمەن.
-ئىلاھىم مۇرادىڭىزغا يىتەرسىز.
يۇلتۇز بوۋاي چولپان قىزنىڭ ھاياجانلىق سۆزلىرىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپلا قاپتۇ.
-قانداق بوۋا، ئىسمىم چىرايلىقمىكەن؟  
-بەك چىرايلىق ئىسىمكەن.لېكىن...
-بوۋا، ئىسمىم سىزگە ياقمىغان ئوخشىمامدۇ؟...
-ياقتى قىزىم ، ياقتى.لېكىن مەن سىزنى يۇلتۇز قىز دەپ چاقىرايلىمىكىن دېگەن.
-نېمىشقا بوۋا؟...
-مۇنداقلا دەپ قويدۇم شۇ، چىرايلىق بولسۇن دەپ...
-مەيلى ئەمىسە ئىختىيارىڭىز، سىز شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز مېنى يۇلتۇز قىز دەپ چاقىرىڭ. ئاناممۇ مېنى بەزىدە شۇنداق دەپ چاقىراتتى.
ئوردىدىكى پاراڭ شۇنداق قىزغىن داۋاملىشىپ تاڭغا يېقىنلاشتى.
-قىزىم چارچىدىڭىزمۇ؟
-ياق، سىزچۇ بوۋا؟
-ياق، يېنىمدا سىزدەك بىر تاتلىق نەۋرەم تۇرسا نېمىشقا چارچاي.
-بولدى بوۋا ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ئەتە يەنە ئەلنىڭ غېمىنى قىلمىسىڭىز بولماس.
(2)
-ياخشى تۇرۇپسىزمۇ قىزىم؟
-ھەئە،سىزچۇ بوۋا؟
-خۇداغا مىڭ شۈكرى، مەنمۇ كۈندىكىدىن روھلۇق، تىمەن تۇرغاندەك قىلىمەن. كەيپىياتىممۇ ياخشى. جۈرۈڭ بىللە ناشتا قىلايلى.
يۇلتۇز قىز بىلەن يۇلتۇز بوۋاي ناشتا قىلىشقا تۇتۇش قىلىپتۇ. بىرنەچچە يۇلتۇز كۈتكۈچى مەخسۇس تەييارلانغان نازۇ-نىئمەت، شېرىن شەربەتلەرنى داستىخانغا تېزىپتۇ.يۇلتۇز شەكىللىك نان، يۇلتۇز رەڭلىك سۇغۇق ئىچىملىك، ھەممىسى پارقىراق يۇلتۇزغىلا ئوخشايتتى. يۇلتۇز قىز بۇنداق تاتلىق،ئىسىل يىمەكلىكلەر ھەققىدىكى پاراڭلارنى پەقەت چۆچەك كىتابىدىنلا ئۇقۇغاچقا كۆز ئالدىدىكى بۇ كارامەتتىن قاتتىق ھەيران قاپتۇ. يۇلتۇز قىز كىچىكىدىن مۇشۇنداق تاتلىق- تۈرۈملەرگە ئامراق بولغاچقىمۇ ياكى يۇلتۇز بوۋاينىڭ زورى بىلەنمۇ بۇ قېتىم ناشتىلىقنى ئاۋالقى كۈنلەردىكىدىن خېلىلا جىق يەۋاپتۇ.
-بۈگۈن سىزنى ئالدى بىلەن ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز ماڭا ۋاكالىتەن يۇلتۇز كۆلنى ئايلاندۇرۇپ كەلسۇن، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە مەرۋايىت دەرياسىغا بېرىپ سۇغا چۈمۈلۈپ كىلەيلى.سۇغا چۈمۈلۈشنى ياقتۇرامسىز؟
-ھەئە،لېكىن...
-نىمەلېكىن، سۇغا چۈمۈلۈشنى خالىمىسىڭىز قومغا كۈمۈلەرسىز.
-ياقەي، سىزلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋەتتىم. ئاتا-ئانام ئەنسىرەپ قالمىسۇن. قايتايمىكىن دەپ..
-نەدىكىنى، ئەمدى كەلگىنىڭىزگە بىر كۈن بولغان تۇرسا، سىزنى شەھرىمىزدە ياخشىراق سەيلە-ساياھەت قىلدۇرمىساق بولماس، بىلىشىمچە ئۆزىڭىزنىڭمۇ خىيالى شۇغۇ دەيمەن.
-ئۇغۇ شۇ، لېكىن،-يۇلتۇز قىز لىۋىنى چىشلىگىنىچە يەرگە قارىۋاپتۇ.  ئانغۇچە ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز بۇلۇت مەپىنى تەييارلاپ يۇلتۇز بوۋاينىڭ ھۇزورىغا يىتىپ كەپتۇ.
-مېڭىڭلار ئەمىسە، ئاق يول بولسۇن،-يۇلتۇز بوۋاي ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇزغا يۇلتۇز قىزنى كۆڭۈللۈك ئوينىتىشنى تاپىلاپ يولغا ساپتۇ.ئۇلار بۇلۇت مەپىدە ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۇچۇپتۇ. ئۇچۇپتۇ...
-بۇنداق گۈزەل جايلارنى كۆرمىگەن بولغىيىتتىڭىز ھەقاچان.
-ھەئە، پەقەت چۆچەك كىتاپلاردىنلا ئۇقۇغان.
-ئاۋۇ كۆرۈنگىنى تۈنۈگۈن يۇلتۇز بوۋام سىزگە تەرىپىنى قىلغان تورغۇن يۇلتۇز تاغىمىزنىڭ ئۈيى.ماۋۇ مېنىڭ ئۈيۈم.
-ئۈيىڭىز بەك چىرايلىق جايدا ئىكەن، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى بەك ساپ، سالقىنكەن.
-رەھمەت، ئانچە ئەمەس. سىزنىڭ ئۈيىڭىزمۇ مۇشۇنداق گۈزەل جايدىدۇ؟ -ئاقكۆز يۇلتۇز يۇلتۇز قىزغا يۇرتىنى ئىسىگە سېلىپ سۇراپتۇ.
-ياق،-دەپتۇ يۇرتىنى سېغىنغان يۇلتۇز قىز قارا قوي كۆزلىرىگە لىق ياش ئېلىپ:-مېنىڭ ئۆيۈم يىراق سەھرادا، تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گىرۋىكىدە. تۆت ئەتراپىنى قۇم بارخانلىرى قورشاپ تۇرىدۇ. يەتتە كۈننىڭ بەشىدە تۇپا- چاڭ يېغىپ تۇپىغا كۈمۈلۈپلا كىتىمىز شۇ...
-مەھەللىڭىزدىن زىرىككەن بولسىڭىز شاققىدە بۇياققا كۈچۈپ كىلىۋالامسىز -يە؟
-ياق، گەرچە يۇرتۇم يىراق سەھرادا، چۆل باغرىدا بولسىمۇ، مېنىڭ كېندىك قېنىم شۇيەرگە تۈكۈلگەن. بىزدە «تاشمۇ چۈشكەن يىرىدە ئەزىز» دەيدىغان گەپ بار.مەن يۇرتۇمنى سۈيىمەن. ئاشۇ تۇپا-توپان بېسىپ تۇرغان ئانا يۇرتۇمنى، تەر پۇراپ تۇرغان ئىشچان، ساددا خەلقىمنى ياخشى كۈرىمەن. ئۇلاردىن ئايرىلىپ ياشاشنى خالىمايمەن. كەلگۈسىدە ياخشى ئۇقۇپ ئانا يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇيۇم بار، ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ قالسا...، -يۇلتۇز قىز ھاياجاندا كۆزىنى يىراق ئۇپۇققا تىكىپتۇ.
ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز يۇلتۇز قىزنىڭ ئۆز يۇرتى ۋە خەلقىگە بولغان چەكسىز مېھرى- مۇھاببىتىگە ئاپرىن ئۇقۇشۇپتۇ.
-يۇلتۇز كۆل چىرايلىقمۇ؟
-ئەلبەتتە چىرايلىق، ھازىر تەرىپلەپ بەرسەم پو ئاتتى دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ھېلى كۆرىسىز،-كۆككۆز يۇلتۇز يۇلتۇز كۆلنىڭ تەبىئى ئەۋزەللىكلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرگەچ يۇلتۇز قىزدىن ياندۇرۇپ سۇراپتۇ.
-راست يۇلتۇز بوۋام چولپان قىز كەلسە ئۇنىڭغا يېڭى ئىسىم ھەدىيە قىلىمەن دېگەندەك قىلغان. تۈنۈگۈن ھاردۇقتا تازا زەن سالماپتىمەن، يېڭى ئىسمىڭىز...
-يۇلتۇز قىز.
-ئوھوي، مۇبارەك بولسۇن.بۇ بەك چىرايلىق ئىسىم ئىدى.يۇلتۇز بوۋام ئاخىرى دېگىنىدەك قىلپتۇ-دە.
-بۇرۇنقى ئىسمىممۇ خېلى بۇلىدىغاندەك قىلاتتى.لېكىن تۈنۈگۈن يۇلتۇز بوۋام شۇنداق دەپ تۇرۇۋالغاچقا ئامالسىز قالدىم...شۇڭا ئارتۇقچە بىر نېمە دېيىشمەيلا ماقۇل دەۋەتتىم...
-بەك ياخشى قىلىپسىز.
-يۇلتۇز بوۋام ئاخىرى مۇرادىغا يىتىپتۇ-دە،-ئاقكۆز يۇلتۇزنىڭ بۇ سۆزى يۇلتۇز قىزنى قىزىقتۇرۇپتۇ.
-نېمە دېمەكچى سىز.بۇ ئىشتىن سىلەرنىڭمۇ خەۋرىڭلار بار ئوخشىمامدۇ؟
-بۇ ئىش ھەممىگە ئېرىقتىكى تاشتەك، چىنىدىكى ئاشتەكلا ئايان تۇرسا. يۇلتۇز بوۋام سىزگە ئېيتمىغانمۇ؟...
-نېمىنى؟...
-بوۋامنى سىزگە ئېيتقان چېغى دەپتىمىز. بۇ مۇنداق ئىش،-ئاقكۆز يۇلتۇز ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپتۇ:
-بۇرۇن يۇلتۇز بوۋىمىزنىڭمۇ چولپان ئىسىملىك سىزدەك ئۇماق، چىچەن بىر قىز نەۋرىسى بۇلىدىغان. بۇۋىمىز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئامراق ئىدىكى، بىر قەدەممۇ يېنىدىن ئايرىمايتتى.ئۇ قىز نېمە قىلىمەن دېسە يۇلتۇز بوۋىمىز شۇنى قىلىپ بىرىپ بەك ئەتىۋارلاپ باقاتتى. نېمە ئامال دەيسىز، ئۆتكەن ئايدا بىچارە قىز يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. بوۋىمىز ئۇماق نەۋرىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا تۈگۈشۈپلا كەتكەن ئىدى.كىيىن ئاڭلىساق تۇيغۇن تاغام يۇلتۇز بوۋىمىزغا سىزنىڭ خەۋىرىڭىزنى قىلىپتۇ. دېمىسىمۇ سىزمۇ يۇلتۇز بوۋىمىزنىڭ نەۋرىسىگە بەك ئوخشايدىكەنسىز.چىرايىڭىزغۇ ئوخشىسۇن،  ئىسمىڭىزنىڭ ئوخشاشلىقى تېخى. شۇنىڭ بىلەن يۇلتۇز بوۋىمىز ھەر قېتىم نەۋرىسىنى سېغىنغاندا سىزنى ئۆز نەۋرىسىنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ سىزگە تويماي قارايدىغان بۇلۇپ قالدى. سىزمۇ بەلكىم دىققەت قىلغان بولغىتتىڭىز، سىز ھەر نۆۋەت ئۆيىڭىزنىڭ دەرىزىسىدىن بېشىڭىزنى چىقىرىپ يۇلتۇزلارغا قارىغاندا كۆزىڭىزگە ئەڭ بۇرۇن چېلىقىپ سىزگە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قارىغان چوڭ يۇلتۇز دەل يۇلتۇز بوۋىمىز شۇ. بىز تۈنۈگۈن ئۇنىڭ تەلىپى بۇيىچە سىزنى ئاتايىن بۇياققا ئېلىپ چىقىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇ.ئىسمىڭىزنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك يۇلتۇز بوۋىمىز ھېلىقى نەۋىسىنى ئەركىلىتىپ «يۇلتۇز قىز»دەپ چاقىرىدىغان. شۇڭا ئۇ سىزنىمۇ شۇنداق ئاتىغان ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن ئۇنىڭ پىكىرىنى رەت قىلماي بەك ياخشى قىلىپسىز.بولمىسا ئۇ بەك ئازاپلىنىپ كىتەتتى.
يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە يېڭى ئىسىم ھەدىيە قىلغانلىقىنىڭ  سەۋەبىنى ئەمدى چۈشۈنۈپتۇ.
-يۇلتۇز كۆلگە يىتىپ كەلدۇق. ئاستا، ئاۋايلاپ چۈشۈڭ...
-ۋاھ، ئاجايىپ چوڭ كۆل ئىكەنغۇ بۇ، سۇلىرى قاشتىشىدەك سۈزۈك.كۆل بۇيىنىڭ تەبىئى مەنزىرىسىمۇ بەك ئۇزكەن.
-قانداق بۇ كۆل بايام دېگىنىمدەك چىرايلىقمىكەن.
-چىرايلىقكەن، دېگىنىڭىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە چىرايلىقكەن.ئاھ، مەيىن شامال...-يۇلتۇز قىز توۋلىۋەتكىلى تاسلا قاپتۇ.
-سىز ھەر قېتىم ئاسمانغا قارىغىنىڭىزدا كۆزىڭىزگە كۆرۈنگەن كۆكلۈك دەل مۇشۇ يۇلتۇز كۆل.چوڭلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ كۆلنىڭ كۈلىمى بىلەن چوڭقۇرلىقىنى تاھازىرغىچە ھېچ كىشى بىلەلىگەن ئەمەسمىش، لېكىن بۇ كۆل توغرىسىدىكى تىلسىم رىۋايەتلەر ھامان ھەممىمىزنىڭ يادىدا...
چوڭلارنىڭ ئېغىزىدىن يۇرت تارىخى،ئەجداد يىلتىزى ھەققىدە گەپ چىقسىلا ئاخىرىنى ئاڭلاپ تۈگەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان يۇلتۇز قىز يۇلتۇز كۆل ھەققىدىكى رىۋايەتكە قىزىقىپ قاپتۇ.
-بىزنىڭ يۇرتتىكى مازار تاغ قەلئەسى بىلەن چىنار شاھى ھەققىدىلا رىۋايەت بارمىكىن دېسەم، سىلەرنىڭ بۇ كۆلىڭلارنىڭمۇ قىزىقارلىق ھېكايىسى بار ئوخشىمامدۇ؟...
- شۇنداق، ئاڭلاپ باقامسىز؟...
- مەھەللىگە قايىتقاندا يۇلتۇز كۆل ھەققىدە دوستلىرىمغا سۆزلەپ پو ئاتمىسام بولماس، بۇ رىۋايەتنى ئاڭلاپ يانمىسام ئارماندا قالارمەن.
يۇلتۇز قىزنىڭ خۇش تەبەسسۇم ئۈتۈنۈشى كۆككۆز يۇلتۇزنى يۇلتۇز كۆل ھەققىدە سۆزلەشكە مەجبۇرلاپتۇ.
-بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى ئەتىياز پەسلىنىڭ بىر ئازنى كۈنى كەچتە شەھرىمىزدە ھەپتە ئون كۈن توختىماي قارا بۇران چىقىپتۇ. شەھرىمىزدىكى چوڭ-كىچىك يۇلتۇزلار قورققىنىدىن غال-غال تىتىرەپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ. تەڭرىگە ھەمدۇسانا ئۇقۇشۇپ ئۆزلىرىگە مېھرىبانلىق تىلەپتۇ.
نېمە گۇناھ ئۆتكۈزدۇق،
بىلمىدۇق توۋۋا.
باشقىلارغا ئەسكىلىك،
قىلمىدۇق توۋۋا.

ۋاپا قىلىپ ھەممىگە،
ئۆتتۇق داۋاملىق.
كەچۈر بىزنى ئىلاھىم،
بەرگىن ئامانلىق.

شەپقەت قىلغىن بىزلەرگە،
توختىسۇن بۇران.
مېھرىڭ بىلەن زۇلمەتتىن،
يۇرىسۇن جاھان.
......
يۇرتداشلارنىڭ  نالە-زارى چېكىگە يىتىپ، بۇران چىقىپ ھەپتە توشقان كۈنى قارا بۇران شىپپىدە توختاپ پۈتۈن جاھان شام ياققاندەك ۋاللىدە يۇرۇپ كىتىپتۇ- يۇ، ئىشنىڭ يامىنى شۇ چاغدا چىقىپتۇ.
بۇران توختاپ يۇرتداشلار ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي چۇچۇپ كېتىپتۇ.چۈنكى، يۇلتۇز شەھرىنى پۈتۈنلەي قۇم بېسىپ سىلەرنىڭ تەكلىماكاندەك كونا خارابىگە  ئايلىنىپ كەتكەن ئىكەن.ئەڭ يامان بولغىنى بۇ قېتىملىق بۇراندا يۇلتۇز شەھرىگە سۇ كىرىدىغان بارلىق ئېقىنلار كۈمۈلۈپ سۇ مەنبەيىمىز ئۈزۈلۈپ قالغاچقا يۇرتىنى قايتا قۇرۇپ گۈللەندۈرۈشكە كۆزى ئىلمىگەن  ئاتا-بوۋىمىز تەڭرىگە يېلىنىپ قاتتىق يىغلاپتۇ:
بۇران چىقىپ يۇرتىمىز،
ۋەيران بولدى.
خۇشال-خۇرام بەختىمىز،
سەرسان بولدى.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...

قىلمىغان بىز ھېچ كىشىگە،
ئاچچىق يامانلىق.
تىلەر ئىدۇق سەندىن كۈندە،
بەخت- ئامانلىق.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...

كەتكەن بولسا خاتا-سەھۋەن،
قىلغان ئىشىمىز.
كەچۈر بىزنى، سەن ئۈچۈنلا،
ئاقتى يېشىمىز.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...

توۋۋا...توۋۋا... مىڭ بىر توۋۋا،
قىلغان گۇناھقا.
ئۇلۇغ تەڭرىم ئالغىن بىر رەت،
بىزنى پاناھقا.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...

بەرگىن بىزگە ئىلاھىم بىر،
يېڭى ھاياتلىق.
يۇرتىمىزدا جۇش ئۇرسۇن ئاھ!...
قايتا ئاۋاتلىق.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...

ئەقىدەڭدە چىڭ تۇرىمىز،
جېنىمىز پىدا.
ئىبرەت بولسۇن جىمى ئەلگە،
بىز قىلغان نىدا.
ھۆ...ھۆ...ھۆ...
……….
-كىيىن قانداق بۇلۇپتۇ؟-يۇلتۇز قىز كۆككۆز يۇلتۇزنىڭ ھېكايىسىنىڭ داۋامىغا قىزىقىپ گەپ كوچىلاشقا باشلاپتۇ.
-كىيىن قانداق بۇلاتتى،- ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى ئاقكۆز يۇلتۇز داۋاملاشتۇرۇپتۇ:- بىرچاغدا مېھرىبان تەڭرىنىڭ ئاتا-بوۋىمىزغا رەھىمى كەلدىمۇ - تاڭ، تۇيۇقسىز يۇرتداشلارنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش بىر ئورەككە يىغىلىپتۇ-دە، شىددەتلىك ئېقىن راسلاپ ئەسلىدىكى قېرىم-ئېتىزلارنى بويلاپ ئېقىپتۇ. ھەش- پەش دېگۈچە شەھەرنىڭ ئەسلىدىكى قىياپىتى ئەسلىگە كىلىپ ھەممەيلەننىڭ چېھرىنى شادلىق بىر ئاپتۇ…
-دېمەك، بۇ كۆل ئەينى چاغدا يۇلتۇزلار جەمەتىدىكىلەرنىڭ كۆز يېشى يىغىلغان ئۆرەكتىن شەكىللەنگەن ئىكەن- دە.
- ھوي!... نېمە دېگەن ئەقىللىق سىز. تۇيغۇن يۇلتۇز تاغامنىڭ سىزنى يۇلتۇز بوۋامغا ماختاپ بەرگىنى بىكار ئەمەسكەن-دە.
-ياقەي، مۇنداقچە پەرز قىلىپ باقتىم-شۇ.
- شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ كۈتۈشى بىلەن بۇ كۆل شەكىللىنىپ پۈتۈن يۇلتۇز شەھرىمىزنى قايتىدىن ھاياتلىق مەنبەسىگە ئىگە قىلىپ ئەسىرلەردىن بۇيان قۇرۇپ كەتمەي مۇشۇ كۈنگە ئۇرۇشۇپتۇ.
- سىلەرمۇ خېلى يامان يىغلاڭغۇلاردىن ئىكەن جۇمۇ. قانداق ھازىرمۇ يىغلاپ تۇرامسىلەر؟…
-ھا…ھا…ھا…
-يىغلايمىز، يىغلايمىز…. ھەر قېتىم ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك سىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ بىر  يىغلايمىز. شۇ چاغدا يۇلتۇز كۆلنىڭ سۈيى تېشىپ سىلەرنىڭ مەھەللىگە قاراپ ئاقىدۇ.
-نېمە؟…
-مۇنداقچە دەپ قويدۇم. مەھەللەڭلەردە ھەر قېتىم يامغۇر ياققاندا بىز ئاللىبۇرۇن يىغىدىن توختاپ بولغان بۇلىمىز.
-ھە، ئەمدى بىلدىم. مەھەللىمىزنى ياشناتقان يامغۇر ئەسلى سىلەرنىڭ يېشىڭلار ئىكەندە.
-شۇنداق.
-ئۇنداقتا دوستلىرىمنى چاقىرىپ سىلەرگە رەھمەت ئېيىتسام بولغىدەك…
-ياقەي، تۈزۈت قىلماڭ. ھە راست، سىزگە دېسەم، بۇنداق كۆللەردىن سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردىمۇ بارغۇ دەيمەن؟
-ئون نەچچىسى بار، بۇغدا كۆلى، باغراش كۆلى، سايرام كۆلى، قاناس كۆلى، لوپنۇر كۆلى دېگەندەك...
- كۈلىمى بۇنچىلىك چوڭ ئەمەستۇ بەلكىم.
-شۇنداق، لېكىن كۈلىمى بۇنىڭدەك چوڭ بولمىسىمۇ، مەنزىرىسى بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ.
-بىزمۇ بىر بېرىپ كۆرۈپ كەلسەك بولغۇدەك ئەمىسە قانداق دېدىم كۆككۆز.
-چىرايلىقلىقى چىرايلىق، لېكىن بىزنىڭ دائىملىق، ئۆلچەملىك باشقۇرۇشىمىز سەل كەمچىل بولغاچقا ساياھەت ئىشلىرىنى ئانچە تەرەققى قىلدۇرۇپ كىتەلمىدۇق
-باشقۇرۇش ياخشى بولمىسا كۆل دېگەن چۆل بۇلۇپ كىتىدىغان، بۇنى بىلىدىغانسىلەر.
-نېمىسىنى دەيسىز، راستلا شۇنداق بۇلىدىكەن. بىزنىڭمۇ لوپنۇر كۆلىمىز پەرۋىشسىزلىق تۈپەيلى چۆللىشىپ كەتتى. نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا جەننەتتەك بىر گۈزەل ماكان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھالاكەت دېڭىزىغا ئايلىنىپ نۇرغۇن جانلىق نابۇت بولدى. ئىسىت، پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدىكەن.
-راست دېدىڭىز. بىزمۇ بۇ كۆلنى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ مۇھاپىزەت قىلىمىز. سىلەرمۇ دەرھال باشقا كۆللىرىڭلارنى قوغداشنى كۈچەيتىڭلار.  بولمىسا ئۇلاردىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىلەر.
-شۇنداق قىلىمز ئەلبەتتە، يۇرتداشلارمۇ بۇ ئىشقا جىددى قاراۋاتىدۇ. ئۇھ، بەك ھېرىپ كەتتىم. ۋاقىتمۇ بىر چاغ بۇلۇپ قاپتۇ. قايتايلىمىكىن.
-مەيلى،ئىختىيارىڭىز.
يۇلتۇز قىز ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇزنىڭ ھەمرالىقىدا ئوردىغا يېنىپ يۇلتۇز بوۋاي بىلەن ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشۈپتۇ.
-قانداق يۇلتۇز كۆل چىرايلىقمىكەن؟
-ئاجايىپ چىرايلىقكەن.مەن ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئاۋارە بۇلۇپسىز.
-ياقەي،تىز چۈشلۈك تاماقنى يەپ تەييارلىنىڭ،ئەمدى مەرۋايىت دەرياغا بارىمىز.
-مەرۋايىت دەريا يىراقتۇ ھەقاچان؟
-خېلىلا يىراق، قورقىۋاتامسىز؟
-ئازراق، لېكىن قۇروقتۇم دەپ كۆرمەي يانسام بولماس.
-مانا ماۋۇ گىپىڭىز بەلەن بولدى.تىز تەييار بۇلۇڭ ئەمىسە، مەرۋايىت دەرياغا مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە بارىمەن.
يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋاينىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كىتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىن يۇلتۇز بوۋاي يۇلتۇز قىزغا ھەمرا بۇلۇپ مەرۋايىت دەريا بۇيىغا قاراپ يول ئاپتۇ.
-ھارمىغانسىز قىزىم.
-ياقەي، بۇ يەرلەرنى كۆرۈپ ھاردۇقۇم لىپپىدە چىقىپ كەتتى، بەك ياقتۇرۇپ قالدىم، يۇلتۇز شەھرى تەسەۋۇرۇمدىكىدىنمۇ بەك يېقىشلىقكەن.
-شۇنداق، بۇ زېمىننىڭ ھەقىقەتەن ماختىغۇچىلىكى بار. تەڭرى ئوڭ كۆزىدە باققان ماكان بۇ، خەلقىنىڭ ئاقكۆڭۈل، ساداقەتمەن، چىقىشقاقلىقىنى بىر دېمەڭ تېخى.
-بوۋا، نەۋرىڭىز چولپانمۇ بۇ يەرلەرگە كىلىپ باققانمۇ؟
نەۋرىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان يۇلتۇز بوۋاي بىر ھازا جىمىپ قاپتۇ.
-بوۋا، سىزگە نىمە بولدى. رەنجىپ قالمىغانسىز؟
-نەۋرەم ئىسىمگە كىلىپ شۇ، ھەممىدىن خەۋەر تېپىپ بۇلۇپسىز- دە،- يۇلتۇز بوۋاي كۆز يېشىنى سۈرۈتكەچ يۇلتۇز قىزدىن سۇراپتۇ.
-ھەئە،ئاقكۆز ئاكام  ئېيتىپ بەردى.
-نەۋرە قىزىم چولپانمۇ بۇ يەرلەرنى ئالامەت ياخشى كۆرىدىغان. بۇلۇپمۇ مۇشۇ مەرۋايىت دەريا بۇيىنى، شۇڭا سىزنىمۇ نەۋرەمنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ بۇ يەرگە باشلاپ كىلىشىم.
- بوۋا بۇ دەريانى نېمە ئۈچۈن مەرۋايىت دەريا دەيمىز؟
- بۇ دەريانىڭ باش ئېقىنى سىلەر بايام كۆرۈپ كەلگەن يۇلتۇز كۆلدە بۇلۇپ، مەن ئەقلىمنى بىلسەممۇ  شۇنداق ئاتىلىپ كەپتىكەن. بوۋامنىڭ دېيىشىچە: يۇلتۇز كۆل شەكىللەنگەندىن كىيىن يۇلتۇز جەمەتىدىكىلەر سۇ ئىزدەپ تەرەپ-تەرەپتىن بۇ كۆل بۇيىغا ۋە يۇلتۇز كۆلدىن ئېقىپ كەلگەن بۇ غول ئېقىن بويلىرىغا كۈچۈپ كىلىپ ماكانلاشقانكەن.
دەريادىكى مەرۋايىتقا كەلسەك ئۆز ۋاقتىدا ئاتا- بوۋىمىز قارا بۇران چىقىپ ئۆزلىرىگە كەلگەن بالايى - ئاپەتنىڭ ئەل-جامائەتتىن خەيرى-ئېھسان، مېھرى - شاپائەتنىڭ كۈتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىدىن  بولغانلىقىنى بىلگەن چاغدا ئۆيلىرىدىكى بارلىق ئۈنچە مەرۋايىت، ئالتۇن-كۈمۈشنى نەزىر-چىراق ھېسابىدا يۇلتۇز كۆلگە چېچىۋەتكەن بولغاچقا كىيىن يۇلتۇز كۆلدىن ئاققان ئېقىنلارنىڭ سۈيى ئەدەپ كۆلدىكى بايلىقىنى ئاستا-ئاستا ئېقىتىپ چىقىشقا باشلاپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ دەريادا بىر مەزگىل مەرۋايىت ئېقىپتۇ.ئۇ مېنىڭ بوۋامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ياشاپ ئۆتكەن زامانلار بۇلۇپ، يۇرتىمىز بۇنىڭدىنمۇ گۈزەل، ھازىرقىدىنمۇ مەئىشەتلىك چاغلار ئىكەنمىشكەن. كىيىن نېمە بولدى، يۇتىمىزغا كۆز تىگىپ بۇ دەريادىكى مەرۋايىتلارنىڭ ھەممىسى تاشقا ئايلىنىپ كىتىپتۇ...
بۇ دەريا يۇلتۇز شەھرىمىزنى دەل ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ بىزنى، بۇ شەھەرنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئانا دەريا. نەچچە ئەۋلاد مۇشۇ دەريانىڭ سۈيىنى ئىچىپ كەپتىمىز. سۇلىرى مەرۋايىتتا چايقالغاچقىمىكىن شۇنداق تاتلىق …قاراڭ، ئاۋۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنى ئاق بۇلۇت تېغى. خالىسىڭىز ئاق بۇلۇت چۇققىسىغا چىقىپ ئويناپ چۈشىمىز. ھە راست، قىزىم. سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردىكى دەريالاردا گۆھەر ئاقارمىش -ھە؟
-شۇنداق، يېقىنقى يىللاردىن بىرى تەڭرى رىسىقىمىزنى كەڭ قىلغاچقا دەريا ئېقىنلىرىمىزدىن گۆھەر چىقىۋاتىدۇ.
-سىلەرنىڭ خوتەن ئۇلۇغلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن يۇرت. ھېلىغۇ تېشىڭلار گۆھەركەن، سۈيۈڭلارنى زەمزەم، توپرىقىڭلارنى ئالتۇن قىلىپ بەرسىمۇ ئەرزىيدۇ.
-يۇرتۇم خوتەننى خېلى ياخشى چۈشۈنىدىغان ئوخشىمامسىز؟
-شۇ سىزگە يۇلۇققاندىن بىرى قىزىقىپ قالدىم.
-مەرۋايىت دەرياسى ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا ماس مەرۋايىت ئىكەن، سۇلىرى ئەينەكتەك سۈزۈك، قىرغاقلىرى كەڭتاشا.تەبىئى مۇھىيىتىمۇ بەك كۆرۈشلۈككەن. كۆرمەي يانغان بولسام پۇشايماندا قالىمەنكەن، تاس...
ئۇلار شۇ يۇسۇندا مەرۋايىت دەريا بۇيىدا كەچكۈچە ئويناپ، زۈمرەتتەك سۈزۈك سۇغا قانقۇچە چۈمۈلۈپ ئوردىغا يېنىپتۇ-دە، بىر كۈن ساياھەتتە ھېرىپ ھالى قالمىغان يۇلتۇز قىز بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتۇ.
(3)
ئەتىسى ئەتتىگەنلىك ناشتىدا يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋايغا قايتىپ كېتىش ئويىنى ئېيتىپتۇ.
-ئۆيدىن ئايرىلغىنىمغىمۇ ئۈچ كۈن بۇلۇپ قاپتۇ.سىلەرنى دېسەم بۇ يەردە مەڭگۈ تۇرۇپ قالسام دەيمەن.لېكىن شۇ تاپ ئاتا-ئانام ئەنسىرەپ ...
يۇلتۇز قىز يۇلتۇز بوۋايدىن ئۆزىنى قايتىشقا رۇخسەت قىلىشىنى ئۈتۈنۈپتۇ.
-شۇنداق قىلىڭ قېزىم،چوڭلار ئۈچۈن پەرزەنت مېھرىدىن ئارتۇق نەرسە يۇق، مەنمۇ پەرزەنت دەردىنى كۆپ تارتقان ئادەم. ئاتا- ئانىڭىزنىڭ كۆڭلى ماڭا بەش قولدەك ئايان، شۇ تاپ سىزدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ يۈرىكى سۇ بۇلۇپ كەتكەندۇ. ئەگەر قۇشۇلسىڭىز،تۇقۇمىچى يۇلتۇز ھەدىڭىز سۈرىتىڭىزنى بۇلۇت شايىغا تۇقۇۋالسۇن، سىزنى سېغىنسام قاراپ ئولتۇرارمەن.
-ئەلبەتتە قۇشۇلىمەن.مەنمۇ رەسىم سىزىشنى بەك ياقتۇرىمەن. بۇلۇپمۇ سىلەرنىڭ رەسىمىڭلارنى سىزىشنى...
   تۇقۇمىچى قىزلار يۇلتۇز بوۋاينىڭ تەلىپى بۇيىچە ھەش-پەش دېگۈچە يۇلتۇز قىزنىڭ سۈرىتىنى بۇلۇت شايىغا كەشتىلەپ بۇلۇشۇپتۇ. يۇلتۇز بوۋايمۇ يۇلتۇز قىزنى تەڭلىكتە قالدۇرماسلىق مەقسىتىدە ئۇنى ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇزنى ھەمراھ قىلىپ مەھەللىسىگە ياندۇرۇپتۇ.
-خوش بوۋا،ئامان بۇلۇڭ.
-خوش قىزىم.كىلىپ تۇرۇڭ.
ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا مەھەللىدىن قانداق چىققان بولسا مەھەللىگە يەنە شۇ يۇسۇندا قايتىپ مېڭىپتۇ.
-رەھمەت ئاقكۆز، كۆككۆز  ئاكا، سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلدىم.
-ھېچقىسى يۇق،سىزلا خۇشال بۇلىدىغان ئىش بولسا بىزگە سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شەرەپ.
-سىلەردىن ھېچ ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ.
-بىزنىڭمۇ شۇنداق، كۆرۈشۈپ تۇرارمىز. سىزلا ئاسمانغا بوي سۇزۇشقا ئىرىنمىسىڭىز بىز دائىم سىزنىڭ يۇلىڭىزغا قارايمىز.
-مەن سىلەرنى ھەرۋاقىت كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن.لېكىن سىلەر مەن بىلەن قېرىشقاندەك كۈندۈز كۈنى ئۆيۈڭلارغا مۈكۈۋالىدىكەنسىلەر.كەچ تەرەپتە ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلىرىم تېخى كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام چارچاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ بالدۇر ئۇخلاشقا ھەيدەپ تۇرغان.
ئاقكۆز يۇلتۇز بىلەن كۆككۆز يۇلتۇز يۇلتۇز قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆلۈپ كېتىپتۇ.
-جۇغراپىيە دەرسلىكىدە ئۆگەنمەپسىز-دە،بىز كۈندۈزىمۇ ھېچ يەرگە مۈكۈۋالمايمىز، يەنىلا سىزگە قاراپ تۇرىمىز شۇ.
-نېمە؟مېنى ئەخمەق ئەتمەڭ.مەن نەچچە قېتىم كۈندۈز كۈنلىرى سىلەرنى كۈرۈش ئىستىكىدە ئۆگزىگە چىقىپمۇ قاراپ باققان تۇرسام. ئۆزەڭلار تۈگۈل سايەڭلارمۇ كۈرۈنمىگىنى قىزىق.
-بەك چاقچاقچى ئىكەنسىز.بىز كۈندۈز كۈنلىرىمۇ ھامان كۆكتە چاقناپ تۇرۇۋىرىمىز. لېكىن كۈندۈز كۈنى قۇياش بوۋايمۇ كۇچىغا چىقىپ سىلەرنىڭ يۇلۇڭلارنى يۇرۇتقاچقا ئۇنىڭ كۈچلۈك نۇرى ئاستىدا بىزنىڭ ئاجىز نۇرىمىز ئانچە رۇشەن چاقنىمايدۇ شۇ. كۈندۈز كۈنلىرى بىزنى ئىنىق كۆرەلمەسلىكىڭلارنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن.
-ھە ئەمدى چۈشەندىم،بۇرۇن سىلەردىن بىكاردىن–بىكار ئۇرۇنسىز ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن. ھوي، ئاقكۆز ئاكا بۇلۇت مەپىنى توختۇتۇڭ، مەھەللىمىزدىن ئۈتۈپ كەتكىلى تاس قاپتىمىز.
-گەپ بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمىز ئەمەسمۇ. خوش ئەمىسە، دوستلىرىڭىزغا بىزدىن سالام دەڭ؟
-رەھمەت،سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلدىم.بولدى قايتىپ كېتىڭلار.
-خوش ئامان بۇلۇڭ...
يۇلتۇز قىز ئاقكۆز يۇلتۇز ۋە كۆككۆز يۇلتۇزلار بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيىگە كىرىپتۇ. يۇلتۇز قىز ئەسلىدە ئاتا-ئانام مېنى ئىزدەپ بەك ئەنسىرەپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ،لېكىن ئىش ئۇنىڭ ئويىدىكىدەك چىقماپتۇ. ئۇ ھويلىغا كىرگەندە ھەجەرخان موماي سۇپىنى تازىلىۋاتقان ئىكەن.
-ئاخشام قېرى تۇخۇدەك نېمانچە بالدۇر يېتىۋالىدىكىن دېسەم ئەسلىدە بالدۇر تۇرۇشنى ئويلىغان ئىكەنسەن-ھە. ماڭ،چاپسان چېيىڭنى ئىچ.
يۇلتۇز قىز ئۆزىنىڭ يۇلتۇزلار شەھرىگە كەتكىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇيمىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلغىنىغا تېخى نەچچە سائەتلا بولغانلىقىنى بىلىپتۇ.
-چولپان، چولپان ئۆرنۇڭدىن تۇرە قىزىم،كونىلار «سەھەر تۇرغان سائادەت، چۈشتە تۇرغان كاساپەت» دەپتىكەن تۇر، چېيىڭنى ئىچىپ مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلان.
چولپان قىز ھەجەر موماينىڭ نۇقۇشى بىلەن شىرىن ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ، ئۆزىنى ياتاق ئۆيىدە كۆردى-دە، ھېلىدىن بىرى يۇلتۇزلار شەھرى توغرىسىدا ئاڭلىغان- كۆرگەنلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، خۇشاللىقىدىن ناشتىمۇ قىلمايلا مەكتەپكە مېڭىشقا تەمشىلدى. ئۇ شۇتاپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى دوستلىرىغا ئېيىتپ بىرىشكە ئالدىراۋاتاتتى.
شۇنداق قىلىپ يۇلتۇز قىز چۈش كۆرگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا ئاسمانغا چولپان ئىسىملىك يەنە بىر يۇلتۇز پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ. يۇلتۇز بوۋاي ھەر قېتىم نەۋرىسى ۋە يۇلتۇز قىزنى سېغىنغاندا ئۇنىڭ ھېلىقى چاغدا تۇقۇمىچى قىز يۇلتۇزلار بۇلۇت شايىغا كەشتىلىۋالغان سۈرىتىگە ئوتلۇق مېھرى بىلەن قارارىغاچقا ھېلىقى يۇلتۇز ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلاردىن بەكرەك چاقناق كۆرۈنەرمىش. كىچىك دوستلار جۈرۈڭلار، ئاسماندىكى چولپان يۇلتۇزغا قاراپ باقايلى. ئۇ راسىتلا ھاشىم بوۋاينىڭ قىزىمۇ ئەمەسمۇ...

تايچاقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

بۈگۈن تايچاقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى.
ئۇ ئەتتىگەندە ئورنىدىن باشقا كۈنلەردىكىدىن خېلىلا بۇرۇن تۇردى. بۇ چاغدا  ئانىسى ئاق بايتال ئاللىبۇرۇن ئېتىزغا ئەمگەككە كېتىپ بولغان ئىدى. تايچاق ئالدى بىلەن چىشىنى چوتكىلاپ، يۈزىنى يۇيۇپ ناشتا قىلدى.ئاندىن ئانىسى ئۆتكەن يىلى بالىلار بايرىمىدا ئېلىپ بەرگەن كالتا يەڭلىك زېغىر رەڭ كانۋا كۆڭلىكىنى كىيىپ چىرايلىق ياساندى. ئۇ ئەينەككە تەكرار-تەكرار قارايىتتى. ئۇنىڭ ياغاق سۇزۇنچاق، ئامۇت يۈز چىرايىغا ماسلاشتۇرۇپ قۇيۇلغان ئۇزۇن،قارا چېچى ئۇنىڭغا خويمۇ ياراشقان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىز، كىلىشكەن بەستىگە تېخىمۇ سالاپەت بېغىشلايىتتى.
تايچاق ئاستا ياتاق ئۆيىنىڭ دەرىزىسىنى ئېچىپ يىراققا نەزەر سالدى. ئۇنىڭغا ھەممە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقاندەك، يىراق سەينادا خۇش پۇراق چېچىۋاتقان رەڭگارەڭ گۈللەردىن تارتىپ ئېگىز كۆك ئاسماندا لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مامۇق بۇلۇتلارغىچە ھەممە ئۆزىگە بەخت تىلەپ ئۆزىنىڭ شادلىقىغا جۆر بۇلۇۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. دېمىسىمۇ ھەپتىدىن بىرى مۇز چىرايىدىن تۇپا- تومان يېغىپ قاپىقى تۈرۈلۈپ قالغان ھاۋامۇ بۈگۈن باشقىچىلا ئېچىلىپ، كىشىگە ئالەمچە ھۇزۇر بەخىش ئەتمەكتە ئىدى....
تايچاقنىڭ شادلىقى ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى. چۈنكى يىراقتىن دېماققا ئۇرۇلىۋاتقان مەيىن شامال ئۇنىڭغا بۇندىن ئىككى يىل ئاۋالقى بىر كۆڭۈلسىزلىكنى ئەسلىتىۋاتاتتى.
ئۇ كۈنى تايچاقنىڭ يەتتە ياشقا توشقان تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.بايتال ئانا ئاشخانا ئۆيىدە چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى،تۇيۇقسىز سىرتتىن ئاچ بۆرىدەك ئېتىلىپ كىرگەن تايچاق ئانىسىغا ئېسىلىپ:
تۇغۇلغان كۈنۈم،
بولغۇدەك ئەتە.
قەلبىم شادلىققا،
تولغۇدەك ئەتە.

يۈرەك سۈزۈمنى ،
ئېيتسام مەن ساڭا.
يۇغان ئاپتۇمات،
ئېلىپ بەر ماڭا.

بۆجەنگە قونچاق،
ئېلىپ بەرگۈدەك،
مۇزايغا ئوردا،
سېلىپ بەرگۈدەك.

بۇ تۇرقۇم بىلەن،
دوستلار نېمە دەر.
ماڭىمۇ يېڭى،
كىيىم ئېلىپ بەر.
دەپتۇ-دە،ئانىسىغا قاتتىق يېلىنىپ يالۋۇرۇپتۇ.
بۇ كۈنلەر دەل تايچاقنىڭ ئاتىسىنىڭ جىگەر راكى بىلەن شىپاخانىدا داۋالىنىۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا؛ ئۆيىدىكى بار-يوقنىڭ ھەممىسى دورىغا سەرىپ قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدا بايتال ئانىدا تايچاقنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنلىغۇدەك ئارتۇقچە پۇل نېمىش قىلسۇن. مېھرىبان ئانا بىچارە ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىماي ئۇنى يالغاندىن بەزلەپتۇ.
ماقۇل بالام ھېلى مەن،
ئېلىپ بىرەي ئاپتۇمات.
ئېلىپ بىرەي يەنە مەن،
ئۇچىدىغان ياغاچ ئات.

غەلۋە قىلماي ھازىرچە،
ماشىناڭنى ئويناپ تۇر.
قانداق كىيىم ئالىمىز،
راست،بۇنىمۇ ئويلاپ تۇر.
تايچاق ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي يەنىمۇ تىپىچەكلەپ يىغلاشقا باشلاپتۇ. سۇپىدا يۇمىلىنىپ ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى چۇۋۇپ ھويلىنى بېشىغا كىيىپتۇ. بايتال ئانا قانچە بەزلىسىمۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت كات قىلماپتۇ. بايتال ئانا ئوغلى تايچاققا تاتلىق ۋەدىلەرنى بىرىپ يالۋۇرۇپ بېقىپتۇ، ئاچچىقلاپ قورقۇتۇپ دۈكۈشلەپ بېقىپتۇ.تايچاقنىڭ تۈغۈلغان كۈن سوۋغىتى جىدىلى ئەسلا بېسىقماپتۇ. ئۇرۇپ ئازراق ئەدەپلەپ قۇياي دىسە يۈرەك چىدىمىغان.يا تەنتەك تايچاق ئۆزىنى بېلىپ گەپ ئاڭلىمىغان. بىچارە بايتال ئانا تەڭلىكتە ئۇزاق كۆز يېشى قىلىپتۇ-دە،ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ بازارغا چىقىپ ئوغلىنىڭ جىدىلىنى بېسىقتۇرۇپتۇ. تايچاق شادلىقتىن يايراپ كىتىپتۇ.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۈتۈپ ھەممە ئىش ئاشكارلىنىپتۇ.ئەسلىدە بىچارە بايتال ئانا ھېلىقى كۈنى كىچىك ئوغلىغا ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقنى پەش قىلىپ، دەرت سۆزلەپ ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە ئازار بىرىشنى خالىماي، قوشنىسى ئىنەك ھاممىدىن مىڭ تەڭلىكتە پۇل ئۆتنە ئېلىپ ئوغلىغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ئېلىپ بەرگەن ئىكەن.
تايچاق كىيىنكى كۈنلەردە ئەينى ئەھۋالنى ئۇقۇپ دوستلىرىدىن بەس تالىشىپ مەنمەنچىلىك قىلىپ ئانىسىنىڭ يۈزىنى سۆرۈن قىلغانلىقىدىن قاتتىق خىجىل بۇلۇپتۇ -دە، ئانسىدىن كەچۈرۈم سۇراپتۇ. شۇندىن بىرى ئۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ھەققىدە غەلۋە قىلمايدىغان بۇلۇپتۇ.
شۇڭا بۈگۈنمۇ ئۇ ئانىسىنى ئارتۇقچە  چىقىمغا سالماي ئىلگىرى بار بولغان كىيىملىرىنى پاكىزە يۇيۇپ، رەتلىك كىيىۋالغان ئىدى.شۇتاپ ئۇ جاپاكەش ئانىسىنىڭ بۇينىغا گىرە سېلىپ:
سېلىپ بۇرۇن كۆپ جاپا.
قىلدىم سېنى مەن خاپا.
يەتتىم بۈگۈن قەدرىڭگە،
كەچۈر مېنى جان ئاپا.

ئېلىپ بەرمە ئاپتۇمات.
ئېلىپ يە سەن قەنت-ناۋات.
قاخشاتمايمەن ئەمدى مەن ،
ئاپا سېنى پەندىيات.
دەپ ئانىسىغا ئەركىلەشنى ئويلاۋاتاتتى.
-تاك...تاك...تاك
تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ تايچاقنىڭ خىيالى بۈلۈندى.
-تايچاق ئىشىكنى ئاچ...
-تايچاق بۇلە گاچ...
تۈنۈگۈن ئوتلاقتىن يانغۇچە دوستلىرىنىڭ ئەتە تۇغۇلغان كۈنۈڭنى تەبرىكلەشكە ئۆيۈڭگە بارىمىز دېگىنى تايچاقنىڭ ئىسىگە ئەمدى كەلگەن ئىدى. تايچاق ئالدىراپ ئىشىكنى ئاچتى-دە، بىر توپ دوستلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. قۇزا - ئوغلاق، مۇزاي بوتلاق ھەمىمىسى قوللىرىدا سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى تۇتۇشۇپ تايچاقنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇلار دوستى تايچاق ئىشىكنى ئېچىشىغىلا چۇقۇرۇشۇپ توۋلاپ كەتتى.
تايچاق...تايچاق...
ئەھۋالىڭ قانداق؟
ھايات گۈللىرىڭ،
چاچسۇن خۇش پۇراق.
تايچاق دوستلىرىنى ئۆيىگە باشلاپ ئۇلارنى ئىسىل نازۇ-نېئمەتلەر بىلەن مېھمان قىلدى. دوستلار كەڭ- كۈشادە يەپ- ئىچىپ،ساز چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ ئۇزاققىچە كۆڭۈل خۇشى قىلىشتى. قانغۇچە مۇڭداشتى.
بىر چاغدا مۇزاي دوستلىرىنىڭ غەلۋىسىنى بېسىقتۇرۇپ دېدى:
-دوستۇم تايچاق،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن.دوستلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ياخشى تىلەك، چەكسىز بەخت تىلەپ نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەپتۇ. قۇبۇل قىلغايسەن.مە،مەن چۇكا مۇز ئېلىپ كەلدىم.ھازىر يەۋال...
-ھەشقاللا ئاداش،رەھمەت ساڭا،ھېلى ئانام كەلگەندە يەي.
-مە،مەن مېۋە ئېلىپ كەلدىم...
-رەھمەت تەخەي،سېنى بەك ئاۋارە قىلىپتىمەن. ئانام مېۋىگە بەك ئامراق ئىدى.
-مە،تايچاق،ماۋۇ شاكىلاتنى يە، ئۇرۇقىنى تۈكۈرۋەت جۇمۇ...
ھەييار ئوغلاقنىڭ سۆزى ھەممىنى كۈلدۈرۋەتتى.تايچاق ھەممە دوستلىرىنىڭ سوۋغاتلىرىنى بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇلارغا كۆپ ئۆزرىخالىق ئۇقۇدى.
-كىلىڭلار دوستلار، بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالايلى...
-تايچاق كىلە سەن ئوتتۇردا تۇر...
يوغان كۆز بوتلاق كىچىككىنە فوتۇ ئاپاراتىنى كۈتۈرۈپ دوستلارنى رەتلەشكە باشلىدى.
-توختاڭلار،ئانام كەلگەندە چۈشەيلى-تايچاق ئاران شۇنى دېيەلىدى. ھەممە ھەيران بۇلۇپ بىر-بىرىگە قاراشتى.
-ئاداش-دېدى بوتلاق تايچاقنى نۇقۇپ،-بايام دوستلار ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئانام بىلەن يەيمەن دەپ ئېلىپ قويدۇڭ. ئەمدىلىكتە سۈرەتكە چۈشەيلى دېسەك، يەنە ئانامنى ساقلايلى دەيسەن، ئاپاڭنى نېمىشقا ساقلايمىز. جۈرە ئاداش...
-بولدى قىلە بوتلاق، بانايى  تەكلىماكاننىڭ قۇمىدىنمۇ جىقكەن بۇنىڭ. ئۆتكەندە بولسا تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى بارىمەن دەپ قېچىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە يەنە...جۇرۇڭلار كىتەيلى!
تەخەي دومسايغىنىچە بوتلاقنى سىرتقا تارتتى.بۇ چاغدا تايچاقنىڭ كۆزىدىن ئاللىبۇرۇن ئۈنچىدەك ياشلار قۇيۇلۇپ بولغان ئىدى.
- دوستلار، بىر ئىشنى ئېيتسام رەنجىپ قالماڭلار.بۈگۈنكى بۇ ئىشىمىز ئانچە قاملاشمىدى. بىز بۈگۈنكىدەك چاغدا ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئەمەس، بەلكى ئانىمىزنىڭ بىزنى توغقان كۈنى خاتىرلەپ ئانىمىزغا سوۋغا بىرىشىمىز كىرەك ئىدى.لېكىن بىز...
دوستلار ئاستا جىمىپ تۇرغان ئورنىدا تۇرۇپلا  قېلىشتى.
-كىلىڭلار دوستلار،- سۆزىنى داۋاملاشتۇردى تايچاق دوستلىرىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ: -توغرا، بۈگۈن مېنىڭ توغۇلغان كۈنۈم. ھەممىمىز خۇشاللىق ئىچىدە قىزغىن تەبرىكلەۋاتىمىز. ئۇيلاپ بېقىڭلار، بىز تۇغۇلغان ئاشۇ كۈنى ئانىمىز تولغاق ئازابىنى قانچىلىك تارتقان بولغۇتتى. بەلكىم ئاغرىقتىن يەر تىتىرەپ، ئاسمان پەسلىگەندۇ. ئانىمىز بىزنى تۇققۇز ئاي، توققۇز كۈن قۇرساق كۈتۈرۈپ ئاچچىق ئازاپتا تۇغۇپ،مىڭ جاپادا قاتارغا قۇشىدۇ. يىمەي-يىگۈزۈپ، كېيمەي- كېيگۈزۈپ بىر ئۆمۈر بىز ئۈچۈن پايپىتەك بۇلىدۇ. قېنى قايسىمىز بۈگۈنكىدەك ھەشەمەتلىك تۇغۇلغان كۈن زىياپەتلىرىدە ئاشۇ ئانىمىز ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز ئاچالىدۇق. ئۇنىڭ ئەجرىگە نېمە قىلىپ بىرەلىدۇق. قايسىمىز بۈگۈنكى كۈندە ماگىزىندىن ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس ئاشۇ بىچارە ئانىمىز ئۈچۈن سوۋغاتلىق ئالالىدۇق.ھېچ قايسىمىز. ھەممىمىز ئۆز شادلىقىمىز ئۈچۈن ئۇنى قاقشاتتۇق. ئۇنى ئۇنۇتتۇق. ئۇ بىزگە ئاتاپ ئاتايەن كىسەل پۇتىنى سۆرەپ بازارغا چىقىپ، يېڭى ئوت- ياش، تاتلىق نان-ئاش ئېلىپ كىرىپ بىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ غىزالىنىش تەمەسىدە تاماق تەييار قىلسا ھېچقايسىمىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلالمىدۇق. ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىدۇق. ئەينى چاغدىكى تولغاق ئازابىنى يەڭگىللىتەلمىدۇق. ئەكسىچە ئۇنى تاشلاپ يىراق باغچىلارغا قاچتۇق...
بولدى دوستلار، مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇ تۇغۇلغان كۈن جېدىلى تۈپەيلى ئانامنى جىق قاقشاتقان ئىكەن مەن. ئەمدى ھەممىنى چۈشەندىم.بىز ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى بىر ئانا، شۇ ئوتلۇق ئانا مېھرى ئىكەن. بولدى بۈگۈندىن باشلاپ ھەممىمىز تۇغۇلغان كۈنىمىزنى ئەمەس، ئانىمىزنىڭ بىزنى توغقان كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئادەتلىنەيلى. ئۇمۇ شادلىقىتىن بەھرىمان بولسۇن. ئۇمۇ جاپا- مۇشاقەتتىن بىر رەت يىراقلىشىپ راھەت باغچىسىنى ئايلىنىپ باقسۇن
ھەممەيلەن تايچاقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ جېمىپ قېلىشتى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىشىپ بۇرۇن قىلغان، ئەتكەنلىرىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىشتى.
-تايچاق تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق گەپ قىلدى.بۇنى بۇرۇن ھېچقايسىمىز ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمىز. مەنمۇ تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئانامنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكەن ئىكەنمەن.مانا ئەمدى تايچاقنىڭ سۆزلىرىدىن قىلمىشىمنىڭ ئۇرۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ،خىجىل بۇلىۋاتىمەن. بۇندىن كىيىن مەنمۇ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئەمەس ئانامنىڭ مېنى توغقان كۈنىنى خاتىرلەيمەن. دوستلار، ئانىلار ياشىسۇن...
-ياشىسۇن....
- ئانىلار شادلانسۇن...
-شادلانسۇن....
تايچاقنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلانغان بۇ سۆزلەر قۇزىنىڭ كۈچەيتىشى بىلەن ھويلىنى بىر ئالدى. ھەممە شادلىقتىن تايچاقنى ئاسمانغا ئاتتى .
-شۇنداق قىلايلى،بۇندىن كىيىن ھەممىمىز تۇغۇلغان كۈنىمىزدە ئانىمىزنى خۇشال قىلايلى، ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ بىزنى توغقان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بىرەيلى. جۈرۈڭلار، بايتال ھەدەمنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشىمىز.
تايچاق ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى چۇقۇرۇشقىنىچە ھەييار ئوغلاققا ئەگىشىپ بايتال ئانىنى ئىزدەپ ئېتىزغا چاپتى.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-4-2 15:52:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى

(شېئىرى چۆچەك)

-قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى؟!...
بۇنى ساڭا كىم دىدى؟
قار ئەسلىدە ئۇن بولسا،
ئۇنى دەسلەپ كىم يىدى؟
«قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى»،
بۇنى مومام تاپقان گەپ.
زىرىكمىسۇن دەپ بىزنى ،
چۆچەك قىلىپ قاتقان گەپ.
چاشقان يىلى قار يېغىپ،
ئېچىلغاندا ئاق چىچەك.
كەچتى شۇئان ئىسىمدىن،
مومام ئىيتقان شۇ چۆچەك.
«بۇرۇن، بۇرۇن زاماندا،
ئىشلەش يوقكەن ئىنساندا.
تەييار ئاش-نان يەيدىغان،
ئىكەن ياخشى ئىمكاندا.
قار ئەمەسكەن ئۇ چاغدا،
كۆك ئاسماندىن ياغقىنى.
ئىكەن ئەسلى تەڭرىنىڭ،
ئۇن خالتىسى قاققىنى.
شەپقىتىدىن تەڭرىنىڭ،
ياغاركەن ئۇن ئاسماندىن.
ئۇ كۈنلەردە ھېچ كىمنىڭ،
غېمى يوقكەن ئاش-ناندىن.
شۇ سەۋەپلىك بارچىنىڭ،
كۆڭلى،قارنى توق ئىكەن.
ھەممە جايدا مولچىلىق،
ئاچارچىلىق يوق ئىكەن.

بىر قىش كۈنى كەچقۇرۇن،
تەڭرى قىلىپ شاپائەت.
ئۇن ياغدۇرۇپ ئاسماندىن،
كۆرسىتىپتۇ كارامەت.
يۇرتقا شادلىق تۇلۇپتۇ،
ئەل رىسىقى چىچەكلەپ.
ئۇن تۇشۇپتۇ ھەممەيلەن،
ئۆي-ئۆيلەرگە ئىتەكلەپ.
شۇ كىچىسى، شۇ يۇرتتا،
مۇنداق بىر ئىش بولۇپتۇ.
‹تۇزكۇر› بۇلۇپ ئىنسانلار،
پۇشايمانغا تولۇپتۇ.
كۈن چىقىش تام ھويلىدا،
ئولتۇراركەن بىر ئايال.
ھەمراھ ئىكەن ئۇنىڭغا،
كۈندە كۈرمىڭ خام خىيال.
ئويلىسا ئۇ بەزىدە،
خانغا خانىش بۇلۇشنى.
ئويلايدىكەن بەزىدە،
يۇرتتا دانىش بۇلۇشنى.
بەزى كۈنى ئۆزىچە،
بۇلىدىكەن يۇرتقا بەگ.
ئۈندەپ ئەلنى قۇللۇققا،
دەركەن ماڭا باشنى ئەگ.
خام خىيالدىن باشقىغا،
تەگمەيدىكەن چۇلىسى.
ئۈتىدىكەن كۈنىنىڭ،
ئۇخلاش بىلەن تۇلىسى.
شۇ كىچىمۇ ئىرىنىپ،
توسماپتۇ ئۇ بالىسنى.
چىقىرىپتۇ ئۇل بالا،
چوڭ تەرەتنىڭ چالىسنى.
شۇئان ھوجرا ئىچىنى،
سېسىق پۇراق بىر ئاپتۇ،
ھۇرۇن ئايال بالىغا ،
تەنە بىلەن تىل ساپتۇ،
-خويمۇ تويدۇم يىتىمەك،
سەندەك دىۋەڭ بالىدىن،
نىمە پەرقىڭ سىنىڭكى،
ئېغىلدىكى كالىدىن.
كۈندە مۇشۇ ئادىتىڭ،
بار دىمەيسەن ئانا،پوق.
پاكىزلاشقا كۆتۈڭنى،
ئۆيدە قەغەز،لاتا يوق.
لاتا دېگەن ئۆگزىدە،
چىقاي دىسەم شۇتا يوق.
شۇتا دېگەن دەرەختە،
كىسەي دىسەم پالتا يوق.
پالتا دېگەن بازاردا،
ئالاي دېسەم پۇلۇم يوق.
پۇل-مال دېگەن ساندۇقتا،
خەجلەي دېسەم چۇلۇم يوق.
دەپلا ئايال چىقىپتۇ،
ھويلىدىكى سۇپىغا.
بالىسىنىڭ كۆتىنى،
سۈرتمەك بولۇپ تۇپىغا.
چالا ئۇيقا ئۇل ئايال،
خورەك تارتىپ خارت،خۇرت-خۇرت.
بالىسىنىڭ كۆتىگە،
ئۇن سۇۋاپتۇ شارت،شۇرت-شۇرت.
قىلمىشىدىن ئۇنىڭكى،
بۇلۇپ تەڭرى دەر غەزەپ.
ئۇنغا يارلىق بىرىپتۇ.
دەرھال قارغا ئايلان دەپ.
دەپتۇ ھەمدە ئىنسانغا،
ياراشماسكەن ياخشىلىق.
بىرىلمىسۇن بىكارغا،
ئىشلىمىسە ناشتىلىق،
ھەر مۇشۇ چاغ قار ياغسۇن.
ئۇن ياغمىسۇن ئاسماندىن،
مەھرۇم بولسۇن ئىنسانلار،
تەييار كەلگەن ئاش-ناندىن.
خار قىلىنغان ئاش-ناننىڭ،
قەدرى قاتتىق ئۈتۈلسۇن.
ئىشلەپ يىسۇن ھەر ئىنسان،
مەغرۇر قەددى پۈكۈلسۇن.
بىر دان ئۈچۈن ئېتىزدا،
كەتمەن چاپسۇن قىشمۇ ياز.
گۇناھىغا ئۇلارنىڭ ،
قانچە قىلسا يەنە ئاز.»
شۇ زاماتلا ئاپئاق ئۇن،
ئۆزگىرىپتۇ قار بۇلۇپ،
ھەممە ئىنسان يىغلاپتۇ،
ئاش-ئۇزۇققا زار بۇلۇپ.
تەڭرى شۇئان بۇيرۇپتۇ،
ئەلنى ئاش-نان تېرىشقا.
نىسىپ بوپتۇ ئىنسانلار،
جاپا بىلەن قېرىشقا.
شۇ ئىش ۋەجى ئىنساننىڭ،
يۈرەك باغرى داغلىنىپ،
قاپتۇ يىيىش رىسىقى ،
ئىش-ئەمگەككە باغلىنىپ.
ياغىدىكەن شۇڭلاشقا،
قار پەقەت قىش پەسلىدە.
ھەر قېتىملىق ياغقان قار،
ئۇنكەن دوستلار ئەسلىدە.
شۇڭا چوڭلار قار ياغسا،
بەرىكەت دەپ بىلەركەن.
تۇنجى قاردىن سۈيۈنۈپ،
گۇناھىنى تىلەركەن.

قۇشقاچ

(شېئىرى چۆچەك)

چوڭ بۇۋامنىڭ بۇۋىسى،
ياشاپ ئۆتكەن زاماندا.
ياشايدىكەن كىشىلەر،
نان يېقىپ يەپ ساماندا.
شۇ كۈنلەردە چوڭ بۇۋام،
بىزدەك كىچىك چېغىدا،
ئىشلەيدىكەن ھەر كۈنى،
يۇرت بىگىنىڭ بېغىدا،
بوۋام تۇرغان بۇ باغنىڭ،
ياخشى ئىكەن ھاۋاسى.
ئاڭلىناركەن قۇلاققا،
مۇڭلۇق قۇشلار ناۋاسى.
بوۋام كىچىك بولسىمۇ،
ئىكەن قۇشقا ھىرىسمەن.
لېكىن زالىم يۇرت بېگى،
ئىكەن قۇشقا خىرىسمەن.
كۈندە باغدىن زالىم بەگ،
قوغلايدىكەن قۇشلارنى.
لېكىن بوۋام جان تىكىپ،
قوغدايدىكەن قۇشلارنى.
ئويلايدىكەن كۈندە بەگ ،
«باغدا قۇش بار،ھۇسۇل يوق.
يۇقۇتۇشقا قۇشلارنى،
يا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق.
قۇتۇلسا باغ قۇشلاردىن،
ئالما،چىلان بەك بولسا.
باغدىن بۇ يىل توپلاشقا،
تۈزگەن پىلان،چەك تولسا.
بولسا بىزنىڭ ھويلىدا.
يۇرتنىڭ مىۋە سودىسى،
نام-ئاتاقتا،پۇل-مالدا،
بولسام يۇرتنىڭ مودىسى.»
لېكىن بوۋام قۇشلارنى،
ئاسرايدىكەن دوست بىلىپ.
باغدا پىشقان مىۋىنى ،
قوغدايدىغان پوست بىلىپ.
قۇشقا كۈڭۈل بۆلۈشنى،
ئۇنۇتماسكەن ھەر قاچان.
ھەر سەھەردە قۇشلارغا،
بىرىدىكەن سۇ ۋە دان.
باغ سەيلىسى قىلغاندا،
بەگ غۇجام بىر ياز كۈنى.
ئاڭلىنىپتۇ ئۇنىڭغا،
باغدا يەنە قۇش ئۈنى.
دەپتۇ شۇئان يۇرت بېگى،
تىللاپ باغۋەن بېشىنى.
كۈندە بەش رەت ئارىلا،
باغنىڭ ئىچى-تېشىنى.
قۇش...پۇش دېگەن نېمىنى،
كۆرمەي باغدا قايتا  رەت.
ياللاپ ھازىر بەش ئوۋچى،
ھەممىسىنى ئېتىۋەت.
بەگ بۇيرۇقى ئالدىدا،
قاپتۇ باغۋەن ئامالسىز.
تەييارلىنىپ بەش ئوۋچى،
يىتىپ كەپتۇ ھايالسىز.
قىلالماپتۇ ھېچ كىشى،
بەگكە باشقا نەسىھەت.
دەپتۇ پەقەت نۇر غالچا،
بىرىپ بەگكە مەسلىھەت.
-ئاڭلىسىلا قۇشلارنى،
يۇقۇتۇشنىڭ چارىسى.
بىزنىڭ ئۆيدە ساقلاقلىق،
بىر سەر چاشقان دورىسى.
ئەتە سەھەر دورىنى،
مىلەپ بۇغداي-قۇناققا.
ئىش پۈتىدۇ بىردەمدە،
چېچىۋەتسەك بۇ باغقا.
ئاش ۋاقتىدا ھەممە قۇش،
دانلاپ ئۇندا ئاچ قۇرساق.
يۇقۇلىدۇ بىراقلا،
سىلى-بىزلەر شۇك تۇرساق.
بەگكە ئەجەپ يېقىپتۇ،
مەسلىھەتى نۇرۋاينىڭ.
كۆڭلى يېرىم بۇلۇپتۇ،
لېكىن باغۋەن بۇۋاينىڭ.
دەپتۇ بەگ بەك ئالدىراپ،
«-داننى ھازىر ئۈزۈڭ چاچ،
ماڭ،ھېلىقى دورىنى،
ئېلىپ چىققىن ئۆيدىن گاچ،»
بەگ مەسلىھەت پۈتكەندە،
بۇۋام باغدا بار بولغاچ.
سەبى قەلبى بوۋامنىڭ،
بارچە قۇشقا يار بولغاچ.
قوغداش ئۈچۈن قۇشلارنى،
بەگ ئويلىغان قىلتاقتىن،
دۆڭگە چىقىپ توۋلاپتۇ،
ئۆزى يالغۇز ھەر ياقتىن.
«-بەگ نىيىتى بۇزۇلدى.
جاننى ساقلا، قۇشلار قاچ.
ئۆلتۈرمەكچى سىلەرنى ،
نۇرۋاي دېگەن كۈزى ئاچ.»
ئاڭلاپ بۇۋام سۈزىنى،
باغدا يۇرگەن بارچە قۇش،
دەرھال تاغقا قېچىپتۇ،
تەييارلىنىپ تۇشمۇ تۇش.
شۇ سەۋەپلىك بارچە قۇش ،
ئامان قاپتۇ بالادىن.
باغدىن كۈچۈپ ھەممىسى،
ماكان تۇتۇپ دالادىن.
شۇ كۈنلەردە چوڭ بوۋام،
توۋلىغاچقا «قۇش قاچ»دەپ.
ئەل ئارىسىغا تارقاپتۇ،
«قۇشقاچ»دېگەن يىڭى گەپ،
شۇندىن بىرى ھەممىمىز،
«قۇش»نى «قۇشقاچ» دەپتىمىز.
بىلىپ بىلمەي قۇشلارنى،
كۈندە ھەيدەپ كەپتىمىز.
چۆچەكتىكى بۇ ئىشلار،
دوستلار بۇرۇن بولغان گەپ،
شۇنداق دىيىش شۇ چاغدا،
زۈرۈر بۇلۇپ قالغان گەپ.
بۇدەم بىزگە ماس كەلمەس،،
«قۇشقاچ»دېگەن بۇ ئاتاق.
قۇشنى قوغلاپ كۈن ئۆتسە،
دوستلار ئەمدى ئىش چاتاق.
ئۆزگەرتەيلى دوستلىرىم،
«قۇش قاچ» دېمەي «قۇش كەل» دەپ،
ئۇۋا سالسۇن باغلارغا
كۈتەيلى بىز «خۇش كەل» دەپ،
قاچمىسۇن ئۇ بىزلەردىن.
قۇشلار بىزنىڭ دوستىمىز.
تەبىئەتنى قوغداشتا،
ئەڭ ۋاپادار قوشنىمىز.



ۋاقتى: 2013-4-2 16:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئابدۇللا ئاكىنىڭ ياش قەلەم سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغىنى ياخشى بوپتۇ. تونۇشىۋالدىم.
ھەرىپلىك قوشاقلارنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...
ئابدىرېشىت ئېلى ئاكىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر، ھارمىغايسىز...

ۋاقتى: 2013-4-2 17:23:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن، تېخىمۇ مول نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن

ۋاقتى: 2013-4-2 17:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچەكچى بالىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىدىن سۆيۈندۈم . بۇنىڭدىن كېيىن يۈرەك پارىلىرىمىز، سەبىيلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ تەربىيەلىك ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2013-4-2 18:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئابدىرىشىت ئېلىغا رەھمەت! ئاكىمىزنىڭ ئىجادىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە يۈكسەلگەي!

ۋاقتى: 2013-4-2 19:29:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئەخمەتجان ئاكا .

ۋاقتى: 2013-4-2 19:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەدجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن. «قار ئەسلىدە ئۇن ئىدى» ناملىق شېئىرى چۆچىكىنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2013-4-2 19:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەدجان ئابدۇللانىڭ بالىلار ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلەيمەن.
ئابدۇرېشىد ئېلىنىڭ تېنىمسىز ئەجرىگىمۇ ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2013-4-2 20:43:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجاننىڭ ئۆز قۇرداشلىرىمدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ سۆيۈندۈم. دېمەك، قۇرداشلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەر قۇرلىرىدا ئۆزىنىڭ جۇلاسىنى چاچقىلى تۇرۇپتۇ.
چىن دىلىمدىن ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-4-2 20:57:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلار چۆچەكلىرىنى خۇددى مەنمۇ بىر كىچىك بالىدەك تولىمۇ سۆيۈنۈپ،خۇشاللىق ئىلكىدە  قىزىم بىلەن بىللە ئوقۇپ كېتىمەن.ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىغا ئاپېرىن.بۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-4-3 00:35:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرۇلغىنىدىن خۇش بولدۇم. ئابدۇرېشىتنىڭ ئىزچىللىقىغا ئاپرىن. ھەر ئىككىلا ئەزىمەتكە ئامەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-4-3 15:13:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجاننىڭ بۇ سەھىپدە تونۇشتۇرۇلغىنىدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. ئۇنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرى ئوقۇرمەنلەرنى سۆيۈندۈرگەن بولسا، بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى قەلەمداشلارنى خۇرسەن قىلىدۇ. بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن سڭدۈرىۋاتقان ئەجرى ئۇنى سەبىلىرىمىز قەلبىدە ئۆچمەس بىر ئوتقا ئايلاندۇردى. بۇ ئوتنىڭ يەنىمۇ ئۇلغۇيۇپ، ئەڭ گۈزەل گۈلخانغا ئايلىنىشىغا تىلەكداشمەن! تەنلىرى سالامەت، ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!!!

ۋاقتى: 2013-4-3 17:53:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتجاننىڭ كوچىسى

توخۇ- توشقان يولىدا،
بەھرام ئۆستەڭ بويىدا،
چۆچەك توقۇپ يۈرىدۇ،
«يۇلتۇز قىز» نىڭ تويىدا.
«قار ئەسلىدە ئۇن..» ئىكەن،
ئۇنىڭ تاتلىق ئويىدا.
«توكى تۇخۇم تۇغىدۇ»،
«قەغەز قېيىق» ئۇچىدۇ،
«ئېشەك مىنگەن پادىشاھ»
سۇ ئۈستىدە قونىدۇ.

توخۇ- توشقان يولىدا،
بەھرام ئۆستەڭ بويىدا،
«چىۋىق ئات» نى چاپتۇرۇپ،
تاۋار- دۇردۇن ياپتۇرۇپ،
ئويناۋاتقان بىر بالا،
نامى ئۇنىڭ ئەھمەتجان،
ئوڭ بالىمۇ توڭ بالا؟
ئەخمەتجاننىڭ كوچىسى،
چۆچەك ئاققان گۈل دالا.



ئاكا دېمەتلىك دوستۇم ئەخمەتجان ئابدۇللا قەلىمىنىڭ بىر پارچە نادىر بالىلار رومانىغا ئېغىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ت.نەمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 17:55  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش